غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى توغرىسىدا

شەيئىلەرنىڭ رولى شۇ شەيئىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمۇ شۇنداق. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدا تارىخ، مەدەنىيەت، گۈزەللىك، ئىلىم – پەن، ئېتىكا، مائارىپ، ئىقتىساد، ئىجادىيەتلەرگە ئائىت خىلمۇ – خىل بايلىقلار بولۇپ، مۇناسىپ ھالدا شۇلارنىڭ رولى بولغاچقا، بۇلارنىڭ خىلمۇ – خىل رولى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنىڭ مۇھىم بولغان قىممەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا، بىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۇنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى تەتقىق قىلىشقا بولغان قارىشىمىزنى يۇقىرى كۆتىرىپ، قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرالايمىز.
ئادەتتە ، شەيئىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى دېگەنلىك ئەمەس، خۇسۇسىيەت شەيئىنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىلا بولغان ئوبيىكتىپ ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. قىممەت بولسا سوبيىكىت بىلەن ئوبيىكىتنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ سوبيىكىت بىلەن ئوبىكىتنىڭ ئورتاق رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا قىممەت بولسا، ئوبيىكتىپ، مۇسبەت بىلەن سوبيىكتىپ خۇسۇسىيەت ۋە قىممەت ئوبيىكتى بىلەن قىممەت سوبيىكتى ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەۋجۇت بولىدىغان بىرلىك. ئۇ يەنە قىممەت سوبيىكتى، سوبيىكتىپ خۇسۇسىيەتنى ئاساس قىلغان بىرخىل ئالاھىدە مۇناسىۋەتتۇر. قىممەتنىڭ ماھىيىتى، ئەھمىيىتى ئاساسلىق، ئۇنىڭ ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئۈنۈمدارلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئوبيىكتىپ پاكىتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ئىپادىلەنمەيدۇ. شۇڭا، قىممەتتىكى ئۆزگىرىشلەر تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، قىممەت سوبيىكتىپ ئېھتىياجىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئەكسىچە، قىممەت ئوبيىكتىپ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئەمەس.
قىممەت ئىنسانىيەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. دەل گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ رىككېرت بۇ توغرىلىق توختىلىپ: «بىز قىممەتتىن پايدىلىنىپ دۇنيانى ئانالىز قىلىمىز. قىممەت تۇرمۇشىنىڭ يىلتىزى، ئەگەر قىممەت بولمىسا، بىز ياشىيالمايمىز. قىممەت بولمىسا، بىزنىڭ مەقسەت، تىلەك ۋە پائالىيەتلىرىمىزدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. چۈنكى قىممەت بىزنىڭ غايە ۋە ھەرىكەتلىرىمىزگە يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىدۇ»، دەيدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى بولسا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئەسلىدىنلا ئىنسانىيەت بىلەن ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولغانلىقىدا ۋە شۇنداقلا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئالدى بىلەن بىز ب د ت مائارىپ ، پەن،مەدەنىيەت، مەدەنىيەت تەشكىلىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئائىت ئېنىقلىمىلىرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى ئۈستىدە توختىلىپ باقايلى. ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلى 1998 – يىلى ئېلان قىلغان «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى جاكارلاش نىزامنامىسى» دا، «ئېغىزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» دېگەن سۆزگە مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن. يەنى ئۇ مەلۇم بىر مەدەنىيەت مەھەللىسىدىكى بارلىق ئىجادىيەتلەردۇر. بۇ ئىجادىيەتلەر ئەنئەنىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مەلۇم بىر كوللىكتىپ ياكى بىر قىسىم شەخسلەر تەرىپىدىن ئىپادىلىنىپ، شۇ مەھەللىنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەدەنىيەتلەر ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى بار دەپ قارالغان ئىپادىلەش شەكلىدۇر. ئۇنىڭ ئۆلچىمى ۋە قىممىتى تەقلىت قىلىش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئېغىزدىن ئېغىزغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىرى بولسا تىل، ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسۇل، ئويۇن، رىۋايەت، قائىدە – يۇسۇن، ئۆرپ – ئادەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىق ۋە باشقا سەنئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى تىل، ئەدەبىيات، مۇزىكا، قائىدە – يۇسۇن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
2003 – يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى» نى ماقۇللىدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپ ئېنىقلىما بەردى. يەنى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولسا، ھەرقايسى ئاۋام، كوللىكتىپ، بەزىدە شەخسلەر تەرىپىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرى دەپ قارالغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتلەر، كۆز قاراشلارنى ئىپادىلەش، ئىپادىلەش شەكىللىرى، بىلىم، ماھارەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قوراللار، بۇيۇملار، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ھەرقايسى مەھەللە ۋە ئاۋامنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىش ۋە تەبىئەت، تارىخ بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ مەھەللە ۋە ئاۋام ئارىسىدا ئورتاق تونۇش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىنسانىيەت ئىجادىيەت كۈچىگە بولغان ھۆرمەتنى كۈچەيتىدۇ». بۇلارنى تەھلىل قىلىپ كۆرسەك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بېرىلگەن بۇ ئېنىقلىمىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ مۇھىم قىممىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
ب د ت مائارىپ ، پەن ، مەدەنىيەت تەشكىلى ئېلان قىلىنغان «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغىزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى جاكارلاش نىزامنامىسى» دا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى باھالاپ تاللاش ئۆلچىمى ئۈستىدە توختالغاندا ، قىممەت مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان، يەنى بۇ «ئەھدىنامە» دە، «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغىزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى دەپ ئېلان قىلىنغان مەدەنىيەت سورۇنلىرى ياكى مەدەنىيەت شەكىللىرى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولۇشى، بىرىنچىدىن ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يۈكسەك يىغىندىسى ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولۇشى، ئىككىنچىدىن تارىخىي، سەنئەت، ئېرىقشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق ياكى ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولغان خەلق ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك». «مىراسلارغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلەرنى باھالاشتا، باھالاش كومىتېتى تۆۋەندىكىدەك ئۆلچەملەرنى ئويلىشىش كېرەك. يەنى مەھەللىلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ياكى مەدەنىيەت تارىخىغا چوڭقۇر باغلانغانمۇ – يوق؟ مىللەت ۋە ئاۋام مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىسپاتلاش رولى بارمۇ – يوق؟ ئوي – پىكىر ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭگۈشتەر بولۇپ، ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى باغلاشتەك مۇھىم رولى بارمۇ – يوق؟ شۇنداقلا نۆۋەتتە مەھەللىلەرگە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ – يوق؟ بىر خىل جانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى بولۇشتەك قىممىتى بارمۇ – يوق؟» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغان باھالاپ بېكىتىشنىڭ كونكرېت پىكىرلىرىدە ئېيتىلغانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بېرىلگەن ئېنىقلىما ۋە «ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» نى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچەملىرى ئۈستىدىكى تەھلىللەردىن بىز يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قىممىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ئۇنىڭ قىممىتى بىردەك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئادەم ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان خۇسۇسىيەتكە، جانلىقلىققا، ئۆزگىرىشچانلىققا، مۇرەككەپلىككە، ئۇنىۋېرسال بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بۇلار بولسا بىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشىمىزدە يۈكسەك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلاردۇر. چۈنكى بۇلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتىنى تولۇق تونۇشىمىز ۋە ئۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىزغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
2002 – يىلى دۇنيا ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى قاتناشقان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىندا «ئىستامبول خىتاپنامىسى» ماقۇللىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى يەنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە كېرەكلىك خىلمۇ – خىل مۇھىم قىممەتلەرنى ھازىرلىغانلىقى تەكىتلەندى. «خىتاپنامە» دە: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولسا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئوچىقى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ دېۋاملىق تەرەققىي قىلىشنىڭ كاپالىتى، بۇلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە كېرەكلىك خىلمۇ – خىل مۇھىم قىممەتلەرنى ھازىرلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دەپ قارالدى.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك تۈر. بۇ دەل مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جوۋ خېپىڭ تەكىتلىگەندەك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى «ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ جانلىق كارتىسىنى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. بىر مىللەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەمىشە شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭدا شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەسلى ئالاھىدىلىكلەر ۋە شۇ مىللەتكە خاس بولغان تەپەككۈر ئۇسۇللىرى، پسىخىك قورۇلمىلىرى ۋە گۈزەللىك قاراشلىرى قاتارلىقلار ساقلانغان». ئەمەلىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىلگىرىلەشكە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋە ئۇنىڭ قىممىتىگە بولغان تونۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا باھا بېرىشتىكى بىردىن بىر ئۆلچەم «پەقەت سەۋىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشەندۈرۈشىدۇر. مىراسلارنىڭ قىممىتىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىشتىكى كونكرېت جەريانلاردا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىيات سەۋىيىسى بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. مىراسلاردا ناھايىتى مول ئۇچۇرلار ساقلانغان. ئۇچۇر ۋە قىممەتلەر بولغان بىلىشىنى بىردىنلا ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پەن – تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن تېخنىكىلىق ۋاسىتىلارغا ئەگىشىپ، ئۇنى بىلىش چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ بارىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھەقىقىي، تولۇق ساقلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ دېۋاملىق تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم شەرتى، شۇڭا مەلۇم مەنىدىن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ مۇھىملىقىغا مەيلى قانداق باھا بەرمەيلى قىلچە خاتالاشقان بولمايمىز، دېيەلەيمىز.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم قىممىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىشتە بىش چوقۇم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى بولغان قىممەت ئۆلچىمى بىلەن ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ پەرقلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىنى پەرقلەندۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ب د ت پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلى ئېلان قىلغان «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى جاكارلاش نىزامنامىسى» دە: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى چوقۇم ئالاھىدە قىممەتنى ھازىرلىشى، يەنى «تارىخى، سەنئەت، ئېرىقشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق ياكى ئەدەبىيات نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بولغان خەلق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرى بولۇشى كېرەك» دېيىلگەن. بۇنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ كۆرگەندە، بىز مۇنۇلارنى بايقايمىز يەنى ئۇنىڭدا ئەمەلىيەتتە ئېيتىلىغىنى شۇ قىممەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئەمەس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قارىتا قىممەتكە ھۆكۈم قىلىشنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە باھالاش قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ قىممەتنىڭ ئۆزى ئەسلىدە مۇنداقچە ئېيتقاندا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتى بارمۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلە بولۇپ ، بىز ئۇنىڭ تارىخى، سەنئەت ، ئېرىقشۇناسلىق ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، تىلشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىلمىي قىممىتى، تەتقىقات قىممىتىنى ھازىرلىغانمۇ – يوق دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ. روشەنكى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قىممەت ئۆلچىمى ۋە باھالاش نۇقتىلىرى بولسا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ دەل ئۆزى بولماستىن، ئەمەلىيەتتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆپ خىل پەنلەرنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك رولى ۋە قىممىتىنىڭ بارلىقىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات ئورنى ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىق قىلىش مەركىزىدىن ئەسئەت بارات تەمىنلىگەن