بىرۇنىنىڭ تارىخ قارىشى

بىرۇنىنىڭ تارىخ قارىشى

يۈسۈپجان ياسىن

بىرۇنىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇل رەيھان مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئەل — بىرۇنى ئەل– خارەزمى. ئۇ 973- يىلى خارەزمدىكى كاس ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇپ، 1051- يىلى غەزنە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. بىرۇنى پەن ساھەسىدە مىللىي ھېسيات، دىنىي خائىش ۋە ئىدىئولوگىيەلىك مائىللىقتىن يىراق تۇرۇپ، بىتەرەپ ئىلىم چۈشەنچىسى، تەنقىدىي قاراش ۋە ئىلغار تەتقىقات مېتودى ئارقىلىق <<بىلىمنىڭ غايىسى پەقەت بىلىم بولۇشى كېرەك>> دېگەن روھ بىلەن ئىزدەنگەن ئالىم. 19- ۋە 20- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر شەرقشۇناسلار تەرىپىدىن <<تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ دانىشمەن>>، <<تەڭداشسىز مۇئەللىپ>>، <<ئەڭ بۈيۈك ئىسلام ئالىمى>>، <<ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق ئالىم>>، <<ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام تارىخىدا ئىجادىي روھقا باي ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر>> دېگەن بۈيۈك ناملار بىلەن تەرىپلەنگەن بىرۇنى پەننىڭ ھەر بىر ساھەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بىرۇنى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە تارىخ جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <<بىرۇنىگە سوغا>> ناملىق ئەسەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىرۇنى ھاياتىدا جەمئىي 180 پارچىگە يېقىن ئەسەر يازغان. بۇنىڭ ھەممىسى ئەرەب تىلىدا يېزىلغان. بىرۇنى ئۆز ئەسەرلىرىنى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئالىملارنىڭ ئوقۇشى ۋە تەتقىقاتىغا مەنبە بولۇشىنى مەقسەت قىلىپ يازغانلىقى ئۈچۈن ئەسەرلىرى كەڭ دائىرىدە تارقىلالمىغان. شۇڭا بىرۇنىنىڭ ئەسەرلىرى ئالىملار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇننى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تەسىرى تازا كۈچلۈك بولمىغان. ئاسترونومىيە جەدۋىلىگە ئائىت بىر ئەسىرى 12- ئەسىردە ئابراھام بېن ئەزرا ئىسىملىك ئىسپانىيەلىك بىر يەھۇدىي تەرىپىدىن ئىبرانىچىگە تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئومۇمەن 19- ئەسىرگە قەدەر ياۋروپالىقلارغا نامەلۇم ئىدى. بىرۇنىنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەنلىرىمۇ ناھايىتى ئاز.

بىرۇنى شەرق ئالىملىرى ئىچىدە ئۈگىنىش تۇيغۇسىنىڭ كەڭلىكى، كۈزىتىش ئىقتىدارىنىڭ چوڭقۇرلىقى، تەتقىقات قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلىكى، ئىلىم چۈشەنچىسىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ياراتقان ئورگىنال كەشپىياتلىرىنىڭ زامانىۋىيلىقى بىلەن دەۋردىن ھالقىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئالىملىرىنىڭ ئىلىم غايىسى ۋە سەۋىيىسىگە ئۇلاشقان بىردىنبىر ئالىم ھېساپلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ھەر قايسى دۆلەتلەردە يېزىلغان پەن تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلىرىدە بىرۇنى تۈرلۈك ئىلمىي سۈپەتلەر بىلەن تىلغا ئېلىنىپ، گاھىدا بىر ماتېماتىك، گاھىدا بىر ئاسترونوم، گاھىدا بىر فىزىك، گاھىدا بىر جۇغراپىيىچى، گاھىدا بىر ھېكىم، گاھىدا بىر گېئولوگ، گاھىدا بىر بىئولوگ، گاھىدا بىر تارىخچى، گاھىدا بىر شائىر، گاھىدا بىر خىمىك، گاھىدا بىر دورىگەر، گاھىدا بىر سوتسىيالوگ، گاھىدا بىر پەيلاسوپ، گاھىدا بىر سىياسەتچى، گاھىدا بىر ئىنجىنىر، گاھىدا بىر مەدەنىيەتشۇناس، گاھىدا بىر ئېتنوگراف ۋە گاھىدا بىر كەشپىياتچى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. دېمەك، بىرۇنى ئېنسىكلوپېدىك خاراكتېر ياراتقان بىر ئالىم بولۇپ، ئەسەرلىرى <<ئۇل ئەسەر>> ۋە <<يول ئاچقۇچى ئەسەر>> بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەينى تارىخىي دەۋردە شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشىنى پەيدا قىلغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

بىرۇنىنىڭ تارىخقا ئائىت مەخسۇس ئەسەرلەر سۈپىتىدە خارەزم مەملىكىتىگە دائىر <<ئەخبارۈل خارەزم>>(<<خارەزم ھەققىدە مەلۇماتلار>>)، <<مەشاخىرۈل خارەزم>>(<<خارەزمدىكى مەشھۇر جايلار>>)، سۇلتان مەھمۇدقا بېغىشلاپ <<تارىخى ئەييامۈس سۇلتان مەھمۇد>>(<<سۇلتان مەھمۇد دەۋرىنىڭ تارىخى>>)‏، مانىخەيلەر ۋە كارماتىلەرگە دائىر <<تارىخى مۈبەييەزا ۋەل كەرامىتا>>(<<مۆجىزىلەر ۋە كەرامەتىيلەر تارىخى>>)، قاراخانىيلارنىڭ سامانىيلار خانلىقىنى ئىستىلا قىلىشىغا دائىر <<ئەل تەھزىر مىن قىبالۇل تۈرك>>(<<تۈركلەر تەرەپتۈن كەلگەن تەھدىتلەر>>) ، تارىخ تەنقىدىگە دائىر <<تەنكىبۈت تەۋارىخ>>(<<تارىخ تەھلىلى>>) دېگەن ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، بۇلار بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. پەقەت خارەزم تارىخىغا ئائىت كىتاپلىرىدىكى بەزى بۆلۈملەر ئەبۇل فازىل ئەل – بەيھەقىنىڭ غەزنەۋىيلەر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك <<تارىخىي بەيھەقى>> دېگەن كىتابىدا نەقىل ئېلىنىش يولى بىلەن ساقلىنىپ قالغان. بىز بىرۇنىنىڭ تارىخ قارىشىنى چۈشىنىشتە ئومۇمەن ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدىغان تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بەزى بايانلىرىغا تايىنىمىز.

بىرۇنىنىڭ ئەسەرلىرىدە تۈركىيلەرنىڭ تارقالغان رايونلىرى، بۇ رايونلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلىشى، گېئولوگىيىسى ۋە گېئودىزىيىلىك ئەھۋالى، تۈركىيلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن سۆز ئېچىلىدۇ. بىرۇنى تۈرك تارىخى ۋە ئېتنوگراپىيىسىگە ئائىت مەلۇماتلارنى تىلغا ئالغاندا، تۈركچە ئىسىملارنى ئادەتتە ئۆزىگە خاس بىر تۈركىي تىل شىۋىسى بىلەن يازغان. بۇ تىل شىۋىسىنىڭ خارەزم تۈركچىسى بىلەن پەچەنەك شىۋىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بىرۇنى يەنە ھەر خىل مىللەتلەرگە ئائىت خرونولوگىيەلىك بايانلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. بۇ مەلۇماتلاردا بىرۇنىنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ سەۋەپلىرىنى ئىزاھلاش ئۇسۇلى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بىرۇنى تارىخىي مەسىلىلەرنى يورىتىشتا ئىقتىساد، ئارخېئولوگىيە ھەتتا گېئولوگىيەنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئۇ تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىقتىسادىي سەۋەپلەر ئارقىلىق ئىزاھلاپ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي تارىخ نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان. بىرۇنى تارىخىي ۋەقەلەرنى دىن نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىشنى ئىلىمگە قارشى كەيپىيات دەپ قارىغان. بىرۇنى دىنىي ئىلىملەر بىلەن مەشغۇل بولمىغىنىدەك، ئېتىقاد مەسىلىسىدىمۇ كەڭ قوللۇق پوزىتسىيىدە بولغانىدى. ئۇ <<دىن بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرلىشىش>>نى سىياسىي تەشكىلاتنىڭ غايىسى ۋە ئىنسانىي ئىستەكلەرنىڭ نىشانى دەپ بىلسىمۇ، تارىخىي مەسىلىلەرنى دىنىي ۋە مىللىي ھېسياتنىڭ تەسىرىدىن ئازاد تۇتۇشنى ۋە بىتەرەپ ھالدا يېزىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۆز ئېتىقادىنى، مەزھىپىنى ۋە قەۋمىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرۈش ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشكە سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارىغان. ھەتتا ئۇ تارىخقا ئەپسانىلەر ۋە خۇراپىي پىكىرلەرنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىغا كەسكىن قارشى چىققان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خۇراپىيلىق ۋە قۇرۇق ئېتىقادلار ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇن بولۇپ، پىكىر ئىقتىلاپى ۋە تۇقۇنۇش پەيدا قىلاتتى.

بىرۇنىنىڭ تارىخ پەلسەپىسىگە ئائىت پىكىرلىرىنى مۇستەقىل بىر ئەسەر شەكلىدە توپلىغان ياكى توپلىمىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ھەر ھالدا مۇشۇنداق بىر ئەسىرى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن. بىرۇنىنىڭ تارىخ قارىشىنى ۋە تارىخ پەلسەپىسىنى ئىپادە قىلىدىغان بايانلىرى ئۇنىڭ ھىندى مەدەنىيىتىگە دائىر يازغان <<كىتاب مالىل ھىندى>>(<< ھىندى تەتقىقاتلىرى>>)، قابۇس ئىبن ۋەشمىگىرگە بېغىشلىغان ۋە قەدىمكى مىللەتلەر ھەققىدە خرونولوگىيەلىك مەلۇمات بەرگەن <<ئەل ئەسارۈل باقىيە كۇرۇنىل خالىيە>>(<<ھەرىكەتسىز—بوش ئۆتكەن ئەسىرلەردىن قالغان ئەسەرلەر>>)، غەزنەۋىيلەر ھۆكۈمدارى سۇلتان مەسئۇدنىڭ ئوغلى مەۋدۇدقا بېغىشلىغان ۋە مېنىراللوگىيەگە ئائىت مەلۇمات بەرگەن <<ئەل جەماھىر فىل جەۋاھىر>>(<<جەۋھەرلەرنىڭ بۈلۈنىشىگە دائىر كىتاپلار>>)، تېبابەت ۋە دورىگەرلىككە ئائىت <<ئەل سەيدەنە>>(<<تىبابەت ۋە دورىگەرلىك كىتابى>>) دېگەن كىتاپلىرىدا، شۇنىڭدەك جۇغراپىيە تەتقىقات مېتودىغا ئائىت يازغان <<تەھدىد نىھايەت ئەل ئەماكىن>>(<<جايلار ئارىسىدىكى مۇساپىنى توغرىلاش ئۈچۈن ماكانلارنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىنى رەتكە تىزىش>>) دېگەن ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە تارقاق ھالەتتە ئۇچرايدۇ. بۇ ئەسەرلىرىدە بىرىلگەن تارىخىي مەلۇماتلار ئۇنىڭ بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن ۋە باشقا ئالىملار تەرىپىدىنمۇ خاتىرىلەنمىگەن بىر يۈرۈش مەنبەلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە تارىخىي مەنبەلەردىن تولۇق بىر ئىلمىي چۈشەنچە بىلەن پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بولۇپمۇ بىرۇنىنىڭ تۈرك تارىخىغا دائىر خاتىرىلىرى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مەنبە ھېساپلىنىدۇ. بىرۇنىنىڭ قارىشىچە، تارىخىي ۋەقەلەر ھەر خىل دىنلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ قارىشىدىن ھالقىغان مۇھاكىمە ئۇسۇلى ئارقىلىق بايان قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇ <<تەھدىد نىھايەت ئەل ئەماكىن>> دېگەن ئەسىرىدە <<تۈرلۈك ئىلىملەر ئىنساننىڭ ھايات ئېھتىياجلىرىدىن تۇغۇلغان. ئىنساننىڭ ئىقتىسادىي ھاياتى <تەبىئىي مۇئامىلە> ئۇسۇلىدىن كېيىن <مۇقىم مۇئامىلە> ئۇسۇلىنى ياراتقان. ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي ئىلىملەرگە تايىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ باشقا ئېھتىياجلىرى تېبابەت، مۇزىكا، مەنتىقە، تىلشۇناسلىق ئىلىملىرىنى، شېئىر ۋە ئەدەبىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئومۇمەن ئىلىملەر بىر بىرىگە چىڭ باغلانغان بولۇپ، بۇ ئىلىملەر ئالدىدا تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ مەيدانىمۇ ئوخشاشتۇر. لېكىن ئىسلام ئالىملىرى يات مىللەتلەرنىڭ، مەسىلەن يۇنانلىقلارنىڭ ئادەتلىرىگە ۋە تىللىرىغا مۇتەئەسسىپلىك بىلەن قارايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئەڭ زۆرۈر ۋە ئەڭ تەبىئىي بولغان ئىلىملەر جۇغراپىيە، ئېتنوگراپىيە، تارىخ ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرى بولسىمۇ، بۇلارغا ئىتىراز بىلدۈرىدۇ>> دەيدۇ. مەلۇمكى، ئىسلام تارىخچىلىقىدىمۇ دىن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىدى. مۇسۇلمان مۇئەللىپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا دىن بىر ئۆلچەم بولۇپ، ئۇ مۇئەييەن بىر تارىخ پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىغا ئايلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن بارلىق ۋەقەلەرنى پەقەت دىنىي ئاساسلار بىلەن چۈشەندۈرۈش ئومۇمىي ئەھۋال ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىرۇنىنىڭ قارىشىچە، دىن ئەسلا ئاساسىي ئامىل بولماستىن، بەلكى مەنىۋىيەتتىن ئىبارەت ئىدى. پارسلاردىن مىسكەۋەيخ ۋە ئەرەبلەردىن ئىبن خالدون قاتارلىق ئالىملارمۇ مۇشۇنداق يولنى تۇتقان ئىدى. بىرۇنىنىڭ ھىندىستان تارىخىدىن سۆز ئاچقاندا دىنىي پەرق تۈپەيلىدىن ئىتىرازچى ۋە ئىنكارچى بىر پوزىتسىيەنى قوللانماسلىقى دەل مۇشۇنداق بىر ئىلغار ئىلىم چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغانىدى.

بىرۇنى تاغلاردا، چۆللەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، يەر قاتلاملىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ، گېئولوگىيەگە ئائىت ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭكىگە ئوخشايدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ مەلۇماتلارنى تارىخ ئىلمىگە تەدبىقلاشنىمۇ بىلگەن. بىرۇنى بۇ ھەقتە <<يەر شارىنىڭ ھاياتى(تارىخى)غا ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭمۇ باشلانغۇچ دەۋرى ئايدىڭلاشمىغان تارىختىن بۇرۇنقى بىر ھاياتى بار. يەر شارىنىڭ ھاياتى مۇقەددەس كىتاپلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يەر قاتلاملىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۈگىنىلىدۇ. بىز بۇ قاتلاملارنى تاش ۋە توپراقنىڭ شەكلىدىكى پەرقلەرنى تەتقىق قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇلارنىڭ ئىرىتىلگەن بىر مەدەن ھالىتىدە ھارارەت تەسىرى بىلەن تۈرلۈك شەكىللەرنى ئالغانلىقىنى، كېيىن سۇۋۇغانلىقىنى ئېنىقلاش بىلەن بىرلىكتە تۇپراق ئۈستىدىكى ھاياتنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى يار ۋە ھاڭلاردا ئۇچرايدىغان تاشقا ئايلانغان جىسىملارنى ئۈگىنىش، ئىنساننىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى ئىنقىلاپلارنىمۇ قەدىمكى باياشاتلىقنىڭ خارابىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىيالايمىز>> دەيدۇ. بىرۇنى خارەزمنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىنىمۇ ئامۇ دەرياسىنىڭ ئېقىنىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يەر قاتلاملىرىدا ھاسىل بولغانلىقىنى بۇ دەريانىڭ قەدىمكى ئېقىنىدا ئۇچراتقان ئىزنالار ۋە دەريانىڭ شەرقىدىكى قەدىمكى خارەزم خارابىلىرىدىن ئىرىشكەن دەلىللەر ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. دېمەك، بىرۇنى گېئولوگىيە ۋە ئارخېئولوگىيەدىن تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن پايدىلانغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، يەرنىڭ ئۈستىدىكى تەبىئىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئىسسىق يەرلەر سوۋۇغان، ياكى ئەكسىچە سوغۇق يەرلەر ئىسسىپ كەتكەن. بۇنىڭغا بېقىپ ئىنسانلارمۇ ماكان ئالماشتۇرۇپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.
بىرۇنى <<ئەل جەماھىر فىل جەۋاھىر>> ۋە <<تەھدىد نىھايەت ئەل ئەماكىن>> دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تېخنىكىنىڭ ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي باغلىنىشنى قانداق مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنسان تەبىئىي ھالدا ئانارخىزم(ھۆكۈمەتسىزلىك)گە مايىل بولسىمۇ، تەبىئەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۆز ھاياتىنى قوغداش زۆرۈرىيىتى سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قانۇنلارنى تۈزۈپ، ئۆزىنى مۇشۇ قانۇننىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ۋە بۇ قانۇنلارغا بويسۇنۇش ئارقىلىق بەخت — سائادىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان. تەبىئىي ۋە ئىقتىسادىي ئامىللارغا بۇ قەدەر مۇھىم ئورۇن بەرگەن بىرۇنى مۇشۇ خىل قاراشلىرى ئارقىلىق پوزىتىۋېستلەر(تەجىرىبىچىلەر) ۋە ماتېرىيالىستلارنىڭ تۇنجى مەشئىلىنى ياققان. ئۇ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا بىۋاستە ھالدا ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئىنسان تەرىپىدىن يارىتىلغان ھاياتنىڭمۇ مۇھىم ئامىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئارقىلىق ھۈمانىتارچىلارغا يول ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەنە ئىنساننىڭ ئۆز ئالدىغا يەككە – يىگانە ياشالمايدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ بىر ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىگە دىققىتىنى ئاغدۇرغان. مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ مەجبۇرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىشىكە مەجبۇرلىقىنى تەكىتلىگەن. بىرۇنىنىڭ ئەخلاق پەلسەپىسىمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى نىشان قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئالىجاناپلىق ۋە قەھرىمانلىق يالغۇز ئۆزىنى ئويلاشلا ئەمەس، يەنە باشقىلارنىمۇ ئويلاش ئىدى. زۆرۈر بولغاندا جەمىئىيەت ئۈچۈن ھەر قانداق بىر مۈشكۈلچىلىككە چىداش كېرەك ئىدى. بىرۇنى بۇ قاراشلىرى ئارقىلىق يەنە بۈيۈك بىر ئىدىئالىست ھېساپلىنىدۇ.

تارىخ تەتقىقاتىدىكى تەنقىد مەسىلىسىدە بىرۇنى ھەممىدىن ئاۋۋال سېلىشتۇرما قىلىش ئۇسۇلىنى قولغا ئالغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارنىڭ توغرىسىنى يالغىنىدىن ئايرىشتا ئەڭ ياخشى يول ھەر قانداق بىر مەلۇماتقا دەرھال ئىشىنىپ كەتمەي، ئۇلارغا گۇمان نەزىرى بىلەن قاراش ۋە ھەر خىل ئىپادىلەر ئارىسىدىكى زىتلىقتىن پايدىلىنىپ، بىرىنى يەنە بىرىگە قارشى شاھىد قىلىش ئىدى. بىرۇنىنىڭ سىياسىي چۈشەنچىلىرى ئارىستوتېلنىڭكى بىلەن بىر خىلدەك كۆرۈلىدۇ. <<ھەر خىل قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئىنسانلار توپىنى شۇ قەبىلىلەر ئىچىدىكى ئىمتىيازلىق بىر قەبىلە ۋە بۇ قەبىلىنىڭمۇ سەر خىل كىشىلىرى ئىدارە قىلىپ سۇلالە تەشكىل قىلىدۇ. قەبىلە ۋە گۇرۇھلارغا باشچىلىق قىلىپ ھۆكۈمدارلىققا يۈكسەلگەن شەخسلەر ئۆزلىرىنى ئېسىل نەسەبلىك قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تارىخنى ئۆز ئىستىكى بويىچە ئويدۇرىدۇ ۋە توقۇپ چىقىدۇ>> دەپ قارىغان بىرۇنى دەل بۇ خىل ئىدىيىنى تەنقىد سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ دىن ۋە مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىكى سەۋەبىدىن ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى ئورىۋالغان قاراڭغۇلۇقنى يورىتىش ئۇسۇللىرىنى <<كىتاب مالىل ھىندى>> دېگەن ئەسىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

بىرۇنىنىڭ غەزنە شەھىرىدىكى ھاياتى ئىلىم ساھەسىدە ئۇنىڭغا يېڭى ئۇپۇق ئاچقان. ئۇ مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقان، ئافغانىستان ۋە ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇزۇن يىل ياشاپ، بۇ يەردە سانسكرىت تىلىنى ئۈگەنگەن. بۇ تىلنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھىندىستاننىڭ دىن ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، 1030- يىلى <<كىتاب مالىل ھىندى>> دېگەن ئەسىرىنى يازغان. بىرۇنىنىڭ مىللەت، تارىخ ۋە مەدەنىيەت قارىشىنى، ئېلمىي مېتودى ۋە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كۆرسىتىپ بىرىدىغان بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى دىن، پەلسەپە، ئەدەبىيات، غەيرى ئادەتلەر ۋە باتىل ئېتىقادلار، يىلنامە، ئاسترونومىيە، مېترولوگىيە، گېئولوگىيە، قانۇن، ئۆرۈپ – ئادەت، بايرام ۋە ئاسترولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەسەردە ھىندى دىنى، ئىلىم — پېنى ۋە جۇغراپىيىسى ھەققىدە كەڭ مەلۇمات بار. ئۇ ھىندى پەلسەپىسى بىلەن ئىلىم –پېنىنى بايان قىلغاندا، ئۇنى ئەرەب، يۇنان ۋە ئىران بىلىملىرى بىلەن سېلىشتۇرما قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەلۇمات ۋە پىكىرلىرىنى ئىلاۋە قىلغان. ھىندىستاننىڭ ئىسلامىيەتكە تامامەن زىت بولغان ئەقىدە ۋە ئادەتلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، ئۆزىنىڭ پەقەت ھەقىقەتنى سۆيىدىغان ئالىم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ ئەسەرنى تەڭدىشى يوق نادىر بىر ئەسەرگە ئايلاندۇرغان. بۇ ئەسەردە ھىندى تۇرمۇشىنىڭ تۈرلۈك ساھەسىنى، ھىندىستاننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسىنى يورىتىپ بىرىش غەيرىتى بىرۇنىگە پەلسەپىۋىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئائىت خۇسۇسىي قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىش پۇرسىتىنى ياراتقان. مەلۇمكى، بىرۇنى دۆلەت ئىدارە قىلىشتا مۇتلەقچىلىق، يەنى پادىشاھلىق دۆلەت تۈزۈمىنى ھېمايە قىلغان. ئۇ قەدىمكى ھىندى ھۆكۈمدارلىرى ھەمىشە سىياسەتنى كىتاپقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىشتا يومىشاقلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھىندىلارنىڭ ئىستىقلالىنى مەڭگۈلۈك يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە پەزىلەتلىك، ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە، غەيرەتلىك ۋە توغرا مۇھاكىمىلىق شەخسلەرنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى شەرھىيلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھىندىلار ۋە پارسلاردىكى كاست تۈزۈمى(ئىنسانلارنى دەرىجە ئايرىش تۈزۈمى)دىن سۆز ئاچقاندا، باراۋەرلىك چۈشەنچىسىدە بولۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.
بىرۇنى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ كۆپ مىللەتتىن ۋە ھەر خىل مەدەنىيەتتىن تەركىپ تاپقانلىقىنى، دۇنيانىڭ پەقەت مۇشۇنداق كۆپ خىللىق ۋە پەرقلىق ئامىللار ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، <<ئىنسانلارنىڭ پىكىر ۋە قاراشلىرى كۆپ خىلدۇر. دۇنيانىڭ باياشاتلىقى بۇ قاراشلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن مەيدانغا كىلىدۇ>> دېگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنىدەك، جەمئىيەت شەكلى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىققا قارىتا ئىتىرازچى مەۋقەدە ئەمەس، بەلكى سەمىمىي بىر پوزىتسىيەدە بولۇشنى تەكىتلىگەن بىرۇنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دىن ۋە مەدەنىيەت بىلەن بۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا قارىتا كەڭ قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلغان ھۆكۈمدارلارنى مەدھىيلىگەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئالىملار بىرۇنىنى ھىندى دەپ قارايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. ئۇ تۈركىيلەرنىڭ ھىندىستاننى ئىشغال قىلىشىنى بۇ مەملىكەت ئۈچۈن چوڭ بىر غەلىبە دەپ قارىغان. بىرۇنى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ساچائۇ بىرۇنىنىڭ ھىندى مەدەنىيىتىنى يۇنان مەدەنىيىتى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ ئۈگەنگەنلىكىنى <<ئومۇمەن مەدەنىيەت تارىخىدا كۆرۈلگەن ئايرىم بىر چوڭ ئەھۋال>> دەپ قارىغان ۋە ئۇنى <<ھىندى دەرۋازىسىدىكى ئەپلاتون>> دەپ خاراكتېرلەندۈرگەن. ھەقىقەتەن، بىرۇنى ئۈچۈن يۇنان ئالىملىرى بۈيۈك بىر نوپۇز ئىگىسى ھېساپلانسىمۇ، لېكىن بىرۇنى يۇنان مەدەنىيىتىگە ھەيران قالغان ئەمەس. ئۇ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ تارىخى بىلەن بىرلىكتە نۇقسانلىرىنىمۇ ناھايىتى ياخشى تەرىپلىگەن ئالىم ئىدى. بىرۇنىنىڭ ئىلمىي شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەن، دۇنياغا مەشھۇر بۇ ئەسەر ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھىندىستاننىڭ دىن تارىخى، سوتسىيالوگىيىسى، ئىقتىسادى، جۇغراپىيىسى ۋە گېئولوگىيىسى ھەققىدىكى تەڭداشسىز ئەسەرلىك خاراكتېرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ ئەسەر 1887- يىلى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغاندا، رۇس پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بارون ۋ. روسېن بۇ ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇتۇقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، <<بۇ ئەسەر ھىندىلوگلار ئۈچۈن قىممەتلىك بولغاندىن تاشقىرى ھەر خىل ئىلىم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان خۇسۇسىيەتلەرگىمۇ ئىگە. بۇ ئەسەر ئۆزىگە خاس يول ۋە خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، شەرق ۋە غەرپنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئەدەبىياتىدا ھىچ خىلى(تەڭدىشى) يوق بىر ئابىدىدۇر. بۇنىڭدا دىنىي، مىللىي ۋە سىنىپىي ئاداۋەتتىن تولۇق ئازاد بولغان بىر تەنقىد روھى بار. بۇ ئېھتىياتچان، ھەر تەرەپنى ئويلىغان، يىراقنى كۆرەر ھالەتتە بولغىنىدەك، ئەسىرىمىزدىكى ئىلىمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قۇرالى بولغان سېلىشتۇرما تەتقىقات مېتودىغا ئۇتۇقلۇق ھالدا ئىگە بولغان، ئىلىمنىڭ پاسىلىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن، ۋەقەلەرنى يىتەرسىز ياكى چولتا تەھلىل قىلىپ نەتىجە چىقىرىشنىڭ ئورنىغا سۈكۈتنى ئەۋزەل بىلگەن بىر تەنقىد روھىدۇر. بۇ ئەسەردە ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئېنىق بولغان كەڭ بىر نوقتىئىنەزەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەسەردىن سۆزنىڭ زامانىۋىي مەنىسى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھەقىقىي ئىلىم روھى بىلىنىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئەسەردە ھەقىقەتكە تەشنا، ھەقىقەتنى ھەر نەرسىدىن ئۈستۈن قويغان، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۇرغان، يولىدىن ھىچ ئاداشماي توختىماي ھەقىقەتكە قاراپ ماڭغان بىر روھ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان. ئۇ ئۆز مۇھىتىغا كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق نەزەرى بىلەن قارىغان بىر روھتۇر. چۈنكى، ئۇ بۇ مۇھىت ئىدراك قىلالمىغان بىر مۇنچە نەرسىلەرنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇ بۇ غايىگە يىتىشتە خىيالى ئىدىئالىزمدىن خالى تۇرغان. ئۇ ئاۋامنىڭمۇ ھەر قاچان ۋە ھەر يەردە غايىدىن ناھايىتى يىراقتا قالغانلىقىنى ۋە قالىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن. ئۆزىگە بىراز بولسىمۇ يېقىنلىشىدىغان سەرخىل ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭمۇ پۈتۈن سەمىمىيىتى بىلەن ئارزۇ قىلغىنىغا قارىماي ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن. 11- ئەسىردە مۇشۇنداق بىر ئەسەرنىڭ يېزىلىشى، ئۇ دەۋر(ئوتتۇرا ئاسىيا)نىڭ مۇھىتىدا مۇشۇنداق بىر ئالىمنىڭ مەيدانغا كېلىشى، مۇشۇنداق بىر ئەسەرنىڭ ئەرەبچە تەسنىف قىلىنىشى بىرۇنىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەھمىيىتىنى يەنە بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ>> دەپ باھا بەرگەنىدى. دەۋرىمىزدە مەدەنىيەت تارىخى بىلەن مەشغۇل بولغان ھەر قانداق بىر ئالىم ۋە تەتقىقاتچىنىڭ ئوقۇشى زۆرۈر بولغان بۇ ئەسەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى شارائىتتا قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىمۇ دىققەتنى تارتىدىغان بىر مەسىلىدۇر.

بىرۇنى <<ئەل ئەسارۈل باقىيە كۇرۇنىل خالىيە>> دېگەن ئەسىرىدە تارىخىي ھاياتنىڭ باشلانغۇچ جەرىيانى ھەققىدە تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ دىنىي رىۋايەتلىرىنى ۋە يىلنامىلارنىڭ باشلىنىش مەسىلىسىنى ئانالىز قىلغاندا، <<تەۋرات>> ۋە <<ئىنجىل>>نىڭ ئىبرانىچە، يۇنانچە ۋە سۈرىيەچە تېكىستلىرىدىكى پەرقلەرنى، زۇلقەرنەيىن مەسىلىسىدە بۇنىڭ ماكىدونىيەلىك فىلىپنىڭ ئوغلى ئىسكەندەر ئىكەنلىكى يوشۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېنىقلىقىنى، يەجۈج – مەجۈج رىۋايىتىنىڭ بىر ئەپسانە ئىكەنلىكىنى، <<قۇرئان>>نىڭ ئۇنى بىر جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا باغلىمىغانلىقىنى ۋە كاۋكازىيە كېچىكىنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى بۇ يەرنىڭ شىمالىدا ياشىغان بۇلغار ۋە سۇۋار تۈركلىرىنىڭ ئۇ تەرەپلەردە مۇشۇنداق بىر قەۋم ۋە سېپىلدىن ھىچ بىر ئىزنانىڭ يوقلىقىغا شاھىت بولغانلىقى ئارقىلىق ئايدىڭلاشقانلىقىنى ھەقىقىي بىر راتسيۇنالىست سۈپىتىدە چۈشەندۈرگەن. بىرۇنى بۇ ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: <<تارىختىمۇ ھەقىقەتنى مەيدانغا چىقىرىشنىڭ يولى ئەقىل ئارقىلىق ئىرىشىلگەن ۋە كۆرۈپ ھېس قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن سېلىشتۇرما قىلىشتۇر. لېكىن تارىخنىڭ دەستلەپكى دەۋرلىرىگە ئائىت مەلۇمات كۆپۈنچە مىللەتلەرنىڭ دىنىي رىۋايەتلىرىدىن باشقا بىر نەرسىگە تايانمىغاندا ئىش مۇرەككەپلىشىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ ئەھۋالدا رىۋايەتلەرنى ۋە پىكىرلەرنى سېلىشتۇرما قىلىش ۋە بۇ ئىشتا كۆزنى ھەقىقەتنى كۆرۈشتىن توسىدىغان ئېھتىياتچانلىقتىن، مۇتەئەسسىپلىك، شوۋىنىزملىق، ھىسياتقا بىرىلىش ۋە شەخسىيەتچىلىككە ئوخشاش ئىتىبارنى يوقىتىدىغان نەرسىلەردىن ئۆزىنى تازىلاش(قوغداش) تۇنجى شەرتتۇر. بۇ يول مۈشكۈل بىر يولدۇر. چۈنكى خەۋەرلەر ۋە رىۋايەتلەر ئويدۇرما بىلەن ئارىلىشىپ كەتكىنىدەك، بۇلارنىڭ بىر مۇنچىسى تەبىئىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن ۋە مۇمكىنلىك دائىرىسى ئىچىدە كۆرۈلگەنلىكتىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەقىقەتنى يالغاندىن ئايرىش قېيىن بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەقىقەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن بىردىنبىر يول مىنىڭ كۆرسەتكەن يولۇمدۇر. شۇ سەۋەپتىن بىر ئىنساننىڭ ئۆمرى پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ ئەمەس، پەقەت بىرلا مىللەتنىڭ تارىخىنىمۇ تەتقىقلەش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا كۇپايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بىز پەقەت ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىمىزگە ئەڭ يېقىن ۋە ئېنىق بولغانلىرىنى قولغا ئېلىشىمىز، بۇلارنىمۇ سالاھىيەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك ئەربابلاردىن سوراپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتكە ۋە ئەسلىگە ئۇيغۇنلىقىغا نەزەر ئاغدۇرىشىمىز، بۇنىڭدىن باشقىلىرىغا ئېتىبار بىلەن قارىماسلىقىمىز لازىم.>> بۇ يەردە بىرۇنىنىڭ <<مىنىڭ كۆرسەتكەن يولۇم>> دېگىنى ئەقىلچىل بولۇش، سېلىشتۇرما قىلىش ۋە بىتەرەپ تەتقىد قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. بىرۇنىنىڭ بىر ۋەقە ھەققىدە سۆزلەنگەن رىۋايەتلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئويدۇرما ۋە بۇرمىلانغان بايانلارنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەپلىرىنى چۈشەندۈرگەن چاغدا بۇنىڭ روھىي تەرەپلىرىنى كۆرسىتىشىمۇ شۇ دەۋر ئۈچۈن ناھايىتى دىققەتنى تارتىدىغان بىر خۇسۇسىيەت ئىدى.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، بىرۇنى تارىخ ئۈستىدە ئىزدەنگەندە كۆپ تەرەپلىمە ماتېرىيال توپلاش، توپلىغان ماتېرىيال ئۈستىدە ئەتراپلىق سېلىشتۇرما قىلىپ دەلىللەش، رىۋايەتلەرگە ئاسان ئىشىنىپ كەتمەسلىك، تارىخ بىلەن رىۋايەتنىڭ پەرقىنى ئايرىش، ئەقىلگە تايىنىش، ھەر تۈرلۈك ھىسيات ئىسكەنجىسىدىن خالاس بولۇش، بىتەرەپ تەتقىقات ۋە تەنقىد مەيدانىدا تۇرۇش، ماددىي پاكىتلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، تارىخنى بايان قىلغاندا ئېنىق ۋە ئىشەنچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىش، مىللەتلەرنىڭ پەرقلىق ئىدىيە ۋە مەدەنىيتىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش، بىر مىللەتنىڭ ۋە دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىغان. بىرۇنى ئاشۇ قاراشلىرى، بىر يۈرۈش ئىلمىي نەتىجىلىرى، كەشپىياتلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا، بولۇپمۇ تەتقىقات مېتودىغا يېڭى بىر نۇر بەرگەن. شۇڭا مەشھۇر شەرقشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىس ۋ. ۋ. بارتولد بىرۇنىنىڭ ئىلىم چۈشەنچىسى ۋە تارىخ قارىشى ھەققىدە توختالغاندا، <<توپلىغان ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە ئىلمىي مېتودلارنى تەدبىقلاشتا كۆرسەتكەن ئەستائىدىللىقى جەھەتتىن بىرۇنىنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە مەلۇم بولغان ئىسلام ئەدەبىياتى مەھسۇللىرى ئىچىدە تامامەن ئايرىم بىر ئورۇن تۇتىدۇ>> دەپ باھا بەرگەنىدى. خارۋارت ئۈنىۋېرسىتېتى بىلىم تارىخى بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى گېئورگى سارتوننىڭ <<11- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى بىرۇنى دەۋرىدۇر>> دېگەن سۆزىمۇ بىرۇنىنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتىنى ۋە ئومۇمىي پەن تارىخىدىكى ئورنىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ.