تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت تۈركىيە كۈتۈپخانىلىرىغا قانداق كېلىپ قالغان؟

تۈركىيىدىكى تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەت

ئوسمان فىكرى سەرتكايا

تۈركىيىدىكى بىرقانچە كۈتۈپخانىدا ئىسلامىيەت دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەر ۋە بەزى ئۆرنەكلەر ساقلىنۋاتىدۇ. ئىسلامىيەت دەۋرىدە يېزىلغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىلى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى شەرق تۈركچىسى (ئۇيغۇر چاغاتايچە) ۋە شىمال تۈركچىسى (قىپچاقچە) ئالاھىدىلىككە ئىگە.
تۈركىيىدىكى كۈتۈپخانلاردا ئىسلامىيەت دەۋرىدە يېزىلغان ھۆججەتلەردىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئالاھىدىلككە ئىگە تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەتلەرمۇ بار. بۇ ھۆججەتلەرنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىشقا بولىدۇ.
· 1. «بۇددا ۋاجراچېدىكا-پراجناپارامىتا سۇترا» دىن ئوسمان ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىنغان بىر ۋاراق (ئىستانبول، ئارخېئولوگىيە كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخا).
· 2. ئىستانبول ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلار.
· 3.ئەنقەرە ئېتنوگروپىيە موزېيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلار.
· 4.ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، گېرمانىيە ئالىملىرى 1903-1914-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆت قېتىم زور كۆلەملىك قېدىرىپ-تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە قېزىۋالغان ئاسار-ئەتىقىلەر بېرلىن، پارىژ، لوندون، سىتوھكولىم، ھىلىسىنكى، يېڭى دېھلى، سانكىت پېتربورگ، بېيجىڭ ۋە سېئول، كيوتودىكى كۈتۈپخانىلارغا توشوپ كېتىلگەن. بۇ قېدىرىپ تەكشۈرۈشتە تېپىلغان يادىكارلىقلاردىن ئاران %25 نەشىر قىلىنغان.
· گىرمانىيە ئالىملىرىنىڭ تۆت قېتىملىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا باشقىلارغا يازغان خەتلىرى 16 توپلام ھالىتىدە بېرلىندا ساقلىنۋاتىدۇ. 1_15 گىچە بولغان توپلاملارغا 1899-يىلىدىن 1918-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يازغان خەتلەر كىرگۈزۈلگەن. 16-توپلام بولسا يېزىلغان ۋاقتى خاتىرلەنمىگەن بولۇپ، 1918-يىلىدىن كېيىن يېزىلغان خەتلەر كىرگۈزۈلگەن.
· 5.توپلامدا فون.لېكوكنىڭ ئىمزاسى بار بىر پارچە خەت بىلەن بىر پارچە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ فوتو سۈرىتى بار بولۇپ، خەتتە: «تۇرپان ئويمانلىقى 59-نۇمۇرلۇق، ئىستانبولدىكى جانابى ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن قىزىل ۋە قارا سىياھتا يېزىلغان گۈزەل قەدىمكى ئۇيغۇر كىتابىنىڭ بىر بېتى، 1908-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرلىن، ئالبېرت لېكوك».
· بۇ خەتتە لېكوكنىڭ قولى بىلەن،ئەشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ كۆچۈرۈپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
· ئوسمان ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتلىگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ بۇ بېتىنىڭ باشقا بىر نۇسخىسى «تۇرپان تېكىستلىرى» مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى كىتابىدا «ئالتۇن يارۇق» تېمىسىدا جورجى ھازاي بىلەن پېتېر زېيمې تەييارلاپ نەشىر قىلدۇرغان ئەسەر (1971-يىلى،بېرلىن) نىڭ 39-بېتى 182- 195-قۇرلار ئارىسىدا ئۇچرايدۇ.
· 1908-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى فون.لېكوك بېرلىندىن ئىستانبولغا ئەۋەتكەن، ھازىرغىچە قايسى مۇزىيدا ساقلىنۋاتقانلىقى مەلۇم بولمىغان بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە كۆچۈرۈلمە بىر بەت تېكىست ئۈچۈن 1909-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ھالىل ئەدھىم لېكوكقا مۇنداق تەشەككۇر مەكتۇبى ئەۋەتكەن: «ناھايىتى ھۆرمەتلىك باش مۇدىر ئەپەندى، مەن ئۈچۈن تاللىۋالغۇدەك بۈيۈك بىر دوستلۇق ئۈلگىسىنى كۆرسەتتىڭىز، قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستنى سىزنىڭ نامىڭىزدا ماڭا بەردى. بۇ يادىكارلىقنىڭ قىممىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان بۇ يادىكارلىقنى مۇزېيمىزغا قويدۇردۇم. مۇزېيمىز نامىدىن ھەم شەخسىي نامىمدىن سىز ھۆرمەتلىك مۇدىرغا، بۇ قىممەتلىك ھەدىيە ئۈچۈن، ئەڭ سەمىمىي تەشەككۇرلىرىمنى بىلدۈرۈشۈمگە ئىجازەت بەرسىڭىز».
·
· ئالىي ئىھتىرام بىلەن ھالىل ئەدھىم
·
· 1909-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىستانبول
·
· دېمەككى، تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت تۈركىيە كۈتۈپخانلىرىگە مۇشۇنداق يوللار بىلەن كەلگەن.
·
· مەنبە:تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى 2008-يىل 1-سانى