ئاپپاق خوجا ھەققىدە بىر نەچچە ئىغىز سۆز

ئاپپاق خوجا ھەققىدە بىر نەچچە ئىغىز سۆز(1) ، ئەخمەتجان ھەسەن

ئەخمەتجان ھەسەن

17–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىن تاكى بۈگۈنگىچە، خەلقىمىز ئارىسىدا «ئاپپاق خوجا»نامى بىلەن مەشھۇر بولغان، يەكەن خانلىقىنى جۇڭغار خانلىقىغا يەم قىلىپ بىرىش بەدىلىگە 80 يىل داۋاملاشقان خوجا – ئىشانلار «ئىلاھىي خانلىقى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن، «ئىشقىيە» (ئاقتاغلىقلار)گۇرۇھىنىڭ ئۈچىنىچى ئەۋلاد پىرى مۇرشىدى خوجا ھىدايەتۇللا ئىشان، 15 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىن باشلاپ مەخدۇم ئەزەم، خوجا ئەھمەد كاسانىي ياكى خوجا دەھبىدىي تەخەللۇسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ، ھىندىستان، ئافغانىستان، كەشمىر، بەدەخشان قاتارلىق جايلارغا تونۇلغان،نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ 5–ئەۋلاد پىرى مۇرشىدى سەييىد ئەھمەد ئىبىن مەۋلانە جالالىددىن خوجا دەھبىدىي (1461 –1542) نىڭ چەۋرىسى ئىدى.
ئاپپاق خوجا (1626– 1694) 68 يىللىق ھاياتىدا، تەرىقەت تارقىتىپ، مۇرىت توپلاپ، تەسىرىنى كىڭەيتىشتە بولسۇن ياكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتا بولسۇن، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1348 – 1363) نىڭ ئىمان ئىيتىشىغا گۇۋا – شاھىت بولغان جالالىددىن كەتەكىي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا مەۋلانە ئەرشىددىن، نەۋرىسى ئەبۇل فەتتاھ خوجا، چەۋرىسى فەخرىددىن خوجا، ئۇلاردىن كىيىن سوپىزىم ئەقىدىلىرىنى تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرار ۋەلى (1404 –1490) نىڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى شۇنداقلا ئۇلاردىن كىيىنكى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان خوجا مۇھەممەد شىرىپلارنىڭ ھەرقاندىغىدىن ئىشىپ كەتتى. ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. كىشىلەر ئاپپاق خوجا ھايات چىغىدا ئۇنىڭ تاپىنىغا باش ئۇرغان بولسا، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ۋە سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
مەخدۇم ئەزەم نامى بىلەن تونۇلغان خوجا ئەھمەد كاسانىنىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەمىن (خوجا كالان ياكى ئىشان كالان)، ئۇنىڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ (مازار پادىشاھ – بارلىق مازار – ماشايىخلارنىڭ پادىشاھى دىگەن مەنىدە بولۇپ ئۇنىڭ ئۇنۋانى) ياكى (فەيزۇل ئەنۋار — پۈتكۈل جاھانغا پەيزى چاچقۇچى دىگەن مەنىدە بولۇپ ئۇنىڭ ئۇنۋانى)، ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ئاپپاق (ھىدايەتۇللا ئىشان) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەكەن خانلىقىدىكى ھاياتى پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بىرىش، بولۇپمۇ ئاپپاق خوجىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي شەخىسنى تەتقىق قىلىش، سوپىلىق ئەۋىج ئالغان ئاشۇ بىر دەۋىرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى، كىشىلەرنىڭ روھىي – ھالىتىنى چۈشۈنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يەكەن خانلىقى ئاغدۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئاپپاق خوجىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى
ئاپپاق خوجىنىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايەتۇللا (1626 – 1694) بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ھاجى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا (مەخدۇم ئەزەمنىڭ نەۋرىسى) ئىدى. ئاپپاق خوجا نەقشىبەندىيە تەرىقىتى ئاق تاقىيە (ئاق دوپپىلىقلار، ئاق دەستارلار ياكى ئاق تاغلىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گۇرۇھىنىڭ باشلىقى، يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىدىن كېيىنكى قورچاق ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانىدۇر.ئۇ 1626 – يىلى قۇمۇلدا ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋلادى (سەييىد) دەپ ئاتىۋالغان ئىشانلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. دادىسى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ (مازار پادىشاھ، ياكى فەيزۇل ئەنۋار) مەخدۇم ئەزەمنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد ئەمىن (ئىشان كالان)نىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، سەمەرقەنىدنىڭ دەھبىد دىگەن يىرىدىن كەلگەن.ئاپپاق خوجىنىڭ چوڭ دادىسى خوجا مۇھەممەد ئەمىن (خوجا كالان ياكى خوجا ئىشان كالان) بولسا، تەسەۋۋۇپنىڭ «ئىشقىيە» (ئاق دەستارلار) تەرىقىتىگە باشچىلىق قىلغان بولۇپ، مەخدۇم ئەزەم بالىلىرىنىڭ چوڭى ئىدى.
خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ (مازار پادىشاھ ياكى فەيزۇل ئەنۋار) نىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، قەشقەر ۋە قۇمۇللارغا كىلىشىگە نىمە سەۋەپ بولدى؟ دىگەن سۇئالغا، خوجا – ئىشانلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى خاتىرلەنگەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي تەزكىرە ۋە قوليازمىلاردا ئېنىق جاۋاپ بىرىلگەن .
«ئىخلاسمەنلەرنىڭ سېرى» (مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى) دة: «مەخدۇم ئەزەمنىڭ 4 ئايالى بولۇپ، ئۇلاردىن 24 نەپەر پەرزەندى بار ئىدى. ئۇنىڭ 13 نەپىرى ئوغۇل، 11 نەپىرى قىز ئىدى. چوڭ خوتۇنى ئۆز ئانىسىنىڭ ئوغۇل بىر تۇققىنىنىڭ قىزى ئىدى، قىينىئاتىسىنىڭ ئىسمى مىر سەييىد يۈسۈپ ئىدى. بۇ ئايالىدىن 4 ئوغۇل ئىككى قىز پەرزەنىتلىك بولغانىتى. چوڭ ئوغلىنىڭ مۇبارەك ئىسملىرى مۇھەممەد ئەمىن خوجام بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئىشان كالان» دەپ نام ئاتاق بىرىلگەنتى. ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەم پادىشاھىم ئالەمى فانىدىن ئالەمى باقىغا رىھلەت (سەپەر) قىلىشتىن بىر يىل ئىلگىرى، ئىشان كالان پادىشاھىمغا بىشارەت بەردىكى، بارچە ھەزرىتى خاجەگانلار سىزنى بىزلەرگە يول باشلىغۇچى بولۇشقا بەلگىلىدى دەپ، ھەممە يارانلىرىغا ئىيىتتىلەركى، مەندىن تىلىگەن ھەر قانداق نەرسىنى بالام ئىشان كالاندىن تىلەڭلار دىدى، ھەزرىتى ئىشان كالان ئەدەپ ساقلاپ تۇردى. ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەم پادىشاھىم ئىيىتتىلەركى، بۈگۈن خۇدايىتەئاللانىڭ كارخانىسى سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتتى دۇئا قىلىڭ دەپ دۇئا تىلىدى. ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىم دۇئا قىلدى، ھەممە ئۇنىڭغا ئەگەشتى.بىر يىلدىن كىيىن ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەم پادىشاھىم ئالەمى فانىدىن ئالەمى باقىغا سەفەر قىلدى، ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىم ئىشانلىق ئورنىدا ئولتۇردىلەر.خوجا ئىسھاق ۋەلى باشقا ئانىدىن ئىدى، ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىمنىڭ ئىشانلىق ئورنىدا ئولتۇرغىنىغا زىيادە ھەسەد قىلدىلەر، ئاندىن ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىمنى ھالاك قىلماقنىڭ قەستىگە چۈشتى. ئاخىر خوجا ئىسھاق ۋەلى ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىمنى مىھماندارچىلىققا چاقىرىپ، ئېشىگە زەھەر سېلىپ بەردى.ھەزرىتى ئىشان كالان يېنىپ كەلگەندىن كىيىن، مازار پادىشاھىم دەپ ئاتالغان چوڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپكە ئىيىتتىلەركى، ھەرگىز بۇ دىياردا تۇرمىغىن، بۇلارنىڭ ئاداۋىتى بىزلەردىن تا دەۋرى قىيامەتكىچە كەتمەس، بۇ خۇددى ئەرەبلەر ئىچىدىكى ھاشىم جەمەتى بىلەن ئۇممەۋىيىلەر جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىككە ئوخشاشتۇر. جانابى شان-شەرەپلىك خوجىلار سىزنى پېقىرنىڭ خادىمى قىلىپ موغۇلىستان ئىچىگە بارسۇن دەپ، توغرا يولغا باشلاشنىڭ ئاچقۇچىنى سىزنىڭ قولىڭىزغا بەردى، سىزنىڭ تۇرۇش جايىڭىز، ۋافات بولىدىغان ماكانىڭىز، پەرزەنىت ئەۋلادلىرىڭىز، نەۋرە – چەۋرىلىرىڭىز، سوپىلىرىڭىز ۋە مۇرىت – مۇخلىسلىرىڭىز موغۇل دىيارىدا بولىدۇ.دەپ ۋەسىيەت ھەم نەسىھەتلەرنى تامام قىلىپ، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنى بىرىپ، ئالەمى فانىدىن ئالەمى باقىغا سەفەر قىلدى.»دىمەك، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ دادىسى خوجا مۇھەممەد ئەمىن (خوجا كالان ياكى ئىشان كالان) دادا بىر ئانا باشقا ئىنىسى خوجا ئىسھاق ۋەلىنىڭ قولىدا ئەجەل شەربىتى ئىچىپ، پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە سەفەر قىلغاندىن كىيىن، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ دەھبىدتە دادىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنىلىرى خوجا قاسىم، خوجا ھاشىم ۋە خوجا سالىھلار بىلەن خوشلۇشۇپ ھەجگە بارىدۇ ۋە مەدىنىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىككى مەرتىۋە ھەج قىلدى دىگەن گەپمۇ بار. ھەجدىن قايتاشىدا دادىسىنىڭ «ۋەسىيەت ھەم نەسىھەتىگە» ئاساسەن 1620 – يىللىرى قەشقەرگە كىلىدۇ. بۇ يەكەن خانلىقى تەۋەسىدە «ئىسھاقىيە» كەڭ تارقىلىپ زور تەسىرگە ئىگە بولغان بىر ۋاقىت ئىدى. خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «ئىسھاقىيە» گە قارشى سۇلۇك نەزىرىيەلەرنى تارقىتىشى تەبىئىي ھالدا «ئىسھاقىيە» نىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغاپ، يەكەن خانلىقىدا ئىككى مەزھەب، گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈپ، زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ قانلىق توقۇنۇشقا سەۋەپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1622 – يىللىرى يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد خانى ئابدۇللەتىف خان «خانلىقنىڭ ئامانلىقىغا خەۋىپ يەتكۈزگەن» خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنى يەكەن خانلىقىنىڭ مەركىزىي رايۇنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.

«ئىخلاسمەنلەر سېرى» (مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى) دة، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قۇمۇلغا كېلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا : «بىر كىشى بىر كەنىتكە ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى باشلاپ كېلىشكە قەدەم قويسا، ئەۋەل ئۆستەڭنىڭ ئاياغ تەرىپىگە بېرىپ، ئۆستەڭنىڭ قىرغاقلىرىدىكى تۆشۈكلەرنى مەھكەم ئېتىپ، ئاندىن ئۆستەڭنىڭ باش تەرىپىگە بارىدۇ، شۇ ۋەجىدىن ھەزرىتى مازار پادىشاھىم موغۇلىستان كەنىتلىرىنىڭ تۈگەنچىسى بولغان قۇمۇلغا قەدەم باستى.»دېيىلگەن . شۇنداق قىلىپ خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ قەشقەردىن ئايرىلىپ تەخمىنەن 1624 – يىللىرى قۇمۇلغا كېلىپ «چىقتىم» دىگەن جايدىكى بىر ئۆڭكۈردە ئىستىقامەت بىلەن ياشايدۇ. ئۇ كىشىلەرگە «تەقۋادار كىشى ئىكەن» دەپ تونۇلغاندىن كېيىن، قۇمۇل شەھرىگە كېرىپ، بۇ يەردە قەشقەر بەشكىرەمنىڭ قاراساقال دىگەن جايىدىن كۆچۈپ چىققان مىر سەييىد جىلىل دىگەن دىنىي ئۆلىما بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئۇنىڭ قوللىشىغا ھەم ياردىمىگە ئىرىشىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ قىزى زۇلەيخا بىگىمنى ئەمرىگە ئالىدۇ. خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ قىينىئاتىسى مىر سەييىد جىلىل قەشقەرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا ئىشانلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قۇمۇل تەۋەسىدە خانىقا بىنا قىلىپ، مۇرىت قوبۇل قىلىپ، «ئىشقىيە» سۇلۇكىنىڭ ئەقىدە – تەلىماتلىرىنى تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ نام چىقىرىشقا باشلايدۇ.كېيىنكى كۈنلەردە «ئاپپاق خوجا» دىگەن نام بىلەن داڭق چىقارغان خوجا ھىدايەتۇللا 1626–يىلى مانا شۇ خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ بىلەن زۇلەيخا بېگىمنىڭ ئائىلىسىدە قۇمۇلدا دۇنياغا كېلىدۇ.
«ئىخلاسمەنلەر سېرى» (مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى) دىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، «ھەزرىتى مازار پادىشاھىم موغۇلىستان كەنىتلىرىنىڭ تۈگەنچىسى بولغان قۇمۇل خەلىقىنى بىر مەزگىل ھىدايەت يولىغا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن ۋىدالىشىپ بىر جەيناماز، بىر ھاسسا ۋە بىر مەسنەۋى شېرىپ كىتابىنى ئىلتىپات قىلىپ قەشقەرگە يېنىپ كەلدى. باشقا شەھەرلەرگە قارىغاندا، قەشقەر شەھىرى مازار پادىشاھىمنىڭ دىلىغا بەكرەك ياقتى، قەشقەر خەلقىنى ئۆزىنىڭ خادىملىرى، چاكارلىرى ۋە كېنىزەكلىرى دەپ ھىسابلىدى، قەشقەرنى ئۆزىنىڭ ياشاش جايى ۋە ئاخىرقى مەنزىل ماكانى قىلىپ تاللىدى، شۇ چاغلاردا جانابى ئاپپاق خوجام 11 ياكى 12 ياشلاردا ئىدى»دىيىلىدۇ.
دىمەك، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئوغلى خوجا ھىدايەتۇللا 11- 12 ياشلارغا كىرگەندە قۇمۇلدىكى تاپاۋىتىگە قانائەت قىلماي، تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كىڭەيتىش مەقسىتىدە بۆلەك يۇرىتلارنى ياقتۇرماي قەشقەرنى خالاش باھانىسى بىلەن 1638 – يىللىرى بالا –چاقىلىرى ۋە بىر قىسىم مۇرىت – مۇخلىسلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قۇمۇلدىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، قىينىئاتىسى مىر سەييىد جىلىل قەشقەرىنىڭ قەشقەر بەشكىرەم قاراساقالدىكى زېمىنىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە شۇ جاينى دەسلەپكى بازا قىلىپ تۇرۇپ، «ئىشقىيە» سۇلۇكىنىڭ ئەقىدە – تەلىماتلىرىنى داۋاملىق تارقىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئۆزى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن مۇرىت –مۇخلىسلىرىنىڭ تەشۋىقات، تەرغىباتلىرى بىلەن «ئۇلۇق كىشى»بولۇپ تونۇلىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئىشانلىق سورۇنىغا داخىل بولغۇچىلارمۇ بارا –بارا كۆپىيىشكە باشلايدۇ.ئاشۇ چاغلاردا خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىلا شەھەرگە جۈمە نامىزى ئادا قىلىشقا كىرىپ، يەنە بەشكىرەمگە قايتىپ چىقىپ شۇ ھالەتتە بىر مەزگىل ئۆتىدۇ.
خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قەشقەردە ئۆزىنى قانداق تونۇتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار، «تەزكىرەئى خوجا ئاپپاق»تا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، «ھەزرىتى مازار پادىشاھىم بەشكىرەمنىڭ قاراساقال دىگەن جايىدا ئىستىقامەت قىلىپ تۇردى، ھەر جۈمە كۈنى شەھەرگە كېرىپ، ناماز جۈمەنى ئادا قىلىپ يانار ئىدى. ئول ۋاقىت ئابدۇللاخاننىڭ زامانلىرى ئىدى. ئابدۇللاخاننىڭ بىر خادىمى ھەزرىتى مازار پادىشاھىمغا ئىخلاس ئەقىدە قىلىپ يۈرەر ئىدى. بىر كۈنى ئابدۇللاخان ھەممە ئۆلىما – فازىللارنى يېغىپ، ئۇلاردىن خوجا ھافىز شىرازىنىڭ بىر بېيىتىغا مەنا ئېيتىپ بىرىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ھىچكىم مەنا ئېيتىپ بىرەلمىدى. خاننىڭ دىلى قانائەت ھاسىل قىلمىدى.ھەزرىتى مازار پادىشاھىم سورۇنىنىڭ دائىمىلىق ئەزاسىغا ئايلانغان خاننىڭ خادىمى ئېيىتتىكى، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىگە ۋە تەلەپلىرىگە لايىق مەنانى بىر دەرۋىش فازىل، سەييىد كېشى بار، شۇ ئەيتادۇر دىدى.خان ئېيىتتىكى، ھەر كىشى ئۇشبۇ بىيىتقا كۆڭۈلدىكىدەك مەنانى ئېيىتسا، مەن ئۇنىڭغا ئىختىيارىمنى تاپشۇرۇمەن دىدى. ئەتىسى مازار پادىشاھىم جۈمە ئوقۇغىلى شەھەرگە كىردى. ناماز جۈمەدىن يېنىپ تۈمەننىڭ بويىدىن ئۆتۈپ بارار ئىدى، خاننىڭ خادىملىرى راۋاق ئۈستىدە تۇرۇپ ھەزرىتى مازار پادىشاھىمنى ئابدۇللاخانغا كۆرسەتتى. يىراقتىن ئابدۇللاخاننىڭ نەزىرى ھەزرىتى مازار پادىشاھىمغا چۈشتى، ئۇنىڭدىن بىر نۇرنى كۆردىكى، ھەممە جاھان نۇر –نۇر بولۇپتۇرلەر، ئۇنىڭ ھەيبەتلىرى ئابدۇللاھخانغا تەسىر قىلدى. ئابدۇللاخان بۇيرۇدىلەركى، مېنىڭ تايچىقىمنى ئالتۇن ئىگەر جابدۇق توقۇپ خىزمەتلىرىگە ئېلىپ بىرىڭلار دىدى، ئىشان خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئىشەكدىن چۈشۈپ ئاتقا مېنىپ، ئاندىن ئاتتىن چۈشۈپ ئىشەكگە مىندىلەر، ئاتقا خوجا ئاپپاقنى مىندۈرۈپ سورىدىلەركى، ئى خاجە ئاپپاق ئۆزىڭىزنى نىچۈك كۆرەرسىز؟ ھەزرىتى خاجە ئاپپاق –ئۆزۈمنى بىر پادىشاھى جاھان كۆرەدۇرمەن دەپ نەپەس قىلدىلەر، ئابدۇللاخان ھەزرىتى مازار پادىشاھىمنى ئوردىغا باشلاپ ئۇنىڭغا ئالىي ئىززەت – ھۆرمەت بىلدۈردى. خان ھەزرىتى مازار پادىشاھىمنىڭ خوجا ھافىز شىرازىنىڭ بىيىتىغا ئېيتىپ بەرگەن چۈشەندۈرۈشىدىن ئاجايىپ سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭغا قول بىرىپ، مۇبارەك قەدەملىرىگە بەشكىرەمنى نەزىرە قىلىپ بەردى»دىگەن مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان. بۇنىڭدىن خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قەشقەرگە كېلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئابدۇللاخان ھوزۇرىدا ئۆزىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن نامايىش قىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز.بۇ ئۇنىڭ قەشقەردە ئۆزىنى تونۇتۇشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولۇپ، يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئابدۇللاخان ئالدىدا زور شۆھرەت قازىنىدۇ.خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئۆزى ئىشەككە مېنىپ، ئوغلى خوجا ھىدايەتۇللا (ئاپپاق خوجا)نى ئاتقا مىندۈرۈشى، پۈتۈنلەي ئوغلىنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەش، ئۇنى تەربىيلەپ گۇرۇھ بىشى قىلىش ۋە ئۇ ئارقىلىق «ئىشقىيە» گۇرۇھىنىڭ تەسىرىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن بولۇپ، خوجا ئاپپاقنىڭ «ئۆزۈمنى بىر پادىشاھى جاھان كۆرەدۇرمەن»دىيىشىدىن، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا مەنمەنلىك، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كۆرەڭلەپ، تاجۇ –تەخىت، نام – ئاتاق، مال – دۇنيا كويىدا يۈرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
يەنە بىر مۇھىم ۋەقە ئاشۇ چاغلاردا ئۇنىڭ «مۇرىتلىرىدىن يار مۇھەممەد باي ئىسىملىك قوغانلىق نامدار ۋە زېمىندار بىر سوپى، خامان تەييارلاپ ھەزرىتى مازار پادىشاھىمنى كۈتۈپ تۇراتتى، ھەزرىتى مازار پادىشاھىم يىتىپ كەلدى. يار مۇھەممەد سوپىنىڭ تەلىپى بويىچە خامانغا قول تەككۈزۈپ بەردى، خامان تەۋرەپ كەتتى. خاماننى يارمۇھەممەد باي بارلىق ئادەملىرى بىلەن ئۈچ كىچە – كۈندۈز توشۇپمۇ تۈگىتەلمىدى. ئامبار، ساڭلىرى لىق تولدى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ يەرلىرىمۇ لىق تولدى، لېكىن توشۇپ تۈگىتەلمىدى. ئول ۋاقىتتا شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئۈچ ئىدى، ھەممە خەلىق خاننىڭ ئەمرى بىلەن شەھەرنىڭ سېپىلىنى تېشىپ دەرۋازا قىلدى، يول يىقىن بولدى. بۇ تۆشۈك دەرۋازا دەپ ئاتالدى، شۇندىن ئىتىبارەن شەھەر دەرۋازىسى تۆت بولدى. يار مۇھەممەد باي ھەزرىتى مازار پادىشاھىمنىڭ كارامەتلىرىدىن ھەيرانۇ ھەس قىلىپ، خامان قىلغان يەرلىرىنى ھەممە زېمىنلىرىنى بۇ زاتى شەرىفنىڭ مۇبارەك قەدەملىرىگە نەزىر قىلدى. بۇ پاك زېمىن — رەۋزى مۇبارەكنىڭ ئورنى گۈمبەز، مەسجىد، خانىقا، كۆل ھەم باغلارنىڭ ئورنى بۇ 5 پاتمانلىق7 يەر – زېمىنلەرنى ۋەقپى قىلىپ، ئۆزى مازار پادىشاھىمنىڭ خىزمىتىدە بولدى.»8شۇنداق قىلىپ خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ قەشقەرگە كېلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئابدۇللاخان ئىنئام قىلغان بەشكىرەم ۋە سوپى مۇرىتى يار مۇھەممەد باي ھەدىيە قىلغان ياغدۇ دىگەن يەرلەرگە ئىگە بولىدۇ ھەم دەسلەپتە ئاشۇ جايلارغا خانىقا سېلىپ جەھرى سۆھبەتلەر بىلەن ئىشانلىقنى قانات يايدۇرۇدۇ. بەشكىرەم خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ قەشقەرگە كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى جەھرى ساما سالىدىغان ۋە ئىشانلىق تەشۋىقات، تەرغىباتى ئىلىپ بارىدىغان جاي بولغان بولسا، ياغدۇ خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىگاھىغا ئايلىنىپ، تەدرىجى ياغدۇ دىگەن يەر نامى ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىنى «ھەزرەت» ياكى «ئاپپاق خوجا مازىرى» دىگەن ناملار ئىگەللەيدۇ. بارا – بارا بۇ يەرلەر قەشقەرنىڭ، «ئىشقىيە» (ئاق دەستارلار، ئاق تاقىيەلىقلەر ياكى ئاق تاغلىقلار) چىلەرنىڭ ئاساسىي پائالىيەت مەركىزىگە ئايلىنىشىنى زۆرۈر بولغان سورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ.

خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قۇمۇلدىن قەشقەرگە كىلىشتىكى مەقسىتى – يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى يەكەنگە يېقىنراق تۇرۇپ، بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ئىسھاقىيە» چىلەرنىڭ ئالىي رەھبىرى خوجا شادى (خوجا يەھيا) نىڭ 1642 – يىلى قازا قىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، «ئىسھاقىيە» چىلەرنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان يەكەن رايۇنىغا سېڭىپ كېرىپ ئۆز تەسىرىنى تىكلىمەكچى بولىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا، ئىسھاقىيە سوپىلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن خەۋەر تاپقان خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، زور دەبدەبە بىلەن قەشقەردىن يەكەنگە كېلىدۇ. (ئۇنىڭ يەكەندە تۇرغان ۋاقتى بەزى تارىخىي كىتابلاردا 3 يىل دەپ يېزىلغان)9. بۇ ۋاقىتتا خوجا شادىنىڭ خەلىپىلىرى، پۇقرالار، ساراي ئەمەلدارلىرى ۋە ئابدۇللاخاننىڭمۇ خوجا مۇھەممەد يۈسۈپكە مايىل بولۇپ قالغىنىنى سېزىدۇ. «ھەزرەتى خاجە شادى خاجەم پادىشاھنىڭ خەلىفەلىرى جەمئى بولۇپ، ئىككى ئەزىز مەخدۇمزادەنى (خوجا شادىنىڭ – خوجا ئۇبەيدۇللاھ ۋە خوجا ئابدۇللاھ دەپ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. خوجا ئۇبەيدۇللاھ كىچىكىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئاپتۇردىن) بويۇنلەرىغە كۆتۈرۈپ، جەمئىنىڭ ئالدىدا خانغا ئەرىز قىلدىكى، ”يا پادىشاھى ئادالەت پاناھ، دادكى بىرۇنىڭ مۈلكى مالىنى بىرۇنىڭ تەسەررۇپ قىلماغى بىھەستى شەرئى راۋامىدۇ؟“ خان سورىدىكى : ”ۋەقە نمىدۇر؟“ خەلىپىلەر ئەيدىكى :”خان باشلىغىن ھەممىلىرى بىزنىڭ پىرىمىزگە ئىرادەت ھەم ئىنايەت قىلىپ ئىدىلەر، پىرىمىزنىڭ جەسەدلىەرى بولماغان بىلەن، رۇھلەرى ھازىردۇرلەر. ئىككى مەخدۇمزادەمىز باركى ئەگەر نارىسىدەدۇرلەر، ئەمما كارلارى رەسىدە نەچەند خەلىفەلەرىمىز باركى ئەگەرچە ھەقىر نامادۇرمىز، رۇخسەت كەردە كامىلدۇرمىز ۋە مۇكەممەلدۇرمىز ئەلھەمدۇلىللاھىكى، پىرىمىز سەججادەلەرىنى خالى ۋە مۇئەتتەل قىلماي بىنەۋئى سىلسىلەئى خاجەگانغە زىپ – ئارايىش ۋە جۇنبىش بىرىپ ئولتۇرۇپدۇرمىز. ھالا ئىشتەدۇرمىزكى، تاڭلا خاجە مۇھەممەد يۈسۈپ ئەزىزغە خان ئىرادەت قىلۇر ئەرمىش. بائىس نەدۇركى، ئۆز مۇرشىدىدىن يۈز ئۆرۈپ، يەنە بىر مۇرشىدغە يۈز كەلتۈرگەي؟ ئەگەر دەلىل بۇرھان كەرامەت تەلەپ قىلسەلەر قايىلدۇرمىز. مۇرەببىمىز خۇدا رەسۇل، ئاندىن پىرىمىزدۇرلەر. ئەگەر زۇئمە قىلسەلەر رۇخسەت بەرگەيلەركى مەخدۇمزادەلەرىمىزنى ۋە پىرىمىزنىڭ مۇبارەك جەسەدلىرىنى ئېلىپ ھەممىمىز بەدەر كەتكەيمىز» دىدى. خان خاپا بولۇپ ھەيرەتكە چۈشۈپ، سائەتتىن كېيىن ئەيدىكى: ”ئى خەلىپىلەر، بۈگۈن كېچە سىلەر ھەم تەۋەججۇھ قىلساڭلار، بىز ھەم ئىتخارى قىلساق“ – دەپ باشىنى تۆۋەن سالدى. يەنە ئەيدىكى : ”تاڭلا جاۋاپ بەرسەك“10دىدى. شۇ كۈنى كەچلىكى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا شادى خوجىنىڭ خەلىپىسى ، يەكەندىكى «ئىسھاقىيە» چىلەرنىڭ باشلىقى سەييىد مۇھەممەد خەلىپە (خوجا سەپى خەلىپە – شۇتۇر خەلىپىنىڭ ئوغلى) نىڭ قولىدا زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا 16 – 17 ياشلارغا كىرگەن خوجا ھىدايەتۇللا دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يىڭىسار توپلۇققا كېلىپ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ جەسىدىنى ئىلىپ بىرىپ، ئەينى ۋاقىتتا يار مۇھەممەد باي دىگەن كىشى ئۇلارغا دۇئاغا بەرگەن قەشقەرنىڭ ياغدۇ دىگەن يىرىگە دەپنە قىلىدۇ.
ئاپپاق خوجا (خوجا ھىدايەتۇللا) «ئىشقىيە» سۇلۇكىدىكى سوپى – دەرۋىشلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، دادىسى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ پىرى – ئىشانلىق ئورنىغا ئولتۇرۇپ، قەشقەرنى ئاساسىي پائالىيەت مەركىزى قىلىپ، قەشقەر نائىبى يولۋاسخاننى مۇرىتلىققا قوبۇل قىلىدۇ ۋە 1660 – يىلى يولۋاسخاننىڭ ھاممىسى (ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزى، ئوبۇل ھادى بەگ مەكىتلىك بولۇپ، ئابدۇرىھىم خان زامانىدا كۇچارنىڭ ھاكىمى بولغان. ئۇنىڭ بىر قىزى ئابدۇللاخاننىڭ نىكاھىدا، يەنە بىر قىزى قەشقەر ھاكىمى مىرزا سىدىق بەگنىڭ نىكاھىدا بولۇپ، بۇ ئايال مىرزا سىددىق بەگدىن ئاجراشقاندىن كېيىن، يولۋاسخاننىڭ تەلىپى بويىچە ئاپپاق خوجا بىلەن تويلاشقان، بۇ ئاپپاق خوجىنىڭ تۇنجى تويى، يولۋاسخاننىڭ ھاممىسى ئاپپاق خوجىنىڭ چوڭ خوتۇنى ئىدى.) بىلەن توي قىلىدۇ. بۇ توي ئاپپاق خوجىنىڭ قەشقەردىكى نوپۇزلۇق شەخىسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ يولۋاسخاننىڭ ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت – ئىخلاسى ۋە چوقۇنىشىدىن پايدىلىنىپ، قەشقەردىلا مۇرىت – مۇخلىسلىرىنى كۆپەيتىپ قالماستىن، بەلكى ئاقسۇدا خانلىق قىلىۋاتقان ئابدۇللاخاننىڭ يەنە بىر ئوغلى نۇردۇنخانغىمۇ سوۋغا – سالاملار بىلەن يېقىنلىشىدۇ. يولۋاسخاننىڭ ھىمايىسىدە «خوجا ئىسھاق ۋەلى (قارا تاغلىقلارنىڭ پىرى) نىڭ بەشكىرەم كۇكاڭدىكى بارلىق مۈلكى نىيازلىرىنى ئىگەللىۋالىدۇ.»
يولۋاسخاننىڭ ئۇستازى بولغان ئاپپاق خوجا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇندىن بۇيان «ئىسھاقىيە» چىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن ۋە ئۇنى قوغداپ كىلىۋاتقان يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئابدۇللاخان ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر قاتار سىياسىي سۈيقەسىتلەرنى پىلانلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاخان، يولۋاسخان دادا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سۈركىلىش، يىرىكلىشىش ۋە ئاخىر بىرىپ دۈشمەنلىشىش پاجىئەلىرىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق ئەسىرىدىكى «ئىشان كالاننىڭ ئوغلانلەرى ھەزرىتى خاجە مۇھەممەد يۈسۈپ، ھەزرىتى خاجە ئافاق ئىسىم ئەسلىلىرى خاجە ھىدايەت خاجەم بۇ ئىككىلەرى كاشىغەرغە تەشرىف كەلتۈردىلەر. كاشىغەر خەلقى ئۇلارنىڭ ئەئزاز ئىكراملەرىنى بىجا كەلتۈردىلەر. ئول ۋاقىتتا ئابدۇللاھخان ياركەنىدتە، ئوغلى يولبارىس سۇلتان ئابدۇللاھخانغا گۇستاخلىق قىلىپ ئىتائىتىنى مەھكەم تۇتماس ئىدى، ئەمما ھەزرىتى خوجا ئافاققا بىسيار ئەئزاز ئىكرام قىلىپ تۇرار ئەردى.»12دىگەن مەلۇماتى ئىنتايىن ياخشى پاكىت بولالايدۇ. خوجا ھىدايەتۇللا ئاشۇ ھىيلە – نەيرەڭلىرى بىلەن، ئابدۇللاخاندا گۇمانخورلۇق كىسىلى پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ قولى بىلەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك بىر ئىپادىسى ئابدۇللاخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، زىندانغا تاشلانغان، سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە مال – بىساتلىرى مۇسادىرە قىلىنغانلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، ئۇلارنىڭ خانلىققا بولغان نارازىلىقى ۋە قارشىلىقلىرىنى، ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىشتەك ئۆي – مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئابدۇللاخان 1667 – يىلى ئۆز ئوغلى يولۋاسخان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قىلىپ، ئاھانەتكە چىدىماي ھوقۇقىنى كىچىك ئوغلى ئابدۇمۆمىنگە ئۆتكۈزۈپ بىرىپ «ھەج» قىلىش باھانىسى بىلەن ھىندىستانغا چىقىپ كىتىشىگە مەجبۇر بولىدۇ.
يولۋاسخان ھاكىمىيەتنى ئىنىسى ئابدۇمۆمىندىن تارتىۋالىدۇ. ئۆز مۇرىتى (يولۋاسخان) نىڭ سۇلتان بولغىنىدىن ئالەمچە خوش بولغان خوجا ھىدايەتۇللا يەكەنگە كېلىپ، «ئىشقىيە» سۇلۇكىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىش پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كۆپلەپ مۇرىت قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماي، «ئىسھاقىيە» (قاراتاغلىقلار) چى سوپى – ئىشانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋىتىشنى مەقسەت قىلغان قىرغىنچىلىقىنى باشلايدۇ.
«ئىشقىيە» (ئاقتاغلىق) ۋە «ئىسھاقىيە» (قاراتاغلىق) تىن ئىبارەت بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل مەزھەب ۋە گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق 17 – ئەسىرنىڭ 50 – 60 – يىللىرىدىن تارتىپ قاتتىق ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئەسلى خوجا ھىدايەتۇللا ئىشاننىڭ چوڭ دادىسى خوجا مۇھەممەد ئەمىن (ئىشان كالان) گە ئەگەشكەنلەر «ئىشقىيە»، چوڭ تاغىسى خوجا ئىسھاق ۋەلىگە ئەگەشكەنلەر «ئىسھاقىيە» دەپ ئاتىلىپ، بىر – بىرىگە قارىمۇ- قارشى ئىككى گۇرۇھ بولۇپ شەكىللەنگەن نەقشىبەندىيە تەرىقىتى، مۇرىتلىرى، تەسىرىنىڭ ئارتىپ بىرىشى ھەم ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشنىڭ كۈنسىرى كەسكىنلىشى بىلەن، مەزھەب ناملىرىمۇ قارىمۇ – قارشىلىقنى تېخىمۇ ئىنىقراق ئىپادىلەيدىغان «ئاق تاغلىق» ۋە «قاراتاغلىق» دىگەن ئاتالغۇلارغا ئۆزگەرتىلىپ، «خوجا مۇھەممەد ئەمىن (ئىشان كالان) پۇشتى خوجا ھىدايەتۇللا، خوجا ئىسھاق ۋەلى پۇشتى خوجا مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەۋرىگە كەلگەندە، «ئىشقىيە» «ئاقتاغلىق، ئاق تۇغلۇق، ئاق تاقىيالىق»، «ئىسھاقىيە» بولسا «قاراتاغلىق، قاراتۇغلۇق، قارا تاقىيالىق» دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. ئاپپاق خوجا ئۆز مۇرىتلىرىنى ”ئىسھاقىيە“ ”قاراتاغلىق“ لاردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاق جەندە – كۇلاھ، ئاق بەلۋاغ، ئاق ساپايە، ئاق تۇغ قاتارلىق نەرسىلەرنى كېيىشكە ۋە ئىشلىتىشكە بۇيرىغان بولسا، خوجا مۇھەممەد ئابدۇللامۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» (ئاق تاغلىق) لاردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، قارا جەندە كۇلاھ، قارابەلۋاغ، قارا ساپايە، قارا تۇغ قاتارلىق نەرسىلەرنى كېيىشكە ۋە ئىشلىتىشكە بۇيرۇيدۇ.». ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش ئەۋجىگە چىقىپ سەن ئۆلسەڭ مەن قالسام دەيدىغان ۋەزىيەت مەيدانغا كىلىدۇ.
ئارىدىن 2 – 3 يىل ئۆتۈپ، ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى ئىسمايىلخان يولۋاسخاننى ئۆلتۈرۈپ، يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ تەختىنى ئىگەللەيدۇ. «خوجا ھىدايەتۇللا ئىسمايىلخان بىلەن بولغان بىر قىتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سىلىق ئالماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسمايىلخان بۇ تەلەپنى سەل چاغلاپ ماقۇل بولىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان خەلىق خوجا ھىدايەتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ كېتىدۇ. خوجا ھىدايەتۇللانىڭ مۇرىتلىرى سېلىق تۆلىمىگىنى ئۈچۈن خانلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئاجىزلىشىدۇ. يەرلەر تىرىقسىز قالىدۇ، سوپىلار چاتاق چىقىرىدۇ.»14«ئىشقىيە» (ئاقتاغلىق) ۋە «ئىسھاقىيە» (قاراتاغلىق) دىن ئىبارەت 2 گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك، قىساس تۈسىنى ئالغان كۆرەشلەرنىڭ داۋاملىشىۋىرىشى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىدا تۈرلۈك قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ، خانلىققا تەھدىت سىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان ئىسمايىلخان، ئىشانلار ئارىسىدىكى گۇرۇھۋازلىق، مەزھەبۋازلىقنىڭ پۈتۈن خانلىققا ئاخىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىغىر ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولىشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىتنى يوقۇتىش ۋە ئۆزىنى قوللىغان قاراتاغلىقلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 1670 – يىلى خوجا ھىدايەتۇللانى يەكەن خانلىقى تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. پاسىق ۋۇجۇدى ئاللاغا يىتىش ئارمانلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى سەئىدىيە سەلتەنەتىنىڭ تەختىنى تارتىۋىلىش ئارزۇلىرى بىلەن ئۆرتەنگەن خوجا ھىدايەتۇللا، ئۆچ ئىلىش، تىركىشىش، قارشىلىشىش ئوي – خىياللىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قىلچە ئۇيالماستىن، ئۆزىگە قول بىرىپ مۇرىت بولغان، يەر – زېمىن، مال – دۇنيالار بىلەن تەمىنلىگەن خەلىقنى ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي تىبەتكە بىرىپ لاما دىنىنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيسى دالاي لاما بەشىنچىگە ئۆز «قېيىنچىلىقى» دىن ھالداتلايدۇ.
ئاپپاق خوجا «مەن مۇسۇلمان فىرقەلەرىنىڭ ئالىم، سەئىدزادەسىدۇرمەن. خۇسۇسەن ياركەند، كاشىغەر خەلقى مۇرىد – مۇخلىسلىرىم ئەردى. ھالا بۇ شەھەرلەرنى بىراۋ مەندىن سويۇپ ئالدى ۋە مىنى قوغلاپ چىقاردى. سىزدىن ئىلتىماس قىلادۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مىنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغە ئالىپ بەرگەيسىز.»15دەپ تىبەت ۋە ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي، سىياسىي داھىيسى دالاي لاما بەشىنچىنىڭ ئالدىدا يېلىنىدۇ ھەم دالاي لاما بەشىنچىنىڭ، شاگىرتى غالدانغا يىزىپ بەرگەن «ئى بىشەۋكەتى خان، ئافاق بىسيار ئۇلۇغ، ئۆز دىنىدا كامىل مۇكەممەل كىشىدۇر. كاشىغەرنىڭ، ياركەنىدنىڭ خاجەسى ئىكەن. ئىسمائىلخان دىگەن مۇنىڭ يۇرتىنى سويۇپ ئالىپتۇر. كىرەككى لەشكەر ئىبەرىپ، يۇرتىنى قولىغە ئالىب بەرگەيسەن ۋە ئەگەر سەۋەب قىلماسەڭ مۈشكۈل بولغۇسىدۇر.»16دىگەن مەزمۇندىكى «تونۇشتۇرۇش خىتى» نى كۆتۈرۈپ، لەنجۇ، جۇ (جىيۇچۇئەن — ئاپتۇردىن) لار ئارقىلىق ئىلىدىكى جۇڭغارلار خانى غالداننىڭ ئالدىغا كىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، يەكەن خانلىقى – خوتەندىن قۇمۇلغىچە، كەشمىردىن پەرغانىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا مۇرىت توپلاپ، «ئىشقىيە» (ئاقتاغلىقلار) تەرىقىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش نامى ئاستىدا، تەخىت سەلتەنەتنى تارتىۋىلىش كويىدا پالاقشىپ يۈرگەن خوجا ھىدايەتۇللانىڭ ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئىلىپ بارغان كۆرەشلىرىدە، قۇربان بىرىشكە تەييار تۇرىدىغان سوپى – دەرۋىشلىرىنىڭ سۈرەن – چۇقانلىرى ئىچىدە مۇنقەرىز بولۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
ئاپپاق خوجىنىڭ 1626 – يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى 1680 – يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ غەربىي قىسىم زېمىنلىرىغا جۇڭغارلار خانى غالداننى باشلاپ كەلگەنگە قەدەر بولغان 54 يىللىق ھاياتىنى چۈشۈنىش، يەكەن خانلىقىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيتىنى چۈشۈنىشىمىزگە زور ياردىمى تىگىدۇ. بۇ مەزگىلنى مۇنۇ بىرنەچچە جەھەتتىن خۇلاسىلاشقا بولىدۇ، بىرىنچىدىن، «ئىشقىيە» (ئاقتاغلىقلار) نىڭ ئەشەددى رەقىبى «ئىسھاقىيە» (قاراتاغلىقلار) نىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھامىيسى ۋە قوللىغۇچىسى يەكەن خانلىقىمۇ ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭغان. ئەكسىچە «ئىشقىيە» چىلەرنىڭ قوشۇنى، ۋە تەسىرى كۈنسىرى زورىيىپ بارغان. ئىككىنچىدىن، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىدىكى بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش ئەسلىدىكى «ئىشقىيە» ۋە «ئىسھاقىيە» دەيدىغان مەزھەب ناملىرىدىكى پەرىقتىن تىخىمۇ چوڭىيىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى «ئاق تاغلىق» ۋە «قاراتاغلىق» دەيدىغان ناملار ئىگەللەپ، بىر پۈتۈن مىللەت ۋە ئەلدىكى بۆلۈنۈش ئەۋجىگە چىقىپ، پۈتۈن خەلىق جۇغراپىيەلىك جايلىشىش، كېيىنىش، ئولتۇرۇپ – قوپۇش، باردى – كەلدى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر – بىرىدىن پەرىقلىق ياشايدىغان بولدى. ئۈچىنچىدىن، ئاپپاق خوجىنىڭ تەخىت – سەلتەنەت تارتىۋىلىش كويىدىكى سىياسىي سۈيقەسىتلىرى مەخپىيلىكتىن ئاشكارىلىققا، تار دائىرىلىكتىن كەڭ دائىرىلىككە تەرەققىي قىلدى. يەكەن خانلىقىنى ھىمايە قىلغۇچى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقۇچى خەلىق ئازىيىشقا باشلاپ، ئاپپاق خوجىنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى ھەم مىلىنى پىدا قىلغۇچى نادان ھەم تەلۋە سوپى – شەيىخلەر كۆپىيىشكە باشلىدى.

داۋامى بار…….

ئەخمەتجان ھەسەن