دەۋر، خانىم-قىزلىرىمىز ۋە كىيىم-كېچەك

ھەسەنجان ئابلىز

بىز كونىلاردىن ‹‹كىيىم-كېچەك ئىنسان زىننىتى››، ‹‹ئادەم سەتى ئەمەس، كىيىم سەتى›› دېگەنگە ئوخشاش ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھايات تەجرىبىلىرى ۋە تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى نېمە ئۈچۈن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىدىن ياكى ئەجەبلىنەرمىز ۋەياكى مەمنۇنىيەت ھېس قىلارمىز. ئەمەليەتتىمۇ، يۇقىرىقى ئىبارىلەرنىڭ ھېكمەتلىك دەپ ئاتىلىشى ھەرگىز ئورۇنسىز ئەمەس. تەن ئۈستىگە كىيىلگەن ھەر بىر قۇر كىيىم، ئارتىلغان ھەر بىر قۇر زىبۇزىننەت ئۆز قىممىتى ۋە خاس بەلگىسى بىلەن ئىنسان كۆزىدە بىر ماددىي بۇيۇملا ئەمەس، بەلكى ئىنسان سىرلىرىدىن، سالاھىيەت بەلگىلىرىدىن، ئاڭ قايناملىرىدىن ۋە دەۋر خاتىرىلىرىدىن دېرەك بەرگۈچى‹‹جاھاننامە ئەينىكى›› ھېسابلىنىدۇ. ھەر كىشىنىڭ كىيگىنى مەيلى نە مەقسەت، نە خىيال ۋە نە ئۈمىدتە كىيىلگەن بولسۇن، ئۇ ھامان ئىنسان روھىي دۇنياسىنىڭ كۆزنىكى ۋە ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ئارخىپى سۈپىتىدە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلاملىرىدا ۋە ھالقىلىرىدا ساقلىنىپ قالىدۇ.

بىز يىراق زامانلاردىن باشلانغان ئىنسانىيەت تارىخى ۋە مەدەنيىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنستىن تەشكىللەنگەن ئىنسانىي تۇرمۇشنىڭ، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ۋە مەدەنىيەت چايقالمىلىرىدا رەڭگارەڭ تۈس ئېلىپ، تۈرلۈك تۈمەن مىڭ خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلاملىرى ۋە ھالقىلىرىنى بەرپا قىلغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. چوڭقۇرلاپ كۆزەتكىنىمىزدە، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانىي تۇرمۇش ئالاقىسى ئەڭ دەسلەپتە يەنىلا كىيىم ئارقىلىق ئۆزئارا ھايانى ئىپادىلەشنى، ئاندىن كىيىم ۋاسىتىسىدە نورمال تۇرمۇش تەرتىپلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. كىيىمنىڭ ئىنسانىي ئەخلاق سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولى شۇ ئاساستا بارا-بارا ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە زىننەتلەش رولىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇشتەك قوشۇمچە رولىنىمۇ بەرپا قىلغانىدى. تارىخنىڭ تىنىمسىز دەۋر ھالقىلىرىدا، كىيىم-كېچەك ئىنسان تۇرمۇشىنى رەڭگارەڭ بوياقلار بىلەن بېزىگەندىن سىرت، ئۇ يەنە ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى‹‹مەدەنىيەت ئەلچىسى››ۋە ‹‹ئوبراز ئەلچىسى››مۇ بولۇپ كەلگەنىدى. ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى، تىل ئالاقىسى راۋان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كىيىم-كېچەكتىن ئىبارەت تىلسىز ئەمما ئىنتايىن ئۈنۈملۈك مەدەنىيەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز مىللىي بەلگىلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىگە ياكى تارىخ بېتىگە قالدۇرۇپ قويۇشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى. كىيىم-كېچەكنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىي رولى ئوخشىمىغان ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ مىللىي بەلگىلىرىنى ئەڭ دەسلەپ كىيىم-كېچەك ۋاسىتىسىدە تۇراقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى. بۇ خىل ئېھتىياج يالغۇز زىننەتلىنىش ۋە بېزىلىش سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە تارىخ سەھنىسىدىكى ۋە دەۋر قايناملىرىدىكى ئۆز ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشتەك مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ بولغانلىقىدىن ئىدى. بۇ خۇددى خانىم-قىزلارنىڭ كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئۆز خاسلىقى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشى ياسىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇھىمى ياسىنىش كېرەكلىكىدىن ۋە زۆرۈرلۈكىدىن بولغىنىغا ئوخشايتتى. ئاياللارغا پەرداز زۆرۈر بولغىنىدەك، ھەر بىر ئىنسان تۈركۈمىگىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئالاقىلىرىدە ۋە مەدەنىيەت سەھنىلىرىدە خاس مىللىي كىيىم بەلگىسى ئارقىلىق پەردازلىنىپ تۇرۇشمۇ شۇنچە زۆرۈر ۋە شۇنچە مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئىنسان تۈركۈمى مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان زامانلاردىن بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن، سىرتقى دۇنياغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى باشقىلار تىلسىز ۋە ئىشارەتسىزلا چۈشىنىدىغان كىيىم-كېچەك ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىپ كەلدى. بۇ جەرياندا، خانىم-قىزلارنىڭ پەردازلىنىش ئېھتىياجى ۋە سالاھىيەت، تەبىقە ئېھتىياجى مەدەنىيەت خاسلىق ئېھتىياجى سۈپىتىدە خاراكتېرلەنگەن مىللىي ئورتاق چەمبىرەكتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بارا-بارا مىللىي خاسلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. خانىم-قىزلارنىڭ مەلۇم بىر دەۋردە نېمىنى مودا ئېقىم سۈپىتىدە كىيگىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە نېمە ئاڭ، ئېقىمنى قوبۇل قىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خانىم-قىزلارنىڭ ھەر بىر دەۋردىكى كىيىم-كېچىكى ۋە ياسىنىش-تارىنىشى مەدەنىيەت خاسلىقىنىڭ خاراكتېرىدە نېمە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇھىم كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

بىز قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا كۆز يۈگۈرتكىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ تارىختا شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ تۈگۈنى بولغان بۇ زېمىندا ياشاش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن يېڭىلىققا ئىنتىلىشچان، ئېچىۋېتىشقا مايىل ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ھېرىسمەن مەدەنىيەت خاراكتېرىنى ھېس قىلالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ‹‹ئىنسانىيەت دىنىي تەسەۋۋۇرلار مۇزىيى››دەپ تەرىپلەنگەن بۇ زېمىندىكى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ھەقىقەتەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈلگىلىك نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدىن ئىپتىخارمۇ ھېس قىلىمىز. گەرچە بىز يىراق زامانلاردىكى دەۋر خاراكتېرلىرىنى، كىشىلەر تەسەۋۋۇرلىرىنى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىلىرىنى ھازىرقى زاماندا تۇرۇپ بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالمىساقمۇ، ئەمما شۇ زامانلاردا خانىم-قىزلار كىيگەن كىيىم-كېچەكلەر ۋە زىبۇزىننەتلەر ئارقىلىق، دەۋرنىڭ ئاڭ ئېقىمىدىكى زىل ئۆزگىرىشلەرنى، جەمىيەت قۇرۇلمىلىرىدىكى تاناسىپ بۆلەكلەرنى شۇنداقلا شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ پسىخىك سىرلىرىنى بىلىشكە ۋە ھېس قىلىشقا يول ئاچالايمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ، مەلۇم بىر دەۋردىكى ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش خانىم-قىزلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە ئىپادە قىلىنماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئېسىلغان ھەر بىر ھالقىنىڭ پاسونىدىكى ئۆزگىرىش، كىيىلگەن ھەر يوپكىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە پاسونىدىكى ئۆزگىرىش، كېسىلگەن ياكى ئۆرۈلگەن چاچ پاسونلىرىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خانىم-قىزلارنىڭ شۇ دەۋردىكى ھالىتىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شۇ دەۋرنىڭ خاراكتېرىدىنمۇ ئۇچۇر بېرىدۇ.

بىز 20–ئەسىر ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش ھالەتلىرىنى كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ئۆز كىيىم-كېچەكلىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىۋاتقان ئاڭ، ئېقىم تەسىرلىرىنى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ۋە دەۋر قىياپەتلىرىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا،20-ئەسىر ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ كەسكىن مۇنازىرسى باشلانغان ۋە كەسكىنلەشكەن مەزگىللىرى ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىن بېرى ئۇزۇن مەزگىل دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە بۇرۇقتۇرما ھالەتتە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دەۋر قىياپەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنىڭ تۈرتكىسىدە، بەس-بەستە ئىجتىمائىي تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈپ، 20-ئەسىر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلىرىدىن يەتكۈچە بەھرىلەندى. خانىم-قىزلارنىڭ ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشلىرى يەنىلا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە ئىپادىلەندى. بۇ جەرياندا، ئەنئەنىۋى كىيىملەر ئاساسىي يۈزلىنىش بولغان ئەھۋالدىن بارا-بارا رۇسچە كىيملەر ۋە غەرب كىيىملىرى مودا ئېقىم بولغان يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى تاكى 60-يىللارغىچە، زامانىۋى مائارىپ تەربىيىسىدە قوراللانغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى رۇسچە كىيىم-كېچەكلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى مودا سۈپىتىدە كىيىشكە يۈزلەندى. گەرچە ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى››نىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بۇ خىل مودا ئېقىم بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما 80-يىللاردىكى ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، يەنە ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە قايتتى. ئەمما بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئەھۋال شۇكى، گەرچە بۇ مەزگىللەردىن باشلاپ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى غەربچە كىيىم-كېچەكلەرنى بەس-بەستە مودا قىلىپ كىيگەن، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىيىم-كېچەككە بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما تارىختىن بېرى ئىزچىل دەۋر ئېقىملىرىغا ماسلىشىپ، ئۆز پاسون-نۇسخىلىرىنى ئۆزگەرتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر بۇ مەزگىللەردە تۇرمۇش قايناملىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، سەھنە كىيىملىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ بۇ خىل ئۆزگىرىش شەھەرلەردە ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى. ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ زامانىۋى غەرب كىيىملىرىگە ئورۇن بوشىتىشى گەرچە زاماننىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېقىم بولسىمۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى مۇراسىم كىيىملىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا مەدەنىيەت ئىستېمالى سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. بىراق يېڭىدىن يېڭى ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، مودا ئېقىم يىلدا ھەتتا ئايدا ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە، گەرچە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز دوپپا، ياغلىق قاتارلىق باش كىيىملىرى ھەم ئەتلەستىن تىكىلگەن كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ بىزگە ئۈلگە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھال ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنالمىدى. ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر يەنىلا بوينىنى قىسىپ قالدى. تارىختىن بېرى، مىللىي كىيىم-كېچەكلەر ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىنى ساقلاشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر تېز بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىق ئامىللىرىنى قانداق شەكىلدە بىرلەشتۈرۈشنى قايتىدىن ئەقلىيلىك ئاساسىدا ئويلىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر، ئەلۋەتتە.

بىز ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى كىيىنىش ھالەتلىرىگە قارىغىنىمىزدا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، توغرا يۆنىلىشلىك ۋە تىك يۆنىلىشلىك كىيىنىش يۈزلىنىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ ئىككى خىل كىيىنىش يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە زامانىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھالىتى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىك يۆنىلىشلىك تەپەككۇر ئاساسىدىكى كىيىم-كېچەك يۈزلىنىشى كۈچلۈك ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇپ، سالاھىيەت پەرقى، كەسپ پەرقى ۋە ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتلام پەرقلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكتىكى ئىپادىلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. توغرا يۆنىلىشلىك تەپەككۇر ئاساسىدىكى كىيىم-كېچەك يۈزلىنىشى ئىجتىمائىيلىق قاتتىق تەكىتلىنىدىغان سالاھىيەت جەمىئيىتىدە كىشى خىيالىدىكى ئەركىن تەپەككۈر ۋە ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى رەت قىلغان ئاساستىكى ياشاش ئۇسۇلىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر شەھەر-يېزىلىرى شۇنداقلا ئوخشىمىغان ياش قاتلاملىرىدىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ بارغانسېرى زور بولۇپ كېتىشىمۇ دەل يۇقىرىقى ئىككى خىل تەپەككۇر سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. ئۇيغۇر خانىم–قىزلىرى ئارىسىدىكى كىيىنىش ۋە ياسىنىش جەھەتتىكى بۇرۇندىن ۋارىسلىق قىلىنىپ كېلىنگەن ئورتاق مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە كىيىنىش ئادەتلىرىنىڭ(مەسىلەن، قىز، چوكان، جۇۋان ۋە موماي ھالەتلىرىگە ماس كېلىدىغان، ئورتاق مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان كىيىنىش ئادەتلىرى)ھازىرقى زاماندا بارغانسېرى كىشى خاسلىقىنى تەكىتلەشكە يۈزلىنىشىمۇ دەۋرنىڭ مۇشۇ خىل ئىجتىمائىي يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، خانىم-قىزلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرىدىكى بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېقىم. ئېنگلىسمۇ:›› ئىنسانلار ئازادلىقىنىڭ دەرىجىسى ئاياللار ئازادلىقىنىڭ دەرىجىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ‹‹ دەپ توغرا ئېيتقانىدى. مەسىلە شۇ يەردىكى، خانىم-قىزلار ئازادلىقى يالغۇز ماددىي بۇيۇملار بىلەن ئەمەس، بەلكى يەنە تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئەركىن تەپەككۇر شۇنداقلا ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن ئۆلچىنىدۇ، خالاس.

ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتوتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى

نۆۋەتتىكى شىددەت بىلەن يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ بېرىۋاتقان تەرەققىياتلار، شۇنداقلا بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرى رايونىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرخانىم–قىزلىرىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئىستېمالىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ ھال بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىم–كېچەكلىرىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى بىلەن ھېسابلاشماي قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىپ رايونىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك ئىستېمالى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشىغا ھەسسە قوشسا، بەزىلەر ئۆرپ–ئادەتلىرىمىز، قىممەت قاراشلىرىمىزغا زادىلا ماس كەلمەيدىغان كىيىنىشلىرى بىلەن زامانغا ماسلاشماقچى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭماقچى بولدى. يەنە بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىز بولسا ئۆزنىڭ قايسى خىل يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى، قانداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەستىن يات ئەللەرنىڭ كىيىم–كېچەكلىرىنى ئەتىۋارلاپ كىيىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ كىيىنىش ئادىتىمىز، تۇرمۇش شارائىتىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە مۇناسىپ كىيىنىپ، ياشاپ كېلىۋاتقان خانىم–قىزلىرىمىز يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقتىمۇ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك بىر قىسىم خانىم–قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ھەر خىل مۈجمەل قاراشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن مەقسەتتە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئۆرپ–ئادەت، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، كىيىم لايىھىلىگۈچىلەر، يازغۇچىلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇشۇ خۇسۇستىكى قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. ئوقۇرمەنلەر ۋە بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاپتورلىرىمىزنىڭمۇ بۇ سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىشىنى، پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خانىش ھاپىز (ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا تىياتىرىنىڭ كىيىم لايىھىلىگۈچىسى )

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن. ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىلدە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلقىمىزنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە ھەر خىل ئېغىشلار، يىلتىزىدىن چەتنەشلەر، قارىغۇلارچە خەقنىڭكىنى دوراشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بولۇپمۇ 60-يىللاردىكى قىيىنچىلىق مەزگىللىرى ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى ھەممە ئادەم ئوخشاش رەڭلىك، ئوخشاش پاسونلۇق كىيىم كىيىدىغان كىيىم قەھەتچىلىكى ئەسلىدىن ئېسىل، نەپىس، رەڭدار، چىرايلىق كىيىنىپ ئادەتلەنگەن خەلقىمىزنىڭ روھىدا كىيىم–كېچەككە بولغان بىر خىل قارىغۇلارچە ئېچىرقاشنى پەيدا قىلىپ، گويا قاراڭغۇدىن بىردىنلا يورۇقلۇققا چىقىپ قالغان كىشى چاراقلاپ تۇرغان كۈن نۇرىدا كۆزلىرى چاقناپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندەك، كىيىم–كېچەككە ھەدەپ ئۆزىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. ھېلى ئۇزۇن، ھېلى قىسقا، ھېلى غەربچە، ھېلى شەرقچە كىيىنىپ، مودا قوغلىشىپ كىيىم–كېچەك ئىستېمالى جەھەتتە خېلى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. مانا ئەمدى تېخى كۆزلىرى كۈن نۇرىغا كۆنگەندەك ئۆز ئەسلىگە قايتتىمۇ ياكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەدەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋەرگەنلىكىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، خانىم– قىزلىرىمىزنىڭ كىيىنىشىدە بىر نەچچە يىللار ئىلگىرىكى ئەھۋاللارغا قارىغاندا خېلىلا ئىلگىرىلەش بولدى. تېخى مۇشۇ بەش-ئالتە يىل ئىلگىرىلا قىز–چوكانلىرىمىز ئاسما مايكىلار، تاسمىلىق كۆڭلەكلەر بىلەن كوچىغا چىقىدىغان، ئوغۇل ئۆيلەۋاتقان ياكى قىز چىقىرىۋاتقان ئانا توي كۆڭلىكى شەكلىدىكى مۈرىلىرى ئوچۇق مۇراسىم كۆڭلىكى كىيىۋالىدىغان، ئوغلىنىڭ سۈننەت تويى بولۇۋاتسا ئانا بولغۇچى مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا يېرىم يالىڭاچ يۈرۈپ مېھمان كۈتىدىغان ئىشلار ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى. ھەتتا توي قىلغان قىزنىڭ قىلىۋالغان غەلىتە گىرىملىرى، مۈرىسى پۈتۈنلەي ئوچۇق كىيىملىرىگە قاراپ قىزنىڭ ئەسلىي چىرايىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەس، ئەيمىنىپ چىرايىغا تىكىلىپ قارىيالماس بولۇپ كەتكەنىدۇق. لېكىن ھازىر خانىم–قىزلىرىمىز قانداق كىيىنسە ئۆزىنىڭ سالاپىتىگە، ئوبرازىغا، كەسپىگە، ياش-قۇرامىغا ھەم ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. يېقىندىن بېرى توي قىلغان قىزلار ئەتلەستىن ئاجايىب چىرايلىق قىلىپ تىكىلگەن توي كۆڭلەكلىرىنى كىيىدىغان بولدى. بۇ خىل رەڭدار ئەتلەس كۆڭلەك تويى بولغان قىزنىڭ ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىمۇ خۇشال قىلماقتا، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتلىرىنى يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، تويغا قاتناشقان مۆتىۋەر كىشىلەرنى بىئارام قىلماي، مۇشۇنداق كىيىنىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلماقتا. بۇنىڭغا ماس ھالدا مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھېلىقىدەك تاسمىلىق كۆڭلەك، مايكىلارنى كىيىپلا تالا–تۈزدە، بازاردا، خىزمەت ئورۇنلىرىدا يۈرىدىغان قىز-چوكانلارمۇ مۈرىلىرى ئوچۇق كۆڭلەكلىرىنىڭ ئۈستىگە نېپىز يېپىنچىلارنى كىيىۋالىدىغان ياكى ئۇنداق كىيىملەرنى كىيمەيدىغان بولدى. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. رايونىمىزنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، ياز پەسلى ئۇزۇنراق بولغاچقا بىزنىڭ قىز–ئاياللىرىمىز ئوچۇقراق كىيىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما بىزنىڭ بەدەن شەكلىمىز ئۆزگىچىرەك بولۇپ گەۋدىلىكرەك كېلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە توي قىلغاندىن كېيىن بەدەن شەكلىمىزدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. شۇڭا ئۇنداق ئوچۇق كىيىملەر بىزگە بەك يارىشىپمۇ كەتمەيدۇ.

ئەمدى باش كىيىمگە كەلسەك، بىر مەزگىل پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلگەن باش كىيىملىرىمىز بولۇپمۇ دوپپا ھازىر ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن نامايان قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بېرى دوپپا ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلار يېزىلدى، ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دوپپىنىڭ تۈرى، شەكلى، كىيىش ئۇسۇللىرى توغرۇلۇق تۈرلۈك مۇنازىرىلەر، مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا شەھەرلەردە دوپپا كىيىپ يۈرىدىغان كىشىلەر كۆپەيدى. تۈرلۈك يىغىلىش، ھېيت–بايراملىرىمىزدا ئەرلەرلا ئەمەس، ئاياللارمۇ خىلمۇ خىل دوپپىلارنى كىيىپ يۈرىدىغان، كىچىك قىزلىرىنىڭ چېچىنى 40 تال ئۆرۈپ دوپپا كىيدۈرۈپ ياساپ قويىدىغان بولدى، بۇمۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش.

دوپپىغا ئوخشاشلا ياغلىق مەدەنىيىتىمىزمۇ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ياغلىقنىڭمۇ دوپپىغا ئوخشاشلا مۇھىم روللىرى بار. ئۇ ئاياللارغا نىسبەتەن بىر تەرەپتىن زىننەت بۇيۇمى رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشنى ھۆل-يېغىن، ئىسسىق–سوغۇقتىن ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىزدە كېچىسى ئۇخلىغاندا، تاماق ئەتكەندە يالاڭۋاش يۈرسە يامان بولىدۇ، دەيدىغان ئادەت بار. ئەمەلىيەتتە بىزدىكى نۇرغۇن ئىلمىي ئاساسى بار ‹‹يامان بولىدۇ›› لارغا ئوخشاش، بۇ خىل ‹‹يامان بولىدۇ›› نىڭمۇ ئىلمىي ئاساسى بار. مەسىلەن، ئاخشىمى بېشىمىزغا ياغلىق چىگمىسەك چاچلىرىمىز چۇۋۇلۇپ، ياتقان يېرىمىزگە چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاشخانىدا ياغلىق چىگمەي تاماق ئەتسەك يۇغۇرغان خېمىرلىرىمىزغا، قازاندىكى تاماققا چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ ھەم چاچمۇ مايلىشىپ كېتىدۇ. قىز- چوكانلار ئەتىگىنى چاچلىرى چۇۋۇق ھالەتتە ئېرىگە كۆرۈنسە ئەرنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ…ۋەھاكازا.

ئۇيغۇر خانىم–قىزلىرى چىگىدىغان ياغلىقنىڭ خىلمۇ خىل تۈرلىرى، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تۈرلۈك ئاتالغۇلىرى بار. بىز بۇ ياغلىقلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا، ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە، بارغان سورۇنلىرىمىزنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈپ چىگىمىز. يازدا كىچىكرەك، نېپىزرەكنى چىگسەك، قىشتا سەل چوڭراق، قېلىنراق ياغلىقلارنى ئىڭەكتىن قوشتۇرۇپ چىگىمىز. يەنى ياغلىقنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ قاتلاپ، ئىككى ئۇچىنى ئىڭەكنىڭ ئاستىدىن چىرايلىق قىلىپ چىگىۋالىمىز. ئىككى ئۇچى ئىڭەكنىڭ ئاستىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، بىر ئۇچى كەينىمىزدە تۇرىدۇ. چاچ ياغلىقنىڭ ئاستىدىن سەل–پەل كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ياغلىقنى پېشانىمىزنى ئېتىپ چىگىۋالمايمىز. پېشانىمىزدىن ئازراق چاچ چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاياللارغا ئاجايىپ زىننەت بېرىدۇ.

ياشقا چوڭ ئاياللار چىگىدىغان بىر خىل ياغلىق بار، بۇنى لىچەك دەيمىز. ياشانغان ئاياللار بۇ خىل ياغلىقنى تۆت بۇرجەك قىلىپلا دوپپىسىنىڭ ئۈستىدىن سېلىۋالىدۇ. ئاندىن ئىككى ئۇچىنى قۇلاقنىڭ ئارقىسىغا قىستۇرۇۋالىدۇ. قالغان ئىككى ئۇچى كەينىگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا يەنە بېشىغا ھەر خىل بۆرتمە شاللارنى سېلىۋېلىپ ئۈستىدىن ئاجايىپ چىرايلىق قاما (سۆسەر) تۇماق كىيىۋالىدىغان ئاياللار كۆپ. بۇ خىل ياغلىق، تۇماقلارمۇ ئۇلارغا ئىنتايىن يارىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قايسى مىللەت، قايسى قاتلامدىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ تۇرىدۇ.

مەن بۇ يەردە يېقىندىن بېرى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان بىزگە يات بىر خىل ھادىسىنى دەپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. ھازىر بىزدە بېشىغا قاپقارا ياغلىقلارنى چىگىپ باشتىن بوي ئۇزۇن، قاپقارا كىيىملەرنى كىيىۋالىدىغان بىر خىل كىيىنىش ئادىتى پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنداق كىيىملەرنى بۇرۇن ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ قايتقانلار ئەرەب ئەللىرىنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە ئالغاچ كېلىپ كىيگەن، ھازىر بۇ خىل كىيىمنى كىيىۋالىدىغانلار بىراقلا كۆپىيىپ كەتتى. باشقا يەرلەرنى كۆزىتىپ باقمىدىم، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ- ئادىتى نۇقتىسىدىن ئالمىغاندىمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا بۇ خىل كىيىملەر زادى ماس كەلمەيدۇ. يازدا ھاۋا بەك ئىسسىق، دىمىق. بەدەننىڭ كۆزدىن باشقا قىسمىنى ئورىۋالىدىغان بۇنداق كىيىملەر ئادەمنى دىمىقتۇرۇپ بىئارام قىلىدۇ. ئەتىيازدا لاي-پاتقاقتا ئوشۇققىچە تۇرغان بۇ كىيىملەر بۇلغىنىپ خېلى بىر يەرلەرگىچە مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق چىرايلىق كىيىم–كېچەكلىرىمىز، دوپپا، ياغلىقلىرىمىز تۇرسا، ئەرەبلەرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، باش-كۆزلىرىمىزنى ئورىۋېلىپ نېمە قىلىمىز؟ ئەمگەك قىلغاندا، توپا-چاڭ يەرلەردە يۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇنلىرىمىزنى ئېتىۋالغىنىمىز توغرا، ئەمما ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ بۇنداق قىلىۋالساق تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ شۇنداق كىيىنىشىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ياشاش شەكلى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى بەلگىلىگەن. لېكىن دىنىي ئېتىقادىمىز بىر خىل بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىلا نېمىسىنىڭ بىزگە ماس كېلىشى ناتايىن. بۇ باشقا بىر مىللەتنىڭ، باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتى. بىز كىيىمنى ئۇنداق ياكى مۇنداق كىيىش بىلەن ھەرگىز شۇ مىللەتكە ئايلىنىپ قالمايمىز. ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزىمىز راۋاجلاندۇرمىساق، ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، قوغدىمىساق بۇ ئىشلارنى باشقىلار كېلىپ بىزگە قىلىپ بەرمەيدۇ. ئەرەبچە كىيىنىۋالغان شۇ قىز-ئاياللار ئەرەب دۆلەتلىرىگە چىقىپ قاراپ باقسا بولىدۇ، ئۇ يەردە بىرمۇ ئايال ئۇيغۇرچە دوپپا كىيمەيدۇ، ياغلىق چىگمەيدۇ. ئۇيغۇرچە كىيىمنىڭمۇ، ئەرەبچە كىيىمنىڭمۇ پەقەت شۇ دۆلەتنىڭ ئۆزىدە، ئاشۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۇچىسىدىلا قىممىتى بولىدۇ. بۇ يەردە بىر مىسالنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ: بىز ئوتتۇرا ئاسىياغا ئويۇن قويغىلى چىققاندا شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر پائالىيىتىگە قاتناشتۇق. ئۇ كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق چىرايلىق كىيىنىپ بىر زالنىڭ ئالدىدا ناغرا-سۇنايلارنى چېلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇزۇن ئاق روماللىرىنىڭ ئۈستىگە دوپپىلىرىنى بىر چىرايلىق قوندۇرۇپ، قوللىرىدا ھەر يوغان كاۋا- قاپاقلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئاياللارغا قاراپ ئۆزۈمنى يېڭى بىر مەدەنىيەت دەۋرىگە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم ھەم ‹‹ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق›› دەپ، ئۆزىمىز قەدرىنى قىلمىغان كىيىملىرىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە بۇ قەدەر ئەتىۋارلىنىۋاتقانلىقىدىن سۆيىنىپ ئەتىسىدىن باشلاپ مەنمۇ كوچىلاردا ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلىكىمنى، بادام دوپپامنى كىيىپ يۈردۈم. مېنى كۆرگەنلا كىشى ‹‹ئۇيغۇركەن، ئۇيغۇركەن›› دەپ كېتىشتى. دېمەك، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر بىر نەرسىنى كۆز قارىچۇقىمىزدەك ئاسرىغاندا، راۋاجلاندۇرغاندا، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغاندىلا، بۇ دۇنيادا ئۆز خاسلىقىمىز، ئالاھىدىلىكىمىز، قىممىتىمىز بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز.

راھىلە داۋۇت (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فولكلور پەنلىرى دوكتورى )

مەنمۇ ياغلىق مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي: ياغلىق چىگىش مەلۇم مەنىدىن ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 13-14 ئەسىرلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. مۇشۇ جەرياندا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىمۇ ئۆز ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدى. ماددىي مەدەنىيەتكە ئائىت تەرەپلەرنى كۆپ ھاللاردا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماسلاشتۇردى. مەسىلەن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بار، بۇ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئەمما يۈرۈش-تۇرۇشى ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بەزى دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھىجاب بىلەن ئورىنىپ يۈرىدۇ، يەنە بەزى دۆلەتلەردە يېرىمى ئورىنىپ يۈرسە، يېرىمى بىر قەدەر ئەركىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىم-كېچىكىگە چەك قويۇلمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاياللار گەرچە ئىسلام ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، كىيىنىش جەھەتتە بىر قەدەر ئەركىن. مەسىلەن، مىسىر، تۈركىيىلەردە ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچىكىگە چەك قويۇلمايدۇ.

ئەمدى ئۇيغۇرلارنى ئالساق، بىزدە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئاياللار ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ئۆي ئىشىنى قىلىش، بالا بېقىش بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا بەزى ئاياللار يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى. ھازىر ئاياللىرىمىز ئۆي ئىشى قىلىشتىن باشقا ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشقا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلاردا ئاياللار سودا–سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بىر قەدەر كۆپ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللار يۈزلىرىنى ئورىۋالسا تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ يەنە ئەرلەر بىلەن ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان ئەنئەنىۋى مۇراسىم پائالىيەتلىرىمىز بار. مەسىلەن، دولان مەشرىپى ئەر-ئاياللارنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم شۇنىڭ بىلەن قىزىيدۇ.

ياغلىق چىگىشنىمۇ نوقۇل ئىسلام ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان باشقا مىللەتلەردىمۇ ياغلىق چىگىش ئادىتى بار. مەسىلەن، زاڭزۇلار، موڭغۇللار، مالايلار، فىلىپپىنلىقلار دېگەندەك. بىز بۇرۇن ياغلىقنى كەينىدىن ياكى ئىڭەكتىن ئارتىلدۇرۇپ چىگەتتۇق، كېيىن باشقا ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ خىلمۇخىل ياغلىق چىگىش ئۇسۇللىرى پەيدا بولدى. مەن بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويماقچى، ياغلىق چىگىش بىلەن يۈزىنى يېپىش ئىككىسى ئىككى ئىش، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنلا ياغلىق چىگكەن. رايونىمىزنىڭ ھاۋا شارائىتى ناچار، قۇرغاق، كۈن نۇرى كۈچلۈك بولغاچقا ئۇيغۇر ئاياللىرى ياغلىق چىگىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئەمما ياغلىق چىگدۇق دەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل چىگىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىۋالساق مۇۋاپىق بولمايدۇ. بىزنىڭمۇ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز، ياشاش مۇھىتىمىز، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتقان، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ئويلاشقان ئاساستا بېيىتقىنىمىز ۋە شۇ ئاساستا كىيىنگىنىمىز ياخشى.

مۇھەررىرى: گۈلباھار ناسىر

مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى