سىرلىق غەلىتە تاغ — ئىنگەن

تۇرسۇن قۇربان

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال يېزا بازار مەركىزىدىن 29 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاقاسلىقتا تۆت ئەتراپى قارا، قىزىل، ئاق، يېشىل، سېرىق، قوڭۇر ۋە مىستىن ئىبارەت يەتتە خخل رەڭدىكى تاغ بىلەن ئورالغان تاغلىق كەنت ـ ئىنگەن كەنتى بار. دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بۇ كەنت يىراقتىن قارىغاندا خۇددى ھەسەن – ھۈسەنگە ئوخشايدۇ، كەنت تەۋەلىكىدە چوڭ – كىچىك بىر قانچە تاغ ۋە ئېگىزلىك بار بولۇپ، ئەڭ ئېگىز تاغ ئۈستىدە ئۈچ بۇلاق بار. بۇلاق سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، تۆت پەسىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃36 – ℃37تىن ئۆزگەرمەيدۇ. بۇلاق ئەتراپىدا ئورمانلىق، ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخلەر كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. بولۇپمۇ يەتتە خىل رەڭدىكى ۋە ھەرخىل شەكىللەردىكى سىرلىق تاغ مەنزىرىلىرى كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ، بۇ يەردىكى ئۆرۈكلەر ئالاھىدە تەملىك.

ئەڭ ھەيران قالارلىقى كەنت يولىغا يانداش جايدا بەئەينى قويغا ئوىشايدىغان بىر غەلىتە تاغنى كۆرىسىز، مانا بۇ كىشىلەر تەرىپلىشىدىغان قوي تاغ. قوي تاغ ھەققىدە خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقىلىپ يۈرمەكتە: ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ئىنگەنگە ماكانلاشقان بىر باتۇر تاغ ئەتراپىدا مال بېقىۋاتقاندا ئىككى بۆرە بىر قېرى ساغلىققا ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ غەزەپ بىلەن يېنىدىكى پالتىنى ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىۋاتقان بۆرىگە قارىتىپ ئېتىپتۇ. بەختكە يارىشا پالتا بۆرىنىڭ دەل جايىغا تېگىپ شۇئان جېنىدىن ئايرىلىپتۇ. يەنە بىر بۆرە قورققىنىدىن تىكىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە قۇتقۇزىۋېلىنغان قېرى ساغلىق ئەۋلىيا قوي بولۇپ، ھېلىقى باتۇر يىگىتنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىۋالغانلىقىنى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كىچىك قىزىنى شۇ يىگىتكە مەڭگۈلۈك ھەدىيە(ياتلىق) قىلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قوي ئىلاھى بۇ يەرنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلىپ قېرىنداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى نىيەت قىپتۇ. ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەنە شۇ قوي تاغ شەكىللىنىپتۇ.

ئىنگەن رايونى ئەتراپىدا يەنە ئوردا تاغ(خان ئوردىسىغا ئوخشايدۇ)، پاراخوت تاغ(دولقۇنلۇق دېڭىزدىكى پاراخوتقا ئوخشايدۇ)، ئەجدىھا تاغ(ئاغزىنى يوغان ئېچىۋالغان ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ)، قارلىغاچ تاغ(باش قىسمى قارلىغاچ بېشىغا ئوخشايدۇ9، گېنېرال تاغ(گېنېرالغا ئوخشايدۇ) قاتارلىق نۇرغۇن سىرلىق ۋە غەلىتە تاغ مەنزىرىلىرى بار.

— ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن ئېلىندى