ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە (ئىككىنچى بۆلۈم)

غەيرەتجان ئوسمان

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋۇيەنشى «吴延燮) ) يۈەن دەۋرىدىكى مەمۇرىي مىرزا دىۋان باش ۋەزىرى، مۇئەككەللىرى جەۋىلى»元行省承相平章政事年表) ) دە كۈنجەكنىڭ ئەمەل ناملىرى مۇنداق ئىدى. 1306- يىلىدىن 1315- يىلىغىچە خۇگۇاڭ ئۆلكىسى مەمۇرىي مىرزا دىۋان مۇئەككىلى بولغان. 1315- يىلىدىن 1324- يىلىغىچە جياڭشى ئۆلكىسى مەمۇرىي مىرزا دىۋان مۇئەككىلى بولغان.

يۈەن سۇلالىسىنىڭ تەي دىڭ پادىشاھىنىڭ تەيدىڭ بىرىنچى يىلى قىشتا جياڭشى ئۆلكىسى جياڭجې ئۆلكىسىگە ئۆزگەرتىلگەندە، يەنە ئاۋۋالقىدەكلا بۇ ئۆلكىنىڭ مەمۇرىي مىرزا دىۋان مۇئەككىلى بولغان. كېيىن كۈنجەڭ يەنە خېنەن ئۆلكىسى مەمۇرىي مىرزا دىۋان مۇئەككىلى بولغان. ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، چۇ كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى، ساداقەتمەن تۆرە دېگەن ئۇنۋانغا سازاۋەر بولغان[47].

دېمەك، كۈنجەكنىڭ ئۇزۇن يىللار مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىشى، يۈەن سۇلالىسى جەمئىيىتىنىڭ تىنچ بولۇشىغا ياردىمى بولغانىدى.

قوچقار تېگىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قوچو ئۇيغۇر خانلىقىدا ئىچكى جەھەتتە مۇختارىيەت يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ سۇلالە بىلەن چاغاتاي ئۇلۇسى ئارىسىدا سىقىلىشقا ئۇچراپ تۇردى.

قۇبلاي يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇپ، بىر قاتار ئىلغار كۆز قاراشلارنى سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت زىيالىيلىرىنى يېنىغا تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى پائال ئۆگىنىپ، دېھقانچىلىقنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرغان، كېيىن ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

قۇبلاينىڭ ئىلغار تەدبىرلىرى خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئاز ساندىكى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. ئېمىل (ھازىرقى دۆربىلجىن) دە تۇرغان قايدۇ ئاشۇ مۇتەئەسسىپلەرنىڭ كاتتىۋېشى ئىدى. 1269- يىلى قايدۇ غەربىي شىمال موڭغۇل خان جەمەتلىرى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ «ئەلنى چارۋىچىلىق بىلەن ئىدارە قىلىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، دۇۋانى چاغاتاي خانى قىلىپ قۇبلايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك يولىنى تۇتتى.

ئەينى ۋاقىتتىكى قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىدىقۇتى قوچقارتېگىن[48] قۇبلاينىڭ ئىسلاھاتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، قايدۇ ۋە دۇۋا (توۋا) لارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، ئاسىيلىق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇردى.

1275- يىلى دۇۋا 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى قوچو شەھىرى (ھازىرقى تۇرپان ناھىيىسى قوچو كونا شەھىرى) نى مۇھاسىرىگە ئالدى. قوچقار تېگىن پۇقرالارنىڭ شەھەرنى قوغدىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. دۇۋا «تەسلىم بولۇڭلار» دەپ جار سالغاندا قوچقار تېگىن «خان ھەزرىتىنىڭ ۋەسىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاسىيلىق قىلدىڭ، دۆلەت بىلەن دۈشمەنلەشسەڭ، ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسەن، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، ساڭا ھەرگىز تىز پۈكمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. غەزەپكە كەلگەن دۇۋا ئەسكەرلىرىگە شەھەرگە بولغان ھۇجۇمنى كېچە-كۈندۈز بوشاشتۇرماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ ھەمدە ئۆزى ھۇجۇمغا قوماندانلىق قىلىدۇ. قوچقار تېگىن يېغىۋاتقان ئوقيالارغا پىسەنت قىلماي، جاسارەت بىلەن دۈشمەننى قىرىدۇ. شەھەردىكى ئەر-ئايال، ياش-قېرىلار بىردەك جەڭگە ئاتلىنىپ شەھەرنى ئالتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قوغدايدۇ. بىر كۈنى، دۇۋا بىر پارچە مەكتۇپنى ئوقيا ئارقىلىق شەھەر ئىچىگە ئاتىدۇ. مەكتۇپتا «ئاتا، بوۋاڭلار بىزنىڭ موڭغۇل خانقىزىمىز بىلەن توي قىلغان، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئۇيغۇر خانقىزىڭلارنى ئالماقچىمەن، خانقىزىڭلارنى بەرسەڭلار، ئەسكەرلىرىمنى چېكىندۈرىمەن، ئۇنداق قىلمايدىغان بولساڭلار شەھىرىڭلارغا بېسىپ كىرىپ، ھەممىڭلارنى قىرىپ تاشلايمەن» دېيىلگەنىدى. بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان پۇقرالار قوچقار تېگىنگە «دۇۋا بىزگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى توختاتمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىقىمىز بەكلا ئۆكسۈپ قالغان بولسىمۇ، بىز سىز بىلەن ئۆلۈشكە رازىكى، خانقىزىمىزنى دۇۋاغا ھەرگىز بەرمەيمىز» دېيىشىدۇ. قوچقار تېگىن كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ، «قىزىمنى دەپ پۇقرالارنى زىيانغا ئۇچراتسام بولمايدۇ» دەيدۇ ۋە ئەسكەرلەرگە قىزىنى شەھەر سىرتىغا چۈشۈرۈپ قويۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ ھەم بىر پارچە مەكتۇپنى ئوقيا ئارقىلىق دۇۋاغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۇۋا خانقىزىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدۇ. قوچقار تېگىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىكنى باشلاپ، ئىچكىرىگە يۆتكىلىشكە باشلايدۇ. دۇۋا ئۇنىڭ قۇبلايغا تايانماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ، كەينىدىن قوغلاپ يېتىشىۋالىدۇ. قوچقار تېگىن قۇمۇلدىكى جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قايدۇ ۋە دۇۋا قۇبلاي قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. قالغان توپىلاڭچىلار يۈەن سۇلالىسى خانىغا تەسلىم بولىدۇ.

دېمەك، قوچقار تېگىن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش يولىدا ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلدى. ئۇنىڭ «دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بولۇش روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ»

چاغان تۆمۈر ئۇيغۇرلار يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشتە، يۈەن دەۋرىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىلا كۈچ چىقىرىپ قالماستىن، بەلكى ئاخىرىغىچە ئىشلەپ كەلدى. بۇ جەھەتتە يۈەن دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر گېنېرالى چاغان تۆمۈر (؟ — 1362) (Cagan – temur) نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. «چاغان تۆمۈر يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىكى گېنېرال، ئىسمى يۈەن دۈەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئىدى»[49]، ئۇنىڭ «بوۋىسى ئۇيغۇر بولۇپ، بەشبالىقلىق ئىدى»[50].

يۈەن سۇلالىسى قۇبلايدىن كېيىن كۈنسايىن زەئىپلەشتى. خاننىڭ بالىلىرى پادىشاھلىقنى تالىشىش يولىدا پات-پاتلا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ تۇردى. 1307- يىلىدىن 1333- يىلىغىچە سەككىز پادىشاھ يەڭگۈشلەندى، ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئىچىدىكى زىددىيەت ئىنتايىن ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بەگ-خوجىلار، ئەمەلدارلار، مۇشتۇمزورلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقلىرى، سىياسىي جەھەتتە چىرىكلىشىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان قۇرغاقچىلىق-قەھەتچىلىك ئاپەتلىرى بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى. خەلق ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قالايمىقانچىلىق چىقتى. بۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا توسمىسا دۆلەتنىڭ تەقدىرى خەۋپكە دۇچار بولاتتى.

1351- يىلىدىن باشلاپ، ليۇفۇتۇڭ (؟—1363)، شۇ شۇخەي (؟—1360-يىللار)، گوزىشىڭ (؟—1355) ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى. چىن يۈلياڭ (1320-1363)، جاڭ شىچىڭ (1321-1367) قاتارلىقلار ئۇلارغا ئەگىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى. خۇاڭخې، خۇەيخې، چاڭجياڭ دەريا ۋادىلىرىدىن ئىبارەت كەڭ رايونلار پۈتۈنلەي ئۇرۇش رايونلىرىغا ئايلاندى.

1352- يىلى چاغان تۆمۈر لى سىچى بىلەن بىرلىكتە ناھايىتى كۆپ قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، لوشەن (ھازىرقى خېبىيغا تەۋە يەر) نى تىنچىتتى. يۈەن ئوردىسى ئۇنى رونىڭ مەھكىمىسىنىڭ دادۇغاچلىقىغا[51] بەلگىلەپ، ئون مىڭ ئەسكەر بىلەن چېنچيۇ沉丘) ) دا تۇرۇشقا بەلگىلىدى. 1355- يىلى ئەسكەرلەرنى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىغا يۆتكەپ، قالايمىقانچىلىقنى تىنچىتتى ۋە جىنايى ئىشلار دىۋانى ئوتتۇرانچى ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 1356- يىلى ھەربىي ئىشلار دىۋانى باش مىرزىلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. ئەسكەرلەرنى باشلاپ، سەنجۇ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ سەنمىن سەنشى) غا بېرىپ لى ۋۇ، سۈي دې قاتارلىقلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. شەنشى ئۆلكىسى مەمۇرىي مىرزا دىۋان ۋەزىرى، كېيىنچە مەمۇرىي مىرزا دىۋان مۇئەككىلى بولۇپ، بۇ تەرەپلەردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاشتا ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇ يەنە خېنەن ئۆلكىسى مەمۇرىي مىرزا دىۋان مۇئەككىلى، قوشۇمچە خېنەن ئۆلكىسى مەمۇرىي زورغالىق مەھكىمىسى نايىبى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسى مەمۇرىي دىۋان مۇئەككىلى، خېنەن، شەندۇڭ مەمۇرىي زورغالىق مەھكىمە نايىبى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى بېجىرگەن.

دېمەك، «چاغان تۆمۈرنىڭ قىزىل ياغلىقلار قوشۇنىنى باستۇرۇش جەريانىدىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ گېنېرالى ئىدى».

كۆك تۆمۈر ئۇنىڭ خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق قىزىل ياغلىقلار قوشۇنىنى باستۇردى[52].

ئەلئېتمىش黑迷矢)؟) يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپى — قۇبلايخان دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ھەربىي قوماندانى ۋە دېڭىز قاتناش مۇتەخەسسىسى بولۇپ، كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

ئەلئېتمىش مەملىكىتىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلغان دېڭىزچى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىپ — ئەڭ يىراق سىرلانكىغىچە بېرىپ (1284- يىلى) مەملىكىتىمىز بىلەن چەت ئەللەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى ئورنىتىشتا ۋە دېڭىز قاتناش تارىخىدا شانلىق سەھىپە قالدۇردى. ئۇ، ئۆز ۋاقتىدا قۇبلايخان ئەلئېتمىشنىڭ دېڭىز قاتناش ئىشلىرىدىكى تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا خەزىنە بېگى دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن، جياڭ-خۇەي ئۆلكىسى مەمۇرىي مىرزا دىۋان سول قول ۋەزىرى ۋە خىڭچۇەن يامۇلى تۆرىسى خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن.

1292- يىلى قۇبلايخان ئۇنى يەنە ئوردىغا چاقىرتقاندا ئەلئېتمىش ئۆزىدىكى بارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى پادىشاھقا سوۋغا قىلىۋەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي شىبى، گاۋشىڭلار بىلەن بىللە دىۋان مۇئەككەللىكىگە تەيىنلەنگەن. يۈەن قوشۇنلىرى ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىدكى جەنچىڭ شەھىرىگە يۈرۈش قىلغاندا، ئەلئېتمىش تۇخۇەنگە ياندىشىپ، دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. 1292- يىلى قۇبلاي 20 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئارمىيىسى ۋە مىڭغا يېقىن ئۇرۇش كېمىسى ئەۋەتىپ ياۋا ئارىلى (ھازىرقى ھىندونېزىيە) گە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ يەر يۈەن قوشۇنلىرىنىڭ قوزغىلىش ئورنى چۇنجۇ پورتىدىن 2000 دېڭىز مىلى يىراقلىقتا ئىدى. قۇبلاي قايتا-قايتا ئويلىنىشلاردىن كېيىن بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈشتىكى «دېڭىز ئىشلىرىنى ئەلئېتمىشقا تاپشۇردى»[53]، يەنى ئەلئېتمىشنى دېڭىز ئارمىيىسى كېمە ئەترىتىگە مەسئۇل قىلدى. ئىككى قېتىملىق دېڭىز ئۇرۇشىدا يۈەن قوشۇنلىرى بەزىدە غەلىبە قىلىپ، بەزىدە مەغلۇپ بولغانىدى. بىراق، مەغلۇپ بولغان ئەھۋالدىمۇ پۈتۈن قوشۇن ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلەلىگەنىدى.

ئەلئېتمىش يۇقىرىقىدەك بىر تالاي خىزمەتلىرى ئۈچۈن دانىش بەگ، دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى قاتارلىق ئۇنۋانغا مۇيەسسەر بولغان، دانىشمەنلەر قەسىرى بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى بېجىرگەن[54]. يۈەن سۇلالىسىنىڭ رېنزۇڭ (ئايۇربارۋادا) خانى «ئۇنىڭ يىراق جايلارغا كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بېرىپ رىيازەت چەككەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا ۋۇ كېنەزلىكىنىڭ كېنەزى دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن». بۇ ئەلئېتمىشنىڭ ئەينى چاغدا يۇقىرى ئابرۇي ۋە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ[55].

ئەلئېتمىش گەرچە يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئىشلىرىغا قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر تەرىپى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆھپىسى ھامان كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ تۆت قېتىم كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، چەت ئەلگە تىنچلىق ئەلچىسى بولۇپ چىقىپ، يۈەن سۇلالىسى بىلەن تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان ئەللىرى ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورناتتى. جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا، مال ئالماشتۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىش ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى. مىڭ سۇلالىسى (1368—1644) دەۋرىدىكى كۆلىمى تېخىمۇ زور، مۇساپىسى تېخىمۇ يىراق بولغان جىڭخې كېمە ئەترىتىنىڭ دېڭىز پائالىيىتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ بەرگەن.

ئەلئېتمىش ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى[56]. جۈملىدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈيۈك ئائىلىسىدىكى مەشھۇر تارىخىي ئەرباب[57].

4) ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك، مالىيە قاتارلىق جەھەتلەردە

XII ئەسىرنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە خۇابېي رايونى (جۇڭگونىڭ شىمالىي رايونلىرى) دا تېخىچە كېۋەز تېرىلىپ باقمىغانىدى. يۈەن دەۋرىدە كېۋەز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا ئومۇملاشقان. ئۇ ئەڭ بۇرۇن شەنشى، گەنسۇ رايونلىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسى بار ئىدى[58].

مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ئۆتكەن يې زىچى叶子奇) ) نىڭ ئېيتىشىچە، ئۈزۈم ھارىقى ۋە ئاق ھاراق يۈەن دەۋرىدىن باشلاپ ئىشلەنگەنىكەن… ئۈزۈم (تېلى) ئۆستۈرۈپ، ئۈزۈم ھارىقى ياساش ئەسلى ئۇيغۇر قاتارلىق غەربىي شىمالدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تېخنىكىسى بولۇپ، ئۈزۈم ۋە ئۈزۈم ھارىقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بۇرۇنلا بولسىمۇ، ئەمما چاغاتاي سىستېمىسىدىكى خانلار غەربىي شىمال بىلەن تەييۈەندىن ئىبارەت ئىككى رايوننى كونترول قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار غەربىي شىمالدىن شەنشىگە ئۈزۈم تاللىرىنى يۆتكەپ كېلىپ تىككەن، ھاراق ئىشلەش تېخنىكىسى تارقالغان، شۇنداقلا ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغان «ئۈزۈمچى ئائىلىلەر» بېكىتىلگەن، تەييۈەن، پىڭ ياڭلار كىشمىش ئۈزۈم، ئۈزۈم ھارىقى ۋە ئاق ھاراقنىڭ مەشھۇر ماكانىغا ئايلانغان.

لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تاۋۇز تېرىشنى ھەرقايسى جايلارغا ئومۇملاشتۇرغان بولۇپ، باشقا رايونلاردا بۇرۇن يوق ئىدى. يې زىچىنىڭ ئېيتىشىچە، «قۇبلاي غەربىي رايوننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن جۇڭگودا تېرىلىشقا باشلىغان»، ئومۇمەن يۈەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن تاۋۇز تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە جەنۇب تەرەپلەردە تېرىلىشقا باشلىغان[59].

دۇۋا قاتارلىقلار قوچو خانىغا پاراكەندىچىلىك سالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىدىقۇتى ئىچكىرىگە كۆچۈپ يۇڭچاڭ永昌) ) دا ئولتۇراقلاشقان. يەنە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئائىلىلىرى گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار خەنزۇ بىلەن بىرگە ھەرقايسى جايلاردا بوز يەر ئېچىشقا قاتناشقان. 1280-يىلى يۈەن سۇلالىسى خېشىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا بوز يەر ئاچقۇزغان. نەنياڭ ۋە شاڭياڭ قاتارلىق يەرلەرمۇ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە يالغۇز قوچو رايونىدىنلا كېلىپ قالماستىن، بەلكى «خوتەن، كاشغەرلەردىن 1050 ئائىلىلىك ئۇستا-ھۈنەرۋەنلەر گەنسۇ-سەنشى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ بوز يەر ئاچقان»[60]. 1031 – يىلى، يۈەن سۇلالىسى نەنياڭ مەھكىمىسىدە بوز يەر ئېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۇرۇقلۇق تارقىتىپ بەرگەن. تەيدىڭ خانى (تۆمۈر 1324—1328) دەۋرىدە ئىدىقۇت تۆمۈر بۇقا گەنسۇدىن شياڭياڭغا يۆتكەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالار تېخىمۇ مەركەزلەشكەن ھالدا ئولتۇراقلاشقان. قۇبلاي دەۋرىدە قارلۇق ئەسكەرلىرىدىن 10 مىڭ ئۆيلۈك ئائىلە شياڭياڭدىكى كۇچالىقلار ۋە قارلۇقلاردىن بىر قانچە يۈز ئائىلىلىككە دېھقانچىلىق سايمانلىرى ۋە ئۇرۇقلۇق تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا ياردەم بەرگەن. 1297- يىلى مەمۇرىيلار شياڭياڭدىكى قارلۇق ئەسكەرلىرىگە ئۇرۇقلۇق، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، كالا قاتارلىقلارنى تارقىتىپ بەرگەن. قۇبلاي دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى يۈننەن ئۆلكىسى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىدىن 5000 ئادەمنى ۋۇمېڭ شوۋشۈ乌蒙守戌) ) گە يۆتكەپ بوز يەر ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىزۇلار رايونىنى گۈللەندۈرگەن.

ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن، زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلىرى ئىچكىرىگە كۆچۈپ بارغان. يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇلارنى يىغىپ خانبالىق (بېيجىڭ) تا بەشبالىق رەڭدار كۆزلۈك كاسىپلار كارخانىسى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس خانلارغا خاس داھىي ناسىس قاتارلىقلارنى توقۇتقان. ناسىس (پارسچە سۆز) بىر ھەل بېرىلگەن يىپەكتىن توقۇلغان كىمخاپ金绵) ) بولۇپ، ئادەتتە يۈەن سۇلالىسى پادىشاھلىرى زىياپەتلەرگە قاتناشقاندا كىيىدىغان سۈپەتلىك كىيىم ئىدى. يۈەن ھۆكۈمىتى يەنە بەشبالىق ۋە خوتەن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، بۇ يەردىكى توقۇمىچىلارغا مەمۇرىيلار ئۈچۈن ئالىي دەرىجىلىك توقۇلما بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقارغۇزغان. كاشغەردىنمۇ ئىچكىرىگە ئۇستىلار بارغان. ئۇلار ئادەتتە ھۈنىرىنى ئىچكىرىگە تارقاتقان[61].

بىر قىسىم سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار يۈەن سۇلالىسى قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشتە كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئەھمەد ۋە ساڭگا قاتارلىق ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسلىرى ئىقتىسادىي ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا مۇناسىپ ئىشلارنى ئىشلىگەن.

يۈەن شىزۇ قۇبلاي دەۋرىدە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا قىيىنچىلىق ناھايىتى ئېغىر ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا مالىيە ئىشلىرىنى پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلار ئىشقا قويۇلۇپ، مالىيىدىكى قىيىن ۋەزىيەتنى ئوڭشاش زۆرۈر بولۇپ قالغان، دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇرلاردىن ئەھمەد قۇبلاينىڭ ئىشەنچسىگە ئىگە بولۇپ، 1262- يىلىدىن باشلاپ، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا كىرىشكەن. ئۇ تالانتلىق بىر مالىيە مۇتەخەسسىسى ئىدى. ئەھمەد ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، بەزى چارە-تەدبىرلەرنى قوللانغان. مەسىلەن، باجنى كۆپەيتكەن، نوپۇسنى تەكشۈرۈپ باج ئوغرىلاش، باج قالدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالغان. مەخسۇس سېتىۋېلىش تۈزۈمى (تۇز، چاي، تۆمۈر، كۈمۈش، دورا-دەرمەك قاتارلىق تاۋارلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن مەخسۇس يولغا قويۇلغان سېتىۋېلىش) ىنى يولغا قويغان. دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا نىسبەتەن ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن ۋە باشقا ئىشلارنى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن مالىيە كىرىمى كۆپەيگەن. لېكىن، ئەھمەدنىڭ ئىشلىرى كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىكى ۋە ھەسەتخورلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەتتا يېشىل كۆزلۈكلەرمۇ ھەسەت قىلدى. ئەھمەد سىياسەتنى قاتتىق يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن تەسىرى كۈچلۈك بولغان باي دېھقانلار، باي سودىگەرلەر، بيۇروكراتلارنىڭ نەپسى قاندۇرۇلمايتتى. شۇڭا، ئۇلار ئەھمەدكە ئارقا – ئارقىدىن قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆزى بىلگىنىچە ئىشلەش ھادىسلىرى كۆرۈلدى.

ئەھمەد زېرەك ۋە قابىلىيەتلىك ئادەم ئىدى، ئۇ قۇبلاينىڭ ناھايىتى زور ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ سۇيىقەستىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، ئەگەر ئۆچ كۆرۈپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىغان بولسا دەرھال خاقاننىڭ ئالدىدا گەپ يورغىلىتىپ، قاتىللىق جىنايىتىگە چېتىلدۇراتتى. خاقان ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتى. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ جازاغا تارتىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. شۇڭا، ئەھمەد 1282- يىلى مەخپىي قەتل قىلىنغان.

كېيىن ئۇيغۇرلاردىن ساڭگا (Senge) مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ساڭگا 1287- يىلىدىن باشلاپ، مالىيە ۋازارىتىنىڭ ئومۇمىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. ئۇ يېڭى پۇل تارقىتىپ، پۇلنىڭ پاخاللىشىشىنى كونترول قىلغان، يەنە ساتىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، باجنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. بۇلار بەزىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. شۇڭا، ساڭگا قارشى گۇرۇھلارنى خىزمەتتىن قالدۇرۇپ، ئۆز گۇرۇھىدىكى كىشىلەرنى مۇھىم خىزمەتلەرگە تەيىنلىگەن. قارشى گۇرۇھلارنىڭ بېسىمىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى تۈپەيلىدىن، ساڭگا ئاخىر 1291- يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن[62].

دېمەك، ئەھمەد بىلەن ساڭگا[63] لارنىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئىقتىساد ۋە مالىيىسىنى بىر ئىزغا سېلىش، تەرتىپكە چۈشۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى تارىختىن ئەبەدىي ئۆچمەيدۇ.

موڭغۇللار ئەسلىي كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان يايلاقنى بازا قىلىپ، كىگىز ئۆيلەردە، چېدىر-بارگاھلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان خەلقلەردىن بولغاچقا، مەركەزلەشكەن يېزا، بازار ۋە شەھەرلەردە تىرىكچىلىك قىلىش ئادىتى يوق ئىدى. ئۇلار دۆلەت قۇرغان ۋە كېڭەيمىچىلىك ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەن دەسلەپكى دەۋرلەردە ئولتۇراق ۋە شەھەر تۇرمۇشىغا زادىلا كۆنەلمىگەن، ھەتتا ئايرىم موڭغۇل ئەمەلدارلىرى يايلاقتا، كىگىز ئۆي، چېدىرلاردا تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن شەرقتە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاساسەن ئۆزگەردى. موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى شەھەرلەرنى مەركەز قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇبلاي خانلىق تەختكە چىقىپ، مەركەزنى خانبالىق (جوڭدۇ — بېيجىڭ) قا كۆچۈرۈپ كەلگەن. دەل مانا مۇشۇ بېيجىڭنىڭ قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق ئىشلىرىدا يۈەن سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئوردىنى تەمىنلەشتە ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر بىناكارى ئەختەرىدىننىڭ تۆھپىسى جۇڭگو تارىخىغا ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلغان.

«XIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىمالدا باش كۆتۈرۈپ چىققان موڭغۇل مىللىتى (جۇڭدۇ — بېيجىڭنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى پايتەخت قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ پايتەخت بۇرۇنجىڭ خانلىقى قەسىر سالدۇرۇشقا تەييارلاپ قويغان بىر مەركەزدىن پايدىلىنىپ، بىنا قىلىنىپ تەيدۇ — ئۇلۇغ پايتەخت دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جۇڭگو بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. مانا بۇ تارىختىكى يۈەن سۇلالىسىدۇر[64].

«ئەختەردىن جوڭتۇڭنىڭ 4- يىلى (1263- يىل) چىنخۇڭداۋ[65] ئارىلىنى بىنا قىلىش توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلدى. جژيۈەننىڭ 2- يىلى (1265- يىل) بۇ ئارال بىنا قىلىندى[66].

«يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىنخۇاڭداۋ ئارىلىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق تەيدۇ شەھىرى بىنا قىلىنغان»[67].

ئەختەردىن (黑尔丁) غەربىي دىيارلىق كىشى ئىدى… قۇبلايخان ئۇنىڭ يۇرتىغا بارغاندا ئۇ خانغا پايانداز سېلىپ ئات تەقدىم قىلغان. ئۇ خانغا ياراپ قالغان. قۇبلايخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى ئوردىنىڭ چېدىر مەھكىمىسى —(茶儿局 بىناكارلىق ئىدارىسى) غا باشلىق قىلغان. ئۇ غەربىي يۇرتلۇق ئۇستىلارغا باش بولۇپ، ئوردا قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەمەتلىرى ئۇنىڭغا مەڭگۈ تاش ئورناتقان. ئەختەردىن قۇبلايخاننىڭ چۈشىگە كىرگەن. خان ئۇنىڭ جەمەتلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ تىللا بېرىپ بېشىنى سىلىغان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەھمۇد شاھنى بىناكارلىق مەھكىمىسىگە مەنسەپكە قويغان، بۇ مەنسەپ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مىرئەلى شاھ، مۇبارەك شاھ، قۇتلۇق شاھ، ئارغۇن شاھلارغىچە مىراس بولۇپ قالغان»[68].

«غەربىي شىمالدىكى باشقا مىللەت خانلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى خەنزۇلارغا ئوخشىمايتتى. نېمە ئۈچۈن ئوردا ئۆيلىرى خەنزۇ ئۆيلىرىگە ئوخشىتىپ سېلىنغان، دەپ سورىغاندا ئۇلارغا، موڭغۇللار بۇ جاينى ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قورال كۈچى بىلەن ئالدى. لېكىن، يەنىلا ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئىدارە قىلغىلى بولمايدۇ. خەنزۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئىش كۆرۈپ ئىدارە قىلىش كېرەك، بۇنى ئەختەردىن ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى، دەپ جاۋاب بېرىلدى»[69].

يۇقىرىدىكى تارىخىي خاتىرىلەر ۋە يەكۈنلەردىن مەلۇمكى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پايتەخت بولۇپ بىنا قىلىنىشى يۈەن دەۋرىدە ئىشقا ئاشقان. ئۇنى لايىھىلەپ بىنا قىلدۇرغان كىشى ئەختەردىن ئىدى[70]،[71].

ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇش، ئۇنى مۇستەھكەملەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىياسىي، ئىقتىسادىي، مالىيە ئىشلىرىنى ئوڭشىشىغا مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە ھەسسە قوشتى. «يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى سىنىپىنىڭ يادروسى — موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن كېلىپ چىققان، يۈەن شيەنزۇڭخان موڭكېدىن بۇرۇن، بۇ سۇلالە ئىزچىل ھالدا كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە ئورمانلاردا ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى ئورناتقان. ئەينى چاغدىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق دىققىتىنى سىرتقا قارىتا ئىستېلا قىلىش ئىشلىرىغا قاراتقان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تونۇپ يەتمىگەنىدى»[72]. قۇبلاي دەۋرىگە كەلگەندە ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەقىقىي يوسۇندا بىلىنگەنىدى. شۇڭا، قۇبلاي دەۋرىدە يۈەن ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر كۆپلىگەن چارە-تەدبىرلەرنى قوللاندى. يۈەن ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىسىدا، يېزا ئىگىلىكىدە يىلدىن يىلغا ئىلگىرىلەش بولدى. قۇبلاينىڭ يېزا ئىگىلىك ۋازارىتىگە قىلغان بۇيرۇقىغا ئاساسەن خەنزۇچە قەدىمكى كىتابلاردىن يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاللاپ، تۈرلەرگە بۆلۈپ، «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك قامۇسى» (农桑辑贾) دېگەن كىتاب تۈزۈپ چىقىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەخسلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت ئەسەرلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن. بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا يېزا ئىگىلىك تەجرىبىلىرى خاتىرىلەنگەن كىتابلاردىن ئون نەچچە خىلى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى خىل ئىدى، بۇلار ۋاڭ جېنىنىڭ «دېھقانچىلىق قوللانمىسى»، 农书) ) بىلەن لۇ مىڭشەننىڭ «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» دېگەن كىتابىدىن ئىبارەت.

لۇ مىڭشەن鲁明善) XIII — XIV ) ئەسىرلەردە ياشىغان. ئۇنىڭ ئاتىسى كاروناداس يۈەن دەۋرىدىكى مەشھۇر تەرجىمان ۋە شائىر ئىدى.

لۇ مىڭشەن كىچىكىدىن باشلاپ ناھايىتى ياخشى تەربىيە ئالغان ۋە چوڭقۇر مەلۇماتلىق كىشى بولۇپ يېتىلگەن. ئۇ «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى»农桑衣食提要) ) دېگەن ئەسەرنى يېزىشتا، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىلمىغا دائىر مىراسلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك كىتابى تۈزۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرىگىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا، «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» دېگەن كىتابىغا ئەزەلدىن بۇيان ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىلىپ كەلمەكتە. «دەستۇر، تارىخ، دانىشمەنلەر ۋە كىتاب توپلاملىرى ھەققىدىكى تۆت يۈرۈش كىتابلارنىڭ ئومۇمىي تىزىمى»四库全书总目提要) ) دېگەن كىتابتىكى «لۇ مىڭشەننىڭ بۇ كىتابى قەمەرىيە كالىندارىدىكى مەۋسۇملار بويىچە سىستېمىلىق، ئېنىق، ئاممىباب يېزىلغان، ئۇنىڭدىكى تېرىقچىلىق ۋە يىغىش-ساقلاشقا دائىر بايانلار كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. مەزمۇنى يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت كىتابلارنىڭ ھەر قاندىقىدىن مول، ھەقىقەتەن قىممەتلىك كىتابتۇر» دەپ قەيت قىلىنغان. ۋاڭ يۇنخۇ «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» نىڭ يېڭى نەشرگە يازغان كىرىش سۆزىدىمۇ: «لۇ مىڭشەننىڭ بۇ كىتابى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن يېزا ئىگىلىك مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەر ئىچىدە «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك قامۇسى» قەمەرىيە كالېندارىدىكى مەۋسۇملار بويىچە چۈشەندۈرۈلگەن مۇھىم كلاسسىك كىتابتۇر» دەپ تىلغا ئالغان. بۇ پىكىرلەر ناھايىتى توغرا.

ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، بۇ ھەقتىكى مىراسلارمۇ ناھايىتى كۆپ، لۇ مىڭشەننىڭ «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» دېگەن كىتابى بۇنىڭ بىر مىسالى. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئۇ، ھاۋا رايى، سۇ ئىنشائاتى، چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، پىلىچىلىككە دائىر يېزا ئىگىلىك پائالىيەتلىرىنى، ھەتتا گۆش، ئۆي قۇشلىرى تۇخۇمىنى ھازىرلاش، كۆكتاتلارنى چىلاش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتابتا كىشىلەرنىڭ ھەربىر مەۋسۇمدا شۇغۇللىنىشقا تېگىشلىك يېزا ئىگىلىك پائالىيەتلىرى يېزىلغان ھەم ھەربىر پائالىيەتكە ئىخچام ئىزاھات بېرىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ پائالىيەتنى قانداق قىلىپ ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىمۇ چۈشەنچە بېرىلگەن. بۇنى ئوبدانراق چۈشىنىش ئۈچۈن، 1- ئاي (قەمەرىيە كالېندارى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تۆۋەندىكى مىسالمۇ شۇنداق) دا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتكە بېرىلگەن ئىزاھاتقا قاراپ باقايلى: «كالا — دېھقانچىلىقنىڭ ئاساسى، ئائىلە باشلىقى ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى، ھەر كۈنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئوت-سۇ بېرىشى كېرەك. سۇ كالىسى يازدا سۇغا كىرىۋالىدۇ، ئۇنى يىقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، قىشتا ئىسسىق جايدا ئوبدان بېقىش كېرەك. بىر كالىدا يەتتە ئادەمنىڭ كۈچى بار، كالا ھايۋان بولغىنى بىلەن مىجەز-خۇلقى ئادەمنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئوبدان ئاسرىماي بولمايدۇ». لۇ مىڭشەن كەندىر تېرىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «كونىلاردا يەرنى 10 قېتىم ھەيدەپ تۇرۇپ تېرىغۇلۇق، توققۇز قېتىم ھەيدەپ كەندىر تېرىغۇلۇق دېگەن گەپ بار». بۇ لۇ مىڭشەن يەنە ئارپا، بۇغداي تېرىقچىلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدىمۇ كۆپ توختالغان.

ئەجدادلار بىلەن دېھقانلارنىڭ، بولۇپمۇ پېشقەدەم دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى ناھايىتى مۇھىم. لۇ مىڭشەن بۇ نۇقتىغا ناھايىتى دىققەت قىلغان. لۇ مىڭشەن ئۇيغۇر يېزا ئىگىلىك ئالىمى ئىكەن. ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىشى تۇرغان گەپ. «تېرىقچىلىق-پىلىچىلىك ئاساسلىرى» دا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، قېتىق ئۇيۇتۇش ۋە تۆل ئېلىشقا ئوخشاش ئىشلارمۇ تونۇشتۇرۇلغان. كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «12- ئاي (قەمەرىيە كالېندارى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) 1- ئايدا ئېلىنغان تۆللەر ياخشى ئەي بولىدۇ. چارۋا-ماللارنى ئەتىيازدا، يازدا بالدۇرراق ئوتلىتىپ، بالدۇرراق ياندۇرۇپ كېلىنسە، ئۈستىۋېشىغا چاڭ-توزان قونۇپ، يارا بولۇپ كېتىدۇ. ماللارنى كۈز كۈنلىرىدە كېيىنرەك باققىلى ئېلىپ چىقىش لازىم. چۈنكى، سەھەردە شەبنەم چۈشىدۇ، ماللار شەبنەم تارقىمىغان ئوتنى يەۋەرسە، ئاغزىغا يارا چىقىدۇ، بۇنى يىرىڭداپ كېتىدۇ. ماللارنىڭ ئايىغى قۇرۇقدالماي چىلە بولۇپ كەتسە، ئاقسىل كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. قويلار تۇز يالىسا، گۆشى تاتلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا پات-پات تۇز بېرىپ تۇرۇش كېرەك. كېسەل بولغان قويلارنى ساق قويلاردىن ئايرىپ بېقىش لازىم». بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان قوي بېقىشقا دائىر تەجرىبىلەر بۈگۈنكى چارۋىچىلىق ئەمەلىيىتىگە بەكمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ[73].

5) تېبابەتچىلىك جەھەتتە

نەنجىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى بىر كىتابتىن بايقىلىشىچە، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئەمچى (تېۋىپ) لىرىنى ئىشلەتكەن، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ گېنېرالى سىچۈەندە جەڭ قىلغاندا، يارىدارلارنى ئۇيغۇر ئەمچى-ئوتاچى يۇچۇرىچ قايا月举连赤海轧牙) ) داۋالىغان. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» 88- جىلدتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەيدۇ (بېيجىڭ) ۋە شاڭدۇ (دولۇن) دا ئۇيغۇر ئەمچىلىك شىپاخانىسى تەسىس قىلىپ، «ئۇيغۇر دورىگەرلىك ئىشلىرى»نى باشقۇرغان[74]. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمچىلىرى ئۆتكەن.

ئۇيغۇر ئەمچىسى سادىمىش «萨德弥实)) رۈيجۇ مەھكىمىسى شىپاخانىسىنىڭ رېتسېپلىرى»瑞竹堂经验方) ) دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ مېدىتسىنا ئىلمىغا تۆھپە قوشقان[75].

ئاتاقلىق تاشقى كېسەللەر ئوتاچى دوختۇرى جەرراھ نېزەر «聂只耳) ) مېھىر-شەپقەت شىپاخانىسى» (广惠司 — داۋالاش ئورنى) نىڭ ئوتاچى بېگى بولغان. ئۇيغۇرلاردىن چاقاي 赤海牙) ) لار داڭلىق ئەمچىلەردىن ئىدى.

قوسقۇي慧思忽) ) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئوزۇقشۇناس. ئۇ يەنپۇ يىللىرى (1314—1320) دا يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدا تائام تەييارلاش ئەمەلدارى بولغان، جۈملىدىن خان جەمەتىنىڭ تائاملىرىنى تەييارلاش، تائام تۈرلىرىنى تەڭشەشكە مەسئۇل بولغان. ئۇ يەنە يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى، تازىلىقى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئەينى زاماندا تائامشۇناسلىقتا نام قازانغان.

تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 1330- يىلى، ئۇ ئۆزىنىڭ توپلىغان ئەمەلىي ماتېرىياللىرى، مول تەجرىبىلىرىنى باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرى ئاساسىدا بىرلەشتۈرۈپ «تائام تەييارلاش دەستۇرى»饮膳正要) ) دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان.

«تائام تەييارلاش دەستۇرى» ئۈچ جىلد بولۇپ، 1- جىلدتا تۈرلۈك يېمەكلىكلەر، 2- جىلدتا يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ خۇرۇچلىرى، 3- جىلدتا ئاشلىق، كۆكتات، تۈرلۈك گۆش، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەنگەن. جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن «قەدىمكى زاماندىكى يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى ۋە تائامشۇناسلىققا دائىر تۇنجى ۋە مەخسۇس ئەسەر، «‹تائام تەييارلاش دەستۇرى› ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تۆھپە قوشقان»[76].

غەرب دۇنياسى XIV ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسا، ئېلىمىزدە مىلادىيدىن 2000 يىل بۇرۇن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى ئېنىق بىلگەنلىكىگە دائىر يازما خاتىرىلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان.

«جۇڭگونىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى 100 چوڭ كەشپىياتى» دېگەن داڭلىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئەنگلىيىلىك ئالىم روبېرت تاپمول مۇشۇ كىتابنىڭ «ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكى» قىسمىنىڭ 15- ماددىسىدا قوسقۇينىڭ تۆھپىسىنى باھالاپ مۇنداق دەيدۇ: «قوسقۇي ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىكى مەسىلىسى بويىچە ئاتاقلىق ئاپتور ئىدى. ئۇ 1314- يىلىدىن 1330- يىلىغىچە بۇ ساھەدە تېۋىپ بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىدا ‹تائام تەييارلاش دەستۇرى› دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ يېمەكلىك توغرىسىدىكى كلاسسىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتا قوسقۇي ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان پۇت تەمرەتكىسىنىڭ ئىككى تۈرى (ھازىرقى بىز ئاتاپ كېلىۋاتقان ھۆل تەمرەتكە ۋە قۇرغاق تەمرەتكە) نى تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان داۋالاش ئۇسۇلى — ئاساسلىقى تەركىبىدە ۋىتامىن B1 ھەم باشقا ۋىتامىنلار كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت».

6) دىپلوماتىيە جەھەتتە

ئۇيغۇر دېڭىزچى ئۇقمىش ئوكيانلارغا سەپەر قىلىپ، دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر بىلەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئالاقىسىنى شەرق تەرەپ بىلەن ئورنىتىشقا تۆھپە قوشقان بولسا، خرىستىئان مۇرىتىدىن بولغان راببان سائۇما (Rabban — Sauma، 1294 — 1245) «ئەڭ بۇرۇن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان»[77] «ئۇيغۇرلاردىن ئىدى»[78]. يەنە ماركوس دېگەن ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى. راببان (Rabban) سۈرىيە تىلىدا «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە بولۇپ، نېستۇرىئان مەزھىپىدىكى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ نامى؛ سائۇما (Sauma) ئۇنىڭ ئىسمى ئىدى. ئۇ بېيجىڭدا خرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇرىئان مەزھىپىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سائۇمانىڭ دادىسى شايبان昔班) ) چىڭگىزخان دەۋرىدە شاھزادىلەرنىڭ ئۇستازلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بولۇپ، كېيىن بېيجىڭدا جياۋخۇي ( 教会 دىنىي ئىشلار جەمئىيىتى) نىڭ مۇپەتتىشى بولغان. سائۇما كىچىكىدىن باشلاپ دىنىي تەلىم ئالغان، 20 يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، دۇئا-تىلاۋەت بىلەن شۇغۇللانغان. خانبالىق (ھازىرقى بېيجىڭ) غا يېقىن شەنجوڭ دېگەن يەرگە بېرىپ ماكانلاشقان، كېيىن ئۇ مەشھۇر دىن تارقاتقۇچى بولۇپ قالغان. نېستۇرىئان دىنىنىڭ بېيجىڭغا تەيىنلىگەن باش ۋەكىلى ئارېخبىشوپ مارگايۋارگۇئىس (Arehbishop Mar Guibarguis) نىڭ سۇ سېپىشى (خرىستىئان دىنىغا كىرىشتە چېركاۋدا ئوقۇپ سۇ سېپىش ياكى يۇيۇش مۇراسىمىدىن ئۆتۈپ) — خرىستىئان بولغان. ماركوس [79] (Marcus) ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان ئىدى. بۇ ئىككى ئۇيغۇر 1275 (1278- يىلى دېگۈچىلەرمۇ بار)- يىلى بېيجىڭدىن مۇقەددەس جاي — ئېرۇسالىمغا قاراپ سودا كارۋانلىرىغا ئەگىشىپ يولغا چىقىدۇ، ئۇلار يولدا تاڭغىتلار ئېلىدىن ئۆتۈپ دوڭشېڭ 东胜))، نىڭشيا (ھازىرقى يىچۈەن)، خوتەن، كاشغەر، تالاس، تۈس، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلار ئارقىلىق باغدادقا يېتىپ بارىدۇ، يولدا ئۇلار نېستۇرىئان دىنىنىڭ باش كاھىنى ماردېنخا (Patriarch Mar Denha) غا ئۇچرىشىدۇ. كېيىن ئۇلار پېرسىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئەرمەنىستان، گورچ (ھازىرقى گروزىيە) قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىدۇ، خرىستىئان دىنىغا مەنسۇپ تاۋاپخانىلارنى زىيارەت قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا سۈرىيىنىڭ شىمالىدا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئېرۇسالىمغا بېرىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشىر (ھازىرقى ئىراقنىڭ مۇسۇل) دېگەن جايىدىكى (بەزى ماتېرىياللاردا ئاربېلا ‹Arbela› شەھىرى يېنىدىكى ‹Taint Mamicael تارېل›) ناملىق چېركاۋغا ئورۇنلىشىدۇ. 1280- يىلى ماردېنخا ئۇلارنى باغدادقا چاقىرتىپ، ماركوس خانبالىق (ھازىرقى بېيجىڭ) ۋە ئوڭغۇتلارغا ئارىخ بىشوپ (كاھىن — خرىستىئان دىنىنىڭ باش ۋەكىلى) قىلىپ تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يابالاخا (Yabalaha) دېگەن نامنى بېرىدۇ. ماركوس شۇ يىلى 35 ياشتا ئىدى. راببان سائۇمانى چارلاپ يۈرگۈچى باش تەپتىش — (ۋبزىتور گېنېرال Visite General) قىلىپ تەيىنلەيدۇ[80]. ئۇ شەرققە قايتىپ كەلمەكچى بولغاندا ئېلخانىلار بىلەن چاغاتاي خانلىقى ئامۇ دەرياسى ساھىلىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يول ئېتىلىپ قېلىپ، قايتا ئۆز جايىدا تۇرۇپ قالىدۇ. 1280-يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى ماردېنخا باغداتتا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا كاھىن سايلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ماركوس تېخى ئاربېلادىن يولغا چىقمىغانىدى. نەتىجىدە سايلامدا ئۇ كاھىن — دىنىي داھىي پاترىئارىخ بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1281- يىلى 11- ئايدا ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئېچىلىدۇ. ئېلخانىلار ئىمپېرىيىسىنىڭ خاقانى ئاباغا (Abaka) خان ئۇنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا يابالاخا III (III Yahbah — Allaha) دەپ نام بېرىدۇ[81]. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ياش ئۇيغۇر ماناخ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە 36 يىل دىنىي داھىي (كاھىن) بولۇپ تۇرىدۇ. ئاباغا ئۆلۈپ، 1284- يىلى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئارغۇن ئېلخانىلار خاقانى بولىدۇ. 1287- يىلى ئارغۇن خاقان خرىستىئان دىنىدىكى دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاساسەن پەلەستىن (ئېرۇسالىم) بىلەن سۈرىيىنى بېسىۋېلىش كويىدا ئالدى بىلەن ياۋروپادىكى خرىستىئان پادىشاھلىرىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ تىلىنى ئىگىلىگەن راببان سائۇمانى 1287- يىلى پۈتۈن ياۋروپاغا باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. سائۇما كونستانتىنپولغا بېرىپ، پادىشاھ ئاندرونىكوس II (Andironicos) نىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنى بولىدۇ. ئۇ يەردىن رىمغا بېرىپ كاردىنال يېرومى (Jerome) بىلەن دىنىي مۇنازىرە يۈرگۈزىدۇ. پاپا خونۇرىئوس (II (IIHonorisun شۇ يىلى 4- ئايدا ئۆلۈپ كەتكەنىكەن. يېرومى 1288- يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا پاپا بولۇپ سايلىنىدۇ. سائۇما ئۇ يەردىن پارىژ شەھىرىگە بېرىپ فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ فائىر ( IV (Philippele Bel — Philippe the Fair) نىڭ قىزغىن ۋە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئارغۇن خاقاننىڭ خېتىنى ۋە سوۋغىلىرىنى تاپشۇرىدۇ. پارىژدا يېرىم ئايغا يېقىن تۇرۇپ، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بور (بەزى ماتېرىياللاردا گاسكونى Gascory- دېيىلگەن) شەھىرىگە بېرىپ ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋارد ( I Edwardl) بىلەن كۆرۈشىدۇ. فرانسىيە، ئەنگلىيە پادىشاھلىرى ئېلخانىلارنىڭ دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش (سۈرىيە، پەلەستىن، ئېلخانىلارنى) تەلىپىگە قوشۇلىدۇ. 1288- يىلى سائۇما دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىدە يېڭى پاپا نىكولاس ( IV (IVNicholas) نىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قايتا رىمغا بېرىپ، دۆلەت خېتى تاپشۇرىدۇ. پاپا ئارغۇننىڭ خرىستىئان دىنىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ ھەم سوۋغا-سالاملار يوللايدۇ. سائۇما ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق، قانائەتلىنەرلىك ئورۇنلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئارغۇن خان ئالاھىدە مۇكاپاتلايدۇ، پايتەخت تياۋلى ئىبادەتخانىسى (ھازىرقى ئەزەربەيجاندىكى تەبرىزدە) غا يانداشتۇرۇپ بىر چېركاۋ سېلىپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىنى تاپىلايدۇ. كېيىن مارغا茂刺哈) ) غا كۆچۈپ كېلىپ يەنە بىر ھەيۋەتلىك چېركاۋ سالىدۇ. 1293- يىلى، ماركوس (يابالاخا III) نىڭ قېشىغا نائىبلىققا بېرىپ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ بۇنى ۋاپات بولغۇچە (1294- يىلى، 1- ئاينىڭ 10- كۈنى) بېجىرىدۇ. ماركوس بولسا 1317- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى مارغا شەھىرىدە 72 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. «سائۇمانىڭ ئەلچىلىككە چىقىشى رىم پاپاسىنىڭ يۈەن سۇلالىسى خاقانىنىڭ ۋە ھەرقايسى خانلىقتىكى ھۆكۈمرانلار خرىستىئان دىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزدى. شۇنىڭ بىلەن مىسسىيونىر گ. مونتېكور ۋىنو (Giovanida. Montecorvino، 1247 — 1328) قاتارلىقلار شەرققە كېلىپ شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇئەييەن رول ئوينىدى»[82]. سائۇمانىڭ پارسچە يازغان ساياھەت خاتىرىسى بولۇپ، ئەسلىي نۇسخىسى يوقىلىپ كەتكەن. 1887- يىلى سۈرىيە «كاھىن يابالاخا ۋە چارلاپ يۈرگۈچى باش تەپتىش راببان سائۇما خاتىرىسى» (ئاپتورى ئېنىق ئەمەس) تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا راببان سائۇمانىڭ ساياھەت جەريانى تونۇشتۇرۇلغان. بۇدگې دېگەن ئادەم 1928- يىلى نيۇيۇركتا «The Monks of Kubilai Khan» Budge » دېگەن كىتابىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا 1958- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا «ماريابالاخا III ۋە راببان سائۇما تارىخى IIистория МаряьалахииРььан Саумь» (ئاپتورى H. B Пигевская) دېگەن كىتاب نەشر قىلىنغان.

«ئۇگداي دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن مەسئۇد麻速忽) ) داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلار رايونىدىن تارتىپ، ماۋەرائۇننەھر رايونلىرىنىڭ باجلىرىنى باشقۇرىدىغان باش ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئىشلىگەن. موڭكېخان ناخۇەي 讷怀))، تالاقاي塔拉海) لار بىلەن بىرگە مەسئۇدنى بەشبالىق قاتارلىق جايلارنىڭ مەمۇرىي مىرزا دىۋان نايىبى[83] لىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن.

7) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ھەققىدە

يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇچە ئەسەر يازغان ئاپتورلار ناھايىتى كۆپ. ئەدىبلەردىن گۇەن يۈنشى، سەيدۇللا، ما زۇچاڭ، شۆ ئاڭفۇ، ليەن شىشيەن، گاۋ كېكوڭ، جاۋ شىيەن، ما شىدى، شىن ۋېنفاڭ، شې ۋىنجى قايا، ليەن پۇكۈي، چى نەنەقايا، شې يۈلى، شې جىدۇ، نەي شەن، سەن باۋجۇ، بيەن لۇ، تېەن ساڭيا، ليەن خىڭ، كەيلىباش، مارۇن، شىڭ شىمىڭ، دادۇلۇ، بايان بۇقاتېگىن، بى لىشا، شاھ شۋەنۋىڭ، ليەن دۈن، جىن ساڭيا، ۋاڭ باۋجۇ، شې بەيلىياۋلاردىن ئىبارەت.

بۇ ئىسىملىكتىنلا روشەنكى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۆز دەۋرىدە تونۇلغان 28 ئەدىبنىڭ كۆپچىلىكى شىنجاڭلىق ئىدى. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، يۈەن دەۋرىدە خەنزۇچىنى پىششىق بىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن 30 ئالىم بولغان.

ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە، بىر قەدەر يۇقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، شۇڭا يۇقىرى تەبىقە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشىغان بولغاچقا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار تەسىراتى ۋە ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن، شېئىر، نەزمىلەرنى يازغان. بۇ ئەدىبلەرنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشاپراق كېتىدۇ. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي ئەل ئەدىبلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدىبلىرى شېئىر، بېيت، نەزمە (بۇ يەردە خەنزۇچە شېئىر شەكىللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) شەكىللىرىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ، يۈەن دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى كەڭ ۋە چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرگەن. تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پاش قىلغان. بىرمۇنچە ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە خەلقنىڭ ئالۋاڭ-ياساق، ھاشار ۋە خىلمۇخىل تەبىئىي ئاپەت بىلەن ئۆتۈۋاتقان ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئەينەن تەسۋىرلىگەن. جەمئىيەتنىڭ زۇلۇمى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكى، خىيانەتچى-ئەمەلدارلارنىڭ شەرمەندىلىكىنى پاش قىلغان. شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نام-مەنپەئەتكە بېرىلمەيدىغان، دۇنيادىن پاك ئۆتۈپ كېتىشنى خالايدىغان ئالىيجاناب پەزىلەتلىرىنى، خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقىنى ئىزھار قىلغا. تەبىئەت گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ، گۈزەل تاغ-دەريالارنى كۈيلەپ نۇرغۇن لىرىك شېئىرلارنى يازغان.

گۈەن يۈنشى (1286 — 1324) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق نەسرىي غەزەل (散曲) يازغۇچىسى، ئاتاقلىق خەتتات، مۇزىكانت ۋە رەسسام، غەزەلچى، دراماتۇرگ، جۈملىدىن جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ بىرى. گۈن يۈنشى خەنزۇچە ھۆججەتلەرگە گۈەن يۈنشى 贯云石))، گۈەن يۈنشى قايا贯云石海牙) ) دەپ ئىككى خىل يېزىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ سۆز ئۇيغۇرچە «كۈن سەۋنچ» نىڭ ترانسكرىپسىيىسى دەپ قارايدۇ. سۈەنجەي (酸斋 —) تاڭسۇق، ئاچچىق-چۈچۈك) دېگەن سۆزنى تەخەللۇس قىلغان.

گۈەن يۈنشىنىڭ ئانا يۇرتى شىمالىي شىنجاڭدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى جىمسار ئىدى.گۈەن يۈنشى 39 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇ بۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغانىدى. ئۇ قەلەمگىمۇ، ئەلەمگىمۇ ماھىر ئىدى. ئۇ يەنە تېبابەتچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغانىدى. شۇنداقلا بۇددا پەلسەپەچىسى ئىدى، ئۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە بىرلىكتە ئالغا بېسىشىغا تۆھپە قوشقان.

گۈەن يۈنشىنىڭ تالانتى كۆپ تەرەپلىمە بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي تالانتى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ.
گۈەن يۈنشى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى، ئۇ شېئىر 诗))، دراما 曲))، بېيت 词))، ماقالە文) ) قاتارلىقلاردا ناھايىتى يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغان. بولۇپمۇ ئۇ نەسرىي غەزەل散曲) ) يېزىشتا مەشھۇر ئىدى.

گۈن يۈنشىنىڭ ئەسەرلىرى ئەينى چاغدىلا زور تەسىرگە ئىگە بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ياڭ جياۋيىڭ تەھرىرلىگەن «باھار قارلىرى»阳春白雪) ) ۋە «تىنچ مۇزىكا مەھكىمىسى»太平乐府) ) قاتارلىق كىتابلارغا ئەسىرى ئەڭ كۆپ كىرگۈزۈلگەن يازغۇچىلاردىن بىرى ئىدى. مەسىلەن، «باھار قارلىرى» غا كىچىك نەزمىلەردىن 36 پارچە، پۈتۈن يۈرۈشلۈك كۈيلەردىن بىر پارچە كىرگۈزۈلگەن. «تىنچ مۇزىكا مەھكىمىسى» گە كىچىك كۈيلەردىن 30 پارچە، پۈتۈن يۈرۈشلۈك كۈيلەردىن ئالتە پارچە كىرگۈزۈلگەن. گۇەن يۈنشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياڭ جياۋيىڭ ئۇنىڭ يېقىن دوستى شۇزەيسىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر توپلام قىلىپ، «سۇەنتيەن مۇزىكا مەھكىمىسى»酸甜乐府») ) دېگەن نام بىلەن تارقاتقان. «يۈەن سۇلالىسى نەزمىلىرىدىن تاللانما元诗选) ) غا گۈەن يۈنشىنىڭ 27 كۇپلېت شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. گۈەن يۈنشىنىڭ زادى قانچىلىك ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

گۈەن يۈنشى ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى ئاكتۇئال (ئىلغار) ئىدى.زاماندىن زارلىنىش ۋە تەركىدۇنيالىق خاھىشىنى ئىپادىلەش گۈەن يۈنشى ئەسەرلىرىدىكى گەۋدىلىك بىر تېما. ئۇ ھۆكۈمرانلار سورۇنىدىن بىزار بولۇپ، نام-ئەمەلنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ، پاسىقلىق قاپلاپ كەتكەن مۇھىتتىن ئۆزىنى تارتىپ، تىنچ، خاتىرجەم جايغا يۈزلىنىشنى نىيەت قىلىدۇ ۋە بۇنداق ئىدىيىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بىلەن بىللە، ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىمۇ ئىپادىلەيدۇ.

گۈەن يۈنشىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يارقىن بىر تېما ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرىنى زوق-شوخ بىلەن كۈيلەش ۋە تەبىئىي مۇھىتنى پۇخادىن چىققۇچە تەسۋىرلەش. چۈنكى، ئۇ خەتەرلىك سىياسىي ماجىرادىن تىنچ، گۈزەل مۇھىتقا يۈزلىنىپ ئالاھىدە خۇشاللىنىدۇ.

گۈەن يۈنشىنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتى ۋە ھەسرەتلىك ھېسسىياتى تەسۋىرلەنگەن قىسمىمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.دېمەك، گۈەن يۈنشى ئەسەرلىرى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنىنى خېلىلا بېيىتقان.

سەيدۇللا 萨都喇 — (1305 — 1355) يۈەن دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدىب.

يۈەن دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەدىب تاۋ زوڭيى 掏宗仪)) ئۆزىنىڭ «كىتابلار جەۋھىرى»书史会要») ») دېگەن ئەسىرىنىڭ 7- جىلدىدا، تۇنجى قېتىم سەيدۇللانىڭ ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ ناھايىتى ئېنىق ھالدا «سەيدۇللانىڭ يەنە بىر ئىسمى تيەنشى 天锡 بولۇپ، ئۇيغۇر 回纥人» » دەپ كۆرسەتكەن.

سەيدۇللانىڭ ئانا يۇرتى شىنجاڭ، ئاتا-بوۋىلىرى ئىچكىرىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان.سەيدۇللا داڭلىق شائىر ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەيلى سان، مەيلى سۈپەت جەھەتتە بولسۇن، يۈەن دەۋرىدىكى شېئىرىيەت مۇنبىرىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ پۈتۈن جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىيات خەزىنىسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسىم. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چىن يۈەن ئەپەندى «جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدا يۈەن دەۋرىنى سۆزلەيدىكەنمىز سەيدۇللانى تىلغا ئالماي بولمايدۇ» دەپ يازغان.

يولداش ماۋ زېدۇڭ، ئۆزىنىڭ 4- توم ئەسىرىدىكى «پارە-پارە بولۇۋاتقان ئەكسىيەتچىلەر نېمە ئۈچۈن يەنە ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق دەپ قۇرۇق جار سالىدۇ» دېگەن ماقالىسىدە سەيدۇللانىڭ «شىتۇچىڭغا چىققاندا» ناملىق شېئىرىدىن نەقىللەر ئېلىپ، ئۆز كۆز قارىشىنىڭ دەلىللىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشتا پايدىلانغان.

سەيدۇللانىڭ «يەنمىن توپلىمى»雁门集») ») دېگەن ئەسىرى بار، بۇ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېئىرلار ئىچىدە ئەڭ داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى.

شائىر ئۇزۇن مۇددەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشىغاچقا، خەلقنىڭ ماكانسىزلىق، ئاچ-يالىڭاچلىق، جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، قەلبىدە چوڭقۇر ھېسداشلىق تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز قوزغىلىپ، نۇرغۇن مەشھۇر شېئىرلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ پاجىئەلىرىنى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە چىن قەلبىدىن ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. ئەنە شۇ شېئىرلار ئىچىدە «تىلەمچى قىز» 鬻谣女))، «تاڭ گۈەن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش» 过居唐关»)»)، «تاڭ سەھەردە خۇاڭخې دەرياسى بويىدا كۆرگەنلىرىم»早发黄河即事») ») قاتارلىق شېئىرلىرى خەلقنىڭ مەدھىيلىشىگە ئېرىشكەن ۋە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن.

سەيدۇللانىڭ نامى چەت ئەللەرگىمۇ تونۇش، ياپونىيىلىك داۋتيەن خەن 岛田翰)) ئابىدە قىلىپ ئويۇلۇپ، ئۆزىنىڭ بولۇپ كەتكەن «سا تيەنشى — ‹سەيدۇللا› شېئىرلىرى»刻永和本萨天锡逸诗» » دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى چەت ئەللەرگە تارقاتتى. مىسىرلىق ئالىم رۇۋادى «مۇسۇلمانلار جۇڭگودا» ناملىق كىتابىدا «ئەرەبلەرنىڭ شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى سەيدۇللانىڭ ئىسمىغا نىسبەتەن يات تونۇشتا ئەمەس» دەپ يازىدۇ.

دېمەك، سەيدۇللا ۋە شېئىرىي دىۋانى «يەن مىن توپلىمى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، شۇنداقلا جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان گۆھەر.

شۆ ئاڭفۇ辥昂夫) ) يۈەن دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق ئۇيغۇر شائىرى.

تاۋزوڭيى «كىتابلار جەۋھىرىگە تولۇقلىما» 书史会要补遗»)») دېگەن ئەسىرىدە ئۇنى «ئۇيغۇر — 回纥人» » دەپ ئىزاھلىغان.

شۆئاڭفۇنىڭ يۈەن دەۋرىدىكى شېئىرىيەت ساھەسىدە داڭقى بار ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ھازىر بىر كۇپلېت ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما نەسرىي غەزەللىرى بىرقەدەر كۆپ. «يۈەن سۇلالىسى نەسرىي غەزەللىرى»全元散曲») ») دە كىچىك يۈلەردىن 65 كۇپلېت، پۈتۈن يۈرۈشلۈكتىن ئۈچ كۈيى بار.

شۆئاڭفۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ. ئۇ نەسرىي غەزەلدىن ئىبارەت ھەجمى كىچىك، جانلىق بولۇپ، تەسىرلىك ژانىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يۈرىكىدىكى چەكسىز ھېسسىياتى ۋە تۇرمۇش قارىشىنى ئىپادىلىگەن.

شۆئاڭفۇنىڭ كۆپ ئەسەرلىرى تارىخنى كۈيلەش، قەدىمكىنى ئەسلەش مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەر ياكى ئۆزى كەزگەن تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئەسەرلەر، قەدىمگاھلارنى، مەشھۇر ئورۇنلارنى كۆرگەندە، تەسىرلىنىپ يازغان ئەسەرلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى تولىمۇ جانلىق ۋە جەزبىدار بولۇپ، تىل ئىشلىتىشى كۈچلۈك ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن.

ئومۇمەن، شۆئاڭفۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مەردانىلىك، زوق-شوخلۇق كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، «جۇڭلۈ. تاغ باغرىدىكى قويلار» (中吕.山坡羊»») غەربىي كۆلدىكى ئارىلاش مەدھىيىلەر. باھار» 春.西湖杂咏»)»)، «قەسىر ئالدىدىكى خۇشاللىق»殿前欢») ») قاتارلىق ئەسەرلەر مۇشۇنداق خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلەردۇر.

مازۇچاڭ马祖常) (1278—1339) ) ئۇيغۇرلارنىڭ توقسۇندا ئولتۇرۇشلۇق قەبىلىلىرىنىڭ ئەۋلادىدىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق ئەدىب ئىدى.

مازۇچاڭ كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى «لې خوۋجىن ئەينىكى» 列后金?»)»)، «يىللار خاتىرىسى» 千秋纪略»)»)، «قارىغايلىق ساراي خاتىرىسى» 松厅事稿»)»)، «شىتيەن توپلىمى»石田集») ») بار. ئۇ يەنە «يىڭزۇڭنىڭ ئەمەلىي خاتىرىلىرى» 英宗实录»)») نى تۈزۈشكە قاتناشقان. «پادىشاھ رەسىمىنىڭ بۈيۈك نۇسخىسى» 皇图大训»»، «چىڭخۇانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى»承华事略») ») نى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان.

مازۇچاڭ ئالدى بىلەن بىر خەلق شائىرى ئىدى. ئۇ، خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە نىسبەتەن مەلۇم چۈشەنچىنى تۇرغۇزغان. شۇڭا، شېئىرلىرىدا ئېزىلگۈچىلەرگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن، سىنىپىي زىددىيەتنى پاش قىلغان، ھۆكۈمرانلار سورۇنىنىڭ زۇلمەتلىكىگە ۋە ئۇنىڭدىكى نۇقسانلارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوردىدىكى ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالىق تۇرمۇشقا غەزەپ-نەپرىتىنى ياغدۇرغان. ئەمەلدار ۋە بايلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئەمگەكچى خەلققە كەلتۈرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى قاتتىق پاش قىلغان.

مازۇچاڭنىڭ «شىتيەن توپلىمى» داڭلىق ئەدەبىي ئەسەر. بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى مول، تېمىسى كەڭ، ئىدىيىۋى مەزمۇنى ساغلام ۋە ئىلغار.

مازۇچاڭنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك — ئەسەرلىرىنىڭ ھەجمى چوڭ. مەسىلەن، «پايتەخت دەرۋازىسىدىكى يۈز قاپىيە»都门 — 百韵 ») ») دېگەن شېئىرى مىڭ خەتلىك، «ئىرادىنى كۆزلىگەن سەكسەن قاپىيە» — 壮游八十韵») ») دېگەن شېئىرى 800 خەتلىك بولۇپ، ئاتاقلىق شائىر دۇفۇنىڭ «شىمالغا سەپەر» 北征») ») دېگەن شېئىرىغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ.

8) رەسساملىق ۋە خەتتاتلىق

يۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن ئاتاقلىق رەسساملار ۋە خەتتاتلار ئۆتكەن.

ئۇيغۇر رەسسامى بيەنلۇ边鲁) ) ۋە ئۇنىڭ «بامبۇكزارلىقتىكى قىرغاۋۇل» (善田墨戏花鸟) دېگەن رەسىمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك. بيەنلۇ كۆپلىگەن ئېسىل ئەسەرلەرنى سىزىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى رەسساملىقىنى بېيىتقان[84].

ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن گۈەن يۈنشى، نەيشەن، گاۋ كىكوڭ بۇ بۇيان بۇقا تېگىن (بۇ ئادەم ھەم خەتتات) قاتارلىقلارنىڭ نامى جۇڭگو رەسساملىق تارىخىدا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە.

كۈسەنلىك ئالىم چىڭشىمىڭ ۋە ليەن شىگۇڭ، لۈلۈ闾闾) ) سارابان، شىشەن، ۋىنيىناشىل قاتارلىقلار ئاتاقلىق خەتتاتلاردىن ئىدى. ليەن شىگۇڭ قاتارلىقلارنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ قىممەتلىك سەنئەت مىراسىدۇر[85].

چىڭ شىمىڭ 盛熙明)) «خەتتاتلىق ھەققىدە مۇھاكىمە» 书法考) ) دېگەن ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئۆزىنىڭ كۈسەنلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ياشلىق دەۋرىنى كۈسەندە ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، كېيىن موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ بۇ مەزگىلدە «خەتتاتلىق ھەققىدە مۇھاكىمە»، «رەسساملىق ھەققىدە تەتقىقات»، «ئالتۇن خەتلىك بۇددا كىتابى»، «كۈيجاڭ راۋىقى[86] ھەققىدە يېزىلغان كىتابقا رەددىيە» ناملىق كىتابلارنى يازغان ۋە «كلاسسىك قامۇسنامە» ناملىق زور ھەجىمدىكى سىياسىي كىتابنى يېزىش-تەھرىرلەشكە مەسئۇل بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ «خەتتاتلىق ھەققىدە مۇھاكىمە»، «رەسساملىق ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابلىرى بىلەن ئۆز دەۋرىدە داڭق چىقارغان.

9) تەرجىمانلار

يۈەن سۇلالىسى دەۋرى — جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭ بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئىدى. ئۇنىڭ ئاھالىسى، جۈملىدىن مىللەتلەر خېلىلا كۆپ، چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەرگە قارىغاندا كېڭەيگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمران مىللەت بىلەن مۇتلەق كۆپ قىسىم ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى خەلقنىڭ تىللىرىدا پەرق بار. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تەرجىمە ئىشلىرى دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

يۈەن سۇلالىسى دەۋرى — موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە غەربىي شىمالدىكى مۇسۇلمان، غەيرىي مۇسۇلمان مىللەتلىرى تەرجىمە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى ۋە تۆھپىسى بەكمۇ چوڭ بولغان. «تىل يېزىقنى پىششىق بىلىدىغان ئۇيغۇر تەرجىمە مۇتەخەسسىسلىرى يۈەن دەۋرىدە ھۆكۈمران موڭغۇللارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم ۋاسىتىچى بولۇپ قالغان»[87].

(1) ئاراساڭ安藏) ) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ تەرجىمانلارنىڭ بىرى.

ئاراساڭ (؟—1293) نىڭ ئەسلىي ئىسمى گوباۋ国宝) ) بولۇپ، ئۇ بەشبالىق (ھازىرقى جىمسار تەۋەسىدە) تا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇلار ئەۋلادتىن – ئەۋلادقىچە بەشبالىقتا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. ئۇ بالىلىق چېغىدىلا ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ۋە خەنزۇ تىل يېزىقىنى پىششىق بىلگەن. بۇددا نوم سۇترىلىرىنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن. كۇڭزىچىلىق ئەقىدىلىرىدىن خەۋەردار بولغان. شۇڭا، بىلىملىك ئۆلىمالار ئارىسىدا ياش تۇرۇپلا نام چىقارغان. مۆڭكېخان ئاراساڭنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ئوردىغا چاقىرتقان، ئۇ ئوردىدا خىزمەت قىلغان. قۇبلاي دەۋرىدە 10 توملۇق بۇددا كىتابى — «ئاغىلىق نوملار ھەققىدە ئېيتىلغان پەندى-نەسىھەتلەر توپلىمى» 宝藏论元演集») ») نى قۇبلايغا ھەدىيە قىلىپ، ئۇنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ «قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى ئېگىز-پەس ئىشلارنى ئوڭشاپ، شۇنىڭغا دائىر تارىخنى ئىگىلەپ، جاھاننىڭ كىمگە باقىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش» مەقسىتىدە «نەسرنامە» 尚书»)») دىكى، «پاراغەتكە بېرىلمەسلىك» قىسمى 无逸.尚书»)»)، «جېنگۈەن[88] يىللىرىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەر» 贞观政要»)»)، «ئۆرنەك»申鉴») ») قاتارلىق كىتابلارنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر يېزىقى ئارقىلىق موڭغۇلچىغا تەرجىمە قىلىپ، قۇبلايغا ھەدىيە قىلغان. كېيىن يەنە «نەسىرنامە» 尚书))، «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» 资治通鉴»)»)، «نەن جىڭ» (رىيازەت خاتىرىلىرى) «难经»، «دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر»本草) ) قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنى خەنزۇچىدىن موڭغۇلچىغا تەرجىمە قىلغان[89]. بۇنىڭ ئىچىدە «دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر» دېگەن كىتابتىن باشقىلىرى سۇڭ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ خەلقنى ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا دائىر «ئەمەلىي خاتىرە ياكى ئوردا دەستۇرى» ۋە «تەجرىبىلەر توپلىمى» بولۇپ ھېسابلىناتتى.

«نەسرنامە»尚书) ) خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان تارىخنامىلەرنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇ تارىختا ئۆتكەن فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئوقۇش دەستۇرى ئىدى. ئاراساڭ بۇ كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ھۆكۈمرانلارغا تارىختا ئۆتكەن ئۆزگىرىشلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ، نىيەت ئىقبالىنى رۇسلاپ، ئەلنى توغرا يولغا باشلاپ، يۈەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش مەسلىھىتىنى بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىتابلار ئوبيېكتىپ جەھەتتە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلانغان.

ئاراساڭ 1293- يىلى ۋاپات بولغان. قۇبلاي ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇستاز بەگ قاتارلىق ئۇنۋانلارنى بەرگەن[90].

(2) پراجناشرى 必兰纳识里) ؟ — 1332) بەشبالىقتىكى گامرو بەگلىكىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋە سانسكرىت تىللىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن، كېيىنچە تۇبۇتچە ۋە موڭغۇلچىنى ئۆگەنگەن. ئەينى چاغدا ھەر مىللەتتىن يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىغا كەلگەن مېھمانلار ۋە چەت ئەل ئەلچىلىرى ئېلىپ كەلگەن خەت-چەكلەرنى ھېچكىم ئوقۇيالمىغان. پەقەت پراجناشرى ئوقۇپ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. يۈەن سۇلالىسى تارىخىي خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، پراجناشرى خەت-چەك، ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى، ئېلىپ كېلىنگەن سوۋغاتلارنىڭ سانىنى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىدىكەن. بۇلارنى ئۇنىڭ يېنىدىكىلەر يېزىپ چىقىدىكەن، ئاندىن خەت-چەك، ھۆججەتلەر يۇقىرىغا سۇنىلىدىكەن. مەسئۇل بولغۇچىلار شۇ تەرجىمە بويىچە سوۋغاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندە پەقەت خاتالىق كۆرۈلمىگەن. پراجناشرىنىڭ بىلىمىنىڭ موللىقىغا قايىل بولمىغان بىرمۇ كىشى بولمىغان. پراجناشىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، كىشىلەرنىڭ تىل ئالاقىسىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ھەل بولغان، مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق كۈچەيگەن. شۇ سەۋەبتىن پراجناشرى كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان ۋە مەنسەپكە قويۇلۇپ، بىرمۇنچە دۆلەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن.

پراجناشرىنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى يەنىلا بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ۋە تەتقىق قىلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. بۇددا مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. بۇددىزم مەدەنىيىتى دىن بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ساھەلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇددىزمنىڭ تارقىلىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شۇڭا، ئۇ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يۈەن سۇلالىسى دادېنىڭ 6- يىلى (1302) پراجناشرى خاننىڭ ئورنىدا راھىبلىققا چىقىپ، بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇ «سورۇنگاما سامادخى نومى»، «چوڭ نېرۋان نومى»، «ماخايانا مەزھىپىنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىگە مەدھىيە» دېگەنگە ئوخشاش ئالتە خىل بۇددا نومىنى خەنزۇ، سانسكرىت ۋە تۈبۈت تىللىرىدىن موڭغۇلچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ تەرجىمە نۇسخىلار بۇددىزمنى تەتقىق قىلىشتا ئەھمىيىتى زور بولغان[91].

(3) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر تەرجىمانلار ئىچىدە كارۇناداس[92]迦鲁纳答思) ؟ — 1312) نىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، ئۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بولۇپ، سانسكرىت قاتارلىق بىر قانچە تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن. بىر قانچە يىل تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن كېيىن قۇبلاينىڭ تەرجىمانى بولغان.

يۈەن سۇلالىسىگە 20 نەچچە دۆلەتتىن ئەلچىلەر كەلگەندە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كارۇناداس تەرجىمان بولغان. ئۇنىڭ ئاجايىپ راۋان تەرجىمىلىرىدىن ئەلچىلەر ھەيران بولۇشقان. «بۇ كارۇناداسنىڭ چەت ئەل تىللىرى سەۋىيىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرىدۇ»[93]. ئۇ 1312- يىلى ۋاپات بولغان، تۇغۇلغان يىلى ئېنىق ئەمەس.

دېمەك، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر تەرجىمانلىرىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغانىدى. قىسقىسى، «سىرتتىن، چەت ئەللەردىن ئوردىغا ئەلچىلەر كەلگەندە كۈتۈۋالىدىغان ۋە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى بېجىرىدىغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىگە ئالغانىدى»[94].

10) تارىخشۇناسلار

يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە چوڭ ئىشلار قىلىندى.

16 جىلدلىق «لياۋ سۇلالىسى تارىخى»، 135 جىلدلىق «جىن دۆلىتى تارىخى»، 496 جىلدلىق «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» قاتارلىقلار مۇشۇ دەۋردە تۈزۈلگەن. تۈزۈشكە ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

(1) ليەن خۇيشەن قايا廉惠山海牙) ) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارى بۇرۇلقايانىڭ نەۋرىسى، ئەنخۇي گۇاڭ ۋۇدى مەھكىمىسىنىڭ دارۇغاچى (با مۇپەتتىشى) ئارغۇن قايانىڭ ئوغلى، ليەن شىشيەننىڭ جىيەنى بولۇپ، 1274 — 1345- يىللىرى ياشىغان. ئۇ جىن، لياۋ، سۇڭ سۇلالىسى تارىخلىرىنى تۈزۈش، تەھرىرلەشكە قاتناشقان. «ليەن شىشيەن قايا ‹لياۋ سۇلالىسى تارىخى› نى تۈزگۈچى، تەھرىرلىگۈچى ئەمەلدارلار ئىچىدە بىرىنچى شەخس ئىدى»[95]، ئۇ يەنە «يىڭزوڭ خاتىرىلىرى» 英宗实录»)»)، «شيەنزۇڭ خاتىرىلىرى» 显宗实录»)») نى تۈزۈشكە قاتناشقان[96].

يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىلگىرى «لياۋ سۇلالىسى تارىخى» بىر قېتىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يوقىلىپ كەتكەن. 1343- يىلى يۈەن ئوردىسى ليەن خۇيشەن قايا قاتارلىق تۆت نەپەر كىشىنى لياۋ سۇلالىسى تارىخىنى تۈزۈپ چىقىشقا ئاجراتقان بولۇپ، ئۇلار تۈزگەن «لياۋ سۇلالىسى تارىخى» دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ يىلنامە 1343- يىلى 4- ئايدىن 1344- يىلى 3- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈزۈلۈپ بولغان بولۇپ، جەمئىي 106 جىلد، بۇ چاغدا ليەن خۇيشەن قايا يەتمىش ياشتىن ئېشىپ قالغانىدى. «لياۋ سۇلالىسى تارىخى» بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن بىرقەدەر تولۇق، سىستېمىلىق ھالدا تۈزۈلگەن لياۋ دەۋرىنىڭ رەسمىي تارىخى، ئۇ لياۋ (قىتانلار) دەۋرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مول ۋە قىممەتلىك ماتېرىيال.

(2) سارابان沙拉斑) ) نىڭ ئەسلىي ئىسمى جىڭ جېڭ (敬天) بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى دارىلئۇلۇمىنىڭ مىرزا بېگى ئارۇن تۆمۈرنىڭ ئوغلى ئىدى.

سارابان يۈەن سۇلالىسىنىڭ شۇندى خانى توقۇن تۆمۈر (1333 — 1370) خانىنىڭ ئۇستازى بولغان، شۈندې خان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇ جياڭشى خۇدۇڭ ئايمىقىنىڭ تۆرە نايىبى، دارىلئۇلۇمىنىڭ مىرزا بېگى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. كېيىن ئوردا مىرزا دىۋان مۇئەككىلى، تۈتۈن دىۋانى مىرزىسى، جارچى مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى بېجىرگەن. 1343- يىلى سارابان «جىن دۆلىتى تارىخى« نى تۈزۈش توغرۇلۇق يارلىق تاپشۇرۇۋالغان، شۇ يىلى 11- ئايدا 135 جىلدلىق بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىققان. دېمەك، «سارابان ‹جىن دۆلىتى تارىخى› نى تۈزۈپ تەھرىرلىگۈچى ەمەلدارنىڭ بىرىنچىسى ئىدى»[97].

1260 — 1262- يىللىرى «جىن دۆلىتى تارىخى» ۋە جىن سۇلالىسىغا دائىر تارىخىي كىتابلار تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنلا يوقىلىپ كەتكەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «جىن دۆلىتى تارىخى» بولسا دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر بىرقەدەر مول، سىستېمىلىق بولغان جىن خانلىقىنىڭ رەسمىي تارىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىلنامىدىكى «تەزكىرە» تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن، جىن دەۋرىدىكى ھەر دەرىجىلىك تۈزۈملەرنى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رايونلارنىڭ بۇرۇنقى مەمۇرىي بۆلۈنۈشى، تەبىئىي شارائىتى، ماددىي بايلىقى، تاغ-دەريالار، مىللەتلەر قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. دېمەك، «جىن دۆلىتى تارىخى» نى تۈزۈپ تەھرىرلىگۈچى ئەمەلدار سارابان ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان[98].

ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن يۆجۇ 岳株)) ئارغۇن سالىنىڭ چوڭ ئوغلى ۋە چولپان سالى全普俺撒里) ) قاتارلىقلار «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى»宋史») ) نى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلاردىن قۇتلۇق دۇرمىش 忽都鲁儿迷失)) ۋە ئارۇن تۆمۈر阿领帖米儿) ) قاتارلىقلار موڭغۇل ئوردىسىنىڭ خاتىرىسى «توبوچيان» نى يېزىشقا قاتناشقان [99]،[100].

4. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر دىپلوماتلىرى كورىيىدە

ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچە مەشھۇر دىپلوماتلار يېتىشىپ چىققان، شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدە كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىگە ھەسسە قوشقانلاردىن شې سۈن 偰逊))، شې چاڭشوۋ 偰长寿))، شېسى偰斯) ) قاتارلىقلارنىڭ خىزمەتلىرى ئالاھىدە بولۇپ، ئەسلەشكە تېگىشلىك.

بۇ ئۈچ زات تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ نەسەب تارىخى توغرۇلۇق توختىلىمىز.

تونيۇقۇق تۈرك خانلىقى دەرۋىدە ئۆتكەن داڭلىق ھەربىي سەركەردە، سىياسىيون بولۇپ، ئاشىد قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئاشىد قەبىلىسى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە خان جەمەتى قەبىلىسىدىن ھېسابلانغان ئاشنا قەبىلىسىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئىككى يېتەكچى قەبىلىنىڭ بىرى ئىدى، شۇنداقلا بۇ قەبىلە قەدىمكى دىڭلىڭلار بىلەن بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان قەبىلە ئىدى. ئۇ ئاشنا قەبىلىسى بىلەن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتتە بولغان.

تۇنيۇقۇق كىچىكىدىن زېرەك، ئەقىللىق، جەسۇر يىگىت بولۇپ ئۆسكەن، شۇنداقلا ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇپ، بىلگە تۇنيۇقۇق دەپ ئاتالغان. ئۆسمۈرلەر چاغلىرىدا ئۆز زامانىسىنىڭ دپلوماتىيە قائىدىسىگە ئاساسەن تاڭ سۇلالىسى ئورىسىدا تۇرۇپ، تەربىيىلەنگەن ھەم ئاشنا يۈەنجېن阿史那元珍) ) دېگەن خەنزۇچە ئىسىمنى قوللانغان. (لېكىن، بەزىلەر تۇنيۇقۇق بىلەن ئاشنا يۈەنجېننى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئادەم دەپمۇ قارايدۇ.) تۈرك خانلىقى ئوردىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەسلەپتە ئاپاتارقان كېيىن بويلا باغاتارقان… دېگەن مەنسەپكە مۇشەررەپ بولغان. تۇنيۇقۇق يىراقنى كۆرەر ئەرباب بولۇپ، ياش چاغلىرىدا ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلارغا قىزغىن ئىشتىراك قىلغان. «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»نىڭ 6- قۇرىدا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق مەلۇمات قالدۇرۇلغان: «مەن ئۇنى (قۇتلۇقنى) خاقان بولۇشقا دەۋەت قىلدىم. مەنكى بىلگە بويلاباغان تارقان… ئېلتېرىش خاقان بىلەن بىرلىكتە جەنۇبتا تابغاچلاردىن، شەرقتە قىتانلاردىن، شىمالدا ئوغۇزلاردىن كۆپ ئۆلتۈردۇق، (شۇ چاغدىمۇ) لەشكەرلەر باشلىقى، ئەقىلدارى مەنلا ئىدىم»، 51-52- قۇردا بولسا «قاپاغان قاغان 27 ياش ۋاقتىمدا مەن قاپاغان خاقانغا ياردەملىشىپ، ئۇنى تەختتە ئولتۇرغۇزدۇم. تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم، كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم، قىزىل قاناتلىرىمنى تۆكتۈم، قارا تەرلىرىمنى ئاقتۇردۇم، مەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم.» تونيۇقۇق غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانى ئېلتېرىشى (691-؟) قاغاننىڭ قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرك خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەمدەمدە بولغان ۋە ئۇنىڭ سەلتەنەت دەۋرى (683-691- يىللار) دىن تارتىپ قاپاغان قاغان (716-؟) نىڭ سەلتەنەت دەۋرى (691-716)، بىلگە قاغان (684-734) نىڭ سەلتەنەت دەۋرى (716-734) گىچە بولغان تۈركلەرنىڭ ئۈچ خاقانىغا باش ۋەزىر بولغان.

تۈرك خانلىقى مىلادىيە 552- يىلى تۈمەن خاقانىنىڭ سەلتەنەت تەختىگە چىققانلىقىنى بەلگە قىلغان ھالدا بىر مەزگىللىك بۆلۈنۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندا 744- يىلىغىچە مەۋجۇد بولغان. مىلادىيە 741 — 742- يىللىرى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار باسمىل ۋە قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوڭ-سول يابغۇ دەپ ئاتاپ، كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى ئۈزمىش قاغاننى ئۆلتۈرۈپ، باسمىللارنىڭ ئاقساقىلىنى «ئېلتېرىش قاغان» قىلىپ تىكىلگەن، بۇنىڭ بىلەن مىلادىيە 744- يىلى 8- ئايغا كەلگەندە، «بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» بىلەن «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دا كۆرسىتىلگەندەك كۆل بويلا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئېتمىش (بايانچۇر) قاغانلارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئۈچىنچى ئۇيغۇر ئېلى — ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرىنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇنيوقۇق جەمەتى مەنسۇپ بولغان ئاشىد قەبىلىسىدىكىلەر ۋەزىرلىك ئىمتىيازىغا ئىگە قەبىلە بولۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ياغلاقار قەبىلىسىدىن چىققان خانلار ئەنئەنىۋى تۈركىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاشىد قەبىلىسىنىڭ ۋەزىرلىك مەنسىپىگە ئولتۇغۇزۇشنى قارارلاشتۇرغان. بۇ خىل مۇھىم قائىدە ئۇلۇغ سەركەردە ۋە قابىل ۋەزىر تۇنيۇقۇقنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىكى تۇنيوقۇقنىڭ ئۆلگەن ياكى ھايات ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ماتېرىيال يوق. خەنزۇچە تارىخنامىلەرنىڭ بىرىدە 80 ياشلارغا كىرىپ ئۆلگەن دېيىلسە، يەنە بىرىدە 120 ياشلارغا كىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن دېيىلگەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىرقانچە ئون يىل ئىچىدە ھايات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللارمۇ بار. ئاشۇلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا، تۇنيوقۇق تۈركلەرنىڭ پىتىراپ كەتكەن بەزى قەبىلىلىرى بىلەن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە كەتمەي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا قالغان، شۇنداقلا خانلىقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، قەبىلىلىرىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر خاقانى يولغا قويغان سىياسەتكە ئاساسەن تۇنيوقۇق خانلىق ئوردىسىدا مۇھىم خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇئەللىپ ئوۋ ياڭشۈەن يازغان «قوچولۇق شې جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەرجىمىھالى»高昌偰氏家传) ) ناملىق كىتابتا شۇنىڭدىن باشلاپ «تۇنيوقۇقنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىرلىرى بولغان» دېيىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ يىللىرىدا (742 — 756- يىللار) مەركىزىي جۇڭگو رايونىدا «ئەنلۇشەن — شىسىمىڭ (ئۆڭلۈك-سۆيگۈن) توپىلىڭى» يۈز بېرىپ، پايتەخت لوياڭ توپىلاڭچى قوشۇنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئۇيغۇر خانلىقى تەكلىپكە بىنائەن ئاتلىق قوشۇننى ياردەمگە ئەۋەتكەن، قوشۇننىڭ قوماندانى تۇنيوقۇق بىلەن ئۇيغۇر خانىنىڭ شاھزادىسى بولغان. توپىلاڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنيوقۇققا «ئۇستاد ۋە ئەلەمگە سادىق بەگ» (ۋاڭ)大师忠武王) ) دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىپ، «ئەمىرمىمار»司空) ) دېگەن پەخرى ئەمەل بېرىلگەن. بۇ ئىشلار 756- يىللىرى بولغان. تۇنيوقۇقنىڭ 120 ياشقا كىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن دېگەن بايانى ئوۋياڭشۇەننىڭ كىتابىدا ئۇچرايدۇ. بىر قاتار ئەھۋاللارغا ئاساسەن تۇنيوقۇقنىڭ ياشىغان يىللىرىنى مىلادىيە 688 — 780- يىللىرى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

مىلادىيە IX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولۇپ، قالدۇق قەبىلىلەر 3 — 4- تارماققا بۆلۈنۈپ شەرق، جەنۇب ۋە غەربكە كۆچكەن. ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلارغا قېتىلىپ كەتكەن تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تارماققا ئەگىشىپ، قوچو رايونىغا كەلگەن، بۇلار كېيىنچە قوچو ئۇيغۇرلىرى ياكى غەربىي ئايماق ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان. XIII ئەسىردە قوچو ئۇيغۇرلىرى غەربىي قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن، شۇنداقلا تۇنيوقۇق ئەۋلادى بولغان كېجىپۇر克直普尔) ) بەلگىلىمىگە ئاساسەن خانلىق ۋەزىرى بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە قەدەر، بۇ خىل خىزمەتنى ئىزچىل يوسۇندا تۇنيوقۇق جەمەتىنىڭ ئەزالىرى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن.

يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تۇنيوقۇق جەمەتى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزلىرىگە خەنزۇ تىلىغا خاس فامىلە قوللانغان. ئەمما، بۇ خىل فامىلە يەنىلا تۇنيوقۇق جەمەتىنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاساسىدا ئىشلىتىلگەن.
تۇنيوقۇق سەلتەنەت سۈرگەن يىللاردا تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرى ئۆتۈكەن تېغىنى ئاستانە، ئورقۇن، سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىنى مەركىزىي ئۆلكە قىلغان. تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە ئورقۇن ۋە سېلىنگا دەريالىرى ئۆتۈكەن تېغىغا ئوخشاشلا ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەس ھېسابلانغان. خەنزۇ تىلىدا سېلىنگا دەرياسىنى «شېليەنجېخې — 偰辇杰河»دەپ ئاتىغان بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرى ئۇلۇغ بوۋىسى تۇنيوقۇقنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ۋە ھايات پەيزىنى سۈرگەن ئورۇن سېلىنگا دەرياسى ساھىلىغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى، يەنى ئەجدادىنىڭ يۇرتىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، خەنزۇچە دەريا نامىنىڭ بىرىنچى سۆزى «شې-偰» » نى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي فامىلىسى قىلىپ تاللىغان ھەم تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرى شۇنىڭدىن باشلاپ «شې جەمەتى-偰氏» » ياكى «سېلىنگالىقلار» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.

چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىققان زامانلاردا قوچو ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارتتېگىن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغان. چىڭگىزخان ئۇنىڭ بۇ خىل يىراقنى كۆرەر جاسارىتىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، ئۆزىنىڭ بەشىنچى ئوغلى دەپ تونۇغان ھەم قىزى ئەلئالتۇننى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇغان. چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىن ئۆتكەندە، بارچۇق ئارتتېگىن 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئىران ئېگىزلىكىگىچە قەدەم باسقان. چىڭگىزخان زەپەر قۇچۇپ ئۆز ئۇلۇسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوغۇللىرىغا ئۆزى پەتىھ قىلغان زېمىنلارنى بۆلۈپ بەرگەن. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلايخان مەركىزىي جۇڭگو رايونىدا يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇپ، خانبالىق (ھازىرقى بېيجىڭ) نى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەن.

چىڭگىزخانغا ئەگەشكەن ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ۋە باشقا مەمۇرىي ئەمەلدارلار ئىچىدە تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرىمۇ خېلى كۆپ بولغان. چىڭگىزخان موڭغۇل ئوردىسىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى بېجىرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى شاھزادىلىرىنىڭ ئوردىلىرىغا تەقسىملەپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار ئاقسۆڭەك جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، تۇنيوقۇق جەمەتى سېلىنگالىقلارنىڭ نوپۇزى يۇقىرى، تۆھپىلىرى كۆرۈنەرلىك، جەمەت قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم بولغان. ئوۋياڭشۈەن ئۇلارنىڭ كارامەت نەتىجىلىرى ۋە ئىناۋەت قۇچقان تۆھپىلىرىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇزۇن يىل ماتېرىيال توپلاش ئارقىلىق «قوچودىكى شې جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىقىپ، تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ 500 يىللىق جەمەت تارىخىنى خاتىرىلىگەن.

تۇنيوقۇق ئاشىد قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان، بۇ قەبىلە ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى بولغان دىڭلىڭلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، لېكىن تۈرك خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمران قەبىلىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ياشاپ كەلگەن، ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا تۇنيوقۇق رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ، يىراقلاردا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندىن كۆرە، زور بىر تۈركۈم تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، تۇنيوقۇق جەمەتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەل بولغان بىر قاتار تۈركىي قەبىلىلەر تەدرىجىي يوسۇندا «ئۇيغۇر» مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش مۇساپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوسۇندا باسقان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان 500 يىللىق تارىخ ئىچىدە، سېپى ئۆزىدىن ئۇيغۇر بولۇپ كەتكەن. يۈەن دەۋرىدە ئۆتكەن مۇئەللىپ خۇاڭ جىن «ۋەي ئايمىقىلىق خانىم ئۇيغۇر جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەبرە تېشى» 魏郡局夫人韦吾氏墓志铭黄缙) ) دا «شې جەمەتى ئەسلىي تۈركلەرنىڭ ئاقسۆكەڭلىرىدىن بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئەجدادى تۇنيوقۇقتۇر» دەپ يازغان بولسا، ئوۋياڭشۇەن «قوچودىكى شې جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەرجىمىھالى» دا «شې جەمەتى ئۇيغۇرلاردىندۇر، ئۇلارنىڭ ئەجدادى تۇنيوقۇق دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ يازغان.

يۈەن سۇلالىسى دەۋرى شې جەمەتى (سېلىنگالىقلار) دىكىلەرنىڭ تازا روناق تاپقان دەۋرى بولغان. بۇ جەمەتتىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرغۇن ئەربابلار يېتىشىپ چىققان. موڭغۇللار (ياكى يۈەن سۇلالىسى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەم مۇنقەرز بولغۇچە بولغان جەرياندا شې جەمەتىنىڭ بىر تارمىقى شەرقتىكى گاۋلى (كورېيە) پادىشاھلىقىغا بېرىپ، قوچو بېگى مەنسىپىنى قوبۇل قىلغان؛ يەنە بىر تارمىقى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇخانى جۇيەنجاڭنىڭ دىۋان بەگلىرىدىن بولغان. 500-600 يىل ئىچىدە، شەرقتىن-غەربكە، يەنە غەربتىن سۈرۈلۈپ، مەركىزىي جۇڭگو رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى كورېيە (گاۋلى) پۇقراسى بولۇپ قالغان.

قوچولۇق شې جەمەتىدىن موڭغۇل (يۈەن سۇلالىسى) لارغا قوشۇلغان بىرىنچى ئەۋلاد بولسا يۈرۈڭ تۆمۈردۇر. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى»元史) ) نىڭ تەرجىمىھاللار بابىنىڭ 124- قىسمىدا «قوچودىكى شې جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەرجىمىھالى» دىن ئۈزۈپ ئېلىنغان پارچە بار. ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدە «يۈرۈڭ تۆمۈر ئۇيغۇرلاردۇر، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەزىرى تۇنيوقۇقنىڭ پۇشتى» دېيىلگەن. يۈرۈڭ تۆمۈرنىڭ ئاكىسى 16 يېشىدا خانلىقنىڭ ۋەزىرلىك خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە «تارقان» لىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ ئۇيغۇر خانىغا تەدبىر كۆرسىتىپ، غەربىي قىتانلارنىڭ «مۇپەتتىش نازارەتچىسى» نى ئۆلتۈرۈپ، موڭغۇللارغا بەيئەت قىلىشقا يول ئاچقان. «ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئۇستىسى» يۈرۈڭ تۆمۈر 15 يېشىدىلا چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ جەڭ قىلغان، ئۇرۇشتا تۆھپە قوشقانسېرى تارتۇقلىنىشقا سازاۋەر بولغان. يۈرۈڭ تۆمۈر (1196 — 1262) نىڭ 10 ئوغلى بولغان. سەككىزىنچى ئوغلى قارا بۇقا ئىلىم ساھەسىدە داڭقى چىققان. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى« نىڭ 193- جىلدىدا ئۇنىڭغا مەخسۇس تەرجىمىھال تۇرغۇزۇلغان. قارا بۇقا زامانىسىدىن باشلاپ، شې جەمەتى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ كۇڭزىچىلىق دەستۇرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

قارا بۇقىنىڭ شې ۋىنچى، يۇلۇنچى دېگەن ئىككى ئوغلى بولغان. شې ۋىنچىدىن باشلاپ يۈرۈڭ تۆمۈرنىڭ ئەۋلادلىرى «شې» دېگەن خېتىنى ئۆز جەمەتىنىڭ فامىلىسى قىلغان. شې ۋىنچىنىڭ شې يۈلى، شې جىجيەن، شې جىدۇ، شې جاۋۋۇ، شې لىچى دېگەن بەش ئوغلى بولغان. «ھەممىسى تەشرىپدار 进士)) بولغان»، «ئەدەبىيات، سىياسىي ئىشلاردا نامى چىققان» («يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، 193- جىلد). شې ۋىنچىنىڭ بۇ بەش ئوغلىدىن باشقا، يۇلۇنچىنىڭ ئوغلى شې شەنجۇ، شې شەنجۇنىڭ ئوغلى جېڭ زوڭ، ئارسلان؛ شې جىدۇنىڭ ئوغلى شې سۈن ئىلگىرى-كېيىن تەشرىپدار بولغان، «بىر ئىشىكتىن چىققان ئىككى ئەۋلادتىن جەمئىي توققۇز تەشرىپدار چىققان، ئۆز زامانسىدا شەرەپ قۇچقان» (چېن يۈەن «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتلۇقلارنىڭ خەنزۇلىشىشى ھەققىدە تەتقىقات»، 2- جىلد)، «بىر ئىشىكتە نەسەب تارتىپ ئىلىم-پەن گۈللەنگەن. ئەينى چاغدا بۇنداق ئىش ئاز كۆرۈلگەن» («يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، 193- جىلد).

شې يۈلى بىلەن شې جىدۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ شېئىرىيەت تارىخىدا نامى بار غەربىي يۇرتلۇق شائىرلاردىن، شې جىدۇنىڭ ئوغلى شې سۈننىڭ تارىخى تولىمۇ قىزىقارلىق.

شې سۈننىڭ ئەسلى ئىسمى شې بەيلياۋسۈن (ياكى باي لياۋسۈن) بولۇپ، شې بەيلياۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخەللۇسى گۇڭيۈەن. ئۇ 1318 — 1360- يىللىرى ياشىغان. شې سۈن ئانا تەرەپتىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۆتىۋەر ۋە ئوقۇمۇشلۇق جەمەتى بىلەن چېتىشلىقى بار بولۇپ، ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئاتا جەمەت ۋە ئانا جەمەتنىڭ قويۇق تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1335- يىلى شې سۈن 17 ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىدىن ئايرىلىپ، گۇاڭدۇڭدىن لياڭ ناھىيىسى (جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ لياڭ ناھىيىسى) گە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىلىمۇ شۇ يەردە ئۆتكەن، شې سۈن لياڭنى مەركەز قىلىپ، جىنلىڭ، چاڭجۇ، جياڭياڭ، جياڭنىڭ قاتارلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇشائىرىلەر ئوقۇشۇپ، بەس-مۇنازىرىلەر قىلىشىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىلىم-مۇتالىئە قىلغان.

مىلادىيە 1345- يىلى شې سۈن 27 ياشقا كىرگەندە، خانبالىققا بېرىپ تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئىككىنچى دەرىجىدىن ئۆتكەن. دارىلئۇلۇمىنىڭ پۈتۈكچىسى بولغان. چىڭ شىلاڭ دورغان مەھكىمىسىنىڭ يارلىقىغا ئاساسەن دۆلەت تارىخ مەھكىمىسىنىڭ مۇئەررىخى بولغان. 1349- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، پەرمان مەھكىمىسىنىڭ زالىم ھەكەملىكىگە تەيىنلەنگەن. كېيىن يەنە دۇەن بىنتاڭ مەھكىمىسىنىڭ خەت تۈزەتكۈچى ئەمەلدارى بولۇپ، مەخسۇس شاھزادىلەرگە نوم دەستۇرلىرىدىن تەلىم بەرگەن، بۇ چاغدا گاۋلى (كورېيە) دىن كەلگەن گوڭ مىنۋاڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان. كېيىنچە ۋەزىر خاما نىزا پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، چياڭجۇۋدا تۇتقۇن قىلىنغان. بىر مەزگىلدىن كېيىن بەشبالىققا قايتىپ كەلگەن. 1358- يىلى شې سۈن 40 ياشقا كىرگەن، بۇ چاغدا ئۇلۇغ بوۋىسى ئالەمدىن ئۆتكەچكە كۇبېيكودىن ئۆتۈپ، يىڭچىڭ شەھىرى ئارقىلىق دانىڭ (بۈگۈنكى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ پىڭچۇەن ناھىيىسى) غا كەتكەن. شۇ يىلى 12- ئايدا قىزىل ياغلىقلار توپىلىڭى دانىڭنى قاپلاپ كەتكەن. ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كورېيىگە بارغان ھەم سۇڭجىڭ شەھىرىدە تۇرغان. دۈەن بىنتاڭ مەھكىمىسىدىكى چىغىدا گوڭ مىنۋاڭ بىلەن قەدىناس بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالغاچقا، ئۇنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان. 1360- يىلى 8- ئايدا قوچو بېگى دېگەن نام تارتۇق قىلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي فۇيۈەن بېگى نامى بېرىلگەن ھەم ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 11- ئايدا سوڭ جىڭ松京) ) شەھىرىدىكى دىيەنمۇدوڭ ئىبادەتخانىسىدا 42 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئايالىنىڭ ئىسمى جاۋشى بولۇپ، ئۇلاردىن چاڭ شوۋ، يەن شوۋ، فوشوۋ، چىڭ شوۋ، جىئەن شوۋ دېگەن 5 ئوغۇل، 3 قىزى قالغان.

شې سۈن ئىستېداتلىق مۇئەللىپ ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى چاڭ شوۋ (شې چاڭشوۋ)، لى سىلارنىڭ «چىڭ جوۋلۇق شې جەمەتىدىكى دانىشمەنلەرنىڭ خاتىرىسى» («床州契氏诸贤实记») دىن ئېلىپ رەتلىگەن. شې سۈن جۇڭگودىكى چېغىدىلا يازغان شېئىرلىرىنى 13 جىلد، يەتتە دەپتەر (توپلام) قىلىپ تەييارلاپ قويغان. بۇ شېئىرلار توپلىمى 1358- يىلى دانىڭدا تۇتقۇنلۇقتا تۇرغان ۋاقتىدا، قىزىل ياغلىقلارنىڭ مالىمانچىلىقى بىلەن يوقىلىپ كەتكەن. كورېيىنىڭ سوڭجىڭ شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى ئاساسىدا يېڭىۋاشتىن بىر پارچە ئەسەرلەر توپلىمىنى ئىشلەپ چىققان ھەم ئۇنىڭغا «يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى»近思斋逸稿») ») دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئىككى جىلد ئىككى قىسىم بولۇپ، 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر كىرگۈزۈلگەن.

شېڭ چاڭشوۋنىڭ كىرىش سۆزىدە ئېيتىلىشىچە «يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى» نىڭ ئىككى قىسمىنى شې سۈننىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى ئاساسىدا رەتلەپ چىققان. ئەمما، شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن شېئىرلار 700 پارچىدىن ئاشقان. بۇنىڭدىن شې سۈننىڭ ئۆزىنىڭلا ئەمگىكىگە تايىنىپ مۇنداق بىر توپلامنى تۈزۈپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. لى سىنىڭ خاتىرىسىدىكى ئۇسلۇبقا ئاساسەن ئالىملار شې سۈن چوقۇم شې سى، شې گوڭسۇ قاتارلىق ئىنىلىرىنىڭ مۇئەييەن ياردىمىگە ئېرىشكەن، دەپ ھېسابلىغان.

كورېيە ئالىمى پۇ شەنگۈي «ئۇيغۇر شې سۈننىڭ ‹يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى› نىڭ بايقىلىشى، تەھلىلى» ناملىق ماقالىسىدە شې سۈننىڭ تارىخىي ئورنى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق يازغان:

شې سۈننىڭ «يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى» ئۇنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە يازغان شېئىرلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يەنە گاۋلى (كورېيە) نى ئوبيېكت قىلغان ئەسەرلىرى ۋە يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئەسەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنداقلا بۇ ئەسەرلەر توپلىمى پۈتۈنلەي چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا تۈزۈلۈپ ئاندىن تارقالغان. مۇبادا بىز شې سۈن گاۋلى شېئىرىيەت مۇنبىرىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىي ئەھۋال بويىچە ئويلىنىپ سۆزلىسەك، «يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى» نى گاۋلى ھۆججەتلىرى كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ قىلساق مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھېچ يېرى يوق. «گاۋلى تارىخى»高丽史) ) نىڭ 120- جىلدىغا «شې سۈننىڭ تەرجىمىھالى» تاللاپ كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گاۋلىلىق، چاۋشيەنلىك ئالىملار ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، تەقرىزلەر يېزىشقان. «شەرق ئەسەرلىرىدىن تاللانما» 东文选))، «چىڭ چيۇ مەنزىرىلىرى نەزمىسى» 青丘风雅))، «جى نەزمىلىرى»箕雅) ) قاتارلىق كىتابلارغا شې سۈننىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. شائىر جۇيىزۇن «مىڭ سۇلالىسى شېئىرلىرى»明诗综) ) نى تۈزگەن چاغدا، 95- جىلددىكى «گاۋلى» ماۋزۇسى ئاستىدا شې سۈننى جىڭ مىڭجۇۋ، لى سى قاتارلىق گاۋلىلىق ئەدىبلەر بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ئەسەرلىرىنى تاللاپ كىرگۈزگەن[100].

شې سۈن چەت ئەلدە مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يىللاردا ۋەتىنىنى چەكسىز سېغىنغان ھەم ھېكمەت-پاساھەتكە تولغان بىر قاتار نەزمىلىرىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. شې سۈن كورېيە ئەدەبىياتىدىلا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى جۇڭگو ئەدەبىياتىدىمۇ تېگىشلىك ئورنى بولغان[102]. ئۇيغۇر مىللىتىدىن يېتىشىپ چىققان بۇ مەدەنىيەت ۋە دوستلۇق ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇندا تۇرۇشى ئەجدادلىرىنىڭ ھەققانىي ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شې چاڭشوۋ (1340 — 1399) شې سۈننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، تەخەللۇسى تيەن مىڭ. 1358- يىلى دادىسىغا ئەگىشىپ، گاۋلىغا بېرىپ، چىڭ شۈن مەھكىمىسىدە تىلماچ بولۇپ ئىشلىگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن دادىسى قازا قىلغاندا غەم-قايغۇ ئىچىدە قالغان. گاۋلى پادىشاھى ئالاھىدە يارلىق چۈشۈرۈپ، روھى ئازابتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن گاۋلى ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرغان. ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن جىن ياڭ ئايمىقىنىڭ قاراۋۇل ۋەزىرى بولغان، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىمۇ باشقۇرغۇچى ئەمەلدار بولغان. گاۋلى پادىشاھى شىن يۈ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1375 — 1388) دە جىمىغا كۆچۈپ بېرىپ تىرىكچىلىك قىلغان ھەم ئۆيدىن ئايرىلىپ، جىڭتاڭ سارىيىغا بېرىپ ئەدەبىيات ئۆگەنگەن ۋە ۋەزىر بولغان. 1388- يىلى گاۋلى گېنېرالى لى چىڭگۈي ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندا پادىشاھ شىن يۈ ئورنىنى ئوغلى شىنجاڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان؛ ئۇزۇن ئۆتمەي، شىنجاڭ بىكار قىلىنىپ، ۋاڭ ياۋ تەختكە چىققان، شې چاڭشوۋ ۋەزىر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى ئىشتا كېلىشتۈرگۈچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن مەشھۇر «جوڭشىڭنىڭ توققۇز تۆھپىكار ۋەزىرى» نىڭ بىرى بولۇپ قالغان. گوڭراڭ پادىشاھنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەپ يېزىلغان مەكتۇپتا ئېيتىلغاندەك «ئۇنىڭ تۆھپىسى دۆلەت ئاتىسى (گاۋلى دۆلىتىنى قۇرغۇچى ۋاڭ جيەن كۆزدە تۇتۇلغان — نەقىلچىدىن) نىڭ دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىدىن قېلىشمايدۇ» دەپ باھالانغان. پادىشاھ گوڭراڭ «توققۇز تۆھپىكار ۋەزىر» نى قايتا-قايتا تولۇقلىغان. شې چاڭشوۋ دەسلەپتە «ساداقەتمەن تۆرە» دېگەن نامغا، ئاندىن «غەلياننى بېسىقتۇرغۇچى تۆھپىكار ۋەزىر» لىككە مۇشەررەپ بولغان. 1390- يىلى چاڭشۇ تۈتۈنلەرنى تەڭشىگۈچى بەگ (ۋەزىر) لىككە ئۆستۈرۈلگەن؛ تۆت يىلدىن كېيىن جازا پىرقىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك زالىم ھەكەم (ۋەزىر) لىككە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي گاۋلى پادىشاھلىقىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا نىزا چىقىپ، ئەمەلدارلار ئازارلىشىپ قالغان، بۇ چاغدا چاڭشۇ خىزمىتىنى تاشلاپ كېتىپ قالغان. لى چىڭگۈي ۋاڭ جەمەتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ لى جەمەتى پادىشاھلىقىنى تىكلىگەندىن كېيىن، چاڭشۇ يېڭىۋاشتىن ئىشقا قويۇلغان. 1394- يىلى ئۇ تىلماچلار مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن، كېيىن جازا پىرقىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك زالىم ھەكەمى بولغان. ئەمەلدارلىقتىن چۈشۈپ ئىشىك تۈۋىدە شىغاۋۇلمۇ بولغان، يەنە يەنشەن مەھكىمىسىنىڭ تۆرىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1399- يىلى 10- ئايدا 59 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شې چاڭشۇۋ گاۋلىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى كورېيە تارىخىدىكى مۇھىم بىر سىياسىي پائالىيەتچى. ئۇنىڭ شەخسى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئالاھىدە سەرگۈزەشتى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك، ئالاھىدە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە[103].

شې چاڭشوۋ سىياسىيون، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شائىر ۋە دىپلومات.

شې چاڭشۇۋ شېئىرىي ئىجادىيەتكە پىششىق ئىدى. كورېيىدە خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان قەدىمكى شېئىرلار توپلىمى «چى نەزمىلىرى» 箕雅))، «چىڭچيۇ مەنزىرىلىرى نەزمىسى» (青丘风雅)قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىدا ئۇنىڭ 10 كۇپلېتقا يېقىن شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. شائىر «سۆگەت تاللىرى»، «باھار تەسىراتلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن. «ھادىسىلەر»، «بېلىقچى بوۋاي»، «باھار تەشۋىشلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرىدا يوشۇرۇن ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ لى سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىش جەريانىدىكى ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

شې چاڭشوۋنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئىشلىگەن ئىشلىرى زور بولغان. كورېيىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، شې چاڭشوۋ «ئۆزىنى دۆلەتكە بېغىشلىغان، ئاستانە (دۆلەت) دىن ئايرىلىپ سەككىز قېتىم سەپەر قىلغان» (ۋۇخەن تۈزگەن «لى سۇلالىسىنىڭ خاتىرىلىرىدىكى جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرى»، بىرىنچى توپلامنىڭ بىرىنچى قىسىم «تەيزۇڭ پادىشاھ گوڭدىڭ خاتىرىلىرى»)، شې چاڭشوۋ سەككىز قېتىم بارغان ئەلچىلىكنىڭ يەتتە قېتىمقىسى توغرىسىدا جۇڭگو-كورېيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا كونكرېت خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەلچىلىك خىزمىتىنىڭ ھەممىسى كورېيە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىگە كېلىپ دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بېجىرىشكە قارىتىلغان. شې چاڭشوۋ 1370-، 1387-، 1388، 1391-، 1396-، 1398- يىللىرى جۇڭگوغا ئەلچى بولۇپ كەلگەن.

كورېيە تەرەپتىن كۆپ قېتىم چاڭ شوۋنى ئەلچى قىلىپ، مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتىشكە تاللىغانلىقى، تەبىئىي يوسۇندا ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، شەخسىي سالاھىيىتى ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چاڭ شوۋ گاۋلى ۋە لى خانىدانلىقىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، كورېيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەشھۇر ئەربابى. ئۇ قوچولۇق شې (سېلىنگالىق) جەمەتىدىن كېلىپ چىققان جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەنگەن زات. گاۋلى تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى لى خانىدانلىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كورېيىنىڭ خەنزۇ ۋە موڭغۇل تىللىرى بويىچە تەربىيىلەيدىغان تىلماچلار مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى بولغان. بۇنىڭدىن، ئۇنىڭ مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى بولۇپ كېلىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋەت تارىخىدا ئەھمىيەتلىك سەھىپە قالدۇرغان. 1397- يىلى 4- ئايدا، جۇيۈەنجاڭ مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا شې چاڭوۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، پادىشاھ لى چىڭگۈينىڭ مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا نىسبەتەن سەمىمىيىتى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، چاڭشوۋ چۈشەنچە بېرىپ: «ۋەزىر ئەزەم (ئۆزىنى دېمەكچى — نەقىلچىدىن) نىڭ گاۋلىغا بارغىنىغا بۇ يىل 40 يىل بولدى، پادىشاھ گوڭ مىن بۇ ئىشنى تىلغىمۇ ئېلىپ قويمىغان. ئوتتۇرىدا ئىككى، ئۈچ پادىشاھ ئۆتتى، ۋەزىرلىرى ساداقەتمەنلىكنى ساقلىماسلىققا پېتىنالمايمەن، بۈگۈنكى كۈندە پادىشاھنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتلىنىپ تۇرۇپتىمەن. بىھۆرمەتلىك قىلىشقا ھەددىم يوق» دەپ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق، مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ گۇمانى قاراشلىرىنى تۈگىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نورمال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ئىمكانىيەت ياراتقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، شې چاڭشوۋنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە كېلىشى، ئوبيېكتىپ جەھەتتە جۇڭگو بىلەن كورېيىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چاڭشوۋ ئەلچىلىككە چىققان چاغدا، ئولپان نامى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ ماللىرىنى ئېلى كېلىپ، مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا تاپشۇرغان. بۇلار ئالتۇن، كۈمۈش، قاچا-قۇچا ۋە گەزماللار بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى گاۋلى ئەلچىلىرىگە «يىپەك-شايىلەر، كىيىم –كېچەك ھەم پۇل» بەرگەن. بۇ خىل «ئولپان» ۋە «شەپقەت كۆرسىتىش» ئىككى دۆلەتنىڭ ئىززەت-ئىكراملىق باردى –كەلدىسىنى بىلدۈرسىمۇ، سودا خاراكتېرىدىكى مال ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى ئەينى چاغدىكى دىپلوماتىيىدىكى بىر خىل ئەدەپ-قائىدە ئىدى، بۇ خىل پائالىيەت جۇڭگو –كورېيە دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇق ۋە باردى-كەلدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

شې سى偰斯) ) تەخەللۇسى گوڭۋېن، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياشىغان مۇھىم تارىخىي شەخش. ئۇ قوچولۇق شې جەمەتىنىڭ ئىچىدە يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى مالىمانچىلىق يىللىرىدا جياڭنەندە ئاۋۋالقىدەكلا ئولتۇراقلىشىپ قالغان قەۋملەر ئىچىدىكى ئەڭ پائالىيەتچان كىشى، خەنزۇ تىلىدا يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىر يازالايدىغان بىر شائىر.

شې سى ئۆز ۋاقتىدىكى رېئال ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئېلىپ ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئەتىۋارلىنىپ، خىزمەت قىلغان يۈەن سۇلالىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرى ئۆرلەپ، مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئەڭ ئىشەنچلىك رەڭدار كۆزلۈكلەردىن بولۇپ قالغان.

شې سى ئىشلىگەن ئىجتىمائىي، مەمۇرىي ۋە سىياسىي ئىشلار ئىچىدە 1368- ۋە 1369- يىلى ئىككى قېتىم مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن گاۋلىغا ئەلچى بولۇپ بارغانلىقى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋەقە بولغان.

جۇيۈەنجاڭ يۈەن سۇلالىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، دېگەندەك خاتىرجەم بولالمىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن ئۆزىنىڭ گەدەنكەش ئەمەلدارلىرىنىڭ بېسىمى ئېغىر؛ ئىككىنچىدىن شىمالغا قېچىپ كەتكەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ تەھدىتى؛ ئۈچىنچىدىن گاۋلى بىلەن ياپونىيىنىڭ مەۋجۇدلۇقى، بۇ ئەمدىلا پۇت دەسسەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن مۇقىملىق ئامىللىرى ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتمىگەن ئەھۋالدا ئارقا-ئارقىدىن گاۋلىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتىشى، شۇنداقلا ئەلچىلىككە چىقارغىنىنىڭ ھەممىسى يۈەن سۇلالىسى بىلەن ئالاھىدە سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى بولغان رەڭدار كۆزلۈك ۋەزىر-ۋۇزرالاردىن تاللىغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى تولىمۇ يۇقىرى، بۇ شې سىنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئومۇمەن، شې سى مىڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋلىغا ئەڭ دەسلەپتە ئەۋەتكەن ئەلچىسى. ئۇ ھەر قېتىم گاۋلىغا بارغىنىدا بۈيۈك مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ مەكتۇپىنى گاۋلى پادىشاھىغا تاپشۇرغان ھەم پادىشاھ يوللىغان سوۋغاتلارنى بىللە ئېلىپ بارغان. شې سى گاۋلىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن گاۋلى ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ گاۋلىدىن قايتىشىدا گاۋلى پادىشاھى ۋەزىرلەرگە مەسنەۋى يازدۇرۇپ ھەدىيە قىلغان. شې سىنىڭ تۇنجى قېتىم گاۋلىغا ئەلچىلىككە بېرىشىدىكى مەقسىتى، ھەقىقىي مەنىسى جەھەتتىن، گاۋلىغا جۇيۇەنجاڭنىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ مىڭ سۇلالىسى بىلەن گاۋلىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغان. شې سىنىڭ ئەلچىلىككە چىقىشىدىكى مۇددىئاسى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن مىڭ سۇلالىسى بىلەن گاۋلى خانىدانلىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى رەسمىي تىكلەنگەن.

ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان شې سۈن، شې چاڭشوۋ ۋە شې سىدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىيە ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگو-كورېيە خەلقلىرىنىڭ ئالاقە تارىخىنى كۈچەيتىشتە ئوينىغان كارامەت رولى تارىخ بېتىدە جۇلالىنىپ كەلمەكتە. ئۇلارنى ياد ئېتىش، ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەش، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا مۇشۇنداق ئالىيجاناب روھقا ۋە پىداكار خىسلەتكە ئىگە دوستلۇق ئەلچىلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىدۇ، ئۇلارنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈمدىكى ماقالىلەرنىڭ ئىزاھاتى ۋە مەنبە كۆرسەتكۈچى:

[1] دۈەن ليەنچىن «شىمالىي دىلار ۋە جۇڭشەن بەگلىكى» 北狄与中山国) ) خېبىي خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1982- يىلى، 126- بەت.

[2] «ئوكيانۇس. مىللەتلەر分册 «辞海.民族» تومى، شاڭخەي قامۇس نەشرىياتى 1978- يىلى، 86- بەت.

[3] «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» خەنزۇچە نەشرى، بېيجىڭ، 文物) 1979) يىلى 1- سان.

[4] «نۇر گېزىتى» 光明日报)) ، خەنزۇچە 1978- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى سانى.
[5] «قىسقىچە دۇنيا تارىخى ‹قەدىمكى زامان قىسمى›»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى.

[6] بارتولد: «يەتتەسۇ تارىخىنىڭ ئوچېرىكلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى.

[8]، [7] ليۇجىشاۋ: «چىڭگىزخان ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1986- يىلى، 2- سان، 90- بەت.

[9] «موغۇل تارىخىي خاتىرىلىرى»蒙兀儿史记) 45- ) جىلد، «تاتاتۇڭا قاتارلىقلار تەزكىرىسى»، چىڭ سولونىڭ «يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەدەبىيات-تارىخ ساھەلىرىگە قوشقان تۆھپىسى» دېگەن ماقالىسىدە پايدىلىنىلغان مەنبەگە قاراڭ. «تارىخ ئوقۇتۇشى» ژۇرنىلى، خەنزۇچە، 1964- يىلى، 3- سان.

[10] ئابلەت نۇردۇن: «كىدان (قىتان) لارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئۇلار قۇرغان خانلىقلار توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلەرگە قاراڭ. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1985- يىلى، 3- سان.

[11] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، 110- بەتكە قارالسۇن (中国大百科全书.中国历史.元史) جۇڭگو ئېنسىكلوپېدىيە نەشرىياتى، 1985- يىلى خەنزۇچە نەشرى.

[12] ليۇ جشاۋ: «چىڭگىزخان ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1986- يىلى، 2- سان، 95- بەتكە قاراڭ.

[13] «غەربىي شىمالنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى» 西北史地))، لەنجۇ، خەنزۇچە نەشرى، 1984- يىلى، 2- سان، 64- بەت.

[14] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. ‹قارايىغاچ بۇيۇرق تەزكىرىسى›»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 124- جىلد، 3046- بەتكە قاراڭ.

[15] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. ‹يۈرۈڭ تۆمۈر تەزكىرىسى›»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 124- جىلد، 3049- بەتكە قاراڭ.

[16] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. ‹بۇرۇل قايا تەزكىرىسى›»، 155- جىلدگە قاراڭ.

[17] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى. يۈەن سۇلالىسى تارىخى»中国大百科全书.中国历史.元史») ) جۇڭگو بۈيۈك قامۇس نەشرىياتى، 1985- يىلى، 110- بەتكە قاراڭ.

[18] يۈجى — 虞集 (1272 — 1348): « داۋيۈەن يادنامىلىرى» 道园学古录» گە قاراڭ.

[19] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى. يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، «ئۇيغۇرلار قىسمى» 中国大百科全书.中国历史.元史.畏兀儿条) 111- ) بەتكە قاراڭ.

中国大百科全书出版社,北京.上海.1985 تاتاتۇڭا ۋە موڭغۇل يېزىقى»، «شىنجاڭ گېزىتى» خەنزۇچە، 1982- يىلى، 12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ.
[20] مەھمۇد كاشغەرى مۇنداق دەيدۇ: «توڭا — قاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان. ئۇ پىلنىڭ كۈشەندىسى. بۇ سۆزنىڭ ئاساسىي مەنىسى مۇشۇ. لېكىن، بۇ سۆز تۈرك (ئۇيغۇر) لاردا ئەسلىي مەنىسىنى يوقاتقان بولسىمۇ ئىسىم ھالىتىدە ساقلانماقتا. بۇ سۆز كۆپىنچە ئادەملەرگە لەقەم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن، «تۇڭاخان، توڭا تېگىن» قاتارلىقلار. تۈرك (ئۇيغۇر) لارنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسياپ «توڭا ئالىپ ئەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قاپلانغا ئوخشاش كۈچلۈك، باتۇر ئادەم، دېمەكتۇر» «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1984- يىلى، 3- توم، 502 — 503- بەتلەر.

[21] ۋاڭ شياۋجيەن: «موڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى — تاتاتۇڭا» «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1987- يىلى، 1- سان، 103- بەت.

[22] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 10- جىلد، 3048- بەتكە قاراڭ.

[23] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 10- جىلد، 3048- بەتكە قاراڭ.
[24] ليۇجشاۋنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1985- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 255- بەتكە قاراڭ.

[25] فەن باۋلياڭ (樊保良) چىڭگىزخان ۋە تاتاتۇڭا»، «غەربىي شىمالنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى»西北史地) ) ژۇرنىلى، خەنزۇچە نەشرى، 1984- يىلى، 2- سانىغا قاراڭ.

[26] «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1957- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 183- بەت.

[27] «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ژۇرنىلى، 1986- يىلى، 2- سان.

[28] «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» 7- باب، 196- پاراگراف.

[29] غ. ئوسمان: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابى تاتاتۇڭا»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، 1984- يىلى، 12- سان.

[30] كۇاڭ يۇچى匡裕彻): ) يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىيون ليەن شىشەن، «يۈەن سۇلالىسى تارىخى مەجمۇئەسى» 元史论丛)) ، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1983- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 2- قىسىم، 241- بەتكە قاراڭ.

[31] غ. ئوسمان: «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر باش ۋەزىر ليەن شىشەن»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، 1987- يىلى، 2- سان، 36- بەتكە قاراڭ.

[32] ليۇ جىشاۋنىڭ «ئۇيغۇرلار تارىخى» خەنزۇچە نەشرى، 1985- يىلى، 265- بەتكە قاراڭ.

[33] ليۇ جىشاۋ: «ئۇيغۇرلار تارىخى» خەنزۇچە نەشرى، 1985- يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 260—261- بەتكە قاراڭ.

[34] ليۇ جىشاۋ: «ئۇيغۇرلار تارىخى» خەنزۇچە نەشرى، 1985- يىلى، 275- بەت.

[35] فېڭ جياشېڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنىڭ قىسقىچە توپلىمى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1981- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 119- بەت.

[36] ھونكىر-مونكىر ئىلمى 阴阳 — خەنزۇچە، جۇڭگو پەلسەپىسىدىكى بىر خىل كاتېگورىيە بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر قارىمۇ قارشىلىقىنىڭ بىرلىكىدىن مەيدانغا كېلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، ئەركەك پرىنسىپ阳 بىلەن، چىشى پرىنسىپ阴 ئارىسىدىكى قارىمۇقارشىلىق دۇنيادىكى پۈتۈن ۋەقەلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، دەپ قاراش — 阳 ياڭ، — يىن阴 .

[37] سېھىرگەرلىك图纬— ئىككى خەن دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئىلاھىيەت خۇراپاتلىقىنى تەرغىب قىلىدىغان ئېقىم.

[38] يەتتەنامە — قەدىمكى يەتتە كىتاب — «نەزمىنامە» 诗)، «ئەدەپنامە» 礼، «مۇزىكا»乐، «سالنامە» 易، «يىلنامە» 春، «ۋاپانامە» 孝، «مۇقەددەسنامە» 经 قاتارلىقلار.

[39] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، 1976- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 130- جىلد، 3174- بەت.

[40] ① ليۇ جىشاۋ: «ئۇيغۇرلار تارىخى»، 1985- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 277- بەتكە قاراڭ. ئارغۇن سالى ھەققىدە يەنە تۆۋەندىكىلەرگە قاراڭ.

② «ئارغۇن سالى — ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئالىمى»، شې خۇخۇاڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىي شەخسلىرى تەزكىرىسى»، 1983- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 1- قىسىم، 59- بەت.

③ ليۇ يىنشىڭ: «يۈەن دەۋرىدىكى غەربىي شىمال رايونىنىڭ بۇددا دىنى؛ «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بۇددا مۇرىتلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»، «يۈەن سۇلالىسى تارىخى ۋە شىمالدىكى مىللەتلەر تارىخىي تەتقىقات مەجمۇئەسى» ژۇرنىلى، 1982- يىلى، نەنجىڭ، ئومۇمىي 6- سان، 74- بەتلەر، خەنزۇچە.

④ غ. ئوسمان: «مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئارغۇن سالى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، 1985- يىلى، 6- سان، 15- بەت.

⑤ تيەن ۋېيجاڭ: «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىيونى ئارغۇن سالى»، «شىنجاڭدىكى تارىخىي شەخسلەر تەزكىرىسى»، 2- قىسىم، خەنزۇچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985- يىلى نەشرى.

[41] تاڭ شاۋفاڭ «يۈەن سۇلالىسى مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ھەققىدە»، «يېڭى جۇڭگو ماقالىلىرىدىن تاللانما» 新华文摘 ژۇرنىلى، 1985- يىلى، 12- سان، 60- بېتىگە قاراڭ. چوس كىخودزېر 朔思吉翰节儿 ھەققىدە يەنە «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى. يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 110- بېتىدىكى «ئۇيغۇرلار» قىسمىغا قاراڭ.

[42] چوس كىخودزېر — «موڭغۇل تىل-ئەدەبىياتشۇناسى». شې خۇخۇاڭ قاتارلىقلار تۈزگەن، «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي شەخسلىرى تەزكىرىسى»، خەنزۇچە نەشرى، 1- قىسىم، 83- بەت.

[43] ① بۇ يەردە «ئوكيانۇس،辞海 ‹يىغىنچاقلانغان نۇسخا›»، شاڭخەي قامۇس نەشرىياتى، 1980- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 709- بەتكە قارالسۇن.

② چوس كىخودزېر ھەققىدە يەنە سەي مبياۋ قاتارلىقلار تۈزگەن «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە نەشرى، 7- قىسىم، 353- بەتكە قاراڭ.

[44] ياڭ ليەن 杨镰 : گۈەن يۈنشىنىڭ «قىسقىچە تارىخى تەرجىمىھالى» 贯云石评传، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 19-، 14- بەتكە قاراڭ.

[45] «ئارىخ قايا قىسمى» غا قاراڭ.中国历史大辞典,辽,厦,金元史 شاڭخەي قامۇس نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1986- يىل، 261- بەت.

[46] ياڭ ليەن «گۇن يۈنشىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى»، خەنزۇچە نەشرى، 30- بەت.

[47] يۇقىرىقى كىتاب، 30—31- بەتلەر.

[48] چيەن بوچۈەن «قوچو ئۇيغۇر خانى قوچقار تېگىن» «شىنجاڭ گېزىتى»، خەنزۇچە 1985- يىلى، 7- ئاينىڭ 13- كۈنى؛ ئۇيغۇرچە 1985- يىلى، 8- ئاينىڭ 15- كۈنى.
[49] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى» خەنزۇچە نەشرى، 12- بەتكە قاراڭ.

[50] «جۇڭگو تارىخى چوڭ لۇغىتى. لياۋ، شيا، جىن، يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، خەنزۇچە نەشرى، 514- بەت.

[51] دارۇغاچ — موڭغۇل ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەمەل نامى بولۇپ، يەرلىك، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئورگانلاردىكى ئەڭ چوڭ مۇپەتتىش (نازارەتچى).

[52] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى» خەنزۇچە نەشرى، 13- بەت.

[53] «يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، 11- جىلد، 1398- بەت.

[54] شى خۇخۇاڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىي شەخسلىرىنىڭ تەزكىرىسى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1983- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 76- بەت. («ئەلئېتمىش — ئۇيغۇر دېڭىزچىسى» دېگەن ماقالە.)

[55] لى جىنفۇ: «ئۇيغۇر دېڭىزچىسى — ئەلئېتمىش»، «شىنجاڭ گېزىتى»، ئۇيغۇرچە، 1986- يىلى، 2- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ.

[56] ليۇ جىشاۋ: «ئۇيغۇر تارىخى»، 1985- يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 273- بەت.

[57] ۋاڭ شاۋجيەن: «ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئېتمىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ژۇرنىلى، خەنزۇچە، 1986- يىلى 9- سان. «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1957- يىلى 1- سان.

[58]، [59] سەي مېيبياۋ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە نەشرى، 1983- يىلى، 7- قىسىم، 355- بەت.

[60] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. 15- جىلد، شىزۇ (قۇبلاي) تەزكىرىسى» جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى نەشرى، 307- بەت.

[61]① «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى. ئۇيغۇرلار» قىسمى 110- بەتكە قاراڭ 中国大百科全书.中国历史.元史.畏兀儿条 .

,人民出版社,1983年,第346—356页)«中国通史»等著:

[62] ئەھمەد ۋە ساڭگالار ھەققىدىكى ئەمەلىي ۋە تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان «دۇنيا تارىخى — سۇڭ سۇلالىسى ۋە يۈەن سۇلالىسى» دېگەن كىتابتىن كۆرۈڭ. كىتابتىن تاللانمىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى «يۈەن سۇلالىسىنىڭ رەڭدار كۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىشى»، «مىللەتلەرگە دائىر تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى، خەنزۇچە، 1983- يىلى، 2- سان، 78- بەتكە قاراڭ. ساڭگا ھەققىدە يەنە «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ 4- بېتىگە قاراڭ.

[63] ساڭگا Senge-، خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە ئۇنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئېيتىلمىغان، ئەمما راشىددىن «جەمىئۇل-تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئۇنى ئۇيغۇر ئىدى، دەپ كۆرسەتكەن؛ سەي مېيبياۋ蔡美彪) ) قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى»، 7- قىسىم، 130- بەتتىمۇ «ئۇيغۇر ساڭگا» دېيىلگەن. مۇشۇ كىتابنىڭ 115- بېتىدىن 132- بېتىگىچە ئەھمەد ۋە ساڭگالار ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار بار.

[64] «خەلق رەسىملىك ژۇرنىلى»، 1982- يىلى، 5- سان، 9- بەت.

[65] چىنخۇاڭداۋ ئارىلى — ھازىرقى جۇڭنەنخەي.

[66] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» 元史)) «شىزۇ تەزكىرىسى» جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى نەشرى، 307- بەت.

[67] «بېيجىڭ ساياھەت قوللانمىسى» 50—54- بەتلەر.

[68] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى نەشرى، 51- بەت.

[69] سۇڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، «گاۋ جىياۋ تەزكىرىسى» جۇڭخۇا نەشرىياتى، 1976- يىلى نەشرى،.

[70] ق. ۋەلى: «بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئۇيغۇر بىناكارى ئەختەردىن توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، 1986- يىلى، 10- سان، 46—47- بەتلەر.

[71] ئەختەردىن ھەققىدە يەنە «ئەختەردىن— بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قۇرۇلۇش لايىھىلىگۈچىسى» دېگەن ماقالىگە قاراڭ. شى خۇخۇاڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي شەخسلىرى تەزكىرىسى» 中国少数民族历史人物志) ) مىللەتلەر نەشرىياتى، 1983- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 60-، 61-، 62- بەتلەرگە قاراڭ.

[72] ۋاڭ جىلەي: «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزا ئىگىلىك ئالىمى لۇ مىڭشەن»، «شىنجاڭدىكى تارىخىي شەخسلەر» 1- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 107- بەت.

[73] ۋاڭ جىلەي «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزا ئىگىلىك ئالىمى — لۇ مىڭشەن»، «شىنجاڭ گېزىتى»، 1985- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى.

[74] يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەمچىلىرى ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى ماقالىلەرگە قاراڭ.

① سۈن جيەندې孙建德): ) ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى ۋە يىپەك يولى»، «جۇڭخۇا تېبابەت تارىخى ژۇرنىلى»中华医史杂志») 1982- ) يىلى، 12- جىلد، 3- سان.

② لولۇلۇ 罗禄禄)) ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەشتىكى يېڭى نەتىجە»، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ماتېرىياللىرى توپلىمى» ش ئۇ ئا ر سەھىيە نەشرىياتى تۈزگەن خەنزۇچە نەشرى، 1- سان.

③ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1984- يىلى، 3- سان.
④ مۇھەممەد ئۆمەر مەنسۇر ھاجى: «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ قىسقىچە تارىخىي تەسۋىرى»، «ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى» (1)، ش ئۇ ئا ر سەھىيە نازارىتى 1983- يىلى تۈزگەن، ئۇيغۇرچە.

[75] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى. ئۇيغۇرلار» قىسمى (110- 111- بەتلەر) غا قاراڭ.

中国大百科全书.中国历史.元史.畏兀儿条1985年4月.

[76] ۋاڭ چىجوڭ «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوزۇقشۇناس قوسقۇي»، «شىنجاڭ گېزىتى»، 1987- يىلى، 1- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى سانى.

[77] «جۇڭگو تارىخى چوڭ لۇغىتى. جۇڭگو تارىخى. يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، «راببان-سائۇما»中国大百科全书.中国历史.元史. قىسمى، 55- بەتكە قاراڭ.

[78] «جۇڭگو تارىخى چوڭ لۇغىتى. جۇڭگو تارىخى. يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، «راببان-سائۇما»列边撒骚马条») ») قىسمى. شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى، 1986- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 136-، 137- بەتلەر.

[79] ماركوس-بەينىئېل (Bainiel) نىڭ ئوغلى ئىدى. بەينىئېل مار نېستورىئۇس (Mar Nestorius) نىڭ سۇ سېپىشى بىلەن دىنغا كىرگەن. بەزىلەر ئۇنى خۇشەن (ھازىرقى霍州 لىك ئىدى، دېسە، بەزىلەر دوڭشىڭ (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى توكتو ئوبلاستىدىن ئىدى) لىق دەپ قارايدۇ.

[80] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، «راببان-سائۇما» قىسمى،

中国大百科全书.中国历史.元史»列班.扫马条

جۇڭگو بۈيۈك قامۇس نەشرىياتى، بېيجىڭ، شاڭخەي، 1985- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 56- بەت.

[81] ق. بارات: «قەدىمكى ئۇيغۇر خرسىتىئان يادىكارلىقلىرى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1986- يىلى، 3- سان، 61- بەتكە قاراڭ.

[82] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، «راببان-سائۇما» قىسمى، خەنزۇچە نەشرى، 56- بەتكە قاراڭ.

[83] «جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى. جۇڭگو تارىخى، يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، «راببان-سائۇما» قىسمى، خەنزۇچە نەشرى، 109-، 110- بەتلەرگە قاراڭ.

[84] بۇ ھەقتە لى ياڭ يازغان «ئۇيغۇر رەسسامى بيەن لۇ ۋە ‹بامبۇكزارلىقتىكى قىرغاۋۇل› رەسىمى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، 1987- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ.

[85] ① كۇاڭ يى: «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەڭدار كۆزلۈكلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى». «خۇيزۇ تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى»، 1983- يىلى، خەنزۇچە 208- بەتكە ۋە «تارىخشۇناسلىق ئايلىق مەجمۇئەسى»史学月刊) ) ژۇرنىلى، 1958- يىلى، 9- سانىغا قاراڭ.

② يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسسام ۋە خەتتاتلار ھەققىدە فېڭ جياشىڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنىڭ قىسقىچە توپلىمى»، خەنزۇچە، 1981- يىلى 1- قىسىم، 118 — 119- بەتلەرگە قاراڭ.

[86] كۇيجاڭ راۋىقى — خاقان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھۆسنخەت، رەسىم، قەدىمكى تارىخىي كىتاب… قاتارلىقلارنى يىغىپ ساقلايدىغان ئىلمىي ئاپپارات. «كۈيجاڭ راۋىقى ھەققىدە» ناملىق كىتاب ئەينى ۋاقىتتا ئوردىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەرگە باھا بېرىش ۋە ئۇلارنى تونۇشتۇرۇش يۈزىسىدىن چىقىرىلغان.

[87] جاۋخۇ «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تەرجىمە مۇتەخەسسىسلىرى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1983- يىلى، 2- سان.

[88] جىن گۈەن يىللىرى — تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەڭزۇڭنىڭ يىلنامىسى بولۇپ، 627-، 649- يىللارغا توغرا كېلىدۇ.
[89] سەي مېيبياۋ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى»، خەلق نەشرىياتى، 1983- يىل نەشرى، خەنزۇچە نەشرى، 7- قىسىم، 353- بەتكە قاراڭ.

[90] تيەن ۋېيجاڭ ، «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر تەرجىمان ئاراساڭ»، «شىنجاڭدىكى تارىخىي شەخسلەر تەزكىرىسى» 2- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985- يىلى، خەنزۇچە نەشرى.

[91] ① جاۋ خۇا: «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تەرجىمە مۇتەخەسسىسلىرى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، ئۇيغۇرچە، 1983- يىلى، 2- سان، 105- بەت.

② فېڭ جياشىڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ قىسقىچە توپلىمى» 1981- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 1- قىسىم، 119- بەت.

③ سەي مېيبىياۋ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى»، 7- قىسىم، 353- بەت.

[92] كارۇناداسنىڭ ئىسمى سانسكرىتچە بولۇپ، كارۇنا Karuna- «ئازابلانماق»، داسا dasa- «قۇل دېگەنلىك. بۇ ھەقتە، ليۇيىنشىڭنىڭ: «يۈەن سۇلالىسى تارىخى ۋە شىمالدىكى مىللەتلەر تارىخى تەتقىقات مەجمۇئەسى»元史及北方民族研究集刊» » ژۇرنىلى، 1982- يىلى، 12- ئاي، 6- سان، 80- بەت.

[93] «مەشھۇر تەرجىمان كارۇناداس»، شې خۇخۇاڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىي شەخسلىرى تەزكىرىسى» خەنزۇچە نەشرى، 1- قىسىم، 72- بەتكە قاراڭ.

[94] سەي مېيبياۋ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى»، خەلق نەشرىياتى، 1983- يىل نەشرى، خەنزۇچە نەشرى، 7- توم، 353- بەتكە قاراڭ.

[95] ① «‹لياۋ سۇلالىسى تارىخى› نى تەھرىرلىگۈچى ئەمەلدار — ليەن خۇيشەن قايا»، شې خۇخۇاڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىي شەخسلىرى تەزكىرىسى»، 1- قىسىم، 73- بەتكە قاراڭ.

② ليۇ جىشاۋ: «ئۇيغۇر تارىخى»، 1- قىسىم، 278- بەت.

[98] «‹جىن دۆلىتى تارىخى› نى تۈزۈپ تەھرىرلىگۈچى ئەمەلدار سارابان»، شې خۇخۇاڭ قاتارلىقلار. «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىي شەخسلىرى تەزكىرىسى»، 1- قىسىم، مىللەتلەر نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1983- يىلى، 93- 94- بەتلەرگە قاراڭ.

[99]، [100] سەي مېيبياۋ قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى»، خەلق نەشرىياتى، 1983- يىل نەشرى، خەنزۇچە نەشرى، 7- قىسىم، 354-بەتكە قاراڭ.

[101] «مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتى»، بېيجىڭ، خەلق نەشرى، 1996- يىلى، 2- سان، 92- بەت.

[102] ياڭ ليەن «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت شائىرلىرى ھەققىدە تەتقىقات»

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى، 1999- يىلى، 247- بەت.

[103] كۈي شىپىڭ، شاڭ يەنبىن «مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى جۇڭگو-چاۋشيەن ئالاقىسىدىكى ئىككى نەپەر ئەلچى — شې چاڭشوۋ، شې سى ھەققىدە»، بېيجىڭ، «مىللەتلەر تەتقىقاتى»، 1995- يىلى، 5- سان، 66- بەت.