ياۋرۇ – ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر

ئاپتورى:مۇيۇنچۈر

تۈركىي خەلقلەر دېگەندە كىشىلەر كۆپىنچە تۈرك، ئۆزبەك، ئازەربەيجان ،قازاق، ئۇيغۇر ، تاتار ، قىرغىز، تۈركمەن قاتارلىق نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ ھېسابلانغان چوڭ تۈركىي مىللەتلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئالتاي تىل سىستەمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ھەر قايسى تۈركىي تىللاردا سۆزلەشكۈچى مىللەتلەرنىڭ سانى 40 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سانى ئاز بولغانلىرى كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەرنىڭ ئەسلىرىگە كەلمەيدۇ.
بۇ 40 نەچچە تۈركىي مىللەت ئېتنىك كېلىپ چىقىش ۋە ئېتنىك مەدەنىيەت ھەم تىل جەھەتتىن زور دەرىجىدە بىردەكلىككە ھەم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقى باشلاپ بەرگەن “پانتۈركىزمغا قارشى تۇرۇش”ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن، ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن “ ئايرىم مىللەت” دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.
تۈركىي خەلقلەرنى بىر-بىرىدىن ئېتنىك چېگرا جەھەتتىن ئاجرىتىپ، ئۇلارنى ئايرىم مىللەت قىلىپ بېكىتىش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 20-30-يىللاردىكى ئىجادىيىتى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇلار ئاساسلىقى قەبىلە ياكى ياشىغان شەھەرلىرى ، يۇرتلىرى ھەم قىسمەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئوبرازى ئارقىلىقلا بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر تاكى 20-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىگىچە بولغان ئارىلىقتا بىر-بىرىنى “ ئۇيغۇر”، “ ئۆزبېك” دېگەن مىللەت نامى بىلەن ئەمەس بەلكى، ياشىغان دىيارى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈپ، كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارنى “ قەشقەرلىك”،” تارانچى” ۋە ياكى “ دولانلىق” دەپ ئاتىسا، ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ “ ئەنجانلىق” دەپ ئاتايتتى. تىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى، ئانتروپولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە باشقا ئەتنوگراپىيىلىك تەرەپلىرى بىر-بىرىدىن روشەن پەرقلەنمەيدىغان بۇ ئىككى خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تاكى سوۋېت رۇسىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللەتلەرنى ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى بەرپا قىلغىچە بولغان ئۇزۇن تارىخى جەرياندا ھېچقاچان بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان ئىككى ئايرىم مىللەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت خاراكتېرىدە بولغان ئەمەس.
مەركىزى ئاسىيا، كىچىك ئاسىيا ، كاۋكازىيە، ئىدىل( ۋولگا)-ئۇرال ھەمدە سىبىرىيە قاتارلىق بىپايان ياۋرو –ئاسىيا تۇپراقلىرىغا كەڭرى تارقالغان تۈركىي خەلقلەر بىر-بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق ھەم ئورتاق بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك مۇرەككەپ ئېتنىك، سىياسىي، مدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن بولسا، بىر قىسىملىرى تېخى يەقىندا مۇستەقىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ شەكىللەندى، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىملىرى بولسا، جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىغا سازاۋەر بولغان بولسا، يەنە بىر قىسىمى تۆۋەن دەرىجىلىك يەرلىك تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىسپاتلاشقا ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئىنتىلمەكتە.
ياۋرو-ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە رۇسىيىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي سىبىرىيە رايونىغا تارقالغان تۈركىي خەلقلەر تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلار قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇرۇق –قەبىلە تۈزۈلمىلىرىنىڭ بەزى قالدۇقلىرىنى ساقلاپ كەلگەن.سىبىرىيىدىكى تۈركىي خەلقلەر مەركىزىي ئاسىيا، كىچىك ئاسىيا ۋە باشقا ئاسىيا قىتئەسىنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەردىن روشەن پەرقلىنىدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
.

ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىي قوشنىسى – ئالتاي خەلقى

ئالتايلار رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتى، ئالتاي ئۆلكىسى ھەم كېمېروۋو ئۆلكىسىدە ياشىغۇچى جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغان قەدىمىي تۈركى خەلقتۇر. ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. رۇسىيىدە نەشىر قىلىنغان “رۇسىيە بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى”دىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندائ ئالتايلار ئۆزلىرىنى “ئالتاي كىجى” دەپ ئاتىشىدۇ. “ئالتاي كىجى” دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدىكى “ئالتاي كىشى ” دېگەنلىك بولىدۇ.
ئالتايلار ناھايىتى كۆپ ساندىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى قەبىلىلەر قاتارىدا قەدىمكى ئۇيغۇر، قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىم ناملىرى ساقلىنىپ قالغان. ئالتايلار جەنۇب ۋە شىمالىي قەبىلىلەردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈڭەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىمالى گۇرۇپپىسىغا تۇبالار، چېلكانلار ، ئاققۇلار، قۇماندلار قاتارلىق قەبىلىلەر كىرگەن بولسا، جەنۇبى گۇرۇپپىسىغا ئالتاي كىشى ۋە تېلېنگىتلار كىرىدۇ. ئالتاي تىلى تۈركىي تىللارنىڭ قىپچاق گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي دىئالېكىتلارغا بۆلۈنگەن. ئالتايلارنىڭ جەنۇبىي گۇرۇپپىسى بولغان “ئالتاي كىشى” ۋە تېلېنگىتلار سان جەھەتتە ئالتايلارنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىگىلىگەن بولغاچقا 1923-يىلى سوۋېت رۇسىيىسى ئالتايلارنىڭ ئەدەبىي تىلىنى بېكىتكەندە ئالتاي كىشى بىلەن تېلېنگىت قەبىلىسىنىڭ تىلىنى ئەدەبىي تىل قىلىپ بېكىتكەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئالتايلار مەزكۇر دىئالېكىتنى ئەدەبىي تىل قىلىپ، بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان مەنىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى.
رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئالتايلارنىڭ بۈگۈنكى جەنۇبىي قەبىلىلىرى يەنى ئالتاي كىشى بىلەن تەلېنگىتلار ئەسلىدە قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى، قىماق-قىپچاقلار، يېنىسەي قىرغىزلىرى ۋە ئوغۇزلار ھەم باشقىلار ئاساسىدا شەكىللەڭەن بولسا، شىمالى قەبىلىلىرى قەدىمكى سىبىرىيە ئاھالىلىرى ھېسابلانغان سامودىنلار، كېتلار ۋە ئۇگورلار ئاساسىدە پەيدا بولغان ھەم شەكىللەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپا قەبىلىلەر يۇغۇرۇلۇپ، ئورتاق ئالتاي مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەرىپىدىن مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشقا ئېرىشكەن.
تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار، غەربىي تۇۋالار، خاكاسلار، كاۋكازىيىدىكى بالقارلار ، قاراچايلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزلارنىڭ تىللىرى ئالتاي تىلىغا ئەڭ يېقىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەن، 1990-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالدى بىلەن سوۋەت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا دوكتۇرلۇق ئۈچۈن ئوقۇغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات پراكتىكىلىرى بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا ئالتايلىق ئالىملار بىلەن ياخشى دوستلۇق ئورناتقان ئىدىم. ناھايىتى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بۇ خەلق گەرچە سان جەھەتتە ئاز بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئالىملار يېتىشىپ چىققان ئىكەن. مېنىڭ يەقىن كەسىپداش-ساۋاقداشلىرىم ھېسابلىنىدىغان ئالتايلىقلار مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماڭا باشقىچە ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقان، مەن بىلەن رۇس تىلىنى تاشلاپ، ئۆز ئانا تىلى-ئالتاي تىلىدا سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئالتاي تىلىنىڭ يېقىنلىقىنى، قىسقىسى ئالتايلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن ئېتنىك باغلىنىشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان ئىدى. ئۇلار ماڭا ئالتايلار ئىچىدە ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ رىۋايەت ۋە ئەپسانىلىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقىنى، بەلكى ئالتاي خەلق داستانلىرى، رىۋايەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر رىۋايەتلىرى ھەم داستانلىرى ھەتتا بەزى ئەتنوگراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا، بۇ ئىككى خەلقنىڭ ناھايىتى كۆپ ئورتاقلىقىنى تېپىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.
ئالتايلار كىملەر؟

جەنۇبىي ئالتايلارنىڭ يەنى ئالتاي كىشى ۋە تېلېنگىتلارنىڭ ئەتنىك يادروسى كۆك تۈرك قاغانلىقى( 552-744)، ئۇيغۇر قاغانلىقى( 645-680، 744-840) قاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنى قۇرغان قەدىمكى تېلې ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغانلىقى ئېھتىماللىققا يېقىن بولۇپ، كېيىن بۇلار موڭول قەبىلىلىرى بىلەن ئارىلاشقان.
19-ئەسىردىكى ئاتاقلىق رۇس تۈركىلوگى ۋ. ۋ رادلوۋ ئالتايلارنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالتاي كىشى ۋە چۇئى كىشى دېگەن تارماققا ئايرىغان. ۋ.ۋ رادلوۋنىڭ توپلىغان قەبىلە ناملىرىغا قارىغاندا ئالتايلارنىڭ تەركىبىدە قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە قەدىمكى تېلې قەبىلىلىرى ھەم موڭول قەبىلىلىرىنىڭ بەزىلىرىمۇ ساقلانغان بولۇپ، ئالىملار ئالتاي قەبىلىلىرى ئىچىدىكى تۆلۆس ۋە تېلەنگىت دېگەن ناملارنىڭ جۇڭگو تارىخنامىلىرىدا خاتىرلەنگەن “تىئې لې” دېگەن نامغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. پوتاپوۋ قاتارلىق رۇس ئالىملىرى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى تەلە نامىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ۋاقىتقىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئالتايلارنىڭ ئەشۇ تېلېنگىت ئېتنىك نامى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى كېسىپ ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئارخېئولىگىيىلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسى يىراق قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ئىنسانلار ياشىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئالتاي رايونى مىلادىدىن ئىلگىرى ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. بۇ جايدا ھۇن قەبىلىلىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان. ئالتاي زېمىنى مىلادى 2-5-ئەسىرلەردە سىيانپىلارنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگەن .6-ئەسىردە بولسا تۈرك قاغانلىقى ئالتاي رايونىنى ئۆز دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولسا، 8-ئەسىردە ئۇيغۇر قاغانلىقى تىكلەنگەندىن كېيىن ئالتاي رايونىدا ئۇيغۇر قاغانلىقى ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە ئالتاي رايونىدىكى قەبىلىلەر مەزكۇر خاندانلىقنىڭ تەۋەسىدە بولغان. ئالتاي كۆك تۇرك قاغانلىقى ھەم ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرلىرىدە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ كۆچمەنلىك ھەم شەھەر ھاياتىدا ياشىغان رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ،
رۇسىيە ئارخېئولوگلىرى ئالتاي رايونىدىن ئۇيغۇر قاغانلىقىغا تەۋە شەھەر خارابىلىرى ۋە ئارخېئولوگىيلىك قېزىلما بۇيۇملىرى ھەم قەدىمكى تۇرك ۋە ئۇيغۇر دەۋرىگە تەۋە تۈرك-رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان تاش پۈتۈكلەرنى تاپقان ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە 8-ئەسىردە ئالتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىكەن. ئاتاقلىق رۇسىيە ئالىمى ،مېنىڭ ئىلمىي ئۇستازىم دوكتور دمىترىي ۋاسىلىيېۋ ئەپەندى ئالتاي رايونىدىن ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى مەزگىلىگە تەۋە شەھەر خارابىلىرىنى ھەمدە بىر قىسىم تاش پۈتۈكلەرنى تېپىپ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئالتايشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشىچە، قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلىمۇ بۇ رايوندا پەيدا بولغان بولغان. قەدىمكى تۈرك تىلىدىن كورىيە تىلى، ياپون تىلى، تونگۇس-مانجۇ تىللىرى ھەم تۈرك-موڭغول تىللىرى ئايرىلىپ چىقىپ، بارا-بارا ھازىرقى زامان ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تونگۇس-مانجۇ تىللىرى، موڭول تىللىرى، تۈركىي تىللار ھەم ياپون ۋە كورىيە تىللىرى بولۇپ شەكىللەڭەن ئىدى.
ئومۇمەن، ئالتايشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا تايانغاندا ؛ئالتاي ھازىرقى زاماندىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ دەسلەپكى ۋەتىنى بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر ئالتاي تاغلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا پەيدا بولغان، شەكىللەڭەن ھەم راۋاجلانغان.

تارىخىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئالتاي ئۇيغۇر قاغانلىقى مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، قىرغىز خانلىقىغا ، ئۇنىڭدىن كېيىن قىدانلار ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندە ، قىدان سۇلالىسىغا ،ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، موڭغۇللارغا بويسۇنغان. 15-ئەسىردىن كېيىن ، جۇڭغارلار باش كۆتۈرۈپ، ئالتاي رايونىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالتاي رۇسىيىگە تەۋە بولغان، ئالتاي رايونىنىڭ ئاھالە تەركىبى 19-ئەسىردىن باشلاپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇ جايدا رۇس كۆچمەنلىرى پەيدا بولغان. رۇسىيە بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئالتايلارنىڭ سىياسى ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ،1922-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى قارمىغىدا ئويروت ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلۇپ دەسلەپكى قەدەمدىكى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغان ،ئەمما 1948-يىلى بۇ نام ئۆزگەرتىلىپ، گورنا -ئالتايسكىي ئاپتونوم ئوبلاستى دەپ ئاتالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېۋ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىنكى “قايتا قۇرۇش” دەۋرىدە ھەر قايسى ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى قايتا مۇزاكىرە قىلىنغاندا 1990-يىلى ئوبلاسلىق خەلق ۋەكىللىرى كېڭىشى گورنا-ئالتايسكىي (تاغلىق ئالتاي) ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ، تاغلىق ئالتاي سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى شۇنىڭدەك مەزكۇر ئاپتونوم ئوبلاست رەسمى ھالدا گورنا ئالتاي سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. 1991-يىلى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاپتونوم سۆزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، گورنا-ئالتاي جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن 1992-يىلى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەۋەسىدىكى فېدېراتسىيىلىك كېلىشىمگە قول قويغان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ھەر قانداق مەسىلىلەرنى مۇستەقىل تۈردە يەشەلەيدىغان ھۆكۈمەت قۇردى.

ئالتاي جۇمھۇرىيىتى نەدە؟
ئالتاي جۇمھۇرىيىتى جۇغراپىيلىك جەھەتتىن يارو-ئاسىيانىڭ مەركىزىگە، قازاق يايلاقلىرى بىلەن سىبىرىيە تايگىلىرى( ئىپتىدائىي ئورمانلىرى) ھەم موڭغۇل قۇملۇقىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان. بۇ بىر تاغلىق جۇمھۇرىيەت بولۇپ، جايلىشىش جەھەتتىن ئېگىزلىككە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن “رۇسىيە تىبەتى> دېگەن نامىمۇ بار، ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر مەيدانى 92902كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پايتەخت گورنا-ئالتايسك شەھىرى موسكۋادىن 3641كىلومەتەر يىراقلىققا جايلاشقان.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتى رۇسىيىنىڭ دۆلەت چېگرىسىغا تۇتاشقان بولۇپ، جەنۇبى تەرىپى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن، شەرقى تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن ، غەربى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قانسا كۆلى بويى ئارقىلىق رۇسىيىگە ئۆتىدىغان ئۆتكەل ئارقىلىق ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ پايتەختى گورنا-ئالتايسك شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە تەۋەسىدە تۇۋا جۇمھۇرىيىتى، خاكاسىيە جۇمھۇرىيىتى، ئالتاي ئۆلكىسى ھەم كېمېروۋا ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ھاۋا كىلىماتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئىقلىمى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ياز پەسلى قىسقا ھەم ئىسسىق، قىش پەسلى ئۇزۇن ۋە بەك سوغۇق ھېسابلىنىدىكەن.
ئالتاي زېمىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاغلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالتاي تېغىنىڭ ئىگىز چوقىلىرى، ئېدىرلىقلار ھەم جىلغىلار جايلاشقان. بەلۇخا چوقىسى(4506مەتەر) سىبىرىيەنىڭ ئەڭ ئىگىز نوقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ تەبىي مەنزىرىسى بەك گۈزەل بولۇپ، 7مىندىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كۆللەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى تۆلۆس كۆلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىبىرىيىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا ئوب دەرياسىمۇ مەزكۇر جۇمھۇرىيەت تاغلىرىدىن باشلانغان.

ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ترانسىپورت ئالاقىلىرى بىراز ئارقىدا قالغان بولۇپ، ھەر قايسى ئاھالە پونكىتلىرى ۋە شەھەرلەر ئارىسىدا پەقەت تاش يول قاتنىشى ( (90٪) ھەم ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلغان.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى مول بولۇپ، مەزكۇر بايلىقلار ئاساسى جەھەتتىن تېخى ئېچىلمىغان. ئالتۇن ، ۋولفرام ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زاپىسى يۇقىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورمان بايلىقىنىڭ كۆلىمىمۇ زور ، ئېنېرگىيە مەنبەسى جۈملىدىن سۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ غەربىي سىبىرىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

نوپۇس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ 2001-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 205.5مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 53 ،1 ئادەم پايتەخت گورنا-ئالتايسك شەھرىدە ياشايدىكەن.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتى كۆپ مىللەتلىك بولۇپ، جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈۋاتقان ئالتايلارنىڭ نوپۇسى 60مىڭ ئەتراپىدا ، ئۇلار پۈتۈن جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 31٪نى ئىگىللەيدۇ. رۇسلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كوپ بولۇپ، 60٪نى، قازاقلار 6٪، ئۇكرائىنلار0.9٪ ، نېمىسلار 0.4٪نى ئىگىللەيدىكەن. رۇس قاتارلىق ياۋروپا مىللەتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىگە تارقالغان. قازاقلار بولسا جەنۇبى تەرىپىدىكى قازاقىستان بىلەن چېگرىداش رايونلارغا ئورۇنلاشقان. ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان بىر قانچە نوپۇسى كۆپرەك مىللەتنى ئوز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق مىللەت ۋە خەلقلەر ئىستىقامەت قىلىدۇ.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ھەققىدە توختالغاندا ،ئۇ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق نوقتىسى بولۇپ، دۆلەت ھاكىمىيەت سىستېمىسى قانۇنى، ئىجرائىيە ھەم سوت ھاكىمىيتى ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك ۋە يەرلىك ئورگانلارنىڭ چەكلىك دائىرىدىكى ھوقۇقلۇق ھاكىمىيىتىدىن تۇزۇلگەن.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ۋەكىلى “ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى” دەپ ئاتىلىدۇ. ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان دۆلەت مەجلىسى ئالتاي تىلىدا “ئەل قۇرۇلتاي” دەپ ئاتالغان، بۇ قۇرۇلتاي 41 ئەزادىن تەركىپ تاپقان.
مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي ئىجرائىيە ئورگىنى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئۇنى ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت رەئىسى باشقۇرىدۇ. ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئاساسىي قانۇنى ھەم دۆلەت گېربى ۋە دۆلەت بايرىقىغا ئىگە بولۇپ، رۇس ۋە ئالتاي تىللىرى ئوخشاش دەرىجىدە دۆلەت تىلى قىلىپ بەكىتىلگەن.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى 1997-يىلى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ستاتۇسى(سالاھىيىتى) ،دۆلەت تۈزۈلمىسى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن نۇقتىلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاساسى قانۇننىڭ 1-ماددىسىدا ئالتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ مىللەتلىك جۇمھۇرىيەت شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق نۇقتىسى بولۇش بىلەن ئۇنىڭ تەركىبى ھەم ئايرىلماس قىسمى ئىكەنلىكى قانۇنلاشتۇرۇلغان.
ئالتاي جۇمھۇرىيىتى باي قەدىمى ۋە ئەن`ئەنىۋى مەدەنىيەت ئەن`ئەنىسىگە ئىگە رايون بولۇپ، بۇ جايدىن ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن كۆپلىگەن مەدەنىيەت ئۈلگىلىرى جۇمھۇرىيەت مۇزىيىدا ساقلانماقتا.
ئالتايلارنىڭ مىللى ئەن`نىلىرىمۇ خېلى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، مىللى تىل، مىللى فولكلور تېخىمۇ داغدام راۋاجلىنىش يولىغا ماڭغان .بۇ جۇمھۇرىيەتتە فولكلورنى ئاساس قىلغان نەچچە ئونلىغان سەن`ئەت گۇرۇپپىلىرى ۋە دۆلەتلىك تىياتىرلار ئالتايلارنىڭ مول سەنئەت بايلىقىنى نامايان قىلىدۇ.
ئالتايلار ئېغىز ئەدەبىيات ئۈلگىلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق داستانلىرى ، تۈرلۈك رىۋايەت ھەم ئەپسانىلىرى ئېغىز ئارقىلىق ئېيتىلىپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا داۋاملاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى “ئۇماي ئانا” ،”ئوت ئوچاقىنىڭ بايانى”، “ئالتۇن كۆل” قاتارلىق رىۋايەتلەر ، قەھرىمانلىق داستانلىرىدىن “باگاتۇر قاتۇن”، “ بىيا ۋە قاتۇن” قاتارلىقلاردۇر.
ئالتاي خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ئۈلگىلىرى قەدىمىيلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭدا قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، مەدەنىي ، ئىجتىماي ۋە قەبىلە-ئۇرۇقداشلىق ئادەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئەكىس ئەتكەن.
بۇ جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت گورنا ئالتاي دۆلەت ئۇنىۋەرسىتېتى بولۇپ،5مىنغا يەقىن ئوغۇچى، 400دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سىستېمىلاشقان پەن تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرىمۇ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئالتايلار ئىچىدىن كۆپلىگەن پەن دوكتورلىرى، پروفېسسورلار ، سەنئەت ئەربابلىرى ھەم يازغۇچىلار يېتىشىپ چىققان.
ئالتايلارنىڭ پۈتۈن رۇسىيىدىكى سانى 69.4 مىڭ بولۇپ، ئاز بىر قىسمى ئۆزبېكىستان، قازاقىستانلارغا تارقالغان. ئومۇمى نوپۇسى 70،8 مىڭدىن ئارتۇق.

ئالتايلار سلاۋىيان يېزىقى قوللىنىدۇ.