ھازىرقى زامان مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر پروزىچىلى (سۆھبەت خاتىرىسى)

2004 – يىلى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەزكۇر ئاكادېمىيىدە «ھازىرقى زامان مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى. ھەبىبۇللا ئابدۇسالام بۇ قېتىملىق ئىلمىي سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش مەقسىتى، يەتمەكچى بولغان نىشانىنى كۆپچىلىككە بىر قۇر ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بەس – بەستە ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلىشتى.
ئابدۇرازاق تۆمۈر: مەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئالاھىدىلىكى روشەن، مىللىي خۇسۇسىيىتى قويۇق، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، يوللىرى كەڭ بىر ئىلمىي ساھە بولۇپ، پۈتۈن ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئېلىمىز 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قاتار تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زامانىۋىلىشىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنە شۇنداق ۋەزىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭدىكى زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ زامانىۋى مۇھىتتىكى كۆپ خىل ھالەتلىرىنى چۈشىنىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى مۇھىم پەن تارمىقى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشنى ئالاھىدە تۈر قىلىپ بېكىتتى ھەم مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى. بۈگۈنكى بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىمۇ دەل ئەنە شۇنداق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئۆزئارا گىرەلىشىۋاتقان شارائىتتىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېچىپ بېرىش، ئۇ ھەقتە بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئاخىرىدا مەن ھەرقايسىڭىزلارنىڭ يىغىنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
شارىپقان: يېقىنقى 20 30 يىللاردىن بېرى بىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى. بولۇپمۇ پروزىچىلىقتىكى رومان ئىجادىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى. لېكىن بۇ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇش، تەتقىق قىلىش يېتەرلىك ئەمەس، تەتقىقاتتا يېڭىچە مېتود، يېڭىچە تونۇش كەم. بۈگۈنكى بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى يېڭىچە بىر تەتقىقات مېتودى بىلەن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان. مەن يولداشلارنىڭ تارتىنماي ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەبىبۇللا ئابدۇسالام: بۇ تېما ئىنستىتۇتىمىزنىڭ تەتقىقات تۈرى بولغان «ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىدىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقى» ناملىق تەتقىقات تېمىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىزگە مەلۇمكى، 20 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئاساسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن قوشۇلۇشقا يۈزلەندى. بۇ خىل ئۆزگىرىش كۆپىنچە پروزىچىلىقنىڭ رومان ئىجادىيىتىدە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا يانداش ھالدا بىرقىسىم تەتقىقاتچىلىرىمىز، ئوبزورچىلىرىمىز ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژ، مۇھىت، باش تېما، مەزمۇن، شەكىل قاتارلىقلار ئۈستىدە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز ئالدىنقىلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغان ھالدا ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ھەققىدە يېڭىچە نۇقتىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
نۆۋەتتە، مەدەنىيەت ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەدەبىياتمۇ مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولغانىكەن، ئەدەبىيات مۇشۇ مەدەنىيەت ئاساسىدا يارىتىلىدۇ. مەدەنىيەت ئەدەبىياتنى مۇنبەت تۇپراق، مىللىي گىن، شەرت – شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. قانداق مەدەنىيەت بولسا شۇنداق ئەدەبىيات بارلىققا كېلىدۇ. بىز دەۋاتقان ئەسەرنىڭ مىللىيلىكى ۋە دەۋرىيلىكى دەل شۇ ئەسەرنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىيات شۇ مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ھەر خىل ھالەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات بىلەن مەدەنىيەت بىر – بىرىگە بېقىنىدۇ. بىر – بىرىگە تۈرتكە بولىدۇ. يېڭىچە نۇقتىدا تۇرۇپ يېڭىچە تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پروزا ئەسەرلىرىنى مەدەنىيەت مۇھىتىغا قويۇپ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش، ئۇيغۇر پروزىچىلىقى بىلەن پەلسەپە، مىللىي مەدەنىيەت، تاشقى مەدەنىيەت، شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىن كېيىنكى ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە مەزمۇن ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ شەكىللىنىش ۋە گۈللىنىش جەريانى، تەجرىبە – ساۋاق، قانۇنىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ، پروزىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئامىللارنى تېپىپ چىقىش بىزنىڭ بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزدىكى مەقسىتىمىزدۇر. بۇ تېما ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىش بىزنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئىزلىنىشىمىزنىڭ بىر قىسمى.
غەيرەتجان ئوسمان: قەدىمدىن بېرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۆز دەۋرى، ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىغا يارىشا نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. يېقىنقى 20 30 يىل مابەينىدە ئەدەبىياتىمىزمۇ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇپ، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلدى. سان – سۈپەت قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، پروزىچىلىقىمىزدىكى 125 پارچىدىن ئارتۇق رومان، 300 دىن 500 پارچىگە يېقىن ھېكايىلەر توپلىمى ۋە نەچچە يۈز پوۋېست ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەلۇم سەۋىيىگە ۋە سۈپەتكە لايىقلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مانا مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش، ئۇلاردا ئەكس ئەتكەن ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىمىزدۇر. ئەگەر بىز يېڭىچە مېتود، يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن بۇ ھادىسىلەرگە يېتەكچىلىك قىلمىساق، ئەدەبىياتىمىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ ياكى يېڭى دەۋرگە ماسلىشالمىغان بولۇپ قالىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇچۇر دۇنياسىدا يەنە تور ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت يېڭىچە بىر ھادىسە كېلىپ چىقتى. بۇ ئەھۋالدا بىز يەنە بىرقىسىم ئەسەرلىرىمىزنى، تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنى تور دۇنياسىغا كىرگۈزۈپ، باشقىلارغا تونۇشتۇرساق، جاھان ئەھلىمۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن خەۋەردار بولىدۇ. بىزمۇ دۇنياۋى سەۋىيىگە ياندىشىپ ماڭغان بولىمىز. ئاخىرىدا قىلماقچى بولغان يەنە بىر سۆزۈم، پروزىچىلىقىمىز تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە كاتالوگ ئىشلەپ، ئۇنى مەتبۇئاتتا ھەم توردا ئېلان قىلسا، شارائىت يار بەرسە بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدە قىسقىچە بىر دوكلات خاراكتېرلىك خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلسا، تورغا كىرگۈزسە ئۈنۈمى ياخشى بولارمىكىن دەيمەن. ئاكادېمىيىنىڭ بۇنى مۇھىم تەتقىقات ۋەزىپىسى سۈپىتىدە ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئابدۇشۈكۈر تۇردى: ئاكادېمىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاكادېمىيىگە قاراشلىق بۇ ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئاساسەن كلاسسىك ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلغانىدى. لېكىن ئەڭ مۇھىم تەتقىقات تۈرى بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بوش قالغانىدى. بۈگۈنكى بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى تەتقىقات ئىنستىتۇتىمىزنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىدىكى مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش دەپ قارايمەن. مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئەسەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ماكان – زامان مېتودى بويىچە تەتقىق قىلىش كېرەك. پروزىچىلىقىمىز سان ھەم سۈپەت جەھەتتە خېلى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلار ئاز. مۇشۇنداق سورۇن ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزئارا ئۆگىنىپ، تەتقىقاتقا كىرىشسە دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ئابدۇبەسىر ئابدۇشۈكۈر: مەن مۇنداق ئىككى مەسىلىنى ئويلاۋاتىمەن. بىرى، ئومۇمىي پروزىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۆنىلىشىنى توغرا تەسۋىرلەپ چىقىش كېرەك. يەنى ھازىرغىچە بولغان پروزىچىلىقىمىزدىن ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇلار ئۈستىدە كاتالوگ تۇرغۇزۇش كېرەك. بۇلار ئۈستىدە بىرقىسىم ئەمگەكلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇلار ئەسلا كۇپايە ئەمەس. بۇ خىزمەتنى مېنىڭچە ئاكادېمىيىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئۈستىگە ئالسا ياخشى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. يەنە بىرى، ئۇيغۇر پروزا ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلار ھەم تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ ھالەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىزدە بىر تۈركۈم تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق بولمىسا جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بۇلاردىن خەۋەرسىز قالىدىكەن. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ بىر قىيىن خىزمەت. ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارساق بۇ خىزمەتمۇ پۈتۈپ قېلىشى مۇمكىن.
ئابدۇقادىر جالالىدىن:
بىز ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكىنى، جۈملىدىن پروزىچىلىقنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ بىر مەسىلە. پروزا ھەققىدە دۇنيادىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرلىرى بار.
ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ تەبىرى ھەققىدە ئاندا – مۇندا گەپلەر بولۇنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە دېيىلىۋاتقان سىستېمىلىق تەبىرلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەپ قارايمەن. بىز ئۇقۇم نۇقتىسىدىن بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. ئۇندىن باشقا بۇ تېمىدىكى «ھازىرقى زامان» دېگەن بۇ گەپنىڭ ئۆزىمۇ تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك. بىز مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن «ھازىرقى زامان» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى شەرھىيلىشىمىز كېرەك.
«ھازىرقى زامان» ياكى «زامانىۋىلىق» دېگەن ئۇقۇم بىلەن «ئەنئەنىۋىلىك» ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز زۆرۈر. بۇ ئۇقۇملار ئايدىڭلاشمايدىكەن نەزەرىيە تەتقىقاتىمىزدا چوقۇم مۈجىمەللىك كۆرۈلىدۇ. بىزنىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىمىز بىر خىل ئىستىخىيىلىك تەتقىقات، يەنى ئۇنۋانغا مۇنقەرز بولغان تەتقىقات. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دېمەكچى بولغان سۆز ئۇزىراپ كېتىدۇ. مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە مەسىلىنى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ كونكرېت نۇقتىدا تۇرۇپ ھەل قىلىش كېرەك. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيىدە تەتقىق قىلىمىز دەيدىكەنمىز ئۇنىڭغا يانداش ھالدا چوقۇم باشقىلارىڭ نەزىرىيىۋى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۇ ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ كۆزەينىكىدە، قىممەت ئۆلچىمىدە ئۆلچەيمىز دېگەنلىك ئەمەس.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولدى. بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش. لېكىن ھازىرقى بۇ ئەسەرلەرنىڭ تىماتىك مەزمۇنلىرى ئاساسەن ئوخشاش. بىزنىڭ ئوخشىمىغان شارائىتتىكى ئوخشىمىغان پسىخىكا، ئوخشىمىغان ئىدىيىلەرگە ئىگە بولۇشىمىز تەبىئى. بۇ ئەھۋاللارمۇ كەڭ كۆلەمدە ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. بازارغا ئۈلگۈرتۈپ كۆپ مەھسۇلاتلىق بولۇۋېلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ياخشى ئىستىل ئەمەس. بىز ياخشى، ئىسىل ئەسەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز دەيدىكەنمىز دۇنياۋى يازغۇچىلارغا ياندىشىشىمىز، ئۇلارنى ئۆرنەك قىلىشىمىز زۆرۈر. زوردۇن سابىركام دائىم «بىزدىمۇ >تىنچ دون< بولۇشى كېرەك» دەيتتى. دېمەكچى، زوردۇنكام دائىم ئۆزىنى شولوخوپقا سېلىشتۇرۇپ ئەسەر يازاتتى.
مېنىڭ ئاخىرىدا بېرىدىغان كونكرېت تەكلىپىم: ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكىلەر خەنزۇ، غەرب ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ماقالىلەرنى، ئوبزورلارنى تەرجىمە قىلىش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلسە، بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەزىرىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل خاراكتىرلىك ئىش بولاتتى، دەپ ئويلايمەن.
مامبەت تۇردى: يۇقىرىدا يولداشلار بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەققىدە ياخشى گەپلەرنى قىلدى. مېنىڭچە ئالدى بىلەن پروزا دېگەن نېمە؟ بىز زادى پروزىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدە پروزا قاچان باشلانغان دېگەنگە بىز كېسىپ بىرنەرسە دېيەلمەيمىز. بىزنىڭ چۆچەك، رىۋايەتلىرىمىزدە، ئەپسانىلىرىمىزدە پروزىنىڭ خۇرۇچلىرى بار. بىز شۇنىڭدىن ئوزۇق ئالغان. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كەلگەندە قېيۇم تۇردىنىڭ «قىزىل تاغ باتۇرلىرى»، «كۆرەشچان يىللار» ناملىق رومانلىرى مەيدانغا كېلىپ، خەلق بەس – بەستە سۆيۈپ ئوقۇغان. لېكىن بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بۇ رومانغا قارىساق، بۇ روماندىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ناھايىتى ساددا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. قانداقلا بولمىسۇن، قېيۇم تۇردى پروزىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى ئاز – تولا بولسىمۇ ئۆز ئىجادىيىتىگە كىرگۈزەلىگەن. ئۇنداقتا پروزا دېگەن نېمە؟ غەرب ئەدەبىياتىدا پروزا شۇنداق شەرھىيلىنىدۇ. پروزا تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا پېرسوناژنىڭ ئۆزلۈكىنى يارىتىش سەنئىتىدۇر. دېمەك، سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزدە پېرسوناژنىڭ ئۆزلىكى، خاراكتىرى قانچىلىك دەرىجىدە يارىتىلسا، سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز شۇنچىلىك سەۋىيىلىك چىققان بولىدۇ. ئۇنىڭغا قانچىلىك تارىخى شەخسلەرنىڭ قاتناشقانلىقى، قانچىلىك چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىمۇ ئۆزلىكى يارىتىلغان پېرسوناژلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: باقى، مەتنىياز، ياسىن مەدەك، ساراڭ، مۇختەرباي قاتارلىقلار. خەلق بۇلارنى سۆيىدۇ. ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلاردا ئۆزلۈك يارىتىلغان. غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە نەزەرىيە جەھەتتە ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. ئۇلارنىڭ پەرقى پەقەت ھەرىكەت قىلغاندىلا كۆرۈرىلىدۇ. ئىنسان مەلۇم ھەرىكەتنى باشلىغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكى، خاراكتىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۇلارنىڭ پائالىيىتى، ھەرىكىتى ئاساسى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا تاشقى ھەرىكەتكە قارىغاندا ئىچكى ھەرىكەتنى، پسىخىك ھەرىكەتنى ئاساس قىلىش كېرەك دەپ قارىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن پېرسوناژنىڭ روھى دۇنياسىنى، پسىخىك دۇنياسىنى قانچىلىك ياخشى يورۇتۇپ بېرەلىسە بۇنداق پروزا ئەسىرىنىڭ قىممىتى، سەۋىيىسى شۇنچىلىك ئۈستۈن بولىدۇ. غەرب ئەدەبىياتىدىكى كافكا، پرۇستى، جويىس دېگەن يازغۇچىلار ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلار سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ غەرب ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ئىنساننىڭ پسىخىك ھەرىكىتىنى ئىنتايىن چوڭقۇر قازغانلىقىدا.
تايىر ھامۇت: ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدە ئەدەبىياتقا زىيادە يۈك يۈكلىۋېتىش ۋە يازغۇچىنى مەلۇم بىر قېلىپقا سېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنىڭغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتەك زىيادە مۇستەبىتلىك قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت يازغۇچىنىڭ خۇسۇسى ئىشى. يازغۇچىنىڭ ئەمگىكى. ئاشۇ شەخسى ئىجادىيەت ئارقىلىق ئاندىن بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى روناق تاپىدۇ. خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى يارىتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە، ئەدەبىياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ كونا رامكىلاردىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەيلى زۇنۇن قادىرى، قېيۇم تۇردى ياكى زوردۇن سابىر بولسۇن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىغا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشقان. ئۇلارنىڭ تۆھپىسى تېمىدا كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى تېما شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تىلى، قۇرۇلمىسى، بايان، تەسۋىرى شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشتە تۆھپىسى بار دەپ قارايمەن. بۇ نۇقتىدا ئۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. تېما ۋە بەزى جەھەتتىكى ئىنكار قىلىشقا تېگىشلىك يەرلىرىنى ئىنكار قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مېنىڭ بىرىنچى پىكرىم.
ئىككىنچى پىكرىم، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىر ئورتاقلىقنى شەكىللەندۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باش تېما مەسىلىسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باش تېمىسى زادى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باش تېمىسىدا قانداق مۇھىم مەسىلىلەر ھەل قىلىنسا بولىدۇ؟ ياكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھازىرغىچە قانداق بىر باش تېمىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر ئىنتايىن مۇھىم.
ھەرقانداق بىر ئەدەبىيات تەتقىقاتى، تەنقىتچىلىكىدە مۇنداق تۆت مەسىلە بولىدۇ. ① شۇ يازغۇچى ئەسىرىنىڭ باش تېمىسى قانداق باش تېما؟ باش تېمىسى يېڭىمۇ؟ كونا بولسا بۇنى بىز ئىككىنچى مەسىلە دەيمىز. ئەگەر كونا بولسا ئۇنى قانداق بىر شەكىلدە ئۆزگىچە ئىپادىلىدى؟ ئەسەرنىڭ باش تېما مەسىلىسى تەھلىل قىلىنىشى كېرەك. بىر ئەسەرنى تەھلىل قىلىشتا بۇ مۇھىم. ② بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى قانداق؟ قۇرۇلمىسىدا يېڭىلىق بارمۇ يوق؟ ئەگەر مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن ئەسەر بولسا، خۇددى نەۋائىي يازغاندەك ياكى باشقىلار يازغاندەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەكرارلانغان «پەرھات – شىرىن»غا ئوخشاش ئاشىق – مەشۇقلار تېمىسى بولسا، ئاشۇنداق ئوخشاش مۇھەببەت تېمىسىدا ئىككىنچى بىر ئادەم يېزىپ قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشتى؟ قۇرۇلما ياكى تىل جەھەتتە قانداق يېڭىلىق ياراتتى. ③ قەدەمدە بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قاتارىدا بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدىن قانداقراق يارىتىلغان؟ مەسىلەن: زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» ناملىق ئەسىرىنىڭ بۇرۇن يازغان «ئىزدىنىش» ناملىق ئەسىرىدىن قانداق پەرقى بار؟ قانداق ئىلگىرىلەش بولدى؟ بۇ يازغۇچى يازغان ئەسەرلىرىدە قانداق بىرنەرسىنى قوغلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش، ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا قانداق بىر خىل يولنى تۇتۇپ مېڭىۋاتىدۇ؟ بۇلارنى بىلىش كېرەك. ④ بۇ ئەسەرنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى زادى نەدىن – نەگىچە؟ بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىر يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەر ئىچىدە قانچىلىك ئورۇن تۇتىدۇ؟ قىممىتى نېمە؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئېنىقلىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ تۆت نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا ئاندىن بۇ ئەسەرگە نىسبەتەن ئەتراپلىق باھا بەرگىلى بولىدۇ. تەنقىدچىلىكنىڭ تۈپ پرىنسىپى مانا مۇشۇلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ھازىر تەنقىدچىلىكىمىزدە ھەدېسىلا ئەسەرنىڭ باش تېمىسى، قۇرۇلمىسى، ئۇنىڭ شۇ ئەدەبىياتتىكى ئورنى بىلەن كارى بولماي ئادەمنى تەنقىد قىلىدىغان، ئاندىن ئۇششاق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ھۇجۇم قىلىدىغان، ھۇجۇمنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋال بار. بۇ ئەھۋالمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى، تەتقىقاتىدا ناھايىتى گۆدەك، پىشمىغان، ئىلمىي بولمىغان كۆز قاراشلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىشىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ئەسەرگە نىسبەتەن تەھلىل ئېلىپ بارغاندا چوقۇم بىر ئەتراپلىق، ئىلمىي، ھەق بولغان بىر نەرسە بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. بەزى ئوبزورچىلارنىڭ شەخسكە ھۇجۇم قىلىش، ھاقارەتلىشى سەۋەبلىك كىتابخانلارمۇ ئەسەر بىلەن ئاپتورنى بىرلەشتۈرۈۋالىدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش پۈتكۈل كىتابخانلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەسەر خەلققە تەقدىم قىلىنغان نەرسە، ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتى. يازغۇچىنىڭ ئەسىرى بىلەن ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىنى باغلاپ چۈشەندۈرۈش بۇ ئەسەرنىڭ، ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ دەسلەپكى، ئەسلى نىشانىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى پىكرىم.
ئۈچىنچىسى، مەن ئۆزۈم مەدەنىيەت كەسپىنىڭ بىرقىسمى بولغان فىلىم ئىشلەش، رىژىسسورلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن. لېكىن ئۆزۈمنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئەدەبىيات. بىزنىڭ ھزىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇر پروزىلىرى بازاردا زادى قانچىلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىۋاتىدۇ؟ بۇنى خەلق قانداق قوبۇل قىلىۋاتىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەردە مېنىڭ ئانچە – مۇنچە تەجرىبەم بار. كىشىلەرنىڭ كىنو – تېلېۋىزىيەنى قوبۇل قىلىشى ھەم بەرگەن باھاسى ئەدەبىياتقا بەرگەن باھاسىغا قارىغاندا بىرئاز كەڭدى. تارقىتىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن دېھقانلار كۆرىدۇ. ئەمما ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قىزىقىدىغان ئادەم ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىزچىل مۇشۇ چەمبىرەك ئىچىدە مېڭىپ كەلدى. يەنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى ئىستىمال قىلىدىغان ھالەتتىن قۇتۇلالمىدى. تىراژى 10 مىڭ 20 مىڭغا يېتىدىغان ئەسەردىن قانچىسى بار؟ ئەمما كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە نۇرغۇن سېتىلغان ئەھۋال بار. مەسىلەن: بىر فىلىم 5000 تال سېتىلسىمۇ 100 مىڭ، 200 مىڭ ئادەم كۆرىدۇ. بەزىلىرىنى بىرنەچچە مىليون ئادەم قېتىم كۆرىدۇ. دېمەك مۇشۇ ئەسەرلەرگە بولغان باھادىن پروزىچىلىقنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتىغا ئايلانغان چاغدىكى ئەھۋالىغا نىسبەتەن بىر خىل ئىنكاس سۈپىتىدە پايدىلىنىش مۇمكىن دەپ قارايمەن. جەمئىيەتتە كورىيەنىڭ، شاڭگاڭنىڭ فىلىملىرى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر بىزدىن سىلەرمۇ ئاشۇنداق فىلىم ئىشلىسەڭلار بولمامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. لېكىن بىزدە ئاشۇنداق فىلىملەرنى ئىشلەشتە ئاساس قىلىدىغان پروزا ئەسەرلىرى يوق. ھازىرقى زامان تېمىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، كىشىلەرنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى مۇرەككەپ ھېسسىياتىنى، ئائىلە تۇرمۇشىنى، نىكاھ، ئائىلە، تۇرمۇش، ئەخلاقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىنتايىن چوڭ تېما ھەم ناھايىتى قىممەتلىك تىما. بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا نىكاھ، ئائىلە، تۇرمۇش ئىنتايىن مۇھىم نەرسە. مۇشۇ تېمىلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، كىنو – فىلىم ئىشلەشكە ئاساس بولالايدىغان ئەسەرلەرمۇ كەمدىن – كەم ئۇچرايدۇ. سىنارىيە يېزىش ئايرىم بىر كەسىپ. خېلى چوڭ يازغۇچىلاردىنمۇ سىنارىيە يازالايمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلار ئىنتاين ئاز. سىنارىيەنىڭ، كىنونىڭ تېخنىكىلىق تەرەپلىرىنى بىلىش كېرەك. بىلمەي تۇرۇپ يېزىۋاتقانلار ناھايىتى جىق. ئەمما ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىرى ئاز. لېكىن فىلىم قىلىپ ئىشلىسە خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىدىغان ئەسەرلەرنى تاپماق ناھايىتى تەس. سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش رېئاللىقىغا كەسكىن كۆز تىكىپ، رېئاللىقنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز. پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى، غايىسىنى پېرسوناژغا يۈكلەپ قويىدىغان ئەھۋاللار بىزدە ئېغىر. كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ لوگىكىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە رېئاللىققا ئۇيغۇن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئازراقلا رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان نەرسىنى كىشىلەر كۆرسە ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا بىز ياخشى ئەسەرلەرنى تاللايمىز. لېكىن ياخشى ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. خەنزۇلاردا، چەت ئەللىكلەردە ھازىر بازارلىق ئەسەر دەيدىغان نەرسە بار. بىزدە ھازىرغىچە تېخى ئاممىباپ ئەسەر دەيدىغان ئەسەرلەرمۇ يوق. بىز ھازىر يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرنى بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەر دەپ ھېسابلايمىز. لېكىن ھازىر خەنزۇلاردا نەچچە مىليون، نەچچە يۈز مىليون نەشر قىلىنىدىغان بازارلىق كىتابلار بار. ئۇ كىتابلارنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ئاددى، لېكىن ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ، جەلپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ مەدەنىيەت كەسپىگە ئايلىنىشىدا بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا باغلىنىدىغان، بىز قىلالمايۋاتقان تەرەپلەر بار. راستىنى ئالغاندا ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا يازغۇچىلارنىڭ رېئاللىققا بولغان تونۇشى ياكى رېئاللىق قانداق بولسا شۇنداق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بۆسۈش خاراكتىرلىك نەرسە كەم، ساختىپەزلىك، توقۇلما، ۋەقەلىكى قىزىقارلىق بولغان بىلەن ئادەمنىڭ روھى يوق ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ.
پەرھات تۇرسۇن: ھازىر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە بەزى ساغلام بولمىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بەزى ئوبزورلارنىڭ ئاپتورلىرى ئوبزورلىرىدا ھېچقانداق يېڭى پىكىر ئوتتۇرىغا قويمايدىغان، ئەسەرنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىنى قايتا بايان قىلىپ چىقىدىغان، ئەسەردىن نەقىلنى كۆپ ئېلىپ ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئوبزورلار چەت ئەللەردە بىرەر كىتابنىڭ بازارلىق بولۇشى ئۈچۈن نەشرىياتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شۇ ئەسەر ئۈچۈن يىزىلغان ئېلان – سەنئەت خاراكتىرلىك تونۇشتۇرۇشقا ئوخشايدۇ.
مېنىڭچە، ئوبزورچىلىقتا بىر ئەسەرنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئورنى تەھلىل قىلىنىشى كېرەك. ئەدەبىيات مەدەنىيەت ھادىسىسى. بىر ئەسەردە بىر پېرسوناژنىڭ مەلۇم ئوي – پىكىرلىرىنى، ياشاش شارائىتىنى، تەقدىرىنى تەسۋىرلەش ئەمەلىيەتتە ئاشۇ پېرسوناژ ياشىغان مەدەنىيەت مۇھىتىنى تەسۋىرلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ئەدەبىي ئەسەردىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى مەدەنىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. پېرسوناژنىڭ ئوي – پىكرى، ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئاساس بولغان مەدەنىيەت ئاساسى جەمئىيەتتىكى پسىخىك يۈزلىنىش، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى، بىر خىل ياشاش شارائىتىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەھلىل قىلىنىشى كېرەك.
بىزدە بىر خىل قىزىقارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى. مەسىلەن: ئەسىرىڭىزدا بىر ئوغرىنى تەسۋىرلىسىڭىز نۇرغۇن ئادەملەر سىزنى ئۇيغۇرنى ئوغرى قىلىپ يازسا قانداق بولىدۇ دەپ تەنقىدلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەرقانداق جەمئىيەتكە ئوخشاش خىلمۇ – خىل ئادەملەردىن تەركىپ تاپقانلىقى، ئۇنىڭدىمۇ ئوغرى، قاتىللارنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئەسەردە ئوغرىنى يىزىش ھەرگىزمۇ ئوغرىلىقنى تەشەببۇس قىلغانلىق ئەمەس. پېرسوناژ سۆزىنى ئاپتور سۆزى قىلىۋېلىش تېخىمۇ توغرا ئەمەس. بىز دوستويىۋىسكىنىڭ «جىنايەت ۋە جازا» ناملىق رومانىنى ئادەم ئۆلتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنغان رومان دېسەك توغرا بولامدۇ؟ روماندا بىر بىنورمال پېرسوناژنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كېيىنكى روھىي ئازابىنى تەسۋىرلىگەن. بىز بۇ يەردە باش پېرسوناژ راسكولىنكونىڭ ئوي – خىياللىرىنى، ئىدىيىسىنى دوستويىۋىسكىنىڭ دەپ قارىساق بولامدۇ؟ يازغۇچى ئەسەرنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى كېرەك. ئۇ ئەسەرگە كىرىۋالماي يۈز بەرگەن ۋەقە – ھادىسىلەرنى، ئىنسانلارنىڭ پسىخىكىسى، تەقدىرىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىشى كېرەك. يازغۇچىنىڭ ئەسەرگە كىرىۋېلىپ كۈچەپ ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.
بىزدە يازغۇچى نېمە يازسا شۇنى تەشەببۇس قىلدى دەيدىغان قاراش مەۋجۇت. يەنە جەمئىيەتتە تراگىدىيىلىك ھادىسىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ پېرسوناژنىڭ تراگىدىيىلىك ئاقىۋىتىنى يازغۇچىنىڭ گۇناھى قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئىشلارمۇ بار. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، پېرسوناژلار ئارقىلىق يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىزلىمەي، پۈتكۈل ئەسەر ئارقىلىق يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىزلەش كېرەك. چۈنكى يازغۇچى نۇرغۇنلىغان ۋەقەلىكلەر، پېرسوناژلار، تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى تۇرغۇزىدۇ. ھەتتا بەزىدە يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر خىل ھادىسە ياكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ماھىيەتلىك نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشمۇ يازغۇچىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەردە چوقۇم كۆز قاراش بايان قىلىشى زۆرۈر ئەمەس. بىزدە ئەدەبىياتتىكى بۇ خىل ئەڭ ئادەتتىكى بىر مەسىلە ھازىرغىچە ھەل بولغىنى يوق.
مەدەنىيەتتە پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھەم شۇ مىللەتكە ماس بولغان تەرەپلەر بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم بىر خىل شارائىتى، ئايرىم پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، ئايرىم تەپەككۇر شەكلى بار. بۇ نەرسىنى بىز تېخى تەتقىق قىلمىدۇق.
بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، ھەم ئورتاق مىللى روھى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكى ھەققىدە خاتا چۈشەنچە بار. مەسىلەن: ئەدەبىي ئەسەردە ماقال – تەمسىل كۆپ ئىشلىتىلسە، ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق كۆپ سۆزلىسە ئەسەرنىڭ مىللىيلىكى كۈچلۈك دەپ قارىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئەسەرنىڭ مىللىيلىكى ئەمەس ئۇ پەقەتلا سىرتقى كۆرۈنۈش، بىر خىل شەكىل. ئەمەلىيەتتە بىر ئەسەردە بىر مىللەتنىڭ پسىخىكىسىنى، ياشاش ئەھۋالىنى، بىر مىللەتكە ئورتاق نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار. بىز بۇنى تېخى ھېچقانچە تەتقىق قىلمىدۇق.
بىزدە پروزىچىلىقتا مەدەنىيەت توغرۇلۇق تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، بۇ تالاش – تارتىش سىرتقى شەكىلدىلا توختاپ قالىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، پسىخىكىسىنى پروزا ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەيمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تەپەككۇر ئۇسۇلى، پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك.
دىلمۇرەت ئۆمەر: مىنىڭ بىرىنچى دەيدىغىنىم مەن ئەدەبىياتچى ئەمەس. شۇغۇللىنىدىغىنىم ئىنسان مەدەنىيەتشۇناسلىقى. بۇ مېنىڭ ئەدەبىيات چەمبىرىكىگە تۇنجى قىتىم كىرىشىم.
زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر – بىرىگە قارشى ئورۇندا ئەمەس. بىز زامانىۋىلىشىش ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى يوقىتىش ياكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇش زامانىۋىلىشىشنى ئىنكار قىلىش دەپ قارىساق بولمايدۇ. چۈنكى «زامانىۋى»، ياكى «زامانىۋىلىق» بىر خىل نىسبى ئۇقۇم. مەسىلەن: 18 – ئەسىر 18 – ئەسىرنىڭ زامانىۋىلىقى، 19 – ئەسىر 19 – ئەسىرنىڭ، 20 – ئەسىر 20 – ئەسىرنىڭ، 21 – ئەسىر بولسا 21 – ئەسىرنىڭ زامانىۋىلىقى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۈگۈنمۇ كەلگۈسىنىڭ ئەنئەنىسى بولىدۇ. شۇڭا زامانىۋىلىق بىر خىل نىسبى ئۇقۇم.
ئەگەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بولمايدىغان بولسا بىر مىللەت باشقا مىللەتلەر توپىدا ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزىنى نامايەن قىلالمايدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يېڭى بىر خىل مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ. ئەگەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بولمايدىغان بولسا ئىمپورت قىلىنغان مەدەنىيەت ياكى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەر ۋە تۈزۈملەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تەس. ھەتتا كىشىلەر بۇ خىل مەدەنىيەتنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، زامانغا ماسلىشىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بولمىسا زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
ئەمدى ئەدەبىياتقا كېلىدىغان بولساق، مەيلى تەنقىدچىلىرىمىز بولسۇن ئەدەبىياتنى نوقۇل ئەدەبىياتنى چىقىش قىلىپ تەتقىق قىلسا يېتەرلىك بولمايدۇ. چۈنكى ئەدەبىيات مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى.
ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى: مېنىڭچە يازغۇچىدا مەلۇم ئىتىقاد بولۇشى كېرەك. بۇ قانداقتۇ دىن ياكى ئەخلاققا چېتىلغان ئىتىقاد بولۇپ قالماستىن بەلكى يازغۇچىنىڭ ساپ سەنئەتكە بولغان ئىتىقادى بولۇشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن ئەسەرلەر چىقىۋاتىدۇ. يازغۇچىلار ھازىر ئۆزىنىڭ مەۋقەسىنى سېتىۋاتدۇ. مەتبۇئات چوقۇم يازغۇچىلارغا باش بولۇشى كېرەك. چۈنكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرى ئارقىلىق مەتبۇئاتتىن ئىبارەت بىر مۇئەسسەسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مۇنداق بولغاندا ئاندىن ئەسەرنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ. ئەينى دەۋردە تىراژى 100 گىمۇ يەتمىگەن، ھازىر بولسا 2000 مىڭغىمۇ يەتمىگەن كلاسسىك ئەسەرلەر دۇنياۋى ئەسەرلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. ھازىر بىز زورلاپ 50 مىڭ 100 مىڭلاپ بېسىۋاتقان ئەسەرلىرىمىز قاسساپلارنىڭ گۆش يۆگەيدىغان قەغىزى، كىچىك بالىلارنىڭ يىرتىپ ئوينايدىغان كىتابى بولۇۋاتىدۇ. ئەسەرنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ قانچىلىك تىراژدا سېتىلىشىغا ئەمەس، بەلكى قانچىلىك ئاكتىۋال تېمىنى ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر ئەسەر پىكىر بىلەن پۇت تىرەپ تۇرىدۇ.
يەنە بىرى، ئوبزورچى مەسىلىسى. ئۆتكەندە بىز ئىشلىگەن بىر قىسقا، مەخسۇس فىلىمدا مۇھەممەت پولات ئاكا «مەن ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولىمەن» دەپ ناھايىتى ياخشى ئېيتتى. بۇمۇ بىر ئېسىل پەزىلەت. ھازىر بىزدە بىر – ئىككى پارچە ئەسەر ياكى ئوبزور ئېلان قىلسىلا مەن يازغۇچى، مەن ئوبزورچى دەيدىغان خاھىش مەۋجۇت. يازغۇچى، ئوبزورچى بولۇش ئۈچۈن، سەنئەتكار بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. مەن ئوبزورچىلىقتا دائىرىنى كېڭەيتىۋەتمەي بىر يازغۇچىنى، بىر شائىرنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلىپ باقسا دەپ ئويلايمەن. بىزدە «قۇم باسقان شەھەر» توغرىسىدا بىرمۇنچە ماقالىلار چىقتى. ئۇندىن كېيىن تۇيۇقسىز بىرەر دراما، كىنو سىنارىيىسى، بىرەر ئىتوت ياكى نەسىر ياخشى چىقىپ قالسا تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى شۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشقا ئېغىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ياخشى ئىستىل ئەمەس. بىزدە مەمتىمىن ھوشۇرشۇناسلىق، زوردۇن سابىرشۇناسلىق، مۇتەللىپشۇناسلىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق بارلىققا كەلسە، ھەتتا قولىغا قەلەم ئالغىلى بىر – ئىككى يىل بولغان ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىدىغان ئىلمىي روھ بولسا بۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمى جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا بىر تەتقىقاتچى مەخسۇس بىر يازغۇچى ياكى سەنئەتكارنى تەتقىق قىلسا بۇ خىل تەتقىقات ئۆزىمىزگىمۇ، چەت ئەلگىمۇ يارىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئوبزورچىلىقىمىز مەخسۇسلاشمايدىكەن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
يەنە بىر يىتەرسىز تەرەپ، ئوبزورچىلىقىمىز 90 – يىللارغا كەلگىچە ساپ ئوبزورچىلىق ھالىتىدە ماڭغان دېيىشكە بولىدۇ. مەيلى روسىيەنىڭ ياكى ياۋروپانىڭ ئەندىزىسى بولسۇن، ئوبزورچىلىقىمىزدا مىللىي تەركىپ، ئەدەبىياتىمىزغا بولغان ساپ مۇھەببەت بار ئىدى. ئۇندىن كېيىن ئەدەبىياتىمىزغا ئىنسانشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، ئاخبارات ئارىلىشىپ داشقايناق ھالەتكە كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە چوڭ – چوڭ رومانلار، يىرىك ئەسەرلەر ئۈستىدىكى ماقالىلەرنى كۆرسەك ئۇنىڭدا ئەدەبىياتنىڭ ھېچقانداق قىممەت قارىشى يوق. شۇڭا ئوبزورچىلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنى ئاساسى نۇقتا قىلىش كېرەك. ئۇنى باشقا ساھەلەرگە باغلاپ تەتقىق قىلىش بولسا، شۇ ساھەلەردىكى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئىشى. مەدەنىيەتشۇناسلار مەدەنىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلار ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلسۇن، تارىخشۇناسلار تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلسۇن، ئوبزورچىلار ئەدەبىياتنىڭ ئەقەللى قانۇنىيەتلىرى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقى ئۈنۈمنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەدەبىياتتىكى پىكىر مەسىلىسى، سەنئەتكار بولغان ئادەم چوقۇم پىكىر قىلىشى كېرەك. ئەمما بۇ پىكىرنى مەلۇم پەيلاسوپنىڭ ئىدىيىسىدىن، مەلۇم دۆلەتنىڭ تۈزۈمىدىن، مەلۇم دىنى ئىتىقادتىن ئالسا بولمايدۇ، ئۇ پىكىرنى ئۆزى ھېس قىلىپ يەتكەن نۇقتىدىن ئېلىشى كېرەك. بىز تۇرمۇشنىڭ بىز ئۇچراشقان نۇقتىسىدىلا ئوبراز ياراتساق بۇ ھەقىقى جىلۋىدار ئەدەبىيات بولىدۇ. ئەدەبىياتنى پەلسەپىۋىلەشتۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر چاكىنىلىق. بۇ ئىككىسىنىڭ ئورنى ئايرىم. ئەدەبىيات ئوبراز بىلەن ھەپىلىشىدىغان سەنئەت. پەلسەپە ئەقىل تىپىدىكى نەرسە. تەپەككۇر بىلەن ماڭىدۇ، بۇ يەردىكى تەپەككۇرمۇ ئابىستراكىت تەپەككۇر. ئەدەبىياتتىكى تەپەككۇر بولسا ئوبرازلىق تەپەككۇر. بۇ ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويساق قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن ھەقىقى ئەدەبىيات بولىدۇ. بۇ مىنىڭ يازغۇچىنىڭ پىكرى ھەققىدىكى قارىشىم.
يازغۇچىلارنىڭ قىممەت قارىشى مەسىلىسى، ئەدەبىيات چەكسىز، كەڭ ساھە. بىز تالانت ئىگىلىرىنىڭ، بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ، شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشى ئارقىلىق ئىجادىيەتكە، سەنئەتكە خاس تەرەپلەرنى بايقايمىز. ئەمما بايقىغاننىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ قويساق دورامچى بولۇپ قالىمىز. مەلۇم بىر يازغۇچىغا تەقلىد قىلىش ئەدەبىياتنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ.
مۇھەممەت پولات: مەن بىر تەكلىپنى بەرمەكچى. ئەدەبىياتىمىزدا پروزا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتتى. رومانچىلىق پروزىمىزدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتتى. ئەدەبىياتشۇناسلار بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى رومان بىلەن ئۆلچىنىدۇ دەيدىكەن. رومان ئۆزىگە خاس دۇنيا، بىر مىللەتنىڭ مىللىي ھاياتىنى، تارىخى، پسىخىكىسى، ئەقىدىسىنى رومانچىلىقتا ئەڭ كەڭ، روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا مۇھاكىمىنى بىرىنچى قىتىم پروزىمىزنىڭ رومانچىلىق ساھەسىدىن باشلىساق دەيمەن. مەسىلەن: تېماتىك مەزمۇنغا قاراپ بىرەر ساھەنى تەتقىق قىلساق، تارىخى تېما ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رومانلارنى بىر تېما قىلساق، ئاندىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى (تەرەققىيات يولى دېگىنىمىز بىزنىڭ دەسلەپكى رومانچىلىقىمىز بارلىققا كەلگەن مەزگىلدىكى ئەھۋال بىلەن ھازىرقى تەرەققىياتنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ مەزمۇن، بەدىئىي مۇرەككەپلىكى، بەدىئى ئىستېتىك قىممىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى) ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇ بىر مۇھىم مەسىلە. دەۋرىيلىكنى كۆزدە تۇتقاندا ھازىرقى دەۋرنى يېڭى تەرەققىيات دەۋرى دەيدىغان بولساق، يېڭى تەرەققىيات دەۋرىدە، رېئال ھاياتتا ياشاۋاتقان ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ قەلب دېئالىكتىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇشۇنداق رومانلارمۇ بار. كىشىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى رېئال ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەسەرلەرمۇ بار. ھەممىسىنى ئايرىم مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق رومانچىلىقىمىزنىڭ بىر پۈتۈن سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتقىقاتچىلارنى كونكرېت بىرنەرسىگە جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.
ھەبىبۇللا ئابدۇسالام: مېنىڭچە يىغىن ناھايىتى ياخشى بولدى. كۆپچىلىككە مەلۇم بولسا كېرەك، 80 – يىللاردا ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىدا بىر تۈركۈم پىشقەدەم تەتقىقاتچىلار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. مەسىلەن: «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ يەشمىلىرىمۇ شۇ مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن. 90 – يىللارغا كەلگەندە بۇ پىشقەدەم ئالىملارنىڭ بىر – بىرلەپ ئايرىلىشى ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ رەھىمسىز زەربىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەتقىقاتچىلار قوشۇنىدا ئۈزۈكچىلىك يۈز بەردى. 21 – ئەسىرگە كىرگەندە ياخشىلىنىش بولدى. بىزدە تەتقىقاتچىلار بەزى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئاكادىمىيە پارتكومىمۇ بىزنى قوللاۋاتىدۇ. بىز ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملار بۇنىڭدىن كېيىن قولىمىزدا بار بولغان شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشساق، بۇ جەرياندا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك. مۇتەخەسسىسلەرمۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوللاپ بەرسە، دەپ ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنە بىر قېتىم ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلارغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتىمەن.