ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر – كەسىپ ئادەتلىرىدىن

ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر « كارۋات » بولۇپ ، ئۇ بۆشۈك دەپ ئاتىلىدۇ . بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبېك ، تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسدا ئىنتايىن كەڭ ئۇمۇملاشقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى ، ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى ، ئومۇملىشىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئادەتتە بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى 60 نەچچە سانتىمېتر ، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتر ، كەڭلىكى 50 سانتىمېتر ئەتىراپىدا بولۇپ ، پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسىلىدۇ . بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا ھەتتا بىر تال تۆمۈر مىخمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ . بۆشۈكنىڭ لاھىيلىنىشى جەھەتتىن ، بۇ ئىشلىتىش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تولىمۇ مۇۋاپىق بولۇشتىن تاشقىرى ، ئۇنىڭ ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتىكى كۆركەم ۋە نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە ، ئۇنى يەنە بىر خىل گۈزەل – سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ .
ئۇيغۇرلار بۆشۈككە بىر خىل مۇقەددەس ئېرىملىق نەرسە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ . شۇڭا بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىشتىن ئىلگىرى « بۆشۈك توي » مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ . بۇ مۇراسىم بالا تۇغۇلۇپ قىرقى توشقىچە ئارىلىقتا بولىدۇ . يەنى بوۋاق ھاياتقا كۆز ئاچقاندىن كېيىنلا « كىندىكئانىسى » بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدۇ .
« كىندىكئانىسى » نىڭ قولى يەڭگىل بولسا بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە كىندىك يارىسى ساقىيىپ كېتىدۇ . بۇ « كىندىكى چۈشتى » دەپ ئاتىلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن بالىنى بۆشۈككە سالىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا ، بالىنى بۆشۈككە سېلىش بىر خىل ئېرىملىق ئادەت تۈسىنى ئالغاچقا ، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بۆشۈك ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش يېڭى جابدۇقلىرى تەييارلىنىدۇ . بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم « بۆشۈكئانىسى » تەكلىپ قىلىنىدۇ . بۇنىڭدىن مەقسەت – بالىنىڭ « بۆشۈكئانىسى » نىڭ ئۇدۇمىنى ئېلىپ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت . خەلق ئارىسىدا « بۆشۈكئانىسى » ، «ئېرىمچى» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىنىدۇ . « بۆشۈكئانىسى » بالىغا تەييارلىغان بۆشۈكنى قىبلە تەرەپكە قويۇپ ، دۇئا – تەكبىر قىلغاندىن كېيىن ، بۆشۈكنى رەت تەرتىپى بويىچە راسلاشقا باشلايدۇ . ئالدى بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىكى ئويۇقچىغا جاك ( كۈلتۈك ) نى ئورنىتىدۇ . جاكنىڭ تۆشۈككە تۇتاشقان يېرىگە جاك تۇمىقىنى كىيدۈرىدۇ . ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە 15 سانتىمېتر كۋادرات چوڭلۇقتا تۆت دانە تېز ياستۇق قويۇلىدۇ . ئۈستىگە بۆشۈكنىڭ چوڭلۇقىدا « ئودا » ( جاكقا ئۇدۇل قىلىپ تۆشۈككە قويۇپ تىكىلگەن پاختىلىق كۆرپە ) قويۇلىدۇ . ئودىنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق پاختىلىق كۆرپە ( بۇ ئادەتتە ئىككى پارچە بولىدۇ ) سېلىنىدۇ ۋە زاكا ( كىرلىك ) بىلەن ئورىلىدۇ . باش تەرىپىگە بوۋاققاماس كېلىدىغان كىچىك ياستۇق قويۇلىدۇ . ئاستى تەرەپ تەكشى بولغاندىن كېيىن « بۆشۈكئانىسى » بوۋاقنى يالىڭاچلاپ ، بەدەنلىرىنى يۇمشاق سىيلاپ ئېرىم قىلىدۇ ۋە ئاۋايلاپ بۆشۈككە سالىدۇ . ئاندىن جاكقا توغرىلاپ شۈمەك ( ياغاچتىن نەيچە قىلىپ ياسالغان سۈيدۈك يولى ئېغىزى ) سالغاندىن كېيىن ، ئىككى پۇتىنى تۈزلەيدۇ ۋە يۆگەك بىلەن مەھكەم ئورايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىككى تىزىغا « تىزلىق » كۆرپە قويۇپ ، پۇت تارتقۇ ( بىر سويام كەڭلىكتە ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلگەن رەخىت كاشا ) بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىن ئايلاندۇرۇپ چىگىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ، بالىنىڭ قورساق ۋە كۆكرەك تەرىپىمۇ يۆگەك بىلەن چۈمكىلىدۇ . ئىككى قولىنى بالىنىڭ بىقىنىغا تەكشى رۇسلاپ ، ئىككى جەينىكىگىچە جەينەكلىك قويۇپ « قولتارتقۇ » ( پۇتتارتقۇغا ئوخشىشدۇ ) بىلەن تېڭىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بالىنى بۆشۈككە بۆلەش ئاخىرلىشىدۇ . بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە بوۋاققا دائىم ھەمراھ بولسۇن دەپ بۆرە ئوشۇقى ياكى بىر پارچە نان ئېسىپ قويۇلىدۇ . قاپارتما نەقىشلىك قىلىپ ياسالغان بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىكى گورىزونتال ياغاچ ( بۆشۈك تۈرمىلى ) گە بالىنى يامان كۆزدىن ساقلاش ئۈچۈن ئېرىملىق تۇمار ئېسىلىدۇ ۋە بەزىدە كۆز مۇنچاق مارجان بېكىتىلىدۇ . بۆشۈكنىڭ ئۈستىگە رەڭلىك ئېسىل رەختلەردىن ياسالغان « بۆشۈك ياپقۇ » يېپىلىدۇ . بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە ئوغۇل بالا بولسا تىغ ( پىچاق ) ، ئەگەر قىز بولسا ئەينەك قىستۇرۇپ قويۇلىدۇ . بۇ بالىنى « قارا بېسىپ قالماسلىق » نىڭ ئېرىمىدۇر . تۇنجى قېتىم بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ بولغاندىن كېيىن ، « بۆشۈكئانىسى » ئادراسمان ياكى ئالما قېقى ( بىر چىمدىم يىرىك تۇز قوشۇلىدۇ ) بىلەن ئىسرىق سېلىپ ، بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىن توققۇز قېتىم ئايلاندۇرىدۇ . بۇ ئارقىلىق بالىغا چاپلىشىۋالغان « يامان روھ » لارنى قوغلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۆشۈككە سېلىش مۇراسىمى ئاياغلىشىدۇ .
بۆشۈكنىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا ، ئۇ مەلۇم ئەۋزەللىككە ئىگە :
بىرىنچىدىن ، بالىنىڭ ياتقان ئورنى پاكىز بولىدۇ . چۈنكى ، بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە سېلىشتىن بۇرۇن ، بۆشۈك كۆرپىلىرى ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ . بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ . بالىنىڭ چوڭ – كىچىك تەرىتى خۇددىي يەر ئاستى پاسكىنا سۇ تۇربىسىدەك تەبىي ھالدا جاكقا قويۇلىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن ، بالا ئېچىلىپ قېلىپ سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ ؛ ئۈچىنچىدىن ، كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىلىدۇ ؛ تۆتىنچىدىن ، بالىنىڭ فىزىنومىيە جەھەتتىن ساغلام ئۆسىشىگە پايدىلىق . چۈنكى ، ئادەمنىڭ بوۋاق مەزگىلى خۇددى يۇمران نوتىغا ئوخشىشىدۇ ، بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنىپ ، قول – پۇت ۋە بەدەن رۇسلاپ قائىدىلىك تېڭىلغاچقا ، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ . ئۇمۇمەن ئالغاندا ، بۆشۈك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن ، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى تېپىش تەس . ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقالغان « ئەللەي ناخشىسى » ( بۆشۈك ناخشىسى) ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزنىڭ بۆشۈككە بولغان قەسىسىدىسىدۇر .