ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان

ئەسەت سۇلايمان 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 1994-يىلى فولكلور ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانئغان. 1995-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىدا ھەمكارلاشما تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلىگەن. 1996-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۈچ يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە 1999-يىلى 7-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش تاماملاپ، ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا فلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا «ئېپوسلار تەتقىقاتى»، «مىللىي ئەدەبىيات ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات»، «دىنشۇناسلىق»، «سېلىشتۇرما ئەدەبىيات»، «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى»، «ئەپسانىشۇناسلىق»، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات كەسپىدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئەپسانىشۇناسلىق»، «ئېپوسشۇناسلىق» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى.
ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن سىرت، ئۇ پۈتۈن زېھنىنى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا قاراتتى ھەمدە بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» (2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»)، «خەمسىچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (خەنزۇچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2002-يىلى)، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» — ئەسەت سۇلايمان ئەسەرلىرى (1) (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى)، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» (2006-يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشرى) «ئەلىشىر ناۋائىي»، «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى ھەمدە ئىلمىي ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەملىكەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردىن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «چەت ئەل ئەدەبىياتى ئوبزورى»، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق يادرولۇق ژۇرناللاردا ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ژۇرناللاردا 50 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «مىراس» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت پسىخىكىسى ۋە بوستانلىق مەدەنىيىتىگە دائىر بىر يۈرۈش ماقالىلىرى خېلى زور تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت پسىخىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسىم-فامىلە مەدەنىيىتى ئىسلاھاتى» قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى ياپونىيىدە، «ئالتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە يالماۋۇز ئوبرازى» ناملىق ماقالىسى تۈركىيىدە ھەمدە ئېپوسشۇناسلىققا دائىر بىر پارچە ماقالىسى قىرغىزىستاندا ئېلان قىلىندى.
ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ئاساسىدا يوللىغان «پارس ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدىكى خەمسىچىلىك ھادىسىسى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات» ناملىق تېمىسى 2000-يىلى دۆلەت پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات تۈرى سۈپىتىدە تەستىقلاندى ھەمدە ئىككى يىللىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە غەلىبىلىك تاماملاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرقانچىگە قاتناشتى.
دوكتور ئەسەت سۇلايمان 2002-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەشكە باشلىدى.
دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ نەتىجىلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلدى ۋە تەشۋىق قىلىندى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەكلىپ بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ 2000-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە فۇكۇكا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ياپونىيىدە بىر ئاي ئىلمىي زىيارەتتە بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ فۇكۇكا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «زامانىۋىيلىشىش دولقۇنى ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى»، «ئۇيغۇر ئىسىم فامىلە مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتى» قاتارلىق تېمىلاردا بىرقانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى. شۇنداقلا ياپونىيىلىك كەسپداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2003، 2004-يىللىرى شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە ياپونىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خەلقئئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھەمدە ئىلمىي لىكسىيىلەردە بولغان. ئەسەت سۇلايمان 2005-يىلى پروفېسسورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر پوستدوكتور» بولۇپ باھالانغان. ھازىر 2007-يىلى تاماملىنىدىغان پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاۋىنى تورداشلارنىڭ ئوقۇپ چېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن

بىز كىم، بىزنىڭ مەدىنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە
سالاھىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەرشارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە
كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟
___ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى