«ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم-مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشلار

غاپپار روزى

«ئەتەبەتۇلھەقايىق» (“ھەقىقەت ئىشىكى”) قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن يىتۇك شائىر ۋە فازىل ئالىم ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك مەشھۇر داستانى .

داستان مەزمۇن جەھەتتىن ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ، تۈزۈلۈش جەھەتتىن شېئىرىي ، خاراكتېر جەھەتتىن دىداكتىك ، ئۇسلۇب جەھەتتىن شەرق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇبىنى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايان قىلغۇچى “قۇتادغۇبىلىك”نىڭ مەزمۇن ۋە ئۇسلۇبىنى ئۈلگە قىلىپ ، ساپ قەشقەر (خاقانىي) تىلىدا ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقەرىب بەھرىدە يزېىلغان 14 بابلىق 2 ، 484 مىسرالىق 3 ، قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقا دەۋرىدىكى كۈنسېرى گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر – ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان تارىخىي ئەھمىيەتلىك داستان .

داستاننىڭ ھازىر ئىستانبولنىڭ ئاياسۇفىيە كۈتۈپخانىسى بىلەن توپقاپى ساراي كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسقىسى : قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىدا قۇرمۇ قۇر پاراللېل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسقىسى : نوقۇل ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسقىسى بار 4 .

ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ئۆز داستانىنى “تۈركىي كىتاب” 5 دەپ ئاتىغانىدى . ئەسەر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن ، داستاننىڭ نۇسقىلىرىغا بېرىلگەن نامىغا ئاساسەن “ھىبەتۇلھەقايىق” (“ھەقىقەتلەر سوۋغىسى”) دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن ، ئەمما كېيىن ئەسەرنىڭ نۇسقىسى نۇسقىلىرىغا قارىغاندا كونىراق ھەم مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن «ئەتەبەتۇلھەقايىق» دەپ ئاتاش داستان مەزمۇنىغا ھەم باب ھەم ئۇيغۇن كەلگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نام ئىلگىرىكى كونا ناملىرىغا قارىغاندا بىرقەدەر ئىلمىي ، كونكرېت ، جەلبكارلىقى كۈچلۈك بولغان . شۇڭا ئەسەر ھازىر ئىلىم دۇنياسىدا مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىنمەكتە .

داستان شەرق ئەدەبىياتىنىڭ كىتاب يېزىش ۋە ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتىغا خاس ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئالدىنقى تۆت بابى – كىرىش قىسمى (ياكى ھەمدۇ – سانا قىسمى)نى ، كېيىنكى 10 بابى ئاساسىي مەزمۇن قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ .

داستاننىڭ ئومۇمىي خاھىشى ۋە تېماتىك مەزمۇنىدىن قارىغاندا ، داستان مەزمۇن ۋە خاراكتېر جەھەتتە پەلسەپىۋى ھەم دېداكتىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ، شۇڭا ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى مەزمۇن ئابستراكت ئەخلاقىي ئۇقۇم دائىرىسىدە گەۋدىلەنگەن . ئوبيېكت كۆپرەك مېرىكىلىق يول بىلەن سۈرەتلەنگەن . مۇئەللىپنىڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئەخلاقىي ، پەلسەپىۋى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن بولغان تۇتاش كەتكەن ۋەقە لېنىيىسى ، ئۆتكۈر توقۇنۇش ، كونكرېت سالاھىيەتلىك شەخس ئوبرازى يارىتىش قاتارلىق بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ۋە شەكلى ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى داستاندا ئاساسلىق سۈرەتلەنمەكچى بولغان تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە 10 چوڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلىنى دەۋر قىلغان ھالدا ئىپادىلەنگەن . ماكرو جەھەتتە دېداكتىزم شەكلىنى ، كونكرېت ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوخشىتىش ، سىموۋۇللاشتۇرۇش ، سېلىشتۇرۇش ، مۇبالىغە ، كىنايە . . . قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسىم ۋە پېئىلگە ئائىت مەجاز ۋاسىتىلەر قوللىنىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ، پەلسەپىۋى ۋە ئىستېتىك قاراشلىرىنى خۇددى ئە . ي . بىرتىلىس بۇ داستان ئۈستىدە توختىلىپ : “ئەرەب – پارس شېئىرىيىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان شەكىللەر داستاندا كەمدىن – كەم ئۇچرايدۇ . بۇ شەكىللەرمۇ سخۇلاستىكا (مەدىرىسە پەلسەپىسى ) دىن ئېلىنغان بولسا كېرەك .” 6 دېگىنىدەك ،ئىپادىلەشتە فولكلور ، تەجىنىس ، تۇيۇق قاتارلىق شېئىرىي شەكىللەردىنمۇ ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان .

ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى داستانىدا يورۇتماقچى بولغان ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن ئېستېتىك چۈشەنچىلىرىنى نوقۇل ئەخلاق كاتېگورىيىسىدىكى مەسىلىلەر قاتارىغا قويمايدۇ ھەم ئۇنى قۇرۇقتىن قۇرۇق سۈپەتلىمەيدۇ ، بەلكى رېئال ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەر تىپىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ، خېلىلا دېموكراتىك بولغان پىكىر ۋە قاراشلىرىنى داستاندا سىنتىز ھېسابلانغان ئىلىم – مەرىپەت پەزىلەت ساھىبى بولۇشتەك يېتەكچى مەزمۇنغا باغلاپ ھەم داستاننىڭ باشتىن – ئاخىر مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ ، ئىلىم – مەرىپەت ساھىبى بولۇشنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئىخچام شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ . كىشىلەرنى ئىلىم – بىلىم ئىگىلەپ مەرىپەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي ئەخلاق نورمىلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ ، مەردلىك ، ئادىللىق ، كەمتەرلىك ، كەڭ قورساقلىققا ئوخشاش ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى قىزغىن مەدھىيلەپ ، بۇنىڭغا زىت ھالدا جاھىللىق ، نادانلىق ، خەسىسلىك ، ھەسەتخورلۇق ، يالغانچىلىق ، كاززاپلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنى ئۆتكۈر يومۇرىستىك تىل بىلەن قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە مەسخىرە قىلىدۇ . قىسقىسى ، داستاندا شائىرنىڭ ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرى ۋە تەسىرلىك مۇلاھىزىلىرى “قۇتادغۇبىلىك” داستانىدىكىدەك بەدىئىي ئوبراز ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنچىلىك دەرىجىدە ئىپادىلەنمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما “بىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت” چۈشەنچىسى لېرىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، ئابستراكت ئەخلاقىي ئۇقۇم دائىرىسىدە ئىپادىلەنگەن ، بۇ خۇددى قىزىل يىپتەك داستاننىڭ باش – ئاخىرىغا قەدەر تارتىلغان . بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت قارشى ۋە تەرەققىپەرۋەرلىك سىمۋولىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن روشەن گەۋدىلىنىپ ، پۈتكۈل داستاننى جەۋاھىراتتەك جۇلالاندۇرغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلىك ئەخلاقىي پەزىلەت نورمىلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان مال – دۇنيا ئۈچۈن ھەممە پەسكەشلىك ۋە رەزىللىكلەرنى قىلىشتىن يانمايدىغان ناچار خاھىش ، ئىللەتلەرنى تەنقىدلىگەن .

داستاندا ئىپادىلەنگەن يۇقىرقىدەك رېئال ھەم تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەپەككۇر ، تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ مۇۋاپىق ، مەنتىقىسى كۈچلۈك ، پىكىرلىرىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن بايان قىلىنىپ ، داستاننى تولىمۇ يۇقىرى ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قىلغاندۇر .

شائىر ، ئەدىب ئەھمەد داستاندا نۇقتىلىق قىلىپ “ئىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت” چۈشەنچىسىنى ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك قىممەتكە كۆتىرىپ ئىپادىلىگەن بولسىمۇ ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەرىپەتلىك بولۇش ، ئىلىم – بىلىم ئۆگىنىشتەك “ئىلىم – مەرىپەت” توغرىسىدىكى تەرەققىپەرۋەر ئىلغار قارىشى ئىلمىي مۇلاھىزە ، مەنتىقە شەكىللىرىنىڭ مۇۋاپىق ۋە كۈچلۈكلىكى بىلەن تەسىرلىك مىسرالاردا يارقىن ئىپادىلەنگەن . مانا بۇ شائىرنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىلغار قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ھەم داستاننىڭ تېماتىك مەزمۇنىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغۇچى تېما ھېسابلىنىدۇ .

شۇڭا مەن ماقالەمدە ، بۇ خاس تېما ئۈستىدە سنكىرتىك (ئارىلاشما) نۇقتىسىدىن ئەمەس ، بەلكى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغان ھەم ئىزدەنگەنلىرىم ئاساسىدا ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، پۈتۈن داستان مەزمۇنى ۋە خاس تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلىم ئىگىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى كۆزدە تۇتماقچىمەن .

بىزگە مەلۇمكى ، شەرق مەدەنىيەت تارىخى ، چۈملىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتى تارىخى سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ، قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھەم گىنئال ئەسەر «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ مۇئەللىپى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى خۇددى شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ئىنسىكىلوپىدىك ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلىرىمىزدىن ئەبۇ نەسىر فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىدەك چەكسىز ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە . شۇڭا شائىر ئۆز دەۋرىدىلا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالىم ، يازغۇچى ، شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىزىدىن مېڭىپ ، ھەم ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ بەدىئىي مېتود ، ئۇسلۇب ۋە ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ، ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل ئېستېتىك غايىسى ، قاراشلىرىنىڭ ئىچىدە روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ھەم كۈچلۈك تەسىرچانلىققا ئىگە مەزمۇن “ئىلىم – مەرىپەت” بولۇپ ، بۇ شائىرنىڭ ئىجتىمائىي ، ئەخلاقىي ، ئادالەت چۈشەنچىلىرىنىڭ ئاساسىي سۈپىتىدە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ ئالتىنچى بابىدا ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ ، بۇ خاس تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىدۇ . ئۇ بىلىم ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئىگىلەشنىڭ خاسىيىتى ، بىلىمسىزلىك ، نادانلىقنىڭ ئېغىر زىيىنىنى روشەن سېلىشتۇرۇپ ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ . شۇنداقلا “ئىلىم – مەرىپەتلىك ” بولۇشنى پەلسەپىۋىلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك ، مەزمۇنى چوڭقۇر شېئىرى تىل ئارقىلىق ئىخچام ئىپادىلەپ ، تەشەببۇس قىلماقچى بولغان ئىجتىمائىي ، ئەخلاقىي ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىنى “ئىلىم – مەرىپەت” سىمۋولىدا يۈكسەك دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ ھەم يۇقىرى باھالايدۇ .

شائىرنىڭ يۇقىرقىدەك قاراشلىرى مۇجەسسەملەنگەن تەرەققىپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى قاراخانىلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ، سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، تەھلىم قىلساق ، شۇ چاغدىكى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيىتى غەربىي لياۋ ، چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ئىستىلاچىلىق يۈرۈشلىرى تۈپەيلىدىن زىددىيەت – توقۇنۇشلار بىرقەدەر كەسكىنلەشكەن ، خانلىق زاۋاللىق گىردابىغابېرىپ قالغان ، تىل جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) ئەرەب – پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچراشقا باشلىغان ، “چاغاتاي تىلى” دەپ ئاتالغان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى شەكىللىنىشكە باشلىنىۋاتقان بىر چاغ ئىدى . شۇ ۋاقىتتا ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەم قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بولغان ئۇلۇغ ئالىم ،مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئىزىدىن مېڭىپ ، ئۇنىڭ تەرەققىپەرۋەر ، مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيىۋى تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ، خانلىقنىڭ ئىچكى – تاشقى بوھرانىنى يەڭگىللىتىش ، قىسقىسى ، خانلىقنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا (ئىمتىيازلىق تەبىقە ئىچىدە ) يۈز بەرگەن ھوقۇق ، مال – دۇنيا تالىشىشتىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش – جېدەل ، قىرغىنچىلىقلارغا ، ئىلىم – مەرىپەت ئورنىنى بىلىمسىزلىك ، نادانلىق ، قاراملىق ئىگىلىگەن رەزىل ھالەتكە خاتىمە بېرىپ ، خانلىقنى ئوڭشاش ، جەمئىيەتتە مۇقىملىق ، خەلققە ئاسايىشلىق تۇرغۇزۇش لازىملىقىنى ھۇشيارلىق بىلەن سەزگەنىدى . شۇڭا مەرىپەتپەرۋەر شائىر تۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە تەلىپى بويىچە ھۆكۈمرانلاردىن تارتىپ پۇقرالارغىچە ئىلىم ئۆگىنىش ، مەرىپەتلىك بولۇش ، پەزىلەت تىكلەش ،ئەقىل – ئىدراك بىلەن ئىش كۆرۈش دېگەن ئىدىيىسى بىلەن ئېستېتىك قارىشىنى خىتابەتلىك يوسۇندا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق شېئىرى مىسرالىرى ئارقىلىق بايان قىلدى . ئۇنىڭ بۇ خىل تەرەققىپەرۋەر ھەم مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيىسى ئەينى دەۋردىكى قاراخانىلار جەمئىيىتى ئۈچۈنلا ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئەتراپتىكى فېئودال خانلىقلاردىكى خەلقلەرنىڭمۇ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئۇلۇغ ئىستىكى ئىكەنلىكى تولۇق ئىپادىلەنگەن .

شۇنى تەكىتلەش مۇمكىنكى ، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ئىلىم – مەرىپەت تەشەببۇس قىلىنغان دىداكتىك داستانىنىڭ ئەينى دەۋردىلا ئاۋام خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشى ھەم زۆرۈر ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە قولدىن قولغا ئۆتۈپ كۆچۈرۈلۈشى ، كېيىنكى دەۋرلەردە مەسچىد – مەدرسلەرنىڭ بىلىم تەھسىل قىلىش ،ئەخلاق نورمىلىرىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ئوقۇشلۇقى قاتارىغا كىرىشى يۇقىرىقى نۇقتىنى جانلىق ئىسپاتلايدۇ .

شائىرنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرى ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى نامايان قىلىدۇ . مەسىلەن :7

ئەسلىسى : 41 . بىلىگدىن ئۇرۇرمەن سۆزۈمكە ئۇلا ،

بىلىگلىگكە يا دوست ئۆزەڭنى ئۇلا.

بىلىگ بىرلە بۇلنۇر سەئادەت يولى ،

بىلىگ بىل سەئادەت يولىنى بۇلا .

يەشمىسى : (سۆزۈمگە بىلىمدىن ئاساس سالىمەن ،

ئەي دوستۇم ، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى باغلا ،

سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ ،

بىلىم ئال ، سائادەت يولىنى ئاچ .)

ئەسلىسى : 42 . بەھالىغ دىنار ئول بىلىگلىگ كىشى ،

بۇ جاھىل بىلىگسىز باھاسىز بېشى

يەشمىسى : (بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر ،

بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز ياماقتۇر .)

ئەسلىسى : 43 .سۆڭۈككە يىلىگ تەگ ئەرەنكە بىلىگ ،

ئەرەن كۆركى ئەقىل ئول سۆڭۈكنىڭ يىلىگ .

بىلىگسىز يىلىكسىز سۆڭۈك تەگ ھالى ،

يىلىگسىز سۆڭۈككە سۇنۇلماز ئەلىگ .

يەشمىسى : (ئادەمدە بىلىم بولۇشى سۆڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ ،

ئادەمنىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا ، سۆڭەكنىڭ ئىلىكتۇر .

بىلىمسىز (كىشى) ئىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ ،

(ھالبۇكى) ئىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزارتمايدۇ .)

يۇقىرىقى مىسرالاردا شائىر ئەدىب ئەھمەد پاساھەتلىك خەلق تىلىدىن ، فولكلوردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى جانلىق ، چۈشىنىشلىك قىلىپ ، ئىلمىي يۈكسەكلىك دەرىجىسىگە كۆتىرىپ شەرھىيلىگەن . بىلىم – ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ بېشى ، سۆز – نۇتۇقنىڭ ئاساسى ، بىلىمسىزلىك نادانلىقتۇر ، بىلىمسىزلىك بىلەن قىلىنغان ھەرقانداق بىر ئىش ۋۇجۇدقا چىقماس ، بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك شۇنىڭدا بولۇر ، بىلىم بەخت – سائادەت يولىنى ئاچقۇچى تۈگىمەس بايلىق . ئادەمدە بىلىم بولغاندا ھەرقانداق قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ غەلىبىسېرى ئالغا قاراپ ماڭغىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم – بىلىمگە ئۆزىنى باغلاپ ، ئۆگىنىش ھەم ئۇنى تىرىشىپ ئىگىلەش لازىملىقى پەلسەپىۋى نۇقتىسىدىن تەسىرلىك چۈشەندۈرۈلگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز كىشىنى روشەن سېلىشتۇرۇپ ، ئوخشىتىش ئۇسۇلىدىن دەل جايىدا پايدىلىنىپ بىلىملىك كىشىنى خۇددى قىممەتلىك دىنارغا ، يىلىكلىك سۆڭەككە ، بىلىمسىز نادانلارنى قىممەتسىز ياماققا ، يىلىكسىز كاۋاك سۆڭەككە ئوخشىتىدۇ . بۇنى باشقىچە تەسۋىرلىسەك ، بىلىملىك كىشى نۇر چاقناپ تۇرغان گۈزەل لاتاپەتكە ، بىلىمسىز كىشى خۇنۇك ، كۆزى ئوچۇق كورغا ئوخشىتىلغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ . مانا بۇلار ، داستان مۇئەللىپنىڭ جەمئىيەت ، ئىنسان ، بىلىم ، پەزىلەت توغرىسىدىكى ئېستېتىك قارىشى بولۇپ ، شائىر قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان يالقۇنلۇق مەرىپەت ئىدىيىسىنىڭ شېئىرى تىلدىكى خىتابىدۇر .

شائىر ئەدىب ئەھمەد ئۆز دەۋرىدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ، مەۋجۇد بىلىملەردىن تولۇق خەۋىرى بار فازىل ئالىم ئىدى . شۇڭا ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئوبرازلىق تەپەككۇر ، بەدىئىي تەسەۋۋۇردىن ، خەلقنىڭ باي ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي ئۇتۇقلىرىدىن ، ئوخشىتىش ، سىمۋوللاشتۇرۇش ، سېلىشتۇرۇش ، كىنايە قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىلاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ھەم ئۈنۈملۈك قوللىنىپ ، شېئىرىي مىسرالىرىنى مەزمۇنلۇق ھەم تۇيغۇلۇق پەللىگە كۆتەرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن داستاندا بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزلىك تولىمۇ ئېنىق ۋە روشەن سېلىشتۇرۇلۇپ ، بىلىمسىزلىك مال – دۇنياسى ھەددى – ھېسابسىز ، كۈچى بەك زور بولسىمۇ ، ئۇ ھامان بىلىملىك ، پەزىلەتلىك كىشىلەردىن تولىمۇ تۆۋەن ، تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدىغانلىقى ، بىلىملىكلەر ھەر ۋاقىت يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئالىي ھۆرمەتكە ئېرىشىپ ئەتىۋارلىنىدىغانلىقى يارقىن گەۋدىلەنگەن . شۇنىڭدەك “بىلىمى چوڭ مىڭنى ، بىلىكى چوڭ بىرنى” يېڭەلەيدىغانلىقىدەك ئىلمىي ھەقىقەتنى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن .

شائىرنىڭ ئاممىبابلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك ، تىلى يەڭگىل بولغان تۆۋەندىكى مىسرالىرى بۇ نۇقتىنى جانلىق ئىسپاتلايدۇ . مەسىلەن : 8

ئەسلىسى : 44 . بىلىگ بىلدى ، بولدى ئەرەن بەلگۇلۇگ ،

بىلىگسىز تىرگلەيتۇك كۆرگۇلۇگ .

بىلىگلىگ ئەر ئۆلدى ، ئاتى ئۆلمەدى ،

بىلىگسىز تىرىگ ئەركەن ئاتى ئۆلوگ .

يەشمىسى : (ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ ،

بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ .

بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ ، نامى تىرىك بولىدۇ ،

بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ .)

ئەسلىسى : 45 . بىلىگلىگ بىرىگە بىلىگسىز مىڭىن ،

تەڭەگلى تەڭەدى بىلىگنىڭ تەڭىن .

باقا كۆرگىل ئەمدى ئۇقا سىنايۇ ،

نە نەڭ بار بىلىگ تەگ ئاسىغلىغ ئوڭىن .

يەشمىسى : (بىر بىلىملىك مىڭ بىلىمسىزگە تەڭ كېلەلەيدۇ ،

تەڭلەشتۈرگەندە بىلىمنىڭ سالمىقى ئايان بولىدۇ .

ئەمدى ئەقلىڭ بىلەن بايقاپ كۆرگىن ،

بىلىمدىن پايدىلىق يەنە قانداق نەرسە بار .)

ئەسلىسى : 46 . بىلىگ بىرلە ئالىم يوقار يوقلادى ،

بىلىگسىزلىك ئەرنى چۆكەردى قودى .

بىلىگ يىند ئۇسانما بىل ئول ھەق رەسۇل ،

بىلىگ چېنىجە ئەرسەسىز ئارقاڭ دەدى .

يەشمىسى : (ئالىملار بىلىم بىلەن يۇقىرى كۆتىرىلدى ،

بىلىمسىزلىك ئەرنى يەرگە چۆكۈردى .

بىلىمنى زېرىكمەي ئىزدە ، شۇنى بىلگىنكى ،

ھەق رەسول : “بىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ ئىزدەڭلار” دېگەن .)

ئەسلىسى :47 . بىلىگلىگ بىلىگنى ئەدەرگەن بولۇر ،

بىلىگ تاتغىن ئاي دوست بىلىگلىگ بىلۇر .

بىلىگ بىلدۇرۇر بىل بىلىگ قەدرىنى ،

بىلىگنى بىلىگسىز ئوتۇن نە قىلۇر .

يەشمىسى : (بىلىمنى دائىم بىلىملىكلەر ئىزدەيدۇ ،

بىلىم تەمىنى ئەي دوست ، بىلىملىك بىلىدۇ .

بىلىڭكى ، بىلىم قەدرىنى بىلىم بىلدۈرىدۇ ،

بىلىمسىز ئەخمەق بىلىمنى نېمە قىلىدۇ ؟ )

شائىرنىڭ يۇقىرىدىكى مىسرالىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلساق كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىش ، بەخت – سائادەتلىك يولنى ئېچىش ئۈچۈن بىلىملىك ، پەزىلەتلىك بولۇپ ، نادانلىقتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەپ ، ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ ، ھەمدە ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى (زىننىتى) كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تاشقى قىياپىتى ياكى مال – دۇنياسىدىن ئەمەس ، بەلكى پىسخولوگىيىلىك ماھىيىتىدە شەكىللەنگەن ئەقىل – پاراسەت ، ئىلىم – بىلىم ۋە پەزىلەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق پەلسەپىۋى پىكرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن . ئۇنىڭچە ، بىلىم پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەنىۋىيىتىگە ئورتاق نەرسە ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ماھىيىتى ، روھىي ئازادلىقىنىڭ مەنبىئى ، ئۇنى پۈتكۈل جەمئىيەت كىشىلىرى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئىلىم – مەرىپەتلىك بولسا ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە سۈپىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ، دەپ قارىغان . بۇنى شائىر شەرھىيلىگەندە ، ئالىملار ، بىلىملىكلەر ئىلىم – ئېرپان بىلەن جەمئىيەتتە تونۇلىدۇ ، يۇقىرى ئابروي ، ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ ، شۇڭا بىلىمنى ئەقىل – ئىدراك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەرگىز زېرىكمەي ئۆگىنىش ، بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرىش ، بىلىم مەيلى قانداق جايدا (قايسى ئەلدە) بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ يەرگە بېرىپ ، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي ئۆگىنىش ، بىلىم ئىگىلەش لازىم دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە بىلىم قەدرىنى ۋە بىلىملىكلەرنى پەقەت بىلىم ئەھلىلىرىلا بىلىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ . بىلىمسىز ئەخمەقلەر بۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، دەپ كىنايە قىلىش ئارقىلىق بىلىمسىزلىكنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە شەخسىنى ۋە ئاۋام خەلقنى نادانلاشتۇرىدىغان ، يورۇق دۇنيانى زۇلىمەتكە ئايلاندۇرىدىغان قاباھەتلىك ماھىيىتى بىلەن زىيىنىنى سېلىشتۇرۇپ ، بىلىمسىزلىك ، نادانلىقنى دەل جايىدا كېلىشتۈرۈپ مەسخىرە قىلىدۇ .

شائىر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىمسىز نادانلىقنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ۋە مەنىۋىيىتىگە كەلتۈرىدىغان ئېغىر زىيىنى ۋە ئاقىۋىتىنى ئۇنچىلىك ئىلمىي دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئوچۇق سۈرەتلىمىگەن بولسىمۇ ، دېداكتىزملىق بەدىئىي مېتود ئارقىلىق ، تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە مىسرالاردا ئۆزىگە خاس شەكىل ، راۋان تىل ۋاسىتىسى بىلەن بىلىمسىزلىكنىڭ ماھىيەتلىك زىيىنىنى يارقىن ئېچىپ كۆرسىتىپ بەرگەن . مەسىلەن : 9

ئەسلىسى : 48 . بىلىگسىزگە ھەق سۆز تاتىقسىز ئەرۇر ،

ئاڭار پەند نەسىھەت ئاسىغىسىز ئەرۇر .

نە تۇرلۇگ ئارىغسىز ئەرىر يۇماقىن ،

جاھىل يۇپ ئارىمىز ئارىغىسىز ئەرۇر .

يەشمىسى : (بىلىمسىزگە ھەق سۆز تەمسىز بىلىنىدۇ ،

ئۇنىڭغا پەند – نەسىھەت پايدىسىز تۇيۇلىدۇ .

ھەرقانداق كىرنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ ،

(لېكىن) نادانلىق يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدىغان كىردۇر .)

ئەسلىسى : 49 . بىلىگلىگ كىشى كۆر بىلۇر ئىش ئودىن ،

بىلىپ ئىتەر ئىشنى ئۆكۇنمەز كىدىن .

قامۇغ تۇرلۇگ ئىشتە بىلىگسىز ئوڭى ،

ئۆكۈنچ ئول ئاڭار يوق ئوڭ ئاندا ئادىن .

يەشمىسى : (قارا ، بىلىملىك كىشى ئىشنىڭ پەيتىنى بىلىدۇ ،

ئۇ ئىشنى بىلىپ قىلىدۇ ، كېيىن ئۆكۈنمەيدۇ .

بىلىمسىز ھەممە ئىشتا ئۆكۈنىدۇ ،

ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا قىسمەت يوق . )

ئەسلىسى : 52 . بىلىگلىگ سۆزى پەند نەسىھەت ئەدەب ،

بىلىگلىگنى ئۆگدى ئەجەم ھەم ئەرب .

تاۋارسىزقا بىلىگى تۇكەنمەز تاۋار ،

نەسەبىسىزقا بىلگى يىرىلمەز نەسەب .

يەشمىسى : (بىلىملىكنىڭ سۆزى پەند – نەسىھەت ۋە ئەدەبتۇر ،

بىلىملىكنى ئەجەممۇ ، ئەرەبمۇ ماختىدى .

مۈلۈكسىزگە بىلىم تۈگىمەس مۈلۈك ،

نەسەپسىزگە بىلىم ئۈزۈلمەس نەسەپ .)

ئەھمەد يۈكنەكى بۇ مىسرالىرىدا ھەق سۆزنىڭ (ھەقىقەتنىڭ ) بىلىمسىزلەرگە نىسبەتەن تېتىقسىز ، تەمسىز ، ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق ، قۇرۇق نەرسە بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقى ھەم ئانداقلارغا مەرىپەت ۋە ھەقىقەت توغرىسىدىكى پەند – نەسىھەتلەرنىڭ قىلچە كار قىلمايدىغانلىقىنى كىنايە قىلىش بىلەن ئېچىپ بېرىدۇ . يەنە مەنىۋىيەتتىكى بىلىمسىزلىك ، نادانلىق كىرىنى يۇيۇپ تازىلاش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق روشەن كۆرسىتىپ ، كىشىلەرنى بىلىمسىز ، نادان بولماسلىق ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرىدۇ . ئارقىدىنلا تەسىرلىك مىسرالىرىدا بىلىملىكلەر ھەرقانداق ئىشنى ئالدىن پەملەپ ، ئەقىل – ئىدراك بىلەن ئىدىتىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغانلىقى ھەمدە قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، بىلىمسىز ، نادان كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق بىر جايدا قىلغان بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى چىقمايدىغانلىقىنى جانلىق سېلىشتۇرۇپ ، بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزلىكنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى ئىخچام پىكىرلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىدۇ .

مۇئەللىپ خۇددى يۇقىرىدا مىساللاردا كۆرسەتكەندەك ، خاتىمە ئورنىغا بېرىلگەن “ئىلىم – مەرىپەت” ھەققىدىكى شېئىرى ھېكمەتلىرىدە بىلىملىكلەرنى ھەرقانداق ئادەم ۋە ھەرقانداق ئەل خەلقى ماختاپ مەدھىيلەيدىغانلىقى ھەم يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ئەتىۋارلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىلىمنىڭ مۈلۈكسىزلەرگە تۈگىمەس مۈلۈك ،نەسەبىسىزلەرگە ئۈزۈلمەس نەسەب ئىكەنلىكىنى شېئىرىي تىل بىلەن خىتاب قىلىدۇ . بىلىمنىڭ ئېسىل خاسىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ .

ئومۇمەن ، شائىر ئەھمەد يۈكنەكى بىلىم ، مەرىپەت ، پەزىلەتلىك بولۇشنى ئۆزىنىڭ ئېستېتىك غايىسىگە سىڭدۈرۈپ ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلىچىكى ، ئىستىقبالى ، بەخت – سائادىتىگە باغلاپ تەپەككۇر قىلىدۇ . بىلىمنى يول كۆرسەتكۈچ ماياك ، قۇدرەتلىك كۈچ دەيدىغان تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەم ئۇنى قىزغىن مەدھىيلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە بىلىمسىزلىك ، نادانلىقنىڭ مىللەتكە ئاپەت ، ۋەتەن ، خەلققە كۈلپەت ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى رېئال ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىش ، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئالدىن مۆلچەرلىيەلىگەنلىكىنى ، شۇنداقلا بىلىمسىزلىك ، نادانلىققا قارىتا قاتتىق نەپرەتلىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ .

“ئىلىم – مەرىپەت”لىك بولۇش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى ماھىيەتلىك ھادىسە ، ئىنسان ئەقلىنىڭ مېۋىسى ، مەنىۋى ھاياتنىڭ ئوزۇقى . ئىلىم – بىلىم بولغاندا ئىلىم – پەن ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ دەيدىغان قاراشلار خېلى بۇرۇنلا دۇنياۋى تېما سۈپىتىدە ھەرقايسى ئەل مەدەنىيەت ، تارىخ سەھىپىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى . بۇ خىل ئىلىم – مەرىپەت ئىدىيىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئالغاندىمۇ مەيلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ، مەيلى قاراخانىلار خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن مۇنەۋۋەر فولكلور ۋە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى 10 بولسۇن ، بۇلاردا ئىلىم – مەرىپەت ئىدىيىلىرى ئەنئەنە سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ ، ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئەدىب ئەھمەدنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ، رابغوزىنىڭ “قىسسەئى رابغوزى”سىغا ۋە ئەتايى ، سەككاكى ، لۇتفى ، نەۋائى ، نىزارى ،نازىمى قاتارلىق ئەدىب ۋە شائىر ، يازغۇچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىمۇ ئەنە شۇ نۇقتىنى يەكۈنلەيدۇ .

خۇلاسە قىلغاندا ، ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلىم – پەن بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار ، ئىنسان كامالىتى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھەم دۇنيانى بىلگۈچى ۋە شەرھىيلىگۈچى ئىنسان سۈپىتىدە خۇددى شەرق مەدەنىيىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئىلىم – بىلىمنى قورال قىلىپ بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئالىم فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىدەك ئۇلۇغ ئەدىب ، مۇتەپەككۇر ، ئۇلۇغ گۇمانىزمچى شائىر . ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ئەتەبەتۇلھەقايىق» خۇددى “قۇتادغۇبىلىك” ، “تۈركىي تىللار دىۋانى”غا ئوخشاش ئېلىمىز جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تارىخىدا تىكلەنگەن يەنە بىر ئابىدە ھېسابلىنىدۇ .

«ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ مۇلاھىزىسىگە نەزەر تاشلىساق : ئۇ ھەرگىزمۇ نوقۇل دىنىي ئەقىدىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان دېداكتىك خاراكتېرىدىكى ئەسەر بولماستىن ، بەلكى دۇنياۋى ھاياتنى تەرتىپكە سېلىشتىكى پەلسەپىۋى قاراشلارنى بايان قىلىش بىلەن ئوي – پىكىرلەرنى ئابستراكت تۈزەش جەھەتتە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇب ۋە يۇقىرى قىممەت ياراتقان داستان . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مەزمۇنى جەھەتتىن ئۆزىگە كەڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېماتىك مەزمۇن قىلغان “قۇتادغۇبىلىك” داستانىدىن كەسكىن تەرىزدە ئاجرىلىپ تۇرىدۇ . مىسالى : “قۇتادغۇبىلىك”تە ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلەر كۆپىنچە خىسلەتلىك شەخسلەر ئارقىلىق ئەمەلىي تۇرمۇش ، مەئىشەت مەسىلىلىرى ھەققىدە بايان قىلىنسا ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»دا ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت ئۈستىدە سىمۋوللۇق پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ ، تۇرمۇشنىڭ مەنىۋى ئەخلاقىي تەرەپلىرى بولۇپمۇ “بىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت” چۈشەنچىسى ماھىيەتلىك مەسىلىلەر قاتارىدا يۈكسەك بالداققا كۆتىرىلىپ بايان قىلىنىدۇ .

داستان ئەرەب ، پارس تىللىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە “چاغاتاي تىلى” دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىي تىلى شەكىللىنىۋاتقان دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ئىستىلالىرى ۋە شۇ دەۋرلەردە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان سوپىزم ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمەيدۇ . ئەمما “قۇتادغۇبىلىك” داستانىغا قارىغاندا خېلى دېموكراتىك پىكىرلەرنى يازغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ .

داستاننى چوڭقۇرلاپ ، تەتقىق قىلىپ كۆرگىنىمىزدە ، ئۇ 11-ئەسىردە پەرغانە ۋادىسىدا ئورتاق ئەدەبىي تىللىق رولىنى ئۆتىگەن مۇھىم ھۆججەت بولۇپلا قالماي ، بەلكى “قۇتادغۇبىلىك” تىلى بىلەن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن “چاغاتاي تىلى”نى ئۆزئارا باغلاشتا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان مەشھۇر داستان .

داستاننىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى كۈچلۈك تەسىرچانلىقىدا كۆرىلىدۇ ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ “نەسەئىمۇل مۇھەببەت” (“مۇھەببەت شاماللىرى”) دېگەن ئەسىرىدە ئەدىبنى ئوتتۇرا ئاسىيا شەيخلىرى قاتارىدا ساناپ ئۆتۈپ ، ئۇ توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىشتىن سىرت ، سۇلتان ھۆسەيىن بايقارانىڭ ئوغلى بەددىئۇز زامانغا يازغان خەتلىرىدە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدىن بىرنەچچە مىسرالارنى مىسال كەلتۈرۈپ يازغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ . شۇنىڭدەك ، “سەددى ئىسكەندەر” داستانىدىكى بىر نەچچە مىسرا ئۇنىڭدىن ئېلىنغان قاپىيىنى ئەينەن قوللىنىدۇ . 11 بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن ئەلشىر نەۋائى قاتارلىق شائىر ، يازغۇچىلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنى مۇلاھىزىسىز ئىسپاتلايدۇ ، خالاس .

قىسقىسى ، داستان پۈتكۈل تۈركىي تىللىق خەلقلەرئەدەبىياتى تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ ، تىل ، ئەدەبىيات ، تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال بولالايدۇ . ئېلىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ئېسىل مەدەنىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇنىڭ كونكرېت تېماتىك مەزمۇنلىرىدا تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن ئىلىم – پەن ئىگىلەش ، تىل گۈزەللىكى ، ئەخلاقىي پەزىلەت ، مەردلىك ، ئادىللىق ، سېخىيلىق توغرىسىدىكى دۇنياۋى تېمىلار كىشىلەر قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك مەھلىيا قىلىپ ، ئەسىردىن بۇيان شەرق خەلقلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تېمىلىرىغا ئايلانغانىدى . داستاندىكى ئىلىم – بىلىم ئىگىلەش ، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىش ، مەرىپەتلىك بولۇش ، بىلىمنىڭ پايدىسى ، بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى ئىخچام ، ئوبرازلىق شېئىرىي مىسرالار شائىر قەلىمى ئاستىدا يېزىلغان جاراڭلىق خىتاب بولۇپ ، ئۇ ئەينى دەۋر مەنىۋىيىتىنى گۈللۈندۈرۈشتە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولدى . شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زاماندىمۇ پەن – مەدەنىيەت ، مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۈرتكە ۋە چوڭقۇر ئىلمىي تەربىيىۋى ئاساسقا ئىگىدۇر .

ئاخىرىدا ، شائىر ئەدىب ئەھمەدنىڭ “ئىلىم – مەرىپەت” توغرىسىدىكى جاراڭلىق خىتابىغا ئاساسەن شۇنى خىتابەت قىلىپ ئۆتىمەنكى ، “ئىنسان – تەپەككۇر قۇياشى ۋە ھېسسىيات سەييارلىرى تۈپەيلى ، ئۆز روھىيىتى ۋە ئۆز ھاياتىنى كامالەتكە يۈزلەندۈرەلەيدىغان مۇجەسسەم ئىقتىدارلىق ئىجتىمائىي ھايۋان .” 12 يەنە خۇددى ئېنگېلس ئېيتقاندەك : “تەبىئەت پەقەت ئىنسان ئارقىلىقلا ئۆزىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولالىغان .” 13 شۇڭا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقىدەك يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان باسقۇچقا كېلەلىشى ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئاڭلىق ، مەقسەتلىك ، پىلانلىق ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى . بۈگۈنكىدەك ئىلىم – پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئىجادىي مېھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر . بۇنىڭ تۈپ يىلتىزى بىلىم . بىلىم بولمىسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ، ھېچقانداق بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئەلۋەك شارائىتنىڭ قەدىرىگە يېتىپ ، خۇددى شائىر ئەدىب ئەھمەي يۈكنەككە ئوخشاش بىلىمنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئۇنىڭ قەدىرىگە يېتىپ ، ھەم ئۇنىڭ رېئال ھاياتىي كۈچى ۋە ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىپ ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا زور بەخت يارىتىش ئۈچۈن ياشلىقىمىزدىن باشلاپلا ئىلىم – بىلىمنى زېرىكمەي – تېرىكمەي ئۆگىنىشىمىز لازىم . شۇنداقلا شائىرنىڭ ئۆز داستانى «ئەتەبەتۇلھەقايىق»تا ئىپادىلەنگەن ئىلىم – مەرىپەتلىك بولۇش ، پەزىلەتلىك بولۇش ئىدىيىسى بىلەن گۈزەل غايىسىگە ھەقلىق يوسۇندا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ھەم بۇ خىل ئوپتىمىستىك روھقا تولغان تەرەققىپەرۋەر گۇمانىزملىق ئىدىيىسى بىلەن ئېستېتىك قاراشلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز لازىم .

___________________________________________________________
ئىزاھاتلار :

1. “جۇڭگو ئىسلام قامۇسى” 1994 – يىل ، چىڭدۇ نەشرى ، 738 – بەتتە ئەھمەد يۈكنەكىنى مىلادى ؟1100 – ؟1180 – يىللاردا ياشىغان دەپ كۆرسەتكەن . غ . ئوسمان “ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى” 1996 – يىل 1 – كىتاب ، 282 – بەتتە بۇ يىلنامىنى قوللانغان . يۈكنەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر جاينىڭ نامى . ھازىر بۇ يەر قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس . ئاپتور بۇ جاي نامىنى ئۆزىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قىلغان .
2. پروفېسسور ئە . ي . بىرتىلىس : “ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ (ھىبەتۇلھەقايىق) داستانى” ( نۇسقا) ناملىق ماقالىسىدا ، بۇ داستان 235 بېيت ، 11 بابقا بۆلىنىدۇ دەپ كۆرسەتكەن . (“بۇلاق” ژۇرنىلى ، 1981 – يىل 3 – سان ، 261 – بەتكە قارالسۇن) .
3.داستان 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئۇنىڭغا كېيىن ئەمىر سەيغەددىن ، بۈيۈك ئەمىر ئارسلان خوجا ئارسلان خوجا تارقان قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە شېئىرنى قوشقاندا ، ھەممىسى بولۇپ 512 مىسرا بولغان .
4. نۇسقا 1444 – يىلى زەينۇل ئابىدىن ، سۇلتان بەخت ، ھۇسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن . نۇسقا 1480 – يىلى ئابدۇلرازاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن . نۇسقا ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن ، ئەمما كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرگۈچىسى ئېنىق ئەمەس .
5.«ئەتەبەتۇلھەقايىق» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 62 – بەت ، 139 – بېتىگە قارالسۇن .
6.”بۇلاق” مەجمۇئەسى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981 – يىل ، 3 – سان ، 278 – بەتكە قارالسۇن .
7.«ئەتەبەتۇلھەقايىق» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 18 – 19 – 20 – بەتلەر .
8.«ئەتەبەتۇلھەقايىق» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 20 – 21 – بەتلەر .
9. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 22 – 23 – بەتلەر .
10.”ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى” ، 1995 – يىل ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 153 – 154 – بەتلەرگە ، “ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزسلىرى” ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1987 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 282 – بەتكە ، “قۇتادغۇبىلىك” ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1984 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 71 – ، 73 – ،105 – بەتلەرگە قارالسۇن .
11.غ . ئوسمان “ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى” 1996 – يىل ، 2 – كىتاب . 402 – بەتكە قارالسۇن .
12،13 . ئا . مۇھەممەتئىمىن “قاتلاملىق ئېستېتىكا ھەققىدە بايان” ، شىنجاڭ داشۆ نەشرىياتى ، 1994 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 1 – بەت .
مەنبە: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1988 ـ يىل 1 ـ سان.