دولانلارنىڭ داڭلىق تائامى _ كۆجە

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس

كۆجە _ دولانلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تائام بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئەجىر – مېھنەت سىڭدۈرۈلىدۇ. كۆجە كۈز پەسلىدىلا ئىچىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى كۆكباش بولغاچقا، كۆممىقوناق چۈرۈش بولىدىغان كۈز پەسلىدىن باشقا چاغلاردا ئۇنىڭ ئاشۇ ئاساسلىق خۇرۇچىنى تېپىش قىيىن (تېپىلغان تەقدىردىمۇ كۈز پەسلىدىكىدەك تەبىئىي تەملىك بولمايدۇ).

كۆجىنىڭ قاچان، قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئەجدادلىرىمىز كۆممىقوناق تېرىشقا باشلىغاندىلا پەيدا بولغان دېسەك خاتالاشمايمىز. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرى ئەڭ ئاۋۋال گۆشنى خام يېيىشكە باشلىغانغا ئوخشاش، كۆممىقوناق تېرىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلگەن دېھقانلارمۇ ئاۋۋال ئۇنىڭ خام ھالەتتىكى سۈتىدىن پايدىلانغانلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق. ۋەھالەنكى، دولانلاردا ‹‹چۈرۈش قوناقنىڭ سۈتى ئادەمگە پايدا قىلىدۇ›› دەپ كۆكباشنى خام يەيدىغانلار ھازىرمۇ بار.

كۆجە تەملىك، سىڭىشلىك بولۇپ، ئاشقازان ۋە باشقا كېسەللىك تۈپەيلى پەرھىز تۇتقۇچىلارغىمۇ زىيان قىلمايدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. كۆجە ئىشتىھانى ئېچىپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ، قەۋزىيەتنى تۈگىتىپ، ئۈچەينى تازىلايدۇ.

كۆجە مۇنداق تەييارلىنىدۇ: ئاۋۋال يېتەرلىك مىقداردا كۆكباش تەييارلىنىپ، دېنى قىرىپ چۈشۈرۈلىدۇ. تەييارلانغان كۆكباش دېنى كاساڭدا سوقۇلسىمۇ ياكى ياغۇنچاقتا ئېزىلسىمۇ بولىدۇ. ئالدىنقى ئۇسۇلدا ئامال بار ئۇزاقراق سوقۇپ، دېنىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇمشاقراق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، كېيىنكىسىدە دان ياغۇنچاقتىن بىرلا قېتىم ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.

دان يۇمشىتىلغاندىن كېيىن، ئازراق سۇ قوشۇلۇپ، قولدا سىقىپ، كۆكباشنىڭ سۈتى چىقىرىلىدۇ. دان بىلەن دان سۈتى ئايرىلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىلغان قازانغا ئاۋۋال دان سېلىنىدۇ. بىر – ئىككى قېتىم قاينىتىلغاندىن كېيىن، دان سۈتى قازانغا ئاز – ئازدىن قۇيۇلۇپ، ئىلەشتۈرۈلىدۇ. دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەگەر دان سۈتى بىراقلا قۇيۇۋېتىلسە ياكى ئىلەشتۈرۈشكە سەل قارالسا، سۈت بىلەن دان ياخشى ئارىلاشماي كۆجە بۇزۇلىدۇ. شۇڭا دان سۈتىنى قۇيغاندا، بىر چۆمۈچ قۇيۇپ بىردەم ئىلەشتۈرۈش، يەنە بىر چۆمۈچ قويۇپ يەنە بىردەم ئىلەشتۈرۈش كېرەك. دان سۈتى دانغا ئارىلىشىپ تولۇق قويۇلغاندىن كېيىن تۆت –بەش مىنۇت قاينىتىلسا كۆجە تەييار بولىدۇ. كۆجە ئېتىشتە، سوقۇپ ياكى ياغۇنچاقتا ئېزىپ تەييار قىلىنغان كۆكباش دېنىنى قازانغا سېلىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا گۆش، چامغۇر، يۇمغاقسۈت سېلىۋەتسە، كۆجىنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

كۆجىنى قورۇپ ئېتىشكىمۇ بولىدۇ. قورۇپ ئېتىلىدىغان كۆجىنىڭ قورۇمىسى ئادەتتىكى قورۇمىلارغا ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، قورۇما تەييار بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە سۇ قويۇپ، يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ئەتسە بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2010-07-16)