ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت

ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق

ياركەنتخانلىقى بولسا چاغاتاي ئەۋلادى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى خانلىقبولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيىسىدىن قارىغاندا، چاغاتايلار تارىخىدا يۈكسەكدەرىجىدە راۋاجلانغان بىر خانلىق ئىدى. بۇ چاغدا چاغاتاي ئەۋلادى ۋە ئۇنىڭتەركىبىدىكى دوغلات ھەم بىر بۆلۈك جوراس قاتارلىق بىر مۇنچە موڭغۇل قەبىلىلىرىتامامەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلاشقان ۋە مۇسۇلمانلاشقان بولۇپ، ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكىجەمئىيەت دەل ئەنە شۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا راۋاجلانغان.ئەمما بۇ چاغدا دوغلات ۋە جوراس قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ياركەنت خانلىقنىڭتەركىبى قىسمى ياكى ئۇنىڭ ھامىيلىقىدىكى قازاق، قىرغىزلارغىمۇ ئاسسىمىلياتىيەبولۇپ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ جەمئىيىتى ئەنە شۇ سىڭىپ كىرگەن قەبىلىلەر جەمئىيىتىنىڭئاساسىدا راۋاجلانغان.
ياركەنتخانلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا بىر قەدەر مۇكەممەل ھۆكۈمرانلىق گەۋدىسى تىكلەندى. ئەڭئالىي ھۆكۈمران يەنىلا بۇرۇنقىدەك خان دېگەن نام بىلەن ئاتالدى. ئۇنىڭدىن كېيىنئوغلان (ياكى سۇلتان)، ئاتابەگ (باش ۋەزىر)، ۋەزىر، ئۆلىما، ئەمىربەگ، قاتارلىقلارتۇردى. ياركەنت خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاساسەن سۇيۇرغاللىق ۋە بەگلىك تۈزۈمىئاساسىغا ئورنىتىلدى. خانلار تەختكە چىقىش بىلەنلا ئۆزىگە قاراشلىق رايونلارنىئوغلانلىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەردى ۋە سۇيۇرغال ئىگىلىرىنى سۇلتان دېگەن نام بىلەنئاتىدى. سۇلتانلىق ئورنى ئاتىدىن بالىغا مىراس قالدى. سۇلتانلار ئۆزىگە تەۋەسۇيۇرغاللىق زېمىنلارنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارى ئىدى. خانلارسۇلتانلارغا ياردەمچى قىلىپ، ئاتابەگ مىرزا ۋە ئىشىك ئاغا، ئەمىر قاتارلىقئەمەلدارلارنى بەلگىلەيتتى. سۇلتانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىداسىي جەھەتتىن خانلارئالدىدا جاۋابكار بولىدىغان ئالاھىدە مەجبۇرىيەتلىرى بار ئىدى. ئۇلار بەلگىلەنگەنمۇددەتتە خانلارنىڭ ئالدىغا كۆرۈنۈشكە بېرىپ، «توققۇز تارتۇق قىلىشى»، بولۇپمۇيېڭى يىل ۋە ھېيت – بايراملارنى نۇرغۇن تارتۇق بىلەن كېلىپ، ھېيت – بايراملارنىخان بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشى لازىم ئىدى. قائىدە – يوسۇن بويىچە ئۇلارنىڭ بىر يىلداكەم دېگەندە ئۈچ قېتىم تارتۇق ئەۋەتىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇشتاچۈشكەن قىممەت باھا ئولجىلار، چەت مەملىكەت ئەلچىلىرىنىڭ سوۋغا – سالاملىرى قەتئىيتۈردە خانغا تاپشۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك سۇلتانلار سىياسىي جەھەتتىن دۆلەت ۋە خاننىڭئومۇمىي قانۇنلىرى ۋە ئەمىر – پەرمانلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى لازىم ئىدى. بۇچاغدا، ياركەنت خانلىقىنىڭ دۆلەت قانۇنى ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇيرۇققانۇنى، چىڭگىزخان تەرىپىىن تۈزۈلگەن «جاساق قانۇنى» ۋە ئىسلام دىنىنىڭ «شەرىئەتقانۇنى» قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلمىسىدىن ئىبارەت ئىدى. ئەگەر سۇلتان ۋە باشقائەمەلدارلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، سۈرگۈن قىلىش، دۆلەتتىنقوغلاپ چىقىرىش، مال – مۈلكىنى ۋە ۋە يانچىلىرىنى (كىرىپوستنويلىرىنى) مۇسادىرەقىلىش قاتارلىق جازالار قوللىنىلاتتى. ئەگەر پۇقرالار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا،ئاساسلىق شەرىئەت قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىناتتى. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكېرەككى، ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە، بۇرۇنقى دوغلات قەبىلىلىرىنىڭ توققۇز گۇناھقانۇنى تامامەن بىكار قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى بىكار قىلىنغانىدى.
ياركەنتخانلىقى دەۋرىدە، قەدىمكى كۆكتۈرۈك خاقانلىقى (مىلادى 255-659-يىللار)، قۇتلۇقتۈرك خانلىقى (مىلادى 579-744- يىللار) ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغاكەلگەن بەگلىك تۈزۈمى مىسلىسىز راۋاجلانغان، مۇكەممەللەشكەن ۋە ھۆكۈمرانلىقتۈزۈمىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگىچە كېڭەيتىلگەنىدى. بولۇپمۇ ئابدۇللاخان دەۋرىدە، بۇتۈزۈم كەڭ يولغا قويۇلغان ۋە سۇلتانلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسى خېلى دەرىجىدەتارايتىلغانىدى. ياركەنت خانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى دەۋرىگە ئائىتماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، سۇلتانلارنىڭ قول ئاستىدا (ئابدۇللاخان دەۋرىدىنكېيىن سۇلتانلارنىڭ ئورنىدا) ئالاھىدا ھاكىم بەگلەر تەيىنلەنگەنىدى. ھاكىم بەگلەريەنە «تۈمەنبېگى» دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى زېمىنلار«ھاكىمى ۋىلايەت» ياكى «ۋىلايەت» دەپ ئاتالغانىدى. ھاكىم بەگلەر ئەڭ دەسلەپ تەسسىسقىلىنغان زېمىنلار ئاساسەن قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، باي، سايرام، كۇچا، بۈگۈر،قارا شەھەر، خوتەن، تاشبالىق (تاشمىلىق)، سېرىقول قاتارلىق جايلار ئىدى. كېيىنچەئاھالىنىڭ كۆپىيىشى ۋە قاتناش مەسىلىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېڭىسار، بارچۇق،پەيزىۋات، قارغىلىق، ئاتۇش، بەشكىرەم، ئارغۇ، ئوپال ھەم ياركەنتكە قاراشلىق توققۇزكەنت، چىپان، قوشراپ، سانجۇ، يورۇڭقاش، قاراقاش، چىرىيە، كىرىيە قاتارلىقجايلاردىمۇ ھاكىم بەگلەر تۇرغۇزۇلغان. ھاكىم بەگلەرنىڭ قول ئاستىدا يەنە ھەربىررايوننىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى – بەگلەر تۇراتتى.
بۇچاغدا ھاكىم بەگ ۋە بەگلەرنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ناھايىتى ئىنچىكە ئايرىلغان بولۇپ،ھاكىمى ۋىلايەتلەردە ھاكىم بەگلەرنىڭ بىۋاسىتە ياردەمچىسى سۈپىتىدە يەنە ئاتابەگ،ئىشىك ئاغا بەگ، مىرزا بەگ، دۇگان بەگ، دەستۇرخان بەگ ۋە دورغابەگلەر تەسسىسقىلىنغان، بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر قايسى ساھەلەرنى باشقۇرىدىغان شاڭ بەگ (سودابېگى)، قازى بەگ (شەرىئەت قانۇنلىرى بېگى)، ناقىپ بەگ (مەمۇرىي ۋە قانۇنىيئىشلارنىڭ باش نازارەتچىسى)، مۇتىسىپ بەگ (دىنىي مۇراسىملار بېگى)، كوتۋال بەگ(شەھەر ئامانلىقى بېگى)، باجىگەر بەگ (باج ئىشلىرى بېگى)، مىراب بەگ (سۇ ئىشلىرىبېگى)، پاششاپ بەگ (قانۇنىي ئىشلارنى ئىجرا قىلغۇچى بەگ)، خەزىنىچى بەگ (خەزىنەئىشلىرى بېگى)، جەبە بەگ (قورال – ياراق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، ئىشقالا بەگ(قاتناش، ئۆتەڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، ھارۋا بەگ (تاشقى سودا بېگى)، باغماتارى بەگ (باغ ۋە تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، بازار بەگ (بازارئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، مىس بەگ (كان ئىشلىرى بېگى)، ماناپ بەگ (ماناپ بېيقىرغىزلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، تۆرە بەگ ئاقالاقچى بەگ (قازاقلارنىڭئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، جاساق بەگ (غەيرىي مۇسۇلمان موڭغۇللىرىنىباشقۇرىدىغان بەگ)، تارخان بەگ (تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونلىرىنى باشقۇرىدىغان بەگ)،دوپ بەگ، (توپ بەگ 2-5 مىڭ ئائىلىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، مىڭ بەگ (مىڭ ئائىلىنىباشقۇرىدىغان بەگ)، يۈز بەگ (100-200 ئائىلىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، ئورچىن بەگ(10-50 ئائىلىنى باشقۇرىدىغان بەگ)، ئون بەگ (10 ئائىلىنى باشقۇرىدىغان بەگ)قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بېكىتىلگەن ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە باشقادۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن ياكى چەت دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەلچى بەگ (ساپارەتبەگ) نايىپ بەگ (خاننىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە چەت دۆلەت ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپبارىدىغان بەگ) ۋە تەرجىمانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان تىلماچ بەگ قاتارلىقئەمەلدارلارمۇ تەسسىس قىلىنغان. ياركەنت خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدىكى قازاقخانلىقىدا، شۇنداقلا بەدەخشان ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلاردا، يەنىلا ئۇلارنىڭئەنئەنىۋى ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى – سۇلتانلىق تۈزۈمى ساقلاپ قېلىندى.
ياركەنتخانلىقىنىڭ بەگلىك تۈزۈمى ئەينى زاماندا ناھايىتى ئەۋج ئالغان يانچىلىق تۈزۈمىنىڭئاساسىغا قۇرۇلغانىدى. خانلىق ھەر دەرىجىلىك بەگلەرگە 400 ئائىلىدىن 2 ئائىلىگىچەيانچى ۋە 200 پاتماندىن 30 پاتمانغىچە ئۇرۇق كېتىدىغان تېرىلغۇ يەر تەقسىم قىلىپبەردى. دۆلەت بۇ خىل تۈزۈمنى قانۇن ئارقىلىق قوغدايتتى. يانچىلار سىياسىي،ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەگلەرگە تامامەن بېقىندى بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن توققۇزئۈلۈشىنى بەگلەرگە تاپشۇراتتى. بەگلەر بولسا، يانچىلارنى پەقەت ئۇرۇق ۋەئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيتتى. ئەگەر مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىسا،ئاشقان قىسمىنىڭ ئوندىن ئۈچ ئۈلۈشى يانچىلارغا قالاتتى. يانچىلارنىڭ قېچىپكېتىشىگە، باشقا يۇرتلارغا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشىغا، باشقا بەگلەرگە ئالمىشىپيانچىلىق قىلىشىغا، ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان يەرنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە،ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايتتى. يانچىلار بۇنىڭدىنباشقا يەنە بەگلەرنىڭ ھاشار – ھەيسى، يول، كۆۋرۈكلەرنى ياساش، ئۆي – ئىمارەتلەرنىسېلىش قاتارلىق بىر مۇنچە ھەقسىز ئەمگەكلىرىنى ئىشلەپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
يانچىلارنىڭئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بولسا بەگلەرنىڭ بارلىق تۇرمۇش كىرىمىنىڭ ئاساسىي مەنبەسىئىدى. خانلىق ئۇلارغا ئالاھىدە ئىش ھەققى بەرمەيتتى. بەگلەرمۇ خۇددى سۇلتانلارغائوخشاشلا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە، بولۇپمۇ ھېيت – ئايەملەردە خان ۋە سۇلتانلارغائالاھىدە «توققۇز تارتۇق» قىلىشى، خان ۋە سۇلتانلارنى بىر يىلدا كەم دېگەندىمۇ ئۈچقېتىم مېھمان قىلىشى، ئۇلارنىڭ «مۇبارەك قەدەملىى»گە ئاتاپ يەنە بىرمۇنچەتاۋار-دۇردۇن ۋە چارۋا سوۋغا – سالام قىلىشى شۇنىڭدەك خان ۋە سۇلتانلارغابەلگىلەنگەن مىقداردا باج – خىراجلارنى تۆلىشى، ئۇرۇش بولغان چاغلاردا ئۆزتەۋەلىكىدىن قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇرۇشقا قاتنىشىشى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنىقەتئىي قوغداپ ئىجرا قىلىشى شەرت ئىدى. ئەگەر بەگلەر ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلسا،توپىلاڭ قوزغىسا ياكى باشقا گۇناھ، جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزسە، گۇناھىنىڭ دەرىجىسىگەقاراپ، ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، يانچى ۋە بۆلۈپ بېرىلگەن زېمىننى كېمەيتىش ياكىتامامەن مۇسادىرە قىلىش، زىندانغا تاشلاش، سۈرگۈن قىلىش، قاتارلىق جازالارغابېرىلەتتى.
ياركەنتخانلىقى دەۋرىدە، تەسەۋۋۇفچىلار ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋە ۋە ئابرويغا ئىگە بولۇپ،ئۇلار ئومۇميۈزلۈك «ئۆلىمالار» دېگەن نام بىلەن ئاتالغانىدى. ئۆلىمالار بىر قانچەيۈز، ھەتتا بىرقانچە مىڭ مۇرىتقا ئىگە بولۇپ، تەسەۋۋۇفچىلارنىڭ ئەقىدىسى بويىچەمۇرىتلار ئۇلارنىڭ «ئالقىنىدىكى بىر ئۆلۈك موردا» ئىدى. مۇرىتلارنىڭ بارلىق مال –مۈلكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ جان بىلەن تېنىمۇ ئىشانلارغا تەۋە ئىدى. شۇڭلاشقا،مۇرىتلارنىڭ ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىمۇ ئەنە شۇلارغا مەنسۇپ ئىدى. خۇددى يۇقىرىدا بىرقانچە جايدا بايان قىلىنغاندەك، قەشقەرگە قاراشلىق دولان، بەشكېرم، قارا ساقال،ياغدۇ قاتارلىق جايلار پەقەت خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ ۋە ئاپاق خوجا ئاتا – بالىنىڭبەخشەندە يېرى بولۇپ، بۇ جايدىكى مۇرىتلارلا ئەمەس، بەلكى باشقا دېھقانلارمۇ ئەنەشۇلار ئۈچۈن تامامەن دېگۈدەك ھەقسىز تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە باشقا ھەقسىزئەمگەكلەرنى ئىشلەيتتى. بۇ ھال ياركەنت خانلىقىدا خېلى كۈچەيگەن يانچىلىقتۈزۈمىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى ئىدى. ياركەنت خانلىقىدا تەسەۋۋۇفچىلىق كۈچەيگەنسىرى،يانچىلىق تۈزۈمىمۇ راۋاجلىنىۋەردى. بولۇپمۇ ياركەنت خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، «ئىشقىيە»ۋە «ئىسھاقىيە» گۇرۇھلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ خىل تۈزۈم تېخىمۇكۈچەيدى.
ياركەنتخانلىقىدا يانچىلارنىڭ قۇللاردىن پەرقى ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز ساندا تېرىلغۇيەرلىرى، ئاددىي ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە ئۆي – بىساتلىرى بار ئىدى. بەزىيانچىلارنىڭ بولسا بەگلەرگە تەۋە يانچىلىق زېمىنلىرى ياكى ئۆزىگە تەۋە تېرىلغۇيەرلىرىنىڭ ئەتراپىدا ئانچە – مۇنچە مەرئالىرى (ئۆزلەشتۈرگەن بوز يەرلىرى) ۋەھويلىسىدا كىچىك بېغى بار ئىدى. لېكىن، بۇ خىل يەرلەرنىڭ كۆلىمى بىر پاتمان ئۇرۇقكېتىدىغان زېمىندىن (4-5 مو ئەتراپىدا) ئالماسلىقى ۋە بۇ يەرلەرنى بەگلەرگە مەلۇمقىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇشى لازىم ئىدى. ئەگەر مەرئا يەرلەرگە بەگلەرنىڭ ھېسابىداتېرىقچىلىق قىلىدىغان بولسا، خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مەھسۇلاتنىڭ ئوندىنئۈچ ئۈلۈشى يانچىلاردا قالاتتى.
ياركەنتخانلىقىدا يانچىلاردىن باشقا يەنە «ئورتاقچىلار» دەپ ئاتالغان ئالاھىدە بىرئەمگەكچىلەر تەبىقىسى بار ئىدى. بۇلار ئاساسەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن يانچىلاردەكبەگلەرگە باغلانمىغان ۋە ئاز تېرىلغۇ يەرگە ئىگە ياكى تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلغاندېھقانلار ئىدى. ئورتاقچىلار ئۆز ئىچىدە يەنە «پۈتۈن ئورتاقچى» ۋە «بىكارئورتاقچى» دەپ ئىككى قىسمىغا بۆلۈنەتتى. پۈتۈن ئورتاقچىلىق تۈزۈمىدە تېرىلغۇ يەرۋە ئۇرۇققا بەگلەر مەسئۇل ئىدى. بۇنداق ھالەتتە ئورتاقچىلارغا يەردىن چىققانھوسۇلنىڭ ئۈچتىن بىر ئۈلۈشلا تەقسىم قىلىناتتى. ئومۇمەن ئورتاقچىلىق تۈزۈمى بەگلەربىلەن ئورتاقچىلارنىڭ ئالاھىدە توختاملىرىغا باغلىق بولۇپ، بۇ توختامغا بەگ بىلەنئورتاقچى، شۇنداقلا قازى ۋە ئونبېشى ياكى يۈزبېشى ھەم گۇۋاھچىلارنىڭ ئىمزا ۋەمۆھۈرلىرى بېسىلىشى شەرت ئىدى. ياركەنت خانلىقىدا بىكار ئورتاقچىلار ھامانيانچىلارنىڭ بىر كېلىش مەنبەسى ئىدى.
ياركەنتخانلىقىدا چوڭ – كىچىك بەگلەرنىڭ «قۇل»، «غالچا» ياكى «دېدەك» (ئايال قۇل) دېگەنئالاھىدە بىر خىل ئىشلەمچىلىرى بار ئىدى. بۇلار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جىسمانىيجەھەتتىن تامامەن دېگۈدەك بەگلەرگە باغلانغان بولۇپ، بەگلەرنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنىقىلاتتى. چارۋا ماللىرىنى باقاتتى. بەگلەر ئۇلارغا كىيىم – كېچەك، ئاش – تاماقتىنباشقا ھېچقانداق ھەق بەرمەيتتى. خالىسا ئۇلارنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرەتتى ياكىسېتىۋېتەتتى. بولۇپمۇ بەگلەر قىزلىرىنى ياتلىق قىلغان چاغدا، دېدەكلەرنى بىللەقوشۇپ بېرەتتى. شۇڭا ئۇلار بىر بەگنىڭ قولىدىن يەنە بىر بەگنىڭ قولىغا ئۆتۈپتۇراتتى. ئۆمۈر بويى جىسمانىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيتتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ قۇللۇقئورنى ئاتىدىن بالىغىمۇ مىراس قالاتتى. بەگلەر ئۇلارنىڭ ھەر خىل قارشىلىقلىرىنىباستۇرۇش ھەم ئۆزىگە مۇتلەق بېقىندۇرۇش ئۈچۈن بەزىلىرىگە مۆھۈر – تامغىلارنىمۇبېسىپ قوياتتى. بۇلار ئەينى زاماندا «ساغرىسى تامغىلىق قۇللار» دېگەن نام بىلەنئاتالغانىدى. لېكىن، پۈتۈن ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈنئەھۋالىدىن قارىغاندا، قۇل، غالچا، ۋە دېدەكلەر ئالاھىدە بىر نىسبەتنىئىگىلىيەلمەيتتى.
يەكەنخانلىقى ئەنە شۇنداق بىر قاتار ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈنزور مىقداردىكى قوراللىق كۈچلىرىنى تەشكىللىگەنىدى. بۇ قوراللىق كۈچلەر ئاساسەن«قوشۇن» ياكى «چېرىك» (ئۇرۇشچى قوشۇنلار) ۋە «ياساۋۇل» (ئامانلىقنى ساقلاشقوغۇنلىرى) دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلاتتى. جىددىي ئۇرۇشلار ياكى باشقا رايونلارغاقىلىنغان ھەربىي يۈرۈشلەرگە ياساۋۇللارمۇ قاتنىشاتتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاساسىيۋەزىپىسى يەنىلا خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمى، بويسۇندۇرۇلغان رايونلار ۋە شەھەرلەرنىڭئامانلىقىنى ساقلاش ئىدى. قوشۇنلارنىڭ ئالىي باش قوماندانى خاننىڭ ئۆزى،سۇيۇرغاللىق زېمىنلاردا بولسا سۇلتانلار ئىدى. ھاكىمى ۋىلايەتلەردە ھاكىمبەگلەردىن باشقا يەنە ئەمىر ياكى چېرىكبېشى تۇرغۇزۇلغانىدى. ھېرىكبېشىنىڭ يېنىدايەنە ئالاھىدە تۇغ بېگى بار ئىدى.
ياركەنتخانلىقىنىڭ ئۇرۇشچى قوغۇنلىرى جۇڭغار (سول قانات) ۋە بۇرانغار (ئوڭ قانات) دەپ زورئىككى قىسىمغا بۆلۈنەتتى. بۇ ئەسلىدە چىڭگىزخان ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە پەيدابولغان بىر ھەربىي تۈزۈم ئىدى. بۇ قوشۇنلارنىڭ ئىچىدە «مەھرەم» (خاننى قوغدىغۇچىقوشۇن). «قۇرچى» ياكى «قۇرۇقچى» (ئوردا مۇھاپىزەت قوشۇنى)لارنىڭ ئورنى ناھايىتىيۇقىرى بولۇپ، بۇ ئاساسەن ئىشەنچلىك بەگلەر ۋە باشقا ئېسىلزادىلەرنىڭپەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەنىدى. بۇلارنى مەرگەنلىك، قىلىچۋازلىق ۋە جانبازلىقتائالاھىدە تەربىيىلەيتتى. ئۇلار ئۇچىسىغا كۆپىنچە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۆمۈردىنزەنجىرسىمان قىلىپ ئىشلەنگەن ساۋۇت، بېشىغا دۇۋۇلغا كىيەتتى. ھەيۋەتلىكقالقانلارنى ئىشلىتەتتى.
باشقاقوشۇنلار بولسا «زەربەدار» (پىيادە قوشۇن)، «سەرباز» (ئاتلىق قوشۇن) ۋە «يىگىت»دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنەتتى. «يىگىت»لەر ئاساسەن مۇنتىزىم قوشۇنلارنىڭ ياردەمچىسىبولۇپ، كۆپىنچە ئۇرۇش بولغان چاغلاردا ھاكىمى ۋىلايەتلەردىن تولۇقلانغان ۋەئۇرۇشتىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قوشۇنلار ئىدى. زەربەدار ۋەسەربازلار ئۆز ئىچىدە، يەنە بىۋاسىتە «تۇغ بېگى» قوماندانلىقى ئاستىدىكى «تۇغچى»(تۇغ – ئەلەم كۆتۈرگۈچى قوشۇن)، «باسچى» (ناغرا – سۇنايچى قوغۇن) ھەم «چېرىكبېشى»قوماندانلىقىدىكى باكاۋۇل» (ھەربىي تەمىنات قوشۇنى)، «چاپاۋۇل» (خەۋەرچى قوشۇن)،«ھىراۋۇل» ياكى «تىلچى» (دۈشمەننى چارلىغۇچى رازۋېتكا قوشۇن)، «كەپتاۋۇل» (ھۇجۇمچىقوشۇن)، «پىلتىرچى» ياكى «توپچى» (توپ – زەمبىرەكچى قوشۇن)، «ئوقچى» (ئوقياچىقوشۇن) قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنەتتى. بۇ خىل خېلى مۇكەممەل ھەربىي تۈزۈم، ئاساسەنسۇلتان ئابدۇرېشىتخان دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئابدۇكېرىم خان ۋەئابدۇللاخان دەۋرىدە مۇكەممەللەشكەنىدى.
ئومۇمەن،ياركەنت خانلىقىنىڭ يۇقىرىقىدەك ھەربىي، مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرى گەرچەياركەنت خانلىقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن، ياركەنت خانلىقى فىئوداليانچىلىق تۈزۈمىنى قوغداپ راۋاجلاندۇغان، بىر قاتار مسۇتەبىت سىياسەتلەرنىيۈرگۈزۈپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرگە چەكسىز زۇلۇم ۋە بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ،لېكىن، يەنە بىر تەرپتىن، ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەتنىڭ تېز راۋاجلىنىشىئۈچۈنمۇ مۇئەييەن تۈرتكىلىك رولىنى ئوينىدى. بولۇپمۇ ئابدۇرېشىتخان، ئەخمەت خان ۋەئابدۇللاخان دەۋرلىرىدە جەمئىيەت خېلى راۋاجلاندى. يېزا ئىگىلىك، قولھۈنەرۋەنچىلىك، كانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشلىرىنىڭ تۈرى كۆپەيدى. ئىشلەپچىقىرىشتېخنىكىسى ئۆستى، ئىجتىمائىي مەھسۇلات بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپەيدى.
تارىخىيمەلۇمارتلارغا قارىغاندا، ياركەنت خانلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ئاھالە كۆچۈرۈپ، بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش سىياسىتىنى قوللاندى. جۈملىدىن قىزىلسۇ (قەشقەر) دەرياسى، ياركەنتدەرياسى ۋە ئۇنىڭ غول تارمىقى بولغان تىرناپ دەرياسى، قارا قاش دەرياسى، يورۇڭقاشدەرياسى، نىيە دەرياسى، كىرىيە دەرياسى، ئەندىرە دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، تارىمدەريالىرىنىڭ بويلىرىدا بىر مۇنچە يېڭى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەيدانلىرى ۋە ئاھالىپونكىتلىرى مەيدانغا كەلدى. ئەندىرە دەريا ۋادىسىدىكى ئەندىرەلەنگەر، كىرىيە دەرياۋادىسىدىكى ئويتوغراق، لايسۇ، قارا قاش دەريا ۋادىسىدىكى لاڭرۇ، ياۋا، زاۋا،ياركەنت، دەريا ۋادىسىدىكى ھەسەلباغ، يېڭى ئاۋات (ھازىرقى ئاستىن ئاۋات)، ھازىرقىمارالبېشىنىڭ يېنىدىكى ئاقتام، شۇنداقلا ئاۋات، ئۈچ (ئۈچتۇرپان)، شايار، كۇچائەتراپىدىكى بىرمۇنچە يېزا – كەنتلەر دەل ئەنە شۇ چاغلاردا مەيدانغا كەلگەن يېڭىتېرىلغۇ يەر ۋە ئاھالە پونكىتلىرى ئىدى. بۇ چاغدا بۇغداي، قوناق، پۇرچاق، گۈرۈچقاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىش ناھايىتى كېڭەيگەنىدى. بولۇپمۇ دەرياۋادىلىرىدا كەڭ كۆلەملىك شال ئېتىزلىرى كۆپەيدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كېۋەز، قىچى،زىغىر، كۈنجۈت، قىزىلچا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرمۇ كۆپ تېرىلاتتى.باغۋەنچىلىك ناھايىتى جانلانغانىدى. بۇ چاغدا سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇش ئىشلىرىمۇخېلى راۋاجلانغان بولۇپ، قەشقەر، تۇرپان ۋە كۇچا ئەتراپىدا بىرمۇنچە يېڭى كارىزلارمەيدانىغا كەلدى. بولۇپمۇ قەشقەرنىڭ 60 كېلومېتىر جەنۇبىدا «خان ئېرىق» ناملىق بىرچوڭ ئۆستەڭ قېزىلدى. رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ چوڭ ئۆستەڭ ياركەنت خانلىقىمۇھەممەت خان دەۋرىدە قېزىلغان ئىكەن.
ياركەنتخانلىقى دەۋرىدە، قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. قول سانائەتئىشلەپچىقىرىشى، بىر تەرەپتىن، كارخانىلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان بولسا، يەنە بىرتەرەپتىن (ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى جەھەتتىن) نەپىسلىككە ۋە يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپيۈزلەندى. بۇ چاغدا بافىندىچىلىك (توقۇمۇچىلىق)، چىغرىقچىلىق، چۆپ تاراشلىق(ياغاچچىلىق)، خەرراتلىق (ياغاچ سايمانلىرىنى ياساش)، دىلگەرچىلىك (تاشئويمىچىلىق) ئەھەنگەرلىك (تۆمۈرچىلىك)، مىسكەنچىلىك (مىسكەرچىلىك)، زەرگەرچىلىك(ئالتۇن، كۈمۈش بۇيۇملىرىنى ياساش) قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭخېلى كۆلەمدىكى كارخانىلىرى مەيدانغا كەلدى. شۇنداقلا پوست دوزچىلىق(سەيپۇڭچىلىق)، رەڭرىزلىك (بوياقچىلىق)، رەۋشەنگەرلىك (چىراغچىلىق)، روغەنگەرلىك(جوگازچىلىق)، ساچ تاراشلىق (ساتىراشلىق)، سابۇنگەرچىلىك (سوپۇنچىلىق)، قاچاچىلىق(ھېجىرچىلىق)، قازانچىلىق، موزدۇزلۇق، تامچىلىق قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكئىشلەپچىقىرىشى خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە راۋاجلاندى.
شۇنىكۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، توقۇمۇچىلىق جەھەتتە يېپەك ۋە مەشۇتتىن ھەرخىل رەڭلىكرەختلەرنى، يۇڭدىن خىلمۇخىل ئېسىل گىلەم – زىلچىلارنى توقۇيدىغان، ياغاچچىلىقجەھەتتە پەقەت ئۆي جاھازىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىلا ئىشلەپ قالماستىن،بەلكى ياغاچ پارچىلىرىدىن ئايەت ۋە قوشاقلارنى پەنجىرە شەكلىدە ئىشلەيدىغان يۇقىرىسەۋىيىلىك ھۈنەرۋەنچىلىك پەيدا بولدى. بۇ چاغدا ئابدۇرېشىتخاننىڭ پىرى خوجامۇھەممەت شېرىپ پىر گۈمبىزىنىڭ دەرۋازىسىغا پەنجىرە شەكلىدە ياغاچ پارچىلىرىنى بىر– بىرىگە چېتىپ ئىشلەنگەن ئايەت نۇسخىسى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلانماقتا. شۇنداقلابۇ چاغدا يەنە كاھىشچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىمۇ ناھايىتى راۋاجلانغان بولۇپ، ھەر خىلسىرلىق كاھىشلارنى ئىشلەپلا قالماي، بەلكى كاھىشنىڭ ئۈستىگە قۇرئان ئايەتلىرى،شېئىر، قوشاقلىرى، نەسەبنامىلار ئويۇپ ياسالغانىدى. بۇ خىل يۇقرى سەۋىيىلىك سەنئەتنۇسخىلىرى ياركەنت خانلىقى دەۋرىدە ياسالغان گۈمبەز، قەبرىستانلىق، مازارى –ماشايىخلاردا تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلانماقتا.
بۇچاغدا يەنە مىلتىق ئەندازچىلىقىمۇ (قورال – ياراغ ئىشلەشمۇ) ئالاھىدەراۋاجلانغانىدى. ئۇلار چويۇن ۋە تۆمۈردىن ھەر خىل توپ، قىلىچ، خەنجەر، نەيزە،ئوقيا، قالقان، دوۋۇلقا، پىلىپلارنى ئىشلەيتتى. ياركەنت خانلىقىدا مۇھىم ئۇرۇشقورالى بولغان ئايپالتا ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭشىمالىدىكى ئويراتلار ئىچىدە ھەم تىبەت، ھىندىستان قاتارلىق جايلاردا سېتىلاتتى.ئۇلارنىڭ خەنجەرلىرى ئىككى بىسلىق بولۇپ، ناھايىتى سۈپەتلىك پولاتتىن ياسىلاتتى.
ئومۇمەن،ياركانەت خانلىقىنىڭ قول – سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، خانلىقنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنىقامداشنى مەقسەت قىلىپلا قالماي، بەلكى باشقا خانلىقلار بىلەن بولغان تاشقىسودىنىمۇ مەقسەت قىلاتتى. بۇ چاغدا قەشقەر، ياركەنت، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان ۋە قۇمۇلقاتارلىق شەھەرلەر ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاساسلىق سودا مەركەزلىرى ئىدى. مىلادى 17-ئەسىرنىڭ دەسلەپكە يىللىرىدا ياركەنت خانلىقىغا ساياھەتكە كەلگەن پورتۇگالىيىلىكبېنېدىك گوس، ياركەنت ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە كابۇل، كەشمىر، ھىندىستاندىن كەلگەنسودىگەرلەرنىڭ توپ – توپ بولۇپ سودا قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن. خانلارمۇ ئۆز ئالدىغائالاھىدە كارۋانلارنى تەشكىللەپ، بۇ جايلاردا سودا قىلاتتى.
مەنبەسى: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» (مىللەتلەر نەشرىياتى 1999- يىلى 2- قېتىم بېسىلىشى)
ئاپتورى: ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق