«قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى

«قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى ، ئىبراھىم كافەسئوغلۇ(تۈركىيە) ، تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن

ئىبراھىم كافەسئوغلۇ(تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى يۈسۈپجان ياسىن

مەشھۇر تارىخ ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇر ئىبراھىم كافەسئوغلۇ 1914- يىلى تۈركىيىنىڭ بۇردۇر شەھىرىدىكى تەفەننى بۆلگىسىدە تۇغۇلغان. تەفەننىدىكى كافەسلەر جەمەتىدىن بولغان رەجەپ ئەپەندى بىلەن خاتىچە خانىمنىڭ ئوغلى بولغان كافەسئوغلۇ 1926- يىلى تەفەننى باشلانغۇچ مەكتىپىنى ۋە 1932- ئىزمىر مۇئەللىم مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئافيون قاراھىساردا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1940- يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ — جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، «ئىلمىي ياردەمچى» سۈپىتىدە ئىشلىگەن. 1943-يىلى بۇداپېشتقا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. بۇ يەردە ئا. ئالفۆلدى، گي. نېمېت ۋە ل. لېگەتى قاتارلىق مەشھۇر تۈركولوگلاردىن ئىككى يىل دەرس ئالغان كافەسئوغلۇ 1945- ۋەتەنگە قايتىپ، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى بويىچە ئاستېنت بولغان. ئۇ ئىسلام تۈرك تارىخى ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، مەلىكشاھ ھەققىدىكى دىسسىرتاتسىيىسى بىلەن 1949- يىلى دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن. 1953- يىلى دوتسنت بولغان، 1959-يىلى ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۈنىۋېرسىتېتىدە ئومۇمىي تۈرك تارىخى پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 1962- يىلى يەنە ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا پروفېسسۇرلۇققا تەيىنلەنگەن كافەسئوغلۇ 1954- 1955- يىللاردا ئىستانبۇل ئىنىستىتۇتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىنى، 1962- 1967- يىللاردا «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ مۇھەررىرلىگىنى، 1967-1968- يىللاردا ئىستانبۇل ئالى ئوقۇتقۇچىلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن. ھاياتىدا يەنە تۈركىيات، ئىسلام تەتقىقاتلىرى، شەرقىيات، تارىخ تەتقىقاتلىرى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئىلمىي ئورگانلارنىڭ ئەزاسى بولغان كافەسئوغلۇ 1983- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

تۈرك تارىخى، كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تۈركىيىدە ناھايىتى يۇقىرى نوپۇز ئىگىسىگە ئايلانغان ئىبراھىم كافەسئوغلۇ يەنە خەلقارادىمۇ مۇھىم تەسىرى بار ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى مەخسۇس ئەسەرلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز پەقەت «سۇلتان مەلىكشاھ دەۋرىدە بۈيۈك سەلچۇقلار ئىمپېرىيىسى»(1953)، «سەلچۇقلار ئائىلىسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە»(1955)، «خارەزمشاھلار دۆلىتى تارىخى»(1956)، «تۈركلەر ۋە مەدەنىيەت»(1957)، «تۈرك مىللەتچىلىگىنىڭ مەسىلىلىرى»(1970)، «تۈرك مىللىي كۈلتۈرى»(1977)،«ھازار قاغانلىقى»(1977)، «قۇتادغۇ بىلىگ ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى»(1980)، «تۈرك — ئىسلام سېنتىزى»(1985)، «بۇلغارلارنىڭ مەنبەسى»(1985)، «تۈرك بوزقىر كۈلتۈرى»(1987) ۋە «خارەزمشاھلار تارىخى»(1992) قاتارلىق كىتاپلاردۇر. شۇ نەرسە بەك دىققەتنى تارتىدۇكى، كافەسئوغلۇنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇنىڭ «تۈرك مىللىي كۈلتۈرى» دېگەن ئەسىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا نەزەر ئاغدۇرۇشلا يىتەرلىكتۇر. ئۇنىڭ كېيىنكى 25 يىللىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ كىتاپنىڭ تۇنجى نەشرى 1977-يىلى ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. بۇ ئەسەر بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇنجى قېتىم تۈرك مىللىي كۈلتۈرىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى قۇرۇلغان. «تۈرك مىللىي كۈلتۈرى» مەيلى تارىخچى ياكى باشقا بىر ساھەنىڭ ئادىمى بولسۇن، ھەر كىم ھەۋەس قىلىدىغان ۋە قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئانا ئەسەرگە ئايلانغان. شۇڭلاشقىمۇ، كېيىنكى 20 يىلدا يېزىلغان تارىخ كىتاپلىرىدا بارلىق مۇئەللىپلەر كافەسئوغلۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ سىرتىغا چىقىشقا جاسارەت كۆرسىتەلمىدى. 1982- يىلى كىتاپنىڭ 2- نەشرى ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر يىلى يېڭىدىن بىر قېتىم بېسىلىپ، 2003- يىلىغا كەلگەندە 24- نەشرى ئىلان قىلىندى. كېيىنكى ئەھۋالى بىزگە نامەلۇم بولغان بۇ كىتاپ بەلكىم ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەكرار بېسىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىر كىتاپنىڭ بۇنچە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ ھەر يىلى نەشىر قىلىشى ھەر قانداق بىر دۆلەتتە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋالدۇر. بۇنى ھەقىقەتەن ئىلىم ساھەسىدىكى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. ئىلىمگە خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە تەرىپىمدىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ ئاللىقاچان تاماملانغان بۇ كىتاپنى نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلىگەن بولساق بۆلگىمىزدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلرىغا يېڭى بىر نۇر بەرگەن بولاتتۇق، ئەلبەتتە. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇلغان « <قۇتادغۇ بىلىگ> ۋە ئۇنىڭ كۈلتۈر تارىخىمىزدىكى ئورنى» دېگەن بۇ ئەسەر ئەسلىدە «قۇتادغۇ بىلىگ» يېزىلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، 1970- يىلى ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «تارىخ ئىنىستىتۇتى ژورنىلى»نىڭ 1- سانىدا ئىلان قىلىنغان. 1980- يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 48 بەتلىك ۋە 20 مىڭ تراژلىق بىر كىتاپچە قىلىپ نەشىر قىلىنغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مۇشۇ نۇسخىغا ئاساسەن ئىشلەندى. «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە ئومۇمىي بىر مەلۇمات بىرىش بىلەن بىرلىكتە ئاپتورنىڭ ئۆزگىچە پىكىرلىرىدىن خەۋەردار قىلىدىغان بۇ ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىدىغانلىقىغا ۋە بۆلگىمىزدىكى «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ يېڭى مەنبە ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، بۇ ئەسەردە «تۈرك» سۆزى ھەم بىرلىك ھەم كۆپلۈك مەنىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئەينەن ئالدۇق. بۇ بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدىكى «تۈرك»، «تۈركىي» ياكى «تۈركىي مىللەتلەر»، «تۈركىي قەۋملەر»، «تۈركىي خەلقلەر» دېگەن ناملار بىلەن ئوخشاش مەنىدە. شۇڭا، ئاپتورنىڭ قەلىمىدىكى «تۈرك» سۆزىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇشۇ مەنىدە چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

-تەرجىماندىن

تۈرك ئىسلام كۈلتۈرىنىڭ دەستلەپكى دەۋرىنى تەشكىل قىلغان 11- ئەسىر تۈرك تارىخىدا ھەربىي، سىياسىي جەھەتتىن دىققەتنى تارتىدىغان بىر تەرەققىيات دەۋرى بولغىنىدەك، كۈلتۈر تارىخىمىز جەھەتتىنمۇ بۈيۈك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيادا قاراخانىيلار، خوراسان ۋە شىمالىي ھىندىستاندا غەزنەۋىيلەر، غەرپتىكى ئىران، ئىراق،سۈرىيە ۋە ئانادولۇدا سەلجۇقلارغا ئوخشاش تۈرك دۆلەت ۋە ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شەرق ئىسلام دۇنياسىدا ھاكىمىيەتنىڭ تۈركلەرگە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ناھايىتى مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەردۇر. بۇ ئىسلامىي تۈرك دەۋرىنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى بوزقىر تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قىممەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق راۋاجلانغانلىقى ئىدى. غەزنەۋىيلەردە ۋە بۈيۈك سەلجۇق ئىمپېرىيىسىدە يارىتىلغان تىنچلىق ۋە خاتىرىجەملىك سايىسىدە پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىشلىرى يىتىشىپ چىقتى. قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئەرەبچە يېزىلغان ۋەسىقىلەر ئاستا — ئاستا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.[①] ئەرەپ تىلىدا تارىخىي ئەسەرلەر يېزىلدى، ھەتتا بۇ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدا ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئىسلام ئىران تەسىرى كۆرۈلدى.[②] لېكىن، بۇنى تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئېتىباردىن چۈشكەنلىكى دەپ چۈشەندۈرۈش توغرا ئەمەس. مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلام مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن تۈركلەرنىڭ ئۆز كۈلتۈرىگە زادى ئېتىبار بەرمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، ھەتتا بۇ قاراش ئەستائىدىل تەتقىق قىلىنماي تۇرۇپلا قوبۇل قىلىنماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان ۋ. بارتولدنىڭ شۇ سۆزلىرى بۇ قاراشنىڭ ئەڭ كەسكىن دەلىلىدۇر:«تۈركلەردە ئىسلامىيەتنىڭ ۋە پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى شۇ قەدەر كۈچلۈك بولغان ئىدىكى، تۈركلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۆتمۈشىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.»[③] بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرا بولمىغانلىقى تۈرك مىللىتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ مىڭ يىلدىن بېرى ئۆز تىلى ۋە ئۆز كۈلتۈرى(ھېچقانداق بىر چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان) بىلەن بۈگۈنگىچە ياشاپ كەلگەنلىكىدىن مەلۇم بولماقتا. شۇنىڭدەك ئاشۇ قاراشتا نەزەردە تۇتۇلغان 11- ئەسىردىكى تۈرك يازغۇچىلىرى يازغان ئىككى بۈيۈك ئەسەردىنمۇ مەلۇم. بۇ ئەسەرلەردىن بىرى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»ى، يەنە بىرى تۈركىستاننىڭ بالاساغۇن شەھرىدىكى يۈسۈپ يازغان «قۇتادغۇ بىلىگ»تۇر. «دىۋان» 1074-يىلى، «قۇتادغۇ بىلىگ» ھىجرىيە 462-يىلى(1069-1070) دە يېزىپ پۈتتۈرۈلگەن. مەرھۇم رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ دېگىنىدەك، مەھمۇدنىڭ ئەسىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، «قۇتادغۇ بىلىگ» تۈركلەرنىڭ مەنىۋىي تەرىپىنى، سىياسىي ۋە ھاكىمىيەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى كىتاپ ئىسلام مەدەنىيىتى دائىرىسىدىكى تۈرك توپلۇقلىرىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتى بىلەن تۈرك دۆلىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى تۇنۇۋېلىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق ماتىرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بولۇپمۇ «دىۋان»نىڭ مەھمۇد تەرىپىدىن «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى بىر سوتسىيالوگ» ۋە دەۋرنىڭ ئىلغار مېتودلىرىنى بىلىدىغان بىر تىلچى سالاھىيىتى بىلەن ھازىرلىنىشى، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭمۇ خىيالىدىكى بىر سىياسىي ئورگاننى تەسۋىرلەشكە تىرىشقان بىر پەيلاسوپ تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى تۈرك دۆلەت تەشكىلاتىدا خاس ھاجىبلىققا ئوخشاش يۇقىرى ۋەزىپىدە بولغان بىر دۆلەت ئادىمى تەرىپىدىن يېزىلىشى بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. «قۇتادغۇ بىلىگ» تۈرك كۈلتۈرىنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن ئادالەت ۋە قانۇن مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش جەھەتتە قولىمىزدا بار بولغان ئەڭ قىممەتلىك مەنبە ھېساپلىنىدۇ.[④] شۇڭا، «قۇتادغۇ بىلىگ» ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغان 1925-يىلىدىن بېرى ئەڭ كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈلگەن تۈرك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.[⑤] يەرلىك ۋە چەتئەللىك بىر مۇنچە تىلچى، تارىخچى، قانۇنچى، ئەدەبىياتچى بۇ كىتاپ ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ساھەسى ۋە بىلىم دائىرىسى ئىچىدە باھالاشقا تىرىشتى. لېكىن، شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، ھازىرغا قەدەر بۇ خۇسۇستا بىرىلگەن ئىزاھ ۋە شەرھىيلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رىئال ئەھۋالنى ئىپادە قىلىشتىن يىراقتا قېلىپ، ئەسەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى كەسكىن بىر شەكىلدە كۆرسىتىپ بىرىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغاندەك تۇرىدۇ. قاراشلار ئىچىدە بەزى مۇرەسسەلەشتۈرۈش قېيىن بولغان زىددىيەتلەرنىڭ بولۇشىمۇ بەلكىم مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك.

بىز بۇ ئەسىرىمىزدە ئاۋۋال «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە بىلدۈرۈلگەن تۈرلۈك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، ئاندىن ئەسەرنىڭ ماھىيىتى ۋە تۈرك كۈلتۈر تارىخىدىكى ئورنىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىمىز.

1- «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدىكى قاراشلار:

1870- يىلى ھ. ۋامبېرىي «قۇتادغۇ بىلىگ» نى «بىزگە تۇنجى قېتىم تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىدارە قىلىش ئەھۋالىغا نەزەر سېلىش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن ئەسەر» دەپ تۇنۇشتۇرۇپ، بۇ ئەسەر ھەققىدە يەنە:«ئەسەردە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان روھ كەڭ كۈلەمدىكى ئىسلام تەپەككۇرلىرى ياكى ئومۇمىي شەرق چۈشەنچىلىرى بىلەن بىللە ساپ ئالتايلىقلارنىڭ يەنى تۈركلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئورۇن ئالغان بىر ئەخلاقىي تەلىمدۇر. دەستلەپتە ئەسەرنى خەنزۇچە ياكى پارسچە بىر كىتاپتىن تەرجىمە قىلىنغان ياكى ئۆزلەشتۈرۈلگەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ئەستائىدىل تەتقىق قىلغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ تۈرك ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېگەن ئىدى.[⑥] 1901- يىلى نېمىس ئالىمى ئو. ئالبېرتىس «قۇتادغۇ بىلىگ»نى پەلسەپىۋىي بىر كىتاپ دەپ قارىغان ۋە ئۇنىڭدا ئىبن سىنانىڭ تەسىرلىرى بار دېگەن بىر قاراش بىلەن ئەسەرنى ئارىستوتىلچى پىكىرلەرگە باغلىماقچى بولغان، ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يۈسۈپ خاس ھاجىبنى ئىبن سىنانىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ قارىغان.[⑦] تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تۇنۇلغان ماجار( ھۇنگېر ) ئالىمى ج. تۇرينىڭ قارىشىچە بولسا « <قۇتادغۇ بىلىگ> خەنزۇچە بىر ئەسەرنىڭ تۈركلەرنىڭ كۆز قارشى ۋە پىكرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بىر تەرجىمىسىدىن ئىبارەتتۇر.»[⑧] ۋ. بارتولد 1918- يىلى نەشىر قىلدۇرغان «ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى» دېگەن كىتابىدا قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا چاغلاردا كۆپۈنچە دادىنىڭ ئوغۇللىرىغا قىلغان نەسىھەتلىرى شەكلىدە تەييارلانغان ئەسەرلەرنىڭ ھەر مىللەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، 11- ئەسىردە يېزىلغان «قابۇسنامە»نىڭ بۇلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ھاياتتىن ئۆرنەكلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلەر زىكرى قىلىنغان بۇ خىل كىتاپلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، «لېكىن <قۇتادغۇ بىلىگ>تە بۇنداق نەرسىلەرنى ئۇچراتمايمىز. ئۇنىڭدا پەقەت بىمەنە ئوخشىتىشلار( مەسىلەن، شائىر ئادالەتنى ئەمىر، دۆلەتنى ۋەزىر دەپ كۆرسىتىدۇ) ۋە ھاياتتىن ناھايىتى يىراق بىر يۈرۈش قۇرۇق نەسىھەتلەرنى ئۇچرىتىمىز» دەيدۇ.[⑨] «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ھەققىدە دەرسلەر» دېگەن كىتابىدىمۇ »بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ ئەسىرىدە ھىچقانداق بىر تارىخىي شەخسنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان. بۇ جەھەتتە <قۇتادغۇ بىلىگ> پارىسچە يېزىلغان ئۆرنەكلىرىگە سېلىشتۇرغاندا قىممىتى بەكلا تۈۋەن بىر ئەسەردۇر» دېگەن ھۆكۈمنى چىقاردى.[⑩] يەنە بارتولد «تۈركىستان» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە تارتتى.[11] باشقا بىر رۇس ئالىمى ئا. سامويلوۋىچمۇ «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» دېگەن ئەسىرى ئوتتۇرىسىدا ئەدەبىي جەھەتتىن بىرەر مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئىزدەپ كۆردى.[12]

بىزدە (تۈركىيىدە – ت)م. ف. كۆپرۈلۈمۇ مۇنداق پىكىردە بولدى:«ئۇ ئەسىردىكى قەشقەر جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تۈزۈلمە جەھەتتە باشقا دەۋرداش ئىسلام جەمئىيەتلىرىدىن ئېنىق بىر شەكىلدە ئايرىلمىغان. سامانىيلارنىڭ ساراي تەشكىلاتى ئازغىنا بىر ئۆزگەرتىلىش يولى بىلەن شەرقىي تۈركىستان(قاراخانىيلار – ت) سارايلىرىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ تۈرك تەسىرىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان <قۇتادغۇ بىلىگ>تە يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭمۇ خۇددى مەھمۇد قەشقەرىگە ئوخشاش خەلق ھىكمەتلىرىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى ھېس قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئەسەرنىڭ بەزى يەرلىرىدە قەدىمكى كۆچمەن چۈشەنچىلىرىدىن بەزى مەنىدار ئەنئەنىلەر ئۇچرىسىمۇ، ئورخۇن كىتابلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا <قۇتادغۇ بىلىگ>تە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىدىيىنىڭ ئەسلا قەدىمكى تۈرك ئىدىئولوگىيىسى ئەمەسلىكى ئېنىق كۆرۈلىدۇ.» كۆپرۈلۈنىڭ قارىشىچە، ئەسەردە جۇڭگو تەسىرى ئەمەس، «پەقەت ئۆز ئىچىگە ئالغان پىكىر ئىتىبارى بىلەن ئىبن سىنانىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بىر تەسىرى مەۋجۇت ئىدى»[13] ر.رەھمەتى ئاراتنىڭ قارىشىچە، « <قۇتادغۇ بىلىگ> نە ۋەقەلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن بىر تارىخ، نە رايون ۋە شەھەرلەرنى تەسۋىرلىگەن بىر جۇغراپىيە، نە دىن ئادەملىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرىنى توپلىغان بىر ئەسەر، نە ھۆكۈمالارنىڭ پىكرىگە تايانغان بىر پەلسەپە، نە شەيخلەرنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىگە تايانغان بىر نەسىھەت كىتابى بولسۇن…، يۈسۈپ بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ئەمەلدارلارغا ياخشى بولۇشى ئۈچۈن مەنىسىز ئوخشىتىشلار ئارقىلىق ئەخلاق دەرسى بېرىدىغان قۇرۇق نەسىھەتچى بولۇشتىن بەكرەك، ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى، شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىر ھايات پەلسەپىسىنى قۇرغان ئەڭ كەڭ مەنىدىكى ئالىم ۋە مۇتەپەككۇردۇر… ئەسەر ھىچقانداق بىر خەنزۇچە ئەسەردىن تەرجىمە قىلىنغان ئەمەس. تېما جەھەتتىنلا ئەمەس، يەنە باشقا خۇسۇسلاردىمۇ تامامەن ئورىگىنال بىر ئەسەردۇر.»[14] ئا.جافەرئوغلۇ 11- ئەسىرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەدەبىي مەھسۇلى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ھەم تېما ھەم تىل جەھەتتىن ئەرەب ۋە ئىراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ ئەسەر ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئەرەبچە ۋە پارسچە بىر بىرمۇنچە سۆزلۈكلەرنىڭ تۈرك تىلىگە كىرگەنلىكىنى، كۆپ قىسمى دىنگە، بەزىلىرى دۆلەت تەشكىلاتىغا ئائىت بولغان بۇ سۆزلۈكلەر سانىنىڭ 120 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. [15]

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردىن باشقا يەنە ئۈچ تەتقىقاتچى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇلار «قۇتادغۇ بىلىگ»نى مەنبە جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىدىغان ئەسەرلەر قاتارىغا كىرگۈزدى. بۇلاردىن بىرى بولغان ھ. ئىنالجىق «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ھىندى – ئىران تەسىرىنى تەتقىق قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «يۈسۈپ چۇقۇم فىردەۋسىنىڭ ئەسىرىنى كۆرگەن. تۈركلەرنىڭ ئەپسانىۋىي قەھرىمانى تۇڭا ئالپ ئەرنى ئىرانلىقلارنىڭ ئافراسىياب دەپ ئاتىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك، داھھاك بىلەن فەرىدۇننىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدا ئەسەرنى <شاھنامە> ۋەزنىدە يازغان… ئىدارە قىلىش سەنئىتى ھەققىدە يۈسۈپنىڭ قاراشلىرى 11- ئەسىردە ئىسلام– ئىران دۇنياسىدا يىلتىز تارتىپ ئومۇملاشقان چۈشەنچىلەر بىلەن ئاسانلا بىردەكلىشەلەيدۇكى، بۇلار كۆپرەك قەدىمكى ھىندى– ئىران ئەنئەنىلىرىگە باغلىنىشى مۇمكىن.»[16] ئىراندا خېلىدىن بېرى ئەمەلىي خاراكتېردىكى ئەخلاق كىتاپلىرىنىڭ كۆپلەپ يېزىلغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان ئىنالجىق بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكى سۈپىتىدە «كەلىلە ۋە دىمنە»[17]نى كۆرسىتىدۇ ۋە بۇنىڭغا «تىپىك بىر پەندىنامە» دەپ ئاتىغان «قابۇسنامە»نىمۇ قوشۇمچە قىلغاندىن كېيىن « <قۇتادغۇ بىلىگ>تە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان سىياسىي چۈشەنچىنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىران–ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى شەكلى ۋە رولى بىلەن تەكرارلىنىۋاتقانلىقى»نى مۇلاھىزە قىلىدۇ.[18] شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىنالجىق «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قەدىمكى تۈرك ھاكىمىيەت ئەنئەنىسىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق بىلدۈرىدۇ.

باشقا بىر تەتقىقاتچى ئا. بومباجى «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن شەرقتە يېزىلغان شۇ خىل تىپتىكى ئەسەرلەر ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرگە قېتىلمىغان بىر ئالىم سۈپىتىدە دىققەتنى تارتىدۇ: «خرونولوگىيە جەھەتتىن<قۇتادغۇ بىلىگ>تىن بۇرۇن يېزىلغان ئەرەب ۋە پارس ئەسەرلىرىدە سىياسىي ئامىللار بىلەن ئەخلاقىي ۋە پەلسەپىۋىي ئامىللارنىڭ بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىگىنىمىزدەك، ئاللىگورىك(بىر ھالەت ياكى بىر ھەرىكەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق ئىپادە قىلىش-ت) ۋە دىئالوگ شەكىللىرىنىمۇ ئۇچراتمايمىز. شۇ ئەھۋالدا بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلما جەھەتتە ئورىگىنال بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىمىز… ئىرانلىقلارنىڭ ئەسەرگە <تۈرك شاھنامەسى> دېگەن نامنى بەرگەنلىكىگە دائىر ئىشارەت <قۇتادغۇ بىلىگ> بىلەن <شاھنامە> ئوتتۇرىسىدا ھەر قانداق بىر مۇھىم مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىغا ئىسپات بولمايدۇ.»[19] ئەمما، بومباجى ئەسەرنىڭ ئومۇمىي شەكىل جەھەتتە ئىسلام كۈلتۈرىنىڭ مۇكەممەل بىر مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىسلام زۈھىد ئىدىئولوگىيىسىنىڭ بۇ ئەسەردە كەڭ ئورۇن تۇتقانلىقىنى، ئىلمىي ئامىللارغا كۆپىنچە ئىسلام تامغىسىنىڭ بېسىلغانلىقىنى، سىياسىي چۈشەنچىنىڭ بولسا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەلۇم ئاساسلىرىغا تايانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئادالەت ۋە قۇت مەۋزۇلىرىدا «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن قەدىمكى يۇنان چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن ، «قۇتادغۇ بىلىگ» تە ھۆكۈمدارنىڭ ھۇزۇرىغا چىققان ئايتولدىنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرغان «توپ» بىلەن قەدىمكى يۇنان قۇت تەڭرىچىسى توكاغا بېغىشلانغان «شار» ئوتتۇرىسىدا، ھۆكۈمدارنىڭ قولىدىكى پىچاق بىلەن قەدىمكى يۇناندىكى ئادالەت ئوقۇمىنى ئىپادە قىلىدىغان دىكەنىڭ سىمۋولى بولغان قىلىچ ئوتتۇرىسىدا، يەنە قەدىمكى يۇنان تەڭرىچىسى تېمىسنىڭ ئۈچ پۇتلۇق ئۇرۇندۇقى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ھۆكۈمدارنىڭ ئۈچ پۇتلۇق تەختى ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. تەتقىقاتچىنىڭ قارىشىچە، بۇ جەھەتلەردىن « <قۇتادغۇ بىلىگ> بىلەن قەدىمكى يۇنان دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق تولۇقتەك كۆرۈنىدۇ. مۇھىم بولغان نوقتا، بۇ خىل ئوخشاشلىقنىڭ تاسادىپىي بولمىغان بىر سىستېما تەشكىل قىلغانلىقىدۇر.»[20] بۇ يەردە شۇنى ئىلاۋە قىلىمىزكى، زاھىد بىلەن مۇنازىرىلەشكەندە يۈسۈپنىڭ «ئىنساننىڭ جەمئىيەت ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى قوغداشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقى، چېكىدىن ئاشقان ۋە قۇرۇق زۈھدىي ھەرىكەتلەرگە قارشى چىققانلىقى، بۇ ئارقىلىق يۈسۈپنىڭ «ئاكتىپ ھايات چۈشەنچىسى ئىچىدە» ياشىغانلىقى بومباجى تەرىپىدىن ياخشى بىلدۈرۈلگەن.

ئۈچۈنجى بولۇپ تىلغا ئېلىنىدىغان تەتقىقاتچى «قۇتادغۇ بىلىگ»كە قانۇن جەھەتتىن باھا بىرىشكە تىرىشقان سادرى مەقسۇدى ئارسالدۇر. «قۇتادغۇ بىلىگ»نى «11- ئەسىر تۈرك كۈلتۈرىنىڭ بىر ئابىدىسى» سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرگەن ئارسالنىڭ قارىشىچە، «بۇ ئەسەر مەدەنىي تۈرك مۇھىتىدا ئەسىرلەردىن بېرى توپلانغان ئەخلاق، سىياسەت ۋە قانۇنغا دائىر پىكىرلەرنىڭ بىر خۇلاسىسىدۇر. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، فىردەۋسى ئەپسانىۋىي ئىران تارىخىنى تەسۋىرلىسە، تۈرك مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىن، قانۇندىن، ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن سۆز ئاچقان.» [21] ئۇنىڭدىن كېيىن «قۇتادغۇ بىلىگ»نى كەڭ تەھلىل قىلغان ۋە ئۇنى ئورخۇن كىتابلىرىدىكى «دۆلەت» پىكرى بىلەن سېلىشتۇرغان ئارسال ئەسەردە جۇڭگو(كوڭزىچىلىق) تەسىرى بىلەن، دۆلەت ئىدارە قىلىشتا ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ رولى ۋە ھۆكۈمدارنىڭ ۋاسىپلىرى جەھەتتە فارابىنىڭ تەسىرى بار دەپ قارىدى.[22]

يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىمىزنى مۇنداق خۇلاسىلايمىز.

«قۇتادغۇ بىلىگ»:

1- ھىندى– ئىران چۈشەنچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەخلاق ۋە نەسىھەت كىتاپلىرىغا تەقلىد قىلىپ يېزىلغان. بۇنىڭغا «كەلىلە ۋە دىمنە» بىلەن «قابۇسنامە»نى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.

2- ئىبن سىنا ئارقىلىق ئارىستوتېلنىڭ ۋە فارابى ئارقىلىق ئەپلاتوننىڭ پىكىرلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن. شۇنىڭدەك بىرىلگەن تەسۋىرلەر بىلەن قەدىمكى يۇنان تەڭرىچىلىرىنىڭ سىمۋوللىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يېقىن بىر ئوخشاشلىق بار.

3- كوڭزىچىلىق شەكلى ئارقىلىق جۇڭگو تەسرىنى ئىپادىلىگەن.

4- ئىسلامىي چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغان ھالدا بەزى تۈرك ئامىللىرىغىمۇ ئورۇن بەرگەن.

«قۇتادغۇ بىلىگ»دېگەن نامنىڭ مەنىسى ھەققىدىمۇ پىكىر بىرلىكى شەكىللەنمىدى. مۇئەللىپ يۈسۈپ بۇ ھەقتە «كىتاپقا قۇتادغۇ بىلىگ ئىسمىنى قويدۇم، ئوقۇغانلارنى قۇتلۇق قىلسۇن ۋە ئۇلارغا يول كۆرسەتسۇن»[23] دېيىش بىلەن كۇپايىلىنىپ چۈشەنچە بەرمىگەن. بىلىگ «بىلىم» دېگەنلىكتۇر. قۇتادغۇ(قۇت +اد + غۇ) تەبىرىنىڭ ئېتېمولوگىيىسىنىڭ «قۇتلۇق بولۇش» دېگەنلىك بولىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، سۆز تومۇرى بولغان «قۇت»نىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس. ۋامبېرىي، رادلوف، ۋ. تومسېن «قۇت» سۆزىنى «سائادەت» دەپ ئالغان.[24] بارتولدنىڭ قارىشىچە، «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن نام «بەختكە ئىرىشتۈرگۈچى بىلىم»، «پادىشاھلارغا لايىق ئىلىم» مەنىسىدە بولۇپ، «سائادەت» ۋە «بەخت»نى ئىپادە قىلىدىغان «قۇت» تەبىرى بۇ ئەسەردە «خان ئالىيلىرى» دېگەن مەنىدە كەلگەن.[25] م. ف. كۆپرۈلۈ «قۇتادغۇ بىلىگ»نى «سائادەت بەرگەن»، «پادىشاھقا لايىق» تەرزىدە چۈشەندۈرگەن. ر.ر.ئاراتنىڭ قارىشىچە، بۇ نامنىڭ مەنىسى «قۇتلۇق ۋە بەختلىك بولۇش بىلىمى» بولۇپ، ئەسەر «ئىنسانغا ھەر ئىككى دۇنيادا سائادەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن ئىزدەشكە تىگىشلىك يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يېزىلغان.»[26]

يۇقىرىدا «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ماۋزۇسى، ماھىيىتى ۋە نامى ھەققىدىكى ئاساسلىق كۆز قاراشلارنى خۇلاسە قىلدۇق. ئەمدى تەتقىقاتىمىزغا ئۆتىمىز.

2 – (A) – «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەزمۇنى:

مەلۇم بولغىنىدەك، «قۇتادغۇ بىلىگ»6645 بېيىتلىك شېئىرىي بىر ئەسەردۇر. قولىمىزدىكى باسمىسىدا بىر نەسرىي، يەنە بىرى نەزمىي(77 بېيىت) شەكىلدە ئىككى مۇقەددىمىسى بار، ھەر ئىككىلىسى كېيىن ئىلاۋە قىلىنغان. 88 بابقا ئايرىلغان ئەسلى مەتىن ئاساسەن كۈنتۇغدى، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش ۋە ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت تۆت كىشىنىڭ سۆھبىتىدىن مەيدانغا كەلگەن. ئاۋۋال دەستلەپكى ئون باب(ھەممىسى 350 بېيىت) تەڭرى، يالاۋاچ(پەيغەمبەر)، تۆت ساھابە، ۋە ئەسەر تەقدىم قىلىنغان قەشقەردىكى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تامغاچ بۇغرا خاقان ئەبۇ ئەلى ھەسەن (ھىجرىيە 496-يىلى، مىلادى 1103-1103-يىلى ئۆلگەن)گە بېغىشلانغان ۋە يۇلتۇزلار، بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ ۋاسىپلىرى، ياخشىلىقنىڭ پايدىلىرى ۋە تىلنىڭ پەزىلەتلىرىگە ئايرىلغان. 11 – باپتا مۇئەللىپ سۆزلەتكەن تۆت كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى تۇنۇشتۇرغان. كۈنتۇغدى ئىلىگ(ھۆكۈمدار) بولۇپ، تۆرۈ(قانۇن)نىڭ ئورنىنى ئالغان، ئۇنىڭ سۆزلىرى قانۇننىڭ سۆزلىرىدۇر.[27] ئايتولدى قۇتتۇر، «مۇبارەك قۇت قۇياشى ئۇنىڭ بىلەن نۇر چاچىدۇ»(354-بېيىت). ئۆگدۈلمىش قۇتنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئەقىلگە سىمۋول قىلىنغان. زاھىد ئودغۇرمىش بولسا «ئاقىۋەت» شەكلىدە ئېلىنغان(355- 357- بېيىتلەر). قۇت، ئادالەت، تىل، بەگ(ھۆكۈمدار) ۋە بەگلىك بىلەن ۋەزىر، سۈ باشى(قوماندان)، ئۇلۇغ ھاجىب، قاپۇغ باشى(ئىشىك ئاغىسى)، يالاۋاچ(ئەلچى)، بىتىگچى(كاتىپ)، ئاغىچى(غەزىنىدار)، ئاشباشچى(باش ئاشپەز)، ئىچىملىك بېشىنىڭ قانداق بولۇش كېرەكلىكى، مەمۇرلارنىڭ ھۆكۈمدار ئۈستىدىكى ھەقلىرى، خەلق، ئەلى ئەۋلادلىرى، ئالىملار، تىۋىپلار، ئەپسۇنچىلار، چۈش ئۆرىگۈچىلەر، مۇنەججىملەر، شائىرلار، دىھقانلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە نامراتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، ئىشچى– خىزمەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى مەۋزۇلاردا بۇ تۆت پېرسۇناژ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئەسەرنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان. ئەقىلنىڭ ئاقىۋەتكە قارشى ۋە تەقدىرچى قاراشقا زەربە بىرىدىغان مۇداپىئە سۆزلىرىنى قوشقاندا بۇ سۆھبەت 6170 بېيىتنى تەشكىل قىلغان. كېيىنكى 125 بېيىت ياشلىق، زاماننىڭ بوزۇقلىقى ۋە مۇئەللىپ يۈسۈپنىڭ ئۆزىگە نەسىھەتى بىلەن ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ يېزىلىشىدىكى ئەسلى مەقسەت دۆلەت ۋە دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خۇسۇسلارنى چۈشەندۈرۈش ئىدى. يۈسۈپمۇ بۇ نوقتىنى «سۆزۈمنى قانۇن، قۇت، ئەقىل ۋە ئاقىۋەتتىن ئىبارەت تۆت نەرسە ئۈستىگە قاراتتىم» دېيىش ئارقىلىق ئىپادە قىلغان. بۇ جەھەتتىن بەزى تەتقىقاتچىلار ماۋزۇنى چۈشىنىشتە قىينالغان بولسىمۇ، ئەسەردىكى بىرىنجى مۇقەددىمىنىڭ مۇئەللىپى «قۇتادغۇ بىلىگ»نى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، چىنلىقلار «ئەدەبۈل مۈلۈك»، ماچىنلىقلار «ئەنىسۈل مەمالىك»، شەرق ئەللىرى «زىينەتۈل ئۈمېرا»، ئىرانلىقلار «شاھنامە» ۋە تۇرانلىقلار «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن نامنى بەرگەن بۇ كىتاپ ھەر كىشىگە يارايدۇ، بىراق مەملىكەت ۋە شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمدارلارغا تېخىمۇ كۆپ پايدىسى تېگىدۇ. دۆلەتنىڭ يىقىلىشى ياكى داۋام قىلىشى قانداق سەۋەپلەردىن بولىدىغانلىقى، ھاكىمىيەتنىڭ قانداق قىلىپ قولدىن چىقىپ كىتىدىغانلىقى، قوشۇننىڭ قانداق توپلىنىدىغانلىقى، قونالغۇ ۋە سەپەر يوللىرىنىڭ قانداق تاللىنىدىغانلىقى، ھۆكۈمدارلار بىلەن خەلقنىڭ بىر بىرىسىدىكى ھەقلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى بۇ كىتاپتا ئايرىم — ئايرىم چۈشەندۈرۈلگەن. بۇلار ئادالەت، دۆلەت، ئەقىل ۋە قانائەتتىن ئىبارەت تۆت ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان.

(B) «قۇتادغۇ بىلىگ» نىمە؟

مەلۇم بولغىنىدەك، «قۇتادغۇ بىلىگ» بىر ئىدارىي– سىياسەت كىتابى بولسىمۇ، قەدىمكى دەۋرلەردە شەرقتە خىللىرى كۆپ ئۇچرايدىغان تىپتىكى بىر سىياسەتنامە ئەمەس. «قۇتادغۇ بىلىگ» كە قارشى مەيداندىكى بارتولد تەرىپىدىنمۇ ئىشارەت قىلىنغىنىدەك، ھەمىشە ئەخلاقىي تەربىيىلەر، ۋەئەزلەر ۋە نەسىھەتلەر بىلەن تولغان، تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش — ئىزلىرىدىن ئۆرنەك بىرىدىغان دەرس ۋە نەسىھەت كىتاپلىرى تۈرىدىكى سىياسەتنامە ۋە نەسىھەتۈل مۈلۇكلەر(پادىشاھقا قىلىنغان نەسىھەتنامىلار—ت) بىلەن، دۆلەت باشقۇرۇشنى، دۆلەت تەشكىلاتىنى، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي قاتلاملىشىشنىئايرىم — ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان «قۇتاغۇ بىلىگ» ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرەيلى:

1- ئىجتىمائىي ئەھۋال:«قۇتادغۇ بىلىگ»تە سۆزلەنگەن جەمئىيەت ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن تۈرلۈك ئىش ۋە كەسپ ئىگىلىرىدىن قۇرۇلغان. دىھقانلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، ھۈنەرۋەنلەر بىلەن بىرلىكتە تىۋىپلار، شائىرلار ۋە ئەدىپلەر بار. شۇنىڭدەك، مۇنەججىملەر، تەبىرچىلەرنىڭمۇ خېلىلا مۇھىم بىر ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم. پەيغەمبەر نەسلى بولۇش سەۋەبى بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئەۋلاتلىرىغىمۇ مەخسۇس بىر ئورۇن بىرىلگەن. ئەسەردە سۆزلەنگەن ئىش ۋە كەسپىي گۇرۇھلار ئارىسىدىكى بۇ خىل تەرتىپ ھەر قانداق بىر قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي پەرق سەۋەبىدىن بولغان ئەمەس. چۈنكى بۇ گۇرۇھلارنىڭ ئالدىنقى رېتىدە ئاۋام خەلق يېزىلغان. تەبىئىتى، بىلىمى، ئەقلى ۋە ھەرىكىتى ئايرىم، ئىشى ۋە كۈچى «قورساق تويغۇزۇش»تىن ئىبارەت بولۇش بىلەن دىققەتنى تارتىدىغان «قارا بودۇن»دىن پەقەت نامراتلار بىلەن ئاسراكىلار(خىزمەتچىلەر)نىڭ كۆرسىتىلگەن ياكى كۆرسىتىلمىگەنلىكى ئۇچۇق بولمىسىمۇ، 11- ئەسىردىكى قاراخانىيلار جەمئىيىتىدە بەزى ئىمتىيازلىق سىنىپلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە دائىر بىر ئىشارەت ئۇچرىمايدۇ. ئومۇمەن، «قۇتادغۇ بىلىگ»تە سۆزلەنگەن قانۇن ۋە ئادالەت چۈشەنچىلىرى مۇشۇنداق بىر سىنىپنىڭ بارلىققا كىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئۇ ھالدا «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى جەمئىيەت ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن ئىدارە قىلىنغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىلغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق بۆلۈنۈش بىر قاراشقا نورمالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەھۋال ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ئىدى. چۈنكى قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا چاغلاردا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي خاراكتېرى ئىجتىمائىي تەبىقىلەرگە ئايرىلىش ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئاساسەن بارلىق دۆلەتلەردە بىر مۇنچە «سىنىپ»لار مەۋجۇت ئىدى. ئومۇمەن روھانىيلار، ئىسىلزادىلار(ئەسكەرلەر، چوڭ يەر ئىگىلىرى) ۋە قۇللاردىن تەركىپ تاپقان بۇ تەبىقىلىشىشتە يۇقىرى قاتلام سىنىپلىرىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرى، ئىمتىيازلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، دۆلەتتىكى رولى ۋە بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ئىجتىمائىي ئەھۋال بولسا بۇنداق بىر سىنىپىي شەكىلدىن يىراق. مەسىلەن، ئۇنىڭدا غەرپتىكىگە ئوخشاش قۇللۇققا تايانغان فېئۇدالىزم ياكى جۇڭگودا مەۋجۇت بولغان گەنتىري — ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى[28] ئۇچرىمايدۇ. شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، جەمئىيەتتە ئىمتىيازلىق سىنىپلارنىڭ بولماسلىقى قەدىمكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. چۈنكى بوزقىرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئەسكەرلىكنىڭ ئۈستۈن بىر كەسىپ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۇرمۇش شارائىتى ئىمكانىيەت بەرمىگەن. مەلۇم بولغىنىدەك، فېئودالىزمنىڭ ئاساسىي تەركىبىنى تەشكىل قىلغان تېرىقچىلىقمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئىقتىسادىي ئامىلغا ئايلىنالمىغان. شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈرك دۆلەتلىرىدە ئالاھىدە ھوقۇقلارغا ئىگە قىلىنغان روھانىيلار تەبىقىسىمۇ ئۇچرىمايدۇ. تارىخىي تۈرك توپلۇقلىرى دىنىي ماھىيەتتىكى جەمئىيەت ئەمەس ئىدى. قەدىمكى تۈرك كۆك تەڭرى دىنى ھاكىمىيەت ۋە سىياسىي ئىقتىدار چۈشەنچىلىرىدىن سىرت، كۈندىلىك ھاياتنىڭ نورمال مۇناسىۋەتلىرى ساھەسىدە ئەھمىيەتلىك بىر رول ئوينىمىغانلىقتىن، قەدىمكى تۈرك تارىخىدا دىن ئادەملىرى(دىنىي خادىملار)نىڭ ئىجتىمائىي ۋە ۋە سىياسىي جەھەتتە مۇھىم رولى يوق ئىدى.[29] بۇ جەھەتتە ھىندىستان، جۇڭگو، مىسىر ۋە يۇنانىستانغا ئوخشاش «يەرلەشكەن» ياكى «دىنىي جامائەت»لەردىن ئايرىلىىپ تۇرىدىغان قەدىمكى تۈرك توپلۇقلىرىنىڭ سىنىپلاردىن ئەمەس، بەلكى پەقەت مىللەت پۈتۈنلىكىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر بىرىنى تولۇقلىغان ۋە ھاياتنىڭ رەڭدارلىقىنى ياراتقان تەبىقىلەردىن قۇرۇلغانلىقى «قۇتادغۇ بىلىگ»تە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.

بۇ جەھەتتىن قارىغاندا «قۇتادغۇ بىلىگ» يېزىلغان «قەشقەر جەمئىيىتى»نىڭ تامامەن ئىسلامىي بىر خاراكتېر ئالغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ ناھايىتى ئاشۇرىۋىتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەسەردە ئىسلام تەسىرىنىڭ قويۇقلۇقى ھەققىدىكى ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئايلىنىپ قالغان قاراشلاردىمۇ مۇبالىغە بار. يۈسۈپ شۆبھىسىزكى ئىسلامنىڭ مەنىۋىي قىممەتلىرىنى قوغدىغان «تەھۋادار بىر مۇسۇلمان» بولسىمۇ، ئەسىرىدە ئىسلامنىڭ ئەقىدە ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ تەسىرىدىن يىراقتا تۇرغان ئىدى. «ئاقىۋەت» ئارقىلىق تىلغا ئالغان «زۈھد» چۈشەنچىسىدە ئىھتىمال بۇددىزمنىڭ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ئاياللار ھەققىدىكى تەۋسىيىلىرىدە(4513 بېيىت) ئىسلامىي تەسىرلەرنىڭ پاسىلىنى بەك كىڭەيتىۋەتمەسلىك كېرەك. بۇ يەردە سۆزلەنگەنلەر كۆپۈنچە «خوتۇنلار» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئائىلە نىزامىنى ساقلايدىغان ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئەسەردە بىر «تەۋھىت»(بۇ مۇنداق ئۈچ خىل مەنىدە چۈشىنىلىدۇ : 1- ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىش، 2- بىر خۇدالىق ئېتىقاد، 3 – دىۋان ئەدەبىياتىدا ئاللاھنى مەدھىيلەش ئۈچۈن يېزىلغان شېئىرلار– ت)، بىر «نەئەت»(ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى مەدھىيلەش، ئۇنىڭدىن شاپائەت تىلەش مەخسىتىدە يېزىلغان قەسىدە – ت) يېزىلغان ۋە ساھابىلار ئۈچۈن بىر باپ ئايرىلغان. ئەمما «شەرىئەت» ۋە خىلاپەت» قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن ۋە ئىسلامىيەتنىڭ قانۇنىي ۋە دىنىي مۇئەسسىسەلىرىدىن سۆز ئېچىلمىغان. شۇنىڭدەك، خەلىپە، فىقىھ، مۇدەررىس ۋە قازىلار ھەققىدە سۆز يوق. ھەتتا ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر سۆزلىرىمۇ قوللىنىلمىغان، بۇلارنىڭ دائىم تۈركچە تەڭداش ئاتالغۇلىرى(تەڭرى، ئىدى، بايات، يالاۋاچ) ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان. ئەرەبچىدىن كىرگەن ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلۈكلەرنىڭ سانىنىڭ 100-120 ئەتراپىدا بولۇشىمۇ ئىسلام تەسىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىشكە كۇپايە قىلىدۇ. 13 مىڭدىن ئارتۇق مىسرادىن تەشكىل تاپقان بىر ئەسەردە بۇنچىلىك ساندىكى يات سۆزلۈكلەر ھەر ھالدا بىزنىڭ بۈيۈك بىر كۈلتۈر نۇپۇزىنى تەسسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولغۇدەك دەرىجىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ يەردە ئەرەبچە ۋە پارسچە ئاتالغۇلارنىڭ تۈركچە تەڭدىشى قوللىنىلغان، بولۇپمۇ بايانلاردا «قۇرئان»غا ، ھەدىسلەرگە ئەمەس، تۈرك ئاتا سۆزلىرى بىلەن «ئۆتۈكەن بېگى»، «ئىل بېگى»، «ئىلا بىتەكچىسى»، « ئۈچ ئوردۇ خانى»، «تۈرك بۇيرۇق» قاتارلىق قەدىمكى تۈرك ئۇلۇغلىرىنىڭ پىكىر ۋە نەسىھەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنغان.[30]

2- ئەقىل ۋە بىلىم: ئەسەردە مىستىك چۈشەنچىلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدىكى «ئاقىۋەت»نىڭ ئىنساننى دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزدۈرىدىغان نەسىھەتلىرىنىڭ «ئەقىل» بىلەن بىلەن سېلىشتۇرۇلۇشى ناھايىتى مەنىلىكتۇر. ئەقىل ئىجابىي ۋە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان جاۋاپلىرى ئارقىلىق ھاياتقا سادىق قەدىمكى تۈرك توپلۇقلىرىنىڭ بىر خىل قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەرگۈدەك خاراكتېردە تۇنۇتۇلغان ئىدى. دىنىي چۈشەنچىنى ئاساس قىلمىغان بىر جەمئىيەتتىن بۇنىڭدىن باشقىنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىلەرنىڭ ھەمىشە «ئەقىل» تەرىپىدىن ئىزاھلىنىشىمۇ بۇ نوقتىنى قۇۋۋەتلەيدىغان باشقا بىر خۇسۇس بولسا كېرەك.

ئەقىل ھەممىدىن ئاۋۋال بىلىمگە ۋە ئىجابىي چۈشەنچىگە بۇيرۇق بىرىدۇ. تۇيغۇ دۇنياسىنىڭ ئورنىغا ئەقىلچىللىك(راتسيۇنالىزم)نى، تەشۋىشنىڭ ئورنىغا ھەقىقەتكە ئاساسلىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان «قۇتادغۇ بىلىگ»تە دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدىكىگە ئوخشاش، كەسپلەرگە باھا بىرىشتە ۋە كەسپلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۇسۇلىدىمۇ دائىم بىلىم نەزەردە تۇتۇلغان. بۇ مۆجىزىدىن بەكرەك ئەمەلىيەتچىل چۈشەنچىگە ئىشىنىدىغان بىر توپلۇقنىڭ پىكىر قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىگ»تە مۇنداق بېيىتلەر دىققەتنى تارتقۇدەك دەرىجىدە كۆپ:

كىشىنىڭ زورىدۇر ئەقىللىق كىشى،
ئەقىل ئەرگە مىڭ خىل پەزىلەت بېشى. (1830-بېيىت)

كىشى تۈن كەبى بىر قاراڭغۇ ئۆيدۇر،
ئەقىل بىر چىراقتەك ئۇنى يورىتۇر. (1840- بېيىت)

ئەقىل ئوڭ ئىشلەر، ئۇ تەتۈر ئىشلىمەس،
پۈتۈنلەي ئېرور چىن، ئۇ مەككار ئەمەس.( 1860- بېيىت)

ئەقىللىق بولۇش بۇ، خۇدادىن بولۇر،
تەبىئىي بولسا ئۇ، بەلگە كۆرۈلۇر.( 1828-بېيىت)

داۋاسى دۆلەتنىڭ ئەقىل ۋە بىلىم،
داۋالا ئەقىللە، خۇلقى مۇلايىم.( 1970-بېيىت)

بىلىم بىرلە باشلار بەگ ئەلدە قانۇن،
ئەقىل بىرلە ئىشلەر ئىشىنى پۈتۈن.( 2713-بېيىت)

بىلىم ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

يەنە بىر گورۇھ ئالىملار ئېرور،
ئۇلارنىڭ ئىلمى خەلقنىڭ يولىن يورىتۇر.( 4341- بېيىت)

ياراملىق يارامسىزنى قىلىپ پەرق ئۇلار،
تۇتار پاك – پاكىزە يولنىلا شۇلار.( 4343- بېيىت)

ئۇلارنىڭ ئىلمىنى ئۈگەن، تىرىش، بىل،
قىلىپ ياخشىلىق كۈت، ئۇزاتمىغىل تىل.( 4344-بېيىت)

ئۇلار قوي پادىسى ئىچرە سەركىدۇر،
ئۇ باشلاپ ماڭسا قوي تۈز يولغا يۈرۈر.( 4353-بېيىت)

قۇرۇق بىر بۇياقلىق ھەيكەل – ئىلىمسىز،
بىلىملىك كىشى ئورنى كۆكتە – ئىگىز.( 2452-بېيىت)

ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر،
بىلىم كىمدە بولسا، بۈيۈكلۈك تاپۇر.( 154- بېيىت)

بىلىمسىز تۇغۇلار، يۈرۈپ ئۈگىنۇر،
بىلىم بىلسە ئىشلار ئۇتۇغلۇق بولۇر.( 1680- بېيىت)

ئوغۇل – قىزغا ئۈگەت بىلىم ۋە ئەدەپ،
بىرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ.( 4506- بېيىت)

تۈۋەندىكى شۇ بېيىتلەر ئىلىمگە ئەھمىيەت بىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:

يەنە كېرەكلىك ساڭا بۇ كىشى،
ئوڭشالماس ئۇنىڭسىز تىرىكلىك ئىشى.( 4357- بېيىت)

تىرىك بولسا ئادەم ئۇ كېسەل بولۇر،
تىۋىپلار كىسەلگە داۋالار قىلۇر.( 4358- بېيىت)

ئۇلارنى سەن ياخشى كۆرۈپ، تۇت يېقىن،
ئۇلاردۇر كېرەكلىك، كۈزەت سەن ھەقىن.( 4360- بېيىت)

بۇلاردىن قالسا ، باردۇر ئەپسۇنچىلار،
پەرى– جىنلىق كىسەل داۋالىغۇچىلار. (4361- بېيىت)

ئاشۇلار بىلەن ھەم قوشۇلماق كېرەك،
پەرى– جىنلىق كېسەلنى ئوقۇتماق كېرەك.( 4362- بېيىت)

بىرى دەر: دورا يەپ كېسەل ساقىيار،
بىرى دەر: قاچار جىن ئېسىلسا تۇمار.( 4365- بېيىت)[31]

كىشى ئۇخلىغاندا مەگەر چۈش كۆرەر،
ئۆرۈشنى بىلسە، تىز دېگەنى كىلەر.( 4367- بېيىت)

بۇ چۈش ئۆرۈگۈچىلەر ئۇنى ئۆرىسە خوپ،
يۈرەر ياخشىغا ، ئەر قالۇر خوش بولۇپ(4368-بېيىت)

تۈۋەندىكىلەر مۇنەججىملىك ۋە ماتېماتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەردۇر:

يىل، ئاي، كۈن ھېساۋى بۇلاردىن بولۇر،
كېرەكلىك ئېرور بۇ ھېساپ، ئەي جەسۇر.( 4377- بېيىت)

ئوقى ھەندىسەنى دىسەڭ بىلەيىن،
ئېچىلغاي ھېساپ ئىشىگى شۇندىن كېيىن.( 4378- بېيىت)

تولۇق بىل كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە كەسىر،
كامالغا يىتىشتە ئىمتىھاندۇر بىر.( 4379-بېيىت)

بۇ تەزئىف يا تەنسىفنى سەن ياخشى بىل،
ئەگەر بىلسەڭ ئاندىن ساناق جەزىر قىل.( 4380-بېيىت)

يەنە جەمئىي تەفرىق، مىساھەتكە ئۆت،
يەتتە قات كإكنى بىر تال چإپچە تۇت.(4381-بېيىت)

تىلىسەڭ يەنە سەن ئالگېبىرانى ئۇق،
يەنە ئوقلىدىسنىڭ ئىشىگىنى سوق.( 4382- بېيىت)

بۇ دۇنيا، ئاخىرەت ئىشىنى ئىشەن،
قىلور بۇنى ئالىم ھېساپلاش بىلەن.( 4383- بېيىت)

تولا ياخشى دەپتۇ بىلىملىك قېرى،
ئىشىڭنى بىلىملىككە دەپ قىل، يۈرى.( 4387- بېيىت)

بىلىم بىرلە ئىنسان ئىشىن باشلىسا،
تاپار مەقسىدىنى نىچۈك ئىشلىسە. (4388- بېيىت)[32]

مانا بۇ بايانلار دېتېرمىنستىك تەقدىرچى بىر چۈشەنچىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەقىلچىل بىر چۈشەنچىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. بولۇپمۇ تەپەككۇر قويۇق دىنى بېسىم ئاستىدا بوغۇلغان ئۇ دەۋرلەردە بىر تۈرك يازغۇچىسىنىڭ ئەقىل ۋە ئىجابىي بىلىمنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان، نەزەرىيىچىلىك ۋە «پەيغەمبەر تەپەككۇرى» بىلەن ئالاقىسىز بولغان بۇ سۆزلىرى تۈركلەرنىڭ ئەمەلىي پاراسەت ۋە چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتە دىققەتنى تارتىدىغان بىر ماھىيەتنى ئىپادە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل چۈشەنچە قانۇن ئېڭىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتكەن.

3- تۆرە(قانۇن):«قۇتادغۇ بىلىگ»تە قانۇننىڭ ھۆكۈمدارغا سىمۋول قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. يۈسۈپ تۆرەنىڭ[33] ۋاسىپلىرىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: ئۇ بىلىملىك، ئەقىللىق بىر باشچى ئىدى. سىياسەت ئىجرا قىلغاندا شەخسىي خائىشقا بىرىلمەيتتى. ئىنسانلارنى بىر پۈتۈن دەپ بىلەتتى. شۇڭا كۈن ۋە ئايغا ئوخشاش پۈتۈن دۇنيانى يورىتىپ تۇراتتى. تۆرە كۈنگە ئوخشايتتى، تەۋرىمەيتتى. ھىچ نەرسىسىنى كېمەيتمەي دائىم پۈتۈنلىكىنى قوغدايتتى. ھەممە يەرگە ئوخشاش نۇر بىرەتتى، يورۇقلۇقىنى پۈتۈن ئىنسانلارغا يەتكۈزەتتى. سۆزى ۋە ھەرىكىتى ھەممىگە بىر خىل ئىدى، ھەر كىم ئۇنىڭدىن ئۆز نىسىۋىسىنى ئالاتتى. جاھانغا ھاياتلىق بىرەتتى(قۇياش تۇغقاندا مىڭلارچە رەڭدە گۈللەر ئېچىلاتتى). شۇڭا ئۇنىڭغا «كۈنتۇغدى» دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىدى.( 405-، 411-، 415-، 817-، 818 -، 824-، 825-، 827-، 827-، 828 -، -829 -، 833- بېيىتلەر). «قۇتادغۇ بىلىگ»تە يېزىلىشىچە، قانۇن ھۆكۈمدارلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ:

بۇ بەگلىك، ئۇلۇغلۇقنى خوپ نەرسە بىل،
يۈرۈشى تۈز بولسا، ئەي مەڭزى قىزىل.( 453-بېيىت)

بولاتتى بۇ بەگلىك تېخى ياخشىراق،
گەر يولغا قويۇلسا قانۇن توغرىراق.( 454-بېيىيت)

بېگى ياخشى بولسا ھەم خۇلقى كۆنى،
شۇ چاغدا نە قۇتلۇق بولۇر خەلق كۈنى( 455-بېيىت)

نە ياخشى بولۇر بەگ ئۇ ياخشى كىشى،
كىشىلىك بىلە قىلسا ئەلنىڭ ئىشى.( 457-بېيىت)

جاھان خەلقى ئۇنى ئارزۇلاپ،
توپلاشتى ئەتراپقا ئۆزىنى ئۇلاپ.( 460-بېيىت)

جاھان باغلىدى، كۆر، تولۇق بەخت قۇرى،
قۇزى بىرلە قېتىلىپ يۈرۈشتى بۆرى.( 461-بېيىت)

«قۇتادغۇ بىلىگ»تە قانۇن تۈۋەندىكىدەك شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن: بىر كۆمۈش تەخت بار، بۇ كۆمۈش تەخت بىر بىرىگە چېتىقسىز ئۈچ پۇت ئۈستىگە قۇرۇلغان. قولىدا چوڭ بىر پىچاق تۇتقان ھۆكۈمدار(تۆرە)نىڭ سول تەرىپىدە ئاچچىق بىر ئوت(ئۇراغۇن– ھىندىستاندىن چىقىدىغان بىر خىل ئاچچىق– زەھەرلىك ئوت) ئوڭ تەرىپىدە شىكەر بار ئىدى. تۆرە بۇ ھالەتنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

پۈتۈن ئۈچ ئاياقلىق قىڭغايماس بولۇر،
تۇرۇر ئۈچ پۇتى تۈز ھەم قايماس بولۇر.( 802- بېيىت)

قىڭغايسا بىرى ئۈچ ئاياقنىڭ ئەگەر،
قايار ئىككىسى ئولتۇرۇچى چۈشەر.( 803- بېيىت)

پۈتۈن ئۈچ ئاياقلىق توغرا، تۈز تۇرۇر،
ئەگەر بولسا تۆت، كۆر، بىر ئەگرى بولۇر.( 804-بېيىت)

نىمىكى تۈز ئولسا، پۈتۈن ئۇز بولۇر،
نىمىكى ئۇز بولسا، دېمەك تۈز بولۇر.( 805- بېيىت)

نىمىكى ئېگىلسە، ئۇ ئەگرى بولۇر،
پۈتۈن ئەگرى، يامانلىق ئۇرۇغى بولۇر.( 806-بېيىت)

مىنىڭ ھەم قىلىغىم ئېگىلمەس ئېرۇر،
ئېگىلسە دۇرۇسلۇق، قىيامەت بولۇر.( 808- بېيىت)

قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن،
ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ كىشىن.( 809-بېيىت)

بۇ خەنجەر – پىچاقكىم، قولۇمدا تۇرۇر،
پىچار ھەم كېسەر بىر قورال، ئەي غەيۇر.( 810-بېيىت)

پىچاقتەك كېسەرمەن، پىچىپ ئىشىنى،
ساقلاتماي دەۋاغا كەلگەن كىشىنى.( 811-بېيىت)

شىكەر شۇكى، بىر كىم زۇلۇم يەتتى دەپ–
ئىشىگىمگە كەلسە ئادالەت تىلەپ.( 812-بېيىت)

بۇ تۇرغان ئۇراغان شۇنداقلار ئىچەر،
كى زورلۇق ئىشلىتىپ، ئەدىلدىن كېچەر.( 814-بېيىت)

بۇ قاشىم تۈرۈگى، بۇ كۆركسىزلىكى،
زۇلۇم قىلغۇچىغا بۇ يۈزسىزلىكىم.( 816- بېيىت)

كېرەك ئوغلۇم بولسۇن، يېقىن تۇغقىنىم،
يولۇچى، ئۆتكۈنچى، بىرەر قونىغىم.( 817-بېيىت)

ماڭا تەڭ ئىككىسى قانۇن ئالدىدا،
بۆلەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا.( 818-بېيىت)

بۇ بەگلىك ئاساسى ئادالەت ئېرۇر،
ئادىل بولسا بەگلەر، تىرىكلىك بولۇر.( 819-بېيىت)

ھۆكۈم قىلسا ئەلگە ئەدىل بىرلە بەگ،
تىلەك –ئارزۇغا بولۇر يەتكىلى.( 822-بېيىت)

بىرى، توغرا قانۇننى خەلقىڭگە بەر،
بىرىن بىرى ئەزمەكنى ئەلدىن كۆتەر.( 5576-بېيىت)

«قۇتادغۇ بىلىگ»تە تۆرەنىڭ تۈۋەندىكى پرىنسىپلارغا باغلىنىدىغانلىقى مەلۇم:

1- ئادالەت(كۆنىلىك) — قانۇن ئادىل بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئادالەتنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلمىگەن قانۇن ئۈچ پۇتلۇق ئورۇندۇقنىڭ بىر پۇتى كەم بولسا تۈز تۇرمىغىنىدەك خاتالىق ۋە ناھەقچىلىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت تەختى گۇمران بولىدۇ. دۆلىتىنى قوغدىماقچى بولغان ھۆكۈمدار ئادىل قانۇن تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

2- ياخشىلىق، پايدىلىق(ئۇزلۇق) — قانۇن «ياخشى» يەنى جەمئىيەتكە ۋە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان شەخسلەرگە پايدىلىق بولۇشى كېرەك. شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمىغان، توپلۇق ئۈچۈن پايدىلىق بولمىغان بىر قانۇنمۇ دۆلەتنىڭ ھۇلىنى تەۋرىتىۋىتىدۇ. تۆرەنىڭ «پايدىلىق بولۇش» پرىنسىپى ئۈستىدە توختىلىشقا ئەرزىيدۇ.چۈنكى بۇ يەردە نىزامنى قوغداش ئۈچۈن يىتەرلىك نوپۇز بىلەن بىلەن يۈرگۈزۈلگەن ھەر قانداق بىر قانۇن سۆز تېمىسى بولالمايدۇ. ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئالمىغان ھالدا قاتتىق رىجىم بىلەن ئىنسانلارنى ھەرىكەتسىز ھالغا كەلتۈرۈپ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر مۇنچە قانۇنلارمۇ بار، بۇلارمۇ يەنە «قانۇن» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىنى زامانىمىزدىمۇ كۆرۈش مۇمكىن.

3- بارراۋەرلىك(تۈزلۈك) — تۆرەنىڭ ئوتتۇرا چاغ(ئوتتۇرا ئەسىر) چۈشەنچىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش قېيىن بولغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر. تۆرە «ئوغلى بىلەن ياتنى ئايرىمايدىغانلىقىنى» ۋە ئۆزىنىڭ نەزىرىدە «بەگ بىلەن قۇلنى پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقىنى» سۆزلەيدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىكى بۇ باراۋەرلىك پىرىنسىپىنىڭ ئىپادە قىلغان مەنىسى ۋە قىممىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ نەزىرىنى 20- ئەسىردە ئادەتكە ئايلانغان ۋە ئومۇملاشقان قانۇن چۈشەنچىلىرىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئىدراكىمىزنى تۈرلۈك ئىمتىيازلىق سىنىپلار شەخسىيەتچىلىك ۋە كىبىرلىك مۇھىتىدا ئۆمۈر سۈرۈۋاتقاندا ھېچقانداق بىر ھوقۇققا ئىگە بولمىغان ئاۋامنىڭ قولغا ئايلانغان ۋە بۇ ھايات ئاتالمىش «قانۇنلار» سايىسىدە داۋاملاشقان 900 يىل بۇرۇنقى دۇنيا ئەھۋالىغا بۇرىشىمىز كېرەك.

4- كىشىلىك(ئىنسانلىق)– تۆرەدە ئىنسانلىق يەنى ئۈنىۋېرساللىق پىكرىمۇ ئورۇن ئالغان. «قانۇن قۇياشى پۈتۈن ئىنسانلارغا تېگىشى، پۈتۈن جاھاننى يورىتىشى كېرەك»(ئىككىنجى تۇغار كۈن، يورۇر بۇ جاھان، ئومۇمغا نۇر چاچار كىمەيمەس ھامان. 827- بېيىت). چۈنكى، قانۇن قانچىلىك دائىرىدىكى ئىنسانلارنى ھېمايە قىلسا، خەلقمۇ شۇنچىلىك دائىرىدە بەختلىك بولىدۇ، دۆلەت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ»(تۈزەپ بەگ كۆڭۈلنى يورىتسا قانۇن، بۇ بەگلىك بۇزۇلماس، تۇرار بەك ئۇزۇن. 2036 – بېيىت). دۆلەتنى گۇمران قىلىدىغان ئىككى نەرسە بار: «بىرى ۋەزىپىگە بىپەرۋالىق قىلىش، يەنە بىرى ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىش»(بىرى غاپىل بولماق، بىرىدۇر زۇلۇم، بۇلار بىرلە ئەلنى بۇزار بەگ چوقۇم. 2024-بېيىت)، « ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەسلى بىردۇر، ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرغىنى بىلىم سەۋىيىسىدۇر»(ئادەم باللىرى ھەممە ئەسلى بۈيۈك، بىلىم بىلەن خىللىنىپ بولۇر كۆپ تۈزۈك، 1958- بېيىت)[34]. «قۇتادغۇ بىلىگ» تە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ماقاملىرىنىڭ «قەلەم تۇتقان» ۋەزىرلىك بىلەن «قىلىچ تۇتقان» قوماندانلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، بۇ ماقاملارغا قويۇلىدىغان كىشىلەرنىڭ «خەلق ئارىسىدىكى ھۆرمەت قازانغان كىشىلەردىن تاللىنىشى كېرەكلىكى» تىلغا ئېلىنىدۇ.[35]

تىلىمىزنىڭ قەدىمكى كۈلتۈر سۆزلىرىدىن بىرى بولغان تۈركچە «تۆرە» تەبىرىنىڭ ئۆتمۈشى 1600 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا قەدەر يىتىپ بارىدۇ. بۈگۈن قولىمىزدىكى ۋەسىقىلەرگە قارىغاندا، ئۇ تۇنجى قېتىم تابغاچ تۈرك تىلىدا كۆرۈلگەن. [36] تابغاچلارنىڭ ئاسىيا ھۇنلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكى ۋە ئەجداتلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلدۇرغانلىقى چۈشىنىلسە ئاسىيا ھۇن ئىمپېرىيىسىدىمۇ تۆرە ئەنئەنىسىنىڭ بارلىقىغا شەك كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاسىيا ھۇنلىرىنىڭ بۈيۈك ۋە مۇنتىزىم تەشكىلاتىمۇ بۇنى دەلىللەيدۇ. تۆرە بولغان يەردە «قۇت» مۇ بار ئىدى. «قۇت» تەبىرى ھۇن ئىمپېراتورى مو—تۇن(مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-274-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان)نىڭ ئۈنۋانلىرى ئارىسىدا(تەڭرى قۇتۇ تەنخۇ) تىلغا ئېلىنغان ئىدى. كۆكتۈركلەردە ۋە ئۇيغۇرلاردىمۇ مەۋجۇت بولغان تۆرە ئەنئەنىسى 11- ئەسىردىكى تۈركلەر ئارىسىدىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملاشقان. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە تۈۋەندىكىدەك ئاتا سۆزلىرى كۆپ تەكرارلىنىدۇ:«زۇلۇم ئىشىكتىن كىرسە، تۆرە تۈڭلۈكتىن چىقار»،«ئەل قالىدۇ، تۆرە قالماس».[37]

تۆرە قەدىمكى تۈرك ھوقۇق (قانۇن) ھۆكۈملىرىنىڭ ئومۇمىسى ئىدى. قانۇن تارىخچىمىز س.م. ئارسالنىڭ قارىشىچە، بۇ تەبىر تۈركلەردە «ئىجتىمائىي ھاياتنى رەتكە سالغۇچى مەجبۇرىي قائىدىلەر» دېگەن مەنىنى ئىپادە قىلىدۇ.[38] ئومۇمەن قىلغاندا «قانۇن، نىزام» دەپ مەنا بىرىلگەن تۆرە «ئۆرپ– ئادەتكە تايانغان قانۇنىي مۇئەسسىسەلەر» سۈپىتىدىمۇ چۈشەندۈرۈلمەكتە.[39] بۇنىڭدىن ۋە ھالا بۈگۈنكى كۈندىكى تۆرەن(ئەسلىسى تۆرۈن) سۆزىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، تۆرە تۈرك ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ كەسكىن ھۆكۈملەر بىرلەشمىسى ئىدى. ئورخۇن كىتابلىرىدا تۆرەسىز بىر دۆلەت ياكى جەمئىيەت بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىدۇكى، قەدىمكى تۈركلەردە قانۇنسىز ياكى ھۆكۈمدارنىڭ شەخسىي ئىرادىسىگە باغلىق بولغان بىر ئىدارە قىلىش شەكلىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. خاقانلار يارلىغ(ئەمىر، پەرمان) لىرىنى، يارغانلار (يارغىچ، سوتچى) ھۆكۈملىرىنى تۆرەگە ئاساسەن چىقىراتتى. تۈرك خاقانلىرىنىڭ تەختكە چىقىشىمۇ تۆرە ھۆكۈملىرى بويىچە بولاتتى.[40]

تۆرەنىڭ تۆت پرىنسىپى قەدىمكى تۈرك دۆلەتلرىدە تەدبىق قىلىناتتى. جۇڭگو مەنبەلىرىنىڭ بىرىدە تابغاچ ھۆكۈمدارى تەيۋۇ(424-452)نىڭ مۇنداق بىر سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن:«كىچىك بالىلارنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلىشىغا، خەلقنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن.»[41] يەنە بوزقىردىن چۈشكەن ئوغۇزلار خوراساندا تۇنجى قېتىم دۆلەت قۇرغان چاغلاردا (يەنى1038-يىلى) يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن سەلجۇق باشبۇغى ئىبراھىم يىنال نىشاپۇر خەلقىگە «ئەتراپتا كۆرۈلگەن قالايمىقانچىلىق كىچىك ئادەملەرنىڭ قىلغان ئىشىدۇر. ھازىر تۇغرۇل بەگنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەت قۇرۇلدى. ھېچكىم نىزامنى بوزۇشقا، ناھەقچىلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ» دەپ خىتاپ قىلغان ئىدى. [42] بىرى 5- ئەسىرگە، يەنە بىرى 11- ئەسىرگە ئائىت بولغان بۇ ۋەسىقىدىنمۇ مەلۇمكى، دۆلەت قۇرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە تۆرەمۇ يۈرگۈزۈلگەن ۋە جەمئىيەتتە ھەر تۈرلۈك تاجاۋۇزچىلىققا خاتىمە بىرىلىپ، ئىنسانلار ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ئارقىلىق راھەتكە ئىرىشكەن ئىدى. تۆرە شەخسىي ئەركىنلىكنىڭمۇ كاپالىتى ئىدى. تۈرك جەمئىيىتىدە ياشىغانلارنىڭ ئادىل ۋە باراۋەرلىكنى ياقلايدىغان تۆرەنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا تۇرغانلىقىغا دائىر بىر ئۆرنەك ۋىزانتىيە مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن. 448-يىلى ئاتتىلانىڭ ھوزۇرىغا بارغان ۋىزانتىيە ئەلچىلەرنىڭ ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدىكى كاتىپ پرىسكوس ھۇن پايتەختىدە ئۇچراتقان بىر يۇنانلىقنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى ئېنىق يازغان:«بالقان ئۇرۇشىدا(441-442) ۋىمىناكىئۇم(بېلگرادنىڭ شەرقىدىكى بىر قەلئە) دا ھۇنلارغا ئەسىرگە چۈشتۈم. ھازىر بىر ھۇن ئايال بىلەن ئۆيلۈك بولدۇم، بالىلىرىم بار، تۇرمۇشۇمدىن رازىمەن. بۇ يەردە ئۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ھەممە ئادەم ئەركىن ياشايدۇ. ھېچكىم ھېچكىمنى بىسەرەمجان قىلمايدۇ.» نىمە ئۈچۈن مەملىكىتىڭگە قايتىپ كەتمىدىڭ دېگەن سۇئالغا يۇنانلىق مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:«ۋىزانتىيىدە ئۇرۇش مەزگىلىدە قوماندانلارنىڭ قورقۇنچاقلىقى سەۋەبىدىن تەھلىكىدە قالغان خەلق تىنچ مەزگىللەردە باج — سېلىقنىڭ ئېغىرلىقى، باجگىرلارنىڭ زۇلۇمى تۈپەيلىدىن يوقسۇللۇقتا ياشايدۇ. ئۇ يەردە نامراتلار ئىزىلىدۇ، بايلار جازالانمايدۇ. ھەر ئىش سوتچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىگە بىرىلگەن پارىغا باغلىق بولىدۇ. ۋىزانتىيىدە ئەركىنلىك– ھۆرىيەت ۋە قانۇن باراۋەرلىكى يوق.» [43]

يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۈرك دۆلەت ۋە جەمئىيىتىدە دىنىي ئادەملەر ياكى ئەسكەرلەرگە ئوخشاش ئىمتىيازلىق سىنىپلارنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولغان بىر ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بولماسلىقى ھۆرىيەت ۋە ئادالەت پرىنسىپلىرىنى يۈرگۈزىدىغان قانۇنىي ھاكىمىيەتكە مۇمكىنلىك بىرەتتى. باشقا مىللەتلەردە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، قۇللۇق تۇزۈم قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا چاغلار داۋامىدا، ھەتتا رۇسىيىدە 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر تەبىئىي ھالدا قوبۇل كۆرۈلگەن بىر ئىجتىمائىي مۇئەسسىسە ئىدى. ھىدىستاندىكى «كاست» سىستېمىسى ھەممىگە مەلۇم. قەدىمكى ئىران شاھىنشاھلىرى قۇللىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن ماختىناتتى. تارىخي ۋەسىقىلەر جۇڭگودا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنىكۆرسەتمەكتە.[44] قەدىمكى يۇناندا قۇللار رەسمىي ۋە قانۇنىي بىر سىنىپ تەشكىل قىلاتتى. ئارىستوتېلنىڭ قارىشىچە، «ئافىنادا نامراتلار ئاياللىرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بايلارنىڭ ئەسىرلىرى ئىدى.»[45] ئەسىر ئاتا — ئانىدىن بولغانلار، ئاتىسى تەرىپىدىن سېتىلغان ياكى تاشلىۋىتىلگەن ياكى قەرزىنى قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا قېلىپ، ئاسارەت ۋە قۇللۇق تەقدىرىگە دۇچار بولغان بۇ ئاممىنىڭ ئىدارە قىلىش، سىياسىي ۋە قانۇنى جەھەتتە ھېچقانداق ھوقۇقى يوق ئىدى. ئۇرۇش ئەسىرلىرىمۇ قۇل سانىلاتتى. ئىسپارتادا يەرگە باغلىنىپ يېرىم ئەسىر ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ھىلوتلارغا ھاقارەت قىلىش، قوپال مۇئامىلىدە بولۇش ۋەتەنداشلارنىڭ نورمال ھەرىكەتلىرىدىن بىرى ئىدى. ھەر يىلى سايلىنىدىغان ۋە كەڭ ئىمتىيازغا ئىگە «ئېفورلار» ھەيئىتى بۇلارغا رەسمىي ئۇرۇش ئىلان قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ۋەتەنداشلار بۇ بىچارە كىشىلەرنى خالىغانچە ئۆلتۈرەتتى. ھالبۇكى، بۇلار يېرىم مۇستەقىل(ئەركىن) ھاياتقا ئىگە بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئەسلى ئەسىرلەردىن ئۈستۈن تۇراتتى. ئافىنادىمۇ ئەھۋال ئانچە پەرقلىق ئەمەس ئىدى. يۇناننىڭ بارلىق شەھەر دۆلەتلىرىدىكىدەك، ئۇ يەردىمۇ ئەڭ ئاددى ئىشچىلاردىن گۈزەل سەنئەت ئەربابلىرىغا، تىۋىپلاغا، پەيلاسوپلارغا قەدەر ھەر خىل ئەسىرلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان بازارلار قۇرۇلاتتى. ھەتتا دۆلەت ئەسىرلىرى توپىمۇ بار ئىدى.[46] ئىنساننىڭ ھايۋاندىن ئېغىر كۈنگە قېلىشى ئەسلى يۇنانلىقلارنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇلىرىغا تەسىر قىلمايتتى. ھەتتاكى ئۈستۈن پاراسىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ زىھنىنى يورۇتقانلىقى ھەر كىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر يۇنان پەيلاسوپلىرىمۇ ئادالەتنى شەخسىي مەنپەئەتكە ۋاسىتە قىلىش ۋە قۇللۇق سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەنتىقى ھەقىقەتلەرنى ھازىرلىغان ئىدى. گورگىئاسنىڭ قارىشىچە، «بۇيرۇق بىرىش ھۆر ئىنسانغا خاس بولۇپ، قۇلنىڭ پەزىلىتى ئىتائەت قىلىش ئىدى.» چۈنكى «ھەق كۈچلۈكلەرنىڭ ئىدى.» ئانتىپھۇننىڭ قارىشىچە، «باشقىلارنى نەزەرگە ئالماي قانۇننى دەپسەندە قىلىش ۋە ئۇنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە باھالاش تەبىئىي ئادالەتنىڭ تەلىپى» ئىدى. «ئادالەت كۈچلۈكلەرنىڭ ئىشىغا پايدىلىق بولۇشتۇر» دېگەن دراسيمېكخۇسنى مەشھۇر ئەفلاتۇن مۇنداق تولۇقلىغان:«ئادالەتسىزلىك ھۆر ئادەمگە تېخىمۇ يارىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چوڭ خوجايىنغا ئايلىنىدۇ. ئادالەتسىزلىكنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالىغانلار جەمئىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغان ئەڭ ئەقىللىق ئىنسانلاردۇر.»[47] بىر دىئالوگىدا قۇلىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ئاتىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئوغۇلنى «ئاتىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى» دەپ ئەيىپلىگەن ئەفلاتۇن «دۆلەت» ناملىق ئەسىرىدە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ زۆرۈر ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئارىستوكراتلارنىڭ «تەپەككۇر قىلىش»قا بىرىلىپ مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ۋاقىتقا ئىرىشىشىنىڭ پەقەت مۇشۇ يول بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «قانۇنلار» ناملىق كىتابىدا «خوجايىننىڭ سۆزىنىڭ قۇل ئۈچۈن قانۇن ھېساپلىنىشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.[48] ئارىستوتېلنىڭ قارىشىچە، «تەبىئىي بولغىنى ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك» ئىدى. ھەتتا ئىككى خىل قۇللۇق بار ئىدى. بىرى قانۇنىي، يەنە بىرى تۇغما قۇللۇقتۇر. «تۇغۇلىشىدىن ئۆزىگە مەنسۇپ بولماي باشقىلارغا ئائىت بولغان كىشى تۇغما قۇلدۇر. بەزى كىشىلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىش، بەزىلەر بۇيرۇقنىڭ قۇلى بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغان.» يەنە بۇ بۈيۈك پەيلاسوپنىڭ قارىشىچە، «قۇللار ئۈگىتىلگەن ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىدىن پايدىلىنىلىدۇ.»[49] ، «قۇللۇق مۈلۈكنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خوجايىننىڭ مۈلكىگە تەۋەدۇر.»[50]

قۇللۇق مۇئەسسىسەسى رىمدىمۇ بار ئىدى. ئەسىر ئاتا – ئانىدىن بولغانلار، قەرزىنى تۆلىيەلمىگەنلەر، دۆلەت ئالدىدىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغانلار ۋە ئۇرۇش ئەسەرلىرى قۇل بولاتتى. بۇلار ھېچقانداق ھوقۇققا ئىگە بولمىغاچقا مالغا ئوخشاش ئېلىپ سېتىلاتتى. شۇنىڭدەك «پلەب» دەپ ئاتالغان بىر سىنىپ خەلق قۇل بولمىسىمۇ، خەلق يىغىلىشلىرىغا قاتنىشالمايتتى، دىنىي ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنەلمەيتتى، مەمۇر بولالمايتتى، ۋەتەنداشلار بىلەن نىكاھلىنالمايتتى. پاترىكلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە بۇلارنىڭ ئەھۋالى خېلىلا ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەسىر ۋە قۇللۇق ھالىتى ئۆزگەرمىگەن. خرىستىئانلىقمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان قۇللۇق مۇئەسسىسەسىنى ئىمپېراتورلار تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشتى.[51] بۇ ئەھۋال مونارك ئىمپېراتور دىئوكلېتىئانۇس(284- 305)تىن ئېتىبارەن تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجىزلىق تەرىپى بارغانسېرى ئارتقان ئىمپېرىيىنى قوغداش ئۈچۈن زىممىسىگە ئېغىر يۈك ئارتىلغان دىھقانلارنىڭ باج– سېلىقتىن جاق تويۇپ يەرلىرىدىن ۋاز كىچىشىنى توسۇش ئۈچۈن يېڭى ۋە قاتتىق چارىلەر بىلەن يەرگە باغلىنىشى غەرپنىڭ ئوتتۇرا چاغ مەزگىلىدە خاراكتېرىستىك بولغان فېئۇداللىق دەۋرىگە ئۆتىشىگە زىمىن ھازىرلىغان ئىدى.

ھۇن پايتەختىدىكى يۇنانلىقنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق مەلۇم بولغان ۋىزانتىيىدىكى ئەھۋال ۋە 430- يىلىدىن كېيىن رىم ئىمپېرىيسىنى قاتتىق ۋەيران قىلغان دىھقانلار ئىسيانىنىڭ مالىمانچىلىقىنى قوشنىسى بۈيۈك ھۇن ئىمپېرىيسىدىكى تىنچلىق ۋە خاتىرىجەملىك بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، «قۇتادغۇ بىلىگ»تە سۆزلەنگەن قەدىمكى تۈرك ئادالەت ۋە قانۇن چۈشەنچىسىنىڭ ئەھمىيىتى ئۆزلىگىدىن مەلۇم بولىدۇ. تۈركچىدە «قۇل» تەبىرىنىڭ بولۇشى بىلەن بىز ئىجتىمائىي سىنىپلار جەھەتتە خاتالىشىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ سۆز ھەق ۋە ھۆرىيەتتىن مەھرۇم بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە قانۇن ئالدىدا بەگ بىلەن قۇلنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى ئىشارەت قىلىنغان. ئورخۇن كىتابلىرىدا بولسا بۇ تەبىر كۆپۈنچە سىياسىي ئاسارەتنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، تارىخنىڭ ھەر دەۋرىدە مۇستەقىللىق بىلەن بىرلىكتە بەزى ھوقۇقلارنىڭ يوقىتىلغانلىقى ھادىسىسى ئالدىدا بۇنى تەبىئىي ئەھۋال دەپ قاراش كېرەك. قەدىمكى تۈركچىدە «كۆلە»(ھەقىقىي مەنىدىكى قۇلسۆزى—ت) سۆزىمۇ يوق ئىدى. بۇ سۆز بەلكىم كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم تۈركلەرنىڭ ئولتۇراق ھاياتقا كۆچىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى مۇمكىن.

4- قۇت (سىياسىي ھاكىمىيەت)– «قۇتادغۇ بىلىگ»تە قۇت ئايتولدى تەرىپىدىن سىمۋول قىلىنىدۇ. ئايتولدى ھۆكۈمدار(تۆرە)نىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ خىزمەت تەلەپ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇل ۋە مەمۇر، «تەبىئىتىنىڭ خىزمەت، شۇئارىنىڭ ئادالەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.[52] ھۆكۈمدارمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىگە يېقىن تۇرۇشقا نەسىھەت قىلىدۇ. دېمەك، تۆرە تەدبىقلىنىش ساھەسى تېپىش ئۈچۈن ھاكىمىيەتكە مۇھتاج بولىدۇ. ھاكىمىيەتنىڭمۇ قانۇنغا بويسۇنىشى كېرەكتۇر. چۈنكى «ھەقىقىي قۇدرەت قانۇندا بولىدۇ»[53] ئايتولدى ھۆكۈمدارنىڭ ھوزۇرىدا بىر توپ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. سەۋەبى مۇنداق:«قۇت تۈز يەردە تېخىمۇ دومىلايدىغان توپقا ئوخشايدۇ، تەبىئىتى تۇراقسىزدۇر، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك كېرەك»(662-، 666-، 668- بېيىتلەر). يەنى ھاكىمىيەت ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇراقسىز بىر ماھىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەمىشە قانۇننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇشى زۆرۈردۇر. « تۇراقسىز دەپ ئەيىپلىنىدىغان» قۇت ئەسلىدە ھەمىشە «يېڭى ۋە ساپ» نەرسىنىڭ كەينىدىن قوغلىشىدۇ. «كونا، بۇزۇلغان» نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ:«يېڭى نەرسە بولسا، كونا نە كېرەك، سەرە نەرسە بولسا، يامان نە كېرەك»(688-بېيىت). قۇت ئۆزىگە ئىگە بولالايدىغان ھۆكۈمدار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:«كىچىك پىل، يۇمشاق سۆز، يامان ۋە ئەسكى ئىشلارغا يېقىن بارمايدىغان، چوڭلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان، دۇرست ۋە ئىھتىياتچان بولۇش»(703-، 707-، 727- بېيىتلەر). «قۇتادغۇ بىلىگ»كە ئاساسلانغاندا، «پەزىلەت ۋە قىسمەت قۇتتىن تۇغۇلىدۇ… ئۇلۇغلۇق ۋە بەگلىككە يول ئۇنىڭدىن ئۆتىدۇ… ھەر نەرسە ۋە ھەر قانداق ئىمكانىيەت يۈزى كۆركەم، خۇيى مۇلايىم بولغان قۇتنىڭ قول ئاستىدىدۇر. پۈتۈن ئارزۇلار ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ»(674-676-بېيىتلەر). دائىم ياش ۋە تىتىك تۇرىدىغان قۇتقا قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭغا قول تەككۈزۈش، ئۇنى مەغلۇپ قىلىش ئىمكانسىزدۇر. ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ.»( 667-681- بېيىتلەر). بۇنداق قىلىشنىڭمۇ لازىمى يوق. چۈنكى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى قۇدرەتلىك قىلىپ ئارزۇسىغا ئىرىشتۈرىشتۇر.»[54] قۇت كۈن بىلەن سىمۋوللاشتۇرۇلغان تۆرەگە باغلانغان ھالدا ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىدارە قىلىشنىڭ «كۆركەم يۈزلۈك، مۇلايىم خۇيلۇق» ھاكىمىيىتى سايىسىدە ئىرىشىلگەن گۈللىنىش ۋە پاراۋانلىق دەۋرىدە خۇددى تولغان چاغدا ھەر يەرنى يورۇتقان ئايغا ئوخشاش «جاھان خەلقىنى يورىتىدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئايتولدى دېگەن ئىسىمنى ئالغان.

دۆلەتتە قانۇننى يۈرگۈزگەنلەر ھەر يەردە ۋە ھەر دەۋردە ئوخشاش بىر كۈچنى كۆرسىتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بەزىدە ئادالەت خورلىنىدۇ ۋە قانۇننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئاجىزلاشسا قۇتنىڭ نۇرى ئۆچۈپ «دۇنيا قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ»(732-، 733- بېيىتلەر). تەدبىقلىنىشتە شاھىت قىلىنغان بۇ داۋالغۇشلار ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرغان ۋە يورىقى ھەم ئازىيىپ ھەم كۆپىيىدىغان ئايغا ئوخشايدۇ:«يۈزى گاھ يۇقىرىغا، گاھ تۈۋەنگە قارايدۇ. »(746-بېيىت)

«قۇتادغۇ بىلىگ»تە قۇتنىڭ ئىلاھى مەنبەلىك ئىكەنلىكى ۋە مەنبەسىنى تەڭرىدىن ئالغانلىقى بىلدۈرىلىدۇ: «بىل ساڭا پەقەت تەڭرى ياردەم قىلالايدۇ… تەڭرى كىمگە بەگلىك بەرسە ئۇنىڭغا لايىقىدا ئەقىل ۋە كۆڭۈل بىرىدۇ… تەڭرى بەگ قىلىپ ياراتماقچى بولغان كىشىگە ئەقىل ۋە قول – قانات بىرىدۇ… بەگلىك مۇقەددەستۇر»(1430-، 1933، 1934-، 1960- بېيىتلەر)، «بۇ بەگلىك ماقامىغا سەن ئۆز كۈچۈڭ ۋە ئارزۇيىڭ بىلەن چىقمىدىڭ، ئۇنى ساڭا تەڭرى بەردى… بەگلەر ھاكىمىيەتنى تەڭرىدىن ئالىدۇ،»(5469-، 5947-بېيىتلەر)

قەدىمكى تۈرك چۈشەنچىلىرىگە قارىغاندا، ھوقۇق ۋە سىياسىي ھاكىمىيەت ھەققى ئىنسانغا تەڭرى تەرىپىدىن بېرىلىدۇ. «كۆكتەڭرى تەختكە چىقارغان تەڭرىقۇتى تەنخۇ»[55]، «تەڭرىگە ئوخشاش، تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە قاغان ھاكىمىيەت ئورنىغا چىقتىم»[56]، «تۈرك مىللىتىنىڭ نام – ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاتامنى خاقان، ئانامنى خانىش قىلىپ كۆتۈرگەن تەڭرى مېنى خاقان قىلىپ تەختكە ئولتۇرغۇزدى»[57]، «تەڭرى ئىرادە قىلغانلىقى ئۈچۈن، بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن خاقان بولدۇم.»[58] شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ئۈنۋانلىرىمۇ بۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. كۆكتۈرك كىتاپلىرىدا خاقان تەڭرى تەرىپىدىن «قۇت» ۋە «قىسمەت»(ئۈلۈگ) بىرىلگەنلىكى ئۈچۈن تەختكە چىقالىغانلىقى ۋە ئۆزىگە بىرىلگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقى يېزىلغان. بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى «مىللەتنى تويغۇزۇش، كىيىندۈرۈش ۋە تارقاق خەلقنى توپلاپ ئاۋۇتۇش» ئىدى. [59] مەملىكەتتە نامرات كىشىلەرنىڭ بولماسلىقىنىڭ ھۆكۈمدار ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيىتىنىڭ بارلىقى «قۇتادغۇ بىلىگ»تىمۇ ئۇچرايدۇ:«يىمەك — ئىچمەك، كىيىم– كىچەك بەر… قولى قىسقا بولسا ئىھتىياجىنى قامدا… ئاچ مىدىر، توق مۇدۇر سورغىن… ھۆر ئىنساننى قۇل قىلاي دېسەك قولىڭنى ئوچۇق تۇت، مال تارقات… قارا بودۇننىڭ يىمەك– ئىچمىكىنى كەم قىلما، نامراتلارغا ياخشىلىق قىل»( 2564-، 3031-، 3034-، 4330- بېيىتلەر)، «بىر ھۆكۈمدار قۇلدىن نامرات دېگەن ئىسمنى يوقىتالمىسا قانداقمۇ ھۆكۈمدار بولسۇن»(2983-بېيىت). «قۇتادغۇ بىلىگ» تە پۇقرانىڭ ھۆكۈمدار ئۈستىدىكى ھەقلىرى مۇنداق كۆرسىتىلگەن: 1- پۇلنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى قوغداش(ئىقتىسادى مۇقىملىق)، 2- كۆنى تۆرە (ئادىل قانۇن) ،3- ئاسايىش(5574-، 5577- بېيىتلەر). «ئۆتەپ بۇ خەلقنىڭ خەقلىرىنى كېيىن، ئۆزەڭمۇ ئەي مەردان، خەققىڭ تىلىگىن» ( 5578- بېيىت)

خاقان بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۇرۇندىيالىسا تەختتە ئولتۇرالايتتى، ئۇرۇندىيالمىسا تەختتىن چۈشەتتى. چۈنكى تەڭرى بەخش ئەتكەن ھۆكۈمرانلىق ھەققىنى ئۇنىڭغا لايىق بولمىغانلاردىن قايتۇرۇپ ئالاتتى. كېيىنكى كۆكتۈرك ئىمپېرىيىسىدە 716- يىلى قاپاغان خاقاننىڭ ئورنىغا چىققان ئوغلى ئىنال خاقان ئوغۇزلارنىڭ ئىسيانى ۋە باشقا قالايمىقانچىلىقنى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن«قۇت»ىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىق چۈشەنچىسى بىلەن تەختتىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئىدى. [60]خاقاننىڭ قانۇن تۈزۈش ياكى مەۋجۇت قانۇنلارنى يېڭى شارائىتلارغا ئۇيغۇن قىلىپ تۈزۈتۈش ھوقۇقى بىلەن ئاشۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى قەدىمكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنىي ھاكىمىيەتكە تايانغان ۋە شەخستىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ئىدارە قىلىش خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بۇ يەردە شەخسىي ئىرادە ۋە ئىختىيارىلىق ئەمەس، بەلكى ئادىل، پايدىلىق، باراۋەر ۋە ئۇنىۋىرسال قانۇندىن قۇۋۋەت ئالغان بىر خىل ئىدارە قىلىش شەكلى سۆز تېمىسىدۇر. «قۇتادغۇ بىلىگ» تە «ئەي قانۇن تۈزگۈچى ياخشى قانۇن تۈز، يامان قانۇن تۈزگۈچى ھايات تۇرۇپ ئۆلىدۇ»، «مەملىكەت قىلىچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈلۇپ، قەلەم بىلەن ئىدارە قىلىنىدۇ»(1458-، 2711-بېيىت) دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن بۇ خۇسۇس كۆل تېگىن ۋە بىلگە قاغان كىتابلىرىنىڭ تۈرلۈك يەرلىرىدە ئىشارەت قىلىنغان. تارىخىي تۈرك سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ناملىرىدىمۇ كۆرۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرىدىكى شەخسكە باغلانماسلىق ئەھۋالى[61] باشقا مىللەتلەردە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدىغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر قانۇنى– سىياسىي چۈشەنچىسىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ ئارقىلىق تۈرك سىياسىي تەشكىلاتلىرىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە — دۆلەت مۇئەسسىسەلىرىدە دۆلەت رەئىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللەت ئەزالىرىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى زۆرۈر بولغان ۋە كۈنىمىزدىكى زامانىۋىي قانۇنغا تايانغان دۆلەتلەردە مىللەتنىڭ مەنىۋىي شەخسىيىتى بىلەن سىمۋوللاشتۇرۇلغان «يۇقىرى نوپۇز مەسىلىسى» ھەل قىلىنغان ئىدى. سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن بېرىلىشى تۈرك ھۆكۈمدارىنى پۈتۈن ۋەزىپىسىنى تەڭرىنىڭ بىر مەمۇرى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىدىغان ھىسياتقا كەلتۈرەتتى، ئۇ قانۇن تۈزۈش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىشتا ئىلاھىي ئىرادىنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداش كېرەك دەيدىغان ئاڭنى يىتىلدۈرەتتى. ھاكىمىيەت بىلەن ئۇنىڭ تەدبىقلىغۇچىسى بولغان دۆلەت ئۇقۇملىرىنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرەلمىگەن بىر مۇنچە مىللەتلەر بىۋاسىتە ھالدا ئىمپېراتور ياكى پادىشاھلارنىڭ ئادالەت ئىستىكى ۋە شەخسىي ئىنساپلىرىغا سېغىنىشقا مەجبۇر بولغان دەۋرلەردە تۈركلەر ناھايىتى يۇقىرى سىياسىي ئىدراكلىرى ئارقىلىق ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش يوللىرىنى تاپقان ئىدى. تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زالىم ۋە لاياقەتسىز ھۆكۈمدارلارغا قارشى تۇرۇشى ئاشۇ «قۇت» چۈشەنچىسىدىن بولغان ئىدى. چۈنكى بىر تەرەپتىن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان خاقان «قۇت»نىڭ قايتۇرىۋېلىنىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتىنى يوقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۈتكەن نەرسىنى بىرەلمىگەن ياكى سالاھىيىتىنى يامان ئىشقا قوللانغان ھۆكۈمدارغا قارىتا خەلقنىڭ قارشى تۇرۇش ھوقۇقىمۇ قانۇنىيلىققا ئىرىشەتتى. كۆكتۈرك تارىخىدا 716- يىلى يۈز بەرگەن ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ مۇشۇ سەۋەپكە ئاساسلانغانلىقى كىتاپلاردا ئېنىق يېزىلغان.

تۈركلەردىكى بۇ قۇت چۈشەنچىسى قانۇنىي– ھوقۇقىي تەبىر بويىچە ئېيتقاندا، «ئىمپېرىيۇم» دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئىمپېرىيۇم مەمۇرىي، ھەربىي ۋە ئەدىلىيە ساھەلىرىدىكى ھاكىمىيەت ھوقۇقى مەنىسىدە بولۇپ، يەرگىمۇ پەقەت ئىدارە قىلىنغۇچىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىگە بولاتتى. بۇنىڭغا قارىغاندا، ئىدارە قىلغۇچى بىلەن پۇقرانىڭ مەملىكەت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئورتاقلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان ئىمپېرىيۇم چۈشەنچىسىنىڭ تۈركلەردە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەرگە قەدەر يىتىپ بارىدىغان بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم. مو– تون مىلادىدىن بۇرۇنقى 209- يىلى قوشنىلىرى بىلەن بولغان بىر چېگرا مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت زىمىنىنىڭ ئۆزىنىڭ مۈلكى بولماستىن، بەلكى «خەلقنىڭ مېلى» ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىگەن ئىدى.[62] بۇ ئەنئەنە تەبىئىيكى كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىدىمۇ داۋام قىلغان، تۈرك مەملىكىتى پۇقرالارنىڭ ئورتاق مۈلكى سۈپىتىدە مىللەت ئەزالىرى تەرىپىدىن قوغدالغان. كېيىنكى كۆكتۈرك خانلىقىغا ئوخشاش سىياسىي تەشكىلاتلارمۇ تۈركلەرنىڭ ئورتاق غەيرەت كۆرسىتىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.[63]

تارىختا بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى بولسا «دومىنىيۇم» ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىدى. بۇ خىل دۆلەتلەردە كۆپىنچە پۇقرالار تەرىپىدىن چوقىنىلغان ۋە ھېچقانداق بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغان ھۆكۈمدار مەملىكەتنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكى دەپ قارىغان. زىمىننىڭ بىر قىسمىنى باشقا بىر مەملىكەتكە بىرىۋەتسە ياكى تەرك ئەتسە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلمەيتتى. چۈنكى ئۇ ھېساپ بىرىدىغان بىرەر نوپۇز ئىگىسى ياكى بىرەر مۇئەسسىسە يوق ئىدى. بۇ خىل دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارمۇ «مىللەت ئۇرۇشى» ئەمەس، بەلكى خانىدانلار ئۇرۇشى ئىدى. دومىنىيۇم ياكى ئىمپېرىيۇم چۈشەنچىسىدە بولۇش شۆبھىسىزكى مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرى، سىياسىي چۈشەنچىسى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەزالىرى ئۆز شەخسىيەتلىرىنى تۇنىيالىغان ھۆر ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان مىللەتلەردە ئىمپېرىيۇم چۈشەنچىسى يولغا قويىلىدىغانلىقى، بۇنداق بىر كۈلتۈر ۋە سىياسىي ئاڭدىن مەھرۇم بولغان ئاممىنىڭ دومىنىيۇم مۇھىتىدا ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئىمپېرىيۇم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مىسال سۈپىتىدە روما ئىمپېرىيىسى كۆرسىتىلىدۇ.[64] دومىنىيۇم ئۈچۈن موڭغۇللار ئالاھىدە بىر ئۆرنەك تەشكىل قىلىدۇ. موڭغۇل ئىمپېرىيسىگە ئائىت يەرلەر، ئاشۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە خانىداننىڭ مۈلكى ھېساپلىناتتى. بارلىق يەرلەر ئالتۇن ئۇرۇغ(چىڭگىزنىڭ ئائىلىسى) قا ئائىت ئىدى. سۈيۈرغاللىقلار سۇلالىنىڭ ئەركەك ئەۋلاتلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ سادىق بەندىلىرى(نويانلار، نۆكەرلەر)گە باش ئىدارە قىلغۇچى بولغان خان تەرىپىدىن بۆلۈپ بىرىلەتتى.[65]

رىمدە ئىمپېرىيۇم پارلامېنت قاتارلىق تۈرلۈك خەلق مۇئەسسىسەلىرى(مەجلىسلەر)نىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ئىدى. قەدىمكى تۈركلەردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئورگانلار بار ئىدى. ئاسىيا ھۇن ئېمپېرىيىسىدە يىلنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلق يىغىنلىرى» بىلەن بەلكىم دائىمىي ماھىيەتتە بولغان باشقا بىر ھەيئەت بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن بولۇشى مۇمكىن. تەڭرىقۇتنىڭ باشچىلىقىدا پۈتۈن مەملىكەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇمۇمىي مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزىلگەن چوڭ يىغىننى دې گرۇت، ل. ۋىئېگىر، پ.ۋ. سمىت، ب.سزاسز قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «ئىمپېرىيە مەجلىسى» ياكى «مىللەت مەجلىسى» دەپ ئاتىغان.[66] ياۋروپا ھۇنلىرىدا بۇ مەجلىس ۋىزانتىيىلىك تارىخچى پرىسكوس تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەرلەر» دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان.[67] ئىمپېرىيۇمنىڭ قوللىنىلىشىنى، يەنى تۆرىنىڭ تەدبىق قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدىغان بىر مەجلىس كۆكتۈركلەردىمۇ بار ئىدى. تا-پو(تاپار- ت) خاقان 581- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندە يېڭى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغان بۇ ئورگان خاقان نامزاتى تالوبىيەن(تارمانغۇ-ت)نى ئانىسىنىڭ خانىشلىق سالاھىيى يوقلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلىپ، خانىداندىن ئىشبارانى تەختكە چىقارغان ئىدى.[68] ئۇيغۇرلاردا، بۇلغارلاردا، ھازارلاردا، پەچەنەكلەردە، قۇمان–قىپچاقلاردىمۇ كۆرۈلگەن بۇ ئەنئەنىنىڭ توققۇز ئوغۇزلاردا، تۈرگەشلەردە ۋە باشقا تۈركلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقانلىقى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن مەلۇم. مەھمۇد قەشقەرى تۈركچە «كېڭەش» تەبىرىنى «خاقاننىڭ تەكلىپلىرىنى مىللەتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش» دېگەن شەكىلدە چۈشەندۈرگەن.[69]

(C) «قۇتادغۇ بىلىگ» نامى:

بۇ يەرگە قەدەر بىرىلگەن ئىزاھاتلار ئارقىلىق «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن نامنىڭ بىۋاسىتە«قۇت»قا مەركەزلەشكەنلىكى ئېنىق بولدى دەپ قارايمىز. يۇقىرىدا بۇ نامغا تۈرلۈك مەنا بىرىلگەنلىكىنى كۆردۇق. تەتقىقاتچىلار ئەسىرىمىزنى شەرق مەملىكەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان تۈردىكى بىر نەسىھەت ۋە ئەخلاق كىتابى دەپ قارىغانلىقتىن، «قۇت» سۆزىنى ئاسانلا «سائادەت، تەلەي، بەخت» دېگەن مەنالارغا باغلاپ قويغان. ھالبۇكى ئۆز ۋاقتىدا س.م . ئارسال تەرىپىدىنمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك[70] ۋە ھازىرغا قەدەر كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، «قۇت» ئەسلىدە «سىياسىي ھاكىمىيەت» ئۇقۇمىنى ئىپادە قىلاتتى. «تەلەي، سائادەت، بەختىيارلىق» ئىككىنجى ئورۇندا قالغان ۋە پەقەت كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىققان تارماق مەنالار ئىدى. ئاساسەن غەربىي تۈرك شىۋىلىرىدە بارلىققا كەلگەن بۇ مەنا ئۆزگىرىشى ياكى مەنانىڭ كېڭىيىشىدە ئىسلامىي مۇھىتنىڭ رول ئوينىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. [71] «قۇت» نىڭ «مۇبارەك» دېگەن مەنىسىمۇ تەڭرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن كېلىپ چىققان. مەلۇمكى، «قۇت» تۈركچىنىڭ ئەڭ قەدىمكى سۆزلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى مو-تۇن تەرىپىدىن جۇڭگو ئىمپېراتورىغا يېزىلغان مەكتۇپتا بۇ تۈرك ھۆكۈمدارىنىڭ ئىسمى ئارىسدا ئۇچرايدۇ. يەنى«تەڭرىقۇتۇ تەنخۇ(تەڭرى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بىلەن قۇراللىغان ھۆكۈمدار دېگەن شەكىلدە). گ.دوئېرفېر «قۇت» تەبىرىنى «ئىنساننىڭ بىر خىل ئاپتونومىيىلىك روھى قۇدرىتى، بولۇپمۇ ھۆكۈمدار ئۈچۈن كۆك ۋە يەر تەرىپىدىن قوللاشقا مۇھتاجدۇر» دېگەن شەكىلدە چۈشەندۈرىدۇ.[72] «قۇتادغۇ بىلىگ» مۇئەللىپىنىڭ يۇرتدىشى ۋە دەۋردىشى بولغان مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىنمۇ ئومۇمەن «قۇت» سۆزىگە ئاۋۋال «دۆلەت» دېگەن مەنا بىرىلگەن.[73] يەنە بىر تەرەپتىن موڭغۇللار دەۋرىدە چىڭگىزخاننىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «چىڭگىزخاننىڭ قۇتادغۇ بىلىگى» سوت ئورگانلىرى بىلىشى زۆرۈر بولغان ھوقۇق قائىدىلىرىنىڭ مەجمۇئەسى ئىدى. [74]بۇمۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئەدلىيە تەرىپىنى ئىپادە قىلىدۇ. 11- ئەسىردە «سائادەت» سۆزىنىڭ تۈركچىدە «قېۋ» ياكى «قۇۋىغ» سۆزى بىلەن ئىپادە قىلىنغانلىقىنىمۇ ئىلاۋە قىلىشىمىز كېرەك. [75] شۇنداق بولغاندا، «قۇتادغۇ بىلىگ» بىۋاسىتە « ھۆكۈمرانلىق بىلىمى»، «سىياسىي ھاكىمىيەت بىلىمى» ياكى «دۆلەت ھاسىل قىلىش ياكى دۆلەتلىك بولۇش بىلىمى» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.

بۇ يەردە «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ نۇرى ئاستىدا قەدىمكى تۈرك قانۇن ۋە ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنى قىسقىچە ئىزاھلايدىغان بولساق، تۈرلۈك دەۋرلەر ۋە ئوخشىمىغان ماكانلاردىكى تۈرك سىياسىي تەشكىلاتلىرىغا ئائىت خاتىرىلەرگە تايانغانلىقىمىزنى كۆرگەنلەر بىزنىڭ ھەر جەمئىيەتتىكىگە ئوخشاش تۈركلەردىمۇ زامان ۋە ماكان شارائىتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆزگىرىشكە تىگىشلىك بولغان چۈشەنچە ۋە پىكىرلەرنى بىر خىل خاراكتېرگە باغلىغانلىقىمىزدىن ھېدىرقىشى مۇمكىن. لېكىن بىر تېمىنى ئېنىقلىماقچى بولغاندا مۇمكۈن قەدەر مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ۋەسىقىلەرنى باھالاش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭدەك، ھوقۇق قارىشى، دىنىي ۋە پەلسەپىۋىي چۈشەنچىلەرگە ئوخشاش ئومۇمىي ھايات قارىشى ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەر بىر مىللەتنىڭ پسىخىلوگىيىسى ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېرى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبىدىن زامانلار ئۆتسىمۇ دائىم تۈپ خاراكتېرىنى ساقلايدىغانلىقىنى، ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولسا كۆپىنچە تەدبىقلىنىش ساھەسىدىكى تارماق خۇسۇسلار ئىكەنلىكىنى ھوقۇق تارىخچىلىرى ۋە سوتسىيالوگلارغا تايانغان ھالدا بىلدۈرىشىمىز كېرەك. تۈرك تارىخىدىمۇ يۇقىرىدا ئۆرنەكلەر ئارقىلىق كۆرۈپ ئۆتۈلگەن ئادالەت ۋە ھۆكۈمرانلىق چۈشەنچىلىرى ئاساسەن ھەر يەر ۋە ھەر دەۋردە ئۆزگەرمەس ئاساسلار سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلدى. بۇنىڭ باشقا مىللەتلەردىكى ئىپادىلىرى بىلەن بولغان پەرقى تۈۋەندە بايان قىلىنىدۇ.

Ⅲ «قۇتادغۇ بىلىگ»تە چەتئەل تەسىرى مەسىلىسى:

1- ھىندى– ئىران تەسىرى مەسىلىسى :بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان ھ. ئىنالجىق «قۇتادغۇ بىلىگ»تە سۆزلەنگەن خۇسۇسلار بىلەن ھىندى–ئىران ئەنئەنىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرمۇنچە ئوخشاشلىقلارنىڭ ھەتتا بەزى يەرلەردە بىردەكلىكنىڭ بارلىقىدىن سۆز ئاچقانلىقىنى باشتا دەپ ئۆتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىنالجىق تەتقىقاتىدا شۇ مۇھىم نوقتىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى:«ئىران دۆلەت ئەنئەنىسىدە ھەر نەرسىنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمدارنىڭ مۇتلەق نوپۇزى بار ئىدى. ھەتتا بۇ نوپۇز قانۇندىن ئۈستۈن تۇراتتى. ئادالەتنىڭ ئىشقا ئېشىشى تامامەن ھۆكۈمدارنىڭ ئىلتىپاتىغا باغلىق ئىدى. نەسىھەت كىتابلىرىنى يازغانلار ئادالەتنىڭ كاپالىتى سۈپىتدە ھۆكۈمدارنىڭ ئادىل بولۇشى، ئىنساپلىق ۋە مۇلايىم بولۇشتەك ئەخلاقى پرىنسىپلەرگە تايىنىشتىن باشقا يول تاپالمىغان ئىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ»تە كۈچلۈك تۈردە تەكىتلەنگەن نوقتا ھاكىمىيەتنىڭ تۆرىدىن ئايرىلماسلىقى، ھەتتا ھاكىمىيەتنىڭ بىۋاسىتە تۆرە ۋە قۇتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشتۇر. يەنى ئادالەت ھۆكۈمدارنىڭ بىر ئىلتىپاتى بولماستىن، بەلكى تۆرەنىڭ توغرا ۋە بىتەرەپ ھالدا تەدبىقىلىنىشىدۇر. »[76]تۈرك ۋە ھىندى – ئىران قانۇن ۋە سىياسىي ھاكىمىيەت ھوقۇقى چۈشەنچىلىرىدىكى پەرق بۇ قەدەر ئۇچۇق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن ئەمدى دەيدىغان گەپ قالمىدى. ھەقىقەتەن، قەدىمكى ھىندى – ئىران دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىق چۈشەنچىسى بىلەن قەدىمكى تۈرك قانۇن ۋە قۇت چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم بىر مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولمىغان. بىرىدە شەخسلەرنىڭ ئىنساپ ۋە ئادالەت تۇيغۇلىرىدىن سۆز ئېچىلسا، بىرىدە تامامەن باشقا ئاساسلار يەنى تەڭرىدىن ئېلىنغان ھۆكۈمرانلىق سالاھىيىتى ۋە ھۆكۈمدارنىڭ ئۈستىدە ئادىل، باراۋەر، پايدىلىق ۋە ئۇنىۋېرسال بىر قانۇن چۈشەنچىسى مۇھىم نوقتىنى تەشكىل قىلغان. ئۇ ھالدا بۇ ئىككى زىت قاراشنىڭ بىر ئەسەردە بىرلىشىشى ياكى ئىنالجىقنىڭ ئىپادىسى بىلەن بىرىنىڭ «ئۆزگەرتىلىپ» يەنە بىرى بىلەن «مۇرەسسەلەشتۈرۈلگەن» بولۇشى مۇمكىنمىدۇر؟ بۇ ئىش بىزنى ھىچ بولمىغاندا يۈسۈپكە ئوخشاش بىر مۇتەپەككۇر يا ماۋزۇنى چۈشىنەلمىگەن ياكى چۈشەنچىسىنى توغرا يازالمىغان ۋە ياكى يەنىلا يۈسۈپكە ئوخشاش ئۇلۇغ ھاجىبلىق مەرتىۋىسىگە قەدەر كۆتۈرىلگەن بىر دۆلەت ئادىمى سىياسىي ھاكىمىيەت ياكى ھۆكۈمرانلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچ بىرىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغانلىقىغا قارىغاندىمۇ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە ھەر قانداق بىر ھىندى– ئىران تەسىرىنى ئىزدەشنىڭ قورۇق ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يۈسۈپنىڭ دەھھاك، فەرىدۇن ۋە ئافراسىياپتىن سۆز ئېچىشى ئۇنىڭ «شاھنامە»نى بىلدىغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، سىياسەت كىتابى بولمىغان «شاھنامە»نىڭ يا ئۇسلۇب يا مەزمۇن جەھەتتىن «قۇتادغۇ بىلىگ» تۈرىدىكى ئەسەرلەر قاتارىغا ئۆتەلمەيىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك. بارتولدنىڭ«قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كإرسەتمەكچى بولغان«قابۇسنامە»گە كەلسەك، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مۇناسىۋەت قۇرۇش خېلىلا مۇشكۈل. شۆبھىسىزكى، ئىران ئۇسلۇبىدىكى تىپىك بىر نەسىھەتنامە كىتابى بولغان ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ»تىن كېيىن(1082- يىلى) يېزىلغان «قابۇسنامە»دىكى سىياسەت قارىشىنىڭ ئەسىرىمىزدىكىدىن پەرقلىق نوقتىلىرى كۆپ.

قانۇندىن زادى سۆز ئېچىلمايدىغان «قابۇسنامە»دە مۇنداق بايانلار بار:«سۇ ئۈزۈشنى ئۈگىنىشى زۆرۈر بولمىغان غاز ۋە ئۆردەك چۆجىلىرىگە ئوخشاش شاھزادىلارمۇ سىياسەت ئىلمىنى تۇغما بىلىدۇ»، «ئەقىللىق پادىشاھ بولغىنىدەك، نادان پادىشاھمۇ بار»، «سەن بىلمەمسەن ئۇلۇغلار ھۆكۈمنى جاھان خەلقىگە قىلىچ بىلەن يۈرگۈزىدۇ، يول بىلەن ئەمەس»، «ھەر دەم پادىشاھتىن قورقادۇرگىل»، «ئەمما پادىشاھ، سىپاھى ۋە رائىيەت ئارىسىدىكى پەرق ئۇ دۇركى پادىشاھ ھاكىمدۇر، ئۇلار مەھكۇمدۇر.»[77] يەنە «قابۇسنامە» گە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمدارلىقنىڭ شەرتلىرى تۈۋەندىكىدەك ئالتە ماددىدىن ئىبارەتتۇر:«ئادىل، كېرەملىك، ھەيۋەت، ئىھتىياتچانلىق، قانۇنسىز ئىشلاردىن ساقلىنىش، توغرا سۆزلەش.»[78] ئىنالجىق تەرىپىدىن ياخشى تەھلىل قىلىنغان «كەلىلە ۋە دىمنە» بولسا «ھىكمەتلەر» يېزىلغان بىر مەسەللەر ژورنىلى بولۇپ، ئاساسەن ۋەئەز ۋە نەسىھەت كىتابى سۈپىتىدە باشقا نەسىھەتنامىلاردىن پەرقسىز ئىدى. مانا بۇ ئەسەرلەر بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» ئوتتۇرىسىدا ئومۇمەن بىردىنبىر ئورتاق بولغان خۇسۇس ھۆكۈمدارلارنىڭ ئادىل، ئىنساپلىق ۋە شەپقەتلىك بولۇشىغا ئوخشاش ئىدارە ئىلمىنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئەسەردە بولۇشى نورمال بولغان تەۋسىيەلەردىن ئىبارەت ئىدى. ئەلبەتتە يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»تە ئىنسانىي تۇيغۇلارغا زىت كىلىدىغان ئىدىيەلەرگە ئورۇن بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەيلى «كەلىلە ۋە دىمە»دىكى بولسۇن، ياكى «قابۇسنامە»دىكى بولسۇن، «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن ئورتاقلىق تەشكىل قىلىدىغان بۇ چۈشەنچىلەر شۇ قەدەر ئومۇمىي ئىدىكى، سىياسەت نەزەرىيىسىنى بىۋاسىتە ھالدا قوپال بىر كۈچكە تايانغان قەدىمكى يۇناننىڭ پىكىر مەھسۇلاتلىرىدىن ئىلھاملىنىپ يازغان ماكياۋېللىنىڭ كىتابىدىمۇ شۇ خىلدىكى مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ.[79]

2- قەدىمكى يۇنان تەسىرى مەسىلىسى:قەدىمكى يۇناندىكى قانۇن، ھەق، ئادالەت چۈشەنچىلىرىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ تېخىمۇ ئەستائىدىل تەتقىق قىلىنىشى لازىمدۇر. ئۇمۇمەن يۇنان ئادالەت ۋە دېموكراتىيىسىنىڭ ھازىرقى دەۋرلەردە بەزى سىياسىي– ئىدىئولوگىيىلىك سەۋەپلەر بىلەن مەلۇم بولغان شەكىلدە تەشۋىق قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە خاتا تەسىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول ئاچماقتا. يۇقىرىدا بىلدۈرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، قەدىمكى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىدە(«قۇتادغۇ بىلىگ»تە خاراكتېرلەندۈرۈلگەن شەكىلدە) ئۇنۋېرسال بىر قانۇن مەۋجۇت بولمىغاندىن باشقا، ھەقىقىي مەنىدە بىر ھەق ۋە ئادالەتمۇ يوق ئىدى. قانۇن يالغۇز «ۋەتەنداش»نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان ۋە باشقا ئاممىنىڭ ھىچقانداق بىر ھەققىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان بىر يۈرۈش «ھۆكۈملەر»دىن ئىبارەت ئىدى. قەدىمكى يۇناندا قانۇن كۈچلۈكلەرنىڭ ئىرادىسىنى، ھەق كۈچلۈك بولغانلارنىڭ پەزىلىتىنى، ئادالەت يەنە كۈچلۈك بولغانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئىپادە قىلاتتى. بۇ چۈشەنچىلەرنى يالغۇز بىر قانچە سوفىستتىك پەيلاسوپقا مال قىلىشمۇ توغرا ئەمەس. بۇ قەدىمكى يۇناندا ھەر بىر ۋەتەنداشنىڭ چۈشەنچىسىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بىر قاراش ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ «پېلوپوننېس ئۇرۇشى» ناملىق ئەسىرىدە ئاشۇ پىكىرنى قوغدىغان تارىخچى دۇكيدىدېسمۇ كۈچكە ئىشىنىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. [80] قىسقىسى، «كۈچلۈكلەرنىڭ ھەقلىق» ئىكەنلىكى، قانۇن، ئادالەت ۋە ھەقنىڭ كۈچكە ئاساسلانغانلىقى مەسىلىسى ئافىنا دېموكراتىيىسىنىڭ پارلاق دەۋرى بولغان پېرىكلېس دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قەدىمكى يۇناننىڭ ئۆزگەرمەس بىر دەستۇرىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.[81]

كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ياخشىلىق، ئەخلاقىي زوق ۋە يامانلىق چۈشەنچىلىرىدە ئىبن سىنا ئارقىلىق ئارىستوتېلچى چۈشەنچىلەرنىڭ تەسىرىگە، قانۇن ۋە دۆلەت رەئىسىگە ئائىت تېمىلاردىمۇ فارابىنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن ئەپلاتۇن پىكىرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەتتا قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى مىفىلوگىيىلىك ئالامەتلىرى بىلەن يۈسۈپنىڭ تەسۋىرلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقى بىلدۈرۈلدى. يۈسۈپنى ئىبن سىنا بىلەن باغلىغانلار «قۇتادغۇ بىلىگ»نى بىر پەلسەپىۋىي ئەسەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلاردۇر. ھالبۇكى، «قۇتادغۇ بىلىگ»تە مىتافىزىكىلىق كۆز قاراش ۋە تەسنىفلەر ئۇچرىمايدۇ. يۈسۈپنىڭ بۇ خۇسۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان سۆزلىرىنى ئومۇمىي چۈشەنچىلەر دەپ قاراش تېخىمۇ توغرىدۇر. ئارىستوتېل بىلەن يۈسۈپنىڭ باغلىنىشىغا دائىر پىكىرلەر 80 يىل بۇرۇن(20- ئەسىرنىڭ باشلىرىنى دېمەكچى—ت) ئەسەر ياخشى نەشىر قىلىنمىغان، توغرى ئوقۇپ چۈشىنىلمىگەن بىر دەۋردە پەقەت مەنتىقى چۈشەنچىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈملەردەك كۆرىنىدۇ. ئۇيغۇرچىنىڭ ئىلمىي، دىنىي ۋە كۈلتۈرەل تېرمىنلىرىنى تولۇق ئىگىلىمەي تۇرۇپ بۇ مەسىلىدە كەسكىن بىر قارار چىقىرىش ھەر ھالدا ئانچە ئاسان ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن «قۇتادغۇ بىلىگ» بىر پەلسەپە ياكى ئەخلاق كىتابى بولۇشتىن كۆپرەك قانۇن ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ شەرت ۋە ۋاسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، دۆلەت قۇرۇش يوللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇ سەۋەپتىن ئىدارە، تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي قاتلاملار توغرىسىدا توختالغان بىر سىياسەت كىتابىدۇر. ئىبن سىنانىڭ بولسا بىۋاسىتە بۇ مەسىلىگە بېغىشلانغان، دۆلەت ۋە ھۆكۈمرانلىق نەزەرىيىلىرىنى تەھلىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىرەر ئەسىرى يوق.[82]

فارابىنىڭ بۇ تېمىغا ئائىت «ئارائۇ ئەھلىل – مەدىنەتىل – فازىلە» ۋە «كىتابۇس – سىياسەتىل مەدىنە» دېگەن نامدىكى ئىككى ئەسىرى بار. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر پەرقنىڭ بولمىغانلىقى ۋە بەزى نوقتىلاردا بىر بىرىنى تولۇقلىغانلىقى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماقتا. فارابىنىڭ ئىسىل جەمئىيەت ۋە سىياسەت ھەققىدىكى پىكىرلىرى «ئەل – مەدىنەتۈل فازىلە» دېگەن ئەسىرىدە يېزىلغان. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىدىن ۋە ئەسەرنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ تېمىدا فارابى ئەپلاتون بىلەن ئارىستوتېلنىڭ ئىزىدىن ماڭغان، بولۇپمۇ ئەپلاتوننىڭ «دۆلەت» ناملىق ئەسىرىنى ئاساس قىلغان. بىز ئۇنىڭ ئەپلاتون دىئالوگلىرى بىلەن ئىسلام سىياسەت قارىشىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تىرىشچانلىقىنى[83] بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى فارابى ئارقىلىق قەدىمكى يۇنان تەسىرى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىمىز.

ئەپلاتون ئۆزگەرگەن، بۇزۇلغان ۋە سائادەتتىن ئۇزاقلاشقان «دۇنيا ئالىمى»نى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ئۇنى مۇمكىن قەدەر تۇراقلىق ۋە مۇكەممەل بولغان «ئىدىيەلەر دۇنياسى»غا ماسلاستۇرۇش ۋە يەر يۈزىدىمۇ ئۆزگەرمەس ئىجتىمائىي مۇئەسسىسەلەر، ئېتىقاد ۋە قىممەت ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئالغا سۈرگەن. بۇ سەۋەپ بىلەنمۇ ئىنسانىي تۇيغۇلارغا، ئارزۇلارغا ئەمەس، «ئەقىل»گە ئۇيغۇن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىللەتنى بىر ئىنسانغا ئوخشاتقان ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە، ئىنساندا مەۋجۇت ئەقىل، جاسارەت ۋە توغما ئىقتىدار بولغىنىغا مۇناسىپ مىللەتتىمۇ دانىشمەنلەر، ئەسكەرلەر ۋە جىسمانىي ئەمگەك ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەيدىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ بولىدۇ. جەمئىيەت «ئەقىل»گە ۋەكىللىك قىلىدىغان دانىشمەنلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىشى، باشقا ئامما ئۇلارغا بويسۇنىشى كېرەك. لېكىن ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بىر ئورگان باشقا بىر ئورگاننىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمىگىنىدەك جەمئىيەتتىكى «سىنىپ»لارمۇ ئۆزلىرىگە ئايرىلغان ۋەزىپىلەردىن سىرت ئىش قىلالمايدۇ. دېمەك، ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە، ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرى تۇغما ئىدارە قىلغۇچى، بەزىلىرى ئەسكەر، باشقىلىرى خىزمەتچىلەر بولۇپ جەمئىيەتتە ئۆز ئورنىنى قوغداشقا مەجبۇردۇر:«ھەر كىم ئورنىنى ۋە ھەددىنى بىلىشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئادالىتى ئايال، قۇل، ھۆر كىشى، ئىشچى، ئىدارە قىلغۇچى ۋە ئىدارە قىلىنغۇچى ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىشىنى قىلىشىدۇر.» ئەپلاتون ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي ئادالەت» دەپ ئاتىغان بۇ «كاست» پۇراقلىق تۈزۈمىنىڭ يۈرگۈزۈلىشى ئۈچۈن خەلقنى «يالغان» بىلەن قايىل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە بۇ يالغان سۆزلەرنىڭ فورمىسىنىمۇ ئەسىرىدە كۆرسىتىدۇ. ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن ئەسكىرىي سىنىپلارنىڭ زۇلۇمىنى توسۇس چارىسى سۈپىتىدە خۇسۇسى مۈلۈك بىلەن ئائىلە نىزامىنى بىكار قىلىشنى تەسەببۇس قىلغان ئەپلاتون بۇ «كوممۇنىستتىك» سىستېمىنىڭ بېشىغا پەيلاسوپلارنى قويۇش ئارزۇسىدا بولغان. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە پەيلاسوپلاردىنمۇ ئەقىللىق پادىشاھلارنى تاپقىلى بولمايتتى. پەيلاسوپ-پادىشاھ ئۈستۈن قابىلىيەتلىرى سەۋەبىدىن ھىچقانداق بىر قانۇن ۋە قائىدىگە بېقىنماي دۆلەتنى ئىدارە قىلالايتتى.[84] ئەپلاتون «سىياسەت» دېگەن كىتابىدا «خوجايىن ئالدىدىكى قۇل = پادىشاھ ئالدىدىكى خەلق» تەڭداشلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ باشقا تەرەپلەردىن پەرقىنى پادىشاھنىڭ «ئەڭ يۈكسەك ھوقۇق»(ئۆزلىگىدىن بۇيرۇق بىرىش)قا ۋەكىللىك قىلىشىدىن ئىزدىگەن. بۇ يەردە قانۇندىن سۆز ئاچقان ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە، يەنە «قانۇنغا تايانغان ئىدارە قىلىش ئەڭ ياخشى ئىدارە قىلىش ئەمەس، پەقەت بىلىملىك بولمىغانلار قانۇنغا باغلىنىشى كېرەك.» ئەپلاتوننىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچىلەرگە قوللانما بولۇش چۈشەنچىسى بىلەن يازغان ئاخىرقى كىتابى «قانۇنلار»دىكى چۈشەنچىلىرىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. مەسىلەن، ھۆرىيەت ھوقۇقلۇق ئازسانلىقلارنىڭ ھوقۇقسىز كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىدارە قىلغۇچىلار كۆپ سانلىق بولسا ئۇ جەمىئىيەت قۇللۇققا ئورنىغا چۈشۈپ قالدى دېگەنلىكتۇر. يەنى «كۆپچىلىك ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلسا قۇل، ئاز سانلىقنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتسە ھۆر بولىدۇ.» ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئېسىلزادىلارغا، كۈچلۈكلەرگە ۋە دانىشمەنلەرگە مەنسۇپ قىلغان، ئاۋامنى، قۇللارنى ۋە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم بولغانلارنى بۇيرۇق ئاستىدا ياشاشقا مەھكۇم دەپ قوبۇل قىلغان ئەپلاتون«باراۋەر بولمىغانلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش باراۋەرسىزلىكتۇر» دېگەن بىر فورمىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.[85]

بىر تەتقىقاتچى ناھايىتى جايىدا كۆرسەتكىنىدەك، فارابىمۇ ئۆز مەملىكىتىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىتنى تەتقىق قىلىشنى ئويلىماي [86]ئەپلاتوننىڭ بۇ پىكىرلىرىنى ئاساسەن ئەينەن تەكرارلىغان ۋە ناھايىتى ئاز ئىلاۋىلارنى بەرگەن. بۇلاردىن بىرى «فازىل مەدىنە رەئىسى»نىڭ تۇغما ئىگە بولۇشى زۆرۈر بولغان شەرتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. فارابىنىڭ قارىشىچە بۇ شەرتلەر بىرىنجى تەبىئىتى ۋە تۇغۇلىشى بىلەنلا رەئىسلىككە لايىق بولۇش، ئىككىنجى ئۆزىدە رەئىسلىك ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى يىتۈلدۈرگەن بولۇش. فارابىشۇنىڭدەك يەنەدۆلەت رەئىسىنىڭ ۋاسىپلىرىنى 12 ماددىغا خۇلاسىلىغان.[87]

ئارىستوتېلنىڭ ئەسىرىدىكى تۈپ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئېتىقاد ئىنسانلارنىڭ باراۋەرسىزلىكىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، پەزىلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان ئادالەت «باراۋەرلىك»نى ئىپادە قىلىدۇ. پەقەت «ئىنسانلار باراۋەر بولغان تەقدىردە ئۇلارغا باراۋەرلىك ھەققىنى بىرىش ئادالەتتۇر، ئەكسىچە بولغاندا ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.» سىياسەتتىكى ئادالەت بولسا «قۇللار ۋە ياتلار ئۈچۈن ئەمەس، ھۆر ۋە بىر بىرى بىلەن باراۋەر بولغان ۋەتەنداشلار ئۈچۈن ئېيتىلىدۇ»[88] ئارىستوتېل سىياسىي پىكىرلىرى توپلانغان «سىياسەت» ناملىق كىتابىدا ۋەتەنداشلارنىڭ پايدىسىغا ئىشلەيدىغان ۋاسىتىلار سۈپىتىدە تۇنۇشتۇرغان قۇللارنى «جانلىق مۈلك»، ئىشچىلارنى «جانلىق قۇرال» دەپ خاراكتېرلەندۈرگەن ۋە يۇنانلىقلارنىڭ تۇغما ھۆر كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ۋار—ۋارلار(چەتئەللىكلەر)نىڭ بولسا قۇل سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قانۇننىڭ «كۈچلۈك ھەۋەسلەردىن قۇتۇلغان ئەقىل» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئارىستوتېل قانۇنغا تايانغان ھاكىمىيەتنىڭ يالغۇز كىشىلىك ھاكىمىيەتتىن تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكى، لېكىن «ئومۇمىي ۋە بىتەرەپ قانۇنلارنىڭ ئادالەتنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇلارنى خۇسۇسىي ئەھۋاللارغا ماسلاشتۇرۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىجتىمائىي سىنىپلارنى مال– مۈلكىگە قاراپ ئايرىغان ئارىستوتېل «تۈۋەن سىنىپ» دەپ ھېساپلىغان نامراتلارنى پەقەت «قاتتىق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلغانلىقىدىن چۈشەنگەنلىكىنى» ئالغا سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ياخشى بىر دۆلەت بايلىق جەھەتتە ئوتتۇراھال سىنىپ كۆپ بولغان جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىكىدۇر. بۇ خىل رەھبەرلىكتە «سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولغانلار ئۈچۈن قانۇندا ناھايىتى ئەستائىدىل بولۇش كېرەك.»[89]

بۇ يەردە خۇلاسە قىلماقچى بولغىنىمىز، ئەپلاتون ۋە ئارىستوتېلنىڭ ئادالەت، ھەق، قانۇن ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىسىدا بىرەر مۇناسىۋەت تېپىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇمكىن بولىشىدۇر. قەدىمكى تۈرك چۈشەنچىسىدىكى ئادىل، پايدىلىق، باراۋەر ۋە ئۇنىۋېرسال قانۇن ھاكىمىيىتى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك بىلەن قەدىمكى يۇناننىڭ كۈچكە تايانغان، بايلىققا چوقۇنغان، ماددىچى ۋە پەرقلىق بولغان ھەق، ئادالەت چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدا قانداق بىر يېقىنلىق بولسۇن؟ ئەگەر ئەپلاتون ياكى ئارىستوتېلنىڭ ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ يۈسۈپكە تەسىرى بولغان بولسا ئىدى، «ئەل مەدىنەتۈل فازىلە»دە كۆرۈلگەن خۇسۇسلارنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»تىمۇ بەلگىلىك ئىزلارنى قالدۇرۇشى كېرەك ئىدى. دېمەك بۇ خىل قاراشلاردا ئالدۇراڭغۇلۇق قىلىش پەقەت مەسىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا ۋە خاتا ھۆكۈملەرگە سەۋەپ بولماقتا. قەدىمكى يۇناندىكى ئادالەت ئۇقۇمى دىكەنىڭ بەلگىسى بولغان قىلىچ بىلەن تۆرەنىڭ قولىدىكى پىچاق، يۇنان قۇت تەڭرىچىسى توكاغا ئائىت شار سىمۋولى ۋە تىتان ئايال دېمىسنىڭ ئۈچ پۇتلۇق ئورۇندىقى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى قۇتنىڭ توپى ۋە «ئۈچ پۇتلۇق تەخت» ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئا. بومباجىنىڭ «تاسادىپىي بولمىغان ئوخشاشلىقلار» دېگەن قارىشىغىمۇ مۇھىم بىر مەنا بىرىش توغرا ئەمەس. قەدىمكى يۇنان بىلەن قەدىمكى تۈرك دۆلەتلىرىدە نەزەرىيىدە ۋە ئەملىيەتتە كۆرۈلگەن ئاساسىي پەرقلەر بۇنىڭغا يول قويمايتتى. ئارىدا بىرەر باغلىنىش ياكى نەقىل ئېلىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ھەر ھالدا مۇناسىۋەت يالغۇز تاشقى تەرەپ، كۇرىس(تەخت) ۋە ئورۇندۇق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان بولاتتى، پىكىر ۋە چۈشەنچىلەر ھېچبولمىغاندا قىسمەن بولسىمۇ بىر بىرىگە يېقىنلىشاتتى. بۇ خىل ئوخشىتىشلار «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى قانۇن چۈشەنچىسى، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ گرېك چۈشەنچىسى ۋە ئەنئەنىلىرى بىلەن بولغان ئوچۇق پەرقىنى يېپىشقا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «ئادالەت»نىڭ «قىلىچ» بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاساسەن پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشقان. ئۈچ پۇتلۇق ئورۇندۇق بىلەن تەخت تەسۋىرلىرىنى قەدىمكى ئىراندىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر مەنبەدىن چىققانلىقىنى تەسەسۋۋۇر قىلىش توغرا ئەمەس. ئىنسان پاراسىتى بىر بىرىدىن ئۇزاق مەملىكەتلەردىكى ئوخشاش تەسەۋۋۇرلارغا يىتىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر ھەر بىر تەسەۋۋۇرنى يالغۇز بىر مەنبەگە باغلاش زۆرۈرىيىتىگە تايانىدىغان بولسا يەر يۈزىدە ئوخشاش مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بارلىق ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ بىر بىرىگە ئوخشاپ كىتىشى، ئوخشاش مەقسەتتە ياسالغان قۇراللارنىڭ بىر خىل شەكىلدە بولۇشى ۋە ھەر بىرى دۇنيانىڭ باشقا — باشقا يەرلىرىدە ياشىغان پەن ئادەملىرىنىڭ بىر بىرىگە ئوخشاش ئىجادىيەتلەردە بولماسلىقى تەلەپ قىلىنغان بولاتتى. [90] بۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىپ بومباجىنىڭ يېڭىلىش سەۋەپلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى «قۇت» تەبىرىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇ «قۇت» سۆزىنى تۈركچىدىكى 2- ۋە 3- مەنىلىرى بىلەن ئېلىپ، بۇنى ئاسانلا يۇناننىڭ «تەلەي» تەسەۋۋۇرىغا باغلاپ قويغان. ھالبۇكى، قەدىمكى يۇناندا توكا ھەر بىر كىشىدە، ھەر بىر ئائىلىدە ھەتتا ئۆيلەر ۋە ئېتىزلاردىمۇ مەۋجۇت دەپ چۈشىنىلىدىغان «تەقدىر» گە ۋەكىللىك قىلغان بولسا[91] تۈركلەردە تەڭرى بېغىشلىغان«قۇت»، بولۇپمۇ مۇشۇ چاغلاردا تېخىمۇ كۆپرەك سىياسىي مەنىگە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمرانلىقنى ئىپادە قىلاتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمىزكى، قەدىمكى يۇنان سىياسىي چۈشەنچىسىدە «تەڭرى»نىڭ ئاساسەن ھىچقانداق بىر ئورنى يوق ئىدى. گەرچە ئەپلاتون بىر ۋاقىتلاردا كائىناتنى تەڭرىنىڭ ئىدارە قىلىدىغانلىقىدىن، ئارىستوتېلمۇ تەڭرىنىڭ كائىناتقا «شەكىل» بەرگەنلىكىدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، [92] بىراق ئەپلاتوننىڭ «تەڭرىنىڭ كائىناتنى كېيىن ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەنلىكىنى» سۆزلىگەنلىكىدىن ۋە ئارىستوتېلنىڭمۇ تەڭرىنى پەقەت پەلسەپىۋىي سۈپەتتە تەتقىق قىلغانلىقىدىن مەلۇمكى، ئۇلاردىكى بۇ تەڭرى «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ھۆكۈمرانلىقنىڭ مەنبەسى «ئۇلۇغ قۇدرەت» دەپ خاراكتېرلەندۈرۈلگەن تەڭرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئومۇمۇن قىلغاندا، تاكى ئاسىيا ھۇنلىرى دەۋرىدىن بېرى تۈركلەردە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ياراتقۇچى، قوغدۇغۇچى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە مەۋجۇتلىقىغا ھإكۈم قىلغۇچى، ئۆلۈمسىز تەڭرى چۈشەنچىسى بىلەن يۇنانلىقلارنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولىدىغان، ئۆيلىنىدىغان، ھەسەت قىلىدىغان، بىر بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان تەڭرىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر ھالدا بۇ يېرىم ئىنسان–تەڭرىلەرنىڭ يەر يۈزىدە يەنە ئىنسانلار تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ ئىدارە قىلىنغان دۆلەتلەر ئۈستىدە تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى ياقلىغان قەدىمكى يۇنان چۈشەنچىسى دۆلەت رەئىسى بولغان شەخسلەرگە چەكسىز ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بىرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

«قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ئۇنىۋېرسال ئادالەتكە تايانغان قانۇن پىكرى ۋە تەڭرى قۇدرىتىدىن تۇغۇلغان ھۆكۈمرانلىق چۈشەنچىسىگە مۇقابىل ھالدا قەدىمكى يۇنان «دۆلەت» قارىشىدىكى چوڭ بوشلۇق بۇ يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى يۇناندا قانۇن يوق ياكى ئارىستوتېلنىڭ ئەسىرىدە كۆرۈلگىنىدەك قانۇن بولسىمۇ، ھەق(ھوقۇق) يوق ئىدى. چۈنكى يا قانۇننىڭ مەجبۇرلىغۇچى قىلىچى، يا قانۇننىڭ تەدبىقلىنىشى ئۈچۈن زورلۇغۇچى كۈچ بولغان «قۇت»نى زۆرۈر قىلىدىغان بىر چۈشەنچە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپلىك، ھەر نەرسە باشتىكى شەخسنىڭ پەزىلەتلىرىگە باغلىق بولۇپ قالغان ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشمۇ ئادەتتە سىياسىي ماھىيىتىنى يوقىتىپ بىر ئەخلاق مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغان. [93]قەدىمكى يۇنانىستاندىكى مەلۇم ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرگە قوشۇمچە قىلىپ جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلىق پرىنسىپىگە ئورۇن بەرمەسلىكتەك بىر قانۇنىي مۇئەسسىسەنىڭ كەملىكى قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئىگە بولالمىغانلىقىنى ۋە 200 مىڭ نۇپۇزسلۇق كىچىك بىر ۋىلايەتنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىيالمىغان شەھەر دۆلەتلىرىدە قاپسىلىپ قېلىپ چوڭ دۆلەت قۇرالمىغانلىقىنى ئىزاھلاپ بىرىدۇ ۋە شۇنىڭدەك «قۇتادغۇ بىلىگ» تە تەسۋىرلەنگەن شەكىلدە يۈكسەك بىر مەنىۋىي قۇدرەتنىڭ ھىمايىسىدە كەڭ ئىمپېرىيىلەرنى قۇرۇشنى ۋە نۇرغۇن نوپۇسقا ئىگە خەلقلەرنى ئىدارە قىلىشنى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرغان تۈركلەر بىلەن تۇيغۇ ۋە خائىشنى ھېساپقا ئالمايدىغان، «ئىنساننىڭ پۈتۈن مەسىلىلىرىگە يالغۇز ئەقىل يولى بىلەن جاۋاپ بىرىشنى» ئويلىغان يۇنانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىمۇ كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

رىمدىمۇ جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە كونسۇللارغا «خەلق مەجلىسلىرى» تەرىپىدىن بىرىلگەن ئىمپېرىيۇم ھوقۇقىنىڭ تەدبىقىلىنىشىدا كۆرۈلگەن كەمچىلىكلەر نىھايەت ئىمپېراتورلارنىڭ تەڭرى ئىلان قىلىنىشى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تۈگىتىلگەن ئىدى. [94]

3 – جۇڭگو تەسىرى مەسىلىسى :كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇنداق بىر تەسىر مەسىلىسى ج. تۇري، ۋ. بارتولد ۋە س. م. ئارسال تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەقىلچىل بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان كۇڭفۇزىنىڭ « ئىنسانلارنىڭ ھايات ۋە ھەرىكەتلىرى ئۆزگەرگەن ئەھۋالغا قاراپ ئەمەس، ئەبەدىي ئەخلاق قانۇنىغا، ئۇنىۋېرسال نىزامغا قاراپ رەتكە سېلىنىشى كېرەك… ئەخلاقى ۋە روھىي تەرەققىياتنىڭ يولى ئىلىمدۇر… تەڭرىنىڭ ئەڭ ئالى ئەمرى باشقا ئىنسانلارغا قارىتا مۇھەببەت ۋە كۆيۈنىشتۇر… ۋەزىپە قانۇنى نە قەدەر يۈكسەك، نە قەدەر مۇقەددەس بىر قانۇندۇر! بۇ قانۇن كۆككە قەدەر ئۆرلەيدۇ… ۋەزىپە قانۇنى ھەممە ئۈچۈن بىر خىلدۇر. ئەڭ ئالى مەرتىۋە ئىگىسىگە ئوخشاش، ئەڭ كەمتەر ۋە ئەڭ ئاددى ئىنسانغىمۇ ۋەزىپە يۈكلەنگەن بولىدۇ… ئەقىل ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىي ۋەزىپىلىرىنى ئۇرۇندىشى ئۈچۈن تەڭرىنىڭ ئىنسان روھىدا يەرلەشتۈرگەن قانۇنىدۇر» دېگەن سۆزلىرى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى «ھاكىمىيەتنىڭ مەقسىتى خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ۋە سائادىتىدۇر… دۆلەت ئىدارە قىلىش خەلق ئۈچۈن ئىشلەشتۇر» دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلىرى ئارسالنىڭ قارىشىچە تۈركلەرنىڭ ئۆرپ — ئادەت ۋە ئەخلاقىغا پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. «توغرىسى كۇڭفۇزى ئوتتۇرىغا قويغان ئەخلاقىي پەلسەپە تۈركلەرنىڭ مىللىي ئەخلاقىدىن يىراق بىر پەلسەپە ئەمەس ئىدى»[95] دېگەن ئارسال بۇ ئۇچۇق تەسىرگە مىسال سۈپىتدە بىر ئۇيغۇرچە تېكىستتىن تۈۋەندىكىلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن:«ھېكىم كۇڭفۇزى دېدىكى دۆلەت باشقۇرىدىغان بەگلەرگە ئۈچ نەرسە كېرەك. بۇلار ئەسكەر، ئاشلىق ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ساقلاشتۇر.»[96]

بىز ئارسالنى قوللاپ كۇڭفۇزىنىڭ ھاكىمىيەت، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ھاياتقا ئائىت شۇ قاراشلىرىنى قۇشۇمچە قىلىپ ئۆتىمىز: «دۆلەت ئائىلىنىڭ كېڭىيىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئائىلىمۇ خۇددى كۆك ئالىمىگە ئوخشاش تۈزۈلگەن… دۆلەت بىلەن ئائىلە، ھۆكۈمدار بىلەن خەلق ئاتا بىلەن ئوغۇلغا ئوخشايدۇ. ئاتا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەت تەڭرى بىلەن ھۆكۈمدار ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ… ھۆكۈمدار دۆلەتنىڭ بېشى بولۇش بىلەن بىرلىكتە كۆكنىڭ ئوغلىدۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇردۇر. كۆك ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىدىغان بىر مۇستەبىت ئەمەس، بەلكى قانۇنىيلىقنىڭ ئاساسىدۇر. كۆكتىكى قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار قانداق قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلسا، يەر يۈزىدىكى ئىنسانمۇ بۇ كائىنات قانۇنىيىتى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك… ھۆكۈمدار كۆككە ئوخشاش ئۆرنەك بولۇشى، ھاياتنىڭ مۇراسىم نىزاملىرى بويىچە داۋاملىشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرىشى كېرەك. شۇ چاغدا دۇنيادىن بىسەرەمچانلىق كۆتۈرۈلۈپ، ھەر نەرسە رەتكە چۈشىدۇ.»[97]

كۇڭفۇزىچىلىقنىڭ ئاساسلىرىنى تەشكىل قىلغان بۇ پىكىر ياكى چۈشەنچىلەر بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي بىر مۇناسىۋەت بار. قانۇن پىكرىدىكى ئېنىقلىق، تەڭرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ قۇدرەت سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشى، ھۆكۈمدار – تەڭرى مۇناسىۋىتى ۋە تەڭرىنىڭ ھۆكۈمدارغا ئۆرنەك بولۇشى تۈرك تۆرە، قۇت چۈشەنچىلىرى بىلەن بىردەكلىك تەشكىل قىلىدۇ.

ئەجەبا بۇ مۇناسىۋەت قەيەردىن كەلگەن؟ مەسىلىنىڭ ماھىيىتى قەدىمكى تۈرك دىنى بىلەن جۇڭگو كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا يوشۇرۇنغان. قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئەسلى ئېتىقاد سىستېمىسى توتېمچىلىق ياكى شامانىزم ئەمەس، كۆك تەڭرى دىنى ئىدى. مىلادىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار بۇرۇن ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياشىغان تۈركلەر كۆك ئاسماننى تەڭرى دەپ چۈشەنگەن ئىدى. ھەر ھالدا تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ تەسىرلىرى بىلەن كۆكنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە ئىشەنگەن. مۇشۇنداق تۇنۇلغان كۆك تەڭرى قەدىمكى تۈرك خەلق ھوقۇقىدا چوڭ رول ئوينىغان. دېمەك، بۇ قەدەمكى تۈرك ئېتىقادى بىلەن جۇڭگو دىنى چۈشەنچىلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بولغان ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- مىڭ يىلنىڭ باشلىرىدا جۇڭگو قۇرۇغلۇقىدا بىر بىرىدىن پەرقلىق كۈلتۈرلەر مەۋجۇت ئىدى. بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى جەنۇپتىكى دىھقانچىلىق كۈلتۈرى، شىمالدىكى ئوۋچىلىق كۈلتۈرى ۋە غەربىي شىمالدىكى چارۋىچىلىققا تايانغان بوزقىر كۈلتۈرى ئىدى. قەدىمكى جۇڭگونىڭ قۇرال شەكىللىرى، برونزى قۇيۇش سەنئىتى ۋە باشقا ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، بوزقىر كۈلتۈرىنىڭ ئىگىلىرى ئاسىيانىڭ «يۇقىرى تۈزلەڭلىكلىرى»دىن كەلگەن تۈركلەرنىڭ ئەجداتلىرى ئىدى. جۇڭگودا شاڭ دىەۋرىدە(مىلادىدىن بۇرۇنقى 1450-1050) بىر قېتىملىق كۈلتۈر ئۆزگىرىشى باشلانغان ۋە دەستلەپكى جۇڭگو يەر– بەرىكەت تەڭرىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆك دىنى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. ھەقىقىي جۇڭگو تارىخى باشلانغان جۇلار دەۋرىدە(مىلادىدىن بۇرۇنقى 1050-247-يىللار) غەربىي شىمالنىڭ يەرلىك كۈلتۈر ئۈستىدىكى تەسىرى ناھايىتى كۈچەيدى. تۈرك مەنبەلىك ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان جۇلار كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزغا چوقىنىش ئېتىقادلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆك دىنىگە ئىشىنەتتى. [98] پايتەخت لوياڭ شەھىرى بۇ دىننىڭ تەسىرى بىلەن دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارىلاتتى. نىھايەت يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە ھۆكۈمدار جۇڭگودا «كۆكنىڭ ئوغلى» مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدى.[99] جۇلار دەۋرىدە دۆلەت كېڭەيگەنسېرى يەرلىك تەركىپلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بوزقىر تۈرك كۈلتۈرى جۇڭگودا تارقالغان ۋە بۇ ئىككى كۈلتۈرنىڭ قوشۇلىشىدىن ھەقىقىي جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىرى قۇرۇلغان.

كۇڭفۇزى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىر) بۇ دەۋرنىڭ مۇتەپەككۇرى ئىدى. يېڭى نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماستىن مەۋجۇت چۈشەنچىلەرنى ۋە قەدىمكى ھېكىملەرنىڭ پىكىرلىرىنى توپلىغانلىقى مەلۇم بولغان كۇڭفۇزىنىڭ[100] تەلىملىرى ئۈچۈن ئەسلىدە كۆك دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى ئاساس بولغان ئىدى. بۇ تەلىملەرنىڭ ئەسلىدىكى جۇڭگو «تەڭرى» چۈشەنچىسى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى. چۈنكى كۆپ تەڭرىلىك جۇڭگودا تەڭرىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ھېساپلانغان «دى» زىرائەت–يەر تەڭرىسى ئىدى.[101] يەرنىڭ ئۆزى ئانا–تەڭرىچە دەپ تەسەۋۋۇر قىلىناتتى. كېيىن دى كۆك دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى بولغان بىر تەڭرى — كىرالغا ئايلاندى.

كۇڭفۇزىنىڭ قەدىمكى تۈرك چۈشەنچىلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئىزاھلىغانلىقىغا دائىر يەنە بىر دەلىل تەڭرىدىن سۆز ئاچقاندا خەنزۇچە بولمىغان «تيەن» سۆزىنى قوللانغانلىقىدۇر. ئۇ يۇقىرىدىكى بايانلار نەقىل ئېلىنغان «لۈنيۈ»(«پەلسەپە سإھبەتلىرى ») ناملىق كىتابىدا كۆك ۋە تەڭرى تەبىرلىرىنى دائىم مۇشۇ سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن. [102] بۇمۇ تۈركچە «تەڭرى» سۆزىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.[103] تۈركچىنىڭ ھېچبولمىغاندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى سۆزلۈكلىرىدىن بىرى بولغان «تەڭرى» سۆزىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تەڭدىشى بولغان «تيەن»، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «تەڭرى تاغلىرى» دېگەن نامنىڭ خەنزۇچىدىكى ئاتىلىشى بولغان «تيەنشەن» ھېلىمۇ قوللىنىلماقتا.

«قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مۇئەللىپى قەدىمكى تۈرك چۈشەنچىلىرىنى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردىكى ئۆرنەكلەردە كۆرۈلگىنىدەك كۇڭفۇزىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نەقىل كەلتۈرەلەيدىغىنىدەك، ئۆزى ياشاۋاتقان قاراخانىيلار تۈرك جەمئىيىتىنى ۋە دۆلىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ ئىپادىلەپ بىرەلەيتتى. چۈنكى قاراخانىيلار خەلقىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلغان قارلۇقلار ئۇزۇن مەزگىل كۆكتۈرك ئىمپېرىيسىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان. كۆكتۈركلەرمۇ ئەجداتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاسىيا ھۇن دۆلىتىنىڭ چۈشەنچە ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. 11- ئەسىردە «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ يېزىلىشىغا ئىمكانىيەت بەرگەن خۇسۇس بولسا ئىسلام تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ شەرقىدە، قەدىمكى تۈرك كۈلتۈرى ساھەسىدە ئورۇن ئالغان قاراخانىيلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە قوغدىغانلىقى ئىدى.

«قۇتادغۇ بىلىگ»نى نەشىر قىلغان ۋە بۈگۈنكى تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان ر. ر. ئارات بۇ ئەسەرنىڭ تېخىچىلا «قول تەگمىگەن بىر خەزىنە» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ توغرىدۇر. «قۇتادغۇ بىلىگ» بىرمۇنچە جەھەتتىن تەتقىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ئەسەردۇر. بولۇپمۇ سۆز – تېرمىنلىرىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئېنىقلاپ يېڭىدىن تەرجىمە قىلىشنىڭ كۆپ پايدىسى بار.

____________________________________
ئىزاھلار

[①]TM. 1. 1925, s. 223vdd.; M.Khadr,Deux actes de Waqf d’un Qarahanide d’Asie centrale, JA,1967, s. 305-334.
[②] IA, mad.Gazneliler, selcuklular.
[③]W. Barthold – M.F. Köprülü, Islam Medeniyeti Tarihi, 1940, Istanbul, s. 119.
[④]R.Rahmeti Arat,Kutadgu Bilig Ⅰ(metin) ,TDK, Istanbul, 1947; R. Rahmeti Arat, Kutadgu Bilig Ⅱ(tercüme), TTK, Ankara, 1959, W.Radloff, Das Kutadku Bilik Ⅰ(metin), St, Petersburg, 1891, 2, 1910. L. Bonelli, Napoli,1933. S.E. Malov, Moskova, 1951.
[⑤]A.Jaubert,Notice d’un manuscript turc en caracteres ouigours, envoye par M.de Hammer a M. A. Remusat , JA, 1825, s.39- 55.
[⑥]H. Vambery,Uigurischc Sprachmonumente und das Kudatku bilik, Innsbruck, 1870, s. 5.
[⑦]O. Alberts(Archive für Geschicte der philosophie, Ⅶ), 1901, Bk. M.F. Köprülü, Türk edebiyat tarihi, 1, 1926, Istanbul, s.198.
[⑧]J. Thury, ⅩⅥ.asır sonlarına kadar Türk dili yadigarları, MTM, 2, 1916, s.91.
[⑨]W. Barthold — M.F. Köprülü, s.119.
[⑩]W. Barthold,Orta Asya Türk tarihi hakkinda dersler, 1927, Istanbul, s.121 vd.
[11] W. Barthold,Turkestandown to the Mongol invasion, GMS, 5, 1968, s. 311.
[12]A. Caferoglu, Türk dili tarihi, Ⅱ, 1964, Istanbul, s. 55.
[13]M.F. Köprülü, Türk edebiyatı tarihi, s.197vd. M. F. Koprulu, Türk dili ve edebiyatı hakkında araştırmalar, 1934, Istanbul, s. 27.
[14]R.R.Arat, Kutadgu Bilig, Ⅰ, s. 24 vd.
[15]A. Caferoğlu, Türk dili tarihi, Ⅱ, 1964, Istanbul, s.51,57,60 vd. A. Caferoglu,La literature Turque de l’epoque des Karakhanides, Ph.Tur. Fundamenta Ⅱ, 1964, s. 267.
[16]H. Inalcik, Kutadgu Bilig’de Türk ve Iran siyaset nazariyeleri ve gelenekleri, R.R.Arat için, (TAKE),1966, s.261.
[17]IA, Kelile ve Dimne.
[18]H. Inalcik,Kutadgu Bilig’de Türk ve Iran siyaset nazariyeleri ve gelenekleri, s.263.
[19]A. Bombaci,Kutadgu Bilig hakkında bazı mulahazalar, M.F. Köprülü armağani, 1953, Istanbul, s.66.
[20]A. Bombaci, Kutadgu Bilig hakkında bazı mulahazalar,.s.77.
[21]S.M.Arsal,Türk tarihi ve hukuk, 1947, s. 93-97.
[22]S.M.Arsal,Türk tarihi ve hukuk, s. 118. Z.F. findikoglu,Türklerde ahlak felsefesi, Iş mecmuasi, sayi 1, 1934, s 1-10.
فىندىكئوغلۇ بۇ ماقالىسىدا «قۇتادغۇ بىلىگ»نى ئەخلاق جەھەتتىن تەتقىق قىلغان. فىندىكئوغلۇنىڭ بۇنىڭدىن 45 يىل بۇرۇن ئەسەردە سىرتقى تەسىرنىڭ بارلىقىغا گۇمان بىلەن قارىغانلىقىنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
[23] Beyit,350.
[24]TM, Ⅲ, 1935, s. 88.
[25]W. Bartold,Dersler,s.121.
[26]Kutadgu Bilig, Ⅰ, s. 25.
[27] «كۈنتۇغدى دېگىنىم بىۋاسىتە قانۇندۇر»، 355- بېيىت.
[28]W. Eberhard,Çin tarihi, 1947, TTK, s. 85.
[29] بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلار ئۈچۈن «تۈرك مىللىي كۈلتۈرى» دېگەن كىتابىمىزغا قارالسۇن.
[30] بۈگۈنكى تىلىمىزدا مەۋجۇت بىر يۈرۈش تېرمىن ۋە كەلىمىلەرنىڭ تۈركچىسى «قۇتادغۇ بىلىگ»تە بار.
[31] يۈسۈپ ئايتولدىنىڭ مىجەزى ئۆزگەرگەندە ئۇنى داۋالاشقا پەقەت تىۋىپلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ( 1054- 1064- بېيىتلەر).
[32] يۈسۈپنىڭ «بەگ» ۋە «بىلىگ» سۆزلىرىنى بىر سۆز تومۇرىغا باغلاشقا تىرىشىشى دىققەتنى تارتىدۇ(1953-بېيىت)
[33] ئەسلى شەكلى «تۆرۈ»دۇر. موڭغۇللار دەۋرىدە «تۆرە» دېگەن شەكىلنى ئالغان.
[34] «قۇتادغۇ بىلىگ»تە مۇنداق نەقىللەرمۇ ئۇچرايدۇ:«ئازاد– ھۆر كىشىنى قىلما قۇلغا تەڭ، ئازاتنى ئازات، قۇلنى قۇل تۇت ئۆزەڭ.»( 2991-بېيىت) بۇنىڭدىن تۆرە ھۆر ئىنسانلارنىڭ قارشىسىدا قۇللارنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلغان دېگەن مەنىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئەسەردە «قۇل» سۆزى ناھايىتى كەڭ مەنىدە قوللىنىلغان. ھەر قانداق بىر خىزمەت قىلغان كىشى قۇل سانالغان. بەگ تەرڭىنىڭ، مەمۇر بەگنىڭ قۇلى دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ «قۇللار» تۆرەنىڭ ھېمايىسىدە ھوقۇققا ئىگە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن قۇل ھېساپلانمايتتى.
[35] بەگ بولسا ئەگەر ئەل سەرە — ياخشىسى،
خەلقنىڭ خىلى بولسا ئۇ ئىككىسى. (2422-بېيىت)
[36] P.A.Boodberg,The Language of the To-pa Wei(Harvard Journal of Asiatic Studies 1), 1936, s. 71.
[37]DLT(B.Atalay), 2, s.17 vd, 25; 3, s.22, 120.
[38] S.M.Arsal, s. 287.
[39]R. Giraud, L’empire des Turcs celestes, 1960, Paris, s. 71,131.
[40]Orhun Kitabeleri, 2. 14.(H.N.Orkun, Eski Türk yazıtları, 1, 1936, s.36.)
[41]B.Ögel,Belleten, sayı, 48, s. 827.
[42] Ebül – Fazl Bayhaki, Tarihi Bayhaki, Gani Feyyaz, 1884, Tahran, s. 552.
[43]B. Seasz, A Hunuk Törtenete, 1943, Budapest, s.235, F. Altheim, Attila et les Huns, 1952, Paris, s. 158 vd.
[44]W. Eberhard, Belleten, sayi 38, s. 235.
45S.M. Arsal, Umumi Hukuk Tarihi, 1944, İstanbul, s.98.
[46]S.M. Arsal, Umumi hukuk tarihi, s. 134, 165, 1968, İstanbul.
[47]A.Şenel, Eski Yunan’da siyasal düşünüş, 1968, Ankara, s.63, 163 vdd. Eflatun,Devlet, Ⅰ, 1942, s.31,45 vdd.
[48]A.Şenel, s.163, 226.
[49]A.Şenel, s.237.
[50]Z. F. Fındıkoğlu,içtimaiyat Ⅱ. metodoloji nazariyeleri, 1961, İstanbul, s. 42.
[51]S.M. Arsal, Umumı hukuk tarihi, s. 233, 261, 470 vd.
[52]ئېتىم– قۇل، تاپۇغچى، ماكانىم قوۋۇق،
ئادىتىم ئىشلەشتۇر، خۇيۇم – توغرۇلۇق.( 590-بېيىت)
[53]گۇناھىم بار بولسا، قىينا، ئەرك ساڭا،
يوق بولسا، يۈزۈڭنى قارايتما ماڭا.( 639- بېيىت)
[54]بۇ بەخت كەلسە ئىنسان كۆنى قۇتلىنىپ،
تۈمەنمىڭ تىلەككە يىتىپ، يەيدۇ ئاش.( 682- بېيىت )
[55]De Groot,Die Hunnen der vorchristlichen Zeit Ⅰ, 1921, Berlin, s.81, S. M. Arsal,Türk tarihi ve hukuk, s. 214.
[56]Orhun kitabeleri, Ⅰ, güney, 1; Ⅱ, doğu, 1 (H.N.Orkun, aynı eser, Ⅰ, s.22,28)
[57]Orhun kitabeleri, Ⅰ, güney, 25; Ⅱ, doğu, 21 (H.N.Orkun, aynı eser, Ⅰ,40)
[58]Orhun kitabeleri, Ⅰ, güney, 9-10; Ⅱ, kuzey, 7-8 (H.N.Orkun, aynı eser, Ⅰ,26)
[59]Orhun kitabeleri, Ⅰ, güney, 10; Ⅱ, kuzey, 8; Ⅰdoğu,17,28;29 Ⅱdoğu, 23 vd.
[60]Orhun kitabeleri, Ⅱ, doğu, 35.
[61]Türk milli kültürü, “sosyal yapı” bahsi.
[62]De Groot, s. 49. L.Ligeti, Attila es Hunjai, 1940, Budapest, s. 39.
[63]Orhun Kitabeleri, Ⅰ, doğu, 12-13. Tonyukuk kıtabesi, batı, 5.
[64]S.M.Arsal, Umumi hukuk tarihi, s.200, 376 vd.
[65]B.Y.Vladimirtsov,Moğolların içtimai teşkilatı(TTK), 1944, s. 169.
[66]W. Schmidt, Der Ursprung der Gottesidee Ⅹ, 3: Die asiatische Hirtenvölker, Freiburg, 1949, s.15, Türk Terc. S.Buluç, Türk dili ve edebiyati dergisi, ⅩⅢ, 1964, s.86. B.Szasz, 65, 489.
[67] B.Szasz, s.494. F.Altheim, s.138.
[68]Liu Mao Tsai, Die Chinesischen Nachricthen zur Geschichte der ost- Türken Ⅰ, Wiesbaden, 1958, s. 43.
[69]DLT, Ⅰ, s.235.
[70]Türk tarihi ve hukuk, s.120.vdd.
[71]G.Doefer, Türkische und mongolısche Elemente im Neupersıschen Ⅲ, 1967, Wiesbaden, mad. Kut.
[72]G. Doerfer, s.551.
[73]DLT, Ⅰ, s.320, Tıpkı basım, 1941, Ankara, s.161
[74]G.Doefer, s. 558. A.Caferoğlu, s. 60.
[75]A.Caferoğlu, Eski Uygur sözlüğü, 1968, s.177. DLT, Ⅰ, s. 320
[76]H.Inalcık, s. 268.
[77]Kaabusname, Mercimek Ahmed terc, 1994, İstanbul, s.320. 338, 343, 451.
[78]Kaabusname, s. 357.
[79] «شۇنىسى مۇھەققەقكى، بىر دۆلەت قانۇنلىرىنىڭ ۋە مۇئەسسىسەلىرىنىڭ ئاز ياكى ناھايىتى ياخشىلىقىغا قاراپ ئۇزۇن ياكى قىسقا ئۆمۈرلۈك بولىدۇ»، «بىر جۇمھۇرىيەتتە سوتچىلارنىڭ سانى كۆپ بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا ھەر نەرسە ئاز ساندىكىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ»، «بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئەڭ ياخشى قەلئەسى خەلقىدىن ئىرىشكەن مۇھەببەتتۇر. ھۆكۈمدار پۇقرالار تەرىپىدىن نەپرەتكە ئۇچرىسا ئۇنى دۇنيانىڭ بارلىق قەلئەلىرىمۇ قۇتقۇزالمايدۇ.><
F. Franzoni,La pensee de N. Machialvel, 1921, Paris, s.119,126, 192.
[80]Thukydides, Ⅰ.kitap(Türk. Terc. H. Demircioğlu), 1950, Ankara, s.29 vdd.
[81]A.Şenel, s.143.
[82]S.M.Arsal,Türk tarihi ve hukuk, s.119.
[83]Nafiz Danışman, Fazıl Medine halkının reyleri, Farabi Tetkikleri, Ⅰ, 1950, s.17-79. Krş. Haroon—Khan Sherwanı. Türk. Terc.Ⅰ,Farabinin siyaset nazariyeleri, DTCF dergisi. Ⅷ, 4, 1950, s. 441- 458.
[84]A.Şenel, s. 173-179, 190-194, 196.
[85]A.Şenel, s. 201, 211, 219.
[86]A.A.Adıvar,Farabi, IA, Ⅵ, 467.
[87]N.Danışman, s.59.
[88]A.Şenel, s. 228, 235.
[89]A.Şenel, s.243- 248.
[90]A.Toynbee,A Study of History, London, 1962, s.40.
[91]E. Peterich,Küçük Yunan mitologyası, 1959, Ankara, s.31.
[92]A.Şenel, 201, 231.
[93]Michael B . Foster, Masters of political Though Ⅰ,1966, London, s.36, 56, 125 – 162.
[94]S.M.Arsal,Umumi hukuk tarihi, s. 319-345, 364- 374.
[95]Türk tarihi ve hukuk, s.64.
[96]Türk tarihi ve hukuk, s. 66.
[97]W. Eberhard,Eski Çin felsefesinin esasları, DTCF Dergisi Ⅱ, 2 (1944), s. 265- 274; W. Eberhard, Çin tarihi, s.45.
[98]M.Özerdim,Chou’larda Türklerden gelen Gök dini, Belleten, sayı 105(1963), s. 1-3. W.Eberhard,Eski Çin Kültürü ve Türkler, DTCF dergisi,Ⅰ, (1943), s. 21-29, W. Eberhard,Ülkü, sayı 92, s.166.
[99]W.Eberhard, Eski Çin felsefesinin esasları, s. 268. M.Özerdim, s. 19.
[100]W.Eberhard, Eski Çin felsefesinin esasları, 270, S.M.Arsal,Türk Tarihi ve hukuk, s. 64.
[101]W.Eberhard, Çin Tarihi, s.61. O.Franke, Geschichte des chiinesischem Reiches Ⅰ, 1930, s.124, 126.
[102]Lun-yü, Çince, Tai-pei, 1963, s.232.
[103] خەنزۇچىدىكى «تيەن» سۆزىنىڭ تۈركچە «تەڭرى» سۆزى ئىكەنلىكىنى 1934- يىلى گ.ئا. بارتون تەرىپىدىن بايان قىلىنغان ئىدى. «بەللەتەن»، 20- سان، 445-بەت.