گىرمانىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى

تەييارلىغۇچى: مۇختەر مۇھەممەد

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى دۇنيا بويىچە قىزىق تەتقىق قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلار مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدا چوڭقۇر تەتقىق قىلىنماقتا.جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنى غەربتىكى باشقا ئەللەر قاتارىدا قىزغىن تەتقىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى گېرمانىيە.1998-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە فرايبورگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور جىنس پېتېر لائوت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى ھەپتە زىيارەتتە بولدى.زىيارەت داۋامىدا دوكتور جىنس پېتېر لائوت ئەپەندى گېرمانىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات ھەققىدە توختالدى.ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپچىلىكى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ساقلىنىۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بېرلىندا ھازىر قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن (ھۆججەتلىرىدىن) 14 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقراقى ساقلىنىۋېتىپتۇ.

تەتقىقاتچىلار ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مول ھوسۇللۇق تەتقىقاتچىلاردىن بىرى پروفېسسور پېتېر زىئېمىې ئىكەن.ئۇ تۈرلۈك يازما يادىكارلىقلارنى(قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى)نەشر قىلدۇرۇپتۇ.يېقىندا ئۇ يەنە «ئالتۇن يارۇق»نىڭ بىر قىسمىنى تەتقىق قىلىپ تاماملاپتۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە دوكتور ئىنگرىد ۋارنكې «توۋىنامە»لەرنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈزۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ.دوكتور سىمونې راسخمان خانىممۇ «ئالتۇن يارۇق»نىڭ 44خىل نۇسخىسىنى تۈزۈپ تاماملاپتۇ.ئۇ يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ئىچىدىكى ئاۋاملار يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

پروفېسسور دوكتور جىنس پېتېرلائوت ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بانبېك ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان پروفېسسور سېمىخ تېزكان ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكولوگيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاتاقلىق پروفېسسور ھانى يوئاخىم كىلىنكېت ئەپەندى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى تەتقىق قىلىدىكەن.گرامماتىكا ئىلمى ۋە تىلشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقاتى بويىچە داڭ چىقارغان فىرانكفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور مارسېل ئېردال ئەپەندى نۆۋەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى سۈرەتكە تارتىپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋېتىپتۇ.

پروفېسسور دوكتور جىنس پېتېر لائوت ئەپەندى فرايبورگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئاساسىي خىزمىتى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى ۋە ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتى «مايتىرى سىمىت».ئۇ بۇ كىتابنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاريانىتلىرىنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن.ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم يازما ھۆججەتلەر تەرەپلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ بار.

گېتىنىگىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور كلائۇس روھبورن ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ زور ھەجىملىك لوغىتىنى تۈزمەكتىكەن.ئۇ يەنە «شۈەنزاڭ قىسسىسى»نىڭ يەتتىنچى،سەككىزىنچى قىلىدى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىپتۇ.ئۇنىڭ يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار ۋە جۈملىلەر توغرىسىدىمۇ يازغان ئەسەرلىرى بار ئىكەن.

گېرمانىيە ماربورگ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاسپىرانتى جېنىس ۋىلكېنىس ئەپەندى بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان دىنىي ھۆججەتلەرنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەپ تاماملاپتۇ.ئۇ يەنە «ئالتۇن يارۇق»توغرىسىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپتۇ.

مەنبەسى: مىراس ژۇرنىلى 1999-يىللىق 4-سان