ئۇنتۇپ قالمايلى – مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز

بىز ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە نىمە؟ بۇ سۇئالغا ئىقتىسات، ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ ياخشىلىنىشى دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭ توغرا جاۋابى شۇكى – بىز ئۈچۈن ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە مائارىپ. بۇ بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىياتنى ئىزدەيدىغان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق جاۋاپ.چۈنكى، مائارىپ بولسا ئىقتىسادى تەرەققىياتمۇ، ئىجتىمائى تەرتىپنىڭ ياخشىلىنىشىمۇ بولىدۇ. بۇ جاۋاپتىن گۇمانلىنىپ «بىزنىڭ مائارىپىمىز بارغۇ، يېرىم ئەسىردىن بۇيان مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە سەۋەپتىن ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسىدا تەڭ نىسبەتتە ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرالمىدۇق؟» دىيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتەن مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە. ئۇنداقتا بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مەسىلە بارمۇ؟
بىز نەزىرىمىزنى مىللى مائارىپىمىزنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىيات تارىخىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. ئىلگىرىكى مەدرىس مائارىپىنىڭ ئەكسىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان مىللى مائارىپ ھەرىكىتى ياۋرۇپاچە مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ بولغان. بۇ خىل مائارىپ 20-ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40- يىللىرى سۆۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل مائارىپ ئەندىزىسى سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىچە مائارىپقا ئۆزگەرتىلگىچە داۋاملاشقان. تاكى 1960-يىللارغىچە مەكتەپلەردە سۆۋىت ئىتتىپاقىدا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر ئۆتۈلگەن. ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ سۆۋىت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن زىيالىلاردىن، سۆۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى جۇڭگودا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر تۈركۈم ئىلغار زىيالىلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. 60-يىللاردىن كېيىنكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى پۈتكۈل جۇڭگودا مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنى پەيدا قىلىپ، شۇ قاتاردا مىللى مائارىپىمىزنىمۇ ۋەيران قىلغان. 1980-يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، مائارىپىمىز يەنە قايتا ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىنغان ۋە مىللى مائارىپىمىزنىڭ ئاساسى مائارىپ ئەندىزىسى جۇڭگو مائارىپىنىڭ مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە تۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنداقتا، جۇڭگو مائارىپى قانداق مائارىپ؟
1949-يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە جۇڭگودىكى ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئومۇمى ئاھالىنىڭ % 80 نى تەشكىل قىلاتتى. ئازاتلىقتىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئومۇمى ئاھالىنىڭ%15نى تەشكىل قىلدى. بىز بۇ سانلىق مەلۇماتتىن جۇڭگونىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۆز يۇمغۇسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بىراق، يەر شارى نوپۇسىنىڭ 1\4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا بىرەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ چىقماسلىقى، جۇڭگولۇقلاردا ئىجاتچانلىق، ئەمەلى ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتى بىلەن ئومۇمى خەلق ساپاسىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بويىچە تەرەققى قىلالماسلىقى بىزنى يەنىلا بىئارام قىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەسىلە جۇڭگو مائارىپىدىمۇ؟ بۇ بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك سۇئال بولغاچقا، بۇ سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بىز جۇڭگو مائارىپىنى جۇڭگو بىلەن تەڭ قەدەمدە يېڭى مائارىپ يولىغا كىرگەن، دۆلەت قۇرۇلغان ۋاقتى ۋە تەرەققىيات ئاساسى ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ھازىرقى مائارىپ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلىپلا قالماي، ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسى جەھەتتىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن دۆلەت -كۆرىيە بىلەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو مائارىپىدىكى، شۇنداقلا مىللى مائارىپىمىزدىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ باقساق بولىدۇ. 1948-يىلى كورىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا كورىيىدىكى ساۋاتسىزلار ئومۇمى ئاھالىنىڭ %78 نى تەشكىل قىلاتتى. 1996-يىلىغا كەلگەندە كورىيە ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنى تۈگۈتۈپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى نىسبىتىنى %38 گە يەتكۈزدى. جۇڭگودا بولسا بۇ سان پەقەت ئاھالىنىڭ %5 نى ئىگىلىدى. 1948-يىلى كورىيە ھۆكىمىتى يېڭى قۇرۇلغاندا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا سەل كەينىگە تىزىلاتتى. بىراق، كورىيە دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىن باشلاپلا مائارىپنى دۆلەت ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈر قاتارىغا قويۇپ، زور كۈچ بىلەن مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ماڭدى. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 60 يىللىرىدىن كېيىن كورىيە ئىقتىسادى ئاستا ئاستا تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بىراق، دۆلەتنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئىزچىل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتىدىن ئۈستۈن بولدى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئالى مەكتەپ مائارىپىغا سېلىنىدىغان مەبلەخ جەھەتتە، كورىيەنىڭ جۇڭگوغا ئوخشاشلا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ماكتەپ مائارىپىغا سالغان دۆلەت مەبلىغى بىلەن ئالى ماكتەپ مائارىپىغا سالغان دۆلەت مەبلىغى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولدى. بىراق كورىيە ھۆكىمىتىنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپكە سالغان مەبلىغى، ئالى مەكتەپ مائارىپىغا سالغان مەبلىخىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ئەكسىچە يولدا ماڭدى. كورىيە ھۆكۈمىتى ئاساسى مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش يولىنى تاللاپ، باشلانغۇچتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 12يىللىق مەجبۇرى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى % 98 تىن ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا كورىيەدە نامرات چەت جايلارغا سېلىنىدىغان مائارىپ سېلىنمىسى مەركىزى شەھەر مەكتەپلىرىگە سېلىنىدىغان مائارىپ مەبلىغىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ باراۋەر مائارىپ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. يۇقارقى مەزمۇنلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، جۇڭگو مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلىش زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگو مائارىپىدا ھەقىقى توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، مائارىپتا ئىلگىرىكى نۇقۇل بىلىم قاچىلاش خارەكتىرىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ ئورنىغا تەدرىجى ھالدا، ئىقتىدار ئېچىش خارەكتىرىدىكى ئوقۇتۇش يولىدا مېڭىشقا ئۆتۈشتەك يېڭى يولدا مېڭىشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. بىز مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمىز، ئىلمى بولغان مائارىپ ئەندىزىسىنى تېزرەك مىللى مائارىپىمىزدا ئەمەلىلەشتۈرىمىز، دەيدىكەنمىز، مائارىپ ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە، مائارىپ ئەمەلىيىتىدىكى كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، مائارىپ ئىسلاھاتى سىنىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، شۇنداقلا دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپچىلار بۈگۈنكى دەرس ئىسلاھاتىغا قانداق قارايدۇ؟ بۇ بىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن مۇشۇ مەقسەتتە بىرقانچە مائارىپ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﻰ بىلەن سۆھبەتلەشتىم. تۆۋەندە ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.
(شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى) مەخمۇت ئېلىياس ئاكا بىلەن سۆھبەت:
1-سۇئال. نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاپ: دەرس ئىسلاھاتى – مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى. ئۇ دەۋر تەرەققىياتىغا تامامەن ئۇيغۇن. ئاساسى مائارىپتا مەكتەپلەردە ئۆتىلىدىغان دەرسلەر دۆلەت تەرەپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مىللى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، ناخشا-مۇزىكا، گۈزەل- سەنئەت قاتارلىق بىر قىسىم دەرسلەرنىڭ دەرسلىك كىتاپلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئۆزىدە تۈزىلىدۇ. بۇ دەرسلىكلەرنى تۈزۈشتە قويۇق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە ماتىرىياللار تاللىنىشى كېرەك. دەرس ئىسلاھاتى لاھىيىسىدە يەنە «يەرلىك دەرس»، «مەكتەپ دەرسى» دىگەن دەرسلەر تەسىس قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يېرىنىڭ تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشى، كېلىمات، مۇھىت، سۇ ئىنشاھاتى، تارىخ-تەزكىرە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى بىلىملەرگە ئىگە قىلىدىغان بۇ خىل دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقىش بىرقەدەر تەسكە توختىشى مۇمكىن. لېكىن بۇنى يېتەرلىك مالىيە كۈچى ئاجرىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.
2-سۇئال. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا نۇقتىلىق سىنىپ ئېچىش توغرىمۇ؟
جاۋاپ: ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مەكتەپلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا نۇقتىلىق مەكتەپ، نۇقتىلىق سىنىپلارنى تەسىس قىلىش بىر خىل خاتا ئىش. دۆلەت غەزىنىسىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئاجرىتىلغان مەبلەخ دۆلەت پۇقرالىرى ئورتاق ياراتقان بايلىق بولغانلىقتىن ئۇنىڭدىن پۈتكۈل خەلق تەڭ بەھرىمان بولۇشى كېرەك. قانداقتۇر نومۇر چەك سىزىقى پەيدا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى نۇقتىلىق مەكتەپ، نۇقتىلىق سىنىپلارغا ئاجرىتىش، زور بىر تۈركۈمدىكى كىشىلەرنى سىرتتا قالدۇرۇپ، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ مائارىپ مەبلىغىدىن بەھرىمان قىلىش بىر خىل ئادالەتسىزلىك. سەر خىل مائارىپ كۈچلىرىنى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە تەڭ تەقسىملەپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن تەڭ بەھرىمان قىلىش كېرەك.
3-سۇئال. سىزنىڭچە بىز مىللى مائارىپىمىزدا ساپا مائارىپىنى ھەقىقى يولغا قويالىدۇقمۇ؟
جاۋاپ: ساپا مائارىپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققىنىغا 10نەچچە يىل بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ساپا مائارىپى تا ھازىرغىچە ھەقىقى مەنىسى بىلەن قانات يايالىغىنى يوق. بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ كىشىلەر تېخىچىلا ئىمتاھان مائارىپىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتىدۇ. خەنزۇ مەكتەپلەردىكى ئەھۋال شۇنداق، مىللى مەكتەپلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. قارىغاندا جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى ساپا مائارىپىنىڭ كۆكلەپ مىۋە بېرىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تۇپراق بولالمايۋاتقان ئوخشايدۇ.
4- ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇش يۈكى سىزنىڭچە مۇۋاپىقمۇ؟
جاۋاپ: مىللى مائارىپنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كەتمەيمەن. شەھەرلەردە، مېنىڭچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى بۇرۇنقىغا قارىغاندا يەڭگىللىدى. بۇ ئىمتاھان قېتىم سانىنىڭ ئازايغانلىقى، ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتاھان نومۇر چېكىنىڭ قاتتىق ئۆلچەم قىلىنىپ كەتمەيدىغان بوللغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە تاپشۇرىقى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت. ئۇلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەنىلا ئائىلە تاپشۇرۇقى ئىشلەش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈگىنىش يۈكى تېخى يەڭگىللىكىنى يوق. ئىمتاھان بېسىمى تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئامالىنى قىلالمايۋاتىدۇ.
5-سىزنىڭچە مىللى مائارىپىمىزنى «ئىلمى تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ» دەپ، ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ياكى ئىلمى بولمىغان قارىغۇلارچە ئىش قىلىۋاتقان تەرەپلەر بارمۇ؟
جاۋاپ: مىللى مائارىپىمىز دۆلەتنىڭ ئومۇمى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇ جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە. مەسىلە بار دىيىلسە، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقان مائارىپ مەمۇرىلىرى ۋە تۆۋەندىكىلەرنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىنى چۈشۈنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىجرا قىلىشتا مەسىلە بار دىيىشكە بولىدۇ.
6-سۇئال. مىللى مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقات خىزمىتىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاپ: يېقىنقى 10يىل ئىچىدە مىللى مائارىپ تەتقىقاتىدا خېلى جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. مىللى مائارىپ تەتقىقاتى ھەققىدىكى ماقالىلار گېزىت جورناللاردا ئانچە مۇنچە ئېلان قىلىنىپمۇ تۇرىۋاتىدۇ. «شىنجاڭ مائارىپى» جورنىلى، «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»دە ئىلگىرى ئوقۇيدىغانلىرىمىز ئومۇمى سىياسەت خارەكتىرلىق ماقالىلەر ۋە قىسمەن ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت ئادەتتىكى ماقالىلار ئىدى. ھازىر خېلى قىممىتى بار مائارىپ تەتقىقات ماقالىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئەگەر مىللى مائارىپ تەتقىقاتى خىزمىتىنى ھەقىقى كۈچەيتىمىز دەيدىكەنمىز، ئاساسى قاتلامدىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ ئۇلارنى مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە ئۇيۇشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئېلى خوجاخۇن بىلەن سۆھبەت:(ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دەرس ئىسلاھاتى تەلىۋى بويىچە دەرسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان، ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپ قېتىم يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىگەن، ھازىر يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.)
1-سۇئال.نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتى يۈزلىنىشىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاپ: دەرس ئىسلاھاتى- ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزدىكى بىلىمنى ھەددىدىن زىيادە مەركەز قىلىدىغان ھادىسىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بىر نۆۋەتلىك مائارىپ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئىلگىرى دەرسلىكلىرىمىز بىلىم كۆپ، بىر تەرەپلىمە، قىيىن، مۇجىمەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. دەرس ئىسلاھاتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرىمىز ئادىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ياشاشنى ئۈگىتىش، ساغلام روھى ھالەت يېتىلدۈرۈش، پايدىلىق بىلىم ئىگىلىتىش ئامىللىرى بىلەن تويۇنغان. ئوقۇتقۇچىغا قويىلىدىغان تەلەپتە ئوقۇتقۇچى باشقۇرغۇچى، يېتىلەپ ماڭغۇچى، ئۈگەتكۈچىدىن باراۋەر مۇناسىۋەت قىلغۇچى، ھەمكارلاشقۇچى، ئوقۇغۇچىنى ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈشكە يېتەكلىگۈچىگە ئايلىنىش تەلىۋى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مائارىپ باشقۇرۇش، باھالاش تەلەپلىرىمۇ ئىلگىركى « ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» دىن، بىر بىرىگە تەكلىپ بەرگۈچىگە، ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھالىتىگە ئۆتۈش تەلەپ قىلىندى. بۇنداق يۈزلىنىش مۇقەررەركى بىزگە ئۈمۈت، ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. بۇ مائارىپ نەزىرىيىسى ھەققىدىكى يېڭىلىق. ئەمدىكى گەپ، مىللى مائارىپىمىز دەرس ئىسلاھاتىدىن قانچىلىك نەپكە ئېرىشتى؟مەسىلىسىدۇر. مىللى مائارىپىمىز گەرچە يېڭى دەرس ئىسلاھاتى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىيات، مۇزىكا قاتارلىق پەنلەرنى مۇستەقىل تۈزۈش ھالىتىدە ساغلام تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە پەنلىرى يەنىلا تەرجىمە قىلىنىدىغان بولغاچقا، يەنىلا«يېڭى دەرس ئىسلاھاتى» بىزدىن كۈتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى قېزىش، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپقا ئېرىشكىنى يوق. شۇڭا دەرس ئىسلاھاتى مىللى رايۇنلارنىڭ مىللى پەرقىنى تولۇق ئېتىۋارغا ئالغاندىلا ھەقىقى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن يېڭى دەرس ئىسلاھاتىمۇ «نىشانلىق ئوقۇتۇش»، «ساپا مائارىپى» چاقىرىقلىرى بىر مەزگىل تازا ئەۋجىگە چىقىپ، ئۆزلۈكىدىن پەسكويغا قالغاندەك بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ھاياتى كۈچىدىن قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، «دەرس ئىسلاھاتى» گەرچە دەرسلىكنىڭ، مائارىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىقىنىڭ، ئوقۇتۇش تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىمتاھاندىن ئىبارەت قوماندانلىق كالتىكىنىڭ شەكلى، تۈرى، رولى، خارەكتىرى ئۈستىدە تۈپتىن ئېنىق بىر ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتىدۇ. بۇ تەرەپ چوقۇمكى، «دەرس ئىسلاھاتى» ماشىنىسىنىڭ راۋان ئايلىنىشىنى توسالغۇغا، ھەتتا مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا « ئىمتاھان» نۆۋەتتىكى بېشىمىزنى قاتۇرىدىغان ئامىل بولۇپ تۇرماقتا. يەنە بىر تەرەپ، ئالى مائارىپمۇ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋىگە يارىشا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولغان تەرەپتۇر. ئالى مائارىپنىڭ «دەرس ئىسلاھاتى » نىڭ سىرتىدىكى مائارىپ ئىكەنلىكى ھەقىقەتلا بولىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كەسپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچى مىخاينىزىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئوخشاشلا زۆرۈر. بولمىسا سۇ سۈزۈك ئېقىپ كەلگىنى بىلەن ئاخىرىدا لاي سۇغا قۇيىلىدىغان گەپ.
2- سۇئال. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا تەجرىبە سىنىپ ئېچىش توغرىمۇ؟
جاۋاپ: خاتا. بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن، تەجرىبە قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلا كوزۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ تەجرىبە قىلمىساقمۇ، تەجرىبە ئۈنىمىنى ئالدىن ھىس قىلغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائى پەنلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا، تەبىئى پەنلەرنى خەنزۇچە ئوقۇتۇش ئوقۇتۇشنىڭ ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا قانچىلىك پايدىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن. ھەتتا بۇنىڭ ئەكس تەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنى تەجرىبە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردا پەندىن شەكلىنىش، بىلىمدىن زېرىكىش، مىللى ئەخلاق، قىممەت ئۆلچەملىرىدىن ئايرىلىپ غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قېلىشتەك «ئاينىش» ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىز مەكتىۋىمىزدە سىناق قىلغان ئوقۇغۇچىلاردا دەل شۇنداق بىنورمال ئەھۋاللار سادىر بولدى. تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ، ئاتالغۇ تېرمىنلارنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان «تۇيۇقسىز زەربە» ئۆسۈپ يېتىلىش ھالىتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا غەلىتە ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۈچۈنچىدىن، كوزۇر ئوقۇغۇچىلار بىر سىنىپقا يىغىلغاندىن كېيىن ئاسانلا ئۈگۈنۈش بېسىمى ئارتىپ، بۇ بېسىم ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىكىسى بىنورماللىشىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. ۋاھاكازالار…
3-سۇئال. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۈگىنىش يۈكى سىزنىڭچە مۇۋاپىقمۇ؟
جاۋاپ: مۇۋاپىق ئەمەس. بولسا تېخىمۇ يەڭگىللىتىش كېرەك.
4-سۇئال. سىزنىڭچە بىز مىللى مائارىپىمىزدا ساپا مائارىپىنى ھەقىقى يولغا قويالىدۇقمۇ؟
جاۋاپ: ياق. چۈنكى ساپا مائارىپى چاقىرىق، تەشەببۇس ھالىتىدىلا قېلىپ دەرسلىك، ئوقۇتۇش پائالىيىتى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، مائارىپ تۈزۈلمىسى، ئىمتاھان ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەرلىك ئەمەلى تەرتىپلەرنى تۈزۈپ يولغا قويالمىدى.
5-سۇئال. مىللى مائارىپىمىزنى « ئىلمى تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ» دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ياكى ئىلمى بولمىغان قارىغۇلارچە ئىش كۆرىۋاتقان تەرەپلەرمۇ بارمۇ؟
جاۋاپ: بار دىسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى مىللى مائارىپنىڭ، «مىللى» خاسلىقنىڭ بارغانسېرى سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىدا كۆرىلىدۇ.
6-سۇئال. مىللى مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى جەھەتتى ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
جاۋاپ: ئاساسلىقى يېتىلگەن مائارىپ مۇتەخەسىسلەر قوشۇنىنىڭ بولماسلىقى، يەنە بىر جەھەتتىن، سېلىشتۇرما مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مائارىپ تارماقلىرى ئەسلى نىشانلىق تۈردە چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ بېكىتىلگەن تارماق پەنلەر بويىچە ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ، مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا سەپلىشى كېرەك ئىدى. ئۆزلىرى چەتئەللەردە مەخسۇس كەسپلەر بويىچە تەربىيەلىنىپ كەلگەنلەرمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالماسلىقتەك قىسمەتكە دۇچار بولغانلىق ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت. بۇ خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ ئورگانلىرى جىددى تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈر….
باھارگۈل ئوسمان بىلەن سۆھبەت.(29-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات، ئېنگىلىس تىلى ئوقۇتقۇچىسى. كۆپ قېتىم ئىلمى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان، مۇكاپاتلانغان. كونا، يېڭى دەرسلىكلەردىن بولۇپ 10پارچە دەرسلىك ماتىرىيالى تۈزگەن.)
1-سۇئال. نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتى يۈزلىنىشىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاپ: دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشى ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتى. مەن ئۆزەم ئۆتىۋاتقان دەرسكە ئاساسەن بۇ ئىسلاھاتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپدارى. يېڭى تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى مەيلى مەزمۇن رەڭدارلىقى ياكى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى، پىكىر يۈزلىنىشىنى موللاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن ئىلگىرىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسدىن خېلى كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە. لېكىن يېڭى تۈزۈلگەن بۇ دەرسلىكلەر تولىمۇ مۇكەممەل دىگەنلىك ئەمەس. تېخى سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا تېخى يېتەرسىز تەرەپلىرى يوق ئەمەس. يەنى ئاز بىر قىسىم دەرسلىكلەرنىڭ سالمىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن تەرەپلىرى يوق ئەمەس. بىر قىسىم مەزمۇنلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى قىسمىدا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان تەرەپلەر بار. لېكىن بۇ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ رەسمى يولغا قويۇلغىچە مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ تۈزۈتىشىدىن ئۆتۈپ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
2-سۇئال. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا تەجرىبە سىنىپ ئېچىش مۇۋاپىقمۇ؟
جاۋاپ: جۈڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «مائارىپ قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن.42-ماددا:«ئوقۇش مەزگىلىدىكى ھەرقانداق ئوقۇغۇچى تەلىم تەربىيە پىلانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ھەر خىل ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن، كۈتۈپخانا ماتىرىياللىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بار». يۇقارقىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ئورتاق ھوقۇقى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق ھازىر بىزدىكى «تەجرىبە سىنىپ» لىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشىلىرىنى تاللىۋېلىپ« بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم يېتەكلەش» دىگەن نام بىلەن، «ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلار سىنىپى» بەرپا قىلىپ، ئۇلارغا زىيادە ئېتىۋار بېرىش (ئالاھىدە مۇھىت،ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، ئالاھىدە دەرسلىك، ئالاھىدە تاپشۇرۇق قاتارلىقلارنى سەپلەش) ئارقىلىق بىر قىسىم ئالاھىدە تەبىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنداقلا كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ «تەجرىبە سىنىپى»نى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ۋاستىگە ئايلاندۇرىۋالغان مەكتەپلەرمۇ بار. مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ تەجرىبە سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دىگەن: «مەن ئاتا ئانامنىڭ ئارزۇسى بويىچە بۇ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇۋاتىمەن. ئۆزەمنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇم يوق». مانا بۇ سۆزدىن بىز تەجرىبە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانچىلىك بېسىم ھىس قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. مېنىڭچە كۆپۈنچە مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە سىنىپ ئېچىش سالاھىيىتى يوق. چۈنكى تەجرىبە سىنىپنى نىمە ئۈچۈن ئېچىش؟ قانداق ئېچىش؟ نىمىنى تەجرىبە قىلىش؟ قانداق نىشانغا يېتىش؟ دىگەندەك مەسىلىلەردە تېخى ھىچقانداق پىلان يوق. شۇڭلاشقا گەرچە «تەجرىبە سىنىپى» ئېچىلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ھېچقايسى مەكتەپ «تەجرىبە سىنىپى»نىڭ تەجرىبە خۇلاسىسىنى چىقىرىپ ئىلمى بولغان بىر نەتىجىنى مەيدانغا كەلتۈرگىنى يوق. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ھېچقانداق تەجرىبە نەتىجىسىنى چىقىرالمايدىغان بۇ سىنىپلارغا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئىككى قوللاپ تاپشۇرۇشقا شۇنچە ھېرىسمەنلىكى.
مېنىڭچە ھازىرقى تەجرىبە سىنىپلار دەرسنى قاپلاپ ئۆتۈپ، تاپشۇرۇقنى كۆپلەپ بېرىدىغاندىن باشقا، يەنە سىنىپتىكى ئادەم سانىنىڭ كۆپلىكى ۋە دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللىۋالغانلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس. بۇنداق سىنىپتىن ئاز-تولا نەتىجە كۆرۈلگىنى ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇنداق سىنىپنى ئېچىپ بالىلارنى تەجرىبە قىلىشنىڭ ھىچقانداق زۆرىرىيىتى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى: بىرىنچىدىن، بۇ خىل سىنىپلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانتارلىق روھتا تەربىيىلىنىشىدە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنى ئوقۇغۇچىلاردا تەبىقە كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئىككىنچىدىن، ھەر بىر سىنىپنىڭ سەركىلىرى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇ بىر ئىلمى بولمىغان تەجرىبە، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى نۇرغۇن ئادەمنى كاردىن چىقىرىپ تولدۇرغىسىز زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
3-سۇئال. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۈگىنىش سېلىقى سىزنىڭچە مۇۋاپىقمۇ؟
جاۋاپ: ھازىر مائارىپ تارماقلىرى ھە دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىشكە چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلار كۈندىن كۈنگە بېسىم ھىس قىلىپ ئوقۇشتىن، مەكتەپتىن بىزار بولىۋاتىدۇ. بۇنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
1-مەكتەپلەرنىڭ نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن بىر تەرەپلىمە ئىش كۆرىشى.
2-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتاھان نەتىجىسى ئارقىلىق باھالىنىپ سېلىشتۇرىلىدىغانلىقى.
3-قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپىنىڭ ئېچىلىشى.
4-دەرسكە ماسلاشتۇرۇلغان تەكرار ماتىرىياللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ تېڭىش…قاتارلىق ئامىللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە توسالغۇ بولدى.
4-سۇئال. سىزنىڭچە بىز مىللى مائارىپىمىزدا ساپا مائارىپىنى ھەقىقى يولغا قويالىدۇقمۇ؟
جاۋاپ: بىز تەشەببۇس قىلىدىغان ساپا مائارىپى ئادەمدىكى تۇغما تالانت ئاساسىدا، جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقنى ئاشۇرىدىغان، ئەقلى قابىلىيەتنى ئاچىدىغان، خارەكتىرنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان مائارىپتۇر. ساپا مائارىپى جەريانى ئادەملەرنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەم يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش جەريانى، ھەم بالىلارنىڭ تەدرىجى ئىجتىمائىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىجاتچانلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائى فورماتسىيىدە ئىنتاھىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوتتۇرا باشلانغۇچ دەۋرى ساپا مائارىپىدىكى ئاساس سېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى. مەكتەپلىرىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ھەقىقى ماھارەت، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش جەھەتتە يەنىلا مەسىلە ئېغىر. نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتى بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئەمىلى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بىراق يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرس سېتكىسىغا قاراپ مۇنداق ئەھۋالنى كۆرەلەيسىز. تولۇقسىز ئۈچ يىللىقنىڭ ھەممىسىدە ئەمگەك تېخنىكىسى، ساغلاملىق، مۇزىكا، رەسىم قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئورنى بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆتۈلمەيدۇ. چۈنكى بۇلار بىر تۇتاش ئىمتاھانغا قاتناشمايدىغان ئادەتتىكى پەنلەر.
يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى يوق بولغاچقا، مىللى مۇزىكىدىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر ئوقۇتقۇچىنى دەرسلىك سائىتىنى توشقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قالغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا «مۆشۈك بىلەن چاشقان» فىلىمىنى قويۇپ بېرىپ ۋاقىتنى توشقۇزغان. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىنمۇ ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. دىمەك، بىزنىڭ ساپا مائارىپىنى ھەقىقى ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلى ئىشلارنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
5-سۇئال. سىزنىڭچە مىللى مائارىپىمىزنى «ئىلمى تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ»دەپ، ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ياكى ئىلمى بولمىغان تەرەپلەرمۇ بارمۇ؟
جاۋاپ: مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا «ئىلمى تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتىدۇ» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. يەنى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىملىرى خېلى كۆپ ئۆزگىرىش ياساپ، كۆز قاراشلىرىنى يېڭىلىدى. يېڭى دەرسنى قانداق ئۆتۈش جەھەتتە ئىزدىنىدىغان كەيپىيات ھازىرلاندى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدا خېلى كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى.
بىراق، مائارىپىمىزنىڭ ئىلمى بولمىغان، قارىغۇلارچە ئىش كۆرىۋاتقان تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن: مەن 2004-يىلى 11-ئايدا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى 13ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتىم.تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەلۇمنۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1-يىللىق تەجرىبە سىنىپىدا جۇغراپىيە، سىياسەت قاتارلىق دەرسلەر خەنزۇ تىل يېزىقىدا ئۆتۈلۈپ ئىمتاھاندا سىنىپتىكى 50ئوقۇغۇچىنىڭ 40ئى لاياقەتسىز بولغان. ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكنى ئاساسەن ئۆزلەشتۈرەلمىگەن.
2-يەنە بىر نامى بار ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1-يىللىقىدا بىئولوگىيە قاتارلىق بىر قىسىم تەبىئى پەن دەرسلىرى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى يۈرۈش كىتاپ تارقىتىلىپ، دەرسلىك خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەن. نەتىجىدە ئىمتاھاندا ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئاق قەغەز تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتكەن. بۇ مەكتەپلەر ئاساسسىزلا بۇ خىل سىناقنى ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر مەۋسۈملۈك ئۈگۈنىشىنى پەن ئۈگۈنىش ئەمەس خەت ئۈگۈنۈشكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
3-يەنە بىر جەھەتتىن ھەر خىل ناملار بىلەن ئېچىلغان مەكتەپ ۋە سىنىپلار ئۆزىنىڭ «ئالاھىدىلىك»ىنى تېزدىن نامايەن قىلىش مەقسىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل كۈنلىرىدىمۇ دەرس ئۆتۈپ، ھەتتا ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ئۇلارغا قاچىلاش خارەكتىرىدە بىلىم بېرىۋاتىدۇ.
4-تەكشۈرۈش جەريانىدا بىز يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەلۇم پەنلەرنىڭ ئۆتۈلۈش سائەت ۋاختىنى خالىغانچە قىسقارتىپ ياكى خالىغانچە ئۇزارتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنىمۇ بايقىدۇق.
5-يەنە بىر قىسىم كىچىك مەكتەپلەردە دەرس نورمىسىنى تولدۇرۇش ياكى شىتات كاملىقىنى باھانە قىلىپ بىر خىل پەن ئوقۇتقۇچىسىغا بىرنەچچە خىل پەننى يۈكلەش ئەھۋالىمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئەگەر مەكتەپلەردىكى بۇ خىل ئەمەلى مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
6-سۇئال. مىللى مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
جاۋاپ: بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1-مائارىپ تەتقىقات خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك ئەمەس.
2-مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس تارماقلارنىڭ فونكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس. مائارىپ تەتقىقات مەركەزلىرىمۇ تەتقىقات خارەكتىرىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ.
3-ئۇزۇن يىللىق مائارىپ تەجرىبىسىگە ئىگە مائارىپچىلارنىڭ چە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىلمى قاراشلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى، ئومۇملاشتۇرۇلۇشى يېتەرلىك ئەمەس.
4-مائارىپ خىزمىتى بىلەن ئالدىنقى سەپتە ئىشلەۋاتقان كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش روھى كەمچىل.
مەن يۇقۇرىدا ساناقلىق بىرقانچە كىشىنىلا زىيارەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى بىلەن مائارىپىمىزدىكى قىسمەن بولسىمۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەر ئالدىغا قويالىدىم، دەپ قارايمەن.
مائارىپ نەتىجىسى دەرھاللا ، ھەتتا بىرقانچە يىلدىمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسىرى زور. شۇ سەۋەپتىن، ئۇنىڭ ئىجابى تەسىرى كۆرۈلگەندە بىر دۆلەتنى، بىر مىللەتنى كۈچلەندۈرىۋەتكىدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە مەغلۇپ بولغان مائارىپ بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى پات پات ئوپىراتسىيە قىلىپ، مەسىلىنى بايقاپ تۇرۇش، مەسىلە كۆرۈلگەن ئىكەن ئۇنى ئېتىراپ قىلىش، ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش زۆرۈر. مەسىلەن: تەجرىبە سىنىپ ھادىسىسىگە نىسبەتەن زىيارەت ئوبىكىتلىرى ئاساسەن بىردەك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىمەك، بۇ بىزنىڭ قايتا ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە. بۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش- مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جۇڭگو مائارىپىنىڭ تەكشى يۆلىنىشتىكى ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتاھىن پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق پۇتكۈل جەمئىيەت ئاممىسىنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، «مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز» دەپ جار سېلىشقا ھەقلىقمىز.
(ئەسكەرتىش:كورىيە مائارىپىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار قىسمى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ خۇڭجې ئەپەندىنىڭ «جۇڭگولۇقلارنىڭ كورىيىلىكلەردىن نەرى كام» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى) ] ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ:(ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﻩ)