ئىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى

تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىلى ۋادىسىدا ئەڭ بۇرۇن ساكلار ياشىغان. «خەننامە. غەربىي يۇرت ھەققىدە قىسسە»دە: «توخرىلار ھونلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئۇلار غەربكە ساك پادىشاھىغا زەربە بەردى. ساك پادىشاھى جەنۇبقا قاراپ يىراق تامان كۆچتى. توخرىلار ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ماكانلاشتى» دېيىلگەن. بۇ ۋەقە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي (مىلادىدىن بۇرۇنقى 160–161–يىللار) ھونلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۇيسۇنلار توخرىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىلى ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە بۇ جاينى ئىگىلەپ تارىختىكى «ئۇيسۇن دۆلىتى»نى قۇرغان («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). ئۇيسۇنلار ئەسلىدە خېشى رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشايتتى. ئۇلار خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ھازىرقى ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەن. جىن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، تېلىلار ئىلى رايونىغا يۆتكىلىپ كېلىشكە باشلىغان. مىلادى 552–يىلى تۈركلەر باش كۆتۈرۈپ، سەركەردىسى تۈمەننىڭ باشچىلىقىدا جورجانلارنى يوقاتتى ۋە ئېلىمىز تارىخىدىكى مەشھۇر «تۈرك خانلىقى»نى قۇردى. تۈمەننىڭ ئىنىسى ئىستەمى قول ئاستىدىكى تۈرك قەبىلىلىرىنى باشلاپ ئۇيسۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىدى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغان كۈنەس دەرياسى بويىغا ئوردا سالدۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. بۇ خانلىق تارىختا غەربىي تۈركلەر دەپ ئاتالدى («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە).

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلى دەرياسى ئەتراپىدىكى رايونلاردا غەربىي تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ياشىغان. بۇ دەۋردە ئىلى رايونىنىڭ ئىچكى رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا يېتىپ، يىپەك يولىدىكى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان. مىلادى 840–يىلىدىن 1213–يىلىغىچە ئىلى رايونى قاراخانلار خانىدانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دە خاتىرىلىنىشىچە، قاراخانلار دەۋرىدە ئىلى ۋادىسىنىڭ تۈرك قەبىلىلىرىدىن توخسى، چىگىل، ياغما قاتارلىقلار ياشىغان (مەھمۇت قەشقەرى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، بىرىنچى توم، 83–بەت). مىلادى 1219–يىلى چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ ئىلى ۋادىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسياغا ھەربىي يۈرۈش قىلدى. ھازىرقى تەلكە يولىنى شۇ دەۋردە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي تاشلارنى چېقىپ، دەل–دەرەخلەرنى كېسىپ يول ئېچىپ كۆۋرۈك ياساپ بەرپا قىلغان. چىڭگىزخان غەربىي يۇرت ھەمدە ئوتتۇرا ئاسيادىكى كەڭ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئىلى قاتارلىق جايلارنى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن.

چاغاتاي ئالمالىقنى پايتەخت قىلىپ چاغاتاي خانلىقىنى قۇردى («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەشبالىققا قاراشلىق بولغان. ئىلى رايونىغا كېيىنكى دەۋرلەردە ئويرات موڭغۇل جۇڭغار قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈرۈلۈپ كېلىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار قەبىلىلىرىنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، 1762–يىلى ئىلى رايونىغا ئىلى سانغۇن مەھكىمىسىنى تەسس قىلغان ۋە ئىلى رايونىنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. بۇ دەۋرلەردە ئىلى رايونى شەھەر تۈسىنى ئالغان بولۇپ، شەھەر كوچىلىرىدا ئىككى قەۋەتلىك دۇكان–سارايلار، قايناق بازارلار بار ئىدى. 1884–يىلى شىنجاڭ رەسمىي ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئۆلكە مەركىزى قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار مەركىزى ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى. ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى ساقلىنىپ قالدى ھەمدە دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ، ھوقۇق دائىرىسى پەقەت ئىلى ۋە تارباغاتاي چېگرا رايونىنىڭ ھەربىي مۇداپىئە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بىلەنلا چەكلەندى. 1888–يىلى ئىلى مەھكىمىسى تەسس قىلىنىپ، ئورنى سۈيدۈڭ (ھازىرقى قورغاس) بولدى. 1912–يىلى 1–ئايدا ئىلىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، سۈيدۈڭ كۈرە ئىگىلىنىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبت ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلىشىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1929–يىلى سابىق ئىلى مەھكىمىسى ئىلى مەمۇرىي رايونىغا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ مەمۇرىي رايونغا غۇلجا، سۈيدۈڭ، بورتالا، جىڭ، توققۇزتارا، قورغاس قاتارلىق ئالتە ناھىيە ۋە تېكەس باشقۇرۇش رايونى قارايدىغان بولدى. 1943–يىلىغا كەلگەندە، ئىلى مەمۇرىي رايونى ئىلى ۋىلايىتىگە ئۆزگەرتىلىپ، غۇلجا، كۈنەس، نىلقا، توققۇزتارا، تېكەس، موڭغۇلكۈرە، چاپچال، قورغاس، سۈيدۈڭ، بورتالا، ئارشاڭ، جىڭ قاتارلىق 12 ناھىيە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى. 1944–يىلى 9–ئايدا نىلىقىدا گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەش باشلىنىپ، شۇ يىلى 11–ئايغىچە پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتى ئازاد قىلىنىپ، ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. 1945–يىلى تارباغاتاي، ئالتاي رايونلىرى مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن ئازات قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىلىپ، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى مەزگىلدە، غۇلجا شەھىرى ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى ۋە ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي قىلىپ بېكىتىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ ئايرىلىشىدا ئۆزگىرىش بولدى. 1953–يىلى غۇلجا رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلۇپ، غۇلجا ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقتى. 1954–يىلى بورتالا، ئارشاڭ ۋە جىڭ قاتارلىق ئۈچ ناھىيە ئىلى ۋىلايىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلدى. 1966–يىلى سۈيدۈڭ ناھىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قورغاس ناھىيىسى تەسس قىلىندى.

تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئالمالىق شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولغان («شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1–كىتاب، «قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»2–بەت). قەدىمكى دەۋرلەردە ئالمالىق شەھىرى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي تارمىقىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتقان. شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەر بۆلۈنۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى يايلاق يىپەك يولى تاشقى موڭغۇلىيە ئارقىلىق تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق رايونىغا بېرىپ، تەڭرىتاغنى بويلاپ مېڭىپ، تەلكە داۋىنىدىن ئۆتۈپ ئىلى ۋادىسىغا، ئاندىن چۇ دەرياسى ئارقىلىق ماۋارائۇننەھرگە، ئاندىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ غەربكە مېڭىپ ياۋروپاغا ئۆتۈپ كېتەتتى. تۈركلەردىن كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئورخۇن–ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسى بولغان سودىدا قولغا كەلتۈرگەن زور مىقداردىكى يىپەك، شايىلار ئارقىلىق، 8–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان بىر ئەسىردەك ۋاقىت ئىچىدە يايلاق يىپەك يولى ئارقىلى بولىدىغان سودىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە موڭغۇل چۆللۈكىنىڭ شىمالىي، بەشبالىق، ئىلى ۋادىسى (بۇ يەردىكى ئىلى ۋادىسى كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا پۈتۈن ئىلى ۋادىسى ۋە يەتتىسۇ رايونىنى كۆرسەتسە، تار مەنىدىن ئالغاندا شۇ دەۋرنىڭ گۈللەنگەن شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئالمالىق قەدىمكى شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ) ۋە سۈيئاب ئارقىلىق ماۋارائۇننەھرگە بارىدىغان چوڭ يايلاق يىپەك يولى ناھايىتى گۈللەنگەن بولۇپ، بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشى، مەدەنىيەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىدا ئالمالىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى زور بولغانىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (618–907)گە كەلگەندە، ئىلى ۋادىسىدا غەربىي تۈركلەرمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ بارئىدى («ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى» 64–بەت). قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ياغما ۋە چىگىللار ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىلىرىدىن بولۇپ، ئۇلار ئىلى دەريا ۋادىسىدا ياشىغان ھەمدە قاراخانلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 8–ئەسىردە ئالمالىق قەدىمكى شەھىرىگە كەلگەن جۇڭگو ساياھەتچىسى چاڭ دېنىڭ «غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە: «ئالمالىق شەھىرىدە سۇلار ئېقىپ تۇرىدۇ…..ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان» دېيىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئالمالىق قول ھۈنەر، سودا، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى راۋاجلانغان ئاۋات شەھەر بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ شەھەرنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئايلانمىسى 25 كىلومېتىرچە كېلىدىكەن. شەھەر ئىچىدە ئالمىلىق باغلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلار كۆپكەن. شەھەر ئىچىدە دۇكان، ساراي، مەسچىت ۋە ئىبادەتخانىلار بارئىكەن. ئېتىزلىقلاردا ھەممە زىرائەتلار تېرىلىدىكەن. قاراخانلار زامانىسىدا ئالمالىق شەھىرىدە قول–سانائەت، سودا ۋە شەھەر–بازارلار بارلىققا كېلىپ دېھقانچلىق، چارۋىچىلىق راۋاجلاندى («ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى» 64–بەت).

تارىخ چاقى ئۈزلۈكسىز ئايلىنىپ چىڭ سۇلالىسى(1644–1911) دەۋرىگە كەلگەندە، ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى چىڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭغارلارنى باستۇرۇشى جەريانىدا جۇڭغارىيىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يېرىمىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى سەۋەبى بىلەن زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. شۇڭا، چىڭ ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىنى بېقىش ۋە ئۇلارغا ئىستىھكام قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ بېرىش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا ئادەم يۆتكىگەن. ئەينى دەۋردە ياشىغان شائىر موللا بىلال:

كى چاڭگۇڭ دېگەن خان زامانەن يېتىپ،

ئىلى شەھىرىگە نەچچە كۆچمەن چىقىپ.

كۇچار بىرلە ئاقسۇ، شايار، بايدىن،

كى ياركەند، قەشقەر، خوتەن، ساردىن

(موللا بىلال: «غازات دەر مۈلكى چىن» 9–بەت)

دەپ يازىدۇ

200 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىلىغا جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىلا كۆچۈپ كەلگەن بولماستىن، بەلكى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن جۇاڭزۇ، مياۋزۇ، ناشىزۇ، سالا، دۇڭشياڭ، باۋئەن، چاۋشيەن مىللەتلىرى كۆچۈپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر ئىلى ۋىلايىتىگە 47خىل مىللەت ماكانلاشقان (غوجائەخمەت يۇنۇس: «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىي ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «ئىلى دەرياسى»، 1987–يىل 2–سان).

مەنبە: «ئۇيغۇر ئولتۇراق ئۆيلىرى»، ئالىمجان مەخسۇت، ئادىل ئاتاۋۇللا، ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت؛ 65–68–بەت