دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

سوپاخۇن ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات

مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن

دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى خاسئىچىملىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. ئۇ كىشىلەر يازنىڭ تومۇز ئىسسىقكۈنلىرىدە ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، شۇنىداقلا ئىسسىقنى (قوقاقنى) ئالىدىغان، مىجەزنىتەڭشەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىچىملىك. ئۇنىڭ خۇرۇچى مۇز، قېتىق، قايماق، سۇ،ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئاپتونومرايونىمىزدا قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى ئېنىق. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق پەرقلەرگەئاساسەن قىشتا كەڭلىكى 5-6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 7-8 مېتىر كېلىدىغان ئورەك كولاپ،ئاستى ۋە ئەتراپىنى قومۇش، شاخ-شۇمبا بىلەن توسۇپ، مۇزخانا (ئىپتىدائىي توڭئىسكىلاتى) ياساپ، ئۇنىڭغا قىشتا دەريا-كۆللەردىكى توڭلىغان مۇزلارنى قاچىلاپساقلاپ، ئۇنىڭدىن يازدا پايدىلىنىشنى بىلگەن. بۇنداق مۇزخانىدىكى مۇزنى يازدىمۇخاتىرجەم ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، خەلقىمىز يازدا بولۇپمۇ ئورما، خامانمەزگىللىرىدىكى ئىسسىقلاردا مۇزخانىلاردىكى مۇزغا قېتىق، سۈزمە (بەزىدە شىرنەقوشۇپ) ئارىلاشتۇرۇپ دوغاپ ئىچىپ ھۇزۇرلانغان. بۇنداق دوغاپ تەبىئىي مۇزنى ئاساسقىلغاچقا ئادەم بەدىنىگە زىيان قىلمايدۇ. دوغاپ ئادەتتە بىرنەچچە خىل بولىدۇ. بىرخىلى مۇز، قېتىق، سۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. بۇنداق دوغاپ ساپ دوغاپ ياكىئاق دوغاپ دېيىلىدۇ، يەنە بىر تۈرى مۇز، قېتىق، سۇ، ئۈزۈم شىرنىسى بىلەنتەييارلىنىدۇ. خاس قايماق بىلەن جىگدە شەربىتى بىلەن قارا شېكەر ياكى ناۋات سۈيىبىلەن تەييارلىنىدىغان تۈرلىرىمۇ بار. يازدا ئائىلىگە مېھمان چاقىرغاندامېھمانلارغا ئاتاپ دوغاپ تەييارلىنىدۇ.
ئىلگىرىمەھەللىلەرنى بىرلىك قىلىپ بىر ياكى ئىككى ئورۇندا مۇزخانا ھازىرلىناتتى، بۇمېھنەتكە مەھەللىدىكى ئەرلەر تەڭ قاتنىشىپ، يازدا ئۇنىڭدىن ھەممە تەڭ بەھرىمەنبولاتتى. كېيىنچە دوغاپچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يۇرت-يۇرتلاردابارلىققا كەلدى، بۇنىڭ بىلەن دوغاپچىلىق بازارغا يۈزلەندى، بۈگۈنكى كۈندە بۇكەسىپنىڭ بازارلىشىشى تېخىمۇ تېز ۋە چاپ-چاپ بولماقتا. دوغاپ گەرچە تەييارلىنىشىئاددىي، مۇرەككەپ تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان ھۈنەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغاخەلقىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى، مېھماندارچىلىق ئېڭى، ئىچىملىك مەدەنىيىتى،كىشىلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرى، سودا-سېتىق پىسخىكىسى، سۈتچىلىك مەدەنىيىتى قاتارلىقمەدەنىيەت ئەندىزىسى مۇجەسسەملەشكەن. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان دوغاپنىڭمۇزلىرى سۈنئىي توڭلىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.مۇزخانىلارغا قاچىلانغان تەبىئىي مۇزلار ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ. خېرىدارلارنىڭپاكىزلىققا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. دوغاپنىڭ خۇرۇچلىرىغا ھېچقانداقسۈنئىي خۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىغان ساپ، پاكىز، تەبىئىي ئىچىملىك بولغاچقا، يازكۈنىدە ئۇسسىغان ھەر قانداق ئادەم بىمالال ئىستېمال قىلىۋېرىدۇ. ئۇ خەلقىمىزنىڭيېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تېما.