چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

ئاپتور: ئابابەكرى ئابدۇرەشىد

قەشقەر ـ ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزى، يىپەك يولىدا پارلىغان نۇرلۇق مەرۋايىت، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەر. تارىم ۋادىسدا ياشىغۇچى تۈركىي ۋە باشقا مىللەتلەر خېلى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشاپ مول ۋە رەڭدار بولغان شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۈيۈك خاقانىيە خانلىقى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قورۇلغان. خاقانىيە سۇلالىسى ئاز كەم 400 يىل سەلتەنەت سۈرۈش جەريانىدا، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۈشۈكى بولۇپ، قوشنا ئەللەر مەدەنىيتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان 11-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ۋەكىل خاراكتىردىكى ئىككى پارچە شانلىق ئەسەر « قۇتادغۇ بىلىك» ۋە « تۈركىي تىللار دىۋانى» قەشقەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، « تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى قەشقەرلىك. « قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئۆلمەس ئەسەرنى قەشقەردە ئىجاد قىلغان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن.

قەشقەر رايونى قەدىمدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي يىپەك يولىنىڭ قوشۇلۇش نوقتىسىدا بولغاچقا، ئۇ يالغۇز شەرق بىلەن غەرب سودا ئىشلىردا مۇھىم بولغان زۆرۈر جاي بولۇپلا قالماستىن، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئالمىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، دۇنيادىكى تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ۋە نام-ئاتىقى بار بىر قانچە چوڭ دىن بۇ زىمىندا ئۇچراشقان. شۇ تۈپەيلى چەتئەللىك بەزى ئالىملار بۇ رايوننى ناھايتى كىلىشتۈرۈپ « خەلقئارا مەدەنىيەتنىڭ ئاچىلى» دەپ سۈپەتلىگەن.

ۋاھالەنكى، سەئىدىيە خانلىقى يېمىرىلگەندىن كىيىن، خىلمۇ-خىل ئىچكى-تاشقى نىزالار ۋە چوڭ كىچىك يېغىلىقلار تۈپەيلى، قەشقەر تارىختىكى ئۇلۇغ سەلتەنىتىنى يۇقۇتۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇزاق تارىخى جەريان ۋە زور بەدەللەر ئاستىدا يارتىلغان شانلىق مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ۋەيران قىلىنىپ، ئەمەلدار، بەگ-تۆرىلەر نام-ئەمەل ۋە مال-دۇنيا كويىدا تۈگىمەس جەڭگى-جىدەللەر بىلەن بەنت بولغان بولسا، ئاۋام نادانلىق ۋە نامراتلىققا مەھكۇم بولۇپ، قارا تەقدىرنىڭ قۇل قىلشىغا مۇپتىلا بولغان. قەشقەر جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاتالغان خەلق دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان، دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن، يىتىم ۋە بىكىنمە ھالەتتە ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولغان ئىدى.

1876-يىلى رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن پرژىۋالىسكى تارىم دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ جاھاندىن بىخەۋەر ھالەتتىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش مۇھىيتىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالىدۇ. ئۇ قۇمۇشتىن ياسالغان ساتمىلاردا بەخىرامان ياشايدىغان، بېلىقچىلىق ۋە قۇشۇمچە ئوۋچىلىققا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان، سىرتقى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بۇ كىشىلەر بىلەن ياۋرۇپا ئوتتۇرسىدىكى ئاسمان- زىمىن پەرقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىدۇ ھەمدە ئۆز خاترىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ماددىي تۇرمۇش جەھەتتىنلا نامرات بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە روھى دۇنيا ۋە مەنىۋىي تۇرمۇش جەھەتتىمۇ ئاجايىپ زەئىپلىك ئىچىدە ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى بىلىملىرى ۋە ئاڭ- سېزىمى پەقەت ئەتراپىدىكى تار مۇھىت بىلەنلا چەكلىنىدىكەن، سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىراتى ۋە چۈشەنچىسى يوق ئىكەن. قېيىق، قارماق، تور، بېلىق، قومۇش ۋە چەكسىز قۇملۇق … مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئىكەن. بۇنداق بېكىك مۇھىت ئىچىدىكى تىمتاس ھايات ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە ئىھتىياجىنى يوقىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەرەققى قىلدۇرش ئىمكانىيەتلىرىنىمۇ يوق قىلىۋىتىدىكەن. ئۇلار توغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە بولغان ئارلىقتا كۆز ئالدىدىكى قومۇشلۇق كۆلدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە ئۈمىد باغلىمايدىكەن. ئۇلار ئۈچۈن تاشقى دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق ئىكەن. نامراتلىق، ئاچ- زارلىق ۋە رەھىمسىز تەبىئەت بىلەن توختاۋسىز رەۋىشتە كۆرەش قىلش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدە بىر خىل جاھىللىق، ئىچىگە تىنىپ كەتكەن سۈكۈت ۋە ئۆتكەن كۈنىگە شۈكۈر قىلىش پىسخىكىسى شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ سۇلغۇن چىرايىدىن كۈلكە- تەبسسۇمنى كۆرۈش ناھايتى تەس ئىكەن»(2).

XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى XX ئەسىرنىڭ باشلىردىن باشلاپ زور تۈركۈمدىكى چەتئەللىك سەيياھلار ئۇزاق ۋاقىت بېكىنمە ھالەتتە دۇنيادىن خالى قالغان مەركىزى ئاسىيا رايونىغا، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىغا زور قىزىقىش ئىچىدە نەزىرىنى تىكتى. يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە بارلىققا كىلىپ، قۇم ئاستىغا غەرق بولۇپ ئىزدىرەكسىز غايىپ بولغان قەدىمكى مەدەنىيە ئىزلىرىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتكۇل ئىنسانىيەت مەدەنىيتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان سىرلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك ئېكىپېدىتسىيە ئېلىپ بىرىپ، ئارقا-ئارقىدىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ سىرلىق قوۋۇقىنى چېكىشكە باشلىدى. ھالبۇكى، « مەركىزى ئاسىيانىڭ، جۈملىدىن تارىم ۋادىسنىڭ ياۋرۇپاغا بەرگەن تۇنجى تەسىراتى قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى پارلاق مەدەنىيەتلا ئەمەس، بەلكى مۇشۇ مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقى ئىدى. مانا بۇ ياۋرۇپا دەۋر پاراۋۇزىنى ھەيدەپ ئالغا كەتكەن XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا جاھان ئۆزگىرىشلىرىدىن بىخەۋەر قالغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ رېئال كۆرۈنىشى ئىدى. بۇ يەردە تارىخ گۇيا بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك، ۋاقىت ئۆز قىممىتىنى يوقاتقاندەك، شۇنداقلا دۇنيادىكى يېڭىلىقلارنىڭ بۇ يەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك بىرخىل دۈملەنمە ھالەتتىكى بۇرۇقتۇرما كەيپىيات ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى»(3).

دەرۋەقە، چەتئەللىك سەيياھلار تارىم قوۋۇقىنى چېكىشىتىن ئىلگىرى، بۇ مۇقەددەس دىيارلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كىلىش بەسى مۇشكۈل بولغان، ياتلار تولىمۇ ئاز قەدەم باسقان ياكى قەدەم بېسىشى مۇمكىن بولمايدىغان بېكىك بىر رايون ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدا يارتىلغان پارلاق قەدىمكى زامان مەدەنىيتى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى بىلەن ئاستا- ئاستا قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۇلۇپ، ئەينى دەۋردە بارچە ئەل كىشىلىرىگە كەڭ قۇچاق ئاچقان بۇ سېخى زىمىننىڭ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئاۋات مەنزىرىسى ئەبەدىي يوقالغان ئىدى.

قەشقەر تارىمنىڭ يۈرىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىمنىڭ غېرىپلىقى، بېكىكلىكىدىن مۇستەسنا بولالمىدى. سەيياھلار كارۋانلىرى قەدىمىنىڭ يېتىشى بىلەن تارىختىكى سەلتەنىتىنى يوقاتقان، ئۇنتۇلغان «قەدىمى ماكان»__ قەشقەرنى كىشىلەر قايتىدىن ئەسكە ئېلىشتى. ئاز بولمىغان سەيياھلار، تەۋەككۈلچىلەر، دىن تارقاتقۇچىلار، جاھانكەزدىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەلچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ مۇقەددەس زىمىنغا قەدەم باستى. قەشقەر بەزىدە تەۋەككۈلچىلەرنىڭ تەلەي سىناش مەيدانى بولسا، بەزىدە « ئەجنەبىلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتى» بولدى، يەنە بەزىدە رەقىبلەرنىڭ تىركىشىش سورۇنىغا ئايلاندى. ھەرخىل كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئوخشاش بولمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. چەتئەللىك سەيياھلار بۇ دىيارنى تەكشۈردى، تەتقىق قىلدى شۇنداقلا قەشقەر ھەققىدە مۇھىم بولغان خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇردى. سەيياھلارنىڭ قەشقەرگە كىرىشى ئەڭ دەسلەپتە ئىتالىيلىك ساياھەتچى ماركوپولودىن باشلانغان بولسا، چوقان ۋەلىخانوف، كوروپاتكىن، روبىرت شاۋ، سۋېن ھېدىن، كاتارىن ماكارتىنىي، گۇننار يارىڭ، نوشىرۋان يائوشېف… قاتارلىقلارمۇ ئۆز مۇددىئاسى بۇيچە قەشقەر سەپىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قەشقەر تارىخى، سىياسى-ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئەھۋالى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى…قاتارلىق جەھەتلەردىن خېلى ئەتراپىلىق تونۇش-تەسىراتقا ئىگە بولغان ئىدى.

سەككىز ئەسىر ئىلگىرىكى قەشقەرنىڭ بايانى

1271-يىلى ئىتالىيلىك ماركوپولو ۋىنىتسىيىدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق 1275-يىلى 5-ئايدا قوبلەي خاننىڭ ئوردىسى خانبالىق (بېيجىڭ) قا يېتىپ بارىدۇ ھەمدە بۇيەردە بىرقانچە يىللار تۇرغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاترىسى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئەينى دەۋردىكى قەشقەر شەھىرى ۋە ئاھالىسىنىڭ سودا- تىجارىتى ھەققىدە مونۇلارنى يازىدۇ: «ئاخىر بىز قەشقەر (kashgar,kashcar) دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدۇق، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەر قەدىمكى زاماندا بىر مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت ئىكەن. لېكىن ھازىر ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا ئېلىنىپتۇ. ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىكەن. بۇ يەرنىڭ زېمىنى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شەھەر- راباتلىرى ۋە قەلئە-قورغانلىرى كۆپ ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ئەڭ مۇھىم شەھەر ھىسابلىنىدىكەن. خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە تىلى بىلەن سۆزلىشىدىكەن.ئۇلار سودا-تىجارەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلدىكەن. بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق خېلى تەرەققى قىلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ چىرايلىق باغلىرى، مېۋىزارلىقلىرى ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرى بار ئىكەن. كېۋەز، زىغىر ۋە كەندىرنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ مول ئىكەن. بۇلارنى مۇشۇ دۆلەتنىڭ سودىگەرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن. ئەمما بۇ ئەلنىڭ خەلقى پاكىزلىققا بەكمۇ رىئايە قىلمايدىغان بولغاچقا، پاسكىنىچىلىقتا بەكمۇ بىچارە ئىكەن. ئۇزۇقلۇقى بەكمۇ يېرىك، ئىچىملىكلىرى بەكمۇ سۈپەتسىز ناچار ئىكەن. ئاھالە ئىچىدە مۇسۇلمانلاردىن سىرت، نىستورىئان مەزھىپىدىكى خرىستىئانلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ دىننى قائىدە- يوسۇنلىرى بويچە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىدا ئىبادەت قىلىدىكەن. پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئۇمۇمىي يەر مەيدانى تەخمىنەن بەش كۈنلۈك يولنىڭ مۇساپىسىچىلىك كېلىدىكەن.» (4) مانا بۇ بۇنىڭدىن سەككىز ئەسىر ئىلگىرىكى بىر چەتئەللىك نەزىردىكى قەشقەرنىڭ بايانى، ئەينى دەۋردىكى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى، تىرىكچىلىك ئەھۋالى ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ كارتىنىسى.

رۇسىيىلىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

ماركوپولودىن كىيىن، پۈتكۈل يارۋۇپا ئەللىرىگە ناتۇنۇش بولۇپ كېلىۋاتقان ئالتە شەھەردىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ماكاننى قايتىدىن ياۋرۇپاغا تونۇتقان تۇنجى ئېكىسىپېدىتسىيىچى چوقان ۋەلىخانوف ئىدى.

چوقان ۋەلىخانوف XIX ئەسىردە قازاقلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر تارىخچى، جۇغراپىيشۇناش ھەم ئېكىسپېدىتسىيىچى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسىمى مۇھەممەت ھەنەپى بولۇپ، چوقان ئۇنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى. چوقان 18 يېشىدا ئارمىيىگە قاتنىشىپ، روسىيىنىڭ غەربىي سىبىر گوبىرناتورلىقىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1856-يىلى 5-ئايدا چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن سېمېنوف تىيانشانىسكى باشچىلىقىدىكى ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى تەركىبىدە تەڭرىتاغنى تەكشۈرۈش پائالىيتىگە قاتناشقان. 1856-يىلى 8-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە غولجىدا ئۈچ ئايلىق تەكشۈرۈشتە بولغان، بۇ جەرياندا ئۇ « چىڭ ئمپېرىيسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە غولجا شەھىرى» ناملىق ساياھەت خاتىرسىنى يازغان.

چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئەڭ زور مۇۋاپىقىيىتى ئۇنىڭ 1858-يىلدىن 1859-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا قەشقەرگە قىلغان سەپىرى ۋە بۇ ھەقتىكى دۇنياغا مەشھۇر خاتىرىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەشقەردىكى پائالىيتى جەريانىدا «تەزكىرەئى سۇلتان سۇتۇق بوغراخان»، «تەزكىرەئى خوجىگان»، «تەزكىرەئى توغلۇق تۆمۇرخان» ۋە «ئەبۇمۇسلىم مەرۋەزى» قاتارلىق قوليازمىلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاز ئۇچرايدىغان تاغ جىنىسلىرى ۋە ئۈسۈملۈك ئەرۋىشكىلىرىنى توپلايدۇ. چوقان قەشقەر سەپىرىدىن قايىتقاندىن كېيىن «قەشقەرگە سەپەر» ناملىق كۈندىلىك خاتىرسى بىلەن «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى» ناملىق ساياھەت خاتىرسىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.

چوقان تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن قەشقەرگە كەلگەن تۇنجى سەيياھ بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن قازاق تىلىنىڭ توغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى بىلەن نىسبەتەن تونۇش بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىسىقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن قەشقەر توغرىسىدا خېلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭغا قەشقەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياقىدۇ، ئۇ قەشقەرنىڭ ئىقلىمىنى «ئادەمگە يېقىشلىق، سالامەتلككە پايدىلىق، ياتلارنىمۇ يەكلىمەيدۇ. قىش پەسلى قىسقا، تۈزۈك قار ياغمايدۇ»(5) دەپ تەرىپلەيدۇ. چوقان ۋەلىخانوف ئەينى دەۋردىكى ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىشى ۋە ئۇلارنىڭ مىللى كىملىكىنى ئىپادىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان، ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار يۇرت ناملىرى ۋە باشقا بەزى ناملار بىلەن ئاتىلىپ، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «كىچىك بۇخارا (ئالتە شەھەر) نىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللەت نامى يوق، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا قەشقەرلىك، خوتەنلىك، قومۇللۇق دىگەندەك يۇرت ناملىرى بىلەن ئاتايدۇ. مانجۇلار (ياكى خەنزۇلار) چەنتۇ ياكى قالماق، دەپ ئاتىشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن قىرغىزلار ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قەشقەرلىكلەر دەپ ئاتايدۇ. بۇ يۇرتنىڭ ئاساسى ئاھالىسى تۈركىي تىلىنىڭ ئالاھىدە بىر دىئالېكتىدا سۆزلىشىدۇ، خاراكتېرى ۋە روڭگى- روھىغا قارىغاندا ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت.» (6) چوقان ساياھىتى جەريانىدا، ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئادىمىيلىكى، كىشىلىك پەزىلىتى ۋە قائىدە- يوسۇنلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ ھەم بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئادەمگەرچىلىك قائىدە-يوسۇنلىرىنى قانچە ماختىساق ماختىغۇچىلىكى بار. مانجۇ خاندانلىقىنىڭ ئامبال- بەگلىرى ئۇلارنى گومانخور، يالغانچى، ھورۇن ھەم نادان دېيىشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئۇلارنى قورقۇنچاق، دىنى سۇس، ھەم بۇزۇق دېيشىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پۈتمەس- تۈگىمەس قۇللۇق ئاسارىتى، زورلۇق- زۇمبۇلۇق ھەم ئادالەتسىزلىكلەر ئەنە شۇنداق بىر- بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ھۇرۇنلۇق، يالغانچىلىق، بۇزۇقلۇق دېگەندەك ئىللەتلەرنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ مىللەتتە باشقا مىللەتلەرگە نېسىپ بولمىغان شۇنداق بىر سېھرىي كۈچ باركى، ئەگەر بۇ مىللەت باشقىچە بىر ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولالىغان بولسىدى، ئۆزلىرى بىلەن بىر دىندىكى باشقا مىللەتلەرنى ئاقىدا قالدۇرۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. ئالتە شەھەرلىكلەر كۈيۈمچان، باغرى يومشاق، ئۇچۇق-يۇرۇق، ئەمگەكچان ۋە قائىدە-يوسۇنلۇق خەلق. ئۇلار قائىدە-يوسۇننى ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قويىدۇ. ئەمما ئالتە شەھەر بەگلىرى قائىدە- يوسۇنلارنى بەك ئاشۇرۇۋېتىدۇ.» (7)

قەشقەر خاقانىيە خانلىىقى دەۋرىدە ئىسىلام دىنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىش مەركىزى بولغانىدى. ھالبۇكى، چوقان بۇ يەرلەردىكى ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئىسلام يوسۇنلىرىنىڭ باشقا جايلار ( قوقان ۋە بۇخارالار) بىلەن خېلى روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، «بۇ يەردە ئىسلام دىنى يەرلىك قائىدە- يوسۇنلارغا بېقىنىپ يەرلىكلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولىنى يوقاتقان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدا قەتئى كۆزگە چېلىقمايدىغان ئاياللار ئازاتلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ»(8) دەيدۇ. چوقاننىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان «ئاياللار ئەركىنلىكى» دىگەندە، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى نەزەردە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇھەقتە توختۇلۇپ، «ئالتە شەھەرنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئاياللارنىڭ جەمىئيەتتىكى ۋە ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ يوقىرىلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەتتا جەمىئىيەت ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلشىدىغان ئاياللارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. يەكەن ھاكىمبېگى ھادىنىڭ ئايالى رەھىمە 1765-يىلى يەكەندە تۈزۈملەرنى چىڭىتىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزغان. قەشقەر ھاكىمبېگى يۇنۇس ۋاڭنىڭ ئايالى سەكىمەخان مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا قازا قىلغان. ئالتە شەھەردە ئاياللار ئەرلىرى بىلەن بىللە مەشرەپ، بەزمىلەرگە بارىدۇ. بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئاز ئۇچرايدۇ»(9) دەيدۇ ھەمدە ئەمىلى مىساللارنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.

قەشقەرگە كەلگەن چەتئەللىكلەر ياكى چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر دىگەن بۇ تىمىدا توختالغاندا، XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارروسىيىدە ياشاپ ئۆتكەن «مەشھۇر كېڭەيمىچىلەرنىڭ بىرى»(10)، روسىيىلىك يەنە بىر سەيياھ ئا. ن.كوروپاتكىننى قىسىقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئەمەس دەپ قارايمىز. 1876-يىلى مايدا تۈركىستاننىڭ باش ۋالىسى، ياساۋۇل گېنېرال ۋون. كائوفمان (Von Kaufmann) ياقۇپبەگ ئىشغالىيتىدىكى رايون بىلەن پەرغانە ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيسىنى يېڭىباشىتىن ئايرىپ بەلگىلەپ چىقىش ئۈستىدە ياقۇپبەگ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىگىنى تۇنجى قىتىم قەشقەرىيەگە ئەۋەتىدۇ. كوروپاتكىن بۇ ھەقتە مونۇلارنى يازىدۇ: «مەن بۇ ئەلچىلەر ئۆمىگىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. مېنىڭ ئاكام، توپچى قىسىمنىڭ كاپىتانى ن. كوروپاتكىن (N.Kroopatkin) ۋە لېيتىنانىت ن.سىتارتىسيېۋ (N.Startseff) بىلەن ئا. سونارگولوۋ (A.Soonargoolooff) لارمۇ بۇ ئەلچىلەر ئۆمىگىنىڭ ئەزالىقىغا بەلگلەندى. بۇنىڭدىن سىرت بىزگە ساقچىلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە 15 كازاك ئەسكەر ئاجرىتىپ بېرىلدى.» (11)

كوروپاتكىن گەرچە «قەشقەرىيە» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى <قەشقەرىيە> جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەرنى كۆرسىتەتتى، شۇ سەۋەپتىن پۈتۈن كىتابتا قەشقەر نامى ئاتىلىپ بېرىلگەن بايانلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئۆز مۇددىئاسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەر شەكلى، رايونلار ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ يەرلىرى شور تۇپراقلىق، پەقەت بوستانلىقلارلا مۇنبەت كىلىدۇ. قەشقەر دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇب تەرىپى كەڭ قوملۇق چول بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا قوملۇقلار ئاز. بۇ جايلاردا ئېدىرلىق شەكلىنى ئالغان قۇملۇقلارنى ئاندا- ساندا ئۇچرىتىش مۇمكىن. تاغ باغرىدىكى يەرلەر شېغىل تاشلىق سايلاردۇر.» (12) «ھەر بىر رايوندا بىردىن شەھەر ۋە نۇرغۇنلىغان چوڭ- كىچىك مەھەللىلەر بار. قەشقەر رايونىغا تەۋە يەرلەردىن سەمەن، توققۇزاق، قوغان، قاراقىر، بەشكىرەم، ئاۋات، قىزىلبۇي، ياندۇرما، باي توقاي، قوشئاۋات، پەيزىئاۋات، كوپسەڭگى، تۇپراقلىق، قارا باغ، پاراچ، بورا خىتاي، ناچۇق، دۆلەتباغ ۋە قىزىل دۆۋە قاتارلىقلار بار.» (13) ئۇنىڭدىن باشقا، كوروپاتكىن يازمىسىدا («قەشقەرىيە» دە) قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى ھەرساھە ئەھۋالىغا ئالاقىدار خېلى كۆپ ئۇچۇرلار بار.

تەۋەككۈلچى ئىنگېلىزلار ۋە چىنباغدىكى كونسۇل خانىملىرىنىڭ قەشقەر تەسىراتى

XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا چاررۇسىيە ئىمپېرىيسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كېڭىيىشى ۋە پامىر رايونىغا تەدرىجىي يېقىنلاپ كىلىشى ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ دىققەت- ئىتىبارىنى قوزغاشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىندىستاندا تورۇشلۇق برىتانىيە ھۆكۈمىتى تارىم ئويمانىلىقىغا زور تۈركۈمدىكى ئېكىسپىدىتسىيچى ۋە ئۇچۇر توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتىدۇ. شۇ مەزگىللەردىكى تارىم ۋادىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىدىن يارۋۇپا ئەللىرىگە بىر قەدەر ئەتراپلىق ئۇچۇر بەرگۈچى ئەنگىلىيلىك روبېرت شاۋ ۋە ئۇنىڭ قەشقەر ۋە يەكەن ھەققىدە يازغان «ئەنگىلىيلىك بىر سودىگەرنىڭ تەۋەككۈكچىلىك خاتىرىسى»14دىگەن كىتابىدۇر.

1868-يىلى 20- سىنتەبىردە ئەمدىلا 29 ياشقا كىرگەن ئەنگىلىيلىك چاي سودىگىرى ئەنگىلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، لاداق رايونىدىكى لېھ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ئېتىكىدىكى سىرلىق ئويمانىلىق__ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى يەركەن ۋە قەشقەرگە بېرىش ئىدى. بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقان خانلىقىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ياقوپ بەگ تارىم ۋادىسىنى ئىگەللەپ، بۇ يەرلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمرانىغا ئايلاغانىدى. روبېرت شاۋ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ياقۇپ بەگ بىلەن ئۈچ قىتىم كۆرۈشىدۇ. شۇنداقلا بىر مەزگىل ئۇنىڭ نەزەربەندى ئاستىدا تۇرىدۇ.

شاۋنىڭ بۇ قىتىمقى زىيارىتى سىياسىي مۇددىئانى ئاساس قىلغاچقا، ئۇ كىتابىدا ئاساسەن ياقۇب بەگ ئوردىسىدىكى ۋە سىياسىي، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەھۋاللارنى كۆپلەپ بايان قىلغان. قەشقەر ۋە خەلق تۇرمىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. ئۇ ئەينى دەۋردىكى ھېيىت ھارپىسى ۋە قۇربان ھېيىت ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىپ مونۇلارنى يازىدۇ: «بۈگۈن چۈشتىن كىيىن داقا-دۇمباق ساداسى ئىچىدە ئەتە ھېيىت ئىكەنلىكى جاكارلاندى. بەزىلەر بۇ ئۆيگە قۇربانلىق قىلش ئۈچۈن بىر قانچە توياق قوي ۋە ئىككى تۆگە ئەپ كىلىشتى. تەرجىمانىم بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ بىر قوشقارغا تىگىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ئۇچىرىدى، بۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، قۇربانلىق قىلىنىدىغان قوينى بوغۇزلاشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە ھۆرمەتلەش ۋە ئاسىراش كىرەك ئىدى.» (15) ئۇ يەنە مۇنداق يازىدۇ: «بۈگۈن قۇربانلىق بايرىمى، قەشقەرلىكلەر ئۇنى « ھېيىت » دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلغان كۈنىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىندۇر.تاڭ سۈزۈلگەندە تۆت پاي زەمبىرەك ئوقى ئېتىلدى، ئارقىدىن يەنە تۆت پاي ئېتىلدى. تەرجىمانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 5000-6000دەك كىشى بىر يەرگە توپلىشىپ ئىبادەت قلىپتۇ، ئىبادەتكە ياقۇپ بەگمۇ قاتنىشىپتۇدەك.» (16)

1869-يىلى سىنتەبىرگە كەلگەندە، روبېرت شاۋ ياقۇپ بەگنىڭ نەزەربەند قىلىشىدىن خالاس بولۇپ، يەكەنگە قايتىشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ سەپەر ئۈستىدىكى كىشىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ، « يەنە بىر توپ ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار بېشىغا قارا گىرۋەكلىك دوپپا كېىيگەن، ئاق ياغلىق چەككەنىدى. تۇرالغۇمنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار چۈمبەلنى چۈشۈرۈپ يۈزلىرىنى يۆگىۋەتتى. مەلۇم سالاھىيەتكە ئىگە كىشلەر ۋە بەگ-تۆرىلەر ئۆتكەندە بولسا، قول قورۇشتۇرۇپ سالام بەجا كەلتۈرۈپ، < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم > دەپ ئەھۋال سورىدى. ئۇلار مىنىڭ ئىمانسىزلىقىمدىن ئەسلا شۈبھىلەنمىدى. ئۇلارنىڭ مېىنىڭ ئۈستۈمگە كېيىۋالغان تونۇم ۋە بېشىمغا ئورىۋالغان سەللەمگە قاراپ، تەقۋادار مۇسۇلمان دەپ تونىدى. سېپىل دەرۋازىسىدىن كىرىپ- چىقىۋاتقان ئاتلىقلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيىتتى: بەگلەر ئىسىل كىمخاپ تونلارنى كېيىپ، بەللىرىگە كۈمۈش زەيلىك بەلباغلارنى تاقاپ، شەمشەر ئېسىپ، مۆرىلىرىدە مىلتىق كۆتۈرىۋالاتتى. موللىلار ئۈستىگە سىدام تون، بېشىغا يوغان سەللە كېيەتتى. ئۆتۈك كېىيىۋالغان ھارۋاكەشلەر خۇجايىنلىرىنىڭ ئاتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ئايلاندۇراتتى ياكى سۇغۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىرىنى مېنىۋالسا، يەنە بىرىنى يىتىلىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ كىيىملىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، سەللىنى كۆزىگىچە يۆگىگەنىدى. ئۇلار ئەنگىلىينىڭ ھارۋىكەشلرىگە تولىمۇ ئوخشاپ كىتەتتى.» (17) دەپ يازىدۇ.

شاۋدىن كېيىن قەشقەرگە كىرگەن ئەنگىلىيلىك يەنە بىر ئېكىسپىدىتسىيىچى، روبىرت شاۋنىڭ جىيەنى ياڭخازبەند بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار سەھنىسىدە مۇھىم رول ئويىنىغان ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئەمىلىيەتتە ھىندىستاننىڭ شىمالىدا توغۇلغان بولۇپ، ئەنگىلىيىدىكى سانىدخۇرست مەكتىپىنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن، 19 يېشىدا ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئەنگىيلىكلەر ۋە رۇسيىلىكلەرنىڭ شىنجاڭ، پامىر ۋە قاراقۇرۇم ئېغىزىدىكى ھۇقۇق تالىشىش ۋە كۈچ سېىلشىتۇرۇش كۈرىشىدە ئاساسلىق رول ئۇينىغان كىشى.

ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، موڭغۇل دالىسى، تارىم ۋادىلىرىنى بويلاپ كەشمىرگىچە بولغان بىر قىتىملىق ئوزۇن ۋە مۈشكۈل قۇملۇق سەپىرىنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. 1890-يىلى 1-نويابىرغا كەلگەندە، ياڭخازبەند قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ. ئۇ قەشقەر توغرىسىدا: «مەمۇرى ۋەزىپەم مېنىڭ پۈتۈن بىر قىش مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ» (18) دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ مەمۇرى ۋەزىپىسى ئامال قىلىپ ئەينى چاغدىكى رۇسىيىنڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى پىتروۋىسكىي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئىدى. ئۇ قەشقەردىكى مەزگىلىدە شۋېتسىيلىك سىۋېن ھېدىن، فرانسىيلىك رىنىسلار بىلەن ئۇچرىشدۇ شۇنداقلا ماكارتىنىي، ھىندرىكس قاتارلىقلار بىلەن تونۇشىدۇ.

يېقىنقى دەۋر ئەنگىلىيە تارىخىدا، بولۇپمۇ XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەنگىلىينىڭ كېڭەيمىچلىك تارىخىدا قەشقەر ناھايىتى مۇھىم سىتراتىگىيلىك ئورۇنغا ئايلانغانىدى. ئەنگىلىينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت ھىندىستاننى بېسىۋىلشى، چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بارغانسىر كېڭەيمىچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۈنسىرى جەنۇبقا قىستاپ كىلىشى بۇ ئىككى كېڭەيمىچى دۆلەتنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى مۇستەملىكە تالىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ جۈملىدىن قەشقەر دەل ئۇلارنىڭ مۇشۇ رايوندىكى تىركىشىش ۋە كۈچ سېلىشتۇررۇش ئورنى بولۇپ قالدى. رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان چىڭ خاندانلىقىغا بېسىم ئىشلىتىپ ئارقا-ئارقىدىن قەشقەردە كونسۇلخانا تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئادەملىرىنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرسىنى ئۆزلىكسىز كېڭەتمەكچى بولدى. رۇسىيە تەرەپ داڭلىق دىپلوماتلىرىنىڭ بىرى بولغان پىتروۋىسكىينى قەشقەردىكى باش كونسۇللۇققا تەينلىگەن بولسا، برىتانىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگۇ ۋە شىنجاڭ ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولغان گېئورگىي ماكارتىنىينى باش كونسۇللۇققا تاللاپ ئەۋەتىدۇ.

ماكارتىنىي ئەنگىلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتى قەشقەردىن ئىبارەت بۇ كۆزىتىش نوقتىسىنى باشىقۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۇنجى ئەمەلدار. 1890-يىلى 28 ياشلىق ماكارتىنىي ئۆزىنىدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان ياڭخازبەنىد بىلەن بىرگە قەشقەرگە كەلگەن. «ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئاشكارە ۋەزىپسى قەشقەر ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھىندىستانغا قاراشلىق ئەنگىلىيىلىك پۇقرالارنى باشقۇرۇش بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ جايلاردىكى سودىگەرلەر ياكى جازانخورلار ئىدى. ئۇنىڭ ئاشكارە قىلمايدىغان ۋەزىپسى رۇسىيىلىكلەرنىڭ قەشقەردىكى سۇيىقەستلىك پائالىيىەتلىرىنى، بولۇپمۇ پېتروۋىسكىيدەك ھېيلىگەرنىڭ سۇيىقەستلىك پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ئىدى. ماكارتىنىي قەشقەرگە بارغان چاغدا، ئۇ يەردە تۇرغىنىغا سەككىز يىل بولغان پېتروۋىسكىي ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالغانىدى».(19)

1898-يىلى ماكارتىنىي رۇخسەت بىلەن ئەنگىلىيىگە دەم ئېلىشقا بارىدۇ ھەم قايتىشىدا ئايالى كاتارىن ماكارتىنىينى بىرگە ئېلىپ كىلىدۇ. گەرچە بىز گېئورگىي ماكارتىنىينىڭ قەشقەر ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدىن ئانچە كۆپ خەۋەردار بولمىساقمۇ، ماكارتىنىي خانىمنىڭ قەشقەرگە بېغىشلاپ يازغان «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» دىگەن ئەسىرى بىزنى ئەينى دەۋردىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتى ۋە ئىجىتىمائىي جەمىئيەت ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئائىت ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

ماكارتىنىي خانىم قەشقەردە 17 يەتتە يىل تۇرۇش جەريانىدا قەشقەر ۋە بۇ يەردە ياشىغۇچى خەلقلەر ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىكى دەسلەپكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرگە يېڭى بارغان چېغىمدا، بازارلاردا چەتئەل ماللىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئنتايىن بايلارلا ئېسىل كىيىنگەننى ھسابقا ئالمىغاندا، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جايدا توقۇلغان قىل ماتادىن كىيىم كىيەتتى. ئۇ چاغلاردا رۇسىيىدە ئىشلەنگەن كۈندىلىك بويۇملار تېپىلمايتتى. قەنتمۇ كەمچىل ئىدى. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان كونا قېلىپنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، كوچىلىرى، بازارلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ كونا پېتى تۇرغانلىقىنى ئويلىسا، ئادەمگە تولىمۇ قىزىق تۇيۇلىدۇ. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ كېيىنىشى، يىمەك-ئىچمىكى، تۇرالغۇ ئۆيلىرى ئەجداتلىرىنىڭكىدىن ھېچقانداق پەرق قىلمايتتى.» (20) ئۇ يەنە مۇنداق يازىدۇ: «ئېتىزلىقلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئەتراپى تۇپا تام بىلەن ئورالغان ئۈچ بۈرجەكلىك بىر پارچە يەر بولۇپ، رۇس شەكلىدىكى كرېست قادالغانىدى. بۇ رۇسيىلكلەرنىڭ قەبرىستانلىقى ئىدى. قەبرىستانلىق كەينىدە قەشقەر دەرياسى__ قىزىل دەرياسىنى كۆردۈم. دەريا بويىدا بەزىلىرى سۇ ئىچىدە، بەزىلىرى قىردا تۇرۇپ بىر مۇنچە ئات سۇ ئىچىۋاتاتتى. قىپيالىڭاچ بالىلار ياۋىداق ئاتلارغا مىنىۋالغانىدى. بۇ تۇغما يالىڭاچ بالىلار ئات ئۈستىدا قانداق ئولتۇرۋاتقاندۇ؟ ماڭا نىسبەتەن بۇ بىر مۆجىزە ئىدى: ئۇلار مىنگەن ئاتلىرىنىڭ بوينىغا ئارغامچا باغلىۋالغان، ئاتلار ئۇلارغا بويسۇناتتى، ئۇلار بولسا ئات ئۈستىدە شۇنداق ئەركىن ئولتۇراتتى! دەريا بويىدا يەنە ئېشەكلەرگە ئارتىلغان سوغىلار، چىلەكلەرگە سۇ ئېلىۋاتقان ئەرلەر، ئوغۇل بالىلار بار ئىدى. ئۇلار بۇ سۇنى شەھەرگە ئەكىرىپ ساتاتتى. قىزىل دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا بوياقچىلار بويىغان ماتالارنى دەريا سۈيىدە چايقايتتى. قىزىل رەڭدە بويالغان ماتالار چىرايلىق، ئوچۇق رەڭ ئالغانىدى. ئۇلار قارا رەڭدە ئېچىلغان لەيلە گۈلنى بوياق ماتېرىيالى قىلاتتى.» (21) مانا بۇلار شۇ دەۋردىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ قىسمەن كارتىنىسى، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كاپالەتلىك قلىشتىكى بىر قىسىم تېرىكىچىلىك يوللىرىنىڭ جانلىق سۈرەتلىنىشى.

قەشقەر يېراق قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش ۋە ئۆتىشىش تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن. بۇ ھال قەشقەرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ ناھايتى روشەن بولۇپ، رۇسلار، ئىنگىلىزلار، شۋېتلار ۋە باشقا مىللەتلەر بۇ يەردە ھەدەپ ئۆزلىرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى بازارغا سالغان ھەمدە ئىدىيە، مەپكۇرىلىرىنى تەرغىپ قىلىپ، يەرلىك خەلققە تەسىر كۆرسەتمەكچى ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. شۇنداقلا بەزى ئەمىلى ئۈنۈملەرگىمۇ ئېرىشكەن. ماكارتىنىي خانىمنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىدىن بۇ نوقتىنى مەلۇم دەرىجىدە ھىس قىلالايمىز. «قەشقەرگە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مىلاد بايرىمى بولدى. بىز رۇسىيە كونسۇلخانىسىدىن باغاق تاپشۇرۇۋالدۇق، ئۇلار بىزنى مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغانىكەن ( رۇسىيىلىكلەرنىڭ مىلاد بايرىمى بىزدىن 13 كۈن كېيىن ئىكەن). ئۇ يەردە بىز باشقىلار بىلەن بىرگە ئارچىنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىدۇق، ناخشا ئېيتتۇق، ناخشىنى ھەركىم ئۆزىنىڭ تىلىدا ئېيتتى. كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئەتراپىمغا نەزەر سالسام، كىشىلەر رۇسچە، ئىنگىلىزچە، شۋېتچە، فرانسۇزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ھىندىچە، پارىسچە سۆزلىشىۋېتىپتۇ.» (22) ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىرقى ئالاھىدىلىكى، بەدەن قۇرۇلىشى ۋە تەققى-تۇقى، چىراي-شەكلىمۇ بۇ كونسۇل خانىمىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقانىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى « قەشقەر كىشىلىرىنىڭ تەقى-تۇرقى، چىراي-رۇخسارى ھەم خىلمۇ-خىل. يارۋۇپالىقلارغا خاس ئالاھىدە بەلگىلەر ئاز-تۇلا بار. ئەر-ئاياللار قاۋۇل، بەستىلىك، كېلىشكەن، چىرايلىق بولۇپ، چىرايىدىن بىر خىل ئىسىل سۈپەتلىك چىقىپ تۇراتتى. قىرغىزلارنىڭ يۈزى ياپىلاق، مەڭزى قىپقىزىل؛ ياندىن قاراشقا ئافغانلارنىڭ يۈز كۈپتى سۇزۇق ۋە ئېنىق كۆرۈنەتتى؛ يەنە ھىندى دىنىدىكى ۋە مۇسۇلمان دىنىدىكى ھىندىستانلىقلارمۇ، خەنزۇلارمۇ بار ئىدى. ئالتۇن چاچلىق، دېڭىز سۈيىدەك يېشىل كۆزلۈكلەرمۇ ئۇچراپ قالاتتى. ئۇلار ئارىئان قېنىدىكىلەر بولىشى مۇمكىن. قەشقەردە كىشىلەر قەشقەرلىكلەرنىڭ زادى قايسى ئىرققا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە دەپ بېرەلمەيدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تەرەپ- تەرەپتىن كىرىشى بىلەن بۇ يەردىكى ئىرقلارنىڭ شالغۇتلىشىشى خېلىلا ئېغىر. بۇ يەردىكى قىز-چوكانلار ناھايىتى چىرايلىق، جەزىبلىك، بەزى ئوغۇل بالىلارمۇ بەك كىلشكەن. بولۇپمۇ ئورا كۆزرەك كەلگەن 12 ياشلاردىكى ئوغۇل-قىزلار ناھايىتى گۈزەل. ئۇلار دۇخاۋا، چىت رەخىتلەردىن كىيىم، يارىشىملىق تۇماق، دوپپىلارنى كىيسە، ئىتالىيانلارغا ياكى ئىسپانلاغا ئوخشاپ كېتىدۇ»(23) دەپ يازىدۇ.

ماكارتىنىي خانىمنىڭ قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەر توغرىسىدىكى تەسىرات ۋە تۇنۇشلىرىنى تۇلۇقى بىلەن بىر-بىرلەپ بايان قىلشقا مۇمكىنچىلىكىمىز يار بەرمەيدۇ، بىراق بىز تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قىسقىغىنا بىر قانچە جۈملە تەسىراتنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈش ۋە ئۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ زۆرۆرىيتى بار دەپ قارايمىز: «بۇ ئادەملەرنىڭ ( قەشقەرلىكلەرنى دىمەكچى) قولىقى يۇمشاق، باشقۇرۇش ئاسان، ئۇلارنىڭ بىرەر يامان ئىللەتلىرى يوق، ياخشى تەرەپلىرىمۇ يوق.» (24)

گېئورگىي ماكارتىنىيدىن كېيىنمۇ ئەنگىلىينىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىغا ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە كونسۇل كىلىپ، قەشقەردىكى رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتتى ۋە ئەنگىلىيگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئىمتىيازلىرىغا كاپالەتىلىك قىلدى. «ماكارتىنىي ئەنگىلىينىڭ قەشقەردىكى تۇنجى ئەمەلدارى بولغان بولسا، سىپتون چىنباغدىكى كونسۇلخانىنى تاقىغۇچى بولدى.» (25) 1947-يىلى ھىندىستا ن مۇستەقىل بولدى. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، دۆلىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئەنگىلىينىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىنى ھىمايىسز بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

سىپتون قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا خانىمى دىئاننانىمۇ بىرگە ئېلىپ كىلىدۇ. « دىئاننا خۇددى كاتارىن بىلەن بەسلەشكەندەك، قەلىمىنى سەپەرگە قەدەم بېسىش بىلەن تەڭلا ئىشقا سالىدۇ. مەقسەتسىز بولسىمۇ سىپتون ئەر-ئايال ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ماڭغاندا، پامىر، قاراقۇرۇم تېغى ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، قەشقەرگە بېرىشتەك يېڭى يولنى تاللىۋالىدۇ.» (26) بۇ قەدىمى ماكاننىڭ ۋە ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ دەسلەپكى ئەھۋاللىرىنى كاتارىن ئەسلىمە قىلغان بولسا، كېينكى ئەھۋاللىرىنى دىئاننا يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇ ئەينى دەۋر قەشقەر كىشىلىرىنىڭ ھاياتنىڭ جانلىق كارتىنىسى سۈپىتدە تۈۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قەشقەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ماكانى ئىدى. ئۆزىنى مەھكەم ئورىۋالغان ئاياللار؛ ئۇزۇن ساقاللىق، يۈزى سۈزۈك، كىلىشكەن ئەرلە( ئۇلارنىڭ تىرىسى ئادەم ھاڭ-تاڭ قالغۇدەك ئاق ۋە سۈزۈك ئىدى)؛ ئۇياندىن-بۇيانغا ئۆتۈپ تۇرغان ئېشەكلەر؛ غىچىرلىغان مەپىلەر ياكى يارى-يار ھارۋىلار ( ئۇلارنىڭ چاقىنىڭ يوغانلىقى ئادەمنى ئەندىشىگە سالاتتى)؛ چىرايلىق توقۇلغان ئاتلار، بوينىغا ئېسىلغان كىچىككىنە كولدۇرمىلار ۋە پۇلاڭلاپ تۇرغان پۆپۈكلەر؛ چاچلىرىنى نۇرغۇن كىچىك ئۆرۈم قىلىپ ئۆرىگەن دوپپا كىيگەن قىزلار ۋە قىزچاقلار؛ ئاندا-ساندا مۇڭلۇق نەي چېلىپ ئۆتكەن ئوغۇل بالىلار؛ يول بويىدا قوغۇن- تاۋۇز سېتىشىۋاتقان باققاللار ___ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تىپىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرنىشىنى ھاسىل قىلاتتى.» (27) بۇ بايانلار تولىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ئۇنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا قەشقەرنىڭ ئەشۇ قايناق، جۇشقۇن مەنزىسى نامايان بولۇپ، خىياللار ۋە ئەسلىمىلەر ئىچىدە بۇ قەدىمى ماكاننىڭ ئاۋات رەستىلىرىگە قەدەم تاشلايدۇ.

دىئاننا سىپتونمۇ خۇددى كاتارىن ماكارتىنىيغا ئوخشاش ئەسىرىدە قەشقەرلىكلەرنىڭ پىسخىكىسىغا دىئاگنۇز قويۇپ مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرنىڭ ئادەملىرى ھۇرۇن، چېچىلاڭغۇ، ئەمما تىنىچ، ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلار ئۇزاق زامانلاردىن بىرى مۇشۇنداق ياشاپ كەلگەنىكەن. ھازىر شۇنداق تىنىچ ياشاۋېتىپتۇ. شۇڭا، ئۇلاردا ئېسكىموسلاردەك جاسارەت ۋە قەيسەرلىك يوق، پاردانلاردەك ئۇرۇشخومار مىجەزنىمۇ يىتىلدۈرمىگەنىدى. ئۇلاردا تىبەتلىكلەردەك جۇشقۇنلۇق ۋە تېتىكلىك، كەشمىرلىكلەردەك قولى گۈل، چىۋەرلىكتىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى. ئەمما، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلار ھەرقانداق بىر جايدىكى ئاددى- ساددا كىشىلەرگە ئوخشاشلا دوستانە، مېھماندوست. ئۇلار ئاددىيسى بىرەر لەتىپىنىمۇ سىز بىلەن تەڭ بەھىر ئېلىشىنى خالايتتى. بەزىدە ئۇلارنىڭ يالقاۋلىقى جانغا تېگەتتى. قىلغان ئىشىمۇ كۆڭۈلگە ياقمايتتى. ۋەھالەنكى، ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىسىڭىزلا، ئۇلار شۇنچىلىك جەلىپكار، ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ئىدى.» (28) بۇ قەشقەرلىكلەرگە بېرىلگەن ئانچە ئىلمىي ۋە دەل باھا بولمىسىمۇ، يۈكسەك مەدەنىيەتلىك دەپ تەرىپلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان غەرب دۇنياسىدىن كەلگەن بىر ئايالنىڭ قەشقەرلىكلەر ھەققىدىكى سەمىمىي ۋە چىن ئىنكاسى ئىدى.

ھالاكەت دېڭىزىنى بويسۇندۇرغۇچى ھېدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ < يارى> قەشقەردە

XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XX ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يېرىمىدا ئاز بولمىغان شۋېتلار: ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر، مىسسىئونىرلار ئارقا- ئارقىدىن تارىم ۋادىىسغا، جۈملىدىن قەشقەر رايونىغا كىلىپ، مىسسىئونىرلار ئىدىلوگىيە ساھاسىدە ئۆزگەرتىش ھەركىتىنى قوزغىغان بولسا، تەۋەككۈلچى ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر تارىمنىڭ سىرلىق قوۋۇقىنى قاتتىق چېكىپ، تارىخ، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئارخىلوگىيە تەتقىقاتىدا ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بەش قېتىملىق ئوتتۇر ئاسىيا سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ھالاكەت دېڭىزىنى بويسۇندۇرغۇچى سۋېن ھېدىن ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

سۋېن ھېدىن 1896-يىلى تۇنجى قېتىم سال بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى بويلاپ،ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئابدان كەنتىگە كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1934-يىلىغىچە ئىلگىرى- ئاخىرى بەش قېتىم بۇ رايونغا ئېكىسپىدېتسىيە سەپىرى قىلىدۇ. لوپنۇردىكى قەدىمى كروران شەھەر خارابىسىنىڭ بايقىلىشى ھېدىننىڭ ئەشۇ تەۋەككۈلچىلىكلىرىنىڭ نەتجىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

1890-يىلى سۋېن ھېدىن ئۈچ نەپەر خىزمەتكار ۋە رۇسىيە ئوفىتسىرنىڭ ياردىمدا بوران- چاپقۇنغا قارىماي ئوشدىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. نەچچە ئايلىق جاپالىق سەپەردىن كېيىن 14-دىكابىر قەشقەرگە يېتىپ كىلىدۇ. بۇ كۈن ھېدىن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار: «14-دىكابىر، ھېدىننىڭ ئېكىسپېدىتسىيە ھاياتىدا خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن بولدى. بۇ كۈن ئۇ ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم كېيىنكى چاغلاردا كۆپ قېتىم ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ قوماندانلىق شىتانى بولغان مەشھۇر تارىخى مەدەنىيەتلىك شەھەر___ قەشقەرگە يېتىپ كەلدى.» (29) سۋېن ھېدىن بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: « ئۈچ كۈندىن بېرى بىز ئاقسۇدىن يولغا چىقتۇق. مۇھەممەت ئىمىن بىزگە ھەمراھ بولدى. 21-كۈنى بىز بارماقچى بولغان جاي قەشقەر__ سۇلىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ مېنىڭ كېيىنكى ئېكىسپېدىتسىيە سەپرىم باشلىنىدىغان جاي ئىدى.» (30) گەرچە سۋېن ھېدىننىڭ قەشقەر ھەققىدە ئىيتقانلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ۋە ئىزدىنىش روھى بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.

قەشقەر ھەققىدە زور ئىلمىي ئەمگەك مىۋىلىرىنى روياپقا چىقارغان، قەشقەر خەلقى بىلەن چوڭقۇر رىشتە ئورناتقان شېۋىتسىيلىك يەنە بىر مەشھۇر زات گۇننار يارىڭدۇر. ئۇ 1929-يىلى ۋە 1978- يىلى قەشقەرگە ئىككى قېتىم كەلگەن بولۇپ، بۇ جەريانلاردا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ، قەشقەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇلارنىڭ مەدەنىيتى، تىل- ئەدەبىياتى قاتارلىقلارغا ئائىت بىر قانچە پارچە ئەسەر يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق كىتابى قەشقەرگە بېغىشلاپ يازغان ئەسىرى بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەرگە ئالاقىدار ناھايتى مول ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.

گۇننار يارىڭنىڭ، يۇقاردا ئېيتقىنىمىزدەك قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەرگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى ناھايتى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قەشقەرگە بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىكى دەسلەپكى تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: « 1929-يىلى قەشقەرگە كىلىپ خۇددى ھارىزقى دەۋردىن ئوتتۇرا ئەسىرگە__ < مىڭ بىر كېچە> نى فىلىمگە ئېلىش ئۈچۈن راسلىغان كۆرۈنۈش ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. بۇ يەردە يا ئاپتومبىل، يا موتسىكىلت يوق ئىدى. ھەتتا ۋېلىسپىتمۇ كۆزگە چېلىقمايتتى. بازار ئەتراپىدىكى قاراڭغۇ، تارچۇق كوچىلارنى يورۇتىدىغان ئېلىكتىر چىراغلار يوق ئىدى. قەشقەردە گېزىت يوق ، مەتبەئەدە بېسىلغان كىتاب تېخىمۇ يوق ئىدى. مىرزا- كاتىبلار چازا قورۇپ ئولتۇرۇپ، قوليازمىلارنى ئەرەپ ھەرىپى بىلەن رەتلىك كۆچۈرەتتى. ھەممىلا يەردە لىق سۇ قاچىلانغان تولۇم-چاناشلارنى دۈمبىسىگە ئارتىپ سۇ توشۇۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. تارچۇق كوچىلاردا ھەر مىللەت كىشىلىرى مېڭىپ يۈرەتتى. بايلار ۋە ئېسىلزادىلەر چىرايلىق گۈللۈك يوپۇق- شالچا سېلىپ ئېگەرلەنگەن پوزور ئاتلارغا مېنىپ، مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئوياقتىن-بۇياققا ئۆتۈپ يۈرەتتى. قول-ئىلكىدە پۇل-مېلى ئانچە جىق ئەمەسلەر ئېشەككە مېنەتتى، ھالبۇكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى بولغان كەمبەغەللەر پىيادە ماڭاتتى.» (31) گۇننار يارىڭ بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلوبىدىكى قەشقەر ھەققىدە چوڭقۇر ھىسلارغا چۆمسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن، ھېچ كىشى تەرىپىدىن تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلىنمغانلىقىدىن ئېچىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ: «كىشىلەر شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ئوخشاش تازا روناق تاپقان ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام جەمئىيتىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تاپالمايدۇ. ئىلگىرى ئافغانىستاندا شۇنداق جەمئىيەت خېلى ئۇزاق مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق جەمئىيەت ھازىرقى زاماننىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا ئۇ يەردىمۇ ئاللىقاچان بەربات بولۇپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قەدىمكى قەشقەر ھەققىدە كىشىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك ئەسەر يازىدىغان ئادەم چىقمىغانىدى. ئۇيەردىكى بازارلارنى ئەشۇ تۇرمۇشنى دەۋر قىلىپ شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ھاياتنى تەسۋىرلەيدىغان ئادەم چىقمىغانىدى.» (32)

قەشقەر ئۇيغۇرلانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش بىلەن بىرگە ئەڭ چوڭ سۇدا مەركەزلىرىنىڭ بىرى. قەشقەرلىكلەر سودىغا تولىمۇ ماھىر، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەندە مۇئەييەن سودا ئېڭى شەكىللەنگەن بولۇپ، سودىنىڭ ئېپىنى بىلىدۇ. گۇننار يارىڭ قەشقەر بازارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: « قەشقەر بازارلىرىدكى تار كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە دوكانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دۇكاندارلار خېرىدار كۈتۈپ يەرگە سېلىنغان گىلەم ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ۋاقىراپ خېرىدار چاقىرمايدۇ. ۋاقىراپ-جاقىرايدىغانلار كوچىلاردىكى مۇقىم دۇكىنى يوق ئۇششاق ئېلىپ ساتارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى دۇكاندارلارنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. قەشقەر بازارلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسى تۇراقسىز بولىدۇ، دۇكاندار خېرىدارغا شۇنداق بىر قاراپلا خېرىدارنىڭ قانداق ئىقتىسادى مەنبەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دىتلاپ بولىدۇ-دە، كېيىن ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاسان-ئاسان ئەمەسلىكىنى دەڭسەپ كۆرىدۇ. مانا بۇلار مالغا دەسلەپ باھا قويۇش دائىرسىنى بەلگىلەيدۇ. كەينىدىنلا يەنە بىردەم باھا تالىشىش بولىدۇ. بۇ سودىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى پەيدىنپەي قىزىتىشىتىكى سەنئەت شەكلىدىن ئىبارەت. بازاردا ھەربىر كەسىپ ۋە ھۈنەر-سەنئەتنىڭ مۇقىم ئورنى بولىدۇ. توقولما بويۇملار ۋە گىلەم بازىرىدىكى جىمجىتلىق بىلەن مىسكەر بازىرىدىكى تاراڭ-تۇرۇڭ قىلغان سادالار روشەن سېلىشتۇرما بولىدۇ.» (33)

1978-يىلى 9-ئايدا گۇننار يارىڭ قەشقەرگە يەنە بىر قېتىم كىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى تەسىراتى ئاۋالقى تەسىراتى بىلەن خېلى زور پەرققە ئىگە ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مونۇلارنى يازىدۇ: «مەن بۇ نۆۋەت قەشقەرگە كىلىپ، بۇنىڭ 1929-1930-يىللىرى ئېسىمدە قالغان قەشقەردىن ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، ئەمما يېز- قىشلاقلارنىڭ مەنزىرىسى ئېسىمدىكى مەنزىرە بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىدى…. ۋەھالەنكى قەدىمىي كوچىلار خىيالىي تۈسكە ئايلانغان بولۇپ، قەدىمىي قەشقەرنىڭ كۆپلىگەن جايلىرى ئۆزىنىڭ كونا تۈسىنى يوقاتقان ئىدى. كوچىلاردا بېشىغا يوغان سەللە يۆگىگەن موللىلار كۆرۈنمەيتتى. ئېسىمدا قېلىشىچە، سەللىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى شۇ كىشىنىڭ ياش-قۇرامىنى، ئىلمىنى ۋە مەرتىۋىسىنى بىلدۈرەتتى. ئېشەككە مىنىپ تۆگىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقانلارنىڭ < posh-posh> دەپ ۋاقىرغان ئاۋازى ئەمدى ئاڭلانمايتتى، ئەكسىچە ئاپتومبىللارنىڭ < دۇت،دۇت> قىلغان قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ يېڭى ئۇيغۇر تىلىدا bermak signal ( سىگنال بەرمەك) ياكى tat-tat qilmaq ( تات-تات قىلماق) دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئەللىك يىل ئالدىدا بۇنداق سۆزلەر يوق ئىدى. ئىلگىركىدەك كۆپ تۆگىلەرمۇ كۆرۈنمەيتتى.» (34)

گۇننار يارىڭ قەشقەرنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇئارىپى، يېزا-ئىگىلىگى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ قەشقەرنىڭ سانائىتى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق يازىدۇ: « بۇنىڭدىن 50 يىل بورۇن قەشقەردە سانائەت يوق ئىدى. شۇ چاغدىكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بارلىق جايلاردىمۇ ئەھۋال شۇنداق ئىدى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلاق كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياكى ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلىناتتى ۋە ياكى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۈرۈمچى ئارقلىق جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى جايلاردىن بارلىق نەرسىلەر تۆگە كارۋىنى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنەتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرگەن ئىدى. قەشقەر تېخى مۇھىم سانائەت مەركىزى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاشۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.» (35)

دەرۋەقە، گۇننار يارىڭنىڭ قەشقەرگە بولغان مۇھەببەت رىشتىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە قوليازمىسىدا فامىلسى بولغان < يارىڭ> دىگەن شۋېتچە سۆزنى ئۇيغۇرچە ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈپ: « مەن 1929-1930-يىللىرى قەشقەرگە تۇنجى قېتىم بارغىنىمدا ۋە 1935-يىلى سىرناگاردىكى ئۇيغۇر كارۋانلىرى ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىىپ بېرىۋاتقان چاغلىرىمدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەندىن: < ھۆرمەتلىك ساھىب، سىزنىڭ [ يارىڭ] دېگەن ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە؟> دەپ سورىغانىدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارغا شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ مېنىڭ ئىسمىم ئۇيغۇرچىدۇر. مەنىسى [ مەن سىنىڭ يارىڭلار! ]دېگەنلىكتۇر> دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىم ھېلىمۇ ئىسمدە. ئۇلار مېنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىمنى چۈشەنمەي: < شۇنداقمۇ؟ تولىمۇ مەنىلىك ئىسىمكەن. توۋا! شۋېدىيە تەرەپتىمۇ بىزنىڭ تىلمىزدا ئىسىم قۇيىدىغىنىنى بىلمەيدىكەنمىز> دەپ ساقاللىرىنى سىلاشقانىدى. ئەمەلىيەتتە <يارىڭ> دېگەن بۇ ئىسىم شۋېتلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كىشى ئىسمى بولۇپ، ئۇيغۇرچە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ۋەھالەنكى، مېنىڭ بۇ فامىلەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىككىنچى شەخىس ھالىتىدە < سىنىڭ يارىڭ> مەنىنى بىلدۈرىدىغان < يارىڭ> دېگەن سۆز بىلەن دەل چۈشكەنىدى. شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەردائىم ئويلىغىنىمدا ئىچ-ئىچىمدىن < مەن سىلەرنىڭ يارىڭلار! >___ دېگۈم كېلىدۇ»(36) دەپ يازىدۇ.

قېرىنداشلار نەزىرىدىكى قەشقەر

قەشقەرگە كەلگەن سەيياھلارنىڭ كۆپىنىچىسى ئاساسەن ياۋرۇپالىق، يەنە كىلىپ قەشقەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلاردىن ئانچە خەۋىرى بولمىغان، يەرلىكنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۆزلىرنىڭ تەتقىقاتىدا بولسۇن ياكى شۇ يەردە ياشىغۇچى خەلققە بولغان چۈشەنچىسىدە بولسۇن ھامان مەلۇم دەرىجىدىكى بىتەرەپلىمىكتىن خالى بولالمىدى. بىزگە يېقىن بولغان قېرىنداش مىللەتلەردىن قەشقەرگە كىلىپ تەكشۈرۈش، تەتقىقاتتا بولغانلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، 1858-يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتكەن چوقان ۋەلخانوفتىن سىرت، پەقەتلا XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا <ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت>كە كەلگەن نوشىرۋان يائۇشېفنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

نوشىرۋان يائۇشېف تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن كەلگەن سەيياھ بولغاچقا، يەرلىكتىن ئۇچۇر ئىگەللىشى ناھايىتى ئاسانغا چۈشكەن. قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايلا جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلىگەچكە ئەينى دەۋر كىشىلىرى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى خېلىلا ئىشەنچىلىك، خەلقنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاڭ قاتلىمى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى توغرا يۇرۇتۇپ بېرەلىگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقا سەيياھلارغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇ ئەينى دەۋردىكى ئىلغار بولغان مائارىپ قارىشى بىلەن قوراللانغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىچە مائارىپ ھەركىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنى روشەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ رېئالنى ئەمەلىيتىگە لىللا باھا بىرىپ، قېرىنداشلىرى بولغان بۇ خەلقلەرنىڭ ئەشۇ زەئىپ رېئاللىقىنى ئۆزگەتىش يولىدا كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغانىدى.

1914-يىلى نوشىرۋان يائۇشېف دۇنيانى ساياھەت قىلش ئىستىكىدە بولىدۇ. ئۇنىڭغا سەمەرقەندتە ئۇچراشقان بىر بۇخارالىق مۇدەررس دۇنيانى كېزىپ چىقىشنىڭ تەسلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بېرىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كۇچاغا يېتىپ كىلىدۇ. كېيىنكى يىلى 4-ئايدا قەشقەرگە يېتىپ كىلىدۇ، ئۇ قەشقەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى ئوتتۇر ئاسىيا بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ: «بۈگۈن ( 17-ئاپرىل) قەشقەرگە يېتىپ كەلدىم. قەشقەر خەۋەرلىرىنى ئىككىنچى مەكتۇبىمدا يازىمەن. ئالتە شەھەرنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلى ھەرجەھەتتىن مەركىزى ئاسىياغا ئوخشايدۇ. پەقەت مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى رۇسىيە ھامىيسىغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۈمۈر يوللار ياسىلىپ زامانىۋىي قوراللار كەلدى. تىجارەت، زىرائەت، ۋە مائارىپ ئىشلىرى بىر ئىزغا چۈشۈشكە باشلىدى. ئالتە شەھەردە بولسا پۈتۈن ئىش نۇھ پېتىچە قالدى، يارغۇغچاق بىلەن ئۇن تارتىش، لامپا ئورنىغا جىنچىراغ يېقىش، ساماۋەر ئورنغا قۇم چۆگۈن ئىشلىتىش، كوچىلاردا يالاڭ ئاياغ، يالاڭ تۆش، كالتە يەڭ پېتى يۈرۈش، قىزلىرىنى يات مىللەتلەرگە بېرىش، ئىسسىزلىق ھورۇنلۇق سەۋەبىدىن مۇھتاجلىقتا قېلىپ، دەرۋىشلىك، دىۋانىلىككە بېرىلىش، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتكە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ»(37)دەپ يازىدۇ.

نوشىرۋان يائۇشېف قەشقەر كوچىلىرى ۋە كوچا-كويلاردا بولىۋاتقان سۈرەن-چوقانلارنى كۆرۈپ بۇ خەلقىنىڭ شۇ دەرىجىدىكى مەدەنىيەتىسىزلىكىدىن ۋە نادانلىقىدىن چوڭقۇر ئېچىنىدۇ، كوچىلار ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: «كوچىلىرى بەك تار ھەم تەرتىپسىز، چاڭ-تۇزان كۆتۈرلۈپ تۇرىدۇ. شۇ تار ۋە چۇۋالچاق كوچىلاردا ئوتۇن ئارتىلغان ئېشەكلەر، مەپىگە چەككەن قاچۇرلار، ئىككى-ئۈچ كىشى مىنگىشىۋالغان ئاتلار، كارۋان تۆگىلىرى، بېلىگىچە ئۇچۇق يالىڭاچ ئادەملەر، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلار بىر-بىرى بىلەن قىستىلىشىپ يۈرىدۇ…. بۇ يەردە كوچا بويدا سۈرەن سالغۇچىلار، بىر تىيىن ئۈچۈن كوچىنى بېشىغا كىيىپ سوقۇشقۇچىلار، قىيامەت قايىم بولغاندەك ئورۇشىدىغانلار بەك كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن خوتۇن-قىزلارمۇ چەتتە قالمايدۇ. ئاتا بالىسى ئالدىدا، بالىسى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەرنى قىلىدۇ. بۇ ئىش بۇ يەردە ھېچقانچە ئەيىپ سانالمايدۇ. ئېرى خوتۇنىغا، خوتۇنى ئېرىغا ئاچچىقلىنىپمۇ، ئويناپ كۈلۈپمۇ ھەر قىسما ئۇياتسىز سۆزلەرنى ھەددى-ھىسابسىز قىلىۋىرىدۇ. بۇ يەردە ئوغۇللارنى بولسۇن، قىزلارنى بولسۇن ئوقۇتۇش، تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ.» (38)

نوشىرۋان يائۇشېف پۈتكۈل زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلانىڭ تىل-ئەدەبىياتى، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتىگە ئالاھىدە دىققەت نەزىرى بىلەن قاراپ ماڭىدۇ. قانداق قىلغاندا تىلىمىز بىلەن ئەدەبىياتىمىزنى، مائارىپىمىزنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ ھەمدە تىل بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ئاش بىلەن تۇزنىڭ مۇناسىۋىتىدەك قويۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ. ئۇ بەزىدە تىلىمىزنىڭ موللىقى ۋە ساپلىقىدىن سۈيۈنسە، بەزىدە كىشىلەرنىڭ سۆزلەرنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئەبجەش سۆزلەپ يۈرگەنلىكىدىن ئېچىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى ھىسياتىنى مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ: «ئالتە شەھەردە كورلا، كۇچا تەرەپلەردە سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۆز تىللىرىنى سۆيگەنلىكلىرىنى كۆرۈپ بەك سۈيۈنگەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىلىمىزنىڭ تۈزىلىشىگە چىمپۈتكەنىدىم. لېكىن قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى ئىمانىم بىراز يۇمشاپ قالدى. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرچە سۆزلەر بار تۇرۇقلۇق ئەرەپچە، پارىسچە سۆزلەرنى ئىشلىتىدىكەن. يېڭىچە ئۇسۇلدا ئوقۇتۇۋاتقان بىر مەكتەپنى كۆرۈشكە بارغانىدىم. مەن كىرىشىم بىلەن بالىلارغا قاراپ < قوموئا> دېدى. بالىلارنى ئوقۇتۇپ كۆرسەتتى. يېرىمى ئەرەبچە، يېرىمى پارىسچە، ئازراقى ئۇيغۇرچە يېزىلغان سۆزلەرنى ئۆگىنىپتۇ. ئوقۇغان سۆزلەرنى بالىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدۇ. نېمىشقا دېسەك، ئەرەبچە، پارىسچە، ئېسىت يېڭى مەكتەپكە. كونا مەدرىسە بولغان بولسىغۇ سۆزلەپ ئولتۇررۇشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى.» (39)

نوشىرۋان يائۇشفنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدە بىزنىڭ ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقا ۋە ئىتبار بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر نەرسە شۇكى،ئەينى دەۋردە خەلقىمىز خۇراپاتلىققا شۇ قەدەر بېرىلىپ كەتكەنكى، خۇراپىي ئىدىيلەر ئۇلارنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر ئورناپ، ئەڭ يوقىرى چەككە يەتكەنىدى. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ نوشىرۋان مۇنداق يازىدۇ: «ئىسلام ئالىمىدىكى خۇراپاتلىقلارنى سۆزلەپ، يېزىپ تۈگىتىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق خۇراپاتلار ھەرقانداق يەردە بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماكانى ئالتە شەھەردۇر. قەيەردە بىر بۇلاق بار بولسا ئۇ قانداقتۇر بىر ۋەلىنىڭ ئاياغ ئىزىدىن ياكى ھاسىسىنىڭ ئىزىدىن پەيدا بولغان دېيىلىدۇ. قانداقلا بىر جايدا يىغىلىش بولسا ئۇيەردە ۋەلىلەرنىڭ كارامەتلىرى سۆزلەنمەي قالمايدۇ. ئۇلار خۇراپاتلىقتا شۇقەدەر ئۇچىغا چىققانكى، ۋەلىلەرنى خۇدا دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. تاغ، تاش، شامال، يامغۇر، قار، بوران دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەلىلەرنىڭ كارامىتىگە باغلاپ سۆزلەيدۇ. دېمەك ئەۋلىيالارنىڭ كارامىتى ئاللانىڭ قۇدرىتىدىن ئۈستۈن قويۇلىدۇ.» (40) شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىللەت جەھەتتىكى يېقىنلىق نوشىرۋاننىڭ بىزدىكى ئىللەتلەرنى بايقىشى ۋە ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇشىنى ناھايىتى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى.

ئازات شەھەردىكى ئەجنەبىيلەر ئاۋازى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازات قىلىنىپ، خەلقنىڭ قاتمۇ-قات زولۇمدىن قۇتۇلۇپ، ھۆرلۈككە ئېرىشىشى قەشقەر تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىپ، يىڭى قەشقەر ۋە يېڭىچە ئاڭ-ئىدىيىدىكى قەشقەرلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇزاق زامانلاردىن بىرى خارلىنىپ، ئىزىلىپ كەلگەن ئاقكۆڭۈل خەلق يېڭىچە ھاياتتىن بەھىرلىنىشكە باشلىدى. بۇ دەۋر چەتئەلللىكلەرنىڭ بۇ قەدىمىي دىيارغا بولغان قىزىقىشىنى تېخمۇ قوزغىدى. بۇنىڭغا تىپىك مىسال سۈپىتدە ئازاتلىق ھارپىسىدا قەشقەرگە كەلگەن فرانسىيىلىك ئايال سەيياھ ئاننا فىلىفنىڭ بۇ شەھەر ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

ئاننا فىلىف 1948-يىلى نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ، ئۇ يەردىن يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە كىلىدۇ. قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر كارۋان ياللاپ قاراقۇرۇم ئارقىلىق پاكىستانغا يېتىپ بارىدۇ. ئەينى چاغدا جۇڭگو خەلقنىڭ ئازاتىلىق ئۇرۇشى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ دەۋردىكى قەشقەر ئەھۋالى ھەققىدە مۇھىم خاتىرىلەرنى يازىدۇ. بۇ چاغدا شىنجاڭدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانسى پاكىستاننىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كولسۇلخانسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنىدى. ئاننا دۆلىتىگە قايىتقاندىن كېيىن «ئاسىيا كارۋىنى» دىگەن كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ.

ئاننا كىتابىدا قەشقەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ زىمىننى < غەربىي شىمالدىكى گۈزەل بوستانلىق>،< بىر پارچە گۆھەر> ۋە < قوملۇق جەننىتى> دىگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلەيدۇ، شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ باھار پەسلىنىڭ ئىللىق، كۈز پەسلىنىڭ مول ھۇسۇل شاتلىقىغا چۆمگەن، كۈزدە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان باياشات، گۈزەل مەنزىرىسىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ يەنە قەدىمىي قەشقەرنىڭ خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبى ئۈسىتىدە توختۇلۇپ : « بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەپ بولغان، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىكنىڭ بارغانسىرى ئېغىرلىشىشى سانساناقىسىز يېزا-كەنت، شەھەرلەرنى، بىپايان تۈزلەڭلىكلەرنى دەشتى-چۆللەرگە ئايلاندۇرۋەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممسى قۇم ئاستىغا غەرق بولدى. ئىرانلار ۋە تۇرانلار ئوتتۇرىسىدىكى قالايمىقان يېغىلىقلار بۇ يەرنىڭ سۇ ئىنشاتىنى ۋەيران قىلدى، قۇم دۆۋىلىرى ئۆستەڭ-كۆللەرگە ھۇجۇم قىلدى، خەلقنىڭ جان تومۇرى بولغان دەريا سۇلىرى ئىزدېرەكسىز غايىپ بولدى.» (41) دەپ يازىدۇ.

ئاننانىڭ قەلىمى ئاستىدا قەشقەردىكى يېڭى ھايات ۋە يېڭىچە كەيپىيات ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مونۇلارنى يازىدۇ: « شۇ چاغدا قەشقەر ئاسمىنى زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇپ، ھەممە يەر ئالتۇن رەڭ ياپراقلار ۋە قۇملار بىلەن بىزەلگەنىدى، بۇنداق رەڭدارلىقنى ھەر كۈنى، ھەر ۋاقىت، ھەر دەقىقە ئۇچراتقىلى بولاتتى. بۇ تىنىچ شەھەر ھەر پەيشەنبە___ بازار كۈنى ئالاھىدە جانلىنىپ كېتەتتى، مەسچىتلەر، قۇپقورۇق مەيدانلار بايرام كەيپىياتىغا چۆمەتتى. سودىگەرلەر توپ-توپى بىلەن تەرەپ-تەرەپلەردىن بۇ يەرگە كېلەتتى، ئېشەك، تۆگە كارۋانلىرى قىستا-قىستاڭ ئىچىدە ئۇياق- بۇياققا ئۆتۈپ تۇراتتى. ئۇ يەردە كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋە، پاختىلىق ۋە يىپەك بۇيۇملار، خۇشپۇراق ماتىرىياللار ۋە ئۇن، خۇرۇم ماللار، ئىگەر ۋە باشقا ئات جاپدۇقلىرى، زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى، توخۇ،قوي، يۇڭ ۋە بۆزدىن توقۇلغان خورجۇن، چاي، گۈرۈچ، سەرەڭگە، تۈمۈر ئەسۋاپ قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ سودىسى بۇلاتتى. بۇلارنىڭ ھەممسى ئېلىپ -سېتىلاتتى ياكى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلاتتى، ئاياللار بېشىدىن ئايىغىغىچە يۆگەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چاپان كىيدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسنى قوزغايتتى. كىشىلەر ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان جاي مەدداھلار ۋە ئەلنەغمىچىلەر ئولتۇرغان يەر بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى چۆرىدەپ توپلاشقانىدى، ياشانغانلار ۋە بالىلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىزغىن تاماشابىن ئىدى. ئۇلار بىر ئولتۇرغانچە بىر قانچە سائەتلەپ داستان ياكى ساز ئاڭلايتتى، ئاڭلىغاندىمۇ ناھايىتى بىرىلىپ، زور ئىشتىياق بىلەن ئاڭلايتتى. بۇنداق نومۇرلاردىن بەھىرلەنگۈچىلەر ئىچىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشىلىرى كەمدىن-كەم بولۇپ، پەقەت تەرتىپ ساقلىغۇچى خەنزۇ ساقچىلارلا ئۇ يەردە بولاتتى.» (42) مانا بۇ قەشقەردىن ئىبارەت قەدىمي دىيارنىڭ يېڭى دەۋر ھارپسىدىكى قايناق بازار ھاياتى ۋە تىرىكىچىلىك ئۇسۇللىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، قەشقەر خەلقنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ بىر چەتئەللىك نەزىرىدىكى تەبىئىي ئىنكاسى.

ئاننا قەشقەردىكى يڭېچە ھايات توغرىسدا مۇنداق يازىدۇ: « ئەينى ۋاقتتا چىنباغدا بولۇشقا تېگىشىلىك ھەممە ئۈسكىنە-جابدۇقلار تولۇق ئىدى. ئۇ يەردە تەملىك چايلارنى ئىچكىلى، بولكىلارنى يىگلىكى، مۇنچىلارنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگىلى بولاتتى، ھۇجۇر ئۆيلەردە قەدىمىي كىتابلار، ئوتسىز تام مەشلىرى ۋە ئارام بەخىش كرىسلولار بار ئىدى. كىشىلەر بەزىدە دالىلاردا ئات چاپتۇرسا، بەزىدە قەشقەرنىڭ سىرلىرىنى ئىزدەپ ئۇياق-بۇياققا يول ئالاتتى. خەلق كاستۇم كىيىپ، گالاستۇك تاقاپ، ئۇچلۇق بەتىنگىلەرنى كىيشكە باشلىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەرنىڭ ئاللىقاچان يېقىنقى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەتتى.» (43)

بىز چەتئەللىك سەيياھلارنىڭ قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمي مەدەنىيەتلىك شەھەر ھەققىدىكى ئوخشاش بولمىغان بايانلىرىدىن بۇ مۇقەددەس دىيارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە بولغان تارىخى جەريانى توغرىسىدا مەلۇم تۇنۇش،تەسىراتقا ئىگە بولالايمىز. كىشى ئۆز يۈزىدىكى قارىنى ۋە ۋۇجۇدىدىكى ئىللەتنى بايقاشتىن ھامان ئاجىز كىلىدۇ ھەم بىر خالىس ئەينەككە مۇھتاج بولىدۇ. مۇشۇ نوقتىنى چىقىش قىلغاندا، گەرچە چەتئەللىكلەرنىڭ كۆز- قاراشلىرى مەلۇم دەرىجىدىكى بىتەرەپلىمىك ۋە خاتا چۈشەنچىدىن خالى بولالمىسىمۇ، قەشقەر ۋە قەشقەلىكلەرنى،جۈملىدىن پۈتۈن مىللىتىمىزنى، ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئىزاھاتلار:

1. لاڭ يىڭ: « <قۇتادغۇبىلىك> ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىلى 12-ئاي نەشرى، 19-20-بەتلەر.

2. پرژىۋالىسكىي: « لوپنۇرغا سەپەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل، خەنزۇچە نەشرى، 287-بەت.

3. ئەسەت سۇلايمان: « تارىم قوۋۇقى چىكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 3-ئاي نەشرى، 3-بەت.

4. ماركوپولو: « ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىلى 2-ئاي نەشرى، 82-83-بەتلەر.

5. ۋېي چاڭخوڭ، خې خەنمىنلەر تۈزگەن: « چەتئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ غەربىي يۇرت ساياھەت خاتىرىلىرى»، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشرىياتى( خەنزۇچە)، 1994-يىلى 9-ئاي نەشرى، 72-بەت.

6. چوقان ۋەلىخانوف: «قەشقەر»، ۋېي چاڭخوڭ، خې خەنمىنلەر تۈزگەن: «چەتئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ غەربىي يۇرت ساياھەت خاتىرىلىرى»، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشرىياتى( خەنزۇچە)، 1994-يىلى 9-ئاي نەشرى، 74-بەت.

7.چوقان ۋەلىخانوف: «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، 2001-يىل 2-سان،49-50-بەتلەر.

8.يۇقارقى ژۇرنال، 44-بەت.

9. يۇقارقى ژۇرنال، 50-بەت.

10. ئا.ن.كوروپاتكىن: «قەشقەرىيە»، «نەشرىيات ئىلاۋىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1995-يىلى 5-ئاي نەشرى 1-بەت.

11. يۇقارقى كىتاب ، «مۇقەددىمە»،3-بەت.

12. يۇقارقى كىتاب، 5-بەت.

13. يۇقارقى كىتاب، 37 -بەت.

14. 罗伯特•沙敖:《一个英国商人的冒险》, 新疆人民出版社,2003年9月版

15. 罗伯特•沙敖:《一个英商人的冒险》, 新疆人民出版社,2003年9月版,第206页

16. 同上,第207页

17.罗伯特•沙敖:《一个英商人的冒险》, 新疆人民出版社,2003年9月版,第230页

18.《丝绸之路与文明的对话》,中国中外关系史学会、暨南大学文学院主编,新疆人民出版社,2007年5月版,第207页

19. كاتارىن ماكارتىنىي: «قەشقەرنى ئەسلەيمەن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى 9-ئاي نەشىرى، كىرىش سۆز،3-بەت.

20. يۇقارقى كىتاب ، 82 -بەت.

21. يۇقارقى كىتاب، 38-39-بەتلەر.

22. كاتارىن ماكارتىنىي: « قەشقەرنى ئەسلەيمەن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى 9-ئاي نەشىرى ،57 -بەت.

23. يۇقارقى كىتاب ،76-77 -بەتلەر.

24. يۇقارقى كىتاب، 67-بەت.

25. دىئاننا سىپتون: «قەدىمىي ماكان»،«مۇقەددىمە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى 9- ئاي نەشرى، 2-بەت.

26. يۇقارقى كىتاب، «مۇقەددىمە»، 3-بەت.

27. يۇقارقى كىتاب ، 204-بەت.

28. يۇقارقى كىتاب، 206-بەت.

29. لى جۈن، دېڭ مىياۋ: «سۋېن ھېدىن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىلى 3-ئاي نەشرى، 22-بەت.

30. سۋېن ھېدىن: «ھايات- ماماتلىق باياۋان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىلى 8-ئاي نەشىرى، 118-بەت.

31. گۇننار يارىڭ: «قەشقەرگە قايتا سەپەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىلى 9-ئاي نەشرى، 110-111-بەتلەر.

32. يۇقارقى كىتاب، 113-بەت.

33. يۇقارقى كىتاب ، 114-بەت.

34. يۇقارقى كىتاب، 190-191-بەتلەر.

35. گۇننار يارىڭ: «قەشقەرگە قايتا سەپەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىلى 9-ئاي نەشرى، 213-بەت.

36. ئەسەت سۇلايمان: «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006-يىلى7-ئاي نەشرى، 232-233-بەتلەر.

37. نوشىرۋان يائۇشېف: «ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت»، «مىراس»، 2005-يىللىق 2-سان، 11-بەت.

38. يۇقارقى ژۇرنال، 16-بەت.

39. يۇقارقى ژۇرنال ، 2005-يىللىق 4 -سان، 43-بەت.

40.يۇقارقى ژۇرنال، 2005-يىللىق 3-سان،50-بەت.

41 .《丝绸之路与文明的对话》,中国中外关系史学会、暨南大学文学院 主编,新疆人民出版社,2007年5月版,第227页

42. 同上,第227页

43. 同上,第227页

بۇ ماقالە « مىراس » ‍ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.

ئابابەكرى ئابدۇرەشىد