غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرلىرى

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «جان سەنىمى» شېئىرلار توپلىمىدىن بىر نەچچە پارچە
***

ئەر كىشى ئۆلمىسە ياشىيالمايدۇ

دەرد ئېقىپ تۇرۇپتۇ تام تۆشۈكىدىن،
دېرىزە ئالدىدا مەن كىمنى كۈتەي.
سۆيگۈنىڭ ئەرۋاھى چاقىردى مېنى،
بىر قىزنىڭ باغرىدا شېرىن جان بېرەي.
ئەر كىشى ئۆلمىسە ياشىيالمايدۇ،
جەڭدە يا ئايالنىڭ قوينىدا جەزمەن.
يۈرىدۇ قىز ئىزدەپ تەكلىماكاندا،
مەيدىسىنى ئېچىۋېتىپ ئېھ، ئەركەك خوتەن.

***

بىر دەريا دەردىم بار

بىر دەريا دەردىم بار، مېنىڭ بىر دەريا،
دەريانىڭ بويىدا بىر مايماق سۆگەت،
بىر قاغا سۆگەتنىڭ شېخىغا قونۇپ،
چىللايدۇ يار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئەبەد.
شۇ قەدەر ئۇزۇن ھەم چوڭقۇر ئۇ دەريا،
يوق لېكىن دەريادا بىر تامچىمۇ سۇ.
چاكىچاك يېرىلغان قاپاقنى يۈدۈپ،
بىر ئايال ھەر كۈنى سۇغا كېلىدۇ.
شۇ ئايال سەن بولساڭ ئاھ، خېنىم يارىم،
دەريانىڭ بويىغا كەلمىگن ئەمدى.
مۇھەببەت دەرياسى قۇپقۇرۇق لېكىن،
رەھىمسىز دولقۇنى غەرق قىلار سېنى.

***

يار مېنىڭ دوپپامغا جىگدە ساپتۇ

بىلگەندەك جىگدىگە ئامراقلىقىمنى
يار مېنىڭ دوپپامغا ساپتۇ جىگدە.
بۇلبۇلدەك سايرىغان ھەر بىر تال تۈكۈم
گۈللەرنىڭ كۆڭلىنى قىلىپتۇ زېزە.
تۆمۈرچى تاغلاردىن ھېلىلا كەلگەن
پىچاقچى قاننىڭ بىر تامچىسى ئىدىم.
مۇھەببەت تېرىغان سۇمبۇل چۆللەرگە
ھارۋىكەش ئۆلۈمنىڭ قامچىسى ئىدىم.
سۆيگۈنى تۈگىمەس ناخشا دېگەن كىم،
تۈگىدى باشلىماي تۇرۇپ مەن ئۇنى.
ئۆتەرمۇ شۈمۈپ ئاھ بۇ ئۆمرۈم ئەمدى
يار مېنىڭ دوپپامغا سالغان جىگدىنى؟!

***

ئۇ كوچىدىن بۇ كوچىغا يولۇم يوق

ئۇ كوچىدىن بۇ كوچىغا يولۇم يوق،
مۇھەببەتنىڭ دوقمۇشىدا ئولتۇراي.
ماشىنا ۋە ئۆي ئالغۇدەك پۇلۇم يوق،
سېنى قەدىم ئورمانلىققا چاقىراي.
ئورمانلىقتا يولۋاسلارنى قۇل قىلغان
كۆڭلەكلىرى يىرتىلمىغان گۈللەر بار.
ئانا! دەيدۇ سېنى چەكسىز ۋاقىراپ
چىقىپ بۆرە ئۇۋىسىدىن بالىلار.
ئىگىز بىنا پەلەمپەيلەر تۈگىمەس
ئېغىر خىزمەت نىچۇن ساڭا بىلىنمەس.
ھەممە ئادەم ئۆز قەلبىنىڭ مەھبۇسى،
كۆڭۈللەرنىڭ ئىشىكى يوق، كىرەلمەس …
مۇھەببەتنى پۇلغا ئالغان ئەر ئەمەس،
ئەرگە تېگەر قاچالمىغان قىز بالا.
كۆڭلۈڭ بولسا قېچىپ چىققىن ئۆيۈڭدىن
ئېلىپ قاچاي سېنى قەدىم ئورمانغا.

***

ياشا دېدى جىنازامنى سۇندۇردى ئانام

نېتەي مېنىڭ شائىرلىقىم ئانا ئالدىدا،
ئۇنىڭ دەردلىك قەلبىدىكى نىدا ئالدىدا.
نېتەي مېنىڭ شان ـ شۆھرىتىم، يورۇق تاڭلىرىم،
ئۇنىڭ غەمكىن كۆزىدىكى زىيا ئالدىدا.
ھەق بۇياقتا، خەق بۇياقتا كۆنمەي نە چارە
بۇ ئالەمنى بىنا قىلغان خاتا ئالدىدا.
ئۆزۈڭدە كۆي بۇ ئالەمدە دوزاخ يوق دېدى،
ئوتتىن چىقىپ سۇغا كىردىم گۈناھ ئالدىدا.
دېدى: كىندىك قېنىڭ سېنى چاقىرار مەڭگۈ،
تۇمار قىلىپ ئاستىم ئۇنى جۇدا ئالدىدا.
ياشا! دېدى، جىنازامنى سۇندۇردى ئانام،
مۇھەببەتكە كۆندۇم ئاخىر خۇدا ئالدىدا.

***

چۈشتىن كېيىننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا

چۈشتىن كېيىننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا
ئىشخانامدىكى دېرىزىنىڭ ئۇدۇلىدا
ئىككى قۇشقاچ بار
ئېچىلىپ ـ يېپىلىش ئىشىككە خاس!
شېئىر يازمايۋاتىمەن،
مۇھەببەتتىن ئېمتىھان بېرىۋاتىمەن.
جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئوغرىنىڭ ھاياتى
ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىن شەپە چىقارماي ئۆتۈپ كەتتى.
بىكارچىلىق ئەڭ نادىر شېئىر،
رىتىمى يوق، قايىيەسى يوق …
چۈشتىن كېيىننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا
كۈندۈز راست،قوياش ساختا.
ۋاقىت ئۆلگىلى كېتىۋاتقاندەك
ئاستا
ئاستا

***

ئاھ مەن يارسىز يارىممۇ يارسىز

قەيەردىدۇ ساھىبجامال كۈي،
قەيەردىدۇ ئايال كىلەچەك؟
توزۇپ كەتتى كۈتۈپ باھارنى
قول ياغلىققا ئورالغان يۈرەك …
دەردى كەلدى ئۆزى كەلمىدى
قاتتى تاشتەك دەريا ناخشىسى.
يارسىز ئۆتكەن سانسىز كېچىلەر
يارىلاندى قىزىل گۈل كەبى
ماشىنىدا قاچتى، كەلمىدى
قاچتى ئىشەك ھارۋىسى بىلەن
ئېتىزلاردا ياڭرىماس ناخشا،
ۋەيران بولغان ئاخىرقى يېزا
ئىدى يارىم ئاشۇ يېزىدا،
قاچتى سۇدا، ئوتتا، شامالدا …
شام ياندۇرۇپ يىرتتى كېچىنى
ئايەت ئوقۇپ ياسىدى سېپىل
قالدى مۇقام مەرغۇللاپ سايدا،
قالدى ئۇنىڭ ھەسرىتى ئايدا.
خىيال كەبى قاچتى شەپىسىز
ئاھ مەن يارسىز يارىممۇ يارسىز!

***

ماشىنا قىزىلگۈلنى ئۆتتى باستۇرۇپ

ماشىنا قىزىلگۈلنى ئۆتتى باستۇرۇپ،
گۈلگە يىغلايدىغان كىشى يوق.
قەلەندەر غەزىلىنى باشلىدى مۇڭلۇق
تىلى لال، غېجىكىنىڭ بېشى يوق؛
غېرىپ شەھەرگە پالاندى
سەنەم ئىشرەت چۆلىدە سەرسانە ـ سەرسانە.
شاراقلار كۆز يېشى كىشەن ـ زەنجىر
كۈلكىلەر جۇل ـ جۇل يىرتىق، ۋەيرانە ـ ۋەيرانە.
نومۇس ئەينەكتەك سۇنار تاراڭلاپ
غەزەپ پىنھانلاردا ھەيرانە ـ ھەيرانە.
خۇشاللىق يۈزلەرگە تارتىلغان نىقاب،
خىياللار يارغا يامىشار مەردانە ـ مەردانە.
مەن كىم بولىمەن مەن بولمىسام
جان ئالغۇچى ئارزۇلارغا تولمىسام.
كۆز يېشىمنى ئىچمەيمەن نېچۇن
يارنىڭ شارابىغا قانمىسام.
مۇھەببەت، سىم ـ سىم ئىشىكىنى ئاچ
مۇھەببەت، سىم ـ سىم ئىشىكنى ئاچ …

***

مۇمكىن ئەمەس

قارنى قول ياغلىق دېگىلى بولىدۇ
كۆز يېشىنى سۈتكىلى بولمايدۇ
گۈلنى ئۈزگىلى بولىدۇ
ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ
ماشىنا ئادەم ئەمەس
لېكىن يىغلايدۇ، ھېچ كىشى بىلمەس
كىيىم يۆگىيەلمەس
يالىڭاچ بولغاندا ھاۋايى ـ ھەۋەس
قەلبدىن چوڭقۇرراق قەبرە بارمۇ؟
يارنىڭ جەستىنى يۈدۇپ،
قەبرىگە كىرگىلى بولارمۇ؟!
مۇمكىن ئەمەس،
مۇمكىن ئەمەس! …

***

ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى

بۇ ناخشا ئەزەلدىن شۇنداق ناخشا
ئۆلۈكلەر تىرىلىپ يىرتىدۇ ياقا.
تىرىكلەر ئۆلۈمدىن يىراق بىر جايدا
تېنىنى سۇندۇرۇپ ئاتار ئاسمانغا.
ئۆتسە جەڭ ئاتلىرى دۇپۇرلەپ بىردەم،
پايانسىز جىملىققا پاتىدۇ گاھ ـ گاھ.
سۇۋادان تېرەكلەر يىقىلار ھەيۋەت،
قەبرىلەر يۈگۈرىدۇ قاراپ ھاياتقا.
تاغلارمۇ تىك تۇردى شۇ ناخشا بىلەن،
باغلارنى ئوغرىلاپ كەتتى شاماللار.
چوڭ قىلدى ئۇيغۇرنى باغرىغا بېسىپ
شۇ ناخشا يېتىلەپ كەلگەن بىر ئايال.

***

دۇنيادا ئاشىقنىڭ قەبرىسى يوقكەن
نىگارىم لېۋىڭگە سۆيدۇم ئوغرىدەك،
مەن تۇتقان قولۇڭنى ھېچكىم تۇتمىغاي.
مەن نازۇك چىنەڭگە ئۇزاتقاندا قول
شاراب كەم بولمىغاي ھەمدە تولمىغاي.
كۆڭلىكىڭ يىرتىلسا يامار يۈرىكىم،
ھە،ئاندىن تېنىڭنى چالار ساز قىلىپ.
گىياھسىز چۆللەرنى گۈلزار ئەيلىگەي
غۇنچىنى ئېچىلدۇرۇپ لېۋەن گۈل قىلىپ.
مۇھەببەت جېنىمنى ئالاركەن ئاخىر،
دۇنيادا ئاشقنىڭ يوقكەن قەبرىسى.
مەن ئۆلسەم باغرىڭدا قالسۇن جەسىتىم
ئەڭ ئېغىر قەرزىڭگە تۆلىگىن مېنى.

***

ئىزھار

سۆزۈمنى باشلىسام تۈگەپ قالىدۇ،
شۇ سەۋەپ ھېچنىمە دېمەيمەن ساڭا.
مەن تىرىك يۈرمەيتتىم سېنى دېمىسەم،
ئۆتۈنەي، بىر قېتىم ئۆلۈپ بەر ماڭا.
قولۇڭنى سىلىسام دۇتار چالغاندەك
دەھشەتلىك چىرقىرار ئىچىمدە بىر يەر.
مەن ئۈچۈن ئالەمدە بىرلا ئايالسەن،
سەن ئۈچۈن
مەن بارچە ئايالغا ئاشىق ـ قەلەندەر.
ئاھ ئۇرما يۈرىكىم چىلىق ـ چىلىق قان،
سۆزلەشكە قىستىما سۆيگۈ ھەققىدە.
سۆزۈمنى باشلىسام تۈگەپ قالىدۇ،
ئېيتقىدەك سۆز يوقتۇر بەلكىم ئەسلىدە! …

***

شېئىر يازدىم ئۆلۈپ ئولتۇرۇپ
ساقلاۋېرىپ بېكەتتە سېنى
سېسىپ كەتتى مېنىڭ يۈرىكىم.
يىرتىۋەتتى تالاي قىزلارنى
قاراپ ـ قاراپ تەلۋە كۆزلىرىم.
شېئىر يازدىم ئۆلۈپ ئولتۇرۇپ
ئوت تۇتاشتى مەيدە تۈكۈمگە.
ئازاب دېگەن زۇلـمەتلىك يۇلتۇز
سۆيدى ساقال باسقان يۈزۈمگە …
كەل
كىرپىكىمدە ئوقيا بولـمىسا
بۇرۇتۇمدا پىچاق بار، ئىشەن.
قوللىرىمغا ئېلىپ ئولتۇردۇم
بىر جېنىم
ئون سەككىز تال قوۋۇرغامنى مەن!

***

بىر ئايال يۈرىكىمنى كەشتىلىدى
بىر ئايال يۈرىكىمنى كەشتىلىدى،
يۈرىكىم يىرتىلـمىدى، قاناپ كەتتى.
ناخشىغا ئەگىشىپ چۆل ـ باياۋانلار
قەلەندەر خۇرجۇنىنى ماكان ئەتتى.
تاۋۇتنىڭ ئارقىسىدا بوران بالا،
تۇپراقنى تارتىۋالدى بىر تامچە قان.
تۈگىدى سۇدا توپان، ئوتتا دوزاخ،
ئەينەكتە ئاخىرلاشتى سۇنۇق ئاسمان.
كارىۋاتتا يالغۇز چۈشۈم مىياڭلايدۇ،
ئۆمرۈمدە دەۋران سۈرەر جىمجىت ئەجەل.
يارىمنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرسەتمىدى،
كۆز يېشىم كوچىلاردا توۋلاپ غەزەل …
ئاي نۇرى مەڭگۈ سوغۇق ،مەڭگۈ سوغۇق،
مۇھەببەت مەنىسى يوق بىر ئىبارە.
بىر ئايال يۈرىكىمنى كەشتىلىدى،
يىرتىلدى قول ياغلىقى پارە ـ پارە.

***

ئۆيۈمدە بىر ئۆي بار
ئۆيۈمدە بىر جىمجىت ناخشا ياڭرايدۇ،
يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ يالىڭاچ خىيال.
قۇچاقلاپ ياتىدۇ ئۆزىنى ئۆزى
ئۇخلايدۇ كارىۋاتتا تېنى يوق ئايال.
ئۆيۈمدە تۆت تام بار ئاپئاق ۋە سوغۇق
قارىشىپ تۇرىدۇ ئۆچمەنلىك بىلەن.
دېرىزە ئۈن ـ تىنسىز تۇرىدۇ سۇنۇپ
شۇنچە پاك ۋە شېرىن خۇرسەنلىك بىلەن.
ئۆيۈمدە ئىشىك بار ،تالارغا قاراپ
كۈتىدۇ كىمنىدۇر ،كۈتىدۇ ئەبەد.
ئۆيۈمدە بىر ئۆي بار تار ۋە قاراڭغۇ
ئۇ ئۆيدە يالغۇزلۇق قاۋايدۇ ئىتتەك.

***

ياستۇققا دەردىڭنى ئېيتساڭ ئاڭلىماس
دەريانىڭ بويىدىن كەلـمىدى قايتىپ
سۇغا كەتكەن بىچارە كۆڭۈل.
بۇلبۇلنىڭ نالىسى يەتتى پەلەككە،
توزۇدى كىرلىكتىكى چوغدەك قىزىل گۈل.
ياستۇققا دەردىڭنى ئېيتساڭ ئاڭلىماس،
يۇلتۇزسىز كېچىدەك قاراڭغۇ يوتقان.
يۈرەكنىڭ بېغىغا باغلايدۇ ئىتنى،
ئاھ قارا چاچلار شۇ قەدەر يامان …
شاراب قۇي ،مەن قاقاس چۆلگە ئايلاندىم
ئۆلگىلى قاي زامان كۈيچى قەلەرندار.
بىر كۈنى قەبرەمنى قانغا بويايدۇ
تالىشىپ ئۆلۈكۈمنى بىر توپ كىشلەر.

***

ئۈلۈشكۈن ،تۈنۈگۈن ،بۈگۈن ۋە ئەتە
كۆزۈڭگە چاقىردىم ھەممە يۇلتۇزنى،
ئاتتى ئاي ئۆزىنى سوغۇق كوچىغا.
سەجدىگە ئولتۇردى چۆللەر پۈركۈنۈپ،
قۇملارنى دۆۋلەپ يىڭنە ئۇچىغا.
دەرەخلەر يۈگۈرۈشۈپ كەلدى ئورماندىن،
كىرپىكى تۆكۈلۈپ تۇراتتى تال ـ تال.
دەريالار ئاقاتتى كەينىگە قاراپ،
يىرتىلىپ ـ يىرتىلىپ يىغلايتتى شامال.
خەنجەرنىڭ بىسىدەك باقتىڭ بىر قىيا،
ئاھ ،ئەنسىز چىرقىراپ يېقىلدى ئاسمان.
ئورنىدىن تۇردى يەر، چۆچۈپ ئېزىقىپ،
ئايىغىڭ ئاستىغا كىردى يەر ـ جاھان.
لېۋىڭدە بەر ماڭا بىر كاسە ئوغا،
بىر ئاددىي ئايالسەن، سۆيمىسەم سېنى.
ئۈلۈشكۈن، تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە،
مۇھەببەت يىڭىلاپ تۇرار ھەممىنى.

***

خوتەندە چىشلار غۇچۇرلايدۇ
خوتەندە بوران بار
يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن.
ئەرلەرنىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ
ئاياللارنىڭ يوپكىسىنى قايرىپ قېچىپ كەتكەن.
ئۆرە تۇرۇشتىن زېرىككەن تېرەك
قەغەز پارچىلىرىدەك نىشانسىز ئۇچۇپ يۈرگەن يۈرەك.
ئېھ،
مۇھەببەت بولـمىسا ئۆلگۈدەك
يا ئۆلتۈرگۈدەك
ئادەمگە ئادەم نېمە كېرەك؟!
يىغلىمىسا
كۆز كۆزگە ئوخشىمايدۇ.
بوران
يۈزلەردە لاي ئوينايدۇ.
خوتەندە چىشلار غۇچۇرلايدۇ
يەر قېچىپ كەتسە
ئاسماندىن ئىزدەر!
قوش ياستۇق
بارخان ـ بارخان
بوران
خوتەندە چوڭ بولغان.
بىر قولىدا يەر
بىر قولىدا ئاسمان.
يەر ۋە ئاسماننىڭ ئارىسىدا
قاناپ كەتكەن روھ يارىسىدا
جۆيلۈپ ياتىدۇ
ئەبەدىيلىك تەكلىماكان.
ئۆيۈمگە يېتىپ بارغۇچە
ھېچكىمگە ئۇچرىمىدىم
بوراندىن باشقا …

***

زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار
تاللار نازۇك چوكان بولدى
قارلىغاچلار پوكان بولدى.
يىگىتلەر شاش ،ئايىغى تاش
بېشى ئېگىز ئاسمان بولدى .
قىزلار شامال ،تۈكلۈك خىيال …
باغرى ئىسسىق ئايۋان بولدى .
كېلىپ خېتى خوش مۇبارەك
ئاي ۋە قوياش ماكان بولدى .
دەل ـ دەرەخلەر ئاستى چىچەك
كوچىلاردا كۈلدى تېزەك .
سۇلار ئاقتى سۇغا قاراپ
گۈللەر خوشال ئىچتى شاراب .
ئاستى تۇپراق ئۈستى ئاسمان
بېشى قايغان ،پۇتى تايغان
ئۇزاق قىشتا ئۇخلاپ ھارغان
قۇرت ـ قوڭغۇزلار خۇش ـ شادىمان
مۇھەببەتكە راۋان بولدى .
جاننى قانغا پۇچىلىدى
توپىلاردا يۇمۇلىدى ،
تەندە تىترەك نازۇك ،يېشىل
جاندا چېچەك چوغدەك قىزىل ،
گۈل ھارۋىسى بوستان كىرپىك
ئوتتەك خوشال ،سۇدەك سۈزۈك ،
دىلدا تىۋىش ،ئوغرى خىيال
ئالەم گويا تۇنۇش ئايال …
كۆڭۈللەرگە مېھمان بولدى .
تاغنى ئېگىز قىلىپ ئاندىن
تاشنى ئەزىز قىلغان كىمكىن ؟
جان رېشتىدىن تارنى ئېشىپ
نالە ـ مۇقام چالغان كىمكىن ؟
بىر كىشىدە مىڭ كىشى بار
مىڭ كىشىدە بىر كىشى يوق ،
ھەسرىتى بار مىڭ كىشىنىڭ ،
ھېچ كىشىنىڭ كۆز يېشى يوق …
كېچىلەردە ناخشا ئېيتىپ
ئۆتۈپ كەتكەن كارۋان كىمكىن ؟

***

جان سەنىمى
……
مەن ئۇ چاغدا تەمسىللەر ئىچىدە ئېزىقىپ يۈرەتتىم
لوگىكىدىكى چىقىش ئېغىزىنى ئىزدەۋاتاتتىم .
سانسىز سۆز جەسەتلىرى ئارىسىدا
گىرامماتىكىنىڭ ئۆلۈك ـ تىرىكىنىمۇ بىلـمەيتتىم .
يۇلتۇزلار تاماكامغا ئوت يېقىۋاتاتتى
ئاي پىيالەمگە چاي قويۇۋاتاتتى
كېچە ئۈستۈمگە قاپقارا پەرىجىسىنى يېپىنچاقلىتىپ قويغان
شېئىر يېزىۋاتاتتىم …
ئىشىكنى ئېچىڭلار ! دېدى
غىچىرلاپ ئىچىلدى كونا ئىشىك ؛
جان ئايۋاىنىدىكى تۇز
ھاياتنىڭ تەمىنى تېتالـماي ئۆلۈپ كېتىۋاتاتتى

ئۇسسۇل ئويناڭلار دېدى ؛
پۇتلار تاراقلاپ ،قوللار شاخلاپ ،غۇلاچلاپ
بۇزۇۋەتتى تەنلەردىكى قىرغاقنى .
قوۋۋۇرغام
ئالتۇن شوتا ئىدى مۇقامغا .
ئۇستىخىنىم
سانجىلىپ تۇراتتى زۇلـمەتلىك تامغا .
مەيدە تۈكلىرىمنى ئورۇۋاتقان ھىلال ئاي
قۇلىقىمغا قونىۋېلىپ چىللاۋاتقان قەدىمكى خورازلار
كىرپىكىمدىن تۆگە يېتلەپ ئۆتۈۋاتقان كارۋانلار
جىنلىرى قېچىپ كېتىپ يالغۇز قالغان دۈمچەك جىگدىلەر
ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالغان سالۋا تەلپەكلىك ئېتىزلار
تەكچىدە تور توقۇۋاتقان كونا كىتابلار
جىمجىتلىقىدا يىرتىلار جۇل ـ جۇل

***

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد «سەنسىز كۈنلەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن بىر نەچچە پارچە

شەنبە كەچ ئۆيدە
ئوڭغا ئۆرۈلسەم چېچەكلەيدۇ تام ،
سولغا ئۆرۈلسەم يىغلايدۇ كارىۋات .
يالىڭاچ تېنىمنى سىلايدۇ يوتقان ،
قەرزگە بوغۇپ كۆڭلۈمنى قات ـ قات .
كۈتىمەن ئىشىكنىڭ چېكىلىشىنى ،
كۈتىمەن ،ئەينەكنى چېقىپ كىرسە قىز .
بېشىمدا كۆتۈرىمەن تاغ ـ دالالارنى ،
ياستۇققا ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ دېڭىز .
خىيالغا پاتىدۇ يۇلغۇن كۆتىكى ،
چېچىلىپ كېتىدۇ چۆلنىڭ كىرپىكى .
يۇلتۇزلار ئۆمۈلەر قورسىقىمدا، ئېھ …
ياغىدۇ سىمىلداپ باھار يامغۇرى .
ئۆلۈكلەر تىرىكتۇر كۆزۈمنى يۇمسام ،
تاماكا تۈگەيدۇ ھەسرەتتىن بۇرۇن .
تولغىنىپ كېلىدۇ قاپقارا چاچلار ،
يىلاندەك مۇقەددەس ،قىسسىدەك ئۇزۇن .
ئاخىرى يوق چۈشنىڭ ،قىزنىڭ ،شېئىرنىڭ ،
تار ئۈزۈلسە توختايدۇ دۇتتار .
بۇلبۇل سايرايدۇ شەنبە كەچ ئۆيدە ،
قىزىلگۈل شېخىدا يوق زەرىچە باھار .

***

دوزاخلارنى ساناپ تۈگەتتىم
ئەي تەلۋە شەرەنداز ،ئەي قانخور شېئىر ،
ئەي سۇنۇق قەدەھتە قۇترىغان دېڭىز .
ئەڭ يىڭنە قۇلىقىدا يوقالغان كارۋان ،
ئەي ئۆلۈم ئەينىكىدە يالىڭاچلانغان قىز .
ئەي ئۆزى ئۆزىنى ئىچىلدۇرغان گۈل ،
يۈرەكتە سانجىلغان غەزەلخان پىچاق .
ئەي جاننى جانانغا بەرمەكچى بولغان
كىرپىكى يالقۇنغا چىلاشقان پىراق .
ئەي غالجىر مۇقاملار چۆرگىلىگەن چۆل ،
ئەي تەننىڭ ئالۋۇنى ،روھتىكى كىشەن .
ئەي ،سەن ئاچ قالغانچە بولۇپ مۇقەددەس
يالىڭاچ قالغانچە يۈكسەلگەن ۋەتەن ..
ئەي سەن يوق بولغانچە پارلىغان تەڭرى ،
ئەي تىرىك ئادەملەر كۆرمىگەن ئۆلۈم .
يارنىڭ تېنىدىمۇ جەننەت ؟ … ئۇندا مەن
بارچە دوزاخلارنى ساناپ تۈگەتتىم .

***

كۆڭلۈمنىڭ دېرىزىسىنىڭ يېنىدا
كۆڭلۈمنىڭ دېرىزىسىنىڭ يېنىدا
قەلبىمنىڭ شەرق ياكى غەربىي قوۋۇقىدا
تېنىمنىڭ جېنىم بىلەن كېسىشكەن مېردىيان سىزىقىدا
ئۆمرۈمنىڭ كۈنچىقىش ۋە كۈنپىتىش ئۇپۇقىدا
شىمالىي قۇتۇپتا ،ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا
مۇز ئوكياندا ،تەكلىمان قۇملۇقىدا
ناخشا ئېيتىۋاتقان خۇمارلىق جانان!…

***

تۇنجى خوتۇنۇمغا ئاتالغان
يېنىمدىن تۇرمىدىڭ ،باشقا جايدىن
سۆڭەكلىرىمنى تېرىپ ئەكەلدىڭ سايدىن
نېمانچە تۈگىمەس جازا مۇددىتى
مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاشقان مىللىتى
فابرىكا تاراقلاپ تۈمەن ئاتلاردەك
ئىككىمىز سۆيۈشكەن ئاخىرقى ئايدىڭ
چۈشۈمدە يورىدى يەنە بىر قېتىم .
تىللا ئۈزۈكلەر بارماقسىز قالدى
سۇمبۇل چاچلار تارغاقسىز قالدى
ئۆلۈپ تۈگىسەم ،بىر بولسام كاشكى
ئۆلۈم سائىتى توختاپ قالدى
سېنى ياراتقان تەڭرى بىلەن
مېنى ياراتقان تەڭرى بىر بولسا
ئۇچرىشارمىز قىيامەت كۈنى …

***

خۇرجۇنۇم ساڭا لىق تولدى
ھايات دەرىخىدە بىر ئۆلۈم
چېچەكلەپ تۇرغىنى مەن ئۆزۈم .
چېچەكلەر بەرگىدە قان ـ قان
خەندە ئۇرغىنى مەن ئۆزۈم .
ساڭا يېتەلـمەيدىغىنى مەن تۇرۇپ
ساڭا كېتىۋاتقىنى مەن ئۆزۈم .
ساڭا يارىمايدىغىنى مەن تۇرۇپ
ساڭا سېتىلىۋاتقىنى مەن ئۆزۈم .
كىچىككىنە قولۇڭ بولۇپ
چېچىڭنى تارىغىنى مەن ئۆزۈم .
ئىككى كۆزۈڭ بولۇپ
چۈشۈڭنى مارىغىنى مەن ئۆزۈم .
جېنىم مۇساپىر بۇ ئەجەلگە
تىلىم كەلـمەيدۇ ھېچبىر غەزەلگە
سېنى تىلەيدىغان تىلەمچىمەن
خۇرجۇنۇمنى سەن بىلەن تولدۇرغىنى مەن ئۆزۈم …

***

◉ قۇربان ھېيتنىڭ خۇشاللىقى

سەھراغا كېتىپ

توپىلاردا دۇمۇلايمەن .

جېنىمنى جانان چىنىگە سېلىپ

قېنىمنى قىزىل ئېرىقتا ئېقىتىمەن

ناغرا چالغان بويتاقلىقىمنى

سۇناي چېلىپ تۈگىتىمەن

ئاسمان مېنىڭ ھېيتلىق تۇمىقىم

تۇپراق مېنىڭ ھېيتلىق ئايىغىم

ئىشتىنىمدۇر شاماللار

كۆڭلىكىم يامغۇر …

◎◎◎◎

◉ مېنى سات پەلەك

دەرۋازام ئېچىقلىق يارنىڭ ۋەسلىگە،

يۇلتۇزنىڭ نۇرىغا مېنى سات پەلەك .

ئۆلۈمىم ياڭرايدۇ قۇمنىڭ تارىدا

ئۆزۈمنىڭ غارىغا مېنى ئات پەلەك .

گۈل بىلەن ئوقيانى تىزدىم يۈرەككە ،

ئىشقنىڭ زارىغا مېنى قات پەلەك

يۈزۈمنىڭ قاراڭغۇ خانىقاسىدا

ئاشىقى غېرىبتەك بىردەم يات پەلەك …

◎◎◎◎

◉ بىر بولسا ئاسماندا يەنە ئاسمان بار

بىر بولسا ئاسماندا يەنە ئاسمان بار

بىر بولسا تۇپراقنىڭ ئاستىدا تۇپراق .

ھاياتنىڭ ئالدىمۇ كەينىمۇ ئۆلۈم ،

ئادەملەر ئۆزىدىن كېتەلـمەس يىراق .

بىر بولسا ئۆلۈمدۇر بىردىنبىر چىراغ ،

بىر بولسا قاراڭغۇ ،مۇدھىش بىر خىيال .

بىر بولسا ئادەمنىڭ يارى ئۆلۈمدۇر

بىر بولسا ئۆلۈمنىڭ ئۆزى بىر ئايال .

بىر بولسا مېنىڭ بۇ قايغۇ ـ ھەسرىتىم

تەقدىرنىڭ قولىدا تەمبۇر يا ساتار .

ھەر مېنۇت تەڭرىمنى كۆرۈپ تۇرارغا

روھىمدا ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىسى بار …

◎◎◎◎

◉ تاشنىڭ ئىچىدە تاش يوق

تاشلار ئىشىكنى ئىچىۋەتتى

شامالدا ئۇچۇپ يۈرەر ئۆلۈم ۋاراقلىرى ،

جىنى جەھەننەمدە ئەمچى خەلق

چېچى خىيالىمدا يار تارغاقلىرى .

بىسمىللا دەپ تۇتقىنىم بىر تاش

پۇتلىرىم ئاستىدا شىرىقلىغان مارجانلار .

كۆزلىرىدە لىق ياش

نالە قىلىپ ياتقان ھايۋانلار .

ئاپئاق ھاياجاندا قېتىپ قالغان سۇ

چۈش كۆرۈۋاتقان سەبىي كۆك ئاسمان .

ئىچ ـ ئىچىدىن يورۇپ نۇرلىنىپ

ئاستا ـ ئاستا چىقىۋاتقان جان …

تاشنىڭ ئىشىكىدىن كىردىم ،

تەمبۇر چېلىۋاتقان سازەندىلەر بار

ھاشاردىكى ئىشلەمچىلەر بار .

تاشنىڭ ئىچىدە تاش يوق

ئىللاھى ـ بىللاھ !

◎◎◎◎◎

◉ دېرىزىنىڭ يېنىدا

بىرىنجى يۇلتۇز چىققاندىن باشلاپ

جىمىرلاشقا باشلىدىم

تولۇپ كەتتى يۇلتۇزلار كۆككە

بىر يۇلتۇز كۆزلىرىمنى يۇمدۇردى

بىر يۇلتۇز جىنازامنى كۆتۈردى

بىر يۇلتۇز يوللىرىمنى سۈپۈردى

ئاسمان كونىرىماس

ئاينىڭ ئېتىكىدە بىردەم ئۇخلىدىم

ئىتلار قاۋاپ ،كالىلار مۆرەپ

چۈشۈم پەسكە سىيرىلىپ كەتتى ؛

قوللىرىنى سوزۇپ ئاسمانغا

مېنى ئىزدەۋاتاتتى يۇلتۇزلار ئارىسىدىن

ماڭا يۇلتۇز ساناشنى ئۆگەتكەن ئانام ! …

◎◎◎

◉ تاشلار ئۆلۈپتۇ

سايغا بارما ،تاشلار ئۆلۈپتۇ

دەريالاردا سۇلار ئۆلۈپتۇ .

ئۆلۈپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر

جەھەننەمدە مېنى كۆرۈپتۇ .

دەھشەت بىلەن مۇقام چالىمەن

يالقۇنلايمەن ئۆچۈپ قالىمەن

ماڭا كەلـمە مەندە مەن يالغۇز ،

ساڭا كەتكەن كۆڭلۈم ئۆلۈپتۇ ..

◎◎◎◎◎

◉ كونا دۇنيا

كونا شارابلار كۈنسېرى كۈچلۈك ،

كونا كىتابلار كۈنسېرى قىممەت .

كونا ئىدىيەلەر كۈنسېرى مۇقەددەس ،

كونا ھېكايىلەر كۈنسېرى يېڭى …

◎◎◎◎◎

◉ ئىشسىز

تەڭرى ئاتا قىلغان تالانتىمنى

تەڭرىنى ئىنكار قىلىشقا ئىشلەتمەيمەن .

تەبىئەت ئاتا قىلغان كۈچ ـ قۇدرىتىمنى

تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشقا ئىشلەتمەيمەن .

ئادەملەر بەرگەن مېھىر ـ مۇھەببەتنى

ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلەتمەيمەن .

ئاياللار بەرگەن غۇرۇر ۋە ئىپتىخارنى

ئاياللارنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلەتمەيمەن .

بىر قېتىم كېلىدىغان بۇ ھاياتىمنى

.. ئىشلەتمەيمەن !

◎◎◎◎

◉ لەۋلىرىمىز ئىچكەندە شاراب

لەۋلىرىمىز ئىچكەندە شاراب ،

تەنلىرىمىز چېچەكلىگەندە .

قوللىرىمىز بولغاندا مەجنۇن ،

پۇتلىرىمىز كېكەچلىگەندە …

تۈگىگەندە ماڭقدىغان يول ،

قۇرىغاندا دىلدىكى لالە .

توختىغاندا ئۆلۈشتىن تامام ،

كۆرۈنگەندە يوق بولغان تەڭرى ،

سورىمايلى بىر ـ بىرىمىزدىن

ئىسمىڭ نېمە دەپ !…

◎◎◎◎

◉ بەلكىم

بەلكىم جېنىمنى ئالقىنىمغا ئالغاندىمەن

بەلكىم تېنىمنى مۇھەببەت كۈيىگە چالغاندىمەن

بەلكىم يولنى ئۆز يولىغا سالغاندىمەن

بەلكىم يولسىزلىقنى يولنىڭ چېتىدە قويغاندىمەن

شېئىر يېزىشتىن ئۆزگە ئىبادىتىم يوق

شېئىر يېزىشتىن ئۆزگە جىنايىتىم يوق

بەلكىم تەڭرىمنىڭ قېشىغا بارغىلى

ئاسمانغا چىقىدىغان پەلەمپەينى ياساۋاتقاندىمەن .

◎◎◎◎

◉ چۇۋۇلۇپ كەتتىم

پۇتۇم ماڭغان يوللاردا مەن ماڭمايمەن

قولۇم تۇتقان نەرسىلەرنى مەن تۇتمايمەن

كۆزۈم كۆرگەن نەرسىلەرنى مەن كۆرمەيمەن

ئالدىمدا ئارقامدىكى ئادەملەرنىڭ كۆلەڭگىلىرى

ئارقامدا ئالدىمدىكى ئادەملەرنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى …

جېنىمنى ئالقىنىمغا ئالـمايمەن

ئالغان كىشىگە بېرىۋەتمەيمەن .

قېنىمنى تېنىمنىڭ يانچۇقىغا سالـمايمەن

يېشىمنى يارنىڭ يولىغا چاچمايمەن

ئۆزۈم ئىچىۋېتىمەن .

كۆڭلۈمنى جانان چىنىگە تېگىشمەيمەن

چېقىۋېتىمەن …

مېنى ئۆلتۈرۋېتىمىز دەپ ئاۋارە بولـماڭلار

جېنىمنى تاپساڭلار تېنىم يوق

يۈرىكىمنى تاپساڭلار كۆكرىكىم يوق

ئاۋازىمنى تاپساڭلار تىلىم يوق

چۇۋۇلۇپ كەتتىم …

◎◎◎◎

◉مەندىن ساڭا ماڭغىنى

مەندىن ساڭا ماڭغان كۆز قاشلارنى

مەندىن ساڭا ماڭغان خەۋپ ـ خەتەرنى

مەندىن ساڭا ماڭغان مۇھەببەتنى ،نەپرەتنى

توسۇۋالـماق بولساڭ مۇبادا

ئاسماندا بولساڭ

يەردە بولـما ،

يەردە بولساڭ

ئاسماندا بولـما ،

ئوتتا بولساڭ

سۇدا بولـما ،

گۈلدە بولساڭ

خۇشپۇراققا تولـما …

مەندىن ساڭا ماڭغىنى سەن

مەندىن ساڭا ماڭغان ئۆزۈڭنى توسۇۋالـماق بولساڭ مۇبادا

مەندە بولـما

ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزۈڭدە بول !

◎◎◎◎

◉ ئىككىمىز

شېئىر ئۆلگەندە بىز ئىككىمىز

ئۆلۈم ئۆلگەندە بىز ئىككىمىز

قۇچاقلىشىپ تۇرغاندا بىز يوق

تەلـمۈرۈپ يۈرگەندە بىز ئىككىمىز .

قانىتىمىز قۇشنى ئاسمانغا چىقىرىدۇ

ئايىغىمىز يەرنى مۇقەددەس قىلىمىدۇ

بىر ـ بىرىمىزگە بارايلى ،ئۆزىمىزدە تۇرمايلى

بىر ـ بىرىمىزگە تولايلى ،ئۆزىمىزدە بولـمايلى

لاۋۇلدايلى ،ئۆچۈپ قالـمايلى .

بەكمۇ مۇقەددەس ئەرشى ـ ئەلادا

تاڭلا قىيامەت سۇبھاناللادا

مۇھەببەت ھەرچاغ ئوتتۇر ،يالقۇندۇر .

◎◎◎◎

◉ سەنسىز كۈنلەر شېئىر پۇرايدۇ

چاچلىرىڭنىڭ گۇگۇم پەيتىدە

كىشنەۋاتقان غېرىب يۇلتۇزلار .

يۈزىڭدىكى قوياشلىق تاڭدا

ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچى خەلق .

كۆزۈڭدىكى دېڭىز بويىدا

ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرغان كېچە .

لېۋىڭدىكى يۇپۇرماقلارغا

ئۇۋا سالغان قەدىمكى شاراب …

مەن قەلەندەر شاھىڭمەن سېنىڭ

جەسىتىڭنى باغرىمغا تىزغىن .

سەنسىز كۈنلەر شېئىر پۇرايدۇ

ئاھ ،جېنىمنىڭ ئىككىنچىسى سەن …

◎◎◎◎

◉ ئۆلۈم كېلىۋاتىدۇ

سۇلار مەرسىىيەسىنى باشلاپ بولغۇچە

تاشلار قېتىۋالسۇن

شاماللار ئورنىدىن تۇرۇپ بولغۇچە

گۈللەر توپىسىنى قېقىۋالسۇن

چىراغلار كۆزلىرىنى ئېچىپ بولغۇچە

كېچە يۈزلىرىنى ئېتىۋالسۇن

ئەزرائىل جاننى ئېلىپ بولغۇچە

ئادەملەر خۇشال ـ خۇرام ياشىۋالسۇن

ئۆلۈم كېلىۋاتىدۇ !

◐◑2009 ـ 2010 ـ يىللار ◐◑

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد «شېېئىردىكى قىز »ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن بىر نەچچە پارچە

◉ يەكشەنبە

بۇ كوچىدىكى ئادەملەر ئارا

قىپيالىڭاچ قىلىمەن مەنلا .

سۆزلىرىمبى ھېچكىم چۈشەنمەس

سۆزلىرىم بەلكى

بىر ياۋايى ھايۋان تىلىدا .

ئېلانلار

تاكىسىلار ۋە ئېگىز بىنالار

تونىمايدۇ پەقەتلا مېنى

(تونۇمايمەن مەنمۇ ئۇلارنى. )

كۆڭۈللۈكتۇر مەن ئۈچۈن پەقەت

شەھەر … ياق ،ياق بۇ ئادەملەر باياۋانىدا

ھۇۋلاپ يۈرىمەن پۈتكۈل يەكشەنبە

بىر ئەسەبىي يىرتقۇچتەك گويا .

◎◎◎◎

◉ پەقەت مەنلا بىلىمەن بۇنى

تۈندە باردۇر بىر كىشى

كەتكەن چەكسىز ئۇيقۇغا ،

ئۇخلىماس ئەسلا ،

پەقەت مەنلا بىلىمەن بۇنى .

ئۇ چېتىدىن دۇنيانىڭ

كېلەر مەن تامان ،

بىلـمەي مېنى ،مەۋجۇتلۇقۇمنى

ئاستا ـ ئاستا بىر جانان ،

پەقەت مەنلا بىلىمەن بۇنى .

قاپقاراڭغۇ كېچىدۇر ھايات

ئۆلۈم ئۇنىڭ چىرىغى

پەقەت مەنلا بىلىمەن بۇنى …

◎◎◎◎

◉شېئىردىكى قىز (1)

كۆرمىگەنمەن تۈندىكى ئۇنىڭ مۇڭلۇق چېھرىنى ،

بەلكىم شەپەق شولىسى سۇنغان زەڭگەر كۆك ئاسمان .

لېكىن ئۇنىڭ سېماسى چىللار مېنى يېنىغا ،

تۇتسام ئۇنىڭ قولىنى غايىب بولار شۇ ھامان .

ئوچۇق كۆڭلۈم ئىشىكى ،قەلبىم ھامان قۇپقۇرۇق ،

باغرىم كەڭرى ئېچىلغان ،قولۇم ئاڭا سوزۇلغان .

يېنىمدىلا ئۇنىڭ سۇس كۆلەڭگىسى جىمىرلار ،

تۇتسام ئۇنىڭ قولىنى غايىب بولار شۇ ھامان .

ئىشەنمەيمەن ئۇ قۇرۇق خىيال دېسەم شۇئانلا بولار يەنە ئالدىمدا پاك بىر جۈپ كۆز نامايان .

قارا ياكى زەڭگەرمۇ ،كۆلەڭگىسى ئۇ روھنىڭ ؟

تۇتسام ئۇنىڭ قولىنى غايىب بولار شۇ ھامان .

كۆرمىگەنمەن تۈندىكى ئۇنىڭ مۇڭلۇق چېھرىنى ،

ئاڭلىمىغان سۆزىنى ،ئاڭلىماسمەن ھېچقاچان .

باقار لېكىن مىسرالار ئارىسىدىن ئۇ ماڭا ،

تۇتسام ئۇنىڭ قولىنى غايىب بولار شۇ ھامان .

◎◎◎◎

◉ شېئىردىكى قىز (2)

بىلـمەيمەن ،

چۈشۈمدە كۆرگەنمەن بەلكىم سېنى ،

قۇچاقلاپ قويغانسەن مېنى غازاڭدەك .

بولغانسەن دېرەكسىز غايىب شۇ ھامان ،

كۆكسۈمدىن لەيلەپ ئۇچقاندا يۈرەك .

ئىشىكىم تەخىرسىز چېكىلسە تۈندە

نامەلۇم چىرايىڭ كېلەر ئىسىمگە .

ھېچكىم يوق … يىغلىسام مۇڭلۇق ئېسەدەپ

ئاققانسەن بىر تامچە ياش بوپ مەڭزىمگە .

ئۇزاق تۈن ،تەنھالىق ،زۇلـمەتلىك ئازاب

يىرتقۇچتەك قېنىمنى تۇرغاندا شوراپ ،

ئېھتىمال سەندۇرسەن قەدەھ تەكتىدىن

كۆزۈمگە تىكىلىپ رۇرغان قىز قاراپ .

ئېھتىمال سەن مەۋجۇت ئەمەسسەن ئەسلا ،

ياراتتىم سېنى مەن شېئىرلىرىمدا .

بىلـمەيمەن ،

سەرسان بوپ يۈرەرمەن بەلكىم بىر ئۆمۈر

ئىزدەپ ئاھ ،سېنى بۇ يوچۇن ھاياتتا .

◎◎◎◎

◉ ئۆلۈم قەسىدىسى

ئۆلسەم تەڭرىم بولىدۇ خوشال

ياشىغانسېرى بولىمەن بەرباد .

ئۆزۈمدىكى رەزىل ئادەمنىڭ

بوغۇلىمەن قەرزگە قات ـ قات .

◎◎◎◎

◉ دۇئېل

بارىمەن ئالدىڭغا لەيلەپ خازاندەك ،

ئۆكسىگەن دەريادەك ،ئۈنسىز ناخشىدەك .

دۇئېلغا چىللايدۇ مېنى كۆزۈڭدە

غالىبلىق تونىنى كىيگەن بىر يۈرەك .

ئۇپقۇنلۇق قەدىمىي قەلبىڭ بويىدا

قۇرۇلغان بارگاھ ۋە سانسىز قورغان .

داتلاشقان قىلىچلار ،ئۆڭگەن ئارمانلار

تەقلىنىپ تۇرماقتا ئالدىمدا بۇ ئان …

ھېچنىمەم يوق مېنىڭ قەلبىمدىن بۆلەك ،

ئېھتىمال ئۆلەرمەن رەقىب ئالدىدا .

غەم يەيمەن ،قالارمۇ سۆيگۈم ماكانسىز

ئۇپقۇنلۇق قەدىمىي قەلبىڭ بويىدا .

◎◎◎◎

◉ ئانا

سۈكۈتۈڭدىن ئەيمىنەر سابا ،

تاقىتىڭدىن قاتىدۇ دالا

شەپقىتىڭدىن خىجىلدۇر يامغۇر،

سۈلكىتىڭدىن گۈللەر ھەم جۇدا .

تەشۋىشىڭدە قىزارغان ئۇپۇق ،

ھىممىتىڭ زەر قۇياشتۇر ،ئانا !

◎◎◎◎

◉ لېكىن ئاشۇ قېرى جىگدىلىك

مەن سېنىلا قىلـمايتتىم ئارمان

ئاغرىنمىسا كۆڭلۈم سېنىڭدىن .

باشقىسى ھەم تېپىلار ئىدى

گۈزەللىكتە ئارتۇق سېنىڭدىن .

ئۇنتۇلاتتى قارا كۆزۈڭمۇ ،

گۈل تۈۋىدە خىيال سۈرۈش ھەم .

لېكىن ئاشۇ قېرى جىگدىلىك

ئەستىن چىقماي قىلـماقتا ئەلەم .

◎◎◎◎

◉ سۆيگەن قىز

نىھايەت بىر قىزسەن مىليون قاتارى ،

گۈللەرگە دۇشمەندۇر سەندىكى سۇبات .

بىر يۇمران دالا ھەم نازۇك بىر چىمەن

ئۇندا گاھ ئاھۇسەن ،گاھىدا سەيياد .

دالىلار ،ئورمانلار ،قۇشلار ساڭا دوست ،

ھەممىگە قەلبىڭنى قىلىسەن پارات .

سېھىرسىز ،سىرسىز بىر قىزدۇرسەن ،كاشكى

دۇنيادا پەقەت بىر ماڭا تىلسىمات .

◎◎◎◎

◉ دالا ،ياز سەھەر

ئەكىس ئېتەر كۆلنىڭ بېتىدە

سەھەردىكى ئەنسىز كۆك ئاسمان .

يۇلتۇزلارنىڭ سالقىن نىگاھى

لەيلەپ يۈرەر ئۇندا پەرىشان .

سايازلىقتىن ئۇزىغان قۇرغۇي

ئەگەشتۇرۇپ كېلەر ئۇپۇقنى .

تېنىق ،زەڭگەر قىلىچسىمان نۇر

يىرتىۋېتەر كۈل رەڭ يۇپۇقنى .

تۈن مەڭزىدە كۈلگەن كۈمۈش خال

ئاجراپ چۈشەر چاتقال قوينىغا .

نېمىگىدۇر كېتەر قاقىلداپ

تېرەكتىكى سەرگەندان قاغا ..

◎◎◎◎

◉ ئۇچرىشىش

قىسقاردى مۇساپە ئۇزاردى يوللار ،

بەدەۋىي جىملىقتىن يۇلقۇندى قۇياش .

ئەسلەردىن پەر قېقىپ ئۇچتى كالىندار ،

يۈرەكتىن دومىلاپ چۈشتى بىر تال تاش .

مۇزىكا ئەۋجىدە غايىپ بولدى تار ،

پۇتلارغا ئىسىلدى كالامپاي دۇنيا .

تەبەسسۇم ئەيلىدى ساختا مەغرۇرلۇق

كۆزلەردە لىغىرلاپ تۇرغان ياش ئارا .

ئەسەبلەر چېچىلدى يوپۇرماقلاردەك ،

باغلارغا باقالـماي ئۈزۈلدى باھار .

نەدىندۇر شىپلداپ كەلدى رىئاللىق ،

شۇ دەملەر قوياشتىن ياغار ئىدى قار .

◎◎◎◎

◉ تاساددىپىي ئاستا ۋە ئاستا

سەن بىر ئۆمۈر زارىققان سەنەم

تاساددىپىي ئاستا ۋە ئاستا

پەيدا بولار ئالدىڭغا سېنىڭ .

تەمشىلەرسەن بىر سۆز ئېيتماققا

ۋە يېنىغا بارماق بولارسەن،

ھېس قىلارسەن شۇندىلا ئاڭا

يوقلۇقىنى ئېيتار سۆزۈڭنىڭ .

قىزچاق ئاستا يىراقلار سەندىن

يوللار ئاستا يىراقلار سەندىن

دۇنيا ئاستا يىراقلار سەندىن

قالار يەنە قەلبىڭ يىگانە

ئاسمان سۈزۈك ،يۇلتۇزلار چاقنار

دىلدا گۈزەل ئارمانلار يانار

كېلەر جۈپ ـ جۈپ ئاشىق ـ مەشۇقلار …

سەنلا مىسكىن يەنە بۇ يەردە .

نېمىگىدۇ تەشنا بولغاندەك

كىملەرنىدۇ ئۇزاق كۈتكەندەك

ئۆكسەر ئاستا قەلبىڭ بىچارە

تاساددىپىي ئاستا ـ ئاستا

سەن كۈتۈشنى باشلايسەن يەنە .

◎◎◎◎

◉ رەھمەت ،رەھمەت مۇھەببىتىڭگە

كەلگەن بولساڭ كېتەرسەن چوقۇم ،

رەھمەت رەھمەت مۇھەببىتىڭگە .

يىغلاپ بەرگىن چىرايلىق ئوماق

رەھمەت ،رەھمەت مۇھەببىتىڭگە .

بەختتۇر بۇ ،بەخت تامامەن ،

ئۇنچە ئاچچىق ئەمەستۇر ھايات .

بەختلىكمىز ،يىغلايمىز شۇڭا

كۈلۈپ تۇرغان ھاياتقا قاراپ .

باقالامسەن كۆزلىرىمگە تىك ؟

مۇھەببىتىڭ بەلكىم مۇشۇدۇر .

چۈشىنىشىم كېرەك ئاددىيلا

ھاياتىمنى شۇنداق بەھۇزۇر .

◎◎◎◎

◉ ئايال

1

سەن

يېزىلـمىغان شېئىرسەن ،شېئىر

لېكىن

ئوقۇپ يۈرەر سېنى كائىنات.

2

سەن

ئېيتىلـمىغان ناخشىسەن ،ناخشا

لېكىن

شاماللارمۇ بىلەر نوتاڭنى .

3

سەن

يېرىم دۇنيا مەرسىيىسىسەن ،

لېكىن

كۆزلىرىڭنىڭ بىر ۋاخ ئوزۇقى

پۈتۈن دۇنيا .

◎◎◎◎

‏‎ ‏‎كە X◉

مېنىڭ بارلىقىم پەقەت مۇھەببەت ،

مۇھەببەت ،مۇھەببەت … ساڭا نە كېرەك ؟

ئەگەر خالىساڭ بېرەي مەن ساڭا

مۇھەببەت ئىچىدە ئۆلگەن بىر يۈرەك .

بۇ چۈش پەيتى ئىدى ئۆمرۈمنىڭ

قۇياش بىلەن خۇشلاشتىم بىۋاخ .

شېئىرلارغا ئۈنسىز ئەگىشىپ

كەتمەك بولدۇم سېنىڭدىن يىراق .

ئەمدى قول بېرىش قىيىندۇر ساڭا ،

ئۆزگە بىر ئادەمسەن مەڭگۈ مېنىڭدىن .

ئىشەن ،پۈتكۈل خەلقنى سۆيگەندەك

سېنىمۇ سۆيۈشۈم مۇمكىندۇر مۇمكىن

◎◎◎◎

◉ خەير ،ئۆيۈم

ئۇھ ! دېگۈچە

ھاپاش بولدى يەلكەمگە دۇنيا .

ئازاب

يۈگۈرۈپ كەلدى قەلبىمگە قاراپ .

خەير ئۆيۈم ،

مەن ماڭاي

مەن ماڭاي !

◎◎◎◎

◉ چىغىر يولدا ياتقان بىر تال دان

چىغىر يولدا ياتقان بىر تال دان

ئۇچراو قېلىپ شائىرغا

ئايلاندى بىر گۈزەل شېئىرغا .

چىغىر يولدا ياتقان بىر تال دان

ئۇچراپ قېلىپ پەيلاسوپقا

ئايلاندى بىر كىچىك قۇياشقا .

چىغىر يولدا ياتقان بىر تال دان

ئۇچراپ قېلىپ دېھقانغا

ئايلاندى بىر تىرىك جانغا .

چىغىر يولدا ياتقان بىر تال شېئىر

چىغىر يولدا ياتقان بىر قوياش

چىغىر يولدا ياتقان بىر ھايات

توزانلارغا قالدى كۆمۈلۈپ …

ئەگەر خاتا بولسا بۇ دۇنيا

ئەگەر خاتا بولسا بۇ دۇنيا

خاتا بولغان سېنىڭ ئۈچۈنلا .

يالغۇز ئىچكەن دەھشەتلىك مەيدە

قۇسۇپ سېنىڭ ئىسمىڭنى

توۋلىغانمەن مۇدھىش ئازابتا …

◎◎◎◎

◉ شېئىر ھەۋەسكارى … غا

بىزنىڭ بۇ شەھەردە ياشىماق ئاسان

ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپلا كەتسەڭ ناۋادا .

ياڭرايدۇ ھەر ياندىن ماتەم كۈيلىرى،

ئادەملەر ئاڭا ماس چۈشكەن ئۇسۇلغا .

ھەقىقەت تېپىلار پۇلۇڭ بولسىلا ،

مۇھەببەت تېپىلار پۇلۇڭ بولسىلا .

نامراتتۇر ھەممىدىن ۋىجدانلىق ئادەم ،

چىرايلىق كىيىمگە مۇھتاج ئاياللار .

بىلـمىگەچ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىتىنى

شېئىرغا مۇپتىلا بولغانمەن باشتا .

قايسىنى تاللايسەن ،مەھشەت ۋە شېئىر ،

ئىككى يول تۇرۇپتۇ ئالدىڭدا مانا …

◎◎◎◎

◉ ئۆمۈر

تىلىم چىقىپ سۆزلىگەندە تۇنجى رەت

دېگەنىكەنمەن ئانامغا :

ئۈزۈپ بەرگىن قۇياشنى ماڭا .

بىلـمەيمەن ،

نېمە بولار ئاداققى سۆزۈم

بېشىمدا

شام ياندۇرۇپ تۇرغان بالامغا ؟!

■ 1990 ـ 1995 ـ يىللار ■

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد «بەرگى خازان » شېئىرلار توپلىمىدىن بىر نەچچە پارچە

◉ سالام ياردىن ئايرىلغانلار

كۆل بويىدا ئولتۇرار بىر قىز

دەردى نېمىدۇر قايغۇسى نېمە ؟

يۈزلىرىدە بۇلۇتلار ئەگىپ

كۆزلىرىدە

يۈرەر نىشانسىز ئۈزۈپ بىر كېمە .

چاچلىرى شامالنى قىلىپ سازايى

سايىسى دولقۇنلىنىپ تاشتۇرغان كۆلنى .

ياشاتماق بولار كۆز يېشى بىلەن

قولىدىكى قۇرۇپ كەتكەن گۈلنى …

سالام ياردىن ئايرىلغانلار !

مەن مۇھەببەتنىڭ تەنھا شائىرى

كەلدىم بۇ دۇنياغا

جۇدالىقنى كۈيلىگىلى

◎◎◎◎

◉ ئىشىك چەككۈچىگە

كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بولسام

دېگىن : خۇشاللىققا چۆمگەن ئۇ پەۋەس .

ئەجەبلەنمە سېنى كۈتكەنمەن

سېنى كۈتكەنمەن باشقىنى ئەمەس .

يىغلاپ ئولتۇرغان بولسام مەن ئەگەر

دېگىن : ئۇنىڭ دەردى گۈزەل نەقەدەر ؟

ئەجەبلەنمە بۇ مېنىڭ دەردىم

سېنىڭ كېلىشىڭدىن ئالغان خۇش خەۋەر .

يوشۇرما قولۇڭدىكى پىچاقنى

يوشۇرما كۆزۈڭدىكى غەزەپ ـ نەپرەتنى .

ئېھ،مەن كۈتكەنمەن ،كۈتكەنمەن ئۇزاق

بۇ مۇھەببەتنى !

◎◎◎◎

◉ بۈگۈن ئايغا ئون يەتتە

بۈگۈن ئايغا ئون يەتتە

قاتىل كۆزلىرى قۇياشنىڭ قىزىل

بۈگۈن ئايرىلىدىغان كۈن

ھەممە ئىشكلەر تاقاقتۇر بۈگۈن

ئايال دېگەن ۋەتەن

ئايال دېگەن كىشەن

ئايال دېگەن بىر دۇشمەن

ئايال دېگەن

يالاڭاچ بولغاندا ئاندىن ئايال

سۆزۈمگە ئىشەن !…

ماشىنىلار ،ئىمارەتلەر

پۇللار ۋە قۇللار

ۋەھشى جاراڭلىغان توي ناغرىسى

شەھەرنىڭ سېمىز خوتۇنلىرى

كاۋاپدانلاردا كۆيۈۋاتقان

تەكلىماكاننىڭ توغراق ئوتۇنلىرى

ھەممىسى ساختا

ئايرىلغان چاغدا …

◎◎◎◎

◉ كۆڭۈلنىڭ كەينىدە

تامنىڭ كەينىدە

كۆڭۈل ،

كۆڭۈلنىڭ كەينىدە

ئىتلار ،ئىشەكلەر …

كۆڭۈلنىڭ كەينىدە

گۈل ئېچىلىۋاتقان

سېتىلۋاتقان

تېشىلىۋاتقان

ھاسىسىنى تورۇكلىتىپ قەلەندەر دۇنيا

ساپايە چېلىۋاتقان …

كۆڭلۈمنىڭ كەينىدىمەن

خىيالىمدا

مەي باغلىغان سەمەرقەند ئالـمىسى !

◎◎◎◎

◉ مەن مەن ئۈچۈن

مەن چوقۇم ئىتلار بىلەن بىر تۇغقان ئەمەس

كۆزلىرىم يۇلتۇزلاردىن نۇر ئالغان ئەمەس .

مەن مەن بولۇشتىن ئىلگىرى ھېچكىم ئىدىم ،

مەن مەن بولغاندىن كېيىن

باشلانغان سەرسانلىق ،ئازاب ـ ئوقۇبەت …

خوشلاشمىسام نە مەنىسى مۇھەببەتنىڭ ،

ئۆلىدىغان تۇرسام ،نېمە قىلىمەن مەنە ئىزدەپ

ھاياتتىن ؟

نېمە قىلىمەن ئۇزاق ياشاپ ،

بۇ مەنزىلگە كېچىكىپرەك بېرىشتىن باشقا ئىش

ئەمەس !

مەن مەن ئۈچۈن

باشقىسى يالغان !…

ئىشىك ـ دېرىزىسى يوق بىر قاراڭغۇ كامېردۇر قەلب ،

ئادەملىكتىن كېچىشلا پەقەت

قۇتۇلۈشنىڭ بىردىنبىر يولى …

◎◎◎◎

◉ جۆيلۈش

تەڭرىدىن خەۋەر كەلـمىگۈچە

ئىنسانلىقىمغا تەن بەرمەيمەن .

تېرەم تەتۈر سويۇلـماقتا

قۇياشما گېپىم يوق .

مېنى تېرىۋالغان ئەخلەت

مۇھەببەت .

مەن بىر دۇكان

دۇنيا ئىجارىگە ئالغان .

مېنى قانغا ئىشەندۈرگەن

ئىچىمدىكى ھايۋان .

شېئىر يېزىش

قاتىللىق قىلىش .

شېئىر ئوقۇش

خۇشال ئۆلۈش .

مېنى چاقىرماڭلار ،

غايىب بولىمەن .

چوققىلىرىم تۈزلەڭلىكلىرىمدە

بۇرچۇم

نەپرەت ،

جەننىتىم

دوزاختا ،

دوزاخ

ئىچىمدە .

دوستلار ،

خۇشال ئۆلۈڭلار .

◎◎◎◎

◉ بۇ دەقىقىدە ئاسمان قالـمىدى

بۇ دەقىقىدە ئاسمان قالـمىدى ،

بۇلۇتلار پۇتلىرىڭنىڭ ئۈستىدە ئۇيقۇغا كەتكەن .

تېنىڭدا قىيا ئېچىلغان ئۆلۈمنىڭ ئىشىكلىرى ،

كۆزۈڭدە يالتىراپ تۇرغان سوغۇق قىلىچلار ،

چېچىڭ مۈرەڭدە دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريادەك .

ئاستا ـ ئاستا

ئۆرلىمەكتە قەبرىلەردەك كۆكسىگە قاراپ

ئەرش ئوردىسىنىڭ پەلەمپەيلىرى .

◎◎◎◎

◉ بۇ چۆچەكلەر ،بۇ ھېكايىلەر

ساھىبجامال يار جەسىتنى

ئېلىپ كېلەر بىر مۇڭلۇق دەريا …

بۇ چۆچەكلەر ،بۇ ھېكايىلەر

داۋاملىشار قەبرەمگىچە تا .

ئۇنى چەكسىز سۆيۈشلىرىمدىن

نۇرغا تولار روھىمدىكى غار .

يۇلتۇزلارنى قىلار ئارغامچا

مەن ئېسىلغان مۇھەببەتلىك دار ..

ئېھ ،قەلبىمنىڭ تەنھا مېھمىنى

كەتمە ،جەسەت بولساڭمۇ مەيلى .

بۇ چۆچەكلەر ،بۇ ھېكايىلەر

بىزگە قەبرە،بولار ئاخىرى !

◎◎◎◎

◉ مەن ساڭا بەرمەكچى ئىدىم بىر ئاسمان

مەن ساڭا بەرمەكچى ئىدىم بىر ئاسمان ،

قاراپ باق كۆڭلۈڭگە ،بارمۇ ئاي قوياش ؟

مەن ساڭا بەرمەكچى ئىدىم بىر دەريا ،

چۆمۈپ باق مېھرىگە توسقۇسىز ،بىباش .

مەن ساڭا بەرمەكچى ئىدىم ئۆزۈمنى ،

تۇتۇپ باق كۆكسۈڭدە بارمۇ قوش يۈرەك ؟

مەن ساڭا بەرمەكچى بولغان ئالەمنىڭ

جىمىكى پۇقراسى مەن بولسام كېرەك !…

◎◎◎◎

◉كۆڭلۈمدە سەن پاتقۇدەك بىرلا ئىشىك بار

كۆڭلۈمدە سەن پاتقۇدەك بىرلا ئىشىك بار ،

مەن ئىشىك تۈۋىدىكى قاراۋۇل ؛

كۆڭلۈمدە سەن پاتقۇدەك بىرلا ئىشىك بار

مەن كارىۋاتتنىڭ يېنىدىكى كۆزەتچى

كۆڭلۈمدە سەن پاتقۇدەك بىرلا ئىشىك بار،

بار پەقەت ئالدىدىكى ھازىدار .

كۆڭلۈمدە

بار پەقەت بىرلا پادىشاھ

مەن ئۇ پادىشاھنىڭ بىردىنبىر قۇلى …

◎◎◎◎

◉ يېزىلـمىغان شېئىرلارنىڭ ئاپتورى

بىر كۈنى مەن بولۇپ بىر قاغا

ئۇچۇپ كەتسەم ئورمانغا ،

بىر كۈنى مەن يىغىلسام تاشتەك

ئاشىق ـ مەشۇق جۇدا بولغان داستانغا .

بىر كۈنى مەن …

يەنە مەن …

ھۇيت ـ ھۇيت …

بىر كىم چارقىردى :

غوجىمۇھەممەدنى تونۇمسىز ؟ دېدى .

غوجىمۇھەممەد ؟! …

ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئۇ

تۇغۇلـمىغان ياكى ئەزەلدىن ،

بۇ ئىسىم ــ

يېزىلـمىغان شېئىرلارنىڭ ئاپتورى .

◎◎◎◎

◉ توقۇم ـ توقۇم كىتابلار

ھەممە توقۇم ـ توقۇم كىتابلارنى ئوقۇپ چىقتىم

يەنە

توقۇم – توقۇم كىتابلار …

قۇياشقا تىكىلىپ قارىغىلى بولـمىغۇدەك

تىكىلىپ قارىغىلى بولـمايدىغان ئاتام

دېگەن ماڭا :مەن ئۆلسەم

ئۆزۈم ئۆستۈرگەن تېرەك

بولسۇن مېنىڭ جىنازام …

مەن ئوقۇغان توقۇم ـ توقۇم كىتابلاردا

بۇنداق جۈملە يوق .

مەن ئامراق ئاپئاق كىتابقا

بۇ كىتابتا

خۇدانىڭ دۇنيا ۋە كائىناتنى ياراتقاندىكى

سر ، ھېكمەتلەر بار .

◎◎◎◎

◉ ئاھ مېنىڭ تەڭرىم ،ئاھ مېنىڭ تەڭرىم …

مېنىڭ پۇتلىرىم جەننەتتە سەيلەر

مېنىڭ بېشىم دوزاختا كۆيەر ا

مەن ئۈزگەن گۈل خازاندۇر

مەن سۆيگەن يار ئالەمدە يوق .

تاشنىڭ ئىشىكىدىن كىردىم ؛ بىسمىللاھ

ئاڭلىدىم شۈكرىسىنى ؛ يا رەسۇلىللاھ

تاش دەيدۇكى :قۇلىقىم يوقتۇر ،

كۆزۈم ھەم ئاغزىم يوق ،ئەلھەمدۇللىلاھ! …

سۈرتتۈم گۈل بەرگىدىكى تامچە شەبنەمنى ،

شەبنەم دېدىكى : بۇ نە كۈچ ـ غەيرەت ؟

شۇنچە ئاپتىپى بىلەن بىر تامچە ياشنى ،

قۇرۇتالـمىغان قۇياشقا لەنەت!

يولۇم ئەلـمىساقتىن ئەبەدىيەتكە

ماڭا ھەمرا كىمدۇر تەڭرىمدىن بۆلەك ؟

ئۇ مېنى بار قىلدى ،مېنىڭ بارلىقىم

ئۇنى ھەم ھەر تىنىقىمدا بار قىلسا كېرەك !

ئۆلگۈر بىنالار ئالدىمنى توسما

ئىچىمدا بىر يول بار ئاسمانغا تۇتاش .

ئەگەر ئۆلسەم … يەنە يالغۇز قالغۇدەك

ئاھ مېنىڭ تەڭرىم،،ئاھ مېنىڭ تەڭرىم !…

◎◎◎◎

◉ ھەممىمىزنىڭ ئالقىنىدا …

دەريادا ئېقىۋاتقان سۇلار

ئارقىسىغا قارىمايدۇ

تاغلار ھەرگىز

قىلـمايدۇ تەزىم .

ھايات

غەم ــ غۇسسىغا تولغان ،

ئويناپ يۈرەر ئەتراپىمىزدا

شاد ـ خۇرام ئۆلۈم …

ھەممىمىزنىڭ ئالقىنىدا

ئاخىرەتنىڭ خەرىتىسىنى !

◎◎◎◎

◉ يەنە

يەنە ھىجرانغا بىردەم تاقەت بار ،

يەنە كۈتۈشكە بىردەم ئئىختىيار

قەبرىلەرنىڭ بىرىدۇر قەلبىم ،

يەنە

مۇھەببەت مېنى ئۆلۈمگە چىللار .

تۈننىڭ ئىتىكىدە ئولتۇرغان جانان ،

كۆڭلۈمدۇر ئۈستۈڭدىكى قاراڭغۇ ئاسمان .

ئاسماندا پەقەتلا بىر تال يۇلتۇز بار ،

سېنىڭ نۇر يېغىپ تۇرغان چېھرىڭدۇر .

◎◎◎◎

◉ پەقەت بىر ئاسمان بولـمايسەن

پەقەت بىر ئاسمان بولـمايسەن ،

يۇلتۇزلىرىمنى پەرىشان قىلىسەن .

پەقەت بىر چۆل بولـمايسەن ،

ئاياغ ئىزلىرىمنى سەرگەندان قىلىسەن .

پەقەت بىر گۈل بولـمايسەن ،

گۈلزارلىقىمنى ۋەيران قىلىسەن .

پەقەت سەن

قىيا بىر بېقىپ ،

تاغدىكى ئاھۇلاردەك چۆچۈپ ،

چۆلدىكى ياھۇلاردەك ئۈركۈپ ،

تۆگىلەردەك

ئات ـ ئۇلاغلاردەك

تۈگىمەس سەپەرلەرگە ماڭغان كارۋانلاردەك

مېنى سېغىنىش ئازابىغا تاشلاپ كېتىپسەن …

جېنىمدىنمۇ يېقىنراى تۇرىسەن ،

ئۆلـمىگۈچە يار بولـمايسەن !

◎◎◎◎

◉ ھەقىقەت يەرنىڭ يەتتە قات تەكتىدە

خىيال قۇشلىرىم،ئۇچۇپ بارالـمىغان ئۇ ئاسمان

يەرنىڭ يەتتە قات تەكتىدىدۇر .

بەلكىم ئۇ قۇشلار

چۈشكەن ئاسماننىڭ يوقلۇقىنى

ئۇچقانسېرى

ئۇچقانسېرى …

◐2008 ـ 2009 ـ يىللار ◐

بۇ يۈرەك

مۇسەددەس

يارۇ- جانان دەردىدە ئاھ، بولدى خۇمدان بۇ يۈرەك،

يىغلىدى زار، قىلدى نالە، چەكتى ئەبغان بۇ يۈرەك،

ئىشىق چۆلىدە مەشرەبىدەك قىلدى ئىسيان بۇ يۈرەك،

بۇلبۇلى بىچارىدەك گاھ يىغلىدى قان بۇ يۈرەك،

كەزدى گاھى بوپ قەلەندەر دەشتى ھېجران، بۇ يۈرەك،

بولدى سۇلغۇن گۈل- چىمەنلەر ئىچرە رەيھان بۇ يۈرەك.

كەلمىدى ئاھ، سۈرتكىلى ياشىنى چۆللەردىن بوران،

كەلمىدى يا بىلگىلى دەردىنى تاغلاردىن تۇمان،

كەلمىدى ياكى سوراپ ھالىنى باغلاردىن خازان،

كەلمىدى يار، ياكى تەندىن چىقمىدى بۇ خەستە جان،

ئول پىراقنىڭ خەنجىرىدە بولدى ۋەيران بۇ يۈرەك،

لەئلى مارجاندەك چېچىلدى، بولدى سەرسان بۇ يۈرەك.

كۈندۈزى كۈنگە بېقىپ، زۇمرەت ساماغا يىغلىدى،

كېچىسى تۈنگە كىرىپ غايىب ساداغا يىغلىدى،

قەلبىدە گۈر- گۈر كۆيۈپ تۇرغان گۇناغا يىغلىدى،

يىغلىدى، سوزدى قولىن، قادىر خۇداغا يىغلىدى،

يىغلىدى ئاھ يىغلىدى، بولدى پەرىشان بۇ يۈرەك،

قانۇ- ياش، دەردى- ئەلەمگە بولدى سۇلتان بۇ يۈرەك.

مەي دېدى كەلدى زەھەر ئاھ، گۈل دېدى كەلدى تىكەن،

سۇ دېدى كەلدى باياۋان، چۆل دېدى كەلدى چىمەن،

بار دېدى يوق بولدى ھەممە، يوق دېدى بولدى رۇشەن،

كىيدى ئۇ روھ- تېنىگە ئاخىر جۇدالىقتىن كىپەن،

بارچە غەۋغالارنى يارسىز، ئىيىتتى يالغان بۇ يۈرەك،

يار يولىغا تەلمۈرۈپ ئاھ، تۆكتى گىريان بۇ يۈرەك.

بولمىسا سۆيگۈ ئەگەر دۇنيا بىنا بولماسمىدى؟

كۆيمىسە دىلدا پىراق، دوزاخ ئوتى يانماسمىدى؟

تۇرمىسا كۈندە ئۆلۈپ ئاشىق يۈرەك قانماسمىدى؟

تاپسا گەر ۋەسلى- مۇراد،ئالەمدە يار قالماسمىدى؟

كۆيدى دوزاختەك لاۋۇلداپ، بولدى گۈلخان بۇ يۈرەك،

يەتتە ئىقلىمغا ئىشىقنى قىلدى داستان بۇ يۈرەك.