«ئۈرۈمچى قۇلىقىڭنى تارت» توغرىسىدا

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

بۇ – ئىغاڭلاتسا يوپۇرماقلىرىدىن گۈل تۆكۈلىدىغان ، تىكەنلىك دەرەختىن باشقا ھېچنەرسە يىلتىز تارتالمايدىغان مەدەنىيەت چۆللۈكىدىكى ھازىرقى زامان ئەپسانىسى. . .

بۇ – يۈرىكى زەرگەرنىڭ ئېرىتىش ئوچىقىدا سۇغا ئايلىنىپ ، يالجىراپ تۇرغان چوغقا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ، نىگاھىنى ساختا تەكەللۇپ يوپۇرماقلىرى بىلەن بېزەندۈرۈپ تۇرغان شۆھرەت قەھۋەخانىسىدا ئۇقۇلغان كېچىلىك ناخشا. . .

بۇ ئەتىرگۈل بەرگىگە سېغىز تۇپراق چاڭ توزانلىرىدىن لاك سۈركەلگەن ، ئەقىل – ﯻدراك ئەينىكىگە ھودۇققان تەلۋىنىڭ ئېغىر مۇشتىدىن دەز كەتكەن ، قىرائەتچى قارىينىڭ كۆز قىرى مۇقەددەس كىتاب سەھىپىلىرىدىن لېپاپىغا قاچىلانغان ، ئاقچىنىڭ ۋەزنىگە سىيرىلىپ كەتكەن تومۇز ئاپتىپىدىكى غەلىتە رىۋايەت. . .

بۇ ‹‹ كېچىسى قەتلى قىلىنىپ ، كۈندۈزى ھازا ئاچقان ›› ھىيلىگەر بەگزادىنىڭ قارا قەلبىدىن تامغان قارا بوتقىدا بويالغان ھېلىلە ياغلىقىنى كۆزىگە تاقىۋالغانلىقىنى ئۇنتۇلغان سەبىينىڭ قاتىلغا ئەگىشىپ ، ياقا يىرتىپ ۋارقىرىغان ھاماقەت نالىسى . . .

بۇ – يوپۇرماقلىرىنى بوران سوققان ، قوۋزاق پوستىنى ئېشەك غاجىلىغان ، تۈۋىنى سەلەپنىڭ قارا سوقماقلىرى بوشاتقان پەرۋىشسىز دەرەخنىڭ بىگۇناھ يولۇچىنى بېسىۋېلىپ ، ئادا قىلماقچى بولغان پىغانىدىن چىققانلىق غۇرۇرى . . .

بۇ – بىر ئاپەت ، ھاقارەت ، ئاچلىق ، قورقۇش گىردابىدا تەمتىرەپ ھودۇققان بەختسىز ئەرۋاھنىڭ ئۆز تەقدىرىگە ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان خۇبىن تىرىك چۈشىدىكى مەجنۇن پىرىسىدەك ئەسەبىي چۈش . . .

بۇ – رۇستەمنىڭ ئۆز دادىسى زالنى تونۇۋېلىشتىن ﯻلگىركى ، ئۇنىڭ كۆكسىگە قاداپ قويغان بەھەيۋەت خەنجىرى. . .

بۇ – گۈل بىلەن نەۋرۇزنىڭ يۈزلىرىگە زەنجىر تور تاقىۋالغان دەقىقىلەردە بىر بىرىگە قارشى شىلتىشقان قىلىچلىرىنىڭ ئىدراكسىز ساداسى . . .

بۇ خۇرسىنىغانلىق يىغا ، ھاقارەتلىك نالە ، شۇنىڭدەك قاقاقلاپ ئاڭلانغان كۈلكە ، ئۆز ئۆزىنى قايتا بىلىشنىڭ جىمجىت سۈكۈناتى . . .

مەن ئويلايمەن :ساغلام بەدەندىن ساغلام ئەقىل تۇغۇلىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ نادىر گەۋدىسى بىتابلىق خەستەلىكتىن خالىي ئەمەس !

مەن ئويلايمەن : بۇزۇلغان مۇھىتتىن بۇزۇقلۇق ئۆمىلەپ چىقىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ نادىر گەۋدىسى بىتابلىق خەستەلىكتىن خالىي ئەمەس!

مەن ئويلايمەن : بۇزۇلغان مۇھىتتىن بۇزۇقلۇق ئۆمىلەپ چىقىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ ﯻللىق قوينىدا يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغان كېسەل سۇغۇرلار يوق ئەمەس ! مەن ئويلايمەن : ئەقىلنىڭ بىر قانىتى ۋىجدان ، يەنە بىر قانىتى ئار نومۇس . مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل ئىگىلىرى پاك ۋىجدانىنى ئۇلۇغلاپ ، ناپاك قاباھەتنى قامچىلاشنى ئىنسانى بۇرچ دەپ بىلىدۇ . بۇنداق ئۆتكۈر ئەقىل ئىدراك مۇنبىرىدە سۇيىقەست ئۇستىكاسىنىڭ ، ھىيلە يىلىملىرىدا يەملەنگەن زىيانكەشلىك دەۋالىرىنىڭ ‹‹ئادالەت مۆھىرى ›› بىلەن پېچەتلىنىپ ، بەر قارار تېپىشىدىن ئىبلىسنى خۇشال قىلىدىغان پاجىئەلەرنىڭ چىقماسلىقىغا يەنە ئەقىل ﯻدراك ، ئادىل ۋىجدان ، ﯻزگۈلۈككە بولغان ﯻشەنچ – ﯻماندىن باشقا قايسىبىر قۇدرەت كاپالەت بېرەلەيدۇ ؟ ! ئادىشىپ ﯻشىنىپ قېلىش خۇددى بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتە ، بىۋاسىتە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ﯻشىنىشتەك بەرقارار بولمىسىمۇ ، ھەر ھالدا كۆڭۈلدىن كۆزگىچە دولقۇن چېچىپ تۇرىدىغان ﯻشەنچتۇر . بۇ ﯻنساندا بولۇپ تۇرىدىغان بىلىش جەريانىدىكى ھەقىقەتكە يانداشقان غەيرىي ھەقىقىي ھادىسە . ئۇ ئۆز ئۆزىنى ﯻنكار ۋە سالاۋات قىلىشقا تەييار بولغان ‹‹ سۆيۈملۈك ئادىشىش . ›› مەن گىرىكلار دارغا ئېسىۋاتقان سوقراتىنى ، قۇندۇز ھاكىمى دارغا ئاسقان مەشرەپنى ، بۇرھانىدىن خوجا چاپقان ئەرشىنى ، تاز مەزۇن بوغۇزلىغان ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆز خەلقىدىن چىققان دۈشمەنلەر ياتلارغا ئالدىنىپ قەتلى قىلغان ، دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن . بىر زامانلاردا خەنزۇلار ئالدىدا ۋاڭ جىڭۋىي ئەمەس ، بەلكى لۈشۈن ئەپەندى مىللەت خاﯻنى دېيىلگەنىدى . كېيىنچە ئويغانغان جامائەت لۈشۈن جىنازا يۇپۇغى ئۈستىگە ‹‹ مىللەتنىڭ ئەرۋاھى ›› ( مىللەتنىڭ روھى ) دېگەن يوغان ئۈچ خەتنى يېزىشتى . يېقىندىلا قىرغىز – ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ كالتە توقۇنۇشلىرىدا ، ئۆز خەلقىگە ھاي بەرگەنلىكى ئۈچۈن چىڭغىز ئايتماتوفنى ئۆز مىللىتى ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر ‹‹ مىللەت خائىنى ›› دەپ ۋاقىراشمىدىمۇ ؟ مانا بۇلار ، بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتە سىنالمىغان ، كۈزىنىڭ ھېچقانداق شاھىتلىقى ، مەنتىقىنىڭ ھېچقانداق غەيرىي زىددىيەتلىك ئىزچىللىقى ، سۆز ھەرىكەتنىڭ ھېچقانداق ئۆز ئۆزىگە مەسئۇلىيىتى بولمىغان قارا كەلكۈنى بولماي نېمە ؟

دەرەخنى ئۇنىڭ ئۆز شېخىنى سايە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ بىر بىردىن ئايرىلىپ تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ۋەيران قىلىش مۇمكىن بولغىنىدەك ، ئەقىلنىمۇ گەپ سۆز بىلەن ، تەپەككۇرنىمۇ يالغان ياۋىداق بىلەن بىلەن شاخ شېخىدىن كەسلىۋېتىش مۇمكىن ﯻكەن ! ھەيرانمەن : شەيتانمۇ ھاۋا ئانىمىزنىڭ كۆزىگە ئەمەس ، قۇلىقىغا يالغان ياۋىداق سۆزلەپ ، قۇلاقنى كىرلەشتۈرۈپ ‹‹ تۇنجى گۇناھ ›› غا باشلىغانىدى . شۇ يىراق ئەلمىساقتىن بىرى ئاداشقانلارنىڭ كۆپى كۆزدىن ئەمەس ، قۇلاقتىن كەتكەن ! بۇ قارىغۇ قۇلاق ، بۇ تەمىنى سىزىدىغان تىلى ، قاتتىق يۇمشاقنى سىزىدىغان چىشى ، چوڭ كىچىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئېغىز بوشلۇقى يوق قۇلاق زەررىدىن تاكى ئالەمگىچە بولغان ھەممە نەرسىنى شۇ پېتى يالماپلا ئەقىل تەختىگە يانداشتۇرۇپ قۇيىدۇ . قۇلاق تۈپەيلى يېقىلغان ئوت ، ئېتىلغان ئوق ئازمۇ ؟!

ئويلاپ قالدىم : قولۇڭنى تارت ، تىلىڭنى تارت ، نەپسىڭنى تارت ! دېگەنلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم ، كۆپ كىتابلاردىن تەكرا ر ئوقۇدۇم ، ‹‹ قۇلىقىڭنى تارت ›› دېيىش بىزگە ، مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلىرىگە قالغان ئاچچىق ھېكمەتنامە بولسا كېرەك . . . ‹‹ قۇلىقىڭنى تارت ›› ! شۇ چاغدىلا ﯻبلىس توزىقى ، كىشىلىك كىرلىرىدىن پاكلانغان ﯻنسانى ئەقىل بۈركۈتنىڭ ھەقىقەت دۇردانىلىرى چېقىنداپ تۇرغان ئىجادىيەت گۈلزارىغا قاراپ سۈزۈك تەپەككۇر ، يەڭگىل بەدەنلىرى بىلەن ئازادە پەرۋاز قىلالايدۇ . بۇنىڭسىز ئىللەت بوتقىسىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇشۇڭ مۇمكىن ئەمەس . . .! مانا بۇ ، نەملىرى ئاياغلاشقان قەلبىمدىن تىزىلغان ئاخىرقى قەترىلەر . . .