لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىدىكى « بېيىت ئېيتىشىش » ۋە «نەرسە ئوغۇرلاش»

لوپنۇر بىر سېھىرلىك زىمىن.

ئارخىئولوگىيىلىك پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىدىكى دەۋىرلەردىلا بۇ رايونىدا كىشىلەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولۇپ، رايونىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىلىدۇ. 1979- يىلى لوپنۇر كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا جايلاشقان گۇمۇگۇ قەدىمى قەبرىستانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە جەمىئىي 42 قەبرە قېزىلىپ، 18 دانە باش سۆڭىكى(بۇنىڭ ئىچىدە 11 دانىسى ئەرلەرنىڭ، 7 دانىسى ئاياللارنىڭ) قېزىۋىلىنغان[i]. ئارخىئولوگلار دەسلەپكى قەدەمدە قەبرىستانلقنىڭ يىل دەۋرىگە قارىتا كاربون 14 ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بۇنىڭدىن 6470 يىل ئىلگىرى دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ،[ii] كېيىن يەنە بۇ قەبرىستانلىقتىن بايقالغان توقۇلما بۇيۇم، دەرەخ ياغىچىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىش ۋە قەبرىستانلىقتىن بايقالغان بۇيۇملارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قەبرىستانلىقنىڭ يىل دەۋرىنى بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇن دەپ بېكىتكەن. بىراق قەبرىستانلىقنىڭ مۇتلەق يىل دەۋرىگە قارىتا تاكى ھازىرغىچە تالاش – تارتىش مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا[iii]. يۇقىرىقى بايانلاردىن لوپنۇر رايونىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ كەم بولغاندىمۇ تۆت مىڭ يىل ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
لوپنۇرلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار ناھايتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان لوپنۇر كۆلى ئەتراپى، يەنى تارىم، كۆنچى ۋە چەرچەن دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاپ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ[iv]. ھەممەيلەنگە مەلۇم، لوپنۇر رايونى تارىختىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق يىپەك يولى لوپنۇر رايونىدىن كېسىپ ئۆتكەنلىكى سەۋەپلىك شەرق-غەرپ مەدەنىيەت ئالاقىسىدە مۇھىم ئۆتەڭلىك رولىنى ئوينىغان. لوپنۇر كۆلى رايونى قەدىمدە ھەرقايسى يۇرت سودىگەرلىرى، راھىب، دىن تارقاتقۇچىلار ۋە باشقىلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت مەركىزىگە ئايلىنىپ بىر مەزگىل ئىنتايىن جانلانغان بىر رايون ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى، دەريالارنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىشى ۋە يىپەك يولى لىنىيىسىنىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن لوپنۇر ئۆزىنىڭ يىپەك يولىدىكى ھالقىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ تاكى چىڭ دەۋرىگىچە بولغان ئۇزاق قاراڭغۇلۇقنى باشتىن ئۆتكۈزدى. بۇ ئۇزاق تارىخى دەۋىر جەريانىدا ئۇلار سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلماي بىكىك ھالەتتە ياشىغانلىقى سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان تەرەپلەردە قەدىمىي ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالدى ۋە باشقا ئۇيغۇر توپىغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈردى.
لوپنۇرلۇقلاردا ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت جەھەتتە قەدىمىيلىككە ئېگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ساقلىنىشى؛ لوپنۇرلۇقلار تىلىنىڭ باشقا ئۇيغۇر رايونلىرىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە يەرلىك خۇسۇسىيەت شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈچ چوڭ دىئالېكىتنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى؛ يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىك، شۇنداقلا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ناخشا – قوشاق توقۇشقا ئۇستا، چۆچەك – رىۋايەتكە باي بولۇشىتەك خەلق ئېغىز ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچى ۋە ئالىملارنىڭ ئالاھىدە دېققەت نەزەرىنى تارتماقتا.
يوقىرقى پاكىتلاردىن كۆرىۋالالايمىزكى، لوپنۇر رايونى بىر سىرلىق زىمىن بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ، ئنسانشۇناسلىق، مەدەنىيەت، ئارخىئولوگىيە، تىلشۇناسلىق ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تەتقىقات ئوبىيكتى. جۈملىدىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ توي ئادەتلىرى شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم تەرەپتۇر.
بوكتۇ شىمىس توي توغرىسىدا توختىلىپ «دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەت، ھەرقايسى قەبىلىلەردە ئۆزىگە خاس توي شەكىللىرى مەۋجۇتتۇر، توي خۇددى ئوت، تىل ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن ئومۇملاشقان» دىگەن ئىدى[v]. ئىنسانلار جەمىئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە قارايدىغان بولساق، قەدىمكى دەۋىردىكى قانداشلىقنى ئاساس قىلغان كوللىكتىپ تويىدىن تاكى بۈگۈنكى كۈندىكى مەدىنىيلىكنىڭ ئىپادىسى بولغان بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە قەدەر «توي» دىن ئىبارەت بۇ ئىجدىمائىي ھادىسە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تەرەققى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ كەلگەن. قىسقىسى توي ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
توي بىر ئادەمنىڭ كىشلىك ھايات باسقۇچىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن مەيلى ئۇيغۇرلار ۋە ياكى باشقا مىللەتلەردە بولسۇن ھەممەيلەننىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشپ مىللىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان. توي ئادەتلىرى ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، ئۆزگىرىپ قېلىپلىشىپ، ئومۇملىشىش داۋامىدا ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان مەنالارنى مۇجەسسەملىگەن بولغاچقا، ئۇ بىر مىللەتنىڭ ياكى بىر ئىجدىمائىي توپنىڭ شۇ دەۋىردىكى مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، دېننى ئېتىقاد، پىسخىك ساپا قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، گەرچە ئومۇمى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىرى ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن قائىدە-باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، لىكىن ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئىقتىسادى، ئىجدىمائى ئەھۋالى ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى رايونلاردا مۇئەييەن يەرلىك ئۆزگىچىلىكلەر شەكىللەنگەن. بولۇپمۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ توي ئادەتلىرى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا روشەن پەرقلەرگە ئېگە. مىسالەن ئېلىپ ئېيتساق باشقا جايلاردا نىكاھ ئوقۇغاندا يېگىت-قىزنىڭ بىر جايدا ئولتۇرىشى مەنئىي قىلىنغان بولسا[vi]، لوپنۇرلۇقلاردا يېگىت-قىزنىڭ چوقۇم بىر جايدا ئولتۇرۇشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى، تويدا باشقا جايلاردا پەقەت قىزنىڭ بېشىغىلا چۈمپەردا يېپىلسا، لوپنۇرلۇقلاردا قىز-يېگىت ھەر ئككسىنىڭ بېشىغا چۈمپەردە يېپىلىشى؛ توينىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنىڭ ئاتىلىشى ۋە ئۇنىڭ جەريانلىرىنىڭ ئوخشىماسىلىقى ۋە باشقىلار.
لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىدا بەزى ھالقىلار باشقا رايۇنلارنىڭ توي ئادىتى بىلەن پەرقلىق بولغاندىن سىرت، يەنە لوپنۇرلۇقلاردىلا ساقلىنىپ قالغان بەزى بىر قىسىم ئالاھىدە تىپىك توي ئادەتلىرىمۇ مەۋجۇتتۇر. بۇلاردىن توي كۈنىدىكى قىز-يېگىت ئككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا «بېيىت ئېيتىشىشى» ۋە توينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىكى«نەرسە ئوغۇرلاش» ئادەتلىرى قاتارلىقلار بار. گەرچە «بېيىت ئېيتىشىش» قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ۋە باشقا رايون ئۇيغۇرلىرى ئىچىگە بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ خىل ئادەت لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تويىدا بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ. «نەرسە ئوغۇرلاش» بولسا لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويلىرىدىلا كۆرۈلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئادەت لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان، شۇنداقلا چوقۇم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم ھالقا بولۇپ، باشقا يۇرتلاردىكى تويلاردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن دېققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
« بېيىت ئېيتىشىش » ئوغۇل تەرەپ قىزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلگىلى قىزنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئېيتىلىدىغان بولۇپ، توي كۆچۈرگۈچىلەر كېلىشى ھامان ئىشىك تاقىۋىلىنىدۇ، مانا موشۇ ۋاقىتتا ئوغۇل تەرەپكە ۋاكالىتەن بىرەيلەن(بېيىت ئېيتقۇچى ئومۇمەن ئايال كىشى بولۇشى كېرەك) ئوتتۇرىغا چىقىپ بېيت ئېيتىپ، ئالدىن تەييارلاپ كەلگەن پۇشۇرۇلغان قوي تۆشىنى بېرىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا قىز تەرەپمۇ مۇۋاپىق بېيىت ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرغاندىن كېيىن ئېشىك ئېچپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بۇۋاقىتتا مۇۋاپىق بېيىت ئېيتىلمىسا ئىشىك ئېچىپ بېرىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا تويدا بېيىت ئوقۇيدىغان ئادەمگە ئىنتايىن ئېتىبار بېرىلىدۇ، ھەمدە بېيىت ئېيتقان ئادەمگە رەخت، سوۋغا-سالاملار بېرىلىدۇ.
مەسىلەن: مەلۇم بىر تويدا ئېيتىلغان بېيىت تۆۋەندىكىچە
ئوغۇل تەرەپ : ئاقسۇلۇقنىڭ ئاشپىزى،
ئاش يېيىپتۇ تاختىدا.
قىزنى ئالغىلى كەلدۇق،
بېرىۋىتىڭ ۋاقتىدا.
قىز تەرەپ :
ئالتۇندىن ئۈزۈك سالدىم،
ياقۇتتىن كۆز.
مەن قىزىمنى سىزگە بەردىم ،
قالغانلارغا قۇرۇق سۆز.
ئوغۇل تەرەپنىڭ مىھمانلىرى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بېيىت ئوقۇلىدۇ.
مەسىلەن:
ئوغۇل تەرەپ: ئېشىك ئالدى سېرىق سۆگەت،
شاخىنى پۇتاي.
قۇدام قولىدا چاي بەرسە،
ھەسەل دەپ يۇتاي.
بىر يۇتاي ئىككى يۇتاي،
كۆڭلۈمدە تۇتاي.
بۇ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى،
قانداقمۇ ئۇنتاي.
قىز تەرەپ: ئېگىز تاققا چىقتۇق بىز،
چىمەن تاغقا چىقتۇق بىز.
ياخشىلار بىلەن قۇدا بوپ،
مۇرادىمىزغا يەتتۇق بىز.
شۇنىڭدىن كېيىن تويدىكى بېيىت ئېيتىشىش باسقۇچى ئاخىرلىشىپ توي نورمال داۋاملىشىدۇ.
ئادەتتە لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىدا كۆپرەك ئېيتىلىدىغان بېيىتلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ئوغۇل تەرەپ بېيىتلىرىدىن:
ئۆيىڭىزنىڭ ئالدى گۈللۈك ئارادۇر،
گېپىڭىزنىڭ تاتلىقلىقى تىلنى يارادۇر.
قاشىڭىز قارا قازى بولۇپ،
كۆزىڭىز ئويناپ جاننى ئالادۇر.
سەيلىنىڭ كۆۋرۈكى مەكتەپ خانادۇر،
موشۇ تۇرغان ئۆيىڭىز بېھىش ماڭادۇر.

تاغدا باردۇر قارىغاي،
باغدا بۇلبۇل سايرىغاي.
بۇ كۆڭۈلنىڭ خوشلۇقى،
قايسى دۇشمەن ئايرىغاي.
يازلىغىمۇ بىللە،قىشلىغىمۇ بىللە كۆڭۈللىرى خاتىرجەم،
ئىككى قۇدا مۇڭدىشىپ ئويۇن-كۈلكە يايرىغاي.
قىز تەرەپ بېيىتلىرىدىن:
دەرەخ بولسا ئېگىز بولسا،
شاخلىرى ئالا-يېشىل، يىشىلمەك بولسا.
بىر ياخشىغا بىر ياماننى قوشماق بولسا،
ئىككى قۇدا بىر بولۇپ ئايرىلماس بولسا.

باغدا ئۆسكەن گۈل ئايىم،
تەربىيلىدۇق مۇلايىم.
سىزدەك ياخشى قۇدىغا،
قوشۇپ قويدى خۇدايىم.

قۇدا بولدۇق ئارماندا،
توينى قىلدۇق مەيداندا.
مەن قۇدامغا چاي تۇتتۇم،
قىزىل گۈللۈك لاگاندا.
ئىككى قۇدا مۇڭدىشىپ،
ياخشى ئۆتسەك جاھاندا…
يوقارقى بېيىتلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بېيىتلارنىڭ توقۇلىشى ناھايتىمۇ ئاددى، مەزمۇنى ئىنتايىن ئىخچام، شۇنداقلا بېيىتلاردا ئەكىس ئەتكەن مەزمۇن كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى تۇرمۇش سۆزلىرى بولۇپ، كۆڭلىدە دىمەكچى بولغان مەقسەت-نىشانىنى بېيىت- قوشاق شەكلىدە ئۆزئارا بايان قىلغانلىقىدىن ئىبارەت. بېيىتلارنىڭ مەزمۇنىدا بەزىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، قۇدا بولۇشقانلىقىدىن خوشال بولۇشقانلىقى، ئۆزئارا مەڭگۈ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشىپ، يېقىن ئارلىشىپ ئۇرۇق-تۇققانلاردەك ئىناق ئۆتۈشىگە بولغان تەلپۈنۈش ئەكس ئەتسە؛ يەنە بەزىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ياراملىق، ئوبدان قىز- ئوغۇل پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ جەمئيەتكە تۆھپە قوشقانلىقىنى مەدھىيلەيدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم، لوپنۇر مەشھۇر بېيىت – قوشاق، ماقال-تەمسىل يۇرتى. ئۇيغۇر قوشاقچىلىقىدا لوپنۇر قوشاقلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. مىنىڭچە لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويلىرىدا «بېيىت ئېيتىشىش» نىڭ لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ قېلىشى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھازىر جاۋاپ، ناخشا قوشاققا ھىرىسمەن، شۇنداقلا بېيىت-قوشاق توقۇشقا ئىنتايىن ماھىر ئىكەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
«نەرسە ئوغۇرلاش» مۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىدىكى مۇھىم بولغان يەنە بىر ھالقا. لوپنۇرلۇقلاردا «نەرسە ئوغۇرلاش» توي بولۇپ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە يېگىت قولداشلىرى بىلەن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە سالامغا بارغاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل پائالىيەتتۇر. بۇ كۈنى يېگىت ۋە قولداشلىرى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئېشىك ئالدىدا توختاپ «كۈيئوغۇل سالام دەيدۇ» دەپ ئۈچ قېتىم توۋلايدۇ. بۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئۆي ئىچىدىن«ئىلىك سالام» دەپ جاۋاپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ سالاملاشقاندىن كېيىن ناشتا قىلغاچ، نەرسە ئوغۇرلايدۇ. ئوغۇرلۇق قىلىش ئوبىيكتى ئاساسلىقى چىنە-قاچا، چەينەك، قۇلۇپ،ئاچقۇچ، مىخ، سائەت قاتارلىق نەرسىلەر بولىدۇ. ئەگەر شۇ كۈنى يېگىت ۋە قولداشلىرى مەيلى قانچىلىك قىممەتلىك نەرسىنى ئوغۇرلاپ كەتسىمۇ ھەرگىز قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ كۈنى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يېگىتنىڭ ھەربىر ھەركىتىگە دېققەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇ كۈنلىكى ھىچنىمە ئوغۇرلىيالمىسا باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىلىدۇ.
كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ئوغۇرلايدىغان نەرسىلەر ئومۇمەن دائىم ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملاردۇر. ھەرگىزمۇ ساقلاپ قويىدىغان، ئىشلىتىلمەيدىغان نەرسىلەر ئەمەس. لوپنۇرلۇقلار«نەرسە ئوغۇرلاش»قا قارىتا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاشۇ ئوغۇرلاپ كەلگەن بۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يېڭى تويى بولغان قىز-يېگىت ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلەتسە، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇر، نىكاھى مۇستەھكەم بولىدۇ».
«نەرسە ئوغۇرلاش» سىموۋوللۇق خاراكتىرىگە ئىگە بىر ئادەت بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەزمۇن ئىنتايىن چوڭقۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقچىلا ئۆتكۈزۈلۈپ قويۇلىدىغان رەسمىيەت خاراكتىرىدىكى نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتاين قاتتىق. ئۇلار نىمە ئۈچۈن تويدا «نەرسە ئوغۇرلاش»تىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ دىگەندە، بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. بىرى ئوغۇرلاپ كېلىنگەن نەرسىلەرنى يېڭى تويى بولغان قىز-يېگىت تۇرمۇشىدا ئىشلەتسە نىكاھى چىڭ بولىدۇ دەپ قاراپ، نەرسە ئوغۇرلانغان ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئىناق-ئتتىپاق ئۆتكەنلىكىگە بولغان ھەۋىسىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ئاشۇلارنىڭ قولىدىن ئۆتكەن نەرسىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ بەخت- سائادەت ئېلىپ كىلىشىنى تىلەيدۇ. يەنە بىرى ئۆيدىن ئەمدىلا ئايرىلغان قىزنى ئىلگىرى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۆزى ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز يېنىدىدەكلا ھىس قىلدۇرۇپ قىزنىڭ دەماللققا يالغۇزلۇق تارتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن باشقا، ئوغۇرلايدىغان نەرسىلەرمۇ سىموۋۇللۇق تۈسكە ئېگە، مەسىلەن، چىنە بىلەن چەينەك، قۇلۇپ بىلەن ئاچقۇ، چىنە ئوغۇرلىسا جۈپ بولۇش… دىگەندەك. كۆرىۋالغىلى بولىدىكى، ئوغۇرلىنىدىغان نەرسىلەر ئاساسى جەھەتتىن بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان، بىرى بولمىسا يەنە بىرى مەۋجۇت بولالمايدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت. ئارتۇقچە ئىزاھلىمىساممۇ قالغىنىنى كۆپچىلىكنىڭ ھېس قىلالىشى تۇرغانلا گەپ.
دىمەك لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويلىرىدىكى «بېيىت ئېيتىشىش»ۋە «نەرسە ئوغۇرلاش» لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىدىكى مۇھىم بىر مەزمۇن، شۇنداقلا باشقا يۇرت تويلىرىدىن گەۋدىلىك پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆرپ-ئادەتلەردۇر. بۇ ئادەتلەر لوپنۇرلۇقلارنىڭ تويىنى مەنىۋىي جەھەتتىن بېيىتىش بىلەن بىرگە تويغا ئۆزگىچە تۈس قوشقان بولۇپ، باشقا رايونلاردىن پەرقلىنىپ تۇرغاچقا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىچە بولغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەتقىق قىلىش بىر تەرەپتىن لوپنۇرلۇقلارنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، بېيىتىش ھەمدە يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلەرنى قوغداپ قېلىشتا مۇھىم رىئال ئەھمىيەتكە ئېگە.
ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇ ماقالە ئاساسلىقى لوپنۇر ناھيىسىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەڭ كۆپ ساقلانغان دەپ قارىلىۋاتقان شۇنداقلا ئۆزەم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قارچۇغا يېزىسىنى ئاساس، دۆڭقوتان ۋە بۈگۈر ناھيىسىنىڭ سوخۇ يېزىلىرىدىكى تەكشۈرۈشنى قوشۇمچە قىلغان ھالدا يېزىلدى. بەلكىم باشقا يېزىلاردا مەن يورۇتۇپ بېرەلمىگەن نۇقتىلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا لوپنۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ۋە يۇرتداشلىرىمنىڭ تەنقىدى تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.