توپاندىن تامچە

باتۇر روزى

«ئوغۇزغا لىپمۇلىپ كاسەم ، كېرەكمەس شەربىتى ئالەم ،
ئۆتەر بەندلىكتە مىڭ دەۋران ، بۇ ھۆرلۈك تاپمىغاي بەرھەم .
بېشىڭ ئەگدۈرسە ئاچ-زارلىق ، مالايسەنكى ئەمەس ئادەم ،
سېنىڭ بىر لەھزە ئەركىڭگە ،جىمى ئىنسانلىقىڭدۇر جەم…»

بۇ ، زەرەپشان دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى ۋادىلىرىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان تاغلىقلار تالاي ئەسىرلەردىن بېرى جڧاڭگالدىن جڧاڭگالغا تۇتاشقان ئوت يالقۇنىدەك ئۆيمۇ ئۆي كۆچۈپ يۈرىدىغان مەشرەپلەردە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ قانماي ئېيتىپ كىلىۋاتقان ناخشىدۇر: بۇ،ماددىي موھداجلىققا قۇل بولۇپ ئېتىقادىدىن ،ئېشقىي ‏-ھەۋەسلىردىن ۋە ۋۇجۇدىنى ئەركىنلىك چاقمىقى بىلەن جانلىنىپ چەكسىز قۇدرەتلىك ھاياتىنى كۈچكە تۇيۇنغان «يىپەك يولى » مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئەخمىقانە تۇس ئالغان «زامانىۋىي »كۆرەڭلىك ئىچىدە يوقىتىپ ،ئەجداتلېرىغا ئەۋلادلېرى ئوخشىمايلا قالغان ئۇيغۇرلىرىمىزغا بىرىلگەن سىگنالدۇر :شۇنداقلا بۇ ،بىر مەزگىللىك ھاقارەتلىك تارىخنى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە نۇمۇسىمىزنى يوقاتقان ھالدا بەخىرامان ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمىزدىن رەنجىپ ، ئەپسۇس – نادامەت ئىچىدە ۋۇجۇدى قاقشاتقۇچ تەشۋىشلەردىن شىددەت بىلەن لەرزە ئۇرغان ھالدا دۇنياغا كېلىدىغان ئەۋلادلىرىمىزنى تىرىلىشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئېھسان بىلەن غەرەزسىز ھالدا تارتۇقلاپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك سەنئەت بەخش يېڭىلىقتۇر . ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى ، بۇ ناخشىلارنى يىل بويى ھاشارغا ئىشلەپ بەللىرى مۈكچەيگەن ، ، قوللىرى تەڭگە -تەڭگە قاداقلار ، ئاپتاپتا كۆيگەن چىرايلېرىنى رىيازەت قورۇقلىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك قاپلاپ ۋاقىتسىز قېرىلىق يەتكەن دېھقانلىرىمىز ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇلار بۇ ناخشىلارنى ئېيتقاندا ، كەتمەننىڭ بىسىغا قوندۇرۇپ ، لاي سۇ چىلاپ يېگەن زاغرېنىڭ تامىقىدا سۈزۈلۈپ قالغان كىپەكلىرى دۇنيانىڭ ئازابلېرىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ چەككەن نەشىنىڭ پۇرېقى بىلەن قوشۇلۇپ ، خاماندىكى قىسماقتىن ھۈركىگەن قۇشقاچلاردەك ئېغىزلېرىدىن پۇررىدە توزۇپ چىقىدۇ. مەن ئەنە شۇ دېھقانلار ئارىسىدا ، تاڭ ئاتقۇچە داۋاملېشىدىغان مەشرەپلەردە بويۇن تومۇرلېرى كۈپتەك ئىششىپ كەتكۈچە ناخشا توۋلاپ ، قوللېرى قاپارغۇچە توختىمايدىغان داپەنلەر بىلەن بەستلىشىپ ئۇسسۇل ئويناپ چوڭ بولغان . مەشرەپلەردىن خۇددى پۈتكۈل ئالەمنىڭ روھىنى قەلبىمگە يىغىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتقاندەك ،سۇ بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئىلاھى گۈزەللىككە تويۇنغان غايىۋانە نۇر بىلەن يۇيۇنۇپ پاكلانغاندەك ،تەڭرىگە پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم بىلەن بېرىلىپ قىلغان ئىبادەتلەردە بەدىنىم ئېرىپ ،كۆكسىگە جاھاننىڭ جېنى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ مۇقەددەس زاتى ئالىيلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك بىرخىل ئازادىلىك ئىچىدە ئۆزۈمنى قۇشتەك يەڭگىل سىزىپ قايتىپ چىقاتتىم .ساغلام ۋە ئۆزىنى ئۇنتىغان ئىلاھىي مۇقەددەسلىك ئۈستىدە قۇرۇلغان ئەركىنلىك ئالىمىنى نامايىش قىلغۇچى شەرەپلەر پاكار -پاكار سوقما تاملار بىلەن ئورالغان چەللە باراڭ ئاستىدىكى توپا توزۇپ تۇرىدىغان ئاشۇ كىچىككىنە ماكاندا تۈرۈلۈپ -تۈرۈلۈپ لەڭ ئۇرۈپ قاينام ھاسىل قىلىۋاتقان گۈلدۈرمىگىلا ئوخشايتتى .مەن ئەنە شۇ گۈلدۈرمىدە بەخىرامان ئويناپ يۈرگەن بېلىجان ئىدىم .

چىمدۇ كەنتى كاچۇڭ يېزىسىدىن ئاران كۆز يەتكۈدەك كەڭلىكتە يېيىلىپ ئاقىدىغان زەرەپشان دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ ، دەريا ئېقىنى قاپ بەللىرىدە ناگاندا بىر ئۆڭكۈر ئېغىزلىرى چەكچىيىپ تۇرىدىغان ، قىلىچ بىسىدەك تىك ئۆرلىگەن قارا قۇرۇم تاغ تىزمسىغا چاپلىشىپ قالغان قۇلاق شەكىللىك چىمدۇ كەنتىگە كەلگەندە چېكىتمىدە تۇرۇۋالغان يىگىتلەرنى ئەگىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزلاردەك ئەپچىللىك بىلەن قايىدۇ . دولقۇنلار يىلاندەك سويلىغان پېتى كەنتنىڭ كەلكۈن مەزگىللىرىدە توختاۋسىز چېقىلىپ تاغ تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان تىك يارلىقلىرىنى غىردىغان ھالدا ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ . باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلېرىم ئىدى . مەكتەپ تاملېرىغا چوڭ خەتلىك گېزىتلەر ۋە كوڭزىنىڭ قالايمىقان سىزما رەسىملىرى چاپلىنىپ كەتكەنىدى . كۈنلىرىمىز «ماۋزېدۇڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە »نى يادلاش ۋە تېزەك تېرىش بىلەن ئۆتەتتى . ماڭا ھەممىدىن بەك ئەلەم قىلغىنى ، بۇ كۈنلەردە ھەتتا توي – تۆكۈنلەردىمۇ مەشرەپ ئويناش چەكلەنگەنىدى . كەنتىمىزدىكى بىر نەچچە نەغمىچىنى دادۈي ) كەنتنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئاتىلىشى – ئا( ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ قورۇسىدا – جامەئەت ئارىسىدا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ يېرىم كۈن كۈرەش – پىپەن ) تەنقىد ( قىلىۋىدى، ئۇلارمۇ شۇنچە يىلدىن بېرى ئىككى تۆت تەڭگە ھەق تەلەپ قىلماي يۇرتداشلېرىنىڭ توي – تۆكۈنلىرىنى قىزىتىپ بەرسە ، ئەشۇ قەۋم – جامائەتنىڭ بىرلا ئۆرۈلۈپ نەغمىچىلەرگە قارشى شوئار توۋلاپ يۈرگىنى ئۇلارغا بەكمۇ ئەلەم قىلغانىدى . بىر قېتىم مەنمۇ مەكتەپتە ئىككى ساۋاقدىشىم بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۈرەشكە تارتىلدىم . ئالدىنقى كۈنى كۆمۈكانغا ماڭغان بىر ھەربىي ماشىنا كەنتىمىزدىكى بىرەيلەننىڭ پاخلاندەك يوغىنىغان خورىزىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپمۇ ، شوپۇر ماشىنىسىنى توختاتماي ، ئۈستىبېشىمىزغا چاڭ توزۇتقانچە كېتىپ قالغانىدى . ئەتىسى بىز يول بويىدا ئوينىغاچ بۇ ماشىنىنىڭ قايتىشىنى كۈتتۈق ، قولىمىزدىكى سېۋەتلەردە يول بويى تەرگەن تېزەكلەردىن ھور چىقىپ تۇراتتى . ماشىنا كەلدى . بىز ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ ، ماشىنا ئۇدۇلىمىزدىن ئۆتكەندە سېۋەتتىكى تېزەكلەرنى كابىنكىغا ئاتتۇق – دە ، تەرەپ – تەرەپكە قېچىپ كەتتۇق . شوپۇرلار دادۈي سېكرىتارىنى بىر مۇنچە تىللاپ ، تەھدىد سېلىپ قويۇپ كېتىپتۇ . قورقۇپ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان سېكرىتار مەكتەپكە كېلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى سۈر – توقاي قىلىپ ، تەرەپ- تەرەپكە چاپتۇرۇپ يۈرۈپ بىزنى تېپىۋالدى . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سېكرىتار مەكتەپتە دادۈي كادىرلېرى ۋە ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ كۈرەش – پىپەن يىغىنى ئاچتى . بىز ئۈچ نەپەر ساۋاقداش ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقىرىلىپ كۈرەش – پىپەن قىلىندۇق . توپ ئىچىدە خورېزىنى ماشىنا بېسىۋەتكەن ئائىلىنىڭ بالىلېرىمۇ بار ئىدى ، ئۇلار تىخى ھەممىدىن بەك شۇئار توۋلاپ ، بىزنى ھەدەپ تىللاۋاتاتتى ، «ماشىنا خورېزىڭنى باسقۇچە ئۆزۈڭنىلا بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسېچۇ، ئىلاھىم !» دەپ ئويلېدىم ئىچىمدە .
ئارىدىن بىر -ئىككى يىل ئۆتكەندە خۇددى مۆجىزە يۈز بەرگەندەك داپ داراڭلىغان ئاۋازلار يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى . بىر توپ بالىلار خوشاللىقتىن تېرىمىزگە سىغماي مەشرەپ سورۇنىغا قاراپ ئۇچتۇق . نەغمىلەرنىڭ تېكىستلىرى خەنزۇچە ئۈزۈندىلەرگە ئالماشقانىدى . « تاجىخان يارلار ، باغدا ئوينايلى » دېگەننىڭ ئورنىغا « چىڭ ئەيدى ماۋجۇشى ، ۋومېن شىنجۇڭدى خۇڭتەيياڭ » (قەدىردان ماۋجۇشى ، قەلبىمىزدىكى قىزىل قۇياش )دېگەن سۆزلەر تېكىست قىلىلپ سېلىنغانىدى . نەغمىچىلەر ئەسلىدىكى تېكىستنى ئوقۇسا ، « سېرىق ناخشا ئوقۇدۇڭ » دەپ كۈرەش – پىپەن قىلىناتتى . شۇڭا ئۇلار ئاخىر زامانغا باب مۇشۇ ئامالنى ئويلاپ تاپقانىدى . مەردانە – جۇشقۇن ئاھاڭلار ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى . شوخ – شادىيانە ئۇسسۇللار مەيداننى بىر ئالدى . خورېزىنى ماشىنا بېسىۋالغان بالىلار بىلەن بۇرۇنقى ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇغان ھالدا بىر – بىرىمىزگە كۈلۈمسىرەپ بېقىشىپ شوخلۇق بىلەن ئۇسسۇل ئوينىشىپ كەتتۇق . جامائەتنى نەغمىچىلەرنى كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان دادۈي كادىرلېرىمۇ ئەمدىلىكتە دەل شۇ نەغمىچىلەر چالغان داپقا ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى . ئۇلارمۇ مەشرەپنى كۆرگەندىن كىيىن يېڭىباشتىن ئېمان ئىيتقان مۇسۇلماندەك ئۆزىنىڭ ئەسلى ئادىمىلىك ماھىيىتىگە قايتىپ كەلگەنىدى . كۈرەش قىلىنغان نەغمىچىلەرمۇ ، ئۇلارنى كۈرەش قىلغان جامائەتمۇ بالىلارچە سەبىيلىك بىلەن ئۆچ – ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇشقان ھالدا بىر – بىرىگە كۈلۈمسىرىشەتتى . شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ روھى بەجايىكى ھەج قىلىپ قايتقاندەك پاكلانغان بولۇپ ، ۋۇجۇدى سۆيگۈ تەپتىدە ئېرىپ ، بىر – بىرىگە سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك قوشۇلۇپ ، مەيداندا لەڭ ئۇرۇپ ئاققان غول ئېقىنغا ئوخشاش كۈۋەجەپ ئاقماقتىدى ، نەغمىچىلەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى شىددەت بىلەن مۇزىكېغا ئايلانماقتا ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلانىڭ پۈتۈن بەدىنى ھەۋەس – ئىشتىياق يالقۇنىدا قۇيرۇق يېغىدەك ئېرىپ ، دولقۇندەك سويلىماقتا … سورۇندا ئادەملەرگە قورقاق سېلىشنى بەلگە قىلغان ھايۋانىيلىق غايىپ بولۇپ ، ئۇنىڭ ئورنىدا مۇھەببەت ۋە ئۆز – ئۆزىدىن ھالقىشنى بەلگە قىلغان ئىنسانىيلىق تەنتەنە قىلماقتىدى . بۇ يەردە ئادەملەرنىڭ بېشى ئۈستىدە ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە قارار تاپقان ھەقىقىي ھاكىمىيەت قۇرۇلماقتا . ئىنسانىي مۇھەببەت سورۇن ئەھلىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمدارىغا ئايلانماقتا ، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئادەملىك تەبئىتىگە قايتىپ كەلمەكتىدى بىرلىكى چەكسىز رەڭدارلىقتا كۆرۈنگۈچى ئالەمگە ھەقىقىي ئوخشىغان بۇ مەشرەپتە رەڭدارلىق بىرلىكتە ، بىرلىك رەڭدارلىقتا -سەنئەتلىك يوسۇندا ئەكس ئەتمەكتە : دىل ئارازلىق – پەسكەشلىكتىن خالاس بولۇپ ، غاپىللىقتىن سەزگۈرلۈككە ، روھسىزلىقتىن شاد- خوراملىققا مۆجىزانە سەكرەش ھاسىل قىلغان مەشرەپ ئەھلى ئىنسانىي ئۇلۇغلۇقنىڭ ئېستېتىك پەللىسىدە ئۆز-ئۆزىنى نامايىش قىلماقتىدى .

دەرس ۋە ئەمگەكتىن بىكار بولغان چاغلىرىمدا كەنتىمىزدىكى دىنىي زاتلاردىن ساۋاق ئېلىپ ، دىنىي ئىلىمدىمۇ باشلانغۇچ ساۋادقا ئىگە بولغانىدىم. ئاتا – ئانام ۋە يۇرتداشلىرىم ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بوۋىلىرىمنىڭ مۇشۇ ئەتراپتىكى يېزا – قىشلاقلاردىن بىرەر مىڭ تالىپلارنى يېغىپ ئوقۇتۇپ ، يۇرت -يۇرتقا ئىلىم- مەرىپەتتىن چىراق يېقىپ ئۆتكەن ، ھەممىلا ئادەم ئىخلاس قىلىدىغان كاتتا ئۆلىمالاردىن ئىكەنلىكى ، ھالا بۇ كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ئادەملەرنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىنى ، مېنىڭ شەخسەن شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىشىپ كىرەكلىكى ھەققىدە ئۇزۇندىن – ئۇزۇن ۋەز- نەسىھەتلەرنى قىلىشاتتى . گەرچە خەت تونۇمىسىمۇ قۇرئاننىڭ تەڭدىن تولىسىنى يادقا بىلگەنلىكى ئۈچۈن «قارىم » دەپ ئاتىلىپ قالغان دادام ۋە ئىشقىي غەزەللىرىنى ئۈچۈن «تىتىقسىز شېئىرلارنى يازىدىكەن » دەپ ناۋائىينى تىللاپ يۈرىدىغان دىنىي ئۇستازلېرىم مەشرەپكە بارماسلىقىمنى تەلەپ قىلاتتى ، مەن بەش ۋاق نامازنى ساددا ئەمما چىن ئىخلاسىم بىلەن ئوقۇپ بولۇپلا كېچە -كىچىلەپ دۇئا -تىلاۋەت ۋە قىرائەت قىلىش بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدىغان ئىبادەت سورۇنلېرىدىن ئۆزۈمنى غىپپىدە چەتكە ئېلىپ ، نەدە مەشرەپ بولسا شۇ يەرگە ئۇچاتتىم . مەشرەپتىمۇ ئوخشاشلا ۋۇجۇدۇم پاكلىنىپ قايتقانلىقىم ئۈچۈن ئاڭسىز رەۋىشتە ئۇنىمۇ ئىبادەت بىلەن تەڭ كۆرۈپ ئۆتكەنلىكىمنى كېيىن ھېس قىلدىم . ئەمما مەھەللىدىكى ئىمام – مەزىن ، موللام دېگەنلەرنىڭ مەشرەپنى نېمە ئۈچۈن ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمەيتتىم .

كۆۋرۈكى يوق دەريادىن گاھ تولۇم ، گاھ سۇ باشقۇرۇش پونكىتىدىكىلەر سۇ ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ، دەريانىڭ ئىككى قىرغېقىغا دارغا ئوخشاش تارتىپ قويۇلغان پولات چىۋىقلىق ئارقانغا ئېسىلغان سېرىلاڭغۇ ساندۇق بىلەن ئۆتۈپ ، كەنتىمىز بىلەن يېزا بازىرى ئارىلىقىدىكى 10 كىلومېتىرلىق چۆلدە سانسىز قېتىملاپ پىيادە بېرىپ -كېلىپ يۈرۈپ ، كۆمۈر توشۇيدىغان تراكتورلارنىڭ كاتاڭ يولدا يەر تەۋرىگەندەك سىلكىنىپ تۇرىدىغان كوزۇپلېرىدا توپقا ئوخشاش سەكرەپ ئولتۇرۇپ ، كۆمۈر توزۇندىلىرى بىلەن قازاننىڭ كۈيىسىدەك قارىداپ كۈنلەپ يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا قاتىراپ مىڭ مۇشەققەتتە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئاخىر «كاچوڭ مەشرىپى » ئوينايدىغان يېزا -قىشلاقلار تارىخىدا تۇنجى بولۇپ دۆلەتلىك ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم . تەقۋادار ئاتا – بوۋاملارنىڭ ۋە خۇداگۇي يۇرتداشلېرىمنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك دىنىي ئۆلىما بولۇشنىڭ ئورنىغا ئىزدىنىش روھىدىكى يېڭىچە شېئىرلارنى يازىدىغان ياش شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم . ئەمدىلىكتە يۇرتداشلىرىم مەندىن چەكسىز پەخىرلىنىپ مەسچىتلەردە ماڭا ئاتاپ دۇئا قىلىشىدىغان ، سورۇنلاردا بولسا شېئىرلېرىم بېسىلغان گېزىت – ژورناللارغا ماڭا ئاتاپ بىر رۇمكا ھاراقنى تۆكىۋىتىپ تۇرۇپ ئاندىن مەشرەپنى باشلايدىغان بولۇشتى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتۇمغا بارسام نەغمە – ناۋاسىز ، خۇددى ھازىدەك بىر تويغا قاتنېشىپ ،داڭ قىتىپ قالدىم . يېقىندا يۇرتىمىزغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقا xx غوجامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توي – تۆكۈنلەردىمۇ مەشرەپ ئويناش چەكلەنگەنىكەن . ھەتتا كىچىكىدە بوۋامنىڭ چەكلەشلىرىگىمۇ ئۇنىماي يېڭى مەكتەپكە قېچىپ بېرىۋېلىپ يۈرۈپ ئوقۇپ ، ئاخىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ 30 نەچچە يىل يېزا مائارىپى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ ، سان – ساناقسىز تاغلىقلارنىڭ ساۋادىنى چىقارغان ، تېخى يېقىندىلا پېنسىيىگە چىققان ئاناممۇ ئاتا – بوۋىلىرى تارىختا جەمەتىمىز بىلەن قويۇق باردى – كەلدى قىلىشىپ ئۆتكەن قاغىلىقلىق && خوجامغا قول بېرىپ مۇرىت بولغانىدى .ئەرۋاھىم ئۇچتى . نەغمىچىلەرنى چاقىرتىپ كېلىپ توي ئېگىلىرىنىڭ ئارسالدى بولۇپ قالغېنىغا ئۇنىمايلا مەشرەپنى باشلىۋەتتۇق . تويغا كەلگەن ھېلىقى غوجامنىمۇ ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىپ مەسخىرە قىلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردۇق . كەچتە بەزمىدە يېزا باشلىقلېرىنىڭ تۆردىن كۆرسەتكەن ئورۇنلېرىنىمۇ رەت قىلىپ ، پەگادا ئولتۇرۇپ نەغمىچىلەرنىڭ ئارىسىغا بېرىۋالدىم . شۇ ئارىدا ياشانغان نەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا چىنىگە تولدۇرۇپ ھاراق ئەكېلىشتى ۋە ئۇنى ئىچىشكە قوپاللىق بىلەن زورلاشتى . يېزىنىڭ بۇيرۇقۋاز «كاتتا » لىرىنىڭ ئالدىدا تەڭلىكتە قالغان نەغمىچىلەرنىڭ چىرايىغا يىغا ئولاشقانىدى ، پۈتۈن ئۆمرىنى سەنئەتكە بېغىشلاپ،جاپاكەش دېھقانلارنىڭ كۆڭۈل تەشنالىقىنى مەشرەپ بىلەن قاندۇرغان بولسىمۇ ، قېرىغانلىرىغا قارىماي ئىنسانىي ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان نەغمىچىلەر ئۈچۈن ، مۈشۈككە تاشلاپ بەرگەن بەزچىلىك مەنسەپلىرى بىلەن كۆرەڭلەپ ، ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن دەپ ئادەملىكىنى ئۇنتۇشقانلار تەرىپىدىن *** خوتۇنغا ئوخشاش ھاقارەتلىنىۋاتقان مۇقەددەس سەنئەت ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ئۆزۈمنى بېسىۋالغان ھالدا داۋاگەر بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتىم ، سۆزلىرىم ھەقلىق بولغىنى ئۈچۈن نەغمىچىلەرنىڭ ئىززەت -غۇرۇرى قوغدىلىپ ، ئاخىر مەشرەپ ئۆز يولى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتى .

ئوقۇش، خىزمەت ۋە باشقا زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى ئۇزۇن يىل يۇرتتىن ئايرىلدىم . بىراق يۇرتۇم كاچۇڭنىڭ مەشرەپلىرىنى پەقەت ئۇنتالمىدىم ، مەشرەپلەر مېنى سېھىرلىۋالغاندى . مەشرەپسىز مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئۆزۈمنى خۇددى سۇدىن ئايرىلغان بېلىققا ئوخشاش روھىي جەھەتتىن تولىمۇ يېتىم سەزدىم . ئىنسانلارنى كۆپىنچە بىر – بىرىدىن ئايرىۋىتىدىغان ئىلمىي بەس – مۇنازىرىلەرنىڭ قايناملىرىدا مەشرەپلەرنىڭ ئادەملەرنى ھەقىقىي يوسۇندا بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىغان ئۇلۇغ كۈچ ئىكەنلىكىگە بارغانسېرى قايىل بولماقتىدىم . مەشرەپلەر مىللىتىمىزنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى سەبىي ، ساپلىقىنى مەنبە قىلغان ، ئەپسانىۋى تەپەككۈر ئىقلىملىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە تۇتاشقان ، قەھرىمانلىق دەۋرىمىزدىكى مەردانە روھىي ھالەتلەرنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن ھالدا راۋاجلانغان ، مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ نازاكەتلىرى بىلەن تويۇنغانىدى . تارىم ۋادىسىغا كۆمۈلگەن دۇنياۋى مەدەنىيەت ئاچقۇچىنىڭ تىرىك شاھىدى ، قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن تەكلىماكان مەدەنىيىتىنىڭ ۋە كېيىنكى كارۋان كولدورمىلېرىنىڭ تەڭكەشلىكىدە راۋاجلانغان يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ يالدامىسى ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىىسىدىكى تاسادىپىيلىقسىمان بىر ئاجايىبات ھىساپلانغان بۈيۈك سەنئەت قامۇسى 12 مۇقامنىڭ ئانا بۆشۈكى بولغان مەشرەپلەر بارغانسېرى ئاتا – بوۋىسىنىڭ يولىدىن تېيىپ مىللىي ئادەت ۋە ئەخلاقىي زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان بۇ بەختسىز ئەۋلادلارنىڭ قولىدا يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ قاتتىق ئازابلىناتتىم . كۆز ئالدىمدا نۇرغۇن ئەرلىرىمىزنى ئاختا قىلىپ ، ئەرلىك خاراكتېرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ ، ئۇلارنى بۇ دۇنيا مەئىشىتى ۋە ھاياتلىق زەۋقىدىن مەھرۇم قىلىپ ، ھەركىمنىڭ بېشىنى ئۆزىگە زىندان قىلىپ قۇرۇپ چىققان خوجا ئافاقنىڭ تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى بولغان خوجاملار ، سەنئەتتىن ئىبارەت بۇ ھاۋا ئانىنى خالىغانچە ئاياق – ئاستى قىلىپ ئوينايدىغان دېدەككىلا ئايلاندۇرۇۋىلىشقان مەنسەپدار – بۇيرۇقۋازلار ھەقىقىي ئۇيغۇر روھىنىڭ تىندۇرما شەكىللىك جۇغلانمىسى بولۇپ قالغان مەشرەپلەرنى يالماپ يۇتۇۋاتقان يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك مېنى تەشۋىشكە سالاتتى . ئۆزۈمنى بىر خىل سىقىلغان بوشلۇق ئىچىدە تىپىرلاپ قالغاندەك ، مەشرەپلەر خۇددى ئىپتىدائىي ئورمانلاردىكى بۇرغا ساداسىغا ئوخشاش يىراق – يىراقلاردىن خىرە – شىرە ئاڭلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم . مەشرەپلەر مېنىڭ نەزىرىمدە يىراق ئەجدادلېرىمىزنىڭ قەلبىدە ئۇرۇق بولۇپ تېرىلغان ۋە ئەۋلادلارنىڭ ۋۇجۇدىدا توختاۋسىز تىرىلىپ تۇرغان بىر خىل ئەنئەنىدارلىققا ئىگە بولغان روھىي ماھىيەتنىڭ سەنئەتكارانە رەۋىشتە جانلانغان ، جۇلالىق ئەۋجى ئىدى . نەغمىچىلەرنىڭ خىيالى سىماسى كۆز ئالدىمدا رىۋايەتتىكى ئوغۇز خاقانغا ئايلىناتتى ۋە ماڭا «دەدە قۇرقۇت » چۆچەكلىرىدىكىدەك « ئەي ئوغۇللىرىم ، بىز كۆكتىن تامدۇق ، يەردىن ئۈندۇق!… پانىي دۇنيا كىملەردىن قالمىغان؟…يۇرت – يايلىقىم سىلەرگە ئامانەت … نەسلىمىز قۇرۇمىسۇن ، دۇنيادا نامىمىز ئۆچمىسۇن!…» تەكرار -تەكرار پىچىرلايتتى . تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋە سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ دىققەت – ئېتىبارىدىن چەتتە قېلىۋاتقان كاچوڭ مەشرەپلىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى . مانا بۇ – پاكىت ! پۇت – قولى چۈشەلگەن پاخلانغا ئوخشاش تىپىرلاپ كەتتىم . ئاخىر باغلاقنى زەرب بىلەن يۇلقۇنۇپ يىشىۋەتتىم – دە ، قەرزگە بوغۇلۇپ تۇرۇپ كاچوڭ مەشرەپلىرىنى رەتلەشكە ، ئاۋازغا ئېلىشقا كىرىشتىم . 105 نەغمە ۋە 2100 مىسرادىن تەركىپ تاپقان توققۇز يۈرۈش مەشرەپ مۇقاملىرى ئەتراپىمغا ئۇيۇشقان نەغمىچىلەرنىڭ غەيرىتىمگە ئىچ – ئىچىدىن سۆيۈنگەن ھالدا كۆرسىىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق جىددىي مەشق ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى . توساتتىن مەن يوق ۋاقتىمدا مۇھىم نەغمىچىدىن ئىككىنى كەنت باشلىقى ھاشارغا ھەيدەپ كىتىپتۇ . مەشق توختاپ قالغانىدى ، ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچتى . دەرھال كەنت قورۇسىغا باردىم . ئىشىكى ھاڭقىرغاي ئوچۇق تۇرغان كەنت ئىشخانسىدا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى . تامدا ئۆز زامانىسىدا بىر قاتار كونا لەۋھە – تەقدىرنامىلەر قاتارىدا « چوشقا بېقىشتىكى ئىلغار دادۈي » دەپ خەت يېزىلغان ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن لەۋھەمۇ ئېسىقلىق تۇراتتى . بالىلىق چاغلىرىمدا ئائىلىلەرگە چوشقا بېقىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەنلىكى ، دېھقانلار ئۆزلىرى يىمەي – ئىچمەي بېقىپ كۈپكە ئوخشاش سەمرىتىۋەتكەن ، 10 – 20 ئادەم بىرلىشىپ بالداق بىلەن كۆتۈرۈپ ئاران كوزۇپقا چىقىرىۋاتقان چوشقىلار ، ئۈچ – تۆت چوشقا بىلەنلا لىق توشۇپ قالغان كوزۇپلار ، ئۇنى سۆرەپ توقايدىن ئايلىنىپلا غايىپ بولىدىغان ماشىنېلار … ئارقىدىنلا چوشقىغا ئوخشاش سەمرىپ كەتكەن يەرلىك ھۆكۈمدارلار بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى . بىر موتسىكىلىتنى يېرىم يولدا پاتقاققا پاتۇرۇپ قويۇپ، پىيادە يول يۈرۈپ خېلى ئۇزۇندا ھاشار مەيدانىغا چۈشتۈم . يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئۇقتۇرۇشلار ئاقمىغان يەردە چىرايلىق گەپمۇ ئەلۋەتتە ئاقمىدى . چەكلىك ساندىكى ناھىيە دەرىجىلىك ھاشار ، يەنە قانداقتۇ مۇئەييەن ساندىكى يېزا دەرىجىلىك ھاشار، سانى يوق كەنت دەرىجىلىك ھاشارلار ھەققىدىكى بىر مۇنچە تەپسىلارلارنى چىرايى كۆمۈردەك قارىداپ كەتكەن ۋە تۆت سەر قېقىۋىلىپ چالا مەست بولۇپ قالغان كەنت باشلىقىنىڭ ئاغزىدىن چىداپ تۇرۇپ ئاڭلىدىم : يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسى كەنت دەرىجىلىك ھاشارغا ئاقماسمىش . نەغمىلەرنى رەتلەش مېنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلغان خۇسۇسىي ئىشىممىش . بىرەر مىڭ دېھقان ئىشلەۋاتقان يەر تۈزلەش ۋەزىپىسى بىر – ئىككى نەغمىچى قاتناشماي قالسىلا ئورۇنلانماي قالارمىش … ئۇ ، گېپىنى كەنت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ تۈگەتتى : دېھقانلار ئىشىنى تاشلاپ ئاللىبۇرۇن ئەتراپىمىزغا ئولىشىۋالغانىدى . مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى : دېھقانلارنىڭ كۆپ قىسمى دېگۈدەك كەنت باشلىقىغا خوشامەت قىلىپ ياكى ئۇنىڭدىن قورقۇپ ، نەغمىچىلەرنى ئەيىبلەۋاتاتتى . ئېڭىمدا بولسا چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ رومانىدىكى ماڭقۇرت ئوغلى ئېتىۋەتكەن ئانىنىڭ ياغلىقى قوشقا ئايلىنىپ ئۇچۇپ : «ئويلاپ كۆرگىن ، سەن كىمسەن ؟ ئىسمىڭ نېمە ؟ سېنىڭ ئاتاڭ دۈنەنباي!» دەپ سايراۋاتاتتى . ئىككى نەغمىچىنى ئېلىپ ماڭدىم . كەنت باشلىقى بەر توپ دېھقاننى ئەگەشتۈرۈپ كەينىمدىن يوپۇرۇلۇپ كەلدى . كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ، غەزەپتىن ئەسەبىيلىرىمگە تىترەك ئولاشتى . يۈرىكىم شىددەت بىلەن سېلىشقا باشلىدى . خۇدۇمنى بىلىپ – بىلمەي نەغمىچىلەرنىڭ قولىدىكى كەتمەننى يۇلۇپلا ئالدىم- دە كەنت باشلىقىغا ئېتىلدىم. ئاللاھ قۇرئاندا :« مەندىنلا قورقۇڭلار! » دىسە ، ئاللاغا قارىغۇلارچە شېرىك كەلتۈرۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ سايىسىدىنمۇ ھۈركۈگۈدەك دەرىجىدە يۈرەكئالدى بولۇپ كەتكەن بۇ تەقۋادار دېھقانلار ئۆزلىرىنى خالىغانچە دۇمبالاپ ئويناپ قورقۇتۇۋالغان باشلىقىنىڭ مەندەك « بىر كىتاپ خالتىسى» دىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىنىدە كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىشتى .

مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغېنى ، كاچۇڭ مەشرىپىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى بولدى . ئەسلىدە كاچۇڭ مەشرەپلىرىنى رەتلەپ ئېلىپ بارسام ، زىيالىيلېرىمىز ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كېتىدۇ ، دەپ قاتتى ئىشەنگەنتىم . لېنتىغا ئېلىنغان نەغمىلەر ، توپلانغان تېكىسلەر ۋە بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىلەر ، ئاخبارات – نەشرىيات ئورۇنلېرىدا بىر يىلدىن بۇيان سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ « سارغېيىپ » يېتىپتۇ . ئۇلار جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ساختا دورىلارنىڭ ئېلانلىرىنى ئاي-ئايلاپ بېسىشىدۇكى ، ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىيالايدىغان مەنىۋى ئىقتىدارغا ئىگە بولغان مەشرەپلىرىمىز ھەققىدە لىللا تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇشقا يارىمايدۇ توغرا ، جىنسىي كېسەللىك بىزدە مەۋجۇد ، كۈنسىرى زەئىپلىشىپ ، يوقىلىۋاتقان ئەرلىك غۇرۇغىمىزنىڭ ئۆزىلا بىزدىكى ئەڭ ئېغىر ۋە ھەقىقىي جىنسىي كېسەللىك . بىراق ئۇنى داۋالايدىغان ھەقىقىي جىنسىي كېسەللىك. بىراق ئۇنى داۋالايدىغان ھەقىقىي ئېلانلار قېنى ؟ ئاخشىمى ئاچچىق ھاراقنى مەنتاڭ ئىچكەندەك بولۇشىغا ئىچىپ ، ئەتىسى چۈشكىچە ئايالى بىلەن ئەينەك تالىشىپ پەرداز قىلىشىپ ، قۇرۇق سۆلەت بەگزادىدەك گىدىيىۋىلىشقان ، ئەمەلىيەتتە مىللىي روھتىن ئايرىلغان قۇرۇق كىتابىي بىلىملەر بىلەنلا ئۆرە تۇرۇۋاتقان « بىر مۈرىسى يوق كاپىتان»(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن سۆزى ) غا ئوخشاپ قالغان زىيالىيلېرىمىز بۇ ھەقتە ۋىجدانەن ئويلېنىپ باقتىمۇ ؟ ئۇلارنىڭ بايىقى كەنت باشلىقىدىن زادى نېمە پەرقى بار ؟ گەپ بۇ يەردە نوقۇل كاچۇڭ مەشرىپلىرى ئۈستىدىلا كىتىۋاتقان بولسا بۇنداق قاينىمىغان بولاتتىم . ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە قاتمال ، ئالا – جوقا پەتىۋالىرىنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىدە ئەنئەنىگە دەۋاگەر بولۇشقان زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدا مانا ئەمدىلىكتە ھەقىقىي ئەنئەنە – مىللىي روھ يېتىم بالىدەك سارغايماقتا . كاچۇڭ مەشرەپلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى بۇنى ئارتۇقى بىلەن دەلىللەپ تۇرماقتا . « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » نى ياراتقان دەۋرىمىزدىكى ئۇيۇشقاقلىق ۋە مەردانىلىك ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى دەۋرىدە شەكىللەنگەن مەنىۋى كامالەت بىلەن خاراكتېرلەنگەن بۇ ئۇلۇغۋار مىللىي روھ يارىماس ئېرىدىن رەنجىگەن ساھىپجامالدەك بىزدىن ئۈن – تىنسىز يىراقلاشماقتا . قاراڭ ، بۇ ساھىبجامالنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇغان ۋە ئۆزىنى يوقاتقان ئېرى نېمەدېگەن بىچارە ! بۇ ھەقىقەتەن بىر تال قوۋۇرغىسىدىن ئايرىلغان دۈمچەكلەرگە ئوخشاپ قالدۇق .

مەنبەسى : شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنېلى ، 1996- يىل ، 6 سانىدىن .