بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى

مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن .
ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان . ئالىمنىڭ << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق① .بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »② ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ ③ تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ”④ لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان ⑤ شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن⑥ .
بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ .
بۇ ئەجداد كىم ؟
بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى⑦ . ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ⑧ .
بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا(9). ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركىئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى(10) . ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھاممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 -1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ .
شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى .
ھاياتى ناھايىتى خۇپىيانە توختالغان مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ باغدادقا قانداق سەۋەبلەر بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئوچۇق دېمەيدۇ . تۈرك ئەللىرىدە كۆزگە بىرمۇنچە ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىمۇ سۆزلىمەيدۇ . ئەگەر كېلىپ چىقىشىى توغرىسىدىكى تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولغان تەقدىردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ساياھەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ روشەنكى بىر سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى ) ئىدى .
شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىدە ھېجىرىيىنىڭ 448 – 449 يىللىرىدا ( 1056-1057 _ 1057-1058 ) قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر پەيدا بولدى . ئالدى بىلەن چوڭ خاقان ( ئارسلان خان ) سۇلايمان بىن يۈسۈپ ئىنىسى ۋە خاقانلىق ھەمرىيى ( بۇغراخان ) مۇھاممەت بىن يۈسۈپكە قارشى ھەرىكەت قوزغايدۇ ۋە “ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ . ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە ئارسلانخان سۇلايمان بىن يۈسۈپ يېڭىلىپ قالىدۇ . بۇغراخان مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ ”(12) .
ئىبىن ئەسىرى يەنە خاب ئائىلىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ : « دۆلىتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن1گە بېرىدۇ(13) ۋە ئۇنى ۋەلى ئەھد دەپ ئېلان قىلىدۇ . بىراق بۇغراخاننىڭ ( يەنى ھازىرقى ئارسلانخان مۇھاممەت بىن يۈسۈپنىڭ ) ئىككىنچى بىر خوتۇنى بار ئىدى ۋە بۇ خوتۇنىدىن چوڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە بىر كىچىك ئوغلى بولغان . خوتۇن ھۈسەيىننىڭ تەيىنلىشى بىلەن تۇغۇلغان نەپرەت بىلەن بۇغراخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) غا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئازالىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئىنىسى قادىرخاننىڭ ئوغلى ئارىسلانخان ( سۇلايمان بىن يۈسۈپ) مۇ ئۆلتۈرىلىدۇ »(14) .
تەخمىنىلىرىمىز توغرا بولسا مۇھەممەت بىن ھۈسەيىن يەنى مەھمۇد قەشقەرى ، بۇ چوڭ قىرغىندىن قانداقتۇر بىر ئۇسۇلدا قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولغان . ئالدى بىلەن ، ئېھتىمال خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بارغان ، ئون يىل قەدەر ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى باغداتقا كەلگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي قاچقۇن ( پاناچى) بولۇپ تۇرۇپ قالغان . مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئۇزۇن مۇساپە داۋامىدا تۈرك دۇنياسى بىلەن كوپ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ، بۇ چاغدا ( 1057-447) سالچۇقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان باغداتتا تۈركلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزاھلىغان بىر ئەسەرگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە ئۇنى شۇ زاماندىكى ئابباسىلار خەلىپىسىگە (مۇقتەدى بىللا 1075-1094 ، 467-487 ) تەقدىم قىلغان . بۇنداق بىر تەشەببۇسنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاشقا ياردىمى بولۇشى ئېنىق گەپ .
ئېچىنىشلىق ئائىلە پاجىئەلىرىگە باغلىماسلىق ئۈچۈن ئۇ ئەسىرىدە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالمايدۇ . شۇ تەرىزىدە بۇ سۇلالىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھوكۇم سۈرگەن قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرى ۋە شۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرمەسلىكى چۈشۈنىشلىك . بىزنىڭ تەخمىنىلىرىمىز مۇشۇلاردىن ئىبارەت .
ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ يېشىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر .
ھارۇن (ھاسان ) بىن سۇلايمان ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992) ئۆلگەن ؛ ئوغلى يۈسۈپ «قادىرخان» بۇ چاغدا ھېچ بولمىغاندا 20 ياشتا بولىشى كېرەك ؛ يۈسۈپ باشلىق بىر ئادەم بولۇپ ھېجىرىيە 423 – يىلى (1032 ) ئۆلگەن . ئۆزىنى 60 ياشلاردا ئۆلگەن دەپ ھېسابلىساق تۇغۇلغان ۋاقتى 360 – يىللار ( 971- 980 ) بولۇشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن جەڭلەردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى دىگەندە ھېجىرىيە 396 – يىلى ( 1005 – 1006 ) خوتەننى ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلىمىز(15) ؛ ئۇ قەشقەردە ناسىر دولە قادىرخان دېگەن ئاتاق بىلەن تەخمىنەن ھەجىرىيە 396 – يىلىدىن ( 1005 – 1006) ئېتىبارەن ھوكۇم سۈرگەن(16) .
چوڭ ئوغلى سۇلايمان بىن يۈسۈپ تەخمىنەن ھېجىرىيە 407 – يىلىدىن ( 1016 – 1017 ) ئېتىبارەن يەركەنتتە ھوكۇم سۈرگەن(17) . ئىككىنچى ئوغلى مۇھاممەت بىن يۈسۈپ ئېنىقكى سۇلايمان بىن يۈسۈپتىن كۆپ كىچىك ئەمەس ئىدى . يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك ، مۇھەممەت بىن يۈسۈپ ھېجىرىيە ، 449 – يىلى ( 1057 – 10058 ) چوڭ ئوغلى ئۈچۈن تەختتىن چۈشمەكچى بولغان . بۇ بىر نوقتىدىن مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ 380 – يىللاردا ( 991 – 999 ) تۇغۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلالايمىز . بۇنىڭغا قارىغاندا ، ھۈسەيىن ھېجىرىيە 400 – يىللاردا ( 1010 – 1019 ) دۇنياغا كەلگەن بولۇشى مۈمكىن . مۇشۇنداق بولغاندا ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئوغلى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى دەپ ھېجىرىيە 420 – يىللارنى ( 1029 – 1038 ) بىر تەخمىن دەپ ئېلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھېجىرىيە 470 – 464 يىللاردا ( 1072 – 1078 )(18) . مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتلاردا قىرىق ياكى ئەللىك ياشلاردىكى ۋاقتى بولۇپ ، بۇ ئېھتىمالغا بەك يېقىن كېلىدۇ .
ئىزاھاتلار:
① مەھمۇت قەشقەرى ھەققىدە ئەڭ مۇھىم بولغان تەتقىقاتلار:
ۋ.ۋ. بار تولد: «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىي ھەققىدە دەسلەر»، (تۈركچە)، 1927- يىلى، 85- 83- بەتلەر؛ (گېرمانچە)، 1935- يىلى، 95- 92- بەتلەر.
فۇئات كۆپرۈلۈ:» دىۋان لۇغاتىت تۈرك» (تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار)، ئىستانبۇل، 1934- يىلى، 34- 33- بەتلەر، (تۈركچە).
ئەخمەت زەكى ۋەلىدى تۇغان: «دىۋان لۇغاتىت تۈركنىڭ يېزىلغان يىلى ھەققىدە» (ئاتسىز مەجمۇئە)، 16- سان، 1932- يىلى، 78- 77- بەتلەر؛ «مەھمۇت قەشقەرىگە ئائىت نوتلار»، (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان، 1932- يىلى، 136- 133- بەتلەر، (تۈركچە).
رىفات بىلگە كىلىسلى: «دىۋان لۇغاتىت تۈرۈكنىڭ يېزىلىش تارىخىي»، (تۈركىيات مەجمۇئەسى)، 6- سان، 39-1938- يىللىق، ئىستانبۇل، 1939- يىلى، 360- 358- بەتلەر(تۈرۈكچە).
بېسىم ئاتالاي:«دىۋان لوغاتىت تۈرك ۋە تەرجىمىسى ئۈستىدە نوتلار- كىتابنى يازغان شەخىس؛ كىتابنىڭ يېزىلغان تارىخى؛ كىتاب نەدە يېزىلغان» (دىۋان لوغاتىت تۈرۈك تەرجىمىسى)، 1- توم، ئەنقەرە 1939- يىلى، 16- 11- بەتلەر، (تۈرۈكچە). ئەخمەت جاپەر ئوغلى: «تۈرۈك تىلى تارىخى نوتلىرى»، 1- بۈلۈم. ئىستانبۇل، 1943- يىلى، 43- 42- بەتلەر، (تۈرۈكچە).
م. شاكىر ئۈلكۈتاشىر: «بۈيۈك تۈرك تىلچىسى مەھمۇت قەشقەرى»، ئىستانبۇل، 1946- يىلى، (تۈرۈكچە).
② «كىتاب دىۋان لوغاتىت تۈرك» كىلىسلى مۇئەللىم رىفات بىلگە باسمىسى، I، ئىستانبۇل، 1334(1917). 3= فاكسىمىلى: بېسىم ئاتالاي: «دىۋان لوغاتىت تۈرك فاكسىمىلى» ئەنقەرە، 1941- يىلى.
③ قارالسۇن: ① بارتولد: 94- بەت، توغان: (ئاتسىز مەجمۇئە)، 17- سان. 136- 133 بەتلەر.
④ دىۋان، تۈركچە تەرجىمە 1- توم، 101- بەت= فاكسىمىلى 69- بەت.
⑤ بارسخاننىڭ ئورنى ھەققىدىكى شەخسى تەتقىقاتى: ئا.ن.بېرنىشىتام: «شىمالىي قىرغىزىستان ئارخىلوگىيەسىگە كىرىش»، فرۇنزى، 1941- يىلى، 82- 80- بەتلەر، (روسچە).
⑥ دىۋان III توم، ئىستانبۇل، 1335 (1919)، 312- بەت = فاكسىمىلى، 62- بەت.
⑦ سۇلايمان ئوغلى ھارۇن ۋە ئەلىي ئوغلى ناسىر ھەققىدە: ۋ. بار تولد: «مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىكى تۈركستان» 1928- يىلى، لوندۇن، 266- 257، 274- 271، (ئېنگىلىزچە).
ۋ. ئى. بىلايىۋ: «13- 11 ئەسىردىكى تۈركمەن ۋە تۈركمەن تارىخىغا دائىر ئەرەپچە مەنبەلەر»، (تۈركمەن ۋە تۈركمەن تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار، 1- توم، موسكۇۋا لېلىنگراد، 1939- يىلى، 81- بەت، روسچە)، ئاپتۇر ماقالىسىدا قەشقەرىنى ئۆز ئىپادىسىگە ئاساسەن (4- نوتقا قاراڭ) ناسىر بىن ئەلىنىڭ نەۋرىسى دەپ ھېسابلايدۇ.
⑧ ھىجىرىيە 5- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئىككى تارماق ئارىسىدا شەكىللەنگەن ھاڭنىڭ نەتىجىسىدە «غەربىي قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ شەرق قىسمىدا خاتىرجەم ياشاش ئانچىۋالا مۇمكىن ئەمەس بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇ خۇسۇسىدا مىنىڭ ئېسلا ئېنىسكلوپىدىيىسىگە ئاتاپ يازغان ماقالەمگە قاراڭ.
⑨ رىچارد ۋاسمىر: «قاراخانىلار تەڭگىللىرى»، بېرلىن، 1930- يىلى (گېرمانچە) بۇ تەنگىلەردىكى ۋاقىتلارنىڭ ئاخىرقى رەقەملىرى كۆپ ئۇپرىغان. پەرق ئېتىشكە بولىدىغان يەرلەردە سەككىز رەقىمى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تەڭگىلەرنىڭ 448- يىلى (7/1056) يۈسەيىن بىن مۇھەممەدنىڭ ۋەل ئەھىدلىككە چىقىرىلغان يىلدا بېسىلغانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ.
⑩ بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىنىڭ «قارىخانىلار تەتقىقاتى» (ئارگىنال) ئاتلىق ئەسىرىمنىڭ «قاراخانىلاردىكى دەرىجە پەرقلىرى ھەققىدە» دىگەن قىسمىغا قاراڭ.
(11) س. ج. تورنبېرگ نەشىرى، 11-، لېيدىن، 1963- يىلى، 211- بەت.
(12) ئىبىن ئەسىر، 9-، 211- بەت.
(13) قاغانلارنىڭ چوڭ كىچىكلىرى يىرتقۇچ ھايۋان ئاتلىرىنى ئۇنۋان قىلىشتىن ئاۋۋال يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ ئاتلىرىنى قوللىناتتى، مەسىلەن، چاغرى تىگىن. بۇ ھەقتە قاراڭ: 1- يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ 412- 407 يىللاردا (1021- 1016) يەركەنتتە باستۇرغان تەڭگىلىرى؛ ئا. ك. ماركوۋ: «ئېرمىتاژ موزىيىدىكى مۇسۇلمان تەڭگىلىرىنىڭ كاتالوگى»، پىتر بورگ، 1904- 1893 يىل، 195- 193 بەتلەر، 7- نۇمۇر. (40- 30)؛ 2- ھاسان بىن سۇلايماننىڭ چوڭ ئوغلى ھارۇن (ئەھمەت). بۇ توغرۇلۇق بار تولد نەشىر قىلدۇرغان (?) 474=(?) 1082- يىلىغا ئائىت يەركەنت ۋەسىقىسىگە قاراڭ: ۋ. ۋ. بارتولد: «قۇتادغۇ بىلىگتە تىلغا ئېلىنغان بۇغراخان»، III BsOs، (25- 1923)، 156- بەت، (ئېنگىلىزچە). بۇنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى؛ راغىپ خولوسى: (تۈركيات مەجمۇئەسى)، 1- توم، ئىسانبۇل، 224- 223 بەتلەر. بۇنىڭدىن باشقا قۇلىمىزدا چاغرىتىگىن ئۇنۋانىدا ئاتالغان يۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ×44 يىللىرىغا ئائىت بىر تەڭگىسىمۇ بار. (يۈزى ئۇپرىغان، قاراڭ: ماركوۋ، كاتالوگ، 429- نۇمۇر، 261- 260 بەتلەر).
(14) ئىبىن ئەسىر، 9-، 211- بەت.
(15) مىنىڭ «قارلۇقلاردىن قاراخانىلارغىچە» (ZDMG، 101، ۋىسبادىن، 2951- يىلى 295- بەت ۋە 3- نۇمۇر) دېگەن ئەسىرىمگە قاراڭ.
(16) رىچارد ۋاسمىر، 93- بەت.
(17) (13) نوتقا قاراڭ.
(18) دىۋاننىڭ يېزىلغان تارىخى ھەققىدە ① نوتقا قاراڭ.
ھاسان ئەرەننىڭ تۈركچە تەرجىمە: نۇسقىسىدىن ئۇيغۇرچىغا قاھار بارات.

 

مەھمۇت قەشقىرى مازىرى ۋە ئۇنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى

ھەسەن ئابدۇرېھىم

مەھمۇت قەشقىرى مازىرى ئۇزۇن يىللىق تارىخ ۋە ئۆزىگە خاس بىناكارچىلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تارىخىي مەدىنى يادىكارلىق.
«مەھمۇت قەشقىرى مازىرى» قەشقەر شەھرىنىڭ غەربىي 45 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوپال يېزىسىغا جايلاشقان. ئوپال – پامىر ئېتىكىگە جايلاشقان ئۇزۇن يىللىق تارىخ ۋە باي مەدەنىيەت – سەنئەت ئەنئەنىسىگە ئىگە جاي بولۇپ، مەدىنى يادىكارلىق ۋە ئارخىولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە تاش قۇراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ① [ئوپال تەۋەسىدىكى ئوپالىئارىست، سۇلتان باغ، غۇجى قونار، ئاق دالا قاتارلىق قەدىمقى مەدىنىيەت ئىزلىرىدىن باشلانغۇچ جەمئىيەت دەۋرىگە ئائىت تاش قۇراللار تېپىلدى]
بۇ يەردە قەدىمقى ۋە ئوتتۇر ئەسىر بۇددا دىنىي مەدىنىيىتى ② [ھەزرىتى موللام تېغى باغرىدا «توققۇز قازناق» دەپ ئاتالغان بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى بار]، ئىسلام مەدىنيىتىنى ئاساس قىلغان ئىلىم – مەرىپەت، ھۆنەر – سەنئەت راۋاج تاپقان. بولۇپمۇ، قاراخانىلار دەۋرىدە ئوپال يېزىسى خان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاساسلىق يېزىلاردىن بىرى بولۇپ، قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتىدىكى ئاتاقلىق كىشىلەر بۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھەتتا پادىشاھلارنىڭ دەم ئالىدىغان «خان بېغى» («سۇلتان باغ»)، «تەگيەگاھ» ③ [خانلارنىڭ چەتئەل ئەلچىلىرىنى كۈتىدىغان مەخسۇس مېھمانخانىسى]، «خان يايلىغى»، «موغ يولى» ④ [شەرق بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى «ئۇلۇغ كارۋان يۇلى»نىڭ بۇ تارىخى پامىردىكى موغ قەلئەسى بىلەن ئۆتىدىغان يول]، «سۇلتان قورغان»لىرى بولغان.
مەھمۇت قەشقىرى مازىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ياسىلىش شەكلى، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ۋە نەقىش – بىزەكلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۇيغۇر ئىسلام ئىمارىتى بولۇپ، ئۇ روزى مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانا، مەسچىت ۋە قوش مۇنارلىق دەرۋازا قاتارلىق بىر يۈرۈش تۇتاشتۇرۇپ ياسالغان ئۆي ئىمارەتلەردىن ئىبارەت. روزى مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىلار كىسەك – ياغاچ قۇرۇلما، ۋاساجۈپ، تۈز تۇرۇسلۇق بولۇپ، ئۇنى لىم (خا)جەگە، مارات، پەرمانلىرىغا خىلمۇ – خىل نەقىشلەر ئويۇلغان. روزى مەرىكىسىنىڭ ئالدى ۋە شىمالىي تەرەپتىكى تاملىرىغا پەنجىرىلىك دەرىزە قويۇلغان. ئارقىسىدىكى 5 ئېغىز كۆنەكخانىسى ۋە دەرۋازىلىرى، زالى گۈمبەز تۇرۇسلۇق قىلىپ ياسالغان. پەرمانىلاردىكى قارا سىيا بىلەن «خەتتى پارىسى»دا يېزىلغان بېغىشلىمىلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ مازارنى ھىجىرىيىنىڭ 1245 – يىلى (مىلادى 1829 – يىلى) ۋە 1315 – يىلى (مىلادى 1897 – يىلى) يەرلىك كىشىلەر ئىقتىسات توپلاپ، ئىككى قېتىم رېمۇنت قىلدۇرغان. روزى مەرىكىسىنىڭ شەرق تەرەپتىكى ئىككى پارچە پەرمانغا رېمۇنت قىلىنغان ۋاقتى ۋە رېمۇنتقا مەدەت قىلغۇچىلار نەزىم ئۇسۇلىدا خاتىرىلەنگەن.
ئوڭ تەرەپتىكى پەرمانغا:

«سالى شىرەست ھازارۇ دوسەت چىھلى پەنجەست،
بۇد تەئىمىرى مازارۇ مەدىدى سىددىقەست»
تەرجىمىسى: «يولۋاس يىلى 1245 (ھىجرى)
مازارنى رېمۇنت قىلىشقا كۈچ چىقارغۇچى كىشى سىددۇقتۇر»

سول تەرەپتىكى پەرماننىڭ ئوڭ قويۇلىغىدا:

«شاھى سىددىق بەگ، ئەلىم بەگ بىر بىرىگە يار بولۇپ،
قىلدى بۇزرۇكۋارى ئالىنى بىنا».

ئېتىكاپخانىسىغا كىرىدىغان ئىشىكىنىڭ سىرتقى تەرەپ ئۈستىدىكى پەرمانىغا:

«كى بىر مىڭ ئۈچيۈز ئونبەشتە قىلدى بۇ ئىمارەتنى،
نامازۇ – روزە ئەيلەپ قىلسا ھەركىمكى تىلاۋەتنى»

دەپ يېزىلغان.
بىرىنچى قېتىم روزى مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىسى، ئىككىنچى قېتىم پىشايۋانلىق مەسچىت قايتا رېمۇنت قىلىنغان. بۇ ئىككى قېتىملىق رېمۇنت قىلىش جەريانىدا، قەدىمدىن بار بولغان روزى مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىلارنىڭ ياسىلىش شەكلى ئۆزگەرتىلمىگەن. شۇنداقلا، ئەسلىدىن نەقىش ئويۇلغان لىم، جەگە، ھاراق، پەرمانلىرىنىڭ بۇزۇلمىغان قىسىملىرى يەڭگۈشلەنمەي، ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىنغان. ئەپسۇسكى، يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدە ئاسراشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن ئارقىسىدىكى 4 ئېغىز ھوجرىسى، دەرۋازىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. بىر قىسىم جەگىلىرى ئىگىلىپ، ياغاچ پەنجىرىلىرى بۇزۇلغان.
مەھمۇت قەشقرى مازىرىنىڭ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياسىلىش شەكلى ۋە نەقىش – بىزەكلىرى جەھەتتە ئېنىق يازما ماتىرىيالغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن مازارنىڭ ھازىرقى شەكلىدىن قاراپ، ئىمارەتچىلىك تارىخىنىڭ تەرەققىيات قانۇنى بۇيىچە ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مازارنىڭ بۇرۇنقى شەكلى، سەنئەت ئالاھىدىلىكى ۋە كېيىنكى بىر نەچچە يۈز يىل جەريانىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا نىسبەتەن توغرىراق ئىلمىي يەكۈنگە ئىگە بولالايمىز.
بۇ خىل بىناكارچىلىقنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا مەلۇم تارىخىي ئاساسى بولۇپ، ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىغا بىر مۇنچە ئۆزگىرىشلەر كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئىمارەتچىلىك سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىي ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈش تەرەققى قىلغان. قاراخانىلار دەۋرىدە ئىسلام ئەنئەنىس بۇيىچە، مەسچىت، مەدرىسلەرگە پەشتاق، قۇببى – گۈمبەز ياساش، ئىشىك – دەرىزە، مىھراپلىرىغا ئەگمە شەكىل ئىشلىتىشتىن، ئاساسى قۇرۇلمىسى بولغان تۈۋرۈك، لىم، جەگىلىرىگە گۈل – نەقىش چېكىش، ھوجرا تورۇسلىرىنى ۋاسا جۈپ قىلىپ ياساش ئۇسۇللىرى ئومۇملاشقان. شۇنىڭدەك، پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە مەشھۇر زاتلارنىڭ قەۋرىسى ئۈستىگە تۈۋرۈك، لىملار بىلەن ۋاسا جۈپ تۈز تۇرۇسلۇق پىشايۋانلارنى ياساپ، پەنجىرە ئورنىتىش ياكى قەۋرىنىڭ تۆت ئەتراپىغا رىشاتكا قويۇش، كىسەك ياكى خىش بىلەن قەۋرە قاتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغ ياكى ئەلەم قاداش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلغان. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى جايلاردا، تۈۋرۈك – لىملارنى چېتىشتۇرۇش، كىسەك ياكى تال چىۋىقلارنى توقۇپ ئارىلىقنى توساپ، كاكىل لاي بىلەن سۇۋاش ئارقىلىق، قۇشام ئۆيلەرنى ياساش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. بۇ ئۆي – ئىمارەتلەردىكى نەقىش – بىزەكلەر ئاساسىي جەھەتتىن، ياغاچ ئويما نەقىش، گەز قاتۇرما نەقىش، تاش رەڭ سىزما نەقىش، قاشتېشى ئويما نەقىش، گۈللۈك نەقىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىد ياغاچ ئويما نەقىش ئالاھىدە تەرەققى قىلغان.
قاراخانىلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىناكارچىلىق تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تام ئۈستىگە لىم، جەگىلەرنى بىۋاستە قويۇش ياكى لىم، جەگە ئىشلەتمەستىن، خىش ياكى كىسەك بىلەن ئەگمە چىقىرىپ يېپىش ئۇسۇلى كەڭ قوللىنىشقا باشلىغان. مەھمۇت قەشقەرى مازىرىدىكى تۈز تۇرۇسلۇق ۋە ئەگمە گۈمبەز تورۇسلۇق ئىككى خىل ياسالغان ئىمارەتلەر ئەمىليەتتە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئىمارەتچىلىك سەنئىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
مازارنىڭ نەقىش – بىزەكلىرى كۈچلۈك دەۋرى خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، بىناكارچىلىقتا دەسلەپكى ئۇسۇل ياغاچ ئويما نەقىش ئىشلىتىلگەن. ياغاچ ئويما، سىزىقچە ئويما، تەكشى يۈز ئويما، كۆپتۈرمە ئويما قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
مەھمۇت قەشقىرى مازىرىدىكى نەقىشلەر ئىچىدە سۇخەر، غۇنچە، چىچەك، ياپراق، ئۈزۈم، بادام، يازا، كۆرگۈل شەددە ۋە ھەرخىل گۈل – ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ھاسىل بولغان ئون نەچچە خىل نۇسخە بار. بۇلار كېيىنكى دەۋرلەردە ياسالغان ئىسلام ئىمارەتلىرىدە كۆپرەك قوللىنىلغان.
مەھمۇت قەشقىرى مازىرى 900 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىمارەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنىي ئىمارەتچىلىك سەنئىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققى قىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە تارىخىي مەدىنى مىراستۇر.
بۇ تارىخىي يادىكارلىق ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى نوقتىلىق ئاسرىلىدىغان جايلارنىڭ بىرى قىلىپ بىكىتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ جىددى كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا قايتىدىن رېمۇنت قىلىندى.

شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى 1984- يىل 2 – سان