ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق مەدەنىيىتى

يۈسۈپجان ياسىن

ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تارىخىدا مەۋجۇتلىقىنى قوغداش ۋە تەرققىيات ئىھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرى قەتئىي ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان بىر قاتار تەرتىپ , نورما — ئۆإلچەم، قىممەت ھۆإكۈملىرى، ئۆإرپ – ئادەتلەر ۋە پرىنسىپلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز بۇ سىستېمىنى ئەخلاق دەپ ئاتايمىز.
بۇ سىسىتېما ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا «ياخشى»ياكى «توغرا» دەپ قارالغان تەرەپنى ھاياتقا پرىنسىپ قىلىش, «يامان» ياكى «خاتا» دەپ قارالغان تەرەپنى چەتكە تىپىش شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان «ياخشى» ياكى «توغرا» تەرەپ ئەخلاقنى، «يامان» ياكى «خاتا» تەرەپ ئەخلاقسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس كىتاپلاردا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى ھېساپلانغان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋا ئانىنىڭ چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ قويۇپ يەر يۈزىگە ھەيدىلىش ئارقىلىق ، « ياخشى » ۋە « يامان» بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقى بۈگۈنكى كۈندە بىز« ئەخلاق »دەپ ئاتاۋاتقان تېمىنى ئاددى قىلىپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا, بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىنىڭ كۆإڭلىنى ئاغرىتماستىن، بىر بىرىگە زىيان يەتكۈزمەستىن، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداپ، تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇق پايدىلانغىدەك شەكىلدە ئۆز ھەرىكىتىنى رەتكە سېلىشىقا يارايدىغان پرىنسىپلىرىنىڭ توپلىمى ئەخلاقنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئەخلاق ئىنساننىڭ ھەرىكەتلىرىنى رەتكە سالىدىغان ، چەكلەپ تۇرىدىغان ۋە بۇ ھەرىكەتلەر ئإزىگىمۇ ،ئەتراپتىكىلەرگىمۇ پايدا يەتكۈزىدىغان،ئۆزىنىمۇ ،ئەتراپتىكىلەرنىمۇ خۇشال قىلىدىغان ، كىشىنى ئەتراپىغا ھېچقانداق بىر زىيان يەتكۈزمەستىن باشقىلار بىلەن ماسلاشتۇرىغان قائىدىدىن ئىبارەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،ئەخلاق ھەركىم باشقىلارنى ئۆزىدەك كۆرۈش، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش،باشقىلارنىڭ خوشاللىقىدىن شاتلىنىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت.
قىسقىسى، ئەخلاق ئەقىلگە، قەلپكە، ئىختىيارلىققا تايانغان يېزىقسىز قانۇن. ئۇ مۇناسىۋەت پرىنسىپى ۋە ياشاش پرىنسىپى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەخلاقنىڭ شەكىللىنىشى ئىرق، تۇيغۇ، ئىتىقاد، ھايات تەجرىبىلىرى، دۇنيا قاراش ۋە تەربىيە قاتارلىق ئامىللارغا تايىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىرق بىلەن تۇيغۇنىڭ رولى ھەممىدىن زور . شۇ ۋەجىدىن ئەخلاق مىللىيلىككە ئىگە بولىدۇ ،تۈرلۈك مىللەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن,ئىرقنىڭ بوزۇلسا ئەخلاق ۋەيران بولغىنىدەك, تۇيغۇنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر مىللەت گۈزەللىك دەپ قارىغان نەرسىنى ئىككىنجى بىر مىللەت رەزىللىك،دەپ چۈشىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق « تۆرە » ۋە «ئەردەم » دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلىنغان. تۆرە «ئىجتىمائىي ھاياتنى رەتكە سالغۇچى نورمىلارنىڭ تامامى»، « ئەجداتلاردىن قالغان پۈتكۈل قائىدىلەرنىڭ توپلىمى»،دەپ قارالغان.ئۇنىڭ يەنە « قانۇن » دېگەن مەنىسىمۇ بولغان. ئەردەم سۆزى يەنە «قابىلىيەت» ،«كۈچ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىككى ئاتالغۇدا ئىپادىلەنگەن مەنىدىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۇقۇمىنىڭ ،ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى ۋە رولى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ۋە تەتقىقاتىنىڭ ھەر زاماندىكى دەۋرداشلىرىنىڭكىدىن كۈچلۈك بولغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا ئىستىمال قىلىنىۋاتقان « ئەخلاق » سۆزى قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىن ئەرەپ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ،ئۇ « خۇي»، « مىجەز »، «قىلىق»،«خۇلۇق » ۋە « خاراكتېر » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. سۆز مەنىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئەخلاق ئاتالغۇسىدا «بىر كىشىنىڭ خاراكتېرى» دېگەن ئۇقۇم چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ماھىيەت جەھەتتىن بۇ ئاتالغۇنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋردىكىگە ئوخشاش جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋە تۇرمۇشنى رەتكە سالغۇچى قانۇن ، مىللەتنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ،مىللەتنى سىرتقى تەھلىكىدىن قوغدىغۇچى كۈچ ، دەپ چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئەخلاق شەرتسىز، مۇنازىرىسىز ۋە ئىلمىي دەلىلسىز ھالدا بويسۇنۇش شەرت بولغان كەسكىن ھۆكۈملەر بىرلىكىدۇر.
قەدىمدە ئۇيغۇرلار ئەخلاقنى «كەسكىن ھۆكۈملەر بىرلىكى» دېگەن مەنىدە «كۆل تۆرە» دەپ ئاتىغان. تۈركىي تىلدىكى بۇ سۆز ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن فرانسۇزلارغا، فرانسۇزلاردىن ئىنگلىزلارغا ئۆتكەن. ئۇلار بۇ سۆزدە ئىپادىلىنىۋاتقان ئۇقۇمقا قاراپ، ئۇنى «مەدەنىيەت»(بولۇپمۇ مىللىي مەدەنىيەت) دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن ۋە «كۈلتۈر» دېگەن سۆزنى ياساپ چىققان. دېمەك، غەرپلىكلەر نەزىرىدىكى «مەدەنىيەت» بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ، ياكى بىز ئەخلاق دەۋاتقان نەرسە غەرپلىكلەر نەزىرىدىكى مەدەنىيەتتۇر.
مەلۇمكى، بىر كىشىنىڭ مۇكەممەل بىر ئىنسانغا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىلىم ،تالانت ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە ئەڭ زۆرۈر قورال ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاقنىڭ رولى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئىرادىسى پەقەت ئەخلاققا تايانغاندىلا بىر ئىدىئالغا ئايلىنىدۇ، ئۇ تەرەققىي قىلسا مىللەتنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيادا غايەت زور ئۇتۇققا ئىرىشكەن ئىدىيەلەر ئۇنىڭ توغرا ۋە ياخشىلىقىدىن ئەمەس،بەلكى ساغلام ئەخلاققا ئىگە ھىمايىچىلەرگە ئىرىشكەنلىكىدىن بولغان. ئەڭ ئىلغار بىر پىكىرنى ۋە بۈيۈك بىر ئىدىيىنى بوزۇلغان بىر جەمئىيەتكە ئېلىپ كىرسەك ، ئۇنىڭ دەرھال بىر ئەسكى – تۈسكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ياكى ئەرزىمەس بىر ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز.
ئەخلاق ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر كىم باشقىلارنى ئۆزىدەك كۆرۈش، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قىلىش دېگەنلىكتۇر. دېمەك، ئەخلاقلا بولىدىكەن كىشىلەرنىڭ خاسلىقى، تۇغما تالانتىنىڭ ئېچىلىشىغا زىمىن ھازىرلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىللەت ئەزالىرىنىڭ روھىيىتى ۋە جىسمانىيىتىدىن بىر خىل ئىقتىدار شەكىللىنىپ ، مىللىي كۈچ – قۇۋۋەت مەيدانغا كىلىدۇ. ئەخلاقنىڭ قىممىتىنى باشقا ئىجتىمائىي قىممەتلەر بىلەن ئۆلچىگىنى بولمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىلىم ۋە تالانتتىكى يىتەرسىزلىكىنى ئەخلاق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك تولدۇرۇپ كىتىدۇ . لېكىن،ئەخلاق جەھەتتىكى بىر كەمچىلىكنى بىلىم ۋە تالانتتىكى ھەرقانداق خاراكتېر تولۇقلىيالمايدۇ. دېمەك ،ئەخلاق بىر خىل ئۈستۈنلۈك، بىر خىل كۈچ ھېساپلىنىدۇ. ئەخلاقنىڭ قۇدرىتى ئارمىيە، بىلىم، تېخنىكا ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
بىر مىللەتنىڭ زەئىپلىشىشى ياكى گۇمران بولۇشى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقتىن ئەمەس ،بەلكى ئەخلاق جەھەتتىكى بۇزۇلۇشتىن پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭدەك بىر ئادەمنىڭ ھۆرمەت تېپىشى ياكى قەدر— قىممىتىنى يوقىتىشىمۇ دەل شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تارىختىن مەلۇمكى،مەيلى ئۇيغۇر مىللىتى بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقتا يۈكسەلگەن چاغدا گۈللەنگەن، ئەخلاقتا چۈشكۈنلەشكەن چاغدا زەئىپلەشكەن.
تارىختا غەربىي رىم ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى،ئەرەپ ۋە پارس ئىمپېرىيىسى، ئىسپانىيىدىكى گوتلار ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىدىن گۇمران بولغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەردىن بىرى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فرانسۇزلاردىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ زېيىنىنى فرانسىيە ھازىرغىچە تولدۇرالمايۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك يېقىنقى دەۋرلەردىن باشلاپ ئۇيغۇر ھاياتىدا كۆرۈلگەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە چېكىنىشكىمۇ ،شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە ئەۋج ئېلىۋاتقان خاتىرىجەمسىزلىككىمۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەخلاقتىكى ئاينىپ كىتىشى سەۋەپ بولغان . بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل دۇنيادا ئەۋج ئېلىپ كىتىۋاتقان ئىجتىمائىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، نۇرغۇن ئالىملار، فۇندى جەمئىيەتلەر ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى، تەتقىقات مەرىكەزلىرى ھەممىدىن ئاۋۋال ئەخلاقنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇراجەت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا رىقابەتلىك ۋە زىددىيەتلىك بۇ دۇنيادا مۇناسىپ ئورنىنى تېپىپ، شەرەپ – غۇرۇر بىلەن ياشىماقچى بولغان ۋە ئورنىدىن دەس تۇرماقچى بولغان ھەر قانداق بىر مىللەت ئالدى بىلەن چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى ئوپراتسىيە قىلىش كىرەك.
ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىن مەلۇمكى، تارىختا ھەرقانداق بىر مىللەت مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدە ئالاھىدە يۈكسەلگەن. يۇنانلىقلار ئېستېتىكىدا، رىملىقلار ھوقۇقتا، گېرمانلار پەلسەپە بىلەن مۇزىكىدا، ئېنگلىزلار ئىقتىسادتا، فرانسۇزلار ئەدەبىياتتا، ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىيلار دىندا، خەنزۇلار ھۈنەر – سەنئەتتە ، تۈركلەر – ئۇيغۇرلار ئەخلاقتا ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرغان.
مەھمۇت قەشقەرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان« ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ: مىنىڭ بىر تائىپە قۇشۇنۇم بار ، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم ، ئۇلارنى كۈن چىقىشقا ئۇرۇنلاشتۇردۇم . بىرەر قەۋمگە غەزەپلەنسەم ،تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن» دېگەن چۈشەنچىگە قارىتا « بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ ئىزاھلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە تەرەققىياتنىڭ مەنبەسىنىڭ ئەخلاقىنىڭ يۈكسەكلىكىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مەھمۇد قەشقەرى يەنە « ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم ، يېقىملىق،ئۇچۇق چىراي،ئەدەپلىك، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددى-ساددا،كەمتەر، دادىل ، مەرت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان – ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە» دەپ مەلۇمات بەرگەن. باشقىرت ئالىمى ئا. زەكىي ۋەلىدى توغانمۇ « ئۇيغۇرلارئەخلاقتا مۇكەممەل ئىنسانلاردىن بولۇپ،سەمىمىي بىر مەدەنىي جەمئىيەت تەشكىل قىلغانىدى» دەيدۇ. ھەقىقەتەن،ئۇيغۇر تارىخىنى بىر ئەخلاق -پەزىلەت كۆرگەزمىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقىدىن مۇكەممەل بولۇپ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپى ئەخلاق بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. يەنى، سۆز، ھەرىكەت، كىيىنىش، ئۇزۇقلىنىش،ئولتۇراقلىشىش،مۇناسىىۋەتلىشىش، تەربىيىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىي پائالىيەت، قائىدە-يوسۇن ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىدىكى بەلگىلىك قائىدە – تەرتىپلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يەنە بەلگىلىك ئەخلاقىي تەرتىپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرى،قوشاق- داستانلىرى،خەلق ھېكايىلىرىدىمۇ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى مۇقەددەس بىلىشتەك ئالاھىدە مەدەنىي ئەھۋال يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بىز يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا نەزەر سالساقمۇ نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ مىللىي ئەخلاقنى قوغداش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلىمىز. 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش ياساپ، بىر«مىللىي كۈچ »نى ۋە بىر قېتىملىق «مىللىي ئويغىنىش دەۋرى »نى ياراتقان قومۇل دېھقانلار قوزغىلاڭى بۇنىڭ بىر مىسالى ھېساپلىنىدۇ.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كىرەككى،ئۇيغۇرلار بىر كىشىنىڭ قىممىتىگە باھا بىرىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلىمى، مەرتىۋىسى، بايلىقى ۋە نۇپۇزىنى ئەمەس ، بەلكى ئەخلاقىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. يەنى بىر كىشى ھوقۇق جەھەتتە قانچىكى يۇقىرى دەرىجىگە ياكى ئىقتىساد جەھەتتە قانچىكى كۆپ بايلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئەخلاقسىزلىق ئەھۋالى بولىدىكەن، بۇنداق كىشى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىتىبارسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسىنىڭ ئوبرازلىق ۋە ئىخچام ئىپادىسى بولغان ماقال – تەمسىللىرىمىزنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىدىكى ئإۆرنەكلىرىدىن بىرىدە «ئەخلاقلىق كىشى گۆھەرگە ئوخشايدۇ،ئەخلاقسىز كىشى ئۆتۈك ئىچىدىكى پىتەككە ئوخشايدۇ »دېيىلسە، بۈگۈنگە مەنسۇپ ئۆنەكلىرىدىن بىرىدە «دەرەخ سۈپىتى ياپراق، ئادەم سۈپىتى ئەخلاق» دېيىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەخلاقسىز كىشىنى « ھايۋان» دېيىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئادىمىيلىكنىڭ بەلگىسىنىڭ پەقەت ئەخلاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ
. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسانلار قوغلىشىدىغان بەختلىك ھاياتمۇ دەل ئەخلاقتا يۈكسىلىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدۇ. ئەخلاق كىشىلەرگە دەماللىققا بىر خىل ماددىي نەرسىنى ئاتا قىلىپ بىرەلمىسىمۇ ،لېكىن ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ كىرەكلىك بولغان بىخەتەرلىك، خاتىرىجەملىك، ئىشەنچ، ھۆرمەت،روھىي ئازادىلىك تۇيغۇسىنى يارىتىپ بىرىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم ئەخلاقسىز بىر كىشىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدۇ،ئۇنىڭغا قارىتا ئۈمىتسىزلىك،خاتېرىجەمسىزلىك ۋە گۇمانسىراش ھىسياتىدا بولىدۇ. ئەكسىچە ئەخلاقلىق بىر كىشىنىڭ يېنىدا تۇرسا ئۆزىنى ئازادە، خاتىرىجەم ۋە ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى تاپقاندەك ھىس قىلىدۇ. دېمەك،ئەخلاق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا تەبىي ھالدا ئىشەنچ ، يېقىنلىق، ھەمكارلىق،باراۋەرلىك ۋە مىھرى – مۇھەببەت شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، بىر مىللەتتە يۈكسەك ئەخلاقىي ئاڭ تىكلەنگەندىلا ئاندىن شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ھاكىمىيەت ۋە قانۇن چۈشەنچىسى شەكىللىنىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەدىر-قىممىتىمۇ قوغدىلىدۇ . بۇنداق جەمئىيەتتە ئادەملەر ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تۆۋەنرەك ئۇرۇندا ياشىسىمۇ ،لېكىن ئۆزىنى خاتېرىجەم ۋە بەختلىك ھىس قىلىدۇ. دېمەك، ئەخلاقلىق جەمئىيەت ھەقىقىي مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ھېساپلىنىدۇ.
تارىختىن بىزگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرتىۋىمۇ دەل ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ زورلۇق كۈچى ياكى قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەخلاقنىڭ كۈچى بىلەن ئىدارە قىلىنىپ كەلگەن . شۇڭا،بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقنىڭ مۇكەممەللىكىنى ماھىيەتتە شۇ مىللەتنىڭ ھوقۇق ئېڭىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ قۇشۇمچە قىلىپ قۇيۇش كىرەككى، قايسى جەمئىيەت ئەخلاقسىزلىققا تولسا شۇ جەمئىيەتتە زوراۋانلىق ئەۋج ئالىدۇ.ئەخلاق بىرخىل قارشىلىق ۋە جىنايەت دەپ قارىلىپ،ئىنسانلار ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىدۇ . بۇنداق جەمئىيەتتە ئىنسانلار خالىسا ئىشلىتىپ،خالىسا تاشلاپ قويىدىغان بىر خىل سايمانغا ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭدەك ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي ئازاپ ئىچىدە ياشايدۇ. ھەممە يەرنى ۋەھىمە ۋە بەختسىزلىك قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئەخلاقسىزلىق پەقەت ئىنسانىيلىق چۈشەنچىسىدىن مەھرۇم بولغان ياكى ئۆزىنىڭ مەنبەسىنى ھايۋانغا باغلايدىغان، كۆرۈنىشى ئىنسانغا ئوخشايدىغان جانلىقلار توپىنىڭ تۇرمۇش شەكلىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىدىن كۆزەتكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقى مىللەت خاراكتېرلىك بىر خىل پەلسەپىۋىي سىسىتېمىغا ۋە ئىدىئولوگىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق پەلسەپىسى غەرپتە 2500 يىلدىن بېرى،يەنى پروتاگوردىن تارتىپ تاكى نېتزى ۋە سارتىرىغا قەدەر ھېمايە قىلىنىپ كەلگەن «سەخسىيەتچىلىك ئەخلاقى »، «مەنپەئەتپەرەسلىك ئەخلاقى »( ھېدونىزم )، «زوراۋانلىق ئەخلاقى »، «پەرۋاسىزلىق ئەخلاقى »، «ئۆزىنى مەركەز قىلىش ئەخلاقى »غا، « ئەخلاقسىزلىق پەلسەپەسى »گە، شۇنىڭدەك يىراق شەرقنىڭ «دەرىجە قارىشى » غا تۈپتىن قارمۇ قارشى بولۇپ،بۇ ئەخلاق تىپىدە كوللىكتىپ ۋە جەمئىيەت شەخسىي ھاياتنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.
بالىنى كوللىكتىپكە ۋە جەمئىيىەتكە پايدىلىق، مەسئۇلىيەتچان ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈش ساك ۋە ھۇن دەۋرىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ ئاساسى قىلىنىپ كەلگەن. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتساق،ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ ماھىيىتى دەل سەمىمىيەت، ھۆرمەت،ئادالەت،ياخشىلىق، قەدىر – قىممەت، باراۋەرلىك ۋە بىرلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا، شەخسنىڭ ئائىلىگە , جامائەتكە, جەمئىيەتكە ,تەبىئەتكە, مىللەتكە, ۋەتەنگە, شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرى، مەۋجۇتلىقى ۋە ئىستىقبالىغا بولغان مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت ئىدى. قىسقىسى،ئۇيغۇر ئەخلاقى ئىنسانىيلىق ( ئىنسانپەرۋەرلىك ) نى مەقسەت قىلغان ئەخلاقتىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكۈم ۋە ئۆلچەملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1-دېگەن گىپىگە ئىگە بولۇش.
2-نومۇس، شەرەپ ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى بولۇش.
3- ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەدەپ بىلەن سۆإز قىلىش ۋە تەمكىن مۇئامىلىدە بولۇش.
4-باتۇر ۋە قەھرىمانلىق روھى بولۇش, ھەرقانداق ئەھۋالدا يۇرتنى، ۋەتەننى ئۇنۇتماسلىق.
5-ماددىي ۋە جىسمانىي دۇنياسى ساغلام بولۇش.
6-ئىنساپلىق، ئىشەنچىلىك ۋە ئەپۇچان ئادەم بولۇش.
7-ھەرقانداق بىر كىشىنى ياكى باشقا ئىنسانلارنى يەكلىمەسلىك.
8-ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ سۆإزىگە قەتئىي ئىتائەت قىلىش ۋە باشقىلارنى ئۆإزىدىن ئۈستۈن كۆإرۈش،
9-ھەقسىزلىككە-ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلارغا كۆيۈنىش.
10-ۋاپاسىز، ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەرگە رەھىم قىلماسلىق.
11-مەنىۋىي ھاياتنى، ئەركىن – ئازادىلىكنى ھەرقانداق ماددىي بايلىقتىن ئۈستۈن كۆرۈش.
12-پەيتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ۋە رەقىبىنىڭ ھاياتى بىلەن ئويلىشىپ ئولتۇرماسلىق.
13-ئائىلىگە ، باشقىلارغا ، جەمىئيەتكە مەسئۇلىيەتچان ۋە پايدىلىق ئادەم بولۇش.
14-مۇھىتنى، تەبىئەتنى ۋە جان – جانىۋارلارنى ئاسراش.
15-پاكىزلىق، دۇرۇستلۇق ۋە ئادالەتنى سۆيۈش.
16-قىز – ئاياللارنى ئاسراش ۋە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى روھىي ئازاپقا ۋە تۇرمۇش بېسىمىغا ئۇچراتماسلىق.

مۇشۇ خىل ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ھەمدە ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇنىڭدىن يەكۈنلەنگەن تەجىرىبىلەرگە ئاساسەن شۇنداق دەيمىزكى، ئۆز يۇرتىغا،ۋەتىنىگە،خەلقىگە، مىللىي تارىخقا،مىللىي مەدەنىيەتكە ۋە مىللىي ئىستىقبالغا قارىتا مۇھەببەت،ساداقەت، مەسئۇلىيەت، نازارەت، پىداكارلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولمىغان ھەر قانداق كىشى ئەخلاقسىز كىشى ھېساپلىنىدۇ .
شۇنى بىلىش كىرەككى ، دۇنيادا ھىچقانداق بىر مىللەت ئەخلاق ھەققىدە ئۇيغۇرلاردەك مۇكەممەل تەتقىقات ئېلىپ بارالىغان ئەمەس. ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ ئەخلاق تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىدى. فارابىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرلاردا ئەخلاقنىڭ مۇستەقىل بىر ئىجتىمائىي پەن سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىپ كىلىۋاتقىنىغا ھازىر ئون ئىككى ئەسىردىن ئاشتى. « ئوغۇزنامە » ، « ئورخۇن ئابىدىلىرى »،«پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا » ،«قۇتادغۇ بىلىگ »،« تۈركىي تىللار دىۋانى »، «ئەتەبەتۇل ھاقايىق »،«مەھبۇبۇل قۇلۇپ»،«ئەخلاقىي جەمىلە»، « سىدىقنامە »،« كۈللىياتى مەسنىۋىي خاراباتى »،« ئەدەپ ئاچقۇچى »،«نەسىھەتى ئامما » ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسى » قاتارلىق ئەسەرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئەخلاقنامىلىرى بولۇپ،بۇ ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دەۋردىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرى،ئەخلاق تەلىماتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزچىللىقلار قىممەتلىك مىراس قىلىپ قالدۇرۇلغان.مانا شۇ قىممەتلىك مىراس – بۈيۈك ئۇيغۇر ئەخلاقى بۇنىڭدىىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم تېمىسىدىن بىرىگە ئايلىنىشى كىرەك،ئەلبەتتە.
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى كۈچەيتىشتە يەنە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەخلاقىنىمۇ ئالاھىدە دىققەت بىلەن كۆزەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاققا ئائىت مەخسۇس ئەسەرلىرىدىنمۇ مەلۇم دەرىجىدە پايدىلانغان. ئۇيغۇر پەلسىپىسى ماھىيەتتە « ئەخلاق پەلسەپىسى » ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار بەختلىك، خاتىرىجەم،ئىلغار ۋە ئىدىئال ھاياتنىڭ ئاساسىنىڭ ئەخلاق ئىكەنلىگىنى، ئەخلاقنىڭ يېڭى جەمئىيەت،يېڭى ئەۋلاد ۋە يېڭى مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشنىڭ مەنىۋىي ئاساسى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەن مىللەت بولغاچقا ،ئەخلاقنى بىر خىل غۇرۇر، شەرەپ ۋە بايلىق، ھەتتا بىر خىل كۈچلۈك قورال دەپ بىلىدۇ .شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلاردا ھەر بىر ئادەم بەلگىلىك دەرىجىدە ئەخلاقىي بىلىمگە ئىگە بولۇپ يىتىلىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئىقتىسادىي نامرات بولسىمۇ، ئۆز پەرزەنتىنى ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەشكە ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بإلىدۇ. بولۇپمۇ قىز بالىنىڭ ئەخلاقىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق قىز – ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى دەپ قارالغان. ئۇيغۇر مىللىي تەپەككۇرىنىڭ دەسلەپكى ۋە ھەقىقىي مەھسۇلاتى بولغان داستان ۋە رىۋايەتلەردە قىز – ئاياللار دائىم شەرەپ، ئەخلاق، قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. گەردىزى « شۈبھىسىزكى توققۇز ئوغۇز(ئۇيغۇر ) ئاياللىرى ئىنتايىن ئەخلاقلىق كىلىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن . قىز -ئاياللارنى ئاسراش ۋە ئۇلارغا يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇيغۇرلاردا بىر خىل ئەقىدىگە ئايلانغان. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ھەرقانداق بىر مىللەتكە ئۈلگە بولغىدەك مەدەنىيەت ئاساسلىرىغا ئىگە
. ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغان بىر نوقتا شۇكى،ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىدا ئەخلاقسىزلىق ياكى ئىنسانلارنىڭ قەدىر – قىممىتىنى چۆكتۈرىدىغان بىرەر تېما ئۇچرىمايدۇ. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كرېزىسلەر ئېغىرلاشقان چاغلاردىمۇ ئۇيغۇرلار مىللەت خاراكتېرلىك ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكلەرگە دۇچ كەلگەن ئەمەس. قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ئېتىقاتىدا ئافرودت ئىسىملىك بىر شەھۋانىيلىق ۋە بۇزۇقچىلىق تەڭرىسى بولغانلىغى ، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ئەخلاقسىزلىقنى تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىغى سۆزلەنسە، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتىقاتىدىكى ئۇماي ۋە ئايزىت دېگەن روھلار ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى قوغدىغۇچى ئىلاھلار سۈپىتىدە سۆزلىنىدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى مەنبە جەھەتتىن ئېتىقاتقا باغلىنىشىدۇر. ئۇيغۇرلار تارىختا بىر مەزگىل ئىتىقاد قىلغان مانى دىنى ئەخلاقنى تەكىتلىگىنىدەك، مىڭ يىلدىن بىرى ئىتىقاد قىلىپ كىلىۋاتقان ئىسلام دىنىمۇ ماھىيەت جەھەتتە « ئەخلاق دىنى » بولۇپ،بۇ دىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقتا يۈكسىلىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنى ئىلمىي ئاتالغۇ بىلەن تەرىپلەشكە توغرا كەلسە « ئەخلاقشۇناس مىللەت » دېگەن نام ئۇلارغا ئەڭ يارىشىدۇ. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى ساك ۋە ھۇن دەۋرىدىن تارتىپ تاكى 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئەخلاقنى كۈچلۈك تۈردە مۇھاپىزەت قىلىپ كەلدى. بۇ جەرىياندا ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەلگەن ھەرقايسى ئەل ئەلچىلىرى، ساياھەتچىلىرى، تەكشۈرگۈچىلىرى، سودىگەرلىرىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنىمۇ دەل ئۇيغۇر ئەخلاقى ئىدى.
ۋاڭيەندى، گەردىزى، جاھىزى، ئىززەتۇللا ، پىرژىۋالىسكى، پېۋسوف ۋە جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈنلۈكلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئەسەرلەرنى ۋە خاتىرىلەرنى يازغان. بۇلاردىن بىر مىسال ئالىدىغان بولساق، پېۋسوفنىڭ 1898 – يىلى پېتېربورگدا نەشىر قىلىنغان « ئاسىيا ئىگىزلىكىدە كۆرگەنلىرىم » دېگەن كىتابىدا 19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قانۇنغا ۋە ئەخلاققا يات ھەرىكەتلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتتىنمۇ تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىسپات بىرىلگەن.
مانا بۇ ئەخلاققا تايانغان ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ۋە تۇرمۇش تەرتىۋىنىڭ يات مىللەت نەزىرىدىكى بىر ئىپادىسى . شۇنداق بولغىنىغا قارىماي، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئېغىر ئەخلاق كىرىزىسىگە دۇچ كىلىپ تەۋرىمەكتە. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىلىم تەربىيىسىنىڭ كۈچەيتىلىپ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى،ياش – ئإسمۈرلەرنىڭ مىللىي تارىخ ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىنىڭ يوق دىيەرلىك بولىشى، ئىجتىمائىي شارائىت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان ئەخلاق ئېڭىغا ئىگە مىللەتلەر بىلەن بولغان تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنىڭ كۆپىيىشى، جەمئىيەتتە ھەرخىل مۇددادىكى تەربىيىلەش ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئارقىلىق ( تەرجىمە ئەسەرلەر، گىزىت – ژورنال، كىنو، تېلېۋىزور ، رادىيو،كومپيۇتىر ۋە ھەر خىل يىغىلىشلار قاتارلىق )ئىلغار تەرەپ بىلەن بىرگە يات ئەقىدىلەرنىڭ تارقىلىپ كىرىشى، تانسىخانا، دېسكوخانا، مەيخانا، رېستۇران،كىچىلىك بەزمەخانىلارغا ئوخشاش مەدەنىيەت يۈندەخانىلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى بىلەن ئەقىدە ۋە ئىتىقادنىڭ سۇسلاپ كىتىشى، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي بېسىملار ۋە ئىشسىزلىقلار تۈپەيلىدىن ئىرادىنىڭ ،غايىنىڭ گۇمران بولىشى، ئىنساننىڭ كىشىلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئەمەس،بەلكى دەرىجە ۋە ياراتقان نەتىجىسىگە قاراپ تىپكە ئايرىشتەك خىزمەت مەنتىقىسىنىڭ كۈچىيىشى، ھاياتلىقنى بىر خىل كۈرەش دەپ بىلىپ ئاجىزلارنى ئىىتىبارسىز قالدۇرۇش ئارقىلىق ، شەخسىيەتچىلىكنى يىتىلدۈرىدىغان رىقابەت ئېڭىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، پەقەت ماددىي ۋاسىتىلارغا ئىرىشىشنىلا بەختنىڭ بەلگىسى دەپ قاراپ، مەنىۋىي ھاياتنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنتۇلغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ تۈپ مەقسەتكە ئايلىنىشى،خىزمەتنىلا ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، سائەتلەپ،مىنۇتلاپ، سىكىنۇتلاپ ئىشلەپ، كىشىلىك ھايات ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك زۆرۈرىيەتلىرىنى ئىككىنجى ئۇرۇنغا قويۇش، ھەرقانداق بىر تۇرمۇش مىزانلىرىغا قارىتا ئىلمىي ئۆلچەم بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان (ھە دىسىلا ئەقىلچىل بولۇشنى ۋە تەجىرىبىدىن ئۆتكەن بولۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان) قاراشنىڭ كۈچىيىشى،تېخنىكىلىق تەرەققىياتلارنىڭ بىر قاتار سۈنئىي ۋە ساختا قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىدەك بىر قاتار ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئەخلاق بۇزۇلىشىنى پەيدا قىلغان ئامىللار ھېساپلىنىدۇ. ئەخلاقىي بۇزۇلۇش ھازىر بىر تۈركۈم ياشلاردا (ئاساسلىقى ئەنئەنىدىن ئاينىش،ساتقۇنلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، زەھەر چىكىش، زەھەر ئىچىش – ھاراقكەشلىك، ئوغۇرلۇق ، قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق ۋە شەھۋانىيلىق ) بىر قەدەر گەۋدىلىك ھالەتكە ئىرىشمەكتە. بۇ خىل ھالەت ھەر قانداق كىشىنى تەبىئىي ھالدا مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىتسىزلەندۈرىدۇ.
مەلۇمكى ،ھەرقانداق جەمئىيەتتە 14 – 24 ياش ئارىسىدىكى قىز – ئوغۇللار مىللەتنىڭ ياشلىرى ھېساپلىنىدۇ. ساغلام ، ھەرىكەتچان،زېھنى ئۇچۇق ياشلار تۈنۈگۈننى بۈگۈنگە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ،ئەتىنىڭ كىچىسىنى يورىتىدىغان مەشئەل. مىللەتنىڭ تەقدىرى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ياشلار كۈچ كۆرسەتكۈچىلەر ۋە ھاياتىنى پىدا قىلغۇچىلاردۇر. ياشلار تۈگەشسە ئەتىمىز قاراڭغۇ بولىدۇ، ئىتىقبالىمىز تۈگىشىدۇ.
ھۆر تەپەككۇر، ھەر قانداق نەرسىنى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى،ھەقىقەتكە،ۋەزىيەتكە بولغان تەنقىتچىلىك، تەنتەربىيە بىلىملىرى ۋە سەنئەتكە بولغان ھەۋەس، قاراشتىكى يېڭىلىق، پىكىردىكى ئىنقىلاپچىللىق ھەر دەۋرنىڭ ۋە ھەر مىللەتنىڭ ياشلىرىدا بار خۇسۇسىيەت ھېساپلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مىللەتنى ئويغىتىش، كۈچەيتىش ۋە گۈللەندۈرۈش ئىستىكىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭمۇ، مىللەتنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش ۋە يوقىتىشنى مەخسەت قىلغان ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ،تارىخىي ۋە ئىدىئولوگىيىلىك دۈشمەنلەرنىڭمۇ نىشانى دەل ياشلارغا قارىتىلىدۇ.
ياشلارنى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ ، كەلگۈسىنى ئۇلارغا ئامانەت قىلىپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا بىر قېتىملىق ئەخلاق ئىنقىلابى ئېلىپ بىرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا. بۇنىڭ تۇنجى قەدىمى يەنىلا مىللىي مەدەنىيەت (كۈلتۈر)كە مۇراجەت قىلىشتىن باشلىنىدۇ. چۈنكى، مىللىي مەدەنىيەت« مىللەت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتى بولغىنىدەك، يەنە مىللەت ھالىتىدە تەرەققىي قىلىشنىڭمۇ ئاساسىي شەرتىدۇر. ھەر بىر مىللەت مۇتلەق ھالدا بىر مىللىي مەدەنىيەتكە ئىگە بولىدۇ ، ھەر بىر مىللىي مەدەنىيەتمۇ بىر مىللەتنى يارىتىدۇ.» بىز مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى، يەنى تىلىمىز، تارىخىمىز، روھىمىز، دىنىمىز،ئەدەبىياتىمىز،سەنئىتىمىز، فولكلورىمىز،ئۆرپ-ئادىتىمىز، ئەنئەنىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزنى قېزىپ چىقىپ، پۈتكۈل تۇرمۇش تەرتىپلىرىنى ۋە تەربىيە ئۇسۇلىنى مىللىي مەدەنىيەت ئاساسىغا قۇرۇشقا مۇۋاپپەق بولغاندىلا ، ئاندىن ئەخلاقنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ، مىللىي كىملىك تۇرغۇزۇشنىڭ ۋە يېڭى تارىخ يارىتىشنىڭ تۇنجى غەلىبىسىگە ئىرىشكەن بولىمىز. شۇنى بىلىش كىرەككى،21 – ئەسىر ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى،ئەڭ گۈزىلىنى،ئەڭ مۇكەممىلىنى ياش- ئۆسمۈرلەرگە لايىق كۆرگەن مىللەتنىڭ ئەسىرى بولىدۇ. باشقا مىللەت تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئۆتمۈشىدىن قول ئۈزگەن بولسا،ئۇيغۇرلار تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۆتمۈشىگە قايتىشى كىرەك.