مەھمۇد دەرۋىش بىلەن شىئېرىيەت ھەققىدە سوھبەت

مەھمود دەرۋىش ئۆزگىچە ئۇسلۇب، ئۆزگىچە خۇسۇسىيەت ياراتقان ئەرەب دۇنياسىدىكى بىردىنبىر ئاتاقلىق شائىر، ئۇ 1942- يىلى فەلەستىننىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان « ئوككا » دېگەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە، ئىبرانىيچە، روسچە قاتارلىق تىللارنى ياخشى بىلىدۇ.
ئۇ ئىسرائىلىيە ھۈكۈمىتىگە قارشى پىكىر- ھەركەتتە بولغان دېگەن تۆھمەت بىلەن بەش قېتىم قولغا ئېلىنغان. مەھمۇد دەرۋىش ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە«قاناتسىز قوشلار »، «زەيتون دەرىخى يايراقلىرى»، « فەلەستىنلىك ئاشىق»، « فەلەستىنلىك مەجروھنىڭ كۈنلىرى»، « كىچە ئاخىرى»، «سۆيگۈنۈم ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى»، « بەش ئاتاردا خەت يېزىش» قاتارلىق شېئرلار توپلىمى بىلەن ئەرەب دۇنياسىدا مەشھۇر شائىر .
«ياخشى كۈرەي يا كۆرمەي»، «ئاشۇ قىزنىڭ سۈرىتى»، توي كىچىسى «ئۇ قىز گۇيا مۇڭلۇق بىر ناخشا»، « گۈلدىكى پۇراق»، « دېڭىز مەدداھلىرىغا ئىمبارگو»، « ئىزدىگەننى كۆردۈممەن سەندە» دېگەندەك توپلاملىرى چەتئەل تىللىرغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەرەب دونياسى ۋە خەلقارا جەمىيەتتە ئەسەرلىرى بىرنەچچە قېتىم مۇكاپاتلانغان.
شائىر «لوتس، ئىبن سىنا مۇكاپاتى»، «فەلەستىن پىدائىيلىرى» مىدالىغا ئىرىشكەن، مەھمۇد دەرۋىش ئۈزىنىڭ خاس ئۇسلۇبى، شئىرىيەتتىكى يىڭىلىقى، تەپەككۇردىكى بايلىقى، تەسۋىردىكى ئىنچىكلىكى بىلەن ئەرەب دۇنياسىدا نەچچە ئۇن يىللاردىن بويان قىززىق نوقتىغا ئايلانغان. ئەرەب ئەدەبىياتى، ئەرەب شئىرىيىتىدە ئەنئەنىۋى شئىرىيە ئېقىمى بىلەن يىڭى شىئرىيەت مودىرنىزىمى ئوتتورىسىدا ئالاھىدە تەسىر كۆسىتىپ قالماستىن
، شئرىيەت ئېقىمىدا كۈنىلىق- يىڭىلىق، پەلسەپىۋىيلىك-ئىجتىمائىيلىق، تۈزلۈك-گوڭگاچىلىق، تۆتبورجەك شىئرىيەت ھەققىدە توپا- چاڭ چىقىرىپ، ئەرەپ شئرىيىتىنى يىڭى دەۋرىگە كۈتىرەپ كىرگەن بۇ ئوت يۈرەك شائىرىمىز بىلەن تور ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، شائىر ۋە شىئرىيەت ھەققىدە پىكىرلىشىش بىزنىڭ پەخىرىمىزدۇر.
تۆۋەندىكى قۇرلار شائىر بىلەن ئۆتكۈزگە سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ئۆز ئەينى.
ئەدەبى تەنقىدچىلارنىڭ باھاسى بىلەن ئېيتقاندا؛ گوڭگا شئرچىلىقىغا مەنسۇپ ئاسما تام شئرلىرىڭىز سىز ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىلا يىتىلدۈرگەن تەپەككۇر نەتىجىسى ھېساپلىنىدىكەن،سىز كەلگۈسىدە >ئاسما تام< شئريتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
مەھمۇد دەرۋىش: تارىخى داستانلاردىكى ( ئاسما تام ) شئر يازمىلىرىنى يېزىش، ياكى يېزىشنى ئارزۇ قىلىش بىزنىڭ ھەققىمىز ئەمەس.) ئاسما تام( شئر چەكلىك زاماندىكى بىرنەچچە چەكلىك شئر تىكستىدىن ئىبارەت. ھىكايەتلەردە قەيت قىلىنىشىچە) ئاسما تام ( شئررى ئەرەب جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەڭ ئىسىل، ياخشى يېزىلمىلار دەپ تاللانغان قەسىدىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدە كۆز- قاراش ئوخشاش ئەمەس. بىر رىۋايەتتە يەتتە دىيىلگەن بولسا، يەنە بىر رىۋايەتتە ئون دېيىلگەن.
قەدىمىي ئەرەبلەر بۇ قەسىدە-شئرلارنى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىپ كەئبىنىڭ تاملىرىغا ئاسقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قەسىدە شئىرلار) ئاسما تام ( شېئىر دەپ ئاتالغان. بۇ رىۋايەتلەر مۇبالىغلاشتۇرىۋىتىلگەن بولسا كېرەك. ئەرەبلەر تارىخىدا، شىئرغا بۇ دەرجىدە يۈكسەك مۇئامىلىدە بولغانلىقىغا شەك بىلەن قارايمەن. بۇلۇپمۇ شئرلارنى ئۇلۇغلاپ، ئالتۇن ھەل بىلەن يازغان دېگەن سۆزلەرگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. لېكىن بۇ ۋەقە تارىخى كىتابلاردا شۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھازىرقى زامان شىئرىيەت ئېقىمىدا « تام يازما » دېگەن ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇلىۋاتىدۇ. بۇمۇ يىڭى زامان شئرىيەت ئۇسلۇبىنىڭ يېزلىشى تامغا، تاختىلارغا سېزىلغان گۈزەل سەنئەتلەرگە تەقلىد قىلنىپيېزىلغان دىگەن مەقسەتتە ئوتتۇرغا چىققا بۇلۇشى
مۇمكىن. مەن )تام يازما( شئىرلىرىمنى يازغان ۋاقىتلىرىمدا « ئاسما شئىر » ساقافىتىنى ئەسلىگىنىم راس. ئۇزۇنچاق كەتكەن شئرلارنى ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇش، شىئرىيەت پەنلىرنىڭ ئۇمۇمىيلىقى، شىئرىيەتتىكى تىل گۈزەللىكى، شئىردىكى قايناق ھىسسىياتلار ئۈچۈن ئۇ زاماننى ئەسلەش ئارتۇق دەپ قارىمايمەن.
> ئاشىقنىڭ ئۈلۈلۋىلىشى < دېگەن شئىرىم شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن. مەن ئۇزۇنچاق شئىرلارنى ياقتۇرىمەن. « تام يازما » مۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدۇ. ئۇنىڭدا ئىجادىيەت تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى، ئەرەپ شئىرلىرىدىكى ھەرخىل جانىرلارنى بىر تىكىستىلا ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ شىئر تىكىسلىرىدە كىلاسسىك ئەسەرلەر، يىڭى زامان ئەسەرلىرىنىڭ شەكىللىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ. نەسرىي ئەسەرلەردە تېخىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ.
«( تام يازما )» شئىرچىلىقىدا ئەسەرگە بولغان ئۇمۇمى كۆز قاراش بىلەن، ئەسەرنى قانداق پۈتتۈرۈش ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. شائىر ئەسەرنى قانداق پۈتتۈرۈشنى قانداق پۈتتۈرۈش مەسلىسىنى توغرا ھەل قىلالىسىلا، شائىر ئۆزىنىڭ شئىر تىكىستىنى تام يازما شىئرىيىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ. قىسقىسى تام يازما شئىرىيەت ئۇسلۇبىدا، ئەرەب شئىرىيىتىنىڭ ھەممە جانىرلىرى بولغان بولىدۇ. مەن شۇ خىلدىكى شىرلارنى يېزىشنى ياختۇرىمەن. چۈنكى، بۇ ئۇسلۇب ئەدەبىياتنىڭ ھەممە كاتىگۇرىيسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى شئىرىيەت ئېقىمىدا،يۇقىردا دەپ ئۆتكىنىمدەك، رىۋايەت، نەسرى ئەسەر، ۋەزنىلىك شىرلار، ئەركىن شىئرلار ھەممىسى بولغان بولىدۇ. شائىر بۇ ئۇسلۇپتا ئۆزىنى ئەركىن قۇيۇپ بىرىپ شىئر يازالايدۇ.
ئىجادىيەت ئۇسلۇبىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ سىز ئەسەرلىرىڭىز قاچان ۋە قانداق يازىسىز؟
مەھمۇد دەرۋىش: بۇنى بىر ئۇسلۇپ دېگەندىن كۆرە، يېزىقچىلىقتىكى بىر ئادەت دېگەن ياخشىراق. بەلكىم بۇ ئادەت شىئرىيەتتىكى بىر خىل ئۇسلۇپ بۇلۇپ قېلىشىمۇ يىراق ئەمەس. مەن ئادەتتە سەپەرگە چىققان ۋاقىتلىرىمدا ياكى كىچىلەردە بىر نەرسە يازالمايمەن. شۇنىڭدەك قىزىتمام ئورلەپ قالغان ياكى روھى كەيپىياتىم تۈۋەن ھالدا بىر نەرسە يازالمايمەن. مەن پەقەت روھى ھالىتىم نۇرمال ھالدا قۇلۇمغا قەلەم ئالالايمەن. قارا سىياھلىق قەلەم، سىزىقسىز ئاق قەغەز ئىشلىتىش سەھەر ناماز بومداتتىن كېيىن يېزىش مىنىڭ ئادىتىمگە ئايلانغان. بەلكىم بۇنىڭدىمۇ بىر خىل ئۇسلۇپ شەكىللەنسە كىرەك،
شئىر ئىجادىيتىڭىز ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق. يېزىپ بولغان شئرلىرىڭىزغا قانداق مۇئامىلىدە بولىسىز؟
مەھمۇد دەرۋىش: مەن ئادەتتە شىرنى يېزىپ بولۇپ بىرنەچچە كۈن تاشلاپ قويىمەن. ئارلىقتىن بىرەر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ قايتا ئۇقۇپ باقىمەن. ئەگەر يازغان شىئرىمدا ئۆزەمنى كۈرەلىسەم، بۇ شئىرغا قايتا ئىشلەپ، ئۈزەم تۇلۇق قانائەت قىلغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتقا بىرىمەن، ياكى تور بەتلىرىگە سالىمەن. ئەگەر يازغان شئىرلىرىم ئىلگىركى شئىرلىرىمغا ئوخشاپ قالسا، مەن شئىر تىكىستىدە مەغلوپ بولدۇم قاراپ، ئۇ يازمامنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن. ئەگەر مەن يازماقچى بولغان مەزمۇندا، باشقا بىر شائىر يېزىپ بولغان بولسا، مەن ئۇ شئىرغا بولغان ئەدەبىي كۆز قارىشىمنى ئىزاھلاپ ئوبزور يازىمەن. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ شئىرنىڭ قىممىتى يۇقىرى كۈتىرىدۇ.
سۆزىڭىزدىن قارىغاندا يازغان شئىرلىرىڭىزدا مەھمۇد دەرۋىشنىڭ سايىسى كۆرنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەنسىز. باشقا شائىرلاردىن ھالقىپ ئۈتۈپ كىتىش ياكى ئۇقۇرمەندىكى باشقا شائىرلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
مەھمۇد دەرۋىش: ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىن تارتىپ، مەندە شئىر ياكى شائىر ئۆلگىسى بۇلۇپ باقمىدى. ھەربىر شائىر مەلۇم بىر شائىرنى ياكى مەلۇم شئىرنى ئۆلگە قىلىش ئۇنىڭ شئىرىيەتتىكى مەجبۇرىيىتى ئەمەس. مەن شئىر- شائىرنى ئۆلگىدەك ياخشى كۈرىمەن. ھەر بىر شائىرنىڭ يازغان شئىرىدىن ھۇزۇرلىنىمەن. شىئرىيەتتە پالانى شائىردىن ئۈتۈپ كىتىش كىرەك دېگەن خىيال شىئرىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت. شئىرىيەت ھەرگىزمۇ سودىگەرچىلىك ئەمەس.
ئىنگىلس خەلقىنىڭ مەشھۇر ئەدەبى تەنقىدچىسى ھارول بىلوم نىڭ شىرىيەت ھەققىدىكى ئەدەبى تەنقىدلىرىدە ئىشلىتىۋاتقان مۇنداق مۇھىم سۆزى بار: « شىرىيەتتە نام شۆھرەت قازانغان چوڭ شائىرلارنىڭ مونوپوللىغىدىن چىقالماسلىق، شىئرىيەت ساھاسىنى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىگەللەپ كىتىشىدەك مەسىلىلەر مەۋجۇد، بۇ يىڭى شئر يېزېۋاتقان ئىجادىيەتچى شائىرلارنىڭ شىئرى ئىجادىيىتىگە مەلۇم تەسىرلەنى كۆرسىتىدۇ. شىئرىيەت ساھاسىنى مونوپول قىلىۋالغان شائىرلار تەسىرىدىن بۆسۈپ چىقىپ كىتىش ئۈچۈن، شئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار، كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىشى، ئۆزىگە خاسلىق يارىتىشى لازىم. ئەركىن ئاڭدا شئىر يېزىش دولقۇنى قوزغاش كېرەك. شېئىر مونوپوللىقغا ئىگە شائىرلارنىڭ شىر تىكىستلىرىنى قېزىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرارلىق ھالدا، شىئرىيەت دولقۇنى قوزغاش كېرەك. بۇ چوڭ شائىرلارنىڭ تەسىرى دائىرىسىدىن قۇتۇلۇشلا ئەمەس، بەلكى شائىر ئۈچۈنمۇ بىر ئىجادى يىڭىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ».
بىز ئەرەپ خەلقىنىڭ مەدەنىيەتتىكى خاسلىقىمىزغا ئوخشاش، شىرىيەتتىمۇ بىرەر شائىر شئر ئۆلگىسى بىلەن مەشھۇر بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىمىز مەۋجۇت.
شائىر شئرىيىتىدە، مەلۇم شائىرنىڭ شئرىيىتىنى ئۆلگە قىلىشى مۇمكىن، لىكىن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب، ئادەت يىتىلدۈرۈش بىلەن بۇ تەقلىدچىلىك، ئۆلگىچىلىكتىن قۇتۇلالايدۇ. شائىر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قىيىن ئىش، ئۆز ئۈستىدىن غالىپ كىلىشتۇر. شائىر باشقىلارنى تەقلىد قىلىشتىن ساقلىنىشتىن باشقا، ئۆزىنىمۇ تەقلىد قىلماسلىقى كېرەك. شائىرنىڭ ئۆزىنى تەقلىد قىلىشى كۈپىيىپ كەتسە، بۇ ھال ئۇ شائىرنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى جىنايىتىدۇر
شائىر باشقىلارنىمۇ ئۆزىنىمۇ تەقلىد قىلماسلىقى بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ بىر شىرىدىكى غەلبە ئۇتۇقلىرىنى يەنە بىر شئر ئۈچۈن قۇربان قىلىشنى بىلىشى كىرەك. ئۇ ھەرگىزمۇ ئەدەبى تەنقىدچىلارغا، ئۇنىڭ يازمىلىرىنى ئۇقۇپ، ئەسەرگە سەلبى باھا بىرىپ، ئەسەرنىڭ نامىزىنى ئۇقۇپ، يەرلىگىنى قۇيۇۋىتىش پۇرسىتىنى بەرمەسلىك كىرەك.
بەزىلەر «( ئاسمان سايىسى )» دېگەن شىرىڭىزنى مەھمۇد دەرۋىش، مەرھۇم ياسىر ئەرەفات بىلەن يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىپ يازغان دېيىشىدىكەن، سىزچە بۇ سۆزلەر راسمۇ؟
مەھمۇد دەرۋىش: بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. شۇنداق دېگەنلەر بۇ شئىرنى خاتا چۈشەنگەنلەر،بەزى توربەتلەردە، مەھمۇد دەرۋىش بۇ شئرنى سادام ھۇسەيىننى ماختاپ يازغان ديىشىپتۇ. بەزىلەر يۇقىرقىدەك ياسىر ئەرەفاتنى كۆزدە تۇتۇپتۇ. نىمىلا بولمىسۇن ھەر ئىككىلىسى خاتا چۈشۈنۈش. بۇ شئىردا لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئۇرۇش قىلىۋاتلان ئەرەپ پىدائىيلار قوشۇنى مەدھىيلەنگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىرەر ئىككى شەخىس كۆزدە تۇتۇلمىغان. ئاسمان سايىسى تەسۋىرلەنگىنى باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق، قورقماس جاسارەت. بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ، تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ئىددىيىسى، ئىش-پائالىيەتلىرى ئىلگىرى سۈرۈلمىگەن.
– ھىكايە، رومان، پوۋىست يېزىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
مەھمۇد دەرۋىش: مەن كىتاپ ئۇقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھىكايە ئۇقۇشۇممۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. راس گەپنى قىلسام ئەدەبىياتنىڭ بۇ تۈردىكى قىسمى ھەر خىللىشىپ كەتتى. ھىكايە، پوۋست، رومان دېگەنلەر بۇ يېقىنلاردا كىرزىسقا ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن. سەن نىمىنى يازساڭ، قانداق يازساڭ بولاۋىرىدۇ. يازغۇچىغا نىسبەتەن چەكلىمە يوق. تۈرى ھەرخىل. مەن ھازىرغىچىلىك بۈ تۈردە بىر نەرسە يېزىپ باقمىدىم. بۇندىن كېيىن يېزىشىم مۇمكىن .
ئاپتۇرى: ئېنىق ئەمەس