قەشقەر راۋابى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنى

مۇھەممەد ساۋۇت

مۇزىكا ئىنسانلارنىڭ بۈيۈك ئىختىراسى. ئۇنىڭ تىلى ئاجايىپ سېھىرلىك تىل، شۇنداقلا قەلبنىڭ تىلى. خەلقىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە تويۇنغان كۈي – مۇزىكىلىرى تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەر خىل دەردىگە دەرمان، شادلىق ئەۋجىگە تەڭكەش بولۇپ كەلدى. بۇنداق دىلكەش كۈيلەرنى ئورۇنداشتا ئەجدادلىرىمىز مۇئەييەن چالغۇلارنى ئىجاد قىلغان. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى قەشقەر راۋابىدۇر.

قەشقەر راۋابى جاراڭلىقلىقى، يېقىملىقلىقى، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگىلىكى بىلەن تولىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان چالغۇلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ قەشقەر رايونىدا كەشىپ قىلىنىپ ۋە كۆپ قوللانغانلىقى ئۈچۈن قەشقەر راۋابى (ئويما راۋاب)، دەپ ئاتىلىپ كەلدى. راۋاب ئۈجمە ياغىچى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىنىپ، راۋاب كاسسىسى بېشى، يۈزى، قارنى، مۈڭگۈز، ئىلغۇچ دەستە، خەرەك، باش خەرەك، ئەگمە، قۇلاق، پەردە، نەقىش قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. قەشقەر راۋابىنىڭ يۈزلۈكىگە ئىلگىرى، ئاساسەن، ئېشەك تېرىسى تارتىلىپ، ئۈچىيىدىن تار سېلىنىپ چېلىناتتى. ھازىر، ئاساسەن، يىلان تېرىسىدە يۈزلۈك تارتىلىپ، پولات سىم تار سېلىنىپ، ئاۋازىنىڭ جاراڭلىقلىقى كۈچەيدى.

راۋابنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى دولان ۋادىسىدا ياشىغان خەزەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر چالغۇچىنىڭ تۇنجى راۋابنى ياسىغانلىقى بايان قىلىنغان. خوتەننىڭ چارۋىچىلىق رايونىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان قەدىمىي ئاددىي چۇپان راۋابىنىڭ يۈزىگە كېرىلگەن تېرىسىنى ئېلىۋەتسەك، ئۇ چوڭ قوشۇققا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىپتىدائىي راۋاب قەدىمكى چوڭ ياغاچ قوشۇقتىن كېلىپ چىققان، دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ھازىرقى راۋاب ئۇزاق دەۋرلەر داۋامىدا تەكرار ئۆزگەرتىلىپ يېڭىلىنىشنىڭ مەھسۇلى.

ئوت يۈرەك خەلق سەنئەتكارى تاشۋاي قەشقەر راۋابىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا كۆپ تۆھپە قوشقان. تاشۋاينىڭ قەشقەر راۋابىدا ئورۇندىغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان ‹‹ تاشۋاي ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 1 ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 2 ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 3››، ‹‹ گۇندىپاي – 4 ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 5 ››، ‹‹ گۇندىپاي – 6 ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 7 ›› ، ‹‹ يارۇ ›› قاتارلىقلار بۈگۈنگە قەدەر راۋاب تارلىرىدا ياڭراپ، خەلقىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ كەلمەكتە.

داڭلىق كومپوزىتور، مەرھۇم قۇربان ئىبراھىم تاشۋاينىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا يەنە شۇ تاشۋاينىڭ مۇبارەك نامى بىلەن مىللىي ئوركېستىرغا يېڭى بىر ئەسەر ياراتتى. بۇ ئەسەرنى ئىجرا قىلىشتا قەشقەر راۋابىنىڭ ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەسىلەن: بۇ ئەسەرنىڭ 2 – ئۆزگىرىشىدىكى 4/2 لىك رىتىمدا ئىجرا قىلىنىدىغان ئاساسىي مېلودىيە قەشقەر راۋابىغا بېرىلىپ، قەشقەر راۋابىنىڭ جاراڭلىق، يېقىملىق ئاۋازى ئوركېستىردا تولۇق نامايان قىلدى. قۇربان ئىبراھىمنىڭ يەنە بىر ئۆلمەس ئەسىرى ‹‹مېنىڭ راۋابىم›› مىللىي ئوركېستىرنىڭ تەڭكەشلىكىدە، خاس قەشقەر راۋابىدا ئورۇندىلىپ، مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيا سەھنىلىرىنى چاڭ كەلتۈردى. دېمەك، قەشقەر راۋابى يېقىملىق، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئوركېستىردىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ بولۇپ قالدى.

1970 – يىللاردىن بۇرۇنقى قەشقەر راۋابى بەش تارىلىق بولۇپ، مۇشۇنداق تەڭشەك بىلەن چېلىش ئۇزاق يىل داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. ئاتاقلىق راۋابچى، مەرھۇم داۋۇت ئاۋات 1970 – يىلىدىن باشلاپ قەشقەر راۋابىنىڭ ئاھاڭ ئورنى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، قەشقەر راۋابىنىڭ تارىنى يەتتىگە ئۆزگەرتىپ، راۋابىنىڭ مۇڭىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ راۋاب نوتا بويىچە يەتتە ئاۋازغا توغرىلىنىپ تەڭشىلىدىغان بولدى.

قىسقىسى، راۋاب ئەنە شۇنداق ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىنىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە مىللىي چالغۇلىرىمىز ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولدى. بۇ يەنە بىر قىسىم چالغۇلىرىمىزنىمۇ ياخشىلىشىمىزدىكى بىر ئۈلگە، ئەلۋەتتە.