تۇمشۇقتىكى سوقۇش

مۇھەممەتئىمىن قۇربانى

1933- يىلكى باھار بايرىمى ھارپىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ دېۋىزىيە قوماندانى جىن شۇجى دورا يەپ ئۆلۈۋالدى. گەنسۇ تۇڭشۇيلۇڭ باش سەنمۇ لۇ دىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلىنىپ، ئاقسۇدىن قەشقەرگە قاراپ كېلىۋاتقان «ئىسيانچىلار» نىڭ ئالدىنى توسۇش ۋە ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قوشۇن تەشكىللىدى. لى دۇڭرۇڭ بۇ قوشۇننىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانى بولدى، ئاتلىق ۋە توپچى قىسىملىرىنى باشلاپ بارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرىگە يېتىپ باردى.
تۇمشۇق مارالبېشىنىڭ ئىككى ئۆتەك نېرىسىغا جايلاشقا جاي بولۇپ، ئەتراپى تاغلىق، سوقۇش قىلىشقا ئەپلىك جاي ئىدى. ئاقسۇدىن كېلىۋاتقانلارمۇ بۇ جايغا يېقىنلىشىپ قالغاچقا، لى دۇڭرۇڭ قوشۇنلىرىنى تۇمشۇق تاغلىرىنى دالدا قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يېتىپ كەلگەن قوماندان لۇ دىڭ تۇمشۇقتىن بىر ئۆتەڭ بېرى بولغان چارباغدا قوماندانلىق شىتابى قۇرۇپ، قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىشقا باشلىدى.
لۇ دىڭ ئاقسۇ يېڭىئېرىقتىكى سوقۇشتا خىزمەت كۆرسىتەلمىگەن ياڭ تۈەنجاڭنى ئەسكىرىي خىزمەتتىن بوشىتىپ، ئۇنى ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا، قوشۇمچە مارالبېشىنىڭ ھاكىملىقىغا قويدى. ئاقسۇدىن يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر، خۇيزۇ قوشۇنلىرىمۇ تاغنى دالدا قىلىپ شەرق تەرەپكە ئورۇنلاشتى. ئۇيغۇرلارغا توقسۇنلۇق ئەمەت ۋاڭنىڭ چوڭ ئوغلى تۆمۈر ئېلى، خۇيزۇلارغا قارا شەھەردىن يېڭىدىن بېرىلگەن قوماندان ماجەنساڭ باشچىلىق قىلاتتى.
قورال جەھەتتە ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرى خىل، ئوقلىرى كۆپ ئىدى. پىدائىيلارنىڭ قوراللىرى ناچار، ئوقلىرى يېتەرسىز ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ خۇيزۇلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. تۈەنجاڭ تۆمۈر ئېلى ناچار قورال بىلەن قوراللانغان پىدائىيلىرىنى ۋە كالتەك بىلەن قوراللانغان نۇرغۇن ئادىمىنى باشلاپ ئۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
ئۇرۇش بىر ئايغا سوزۇلدى. پىدائىيلار ھەرقانچە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ياخشى قورال مۇھىم ئامىل بولغاچقا، قارشى تەرەپ ھامان ئۈستۈن بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەردىن ئۈزلۈكسىز يېتىپ كېلىۋاتقان ئەسكەر ۋە قورال-ياراغ ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ تۇراتتى. خۇيزۇلاردا قورال خىل، ئوق كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئارقا سەپتە تۇرىۋىلىپ، ئوقلىرىنى ياكى ئاتماي، ياكى ئۇيغۇرلارغا بەرمەي، پاسسىپ بولۇۋالغاچقا، تۆمۈر ئېلى تەمتىرەپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن كورلىلىق تۈەنجاڭ كۆكرەك كېرىپ چىقتى-دە ياراملىق ئادىمىدىن يەتتىنى تاللاپ، تاغ ئارقىسىدىكى يول بىلەن تۆۋەنگە قاراپ ماڭدى.
ئۇلار تاغنىڭ ئوڭغۇل-دوڭغۇل جايلىرى بىلەن تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، چارباغ كەنتىگە كەلدى-دە، لۇدىڭنىڭ باش شىتابىنى تاپتى. بۇ چاغ 3- ئاي مەزگىلى بولغاچقا، ھاۋا ئىنتايىن بورانلىق ئىدى. يەنە كېلىپ ھۆكۈمەت تەرەپ توختىماي ياردەم قىلىپ تۇرغاچقا، لۇ دىڭ بىخارامان ئەپىيۇن چېكىش بىلەن بەنت ئىدى. بۇ كۈنى لۇ دىڭ ئەپىيۇننىڭ ئىلتىپاتى بىلەن شىرىن ئۇيقۇغا چۈشكەن، مۇھاپىزەتچىلىرىمۇ چۈشلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.
ئېلى ھاجى بۇ پەيتتىن پايدىلاندى. ئۇلار مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قوراللىرىنى يىغىشتۇرۇپ، لۇ دىڭنى كارۋىتىنىڭ ئۈستىدىلا جايلىدى ۋە بىر قانچە تال ياخشى قورالنى ئولجا ئېلىشىپ جىمغىنا چىقىپ كەتتى.
چارباغدىكى بۇ دەھشەتلىك خەۋەر ئالدىنقى سەپنى لەرزىگە كەلتۈرىۋەتتى. ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىغا گويا يەر-جاھان تەۋرەنگەندەك سېزىلدى بولغاي، ئۇلارنى ۋەھىمە- تەشۋىش قاپلىۋالدى. بۇ خەۋەر قەشقەرنىمۇ زىلزىلگە كەلتۈردى.، لۇ دىڭنىڭ مۇنداق بىپەرۋالىقى ھەممىنى غەزەپلەندۈردى. لۇ دىڭنىڭ ئورنىغا سەنمۇلاردىن سى چۇخەن قوماندان بولۇپ جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. سۇ چۇخەن ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قوشۇندىكىلەرنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. سى چۇخەننىڭ ئىلھامى لى دۇڭرۇڭنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. ئۇ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، قىلىچىنى يالىڭاچلاپ «سا…» دەپ ۋارقىرىغىنىچە باستۇرۇپ باردى. ئىككى تەرەپ گىرەلىشىپ كەتتى. تۆمۈر ئېلىنىڭ جاسارىتى باشقىلارنىڭ جانىپىدالىقىغا تۈرتكە بولدى. ئاقىۋەت ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى چىداشلىق بېرەلمەي چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلارنى چېكىنىش يولىدا كۈتىۋاتقان بۆكتۈرمىچىلەر تېخىمۇ ھالسىزلاندۇردى. تۆمۈر ئىلى بۇ ئۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈەنجاڭلىقتىن لۈيجاڭلىققا كۆتۈرۈلدى.
قوشۇندىكى بۇ خىل چىدامسىزلىقنى كۆرگەن قوماندان لى دۇڭرۇڭ ئەسەبىيلەشتى- دە، ئەسكەرلىرىنى چېكىنىشتىن توسۇل قالالمىغاننىڭ ئۈستىگە، «خىزمەت كۆرسىتەلمىگەن» دېگەن ئاتاقنى ئېلىشنى نۇمۇس بىلىپ تاپانچىسى بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋالدى.
مانا بۇ چېكىنىش ۋە مەغلۇبىيەت تۇمشۇق ئۇرۇشىغا خاتىمە بەردى. سى زىخۇي قالدى قاتتى ئەسكەرلىرىنى توپلاپ چارباغدا پىدائىيلارنىڭ ئالدىنى توستى، لېكىن روھىي چۈشكەن بۇ قوشۇن چىداشلىق بېرەلمەي، مارالبېشىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. دەل موشۇ كۈنلەردە مارالبېشىلىق تۇردى ھاجى دېگەن كىشى ئادەم توپلاپ مارالبېشى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، سى زىخۇي مارالبېشىدا ئۇزۇن تۇرالماي قەشقەرگە قاراپ چېكىندى. ئۇ ئۆزى بۇ شەرمەندىلىك بىلەن قەشقەرگە قايتىشتىن ئۇيالغان چېغى، ئاساسىي قوشۇنىنى چوڭ يول بىلەن قەشقەرگە يولغا سېلىۋەتتى. ئۆزى توپچى قىسمنى ئېلىپ سېىقبۇيا تەرەپ بىلەن يەكەنگە بېرىپ، يەكەن يېڭى شەھىرىگە قامىلىپ قالغان سۇڭ تۈەنجاڭ بىلەن بىرلىشىپ قارشى تەرەپنى يوقاتماقچى، قەشقەرگە كېلىپ مۇداپىئە قورغانى قۇرماقچى بولدى.
ئۇ مارالبېشىدىن چىقىپ شامال دېگەن يەردە قوندى. ئەتراپتىكى خەلقنىڭ قويلىرىنى تۇتتۇرۇپ، ئاشپەزلىرىنى تاماققا بۇيرىدى. ئەسكەرلەر چېدىر قۇرۇپ ئارام ئېلىشتى. سى زىخۇينى بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلىۋالدى. پەقەت ئارام ئالالماي، ئېتىنى توقۇتۇپ ئىككى مۇھاپىزەتچىسى بىلەن تەرجىماننى ئېلىپ ئەتراپنى چارلاشقا چىقىپ كەتتى. ئۇ ئەتراپنى چارلاۋېتىپ بىر يەرگە كەلگەندە قۇلىقىغا غەيرى ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاۋازى ئىدى. زىخۇي تەرجىمانغا تىكىلدى. تەرجىمان بىر ئاز قۇلاق سالغاندىن كېيىن، «زىخۇي جاناپلىرى، بۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاۋازى، نۇرغۇن ئادەم بىر يەرگە توپلانغاندەك تۇرىدۇ. ھەمىسى توس! توس! توس! دەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا دۈشمەن ئالدىمىزدىن توسۇپ چىققان ئوخشايدۇ» دېدى. زىخۇينىڭ كەيپى ئۇچتى. تېزدىن قايتىپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ھېچنەرسىگە قارىماستىن يان يول بىلە سېرىقبۇيا تەرەپكە قاراپ كەتتى.
ئەسلىدە بۇ ئاۋاز توغراقلىق ئارىسىغا جۇغلاشقان بىر توپ بەڭگىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئۇلار گۈلخان يېقىپ نېشە چەككەچ دوست تارتىشۋاتقانىدى. ئۇلار توۋلىغان بۇ «دوست» زىخۇيغا «توس» دەپ ئاڭلانغانىدى.
روھى چۈشكەن سى چۇخەن ئالدىراپ- سالدىراپ ئاقساقمارالدىن ئۆتۈپ، زەي دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇنىڭ توپلىرى پاتقاققا پېتىپ قالدى، ئاتلار ئېغىر توپنى سۆرىيەلمىدى. ئۇلار تاڭ ئاتقاندا توپلىرىنى تارتىپ چىقىرىشقان بولسىمۇ، مەكىت تەرەپتىن كەلگەن يولۇچىلاردىن مەكىتتىمۇ قوزغىلاڭ بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مېڭىشتىن توختىدى. سى چۇخەننىڭ بېشى قاتتى. ئىككى ئارىدا سولىنىپ قالغانلىقى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئەلەم بولدى. ئىلاجىسىزلىقتىن ئەسكەرلىرىنى مۇۋاپىق بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزلىرىنى قوغداشقا كىرىشتى.
كۈنلەر ئۆتتى، ھەپتىلەر كەچتى. ياز كۈنلىرىدە پاشىنىڭ تولىلىقىدىن بىر سائەتمۇ چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان بۇ جاڭگالدا ئاچ-توق كۈن ئۆتكۈزگەن سى زىخۇي ئاخىرى بۇ روھىي قاماقتىن قۇتۇلۇش كۈنىگىمۇ ئۇلاشتى. قەشقەردىكى دوتەي ماشاۋۋۇنىڭ مارالبېشىدىكى خۇيزۇلار بىلەن سۈلھى قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ۋەكىلى ئابدۇللاخان ئىككى ئارىدا تىل بىرىكتۈردى. ماجەنساڭ ئادەم ئەۋەتىپ بۇ جايدىكى قىسىمنى تۇڭگانچە كىيندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەسكىرى قىلىپ ئوغىرلىقچە قەشقەرگە ئېلىپ كەتتى، قوراللىرىنى ئۆزى يىغىۋالدى. بۇ ئىش ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار ئارىسىدا مەلۇم ئاداۋەت ۋە بۇرۇلۇش پەيدا قىلغانىدى.

تەھرىرلىگۈچى: ئەخمەت روزى توغرۇل