مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئىستىمال قىممىتى ۋە ئىستىمال كۆلىمى

قاسىم سىدىق

ھەممىىگە ئايان پاكىت شۇكى: ھايات شائىرىلىرىمىز ئىچىدە مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئەڭ تونۇش ئادەم. كاتتا زامانىۋى بىنالاردىن تارتىپ ئاددىي دىھقان كەپىلىرىگىچە ئۇيغۇر ھاياتى داۋملىشىۋاتقان ھەممە يەردە دىگۇدەك، ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراپ تۇرىدۇ، نامى زىكرى قىلنىدۇ. ئوخشىمىغان سۇرۇنلاردا ئۇنىڭ ئۇستىدە بەس-مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەر ئىلىپ بارىدۇ. بۇلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە زورلاپ تېڭىلغان شائىر ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۆزى خالاپ تاللىۋالغان شائىر.

گەرچە ھازىر ھايات شائىرلىرىمىزنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان شېئىر توپلاملىرى ۋە ناخشا تىكىستلىرى نەشىر قىلىنغان شائىرلار ئاز بولمىسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىش دەرىجىسى، ئۇلارنىڭ قەلىبلەردە ئىگىلىگەن مەنىۋى تىرىتۇريىسى مۇھەممەتجان راشىدىنغا يىتەلىگەنلىرى يوق دىيەرلىك. گەرچە بۇ شائىرلاردىكى لىكسىكا بايلىقى ۋە ئىستىلستىكىلىق چىۋەرلىك مۇھەممەتجان راشىدىندىن كەم تۇرمىسىمۇ ئەھۋال يەنىلا شۇنداق.

دەرۋەقە بىزدە قانچىلىك توپلاملارنى نەشىر قىلدۇرغان بولسىمۇ كىتابلىرى سېتىلماي توپا بىسىپ ياتقان ياكى شۇنچە مول-ھوسۇللۇق بولسىمۇ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئانچە تونولۇپ كىتەلمىگەن، ئىجدىمائىي تەسىرى ناھايتى تار دائىردە چەكلىنىدىغان شائىرلار ئاز ئەمەس. بۇ شائىرلار بىلەن مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئىجدىمائىي مۇۋەپپەقىيىتى ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن پەرىق بىزنى شىئىر ئۇستىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئادەتتە دىيىلىپ كىلىۋاتقان “شېئىرنىڭ بازىرى ئۆلدى” دىگەندەك نادامەتلەر مۇھەممەتجان راشىدىن تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. بۇ يەردە پەقەت “بازىرى كاسات شائىر” لارنىڭمۇ، “بازار تاپقان شائىر” لارنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىدىن ئىبارەت بىرلا پاكىت قىلىپ قالىدۇ. بۇ پاكىت شائىرلىرىمىزنى نۇقۇل ئىجادىيەتنىلا قوغلىشىش بىلەن بولۇپ كەتمەي، كىتابخانلارنىمۇ قوغلىشىشنىڭ زۆرۇرلىكىنى، ئىككىسىنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ پاكىت مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئىجدىمائىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

دەرۋەقە، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئىجتىمائىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ سىرى زادى قەيەردە؟!

جاۋاپ شۇكى:

1. مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇمۇمىي ئىجادىيتىدە ئۇ يەنىلا جەمىيەتنىڭ ئەڭ كەڭ قاتلىمىنىڭ ئىستىمال سەۋيىسىنى ۋە ئىستىمال ئادىتىنى نەزەردە تۇتتى.

2. مۇھەممەتجان راشىدىن كونكىرىت ئەسەرلىرىدە ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىستىمال قىممىتىگە ئەھمىيەت بەردى.

3. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىكى ئىستىمال قىممىتى مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنڭ ئىستىمال كۆلىمىنى بەلگىلىدى ۋە كىڭەيتى.

2

“تاۋار”، “قىممەت”، “ئىستىمال قىممىتى” قاتارلىق ئۇقۇملار نۆۋەتتە نوقۇل سىياسىي ئىقتساد ئۇقۇمى بولماي قالدى. ھازىر بۇ ئۇقۇملارنىڭ دائىرىسى كىڭەيمەكتە ۋە كىڭەيتىش كىرەك. مۇئەييەن ئىجتىمائىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئاپىرىدە قىلىنغان شېئىر مۇئەييەن مەنىدە جەمىيەت ئەزالىرىنڭ روھىي دۇنياسى تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىندىغان “مەنىۋى تاۋار” خاراكتىرنى ئالغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە “قىممەت” ئۇقۇمى بولسا بىر پەلسەپەۋى ئابىستىراكىتىيە سۈپىتىدە ھەممە شەيئى ۋە ھادىسلەرگە تەدبىقلاشقا باب كىلىدىغان ئۇقۇم. كونكىرىت بىر شېئىرنىڭ سۈپىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، جەزمەن مەۋجۇتلىقنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي قىممەت قاتلىمى بولغان ئۇچۇر(سېگىنال) قىممىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. لىكىن نوقۇل ئۇچۇر قىممىتىنىڭ ئۆزىلا بۇ شېئىرنىڭ ئىجتىمائىي مۇۋەپپەقيىتىنى يەنى “بازار تاپقان” لىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئىجتىمائىي مۇۋەپپەقىيەت كونكىرىت شېئىرنىڭ ئىستىمال قىممىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

شېئىرنىڭ ئىستىمال قىممىتى-شېئىردىكى جەمىيەت ئەزالىرى قوبۇل قىلالايدىغان ۋە تەقەززا بولۇۋاتقان ئىدىيە-ھېسىيات، كەيپىيات ئىجادىيلىق، بەدىئىي ئۈنۈم قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.

كونكىرىت شېئىردىكى ئىستىمال قىممىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، بۇ شېئىرنىڭ ئىستىمال كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ شېئىر ئاز بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا بۇ ھال بۇ شئىرنىڭ ئىستىمال قىممىتىنىڭ نىسپىي مەنىدە كىچىك ئىكەنلىكىنى، پۈتكۈل جەمىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا بۇ شېئىرنىڭ ئىستىمال قىممىتىنىڭ ناھايتى چوڭ ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. بۇ مۇھاكىمىلەر نۇقتىسىدىن چىقىپ مۇھەممەتجان راشىدىنغا نەزەر سالساق، مۇھەممەتجان راشىدىن كىتابخانلارنىڭ شۇنچە نۇرغۇنلىقى، مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كونكىرىت ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ ئالالايمىز.

3

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرىيىتىنىڭ ئىستىمال قىممىتى زادى قانداق كونكىرىت سەۋەپلەرنىڭ نەتىجىسى؟ مانا بۇ مۇھاكىمىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى .

1. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئورتاق، ئاممىباب تىلدىن ئىبارەت. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدا ژارگۇن، دىئالىكىت تېخى ئاۋام تەرىپىدىن تولۇق ئۆزلەشتۇرلۇپ يولۇنمىغان نىئۇلوگىزىم، ۋارىۋارىزملار يوق ياكى يوق دىيەرلىك. مۇھەممەتجان راشىدىن تىلىدىكى ئاممىبابلىق بۇ شېئىرنىڭ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىىدىكى ئىستىمال قىممىتىنى بەلگىلىدى. باشقىچە ئىيتقاندا، ئاممىباب تىل مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنى ھەممە ئادەم ئوقۇپ چۇشىنەلەيدىغان مۇقامغا يەتكۇزدى.

2. تىلدىكى ئاممىبابلىقلا كۇپايە قىلمايدۇ. مەمەتجان راشىدىن ئۆز شېئىرلىرىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىش ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئەڭ كەڭ قاتلىمىنىڭ ئىستىمال سەۋيىسى ۋە ئىستىمال ئادىتىىنى نەزەردە تۇتتى. ئيتقىدەك گىراماتىكىلىق نۇقسانلىرى بولمىسىمۇ بىر مەھەل قىزغىن بەس-مۇنازىرلەرنى قوزغىغان “گۇڭگا شېئرلار”نىڭ ئىجتىمائىي مۇۋەپپەقىيەت جەھەتتە بەخىتسىز بولۇپ قىلىشىدىكى سەۋەپ شۇكى: بۇ شېئىرلار ئىپادىلەش ئۇسۇلى، مەجاز ۋاستىلىرىدىن پايدىلنىش جەھەتتە جەمىيەتنىڭ ئورتاق،ئوتتۇرىچە ئىستىمال سەۋيىسى ۋە ئىستىمال ئادىتىدىن يىراقلىشىپ كەتتى. مۇھەممەتجان راشىدىن مەجازىدىن پايدىلنىش، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە مەلۇم مەنىدە فولكلور ئەنئەنلىرىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئەڭ يىقىنلاشتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى ناخشا تىكىستى قىلىنىش مەقسىتىدە يىزىلمىغان بولسىمۇ كىشلەر تەرىپىدىن مۇزىكا ئىشلىنىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە “سەن يوق”، “بۇ دۇنيا”، “قانداق قىلارمەن”، “مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن” قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

3. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىريىتى تېماتىكا جەھەتتە رەڭدار شېئىرىيەت. تېماتىكا جەھەتتىكى رەڭدارلىق مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىريىتىنىڭ ئىستىمال كۆلىمىنىڭ كەڭلىكىنى بەلگىلىدى.

كونكىرىت ئادەملەردە ياش، جىنىس، كەچۇرمىش، كەسىپ، قىزىقىش، غايە، كۆز قاراش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەرىق بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئەسەرلەرگە بولغان ئىستىمال تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىر ياكى بىرقانچە تىما بىر پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ئىستىمال تەلىپىنى قانائەتلەندۇرەلمەيدۇ. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىكى تېماتىك رەڭدارلىق جەمىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىنىڭ مەنىۋى تەقەززالىقلىرىنى قانائەتلەندۇرەلەيدۇ. ھەرخىل ئورگىناللىقلارغا ئىگە كىشىلەر مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن ئۆز نىسىۋىسىنى تېپىپ ئالالايدۇ.

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ “كاككۇك گۇلى”، “يىللار ئىزى”،”كۈنلەر ئالبۇمى”

“ئانا يەر قەسىدىسى”، “ئۆمۇر ئىلھاملىرى” قاتارلىق 5توپلام ۋە گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ توپلامغا كىرگۇززۇلمىگەن 1000دىن ئارتۇق شېئىرى مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىريىتىنىڭ تېماتىكا جەھەتتە تولىمۇ رەڭدار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

4. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدا ساتىرىك ئەسەرلەر خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. نەسىرىدىن ئەپەندى، سەلەي چاققان، موللا زەيدىن، ھېسام قۇربان قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئورنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساتىرىك، يۇمۇرىستىك خاراكتىرىگە باي ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. مۇھەممەتجان راشىدىن ساتىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ساتىرىك، يۇمۇرىستىك مىللىي خاراكتىرىگە ئۇيغۇنلاشقان. ئۇيغۇرلار دەرۋەقە ساتىرىك، يۇمۇرىستىك تەلەپپۇزىنى ئەڭ ياقتۇرىدۇ. مانا بۇ نۇقتىمۇ مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىريىتىنىڭ ئىستىمال كەڭلىكىنى بەلگىلىگەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

5. تىل، ئىستىلستىكىلىق بېزەك، ژانىر قاتارلىقلار پەقەت مۇئەييەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ۋاستىدىن ئىبارەت. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئىستىمال قىممىتى ۋە ئىستىمال كۆلىمىنى بەلگىلىگەن ئەڭ مۇھىم نۇقتا بۇ شېئىرلارنىڭ مەزمۇنىدا. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئەڭ كەڭ قاتلىمىنىڭ ئستىمال ئادىتى، ئىستىمال سەۋيىسى ۋە ئىستىمال تەلىپىنى چىقىش قىلدى. مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىريىتى ئەڭ كەڭ مىللىي قاتلامنىڭ مۇھەببەت-نەپىرىتى،ھىسىياتى،ئارزۇ-تىلەكلىرى، پىكىر-خاھىشلىرى، ئەخلاقى ئۇدۇملرى، يۇرت تۇيغۇلىرىنى ئەكىس ئەتتۇردى ۋە بۇ قاتلامنىڭ تېماتىك تەقەززالىقلىرىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدى. “سەن يوق”، “مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن”، “ئانىلىق ئۆيلەر بېھىش”، “ئەمما” قاتارلىق شېئىرلىرىدا مىللىتىمىزنىڭ ئانىلارنى ئۇلۇغلايدىغان ئەخلاقىي ئەنئەنىسىگە سادىق بولدى. دەرۋەقە “ئانا” ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ دىققەت مەركىزىدە ئىزچىل تۇرۇپ كەلمەكتە.

مۇھەممەتجان راشىدىن رېئالىستىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز شېئىرلىرىدا ئەڭ رېئال ھادىسىلەرنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ. ئاپتۇبۇستا سەپەر قىلىپ كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر شائىرنىڭ “بەزى بېكەتلەردە”، “پۇل مۇھىممۇ بىز مۇھىم؟” قاتارلىق شېئىرلىرىدىكى پىغان بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.

بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇق بىر قانچىمىز،

تۇرىدۇ تور ساڭگىلاپ تورۇسلاردا.

تاملارنىڭ سۇۋاقلىرى تامام چۇشكەن،

ئوق بۇزغان خارابىدەك ئۇرۇشلاردا.

يول بويى كۆردۇم بەزى بېكەتلەرنىڭ،

بارئىكەن شۇپۇرلارغا مۇكاپاتى.

يۇزلىنىپ توغىرلىقتىن ئوغىرلىققا،

بارئىكەن ھارام يولدا ھېساباتى.

– “بەزى بېكەتلەر” دىن

دىگەندەك مەنزىرىلەر ئۆتەڭلەردە قونۇپ ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە تونۇش.

بىراق سېنىڭ شوپۇر ئۇستاڭ نىچۇندۇر،

ئايلاندۇردى سېنى خۇددى قاسقانغا.

ئېچىپ كەتكەن مانتا بىزدىن ياخشىراق،

ئوخشاپ قالدۇق سۇغا چۇشكەن چاشقانغا.

ئولتۇرغاندىن ئۆرە تۇرغان ھەسسە كۆپ،

ئېيتقىنا سەن ئاپتۇبۇسمۇ، ھېسىپمۇ؟

نېمە ئۇچۇن ئۆز ۋاقتىدا بېكەتتىن،

قوزغالمايسەن سەكسەن ئادەم بېسىپمۇ؟

– “پۇل مۇھىممۇ بىز مۇھىم؟”دىن

دىگەندەك سوئاللار ھەممەيلەنگە ئورتاق.

بىز خۇدادىن قورقۇپ تۇرىمىز،

شۇڭا ناماز ئوقۇپ تۇرىمىز.

سۇرۇنلاردا ساقىنى ئەمما،

قۇيمامسەن! دەپ نوقۇپ تۇرىمىز.

كېسەل يۇقتى قاغا قوزغۇندىن،

كۆرۇنگەننى چۇقۇپ تۇرىمىز.

قولۇم-قۇشنا دېمەيمىز ئەسلا،

ئىلىنغاننى سوقۇپ تۇرىمىز.

ئايرىمايمىز ھالال-ھارامنى،

يالغاننىمۇ توقۇپ تۇرىمىز.

لېكىن، يەنە قورقۇپ تۇرىمىز،

شۇڭا ناماز ئوقۇپ تۇرىمىز.

“ئوقۇپ تۇرىمىز” دىن

دىگەن مىسىرالارنىڭ پروتوتىپلىرىنى ھەممە يەردىن تاپقىلى بولىدۇ.

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىريىتى ئىلغار شېئىريەت بولۇش سۇپىتى بىلەن تارىخنىڭ مۇقەررەر يۇزلىنىشىنى چىقىش قىلىپ، تەرەققيپەرۋەرلىك، ئەركىنلىك غايىلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. چاكىنا تەقدىرچىلىك كۆز قاراشلىرنى قامچىلىدى:

يەر يۈزىنى ئارىلاپ بىزنى تاپقان خۇراپات،

جىمى ئەلدە شاللىنىپ، بىزگە ياققان خۇراپات.

نادانلىقنىڭ تونىنى بىزگە ياپقان خۇراپات،

گادايلىقنىڭ ئۇرۇقىنى بىزگە چاچقان خۇراپات،

بەخىت! دېسەك بىرەلمەي بىزدىن قاچقان خۇراپات.

“تەقدىر” دەيدۇ، باشلايدۇ بىزنى ئۇدۇل قەبرىگە،

ھەقىقەتنى تىگىشەر سالا قىلىپ سەۋرىگە.

قول قۇشتۇرۇپ تۇرماقنى ئۇدۇم قىلدۇق نەۋرىگە،

كۆنۇپ كەتتۇق شۇڭلاشقا تاغدەك جاپا-جەۋرىگە،

دۇشمەنلەرنىڭ قولىدا بولدى قاپقان خۇراپات.

تۇرسا بىزگە بۇ ئالەم تۆت-بەش كۈنلۇك قونالغۇ،

ياسالمىساق بىر لامپا ياكى دەزمال، ئۈنئالغۇ.

قاششاقلىقتا كۈن ئۆتسە خەلىقىمىزگە ئۇۋالغۇ؟

مارىسلارغا ئۇچقانلار سالدى ئايغا تۇرالغۇ،

پۇتىمىزغا ئەزەلدىن پالتا چاپقان خۇراپات.

-”خۇراپات” دىن

دىگەندەك مىسىرالاردىن مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ تەرەققيپەرۋەرلىك، ئەركىنلىك غايىلىرىنى رۇشەن كۆرۇپ ئالالايمىز. شۇنى تەكىتلەش كىرەككى: يۇقىرقى مىسىرالاردا ئىلگىرى سۇرۇلگەن تىندنسىيىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئاۋانگارت قاتلىمىنىڭ ئاڭ ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىلىك قىلدۇ. مىللىتىمىزنىڭ تەرەققيپەرۋەرلىك خاھىشلىرىغا ئۇيغۇنلىشىدۇ.

خۇلاسە كالام: يۇقىرىقىلار مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئىستىمال قىممىتى ۋە ئىستىمال كۆلىمىنى بەلگىلىگەن ئاساسىي ئامىللار؛

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئىجدىمائىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ سىر ۋە سەۋەبلىرىدىن ئىبارەت. ئەسكەرتىش زۆرۇركى: يۇقارقى سەۋەپلەر تۇپەيلى ھايات شائىرلىرىمىز ئىچىدە مۇھەممەتجان راشىدىننى خەلق شائىرى دەپ ئاتاشقا ئەڭ مۇناسىپ شائىر!

«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى