ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە تەبىئىي پەن

ئەركىن ئەمەت

«فانتازىيە» گرېكچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئانا تىلدا «پەرەز قىلىش»، «تەسەۋۋۇر قىلىش» دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىكەن. ئەدەبىيات تارىخى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىيال، تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت فانتازىيىلىك ئامىللارنى ئىچكى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلغان، مول فولكلور بايلىقىنى يارىتىپ مىللىي ئەدەبىياتنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتىشتا مەملىكىتىمىزدە ناھايىتى ئاز مىللەتلەرلا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تەڭلىشەلىسە كېرەك. مانا مۇشۇنداق زور ھەجىمگە ۋە رەڭدارلىققا ئىگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەسەۋۋۇر بايلىقى مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى مەلۇم ئۆزگىچىلىكنى، ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلىپ، تېز راۋاجلىنىشى كېرەك ئىدى.
ئەمما، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىلمىي فانتازىيىدىن ئىبارەت بۇ سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن نوتا تېخى ئېچىلىپ مېۋە بېرىشتىن يىراق تۇرۇۋاتىدۇ. ئىلمىي فانتازىيىنىڭ تەسەۋۋۇر بىلەن ئىلىم-پەندىن ئىبارەت ئىككى قانىتىنىڭ بىر قانىتى ھامان ئۆز ئاجىزلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى 500 يىلدىن بۇيان، ئىلگىرىكى گۈللەنگەن ئىلىم ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەتتىكى بېكىنمىچىلىككە، مۇستەبىتلىككە يۈزلىنىش سەۋەبىدىن خارابلىشىپ، تەدرىجىي ھازىرقى زامان سانائەت چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا قالغانلىقتىن، ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى ھازىرقى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن قۇۋۋەتلىنىش يېتەرلىك بولمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھازىرقى كۆپچىلىك ئۇيغۇر يازغۇچىلار، ئۇيغۇر تارىخىدىكى زىيالىيلار قاتلىمىدىن ماھىيەتلىك پەرقلەنمەيتتى. زىيالىيلىرىمىز بىلىم قۇرۇلمىسىدا ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەننىڭ ئايرىلىشى بەكمۇ كەسكىن، بەكمۇ ئېنىق بولۇپ، ئۇلاردا ئاساسەن ئىلىم-پەن روھى، تەبىئىي پەن تەپەككۇرى يېتىلمىگەنىدى. ئەسلىمىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى زامان يېڭى مەدەنىيەتنىڭ ئۇل تېشىنى قويۇپ، داغدۇغىلىق يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارىغا ئايلىنىپ، نەچچە ئەۋلاد مەملىكەت خەلقىنىڭ مەنىۋى ئۇستازى، قەلب ئارامگاھى بولغان لۇشۈن ئەپەندى، ئەينى ۋاقىتتا مەسلەكداش ئەدىپ بۇرادەرلىرى بىلەن يىغىلىپ ھەمسۆھبەت بولغاندا، ئۇلارنىڭ سۆھبەت تېمىسى كۆپ ھاللاردا ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئەھۋاللىرىلا بولماستىن، كۆپ ھاللاردا شۇ دەۋردىكى تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ بەس-مۇنازىرە ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان نەزەرىيە بايانلار ھەققىدە زور قىزىقىش، ئىشتىياق ئىچىدە ئۇزۇن مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارىدىكەن. دەل مۇشۇنداق ئىلىم-پەن قىزغىنلىقى، يېڭى مەدەنىيەتكە كۆچۈش دەۋرىدىكى بىر ئەۋلاد زىيالىيلارنىڭ تەبىئىي پەن تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىلىم-پەن روھىنى تۇرغۇزۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. لۇشۈن گەرچە فانتازىيە ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىر ئۆمۈرلۈك ئىزدىنىشلەر جەريانىدا تەشەببۇس قىلغان ئىلىم-پەن روھى، ھازىر دەل ئۇيغۇر فانتازىيە ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولماقتا.
نۆۋەتتە ئىلىم-پەننىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى مەيلى تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن بولسۇن ئىنچىكىلىككە، شاخلىنىشقا يۈزلىنىپ يېڭىدىن يېڭى، بىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان يېڭى پەنلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇنداق ئالدىنقى تەرەققىيات ساھەلىرىدە بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى ئىلىملەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇ دۇنيادىكى ھازىرقى ھەر تۆت يىلدا بىلىمنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ كونىرىغان، ۋاقتى ئۆتكەن بىلىمگە ئايلىنىشتەك تېز سۈرئەتتىكى تەرەققىيات ھالىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىدى. بۇرۇنقى مۇتەپەككۇر تىپىدىكى ئالىملار دەۋرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندەك قىلاتتى ياكى بىر ئالىمنىڭ بىرنەچچە پەن ساھەسىدە ئوخشاش بۈيۈك نەتىجە يارىتىشى مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنەتتى. ئەمما بىز قانچە ئۆتكۈر تېخنىكا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھامان پەلسەپە ۋە ئىنسانشۇناسلىق فىلولوگىيە پەنلىرىدىن ئىلھام، مەدەت ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بۇ خىل ھالەت بىر خىل ئىجتىمائىي ئېقىم سۈپىتىدە قەدىمكى دەۋرلەرگە قارىغاندىمۇ ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەننىڭ بىرلەشكەنلىكىنى كۆرۈۋالدۇق. ئەنگلىيىلىك بۈيۈك نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى خونىكنىڭ «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرى ئەنگلىيىدە كەڭ بازارلىق ئاممىۋى ئوقۇشلۇققا ئايلاندى. پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقىنىڭ دىققەت-نەزىرىمۇ نۆۋەتتە مارىستىكى بىر كىچىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ نوقۇل يۇقىرى فىزىكا ساھەسىگە چېتىلىدىغان تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنىدىغان تەتقىقات ساھەسىگە قارىتىلماقتا. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئندېئولوگىيىسىنىڭ بىرلىشىشى ئىلگىرىكىدىن بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. تارىخ جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ بىزنىڭ كۆپىنچە زىيالىيلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پەنگە چېتىلىدىغان بۈيۈك ئالەمشۇمۇل ئىجاد ئىقتىدارلىرىنى چۈشىنىدۇكى، بىراق «ئون ئىككى مۇقام»، «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەندەك بۈيۈك شاھانە نامايەندىلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يىپەك توقۇش تېخنىكىسى، تۆكۈر تاۋلاش تېخنىكىسى ۋە يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئىقتىرا قىلىنغان راك كېسىلىنى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە قەدىمكى قەغەز ياساش تېخنىكىلىرىدەك بۈيۈك ئىجادئىختىرالارنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۈيۈك ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەممىسىلا تەبىئىي پەندىن ئوزۇق ۋە قۇۋۋەت ئالغان. بىز فارابىنىڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ مۇزىكا پېشۋاسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلۇغ ماتېماتىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىر-بىرىنى شەرت قىلغان، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىز «قۇتادغۇبىلىك» تەك شاھەنە ئەسەردىنمۇ شائىرانە تەپەككۇر يولىنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەربىر مۇتەخەسسىس، ماتېماتىكىلاردا بولىدىغان ئىنچىكە لوگىكىلىق تەپەككۇر يولىنى كۆرۈۋالىمىز. ناۋائىمۇ مۇتەپەككۇرانە شائىرلا ئەمەس، بەلكى مەنتىقە ئىلمىدە تىلشۇناسلىق ئىلمى ئىلىملىرىدە چوڭقۇر تەتقىق ئىلىپ بارغان ئالىم. غەربنىڭ قەدىمكى دەۋر ئۇلۇغ ئۆلىمالىرىدىن ئارستوتىل ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەندە ياراتقان نەتىجىسىنىڭ قايسىنىڭ چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقىماقمۇ تەس. ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن يەھۇدىي پەيلاسوپى ماركسمۇ ئالدى بىلەن سىياسىي ئىقتىساد تەتقىقاتچىسى. ئۇ ئىنچىكە تەبىئىي پەن تەپەككۇر يولى بىلەن ئىقتىساد ئىلمىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئەمەس، بەلكى كەڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ دۇنيانى يەنە بىر چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن پەيلاسوپ فرېئۇد ئالدى بىلەن بىر روھىي ئانالىز دوكتورى. ئۇنىڭ ئىنسانلار پائالىيىتىنى جىنسىيەت ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا شەخسىي ئامبۇلاتورىيە ئېچىپ نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەر توپلىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىش. ئۇنىڭ بارلىق تەتقىقات ئىلمىي ئەسەرلىرى كۈچلۈك تېببىي تەتقىقات ئاساسىغا ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، جەمئىيەتكە شۇنچىلىك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلىدى، كىشىلەرنى قايىل قىلالىدى.

جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان مۇتەپەككۇرى لۇشۈن ئەپەندىمۇ بىر دوختۇر. ئۇنىڭ ھازىرقى زامان يېڭى ئىدىيە ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى بولۇشىنىمۇ ئۇنىڭ تەبىئىي پەن تەپەككۇرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. لۇشۈن يېڭى دېموكراتىيىگە قەدەم قويغان جۇڭگونىڭ روھىي بايراقدارى بولغان بولسا، يەنە بىر پەيلاسوپ دېموكراتىك جۇڭگونىڭ سىياسى، رولچىسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندىمۇ بىر دوختۇر ئىدى.
بۇ مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تەبىئىي پەن ئاساسى بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئۇلار تەبىئىي پەندىكى مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش يولى، پرىنسىپىنى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ساھەسىگە يۈرگۈزگەنلىكىدىن، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى نەق مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە بېرىپ تاقىلاتتى. بەزى تەبىئىي پەن تەپەككۇرى ھازىرلىمىغان، تەبىئىي پەننى ياخشى ئوقۇماي ئىجتىمائىي پەننى تاللىغان ئاپتورلاردەك سۆز ئويۇنى يوق. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ كۆپىنچە ئىجتىمائىي پەندە ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىغا ماڭغانىدى. تەبىئىي پەن ئالىملىرىمۇ ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇلار كونكرېت تەتقىقاتتا توسۇلۇپ قالىدىغان ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر يولى، فورمۇلالاردىن ۋاقىتلىق سەكرەپ ئۆتۈپ، دادىل تەسەۋۋۇر قىلىپ ئىجادىيەت تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش نۇقتىسىنى تاپقانىدى.

ئاددىيسى ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتى مەخسۇس خادىملارنى ئاجرىتىپ فانتازىيىلىك ئەسەرلەردىن مەخسۇس تەسەۋۋۇر، يېڭى پىكىر قىلىش يولى ھەققىدە ئۇچۇر توپلايدىكەن. ھەتتا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن جىددىي پەيتلەردە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ھوللىۋودنىڭ رېژىسسورلىرىنى ھەربىر تەرەپنىڭ سىياسەت بەلگىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، مۇشۇنداق مۇتلەق ھەربىي پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، تېرورچىلارنىڭ قانداق ئۇسۇلدا يەنە ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلىشمەكچى بولغان.

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن ئىنسانىيەت تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئىككى قانىتى. ئۇنىڭ قايسىسىنىڭ بىرى كەم بولسا ھامان يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەتكە يول ئاچقىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدە تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەننىڭ ئايرىلىشى بەكمۇ كەسكىن بولۇش ھادىسىسى مەۋجۇت. بىزنىڭ بەزى ئەسەرلىرىمىزنىڭ تەبىئىي پەن تەپەككۇر يولى لوگىكىلىق يول. ھەتتا ئاددىيسى ھازىرقى زامان ئادەملىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئاقارتىش بىلىملىرىمۇ كەم (تەبىئي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنگە دائىر) ھالەت شەكىللەندى. بىلىشىمىز كېرەككى، تەبىئىي پەن تەپەككۇرىنى ھازىرلىمىغان ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرى ھامان تارىخ تەرىپىدىن شاللىنىپ قالدى. ئۇنى پەقەت مەنىۋى ئەخلەت ياكى سۆز ئويۇنى دېيىشكىلا بولىدۇ. بىزنىڭ تەبىئىي پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس، ئالىملىرىمىزمۇ ئىجتىمائىي پەن جەھەتتە قارا قورساقلار ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەنسېرى تەسەۋۋۇر، پىكىر قىلىش يولىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەھرۇم بولۇپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماي قالمايدۇ.

قىسقىسى، تەبىئى پەن ئاساسى بولمىغان، ئەدەبىيات-سەنئەت جانسىز، ئۆمرى كوتا ئەدەبىيات-سەنئەت بولغىنىدەك، ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنى بىلمىگەن تەتقىقاتچى ئالىملارمۇ تەسەۋۋۇر بولىقىدىن ئايرىلغان، پەقەت تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلا ئېلىپ بارالايدىغان ئىشچىدۇر خالاس. ئۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملاردا نەتىجە يارىتىشىدىن سۆز ئېچىش تەس.

بىراق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا فانتازىيە ئەدەبىياتى مۇشۇنداق بىر ئىزدا توختاپ قېلىۋاتقان ۋاقىتتا، ياش يازغۇچى پەخرىدىن مۇسا زور جاسارەت ۋە مەردانىلىك بىلەن «باش ئەگىمدىكى رىۋايەت» رومانىنى ئېلان قىلىپ، 20-ئەسىر ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلاردا فانتازىيىلىك رومان بولماسلىقتەك بوشلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تولدۇردى. بۇ تۇنجى فانتازىيىلىك رومان بولغاندىمۇ بەدىئىي، ئىدىيىۋى قۇۋۋەتكە تويۇنغان، فانتازىيىلىك روھقا باي بولغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق فانتازىيىلىك رومان بولۇپ قالدى.
رومان تارىخقا، رېئاللىققا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تەسەۋۋۇرلار ئۈستىدە قاناتلانغان بولۇپ، ئەسەردە ئېغىر، جىددىي رېئالنى مەسىلىلەر، ئاچچىق تارىخىي ساۋاقلار ھەققىدىكى توختاۋسىز ئوي-خىياللار، دىيارى، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنى، گۈزەل كەلگۈسى ھەققىدىكى مۇلاھىزە-بايانلار، ئارزۇ-ئارمانلار، بېھىش كەبى بۈك-باراقسان ئورمان، سۈزۈك بۇلاق، كەڭ يايلاق، چەكسىز، ئېغىر ئۇيقۇدا ياتقان قۇم بارخانلىرى بىلەن بېزەلگەن باش ئەگىم، كورلا دىيارىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە بۇزۇلۇۋاتقان ئېكولوگىيىسى ھەققىدىكى چوڭقۇر تەشۋىشلىك خىياللار، شۇنداقلا روماندا ئەڭ كۆپ سەھىپە ئاجرىتىپ تەسۋىرلەنگەن تاشقى پلانت مەدەنىيىتى ۋە مەلۇم دەرىجىدە ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى، رېئاللىقتىن ھالقىغان خاسىيەتلىك ئادەم بولۇش غايىسى يۇغۇرۇلۇپ گۈزەل بىر بەدىئىي كارتىنىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى ھەم خۇددى ئەسەرنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش، ھەم كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا چىن رېئاللىقنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ھەم كىشىنى يىراق ئۆتمۈشنىڭ پىغانلىق تارىخىغا باشلايدىغان، ھەم تاشقى ھاياتلىق بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ئىنسانلارنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى، يۇرتىنى تاشقى پلانت خاسىيەتلىك كۈچلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرۈش تەسەۋۋۇرلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن گۈزەل بىر رىۋايەتنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ كۆرسەتكەنىدى. رومان باشلىنىشى بىلەنلا بىز باش قەھرىمان ھېكمەتنىڭ تۇغۇلۇشى، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يانداشقان ۋەقەلىكلەر جەريانىدىلا ھامان بىر تاشقى پلانت مەدەنىيىتىگە باغلانغان ئۇچار تەخسىنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرىمىز. ھېكمەت تۇغۇلۇشتا قىيىن تۇغۇتقا يولۇقۇپ، ئانا-بالىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا قانداقتۇر ئۆي سىرتىدىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز كېلىپ، تاشقى پلانت ئادەملىرىنىڭ كېمىسى ئۆي ئەتراپىغا چۈشۈپ، دېھلىزدىن بىر دەستە يېشىل نۇر ياش ئانىنىڭ بەدىنىگە چۈشۈرۈلۈپ، بالا ئوڭۇشلۇق تۇغۇلىدۇ. ھېكمەتنىڭ دادىسى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاپەتلىك يىللىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، كۈرەش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ چەت يېزىغا پالانغاندا يولدا يەنە ئۇچار تەخسە، ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ «ئۆز كارامىتى»نى كۆرسىتىپ ھارۋىكەشنىڭ بىر بارمىقىنى ئۆستۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندىمۇ، ھېكمەت قول پۇلاڭلىتىپ كۈلۈپ قالىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ تېنىدا ئاجايىپ خاسىيەت، سىرلىق تاشقى ھاياتلىقنىڭ شاپائىتىدىن باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان يوشۇرۇن كۈچ نامايان بولىدۇ. بۇ خىل كۈچ ئۇنىڭ دادىسى سابىت ئەپەندى كۈرەش قىلىنىپ چىدىغۇسىز قىينالغاندا، پارتلاپ چىقىپ ئىسيانچىلارنى ئۇرۇپ تېرە-پېرەڭ قىلىۋېتىپ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مىلتىقىنى ئېتىلماس، بەزىلىرىنىڭ قولى باسماس، بەزىلىرىنى ماڭالماس قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارغا ئەشەددىي ئۆچمەنلىك قىلىپ كەلگەن قاھىرنى بولسا بىر كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ. دەل مۇشۇنداق تاشقى ھاياتلىق بىلەن باغلانغان ئامەت ئۇنى ئالەم ساياھىتى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئالەم ساياھىتى جەريانىدىمۇ ئاپتور ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ. مىللىتىنىڭ يېقىنقى نەچچە ئەسىر مابەينىدىكى قىسمەتلىرى ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغاپ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. ھېكمەت مېركۇرىدا، يۇپېتىر، ۋىنىرا، ساتۇرىن ۋە ئاخىرىدا تاشقى پلانت ئادەملىرىنىڭ بازىسى بولغان مارىستا ساياھەتتە بولۇپ، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئاخىر دىدارلىشىدۇ. ئاپتور تەسەۋۋۇرىدا تاشقى پلانىتلىقلار ياۋۇز، ۋەھشىي، قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە غەلىتە جانلىقلار بولماستىن، بەلكى ئىسلام ئوتوپىيىسى شەكلىدە سۈرەتلەنگەن گۈزەل، ئارامبەخش، باراۋەر، باي-نامراتلىق پەرقى بولمىغان، يۇقىرىقى دەرىجىدىكى ئەقىل-ئىدراكقا، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان جانلىقلاردۇر، شۇنداقلا ئۇلار يەنە مېھرىبانلىق، ھەققانىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر. شۇڭلاشقا ئىنسانلار بىلەن مارس ئادەملىرىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان نەرسىمۇ دەل مۇشۇ خىل مېھرىبانلىق، ئالىيجانابلىقنىڭ بەلگىسى بولغان مۇھەببەت ئىكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. ھېكمەتنىڭ ھاممىسى ئايىمنىسا تاشقى پلانىتتا يۇقىرى تېخنىكىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىدىنلا ئەمەس، بەلكى تاشقى پلانىتلىق مارىس ئادىمى بىلەن بولغان مۇھەببەت كۈچ-قۇدرىتىدىن بەختلىك، شۇ پېتىچە ياش تۇرغان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. دېمەك، ئاپتور تاشقى پلانت مەدەنىيىتىنى ئۆز ئەسىرىنىڭ فانتازىيىلىك قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ تاللىۋالغان. ئۇنداقتا تاشقى پلانىتلاردا راستتىنلا ھاياتلىق مەۋجۇتمۇ؟ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى؟ ئۇنىڭ رومانىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىشتە قانداق ئەھمىيىتى بار؟ 1961-يىل 4-ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى گاگارىن ئىنسانلاردىن تۇنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئادەم بولۇپ قالغانىدى. ئۇ يەرگە قايتىپ چۈشكەندىن كېيىن قىلغان تۇنجى سۆزى «مەن ئاسمانغا چىقىپ قاراپ باقسام، ئاسماندا خۇدا يوق ئىكەن» دېگەن. بۇ سۆز گەرچە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ماتېرىيالىستلىرىنىڭ تەشۋىقات شوئارىغا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقى دەۋرىگە كىرىشتىن ئىلگىرى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا دارۋىن، ماركس، نىتزى قاتارلىق پەيلاسوپلار ئىلاھ ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ تەلتۆكۈس بۆسۈلىشىدىن بېشارەت بېرىشكەنىدى. تاشقى پلانىت ئادەملىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلارمۇ دەل شۇ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئاممىۋى سەنئەت ئەسەرلىرىدە گەۋدىلىنىپ، تەدرىجىي مۇكەممەل ئوبرازغا مۇجەسسەملەشكەن ھەم ئىلاھىي كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىنى ئالغان باشقا بىر خىل كۈچ شەكلىدە ئالەم بوشلۇقىدا مەۋجۇت دېگەن ئىشەنچ تەدرىجىي شەكىللىنىپ، خۇدا ۋە قۇدرەتلىك تەبىئەت كۈچلىرىدىن ھالقىغان، بىر خىل ماتېرىيالىزم خۇراپاتلىقىغا باغلانغان ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر خىل ئېتىقاد شەكلىگە ئايلانغان. شۇنداقلا تاشقى پلانىت ئادەملىرى ھەققىدىكى بايانلار، ئۇلارنىڭ ئوبرازىمۇ دەۋرلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆزگىرىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارغان. دەسلەپكى ئاي شارىدىكى «سەككىز ئاياغ» سىياقىدىكى قورقۇنچلۇق ئاي شارى ئادەملىرىدىن، كېيىنكى جۇغى كىچىك يېشىل رەڭلىك مارس ئادەملىرىگىچە ۋە يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئاساسەن ئادەمنىڭ تاشقى شەكلىگە ئوخشايدىغان سەل غەلىتىلەشكەن، ئۇزۇن، ئىنچىكە پۇت-قولى بولغان، چوڭ كۆزى پولتىيىپ چىققان، قاسراقلىق، ئۇزۇن بويۇنلۇق تاشقى پلانىت ئادەملىرىگە ئۆزگەردى. تاشقى پلانىت ئادەملىرى غەرب دۇنياسىدىكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد كرىزىسىنىڭ بىر خىل تولۇقلىمىسى، كىشىلەر قەلبىدىكى يوقالغان خۇدا ئوبرازىنىڭ مەلۇم سىماسىنى، تەبىئەتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئوبرازىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى بولۇپ قالغان بولۇپ، تاشقى پلانىت ئادەملىرى ئەمەلىيەتتە دەل غەرب مەدەنىيىتى، پەن-تېخنىكىسى، تەبىئەت بىلىملىرى جۇغلانمىسىنىڭ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندىكى ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن شەكلىدە ئۆزلىرىگە روھىي تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشتىكى بىر خىل ۋاسىتىسىگە ئايلانغان. بۇ خىل روھىي تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقنىڭ بىر خىل شاھىدى سۈپىتىدە ھازىرغىچە دۇنيادا يۈز نەچچە مىڭ كىشى ئۆزلىرىنىڭ تاشقى پلانىت ئادەملىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ياكى تاشقى پلانىت ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ياكى تاشقى پلانىتلارغا ساياھەتكە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇنياسىنى ساياھەت قىلىشقانلىقلىرىنى سۆزلەشمەكتە. ھەتتا بۇنداق بىۋاسىتە تاشقى پلانىت ئادەملىرى بىلەن «ئۇچراشقۇچىلار»نىڭ سانى يىلىغا 10 پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئۆرلىمەكتە ئىكەن. تېخىمۇ كۆپ كىشى تاشقى پلانىت ئادەملىرى ۋە ئۇلارنىڭ قاتناش قورالى بولغان ئۇچار تەخسىگە مەستانە بولۇشماقتا. خۇددى ئىلگىرى ئىلىمپەن چۈشەندۈرۈشكە قادىر بولالمىغان سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىلاھىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈرگەنگە ئوخشاش، ھازىر سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى تاشقى پلانىت ئادەملىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە. مەسىلەن، 1906-يىلى سېبىرىيىدىكى زور پارتلاش ئالىملار تەرىپىدىن تاشقى پلانىت ئادەملىرى كېمىسىنىڭ پاچاقلىنىپ پارتلىشىدىن پەيدا بولغان دەپ قارالماقتا، شۇنداقلا 1947-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شتاتىنىڭ لوسۋىر دېگەن جايىغا ئۇچار تەخسە چۈشۈپ كېتىپ 20 گە يېقىن تاشقى پلانىت ئادەملىرىنىڭ جەسەتلىرى بايقالغانلىقى، بۇ جەسەتلەرنىڭ ھازىر ئامېرىكىدا مەخپىي ساقلىنىۋاتقانلىقى، بۇ ۋەقەنىڭ يېقىنقى مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور تارىخىي ۋەقە ھېسابلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىدىغانلىقى، لوسۋىرنىڭمۇ تاشقى پلانىت ھەۋەسكارلىرىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايغا ئايلانغانلىقىدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ نەزەرىيە جەھەتتىن، ئاسماندا چاقناپ تۇرغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سانى يەر شارىدىكى بارلىق قۇملۇقلاردىكى قۇم دانىچىلىرىنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولغان بۇ كەڭ كائىناتتا يەر شارىدىن باشقا پلانىتتا ھاياتلىق يوق دەپ قاراش خۇددى كەڭ كەتكەن مۇنبەت ئېتىزغا تەڭلا ئۇرۇق چېچىپ، ئۇنىڭ پەقەت بىر بۇرجىكىدىلا گىياھ ئۈنۈپ چىقىدۇ دەپ قارىغاندەكلا بىمەنە ئىش بولسىمۇ، بىراق تا ھازىرغىچە ئىنسانلار ئوربىتىدىكى خاربور تېلىسكوپى بىلەن كۆزىتەلەيدىغان 51 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى دائىرە ئىچىدە يەر شارىدىن باشقا پلانىتلاردا تېخى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق ئەمەلىي ئىسپات تاپالىغىنى يوق. ئىنسانلار ھازىرغىچە يەنىلا مۇشۇ پايانسىز ئالەمدىكى بىردىنبىر يېگانە ئەقىل-ئىدراكلىق جانلىق بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىنسانلاردا تاشقى ھاياتلىق ھەققىدە قىزىقىش، تەسەۋۋۇرلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. دەسلەپ كىشىلەر ئاي شارىدا قاينام-تاشقىن ھاياتلىق مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقان. ئەمما ئايدا ھاۋا، سۇ بولمىغان ھېچقانداق ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇش شەرت-شارائىتى ھازىرلانمىغان قاقاس سوغۇق زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئاپوللۇ پىلانى يولغا قويۇلۇپ 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاي شارىغا قونۇشتىن ئىلگىرىلا يۇقىرى ئىقتىدارلىق تېلىسكوپلار، سۈنئىي ھەمرالار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ بولۇنغانىدى. كېيىن ئىنسانلار نەزىرىنى مارىسقا قارىتىشتى. 1900-يىلى ئاسترونوملار تېلىسكوپ ئارقىلىق مارىستا مۇرەككەپ قانال سىستېمىسىنى بايقاشقانلىقلىرىنى جاكارلاشقان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا مارىستا قانال بار ئىكەن، چوقۇم قانال قازغۇدەك يۇقىرى ئەقىل-ئىدراكلىق مارىسلىقلار مەۋجۇت دېگەن كۆزقاراش ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقىلىپ، كىشىلەر ھەتتا مارىس ئادەملىرىنىڭ يەر شارىغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئەنسىرەشكەن، بىراق 1978-يىلى ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن «دېڭىز قاراقچىسى» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارىس يۈزىگە قونۇپ، مارىستا ھەتتا مىكرو ئورگانىزملىق جانلىقچىلىكمۇ ھېچقانداق ھاياتلىق ئىزلىرىنى بايقىيالماي مارىسنىڭمۇ سوغۇق، قاقاس، قۇرغاق، تاغ-ئېدىرلىق زېمىن ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان. ھازىر بولسا ئالىملار نەزىرىنى يەنە يوپېتىرنىڭ 4-ھەمراھى بولغان ئوۋلوباغا قارىتىپ، بۇ كىچىك پلانىتنىڭ يۈزىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قاپلىغان مۇز ئاستىدا ھاياتلىق بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشماقتا. تېخىمۇ كۆپ ئاسترونوملار نەزىرىنى تېخىمۇ يىراقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار دۇنياسىغا قاراتماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە رادىئو تېلىسكوپلار كەڭ كائىنات قوينىدىن ھاياتلىق ئۇچۇرىنى ئىزدىمەكتە… ئەمەلىيەتتە تاشقى ھاياتلىق ھەققىدە ئېنىق ئىسپات، مەلۇمات بولمىسىمۇ غەرب دۇنياسىدا، كىشىلەر قەلبىدە يوقالغان خۇدا سىماسىنىڭ يېڭى مەبۇدىسىنى ئىزدەشمەكتە.
پەخرىدىن مۇسا دەل مۇشۇنداق فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ قۇرۇماس بۇلىقى بولغان تاشقى پلانىت ئادەملىرى تېمىسىنى مىللىيلىككە، ئىنسان تەبىئىتىگە ئىگە قىلىپ ئۇيغۇر كىتابخانلىرى قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتتە تەسۋىرلىگەن، غەرب كىتابخانلىرى قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتتە تەسۋىرلىگەن، غەرب كىتابخانلىرى پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى، مەنىۋى ئېھتىياجدىكى خۇدانىڭ ئورنىنى ئالغان تاشقى پلانىت ئادەملىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر كىتابخانلىرى پسىخىك چۈشەنچىلىرى قوبۇل قىلالايدىغان ئىلاھ ياراتقان، ئىلاھ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى بولغان تېخىمۇ ئىقتىدارلىق، ئىنسانلارغا ئوخشاپمۇ كېتىدىغان جانلىق قىلىپ سۈرەتلەپ، ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ تەپەككۇر ئادىتىگە ياندىشىدۇ، تاشقى ھاياتلىق كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئىنسانلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى يۈزلەنگەن رېئالنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئۆز خەلقىگە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلىش ئارزۇلىرىنى تەسۋىرلەپ، تاشقى پلانىتلىقلار دۇنياسىدىكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ئارقىلىق تاشقى پلانىت دۇنياسىنى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە رېئاللىققا ئېشىشىنى ئىستىگەن ئىسلام ئوتوپىيىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. پەقەتلا نوقۇل «تاشقى پلانىت ئادەملىرى» دېگەندەك ئۇيغۇر پسىخىكىسىغا، ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا يات تېمىنى زورمۇ زور تەسۋىرلىمەستىن، تاشقى پلانىت ئادەملىرىنى ئىنسان تەبىئىتىگە، مۇھەببەتكە، ئېسىل ئالاھىدە خىسلەتلەرگە ئىگە، گويا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى خىزىر، پەرىشتىلەر ئوبرازىدەك سۈرەتلەيدۇ ۋە بۇ جەرياننى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، رىۋايەتلەر، خەلق قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى داستانلار ۋە جەننەت كەبى باش ئەگىم دىيارىنىڭ ئىچىگە قويۇپ تەسۋىرلەپ، بىزگە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تۇرمۇش كارتىنىسى ئارقا كۆرۈنۈشى ئىچىدە تاشقى پلانىت ئادەملىرى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. رومان مىللىي تۇپراق، مىللىي پسىخىكا، مىللىي روھ، مىللىي ئېستېتىك قاراشلار بويىچە تەسۋىرلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھىي مەنتىقىسى، ئاشقازىنى قوبۇل قىلالايدىغان فانتازىيىلىك رومان بولۇپ، فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ مىللىيلىشىش يولىدا مېڭىشنىڭ ياخشى بىر ئۆرنىكى بولۇپ قالغان. شۇنداقلا ئەسەر تەبىئىي پەن تەپەككۇرىنى ئۇرغۇتۇشتىمۇ مەلۇم تۈرتكىلىك ئاقارتىش ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن.
يۇقىرىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر جەريانىدا ئەسەردە كۆرۈلگەن بەزى چەكلىمىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
1. ئۇيغۇرلار تارىختا يىپەك توقۇش، تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسى، قەغەزچىلىك، راك كېسىلىنى داۋالاش تېخنىكىسى قاتارلىق دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ كەشپىياتلارنى ياراتقان بولسىمۇ، يېقىنقى زاماندىكى تارىخىي قىسمەتلەر ئۇيغۇر خەلقىنى يېقىنقى زامان سانائەت مەدەنىيىتى چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا قالدۇردى. رايونىمىز كىشىلىرىدە ئىلىم-پەن روھى ئاۋامنىڭ ئېتىقادىنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنالمىدى. بىز پەخرىدىن مۇسانىڭ رومانىدىكى تاشقى پلانىت ئادەملىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەشلەردىنمۇ ئاپتورنىڭ ھامان يەنىلا مۇشۇنداق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيە سەۋىيىسىنى، ئاۋامنىڭ مۇشۇ خىل ئىلىم-پەن روھى، تەبىئىي پەن تەپەككۇرى يېتىلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاپتوردىكى تېڭىرقاشنى ياكى ئۆزىدىكى ئېتىقاد سەۋەبىدىنمۇ ياندىشىپ تاشقى پلانىت ئادەملىرىنىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاۋامنىڭ قىممەت قاراش ئۆلچەملىرى بويىچە كۈچلۈك بىر خىل ئېتىقادلىق، بىر خۇدالىق، بىر مەنبەچىلىك جەمئىيەت ئەندىزىسى بويىچە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. بۇ بەلكى تاشقى پلانىت ئادەملىرىگە زورمۇ زور تېڭىلغان تاشقى پلانىت ئادەملىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىمىزنى بوغۇپ قويىدىغان رامكىلار بولۇشى مۇمكىن. ياكى بۇ ئاپتورنىڭ تاشقى پلانىت ئادەملىرىنى ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا يېقىنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى بولۇشى مۇمكىن.
2. ئاپتور روماندا ھەددىدىن ئارتۇق ئاسترونومىيە، گېئولوگىيە، زوئولوگىيە، مېتاللورگىيە، جۇغراپىيە بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇشقا كۆپ سەھىپە ئاجراتقان. فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ گەرچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، زۇلمەت، نادانلىق، بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن تولغان جەمئىيەتكە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىپ، توغرا ئىلىم-پەن قاراشلىرىنى تىكلەش قاتارلىق تەرەپلەردە باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، تەربىيىۋى رولى، ئاقارتىش رولى بولسىمۇ، بىراق بۇ فۇنكىسىيىلىك ئالاھىدىلىكلەر فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى تەشكىل قىلالمايدۇ. فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىدىن پەرقى، كۆپىنچە، فانتازىيە ئەدەبىياتى بىزگە تونۇشلۇق بولغان پەننىي بىلىملەرنى بايان قىلىش ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مول تەبىئىي پەن بىلىملىرى جەۋھىرىدىن بالقىغان كەلگۈسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر، ئاساسلىق تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ. پەننىي بىلىملەر ئاساسىدا ئالىملار كۆپىنچە ئېنىق، فورمۇلا قىلىپ ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر يولى بىلەن چەكلىنىپ قالىدىغان جايدا، فانتازىيە يازغۇچىلىرى ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن بۇ چەكلىمىلەردىن ۋاقتىنچە ھالقىپ ئۆتۈپ يېڭى پىكىر قىلىش يولى، يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان پەننىي كەشپىيات ۋە مۇشۇ پەننىي ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل جەمئىيەت ئۆزگىرىشلىرىدىن، ئالدىن ئۇچۇر بېرەلەيدىغان تەسەۋۋۇرلار ئاساسىي تەسۋىرلەش ئوبيېكتى بولۇشى كېرەك. كونكرېت پەننىي بىلىملەر، سان-سىفىرلار پەقەت ئاپتورنىڭ قەلبىدىكى شۇ تەسەۋۋۇرلار خىيالىي رىئاللىقلارنى، پەرەزلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان خۇرۇچ-ماتېرىيال بولسىلا كۇپايە. يېقىنقى فانتازىيە ئەدەبىياتى ھازىر يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەبىئىي پەن كەشپىياتى، يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى نەزەرىيە، يېڭى بىلىملەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلاردىن بېشارەت بېرىشلا ئەمەس، فانتازىيە ئەدەبىياتىنى، ئەدەبىياتنىڭ، رېئاللىقنىڭ ۋە ماكان، زاماننىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ چىقالايدىغان بىر ئەدەبىي ئۇسلۇب شەكلىدە پايدىلانماقتا.
پەخرىدىن مۇسا گەرچە روماندا نۇرغۇن سەھىپە ئاجرىتىپ پەننىي بىلىملەرنى تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈن ئەسەردە «مارىسنىڭ يەر ئاستى قاتلىمىنىڭ تاشقى پلانىت ئادەملىرىنىڭ ماكانلاشقان يۇرتى» ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تەسەۋۋۇرلار مۇشۇ كىتابقا خاس بولغان فانتازىيىلىك ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قالغان.
3. بىر جەھەتتىن «تاشقى پلانىت ئادىمى» تېمىسىغا كەلسەك، تاشقى پلانىت ئادەملىرى تېمىسى گەرچە ھازىرقى زامان فانتازىيە ئەدەبىياتىدا كەڭ قوللىنىدىغان بىر تېما بولۇپ قالغان. پەخرىدىن مۇسامۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارغا يېقىنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاشقان، ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالايدىغان تاشقى پلانىت ئادەملىرى ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتلەپ چىققان بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى زامان فانتازىيە ئەدەبىياتىدا «ئۈچ خىل ئادەم»نى تەسۋىرلەش، يەنى «تاشقى پلانىت ئادىمى»، «ماشىنا ئادەم» ۋە «تەجرىبىخانىدا يېتىشتۈرۈلگەن غەلىتە ئادەم»نى تەسۋىرلەش ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن تېما بولۇپ، يەنە كونا خاماننى سورىغان بىلەنمۇ ھېچقانداق قىزىقى، يېڭىلىقى قالمىغان تېما بولۇپ قالدى. شۇڭا ئاپتورنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىلىرى ئاساسىدا يېڭى تەپەككۇر بوشلۇقىنى، يېڭى تەسەۋۋۇر بۇلاقلىرىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىلىشىمىز كېرەككى، فانتازىيە ئەدەبىياتىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە تەسۋىرلەش ئوبيېكتى كەلگۈسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى كەلگۈسىنىڭمۇ كەلگۈسىدۇر.

تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق4-سانىدىن ئېلىندى