«كورلا» نامى ھەققىدە مۇلاھىزە

غالىب بارات ئەرك

مۇقەددىمە

كورلا شەھىرى رايونىمىزدا تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنىڭ ئالاقىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋە كېلىپ كېتەر كۆپ قەدىمىي شەھەر . ھەر بىر كېلىپ كېتەر زىيارەتچى شەكسىزكى بۇ قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ھېسابلىنىدۇ . ھالا بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ ئاۋات شەھەرنىڭ نامى ھەققىدە ھەر خىل ئەپسانە ۋە ئەپقاچتى گەپلەر بولۇپ ، ”يۈزگە سۈرتۈلگەن قارا“دەك كۆڭۈلنى غەش قىلماقتا . ئېيتماق كېرەككى، ” كورلا “دىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي ، تارىخىي يۇرتنىڭ نامىنى ئىلمىي يوسۇندا شەرھىيلەش ، مەدەنىي جەمئىيەتتىكى بىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر . ” كورلا “ نامى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن يورۇتۇلسا ، تۈرلۈك ئەپسانە ، ئەپقاچتى سۆزلەرگە لايىقىدا رەددىيە بەرگىلى بولىدۇ . پاكىت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ، پاكىتلار ئىلمىي ئاساسلار بىلەن دەلىللىنىشى كېرەك. بۇ تارىخىي نامنىڭ ئېتمولوگىيىسى مەسىلىسى كۆپنىڭ مۇلاھىزە قىلىدىغان مەسىلىدۇر ، چۈنكى ‹‹ كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ ›› ، ‹‹ كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس ›› ئەمەسمۇ ! مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمنى كۆپچىللىكنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنماقچىمەن ، كۆپچىللىكنىڭ بەس مۇنازىرە قىلىشىنى ھەمدە ” كورلا “ نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1. ” كورلا “ نامىنىڭ تارىخىي يازمىلاردا كۆرۈلۈشى

[1.1] بەن گۇ ( مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 32 – يىلىدىن مىلادىيە 92 – يىلىغىچە ياشىغان ) يازغان ‹‹ خەننامە ››دە ‹‹ چېدىر ( 渠黎) . بىر نەپەر شەھەر كاھبېگى بار، ئاھالىسى 130 تۈتۈن ، نوپۇسى 1480 كىشى ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 150 نەپەر . شەرقى

ي شىمالى كۆنچى ( 尉犁) بىلەن ، شەرقىي جەنۇبى چەرچەن (且末)، جەنۇبى نىيە ( 精绝) بىلەن تۇتۇشىدۇ . غەربىدە دەريا بار . كۇچارغا 580 چاقىرىم كېلىدۇ ››[1] دېيىلگەن .

[1.2]‹‹يۈەن سۇلالىسى تارىخى ›› 134 – جىلىد ‹‹ شايباننىڭ تەرجىمھالى ››دا ‹‹ شايبان ، ئۇيغۇر ، ئاتىسى كۈلبەگ قۇچ ، بوي ئىگىزلىگى 8 چى ، ئاقىل كىشى . تەيزۇنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، چېرىكلىرىنى باشلاپ كېلىپ تەۋەلىك بىلدۈرگەن . يۈرۈشتىن (مۇسۇلمان )ئېلىگە قايتقاندا، كۆپ تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن چوڭ تارتۇقلار بىلەن تارتۇقلانغان ، مۇشۇ ئەلدىكى كورلا (坤闾) شەھىرىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلەنگەن. 200 ئائىلە تېرىقچى سۈيۈرغال قىلىنغان …. ›› [2] دېيىلگەن .

[1.3] شاھ مەھمۇد جوراس (17 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى يازغان ) ‹‹ سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ … مەنزىلمۇ مەنزىل مېڭىپ كورلىغا يېتىپ كەلدى … كورلىدىن ئۆتۈپ قوئالغە داۋانىغا يېتىپ كېلىشتى … ›› [3] دېيىلگەن.

[1.4] چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فۇ خېڭ قاتارلىقلار پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن تۈزگەن، 1763 – يىلى كىتاب قىلىپ تۈزۈلۈپ بولغان ‹‹غەربىي دىياردىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى ›› ( ‹‹西域同文志›› ) دىگەن كىتابنىڭ 2 – جىلىدىدا كورلا نامى 库陇勒 دەپ يېزىلغان ۋە ‹‹ مۇسۇلمانلار ( ئۇيغۇر ) تىلىدا كۆرۈڭلار دىگەن مەنىدە ، يەر شەكلى كەڭ ، كۆركەم بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان ›› دېيىلگەن. شۇ كىتابتا بۇ نام ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن چىرايلىق قىلىپ ‹‹ كورونك لەر –lär ηKørø ~lär ηKørü ›› دەپ يېزىلغان.

[1.5] ‹‹ غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى ››دە خەرىتە ۋە باشقا بايانلاردا ”كورلا “ نامىنىڭ ئەينى ۋاقىتىكى خاتىرىسى ئۇچرايدۇ ( بۇ كىتاب 1756 – يىلى تۈزۈشكە باشلانغان ، 1761 – يىلى دەستلەپكى نۇسخسى پۈتكەن، 1782 – يىلى بېكىتىلگەن ) : مۇشۇ كىتابتىكى ‹‹ غەربىي دىيارنىڭ ئومۇمىي خەرىتىسى››دە 库龙勒 دەپ ، تەڭراىتاغنىڭ جەنۇبىي قىسمى خەرىتىسىدە 库陇勒 ۋە 库陇勒塔克 ناملىرى خاتىرىلەنگەن . مۇشۇ كىتابنىڭ 7 – جىلىد ، 15– جىلىد، 30– جىلىد، 34– جىلىدلاردا كۆپ قېتىم 库陇勒 دېگەن نام خاتىرىلەنگەن[4] .

[1.6] چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارى شۈ سوڭ (1781- 1848) تەرىپىدىن 1817 – يىلى ئىلىدا دەستلەپكى نۇسخىسى تاماملانغان ‹‹ غەربىي يۇرتنىڭ دەريا ئېقىنلىرى خاتىرىسى ›› (‹‹ شىنجاڭ ھەققىدە ئومۇمىي بايان 新疆识略›نى كېڭەيتىپ يازغان ) دە 库尔勒 دەپ يېزىلغان ۋە ‹‹ ( تارىم ) دەرياسى 170 چاقىرىم شەرقتە ، كورلا (庫爾勒) كەنتنىڭ شىمالىي ئارقىلىق ئېقىپ ئۆتىدۇ . كورلا نامى ئۇيغۇرچە ( مۇسۇلمانچە ) كۆرۈڭلار (观望) دېگەنلىكتۇر ، يېرى كەڭ ۋە ئازادە ، ئۇزاققا نەزەر سالماق دىگەن مەنىدە، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان . 庫隴勒 دەپمۇ يېزىلىدۇ . مەھەللە كورلا ھەربىي گازارمىسىنىڭ 3 چاقىرىم جەنۇبىدا … 1766 – يىلى 600 تۈتۈندىن كۆپ ئاھالە قۇمچاقما (噶札瑪)غا كۆچۈرۈلگەن ، بېگى يەنىلا كورلىدا تۇرۇپ باشقۇرغان … ››[5] دېيىلگەن.

[1.7] ‹‹ غەربىي يۇرتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمدىن خاتىرە ›› (1777- يىلى يېزىلغان ) ناملىق كىتابتا ‹‹ لوپنۇرلۇق مۇسۇلمانلار بېلىق ئىستىمال قىلىپ ھايات كەچۈرۈدۇ ، بەزىدە كورلىغا (庫爾勒) كېلىدۇ ، باشقا جايدىكىلەر بىلەن باردى – كەلدى قىلمايدۇ . كورلىنىڭ شەرقىي ھۇدۇدىدا تاغ بار ، 60 چاقىرىمدا قۇمچاقما، جەنۇبىدا لوپنۇر كۆلىدۇر ( مۇشۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن خەرىتىدە كورلا مەھەللىسى بىلەن كورلا ھەربىي گازارمىسى دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر بىرىگە يۈزلىنىپ تۇرىدۇ)››[6].

[1.8]موللا مىر سالىھ كاشغەرىي كۆچۈرگەن 17 – ئەسىردىكى ‹‹ كاشغەر تارىخى ( چىڭگىزنامە) ›› دە مۇنداق جۈملە بار : ‹‹ شاھ ئادىلبەگ قاچىپ كورلە [غە] كەلدى ، مىرزا ھاشىم كورلەلىق ھەم ئەبەيدۇللاخان بىلەن مىرزا ئەبۇلھادىنى خاھىش قىلدى ›› [7]

[1.9] ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامى (1836-1917) 1908 – يىلى يېزىپ تاماملىغان ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› نىڭ ئالىم ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرگەن قوليازمىسىدا ‹‹كورلا›› دەپ يېزىلغان. موللا مۇسا سايرامى ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› دىگەن كىتابىدا ‹‹ ھالا بۇ گۈنلەردە كۆرگەنلەر بۇ تەرىقىدە نەقىل ۋە ھىكايە قىلادۇركىم ، لوفنىڭ مەشرىق ھەددى لەنجۇ سىڭ تابىئەسى سۇجۇ ۋە ساجۇ دىگەن … شەھرىغە بارادۇر ، شىمال ھەددى قامۇل ۋە تۇرفان ، كورلادۇر… دېپ نەقل قىلادۇر: ھالا بۇ كۈنلەردە ئەھۋالنى بىلگەنلەر : لوپنىڭ شەرقىي ئۇچى لەنجۇ ئۆلكىسىگە تەۋە سۇجو ۋە ساجو دىگەن شەھەرلەرگە ئۇلىنىدۇ ، شىمال تەرىپى بولسا ، قۇمۇل ، تۇرپان ۋە كورلىغا تۇتۇشىدۇ … دەپ تەسۋىرلەيدۇ ›› . ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ››نىڭ قوليازمىسىدىكى[9] ‹‹ كورلا ›› نامىنى، تارىخچى ئەنۋەر بايتور ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان ‹‹ تارىخى ھەمىدىي››دە ‹‹ كورلا ›› [10] دەپ ترانسىكپىكسىيە قىلغان . چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇتىخەسىسى ، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› دىگەن كىتابىدا بۇ نامنى ‹‹ كورلا ›› دەپ ترانسىكرىفىسىيە قىلغان ۋە ھازىرقى زامان تىلىغا يەشكەندە ئوخشاش ئالغان[11] . بۇنىڭدىن باشقا ئاشۇراخۇن غەرىبىينىڭ ‹‹ ئەمىر ئالىي ›› داستانىدىمۇ ‹‹ كورلا›› دەپ يېزىلغان. مەن بۇ ھەقتە ئۇستاز، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينى تېلىفۇندا زىيارەت قىلدىم . ئۇ ‹‹ تارىخى ھەمىدىي›دە كورلا دەپ يېزىلغان ، ئۇنىڭ باشقىچە ئوقۇلىشى يوق ›› دىگەن جاۋابىنى بەردى .

[2.0] مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››تە ‹‹ kævli كويلا ، دەريا ئېغىزى . بۇ ئۈچ سۆز كەنچەكچىدۇر ››[12] دەپ يازغان.

مانا بۇلار مەن كۆرگەن ، كورلا نامىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان خاتىرىلەردىكى بايانلاردۇر.

2. ” كورلا “ نامى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار

[2.1] فېڭ چېڭجۈننىڭ ‹‹ غەربىي يۇرت يەر ناملىرى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ ‹غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى›دە 库陇勒دەپ ، ‹ شىنجاڭ ھەققىدە ئومۇمىي بايان(新疆识略) ›دا 库尔勒دەپ يېزىلغان . سىتەيىن خەن دەۋرىدىكى 危须国 دۇر دەپ قارىغان ، بۇ ھازىرقى شىنجاڭنىڭ كورلا ناھىيسى ››[13] دەپ يازغان .

[2.2] يۈ ۋېيچىڭ ‹‹ شىنجاڭ مەمۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ كورلا (korla ) ، بۇ جاي نامى تىل تەۋەلىگى بىلەن مەنىسى ھەققىدە ئاساسەن ئىككى خىل قاراش بار : بىرى موڭغۇلچە . لاما دىنى راھىبى نوم ئوقۇغاندا دائىم ئىشلىتىدىغان چۆرۈگۈچ ياغاچ چۆرۈلگەندە ئاۋاز چىقىرىدۇ ، بۇ موڭغۇل تىلىدا كوردى (kordi ) دەپ ئاتىلىدۇ . رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر لاما دەريا بويىدا ئۆرە تۇرۇپ كوردىنى چۆگىلىتىپ نوم ئۇقۇۋاتقاندا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن كوردىنى دەرياغا چۈشۈرۈۋېتىپتۇ . ئۇ يۇقۇرى ئاۋازدا ” كوردى “، ” كوردى “ دەپ توۋلاپتۇ . كېيىنكىلەر دەريا نامى بىلەن يەر نامىنى ” كوردى “ دەپ ئاتاپتۇ . كورلا نامى ئەنە شۇ ” كوردى “ دىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن ئىكەن . ئىككىنچى قاراش كورلا تۈركىي تىلدىكى Körünglar دىن korlaغا ئۆزگەرگەن . Körünglar دىگەن سۆزنى تۈزلا تەرجىمە قىلسا كۆرۈڭلەر ياكى قاراڭلار دىگەنلىك بولىدۇ ›› [14] دەپ قارىغان ھەمدە شۈ سوڭنىڭ بىز كۆرگەن بايانىنى قوشقان .

[2.3] مەھمۇدجان ئاسىم ‹‹ كورلا نامى ھەققىدە مۇلاھىزە ›› ناملىق ماقالىسىدە ”كورلا“ نامى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قاراشلار بار دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ : ‹‹ (1) كىھلە ، كۆھلە (2) كورلا (3) كويلە (4) كىڭۈت ، كاۋلى . بۇ ماقالىدە ‹‹ كىھلە دىگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ كۆھلە دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ . يەنە بىر مەنىسى سۈرمە دىگەندىن ئىبارەت . چۈنكى ، كورلا يېرى مۇنبەت ، گۈزەل ، ھاۋاسى يېقىملىق ، سۈيى سۈزۈك جاي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان . كىھلە دىگەن بۇ نام 1934 – يىلى كورلىدا ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما قۇرۇلغان چاغدا ئۇيۇشمىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا يەر نامىنى قانداق يېزىشنى مۇزاكىرە قىلغاندا ، ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى كەنجى ئېلىيوۋ قاتارلىق زىيالىلار ، مۆتىۋەر زاتلار ھەم ئامما تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ۋىۋىسكىغا ‹ كىھلە ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى › دەپ يېزىشنى بېكىتكەن . (2) قاراش كورلا دىگەن نام ‹ كۆللە › دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان ( ئاپتور بۇ قاراشتا باغراشتىن ئېقىپ چىققان سۇنىڭ كورلا رايونىدا ئۇششاق كۆلچەكلەرنى پەيدا قىلغانلىقتىن ‹‹ كۆللەر ›› شەھىرى دەپ ئاتالغان دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ) . (3) كويلا ( ئويمان يەر ) دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، 1947 – يىلى توختى ئەلەم ئاخۇنۇم قاتارلىق كىشىلەر ماڭا ‹”كورلا “ نىڭ ئەسلىي نامى ”كورلا “ بولماستىن بەلكى كويلا ئىكەن دېگەن ئىدى . ( ئاپتور بۇ قارىشىنى تەكىتلەپ كۆنچى دەرياسى سۈيى تۆت تۈپ تېرەك ، خەزىنە سايباغ ، ئاقتاش قاتارلىق جايلارنى كولاپ كەتكەنلىگىگە قاراپ ئەينى زاماندا خەلق كورلىنىڭ نامىنى ‹ كويلا › دېگەن . كېيىنكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن جانلىق تىلدا كورلا دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان ھەمدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››دا ‹‹ كويلا ، دەريا ئېغىزى ›› دەپ يازغانلىقىنى پاكىت قىلغان . (4) كىڭۈت – كاۋلى … ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا ‹‹ كالى – كويلا، دەريا ئېغىزى دەپ ئىزاھلىغان . ئەرەب گىرامماتىكىلىق قائىدىسى بويىچە ‹ موسى › موسا دەپ ، ‹ ئەيسى › ئەيسا دەپ ئوقۇلغىنىغا ئوخشاش ‹ كاۋلى سۆزىمۇ ‹ كاۋلا ›، ‹ كولا › دەپ ئوقۇلىشى مۈمكىن . شۇڭلاشقا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كورلا دەپ ئاتالغان بولىشى مۈمكىن ، ھازىرقى كۆنچى دەرياسىنىڭ جۇغراپىيىلىك كۆرۈنىشى خۇددىي تۈگمەننىڭ كويلىسىغا ئوخشاش تېز ھەم تار ئاقىدۇ . شۇڭا كورلا دىگەن نام مەھمۇد كاشغەرىي ئىزاھلىغاندەك ‹ كاۋلى › كولا › دىگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ ‹ كويلا ›، ‹كورلا › دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق ›› [15] دەپ يازغان.

[2.4] غالىب بارات ‹‹ ” كورلا “ نامى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە ›› ( ‹‹ بايىنغولىن گېزىتى ›› 1993 – يىلى 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ) ۋە ‹‹ ” كورلا “ نامىنىڭ ئېتمولوگىيسى ھەققىدە ›› (‹‹ بايىنغولىن گېزىتى ›› 1993 – يىلى 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ) ناملىق ماقالىلىرىدە كورلا نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆرتلە (körtlä )دىن كەلگەن ، بۇ ‹‹ گۈزەل ، چىرايلىق ›› دىگەن مەنىدە دەپ يازغان ھەمدە تىلشۇناسلىق تەھلىلى يۈرگۈزۈپ körtlä دىكى t تاۋۇشى چۈشۈپ قالغانلىقتىن kōrlä بولغان ( شۇڭا ئو سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) . ئاپتۇر بۇ ئىككى ماقالىسىدىكى قاراشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ‹‹ بوستان ›› ژورنىلىنىڭ 1996 – يىللىق 1 – سانىدا ‹‹ ” كورلا “ نامى ئۈستىدە ئىزدىنىش ›› دىگەن تېمىدا ئېلان قىلغان .

[2.5] ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى مۇنداق دەپ يازغان : ‹‹ بۇ شەھەر كەم ھېسابلىغاندىمۇ ‹ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى› دەۋرىدە بىنا قىلىنغان . چۈنكى 13 – ئەسىردە ، خەنزۇچە مەنبەلەردە ‹ كۈن – لۈي › دەپ يېزىلغان . بۇ نام ئېھتىمال قەدىمكى ئۇيغۇرچە ‹ كۆرۈكلۈك › نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولسا كېرەك . ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى › ۋە ‹ ئالتۇن يارۇق › قاتارلىق ھۆججەتلەردە يېزىلىشىچە، ‹ كۆرۈكلۈگ › سۆزى ‹ گۈزەل ، مەنزىرە ، چىرايلىق جاي ، كۆركەم دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈدۇ › . ‹ كۆرۈكلۈگ› سۆزى بارا – بارا ‹ كۆرۈكلە › كورلا بولۇپ ئۆزگەرگەن . بۇ نام كورلىنىڭ تەبىئىي شارائىتىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ ›› [16]

[2.6] نيۇ رۇچېن ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ ” كورلا “ نامى ، ‹ غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى ›دە ئۇيغۇرچە نەزەر سالماق ، قاراپ تۇرماق دىگەن مەنىدە . 库陇勒 دەپمۇ ئاتالغان ›› [17] دەپ مۇشۇ قاراشنى ياقلىغان .

[2.7] جې يۈ جوڭ ‹‹ يەر ناملىرىدىن شىنجاڭغا نەزەر ›› ناملىق كىتابىدا : ‹‹ كورلا ، ئۇيغۇرچە نام ، ئۇزاققا نەزەر سالماق دىگەن مەنىدە . ‹غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى ›دە ‹ مۇسۇلمانچە ( ئۇيغۇرچە) ، كۆرۈڭلەر دىگەن سۆز . يەر شەكلى كەڭ ، ئازادە ، شۇڭا ئەنەشۇنداق ئاتالغان › دەپ شەرھىيلەنگەن . … ‹غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى › دە库陇勒 دەپ ئاتالغان…. ‹ شىنجاڭ ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە›دە 库尔勒 دەپ يېزىلغان ، بۇ خەن دەۋرىدىكى 渠梨 ئېلىنىڭ يېرىدۇر ›› [18] دەپ يازغان.

[2.8] نىياز كېرىمى ‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ كورلا ئەسلى كويلادىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، كۆلچەك دېگەن مەنىدە … ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن” كويلا “ ئۆزگىرىپ ” كورلا “ بولۇپ قالغان›› [19] دەيدۇ.

[2.9] بۇ بىر ئەپسانىۋىي چۈشەندۈرۈش بولۇپ، ئېيتىلىشىچە ئاپاق خوجا كورلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەۋلىيالىقىنىڭ راست يالغانلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن ، كورلىلىقلار ئۇنىڭغا مۆشۈك ئۆلتۈرۈپ ، مۆشۈك گۆشىدە پولو ئېتىپ بەرگەن ئىكەن. ئەپسانىدا ئېيتىلىشىچە ، ئاپاق خوجا پولوغا بېسىلغان گۆشنى سىلاپ ”قوپ جانىۋېرىم “ دېگەن ئىكەن ، مۆشۈك تىرىلىپ قوپۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاپاق خوجا بۇ يەرلىكلەرنى ” كورلار “ دەپ قارغاپتۇ ، شۇڭا بۇ يەر ” كورلا “ دەپ ئاتىلىپتۇ .

3. خەلق ئېغىز تىلىدىكى كورلا

‹‹ ھاجى دادام ئاغرىپ قالىپ كولىخان شەردە ياتتى ›› [20]

ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئەپەندى 1960 – يىلى تىل تەكشۈرۈش داۋامىدا لوپلۇقلارنىڭ ” كورلا “ نامىنى kørlø دەپ تەلەپپۇز قىلىىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن .

گۇننار ياررىڭ ئەپەندى ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ كىتابلىرىدا خاتىرىلەنگەن ناملارنى تەتقىق قىلىپ يازغان كىتابىدا، كورلا نامىنىڭ[21] تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل خاتىرىسى بار :

(1) 1896 – يىلى سېۋىن ھېدىننىڭ خاتىرىسىدە korla، kurle، kurla

(2) ئاتاقلىق ئۆزبېك ئالىمى مۇرزايېۋ 1966- ، 1974 – يىللىرى بۇ نامنى kurlä دەپ خاتىرىلىگەن .

(3) ئۇيغۇر تارىخچىلارنىڭ چاغاتاي ئۇيۇغر يېزىقىدىكى ئەسەرلىرى ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› ، ‹‹ ئەمىر ئالىي ›› ، ‹‹ كاشغەر تارىخى ـ چىڭگىزنامە››لەرنىڭ قوليازمىسىدا ‹‹ كورلا›› دەپ يېزىلغان.

مۇھاكىمىلەر :

بىز تارىخىي خاتىرە [1.1] دە كۆرگەن چېدىر دىگەن بۇ كىچىك بەگلىكنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بولساق، شۇ كىتابنىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق دېيىلگەن ‹‹ چېدىر بەگلىگى (渠梨国) خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى بەگلىك . ئورنى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كورلا شەھىرى بىلەن لوپنۇر ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ ›› [22] . بەزى كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە 渠梨 نامى كورلا نامىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى شەكلى ئىكەن ، ئۇنداقتا بىز بۇ خەتلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى تەلەپپۇزىغا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى . سېن جوڭمىيەن ئەپەندى بۇ ھەقتە بۇرۇنلا تەتقىقات يۈرگۈزگەن، جۈملىدىن 渠梨 نىڭ ”كورلا “غا”تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىن كەلسىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇساپە جەھەتتىن ماس كەلمەيدۇ“ دەپ قاراپ بىر جاي ۋە بىر نام ئەمەسلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئالىمنىڭ بۇ ئىككى خەت ئەينى ۋاقىتتا [ g‘iwoliei] دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، بۇ نامنى ئېتمولوگىيە جەھەتتىن سۇغداق نامىدىن كەلگەن دەپ قارىغان . ئالىمنىڭ قارىشىچە渠梨 ئەسلىدە سوغداقلارنىڭ نامى Suguda دىن guda > gula بولۇپ ئۆزگىرىشى بىلەن Su قىسقىراپ gulaغا ئۆزگەرگەن . ئالىم بايانىدا ‹‹ خەننامە›› ئۇچرايدىغان ‹‹渠梨 غەربىي يۇرتتىكى غۇر ( 胡 ) مەملىكىتىنىڭ نامى ›› دىگەن باياننى شىپى كەلتۈرگەن ھەمدە غۇر ( 胡 )نى سوغداق دەپ قارىغان [23]. بىز 渠梨 نامىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەلەپپۇزى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغان بولساق 渠 خېتى قەدىمكى دەۋردە [gĭа] ( ھېنرې ماسپېرونىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا بۇ خەت 7 – ، 8 – ئەسىرلەردە )gj’i∂] ] دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان ، لېكىن ياپونچىغا تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلغاندا kijo (kyo) دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان. 梨 [liei] دەپ ئوقۇلىدۇ ، قوشۇپ يازغاندا 渠梨 [gаliei] ياكى kyoliei بولىدۇ ، بۇلارنى قوشۇپ ئاددىيلا تەلەپپۇز قىلساق ”كىيولە ياكى كولە “ بولىشى مۈمكىن . بۇ نامنى يۈ تەيشەن ئەپەندى 渠黎[ [gia-lek،渠梨 [ gia-lyei] دەپ ئوقۇغان. ئۇنداقتا بۇ جاي نامى بۈگۈنكى كۈندىكى ” كورلا “ نامىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋردىكى تەلەپپۇز خاتىرىسىمۇ ؟ بۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىدۇر.

بىز كۆرگەن تارىخىي خاتىرە [1.2] دە شايباننىڭ كورلىغا دارۇغاچلىققا تەيىنلەنگەنلىگى يېزىلغان ، ئۇنداقتا بۇ قانداق ئەمەل ؟ بۇنىڭغا ‹‹ جۇڭگونىڭ تارىختىكى ئەمەل مەنسەپلىرى لۇغىتى›› دە مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹ دارۇغاچ . موڭغۇل تىلىدا مۆھۈردار دىگەن مەنىدە ، چىڭگىزخاننىڭ 18 – يىلىدىن باشلاپ تەئسىس قىلىنغان . يۈەن سۇلالىسى تۈزۈمىدە خەنزۇلارنى باش ئەمەلدارلىققا قويۇشقا بولمايتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەتلەر ، قەبىلىلەر بىلەن ئايماق، مەھكىمە ، ناھىيىلەرگىچە دارۇغاچلار قويۇلغان بولۇپ موڭغۇللار بىلەن رەڭدار كۆزلۈكلەر باشلىق بولغان ›› [24] . بىز مانا بۇ خاتىرىلەردىن دارۇغاچ مەنسىپى تەئسىس قىلىنغان ۋە موڭغۇللار تەرىپىدىن شايبان ئىسىملىك ھەربىي ئەمەلدار دارۇغاچ بولغان شەھەرنىڭ كىچىك ئەمەسلىگىنى پەرەز قىلالايمىز ، ناۋادا بىز شۇ شەھەردىكى ئاھالىنىڭ 10دىن بىرى شايبانغا سۈيۈرغال قىلىنغان دەپ قارىساق 2000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالە بارلىقىنى ، نوپۇسىنىڭ شۇ ۋاقىتتا 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. ئۇنىڭ 20000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىشى قاتارلىق ئىشلاردىن شايباننىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى دەۋرىدە كورلا رايونىنىڭ مەمۇرى ، ھەربىي ئەمەلدارى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈشى مۈمكىن ، شۇنداق بولغاندىلا بارچۇق ئارت تېگىن تەۋەلىك بىلدۈرگەندىن كېيىن، لەشكەرلىرىنى باشلاپ بېرىپ تەۋەلىك بىلدۈرۈشى ، شايباننىڭ كېيىنكى چاغلاردا يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ماجرالارنى ھەل قىلشىقا ئارىلىشىشى قاتارلىقلار، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە تەسىرى چوڭ ۋە ئابرويلۇق تارىخىي شەخس ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .

ئۇنداقتا 13 – ئەسىردىكى坤闾 ، ” كورلا “ نامىنىڭ شۇ دەۋردىكى تەلەپپۇز خاتىرىسىمۇ ؟ بىز坤闾 نامىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەلەپپۇزىنى ئىزلەپ كۆرۈدىغان بولساق [lĭo k‘uæn] دەپ ئوقۇلىدۇ. ھېنرې ماسپېرونىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانساق 坤 خېتى 7 – ، 8 – ئەسىرلەردە [ǎn k’u] دەپ ئوقۇلغان ، بۇ خەت ياپونچىغا ئۆز دەۋرىدە تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىنغاندا kon بولغان . بىز بۇنى ئاددىيلا تەلەپپۇز قىلساق ”كۆنلۆ“ ياكى ”كۆنرۆ “ بولىشى مۈمكىن ( قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ك تاۋۇشىدىن كېيىن ئو تاۋۇشى كەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆ تاۋۇشى دىيىلدى) ، بۇلار ” كۆرلۆ ~ كۆرلە“ نامى بىلەن تامامەن يېقىن كېلىدۇ . بۇ يەردە 11 – ئەسىرگە تەئۇللۇق بولغان kævli ئاتالغۇسىنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ . kævli ئاتالغۇسى گەرچە كېيىنكى دەۋرلەردە ”كويلا“غا ئۆزگەرگەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولسىمۇ ”كويلا“ تىلشۇناسلىق نوقىسىدىن ”كورلا“غا ئۆزگىرەمدۇ؟ بۇنى تىلشۇنالىق نوقتىسدىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . بىز مۇشۇ مۇھاكىمىمىزدە ”كورلا“نىڭ مىلادىيە 13 – ئەسىردىن بۇرۇنقى بىر قەدىمىي ماكان ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، ”كورلا“ نامىنىڭمۇ 13 – ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ نام ئىكەنگىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. ‹‹ كورلا شەھىرى تەزكىرىسى ›› گە قارىغاندا كۈلبەگ قۇچ 1223- يىلى كورلىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلەنگەن[25] . بەزى كىشىلەر يەنە مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دىكى ‹‹kiŋŋüt ›› دىگەن جاي نامىنى ”كورلا“نى كۆرسىتەتتى دەپ قاراشقان ، لېكىن مەھمۇد كاشغەرىي بۇ شەھەرنى ‹‹ ئۇيغۇر چېگرىسىدىكى بىر شەھەرچىنىڭ ئىسمى ›› [26] دەپ ئىزاھلىغان . ئالىمنىڭ مۇشۇ بايانىنىڭ ئۆزىلا، بۇ نامنىڭ كورلىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، چۈنكى كورلا 11 – ئەسىردە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ چېگرىسىدا ئەمەس بەلكى چېگرىسى ئىچىدىكى شەھەر ئىدى .

. ‹‹ يۈەن سۇلالىسى تارىخى . شايبان تەزكىرىسى››دىكى 坤闾 دىگەن جاينىڭ قەيەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ‹‹ جۇڭگو تارىخى ئاتلاسى ›› دە ناھايىتى ئېنىق ھالدا ھازىرقى كورلا شەھىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى يېزىلغان . تەتقىقاتچى لىۇ يىڭشېڭ ئەپەندىمۇ ‹‹ يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە جاي ناملىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشى ›› [27] ناملىق ماقالىسىدە بۇ قاراشنى قوللىغان . شۇڭا بىز بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردىكى [2.2] ، [2.3] ، [2.9] چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ئاساسى يوقلىقىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن ، موڭغۇل لاماسىنىڭ kordi دىگەن چۆرۈگۈچىنىڭ ئىشلىتىلىش ئىمكانىيىتى 13 – ئەسىردىن كېيىنكى دەۋردە بولىدۇ ، 13 – ئەسىردە موڭغۇل لاماسى كورلا رايونىغا كېلىپ ئىبادەتخانە سالدۇرمىغان ، بۇنداق ئىمكانىيەت بار دىگەندىمۇ 15 – ئەسىرلەردە ئاندىن ئىمكانىيەت بولغان . ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ بۇ يەرگە قەدەم بېسىشى 1771 – يىلىدىن كېيىنكى ئىش . شۇنداق بولغاندا kordiنىڭ ”كورلا“غا ئۆزگىرىشى دەۋرىيلىك جەھەتتىنلا ئەمەس تىلشۇناسلىق جەھەتتىنمۇ ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ . كىھلە دىگەن ئەرەبچە ئىبارىدىن كەلگەن دىگەن قاراشمۇ ئاساسى يوق پەرەزدىنلا ئىبارەت ، يۇقارقى قاراشقا ئوخشاش 13 – ئەسىردە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى تېروتورىيىسىدىكى بۇ زېمىنغا، شۇ دەۋردە ئەرەبچە ئىبارىنىڭ نام بولىشى مۈمكىن ئەمەس ، چۈنكى 13 – ئەسىردە ھازىرقى كورلا رايونىغا ئىسلام دىنى تارقالمىغان ئىدى . مۆشۈك گۆشى ھەققىدىكى ئەپسانىمۇ ئوخشاش رىئالىققا ئۇيغۇن بولمىغان قاراشتۇر. ئاپاق خوجىنى مىسال قىلساقمۇ، ئۇ 17 – ئەسىردىكى تارىخىي شەخس ، بۇ ۋاقىتتا كورلا نامى پەيدا بولغىلى 6 – 7 ئەسىر بولغان ئىدى ، بۇ ئەپسانە قىسمەن كىشىلەرنىڭ سوپىزىمنى كۆككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن توقۇغان توقۇلمىسىدا، كورلا نامىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ توقۇپ چىقىلغان . كورلا نامىنى ئۇشبۇ ئەپسانە بىلەن چۈشەندۈرۈش ئۆز – ئۆزىنى ھاقارەت قىلغانلىقتۇر.

كورلا نامىنىڭ ھازىرقى تەلەپپۇزى ”كورلا “ نىڭ تەلەپپۇزىنىڭ مۇقىملىشىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ 20 – ئەسىردىكى ، توغرىراقىنى ئېيتقاندا 1950 – يىلىدىن كېيىنكى ئىش دىيىشكە بولىدۇ .

ئۇيغۇر ئالىمى مۇسا سايرامى (1836-1917) 1908 – يىلى يېزىپ تاماملىغان ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› نىڭ ئالىم ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرگەن قوليازمىسىدا ‹‹كورلا›› دەپ يېزىلغان (دوكتۇر ئاندۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 589 – بەتتىكى فاكسىمىلنىڭ 1 – قۇرغا قاراڭ ) . ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ››نىڭ قوليازمىسىدىكى ‹‹ كورلا ›› نامىنى تارىخچى ئەنۋەر بايتور ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان ‹‹ تارىخى ھەمىدىي››دە ‹‹ كورلا ›› دەپ ترانسىكرىفىسىيە قىلىدۇ . (مۇسا سايرامى : ‹‹ تارىخىي ھەمىدى ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشرى 704 – بەتكە قاراڭ ) . چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇتىخەسىسى ، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› دىگەن كىتابىدا بۇ نامنى ‹‹ كورلا ›› دەپ ترانسىكرىفىسىيە قىلغان ۋە ھازىرقى زامان تىلىغا يەشكەندە ئوخشاش ئالغان (‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 443 – بەتكە قاراڭ ) . مەن بۇ ھەقتە ئۇستاز دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينى تېلىفۇندا زىيارەت قىلدىم . ئۇ ‹‹ تارىخىي ھەمىدى›دە كورلا دەپ يېزىلغان ، ئۇنىڭ باشقىچە ئوقۇلىشى يوق ›› دىگەن جاۋاب بەردى . ئومۇمەن ئېيتقاندا 20 – ئەسىردە ئاندىن ”كورلا “ نامى مۇقىملاشقان ، لېكىن قىسمەن ئەھۋالدا يەنى kørlø، kurlä، korla، kurle،kurla ، kørlä دىگەندەك تەلەپپۇزلىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىش مۈمكىن .

قارۇشتى پۈتۈگىدە kroraina نامىدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 – ئەسىردىنمۇ بۇرۇن چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى لوپ كۆلىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان بىر شەھەرنىڭ ھەم بىر خاندانلىق بولغان . بۇ ئاتالغۇ مىلادىيە 2 – ئەسىردە ھىندىستاندىن تارقىلىپ تارىم ۋادىسىدىكى قىسمەن جايلاردا ئىككى ئەسىردەك قوللىنىلغان قارۇشتى يېزىقى ۋە شۇ يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن تىلدا ئىپادىلەنگەن جاي نامى . بۇ جاي نامى شۇ دەۋردىكى توغرىراقى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋردىكى خەنزۇچە يازمىلادىكى楼兰 بىلەن بىر جاينىڭ ئىككى خىل يېزىق ۋە ئىككى خىل تىلدىكى خاتىرىسىدىن ئىبارەت . kroraina بىلەن 楼兰 قىسمەن تاۋۇشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا يېقىن كېلىدۇ . بەزى كىشىلەر kroraina ترانسىكفىكسىيىسىدىكى k تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ ، دەپ قارايدۇ . بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مەن قارۇشتى يېزىقىدىكى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان كىشى ئىسمى ۋە ئۇنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسىنى كۆردۈم . 340- ، 400- ، 427 – پۈتۈكلەردە كۆرۈلىدىغان مۇنۇ تەلەپپۇز خاتىرىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ :

340 – پۈتۈك : krayana 克罗耶那

427 – پۈتۈك : kreya 克列耶

قارۇشتىشۇناس لىن مېيسۇننىڭ نەقىل قىلىشىچە، مىلادىيە 2 – ئەسىردىكى گېرىك جۇغراپىيىچىسى پتولمېي يازغان khaurana نامىمۇ كروران شەھىرىنى كۆرسىتىدىكەن . بۇ شەھەر نامى يەنە سوغداق يېزىقىدا Krw′n دەپ ، ئۇدۇنچە يادىكارلىقتا Raurana دەپ يېزىلغان ئىكەن . لىن مېيسۇن يەنە ‹‹ قەدىمكى گېرىك، رۇم كىتابلىرىدا خاتىرىلەنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا جاي ناملىرى كۆپۈنچە ساك ۋە سوغداق تىلى قاتارلىق ئوتتۇرا قەدىمكى ئىرانىي شەرق تىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ›› [28] دەپ يازغان . ئاتاقلىق ئېكىسپىدىتسىيىچى سىتەيىن krora’imnaنى krorainaنىڭ باشقىچە يېزىلىشى دەپ قارىغان. ‹‹ بۇ يەردە بايان قىلىنغان克罗来那 چوڭ شەھەرنىڭ جەنۇبىدا . بۇ جاي نامى ، مۇشۇ خارابىدىن تېپىلغان باشقا ئىككى پۈتۈكتىمۇ تىلغا ئېلىنغان، لېكىن يېزىلىشى ئازراق ئوخشىمايدۇ . بۇ ئىككى پۈتۈكتە ، مەن ئىشىنىمەنكى بىرىدىكى جاي نامىنى克罗来那 دەپ تونۇشقا بولىدۇ ›› [29].

ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان قارۇشتى يېزىقى ئېلىپبەسىنىڭ، ماتىرىياللاردىكى باسمىسى ئېنىق بولمىغىنى ئۈچۈنkr نىڭ بىر تاۋۇش ياكى ئەمەسلىگىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى ، لېكىن ئېلىمىزدىكى قارۇشتى يېزىقىنى چۈشۈنىدىغان مۇتىخەسىس لىن مېيسۇننىڭ k نى تەللەپپۇز قىلىشى بۇ مەسىلىنى ھازىرچە شۇنداق تونۇشقا بولىدۇ ، چۈنكى k تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلمايدۇ دەپ قارىغۇچىلار قارۇشتى يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسىگە قاراپمۇ باقمىغان ، تەتقىق قىلمىغان كىشىلەردۇر ، مەن بۇرۇن خەنزۇچە 楼兰گە بەك ئېتىبار بىلەن قارىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ نامنىڭ ئەسلىيسى روران بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لېكىن كېيىنكى ئەمەلىيەت k تاۋۇشىنى ھېسابقا ئېلىش زۈرۈلىگىنى كۆرسەتتى، سوغداق يېزىقىدا ۋە پتولمېينىڭ خاتىرىسىدە بۇ تاۋۇشنىڭ چېلىقىشى بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈدۇ. ‹‹ كروراننىڭ يېڭى تارىخى ›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مېڭ فەنرېن ئەپەندىمۇ kroraina نامىنى تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىپ 库罗来那 [30] دەپ يازغان.

بىز تۆۋەندىكى نام – ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى :

krora’imna، krorayina ، calmadana، calmatana ، navaga avana ، navaka

kustana ، khotamna ، khodana argina ، bumniya ( bumni)

بىز مانا بۇلاردىن جاي ۋە مەنسەپ ناملىرىغا na قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلانغانلىقىنى بايقىيالايمىز ، na نىڭ تەۋەلىكنى بىلدۈرۈدىغان قوشۇمچە بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . بۇ نۇقتىدا krora’imna دىگەن ترانسىكفىكسىيىسى دىققەتكە تېخىمۇ سازاۋەر . ئەگەر بىز بۇ نامدىكى ئۇلانمىنى چىقىرىۋەتسەك krora دىگەن شەكلى قالىدۇ . بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىدىكى krora نىڭ korla بولۇپ قېلىشىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. گېرمانىيىلىك ئالىم ھېرمان ‹‹ كروران ›› ناملىق كىتابىدا كروران سۆزىنى شەھەر دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ ، ناۋادا ‹‹كرورا›› ئىبارىسى شەھەر دېگەن مەنىنى ئاڭلاتسا ، ئۇ ھالدا ‹‹كورلا››نىڭمۇ قەدىمكى دەۋردە شەھەر دەپ ئاتىلىشى تامامەن مۈمكىن بولىدىغان ئىشتۇر ، بۇ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.

Kævli دىگەن كەنچەكچە ئاتالغۇنىڭ كويلا بولىشى تامامەن مۈمكىن ، چۈنكى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››دىكى كەنچەكچە ئىبارە ‹‹چەۋلى››نىڭ ھازىرقى تىلدا چويلا بولغانلىقى بۇنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر . Kævliنىڭ كويلا بولىشى مۈمكىن بولسىمۇ ، ”كويلا “نىڭ ” كورلا“ بولىشىنى تىلشۇناسلىق ئارقىلىق ئىسپاتلىشىمىز لازىم ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ نوپۇزلۇق ئالىمى بولغان گېرمانىيىلىك گۇبائىن خانىمنىڭ ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ›› ، پروفېسسور لى جىڭۋېي قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ، پروفېسسور لى زېڭشاڭ قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنىڭ تىل تەزكىرىسى ›› ، جاۋ مىڭمىڭنىڭ ‹‹ ‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ، دوكتۇر ياڭ فۇشۆ قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ غەربىي دىيار ۋە دۇخان قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن مۇپەسسەل بايان ›› ، دوتسېنىت ئابلىمىت ئەھەد بۆگۆنىڭ ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ›› قاتارلىق كىتابلىرىنى كۆرۈپ تىل ئاساسى ئىزلىدىم . مۇشۇ كىتابلاردىكى بايانلارغا قارىغاندا ، ”ي“ تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قالىدىغان ، ”ي“ تاۋۇشى بىلەن ” ر“ تاۋۇشى ئورۇن ئالماشتۇرىدىغان ئەھۋاللىرى بولسىمۇ ”ي“ تاۋۇشىنىڭ ” ر“ تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدىغان ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ . خۇددى بۈگۈنكى كۈندە ”باي“نى ” بار “ دېگىلى بولمىغاندەك ، لېكىن ئەكىسىچە ” ر“ تاۋۇشى ”ي“ غا ئايلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . مەسىلەن : بارىمەن ~ بايىمەن ، بىر نى ”بىي“ دېگەنگە ئوخشاش . مانا مۇشۇ خىل ئەھۋاللارغا ئاساسەن ”كويلا“ سۆزىنى ئۆزگىرىپ ”كورلا“ بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ . تىلشۇناسلىق ھەققىدە گەپ بولغاندا، مېنىڭ 1992 – يىلى ” كورلا “ نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ئۈستىدە ئىزلىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى körtlä سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دىگەن قارىشىم ھەققىدە ئىككى ئېغىز راست گەپنى ئېيتسام ، خاتا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ . گەرچە تىلشۇناسلىق جەھەتتىن körtlä سۆزىدىكى t تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ körläگە ئايلىنىشى ، körläنىڭ ”كورلا“نىڭ ئىپتىدائى شەكلى بولىشى تامامەن مۈمكىن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ جايلارغا ئىسىم قويۇش ئالاھىدىلىگىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىگىمدىن بۇ سەھۋەنلىك يۈز بەرگەن . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جايلارغا ئىسىم قويۇش ئالاھىدىلىگىدىن قارىغاندا كۆركەم ، گۈزەل ، چىرايلىق مەنىسىدىكى körtlä ۋە körklä دىن ئىبارەت ئابىستىراكىت سۆز ئىسىم بولالمايدۇ . ئۇيغۇرلاردا ئىسىم كۆپۈنچە جۇغراپىيىلىك ھالەتلەر ، بەزى تەساددىبى ھادىسىلەر ۋە باشقا جەھەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىسىم قويۇلىدۇ .

ئەمدى بىز چاغاتاي ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار جۈملىدىن بىز يۇقۇرىدا كۆرگەن [1.3] ، [1.8] ، [1.9] مەنبەلەرنى مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، مىرزا شاھ مەھمۇد جوراس ( 17 – ئەسىر ) ، موللا مىر ھالىھ كاشغەرىي كۆچۈرگەن ‹‹ كاشىغەر تارىخى ›› ( 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ) ، مۇسا سايرامى ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› ( 1908 – يىلى ) قاتارلىق ئۇيغۇرچە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئالساق ‹‹ تارىخى ھەمىدىي››ۋە ‹‹ ئەمىر ئالىي››دىن باشقا ئەسەرلەرنىڭ ئەسلىي قوليازمىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسمىز . ئىككىنچىدىن جاي ناملىرىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى بىلەن خاتىرىلىنىشى يېزىلمىغان ، بۇ جەھەتتىن قېيىنچىلىق ئېغىر . 18 – ئەسىردىكى ئەسەر نەشرگە تەييارلانغاندا، پۈتۈنلەي ھازىرقى تەلەپپۇزدىكى جاي ناملىرى قوللىنىلغان . 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ‹‹ كاشىغەر تارىخى››نى نەشرگە تەييارلاشتا ئەسلىي تەلەپپۇزىدا خاتىرىلەشكە تىرىشقان ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى مەتبۇئاتتا بەزى سوزۇق تاۋۇشلار پەرقلەندۈرۈلمىگەنلىگى ئۈچۈن، ئەسەردىكى ”كورلە “ نامىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەينى دەۋردە ” ئو“ ۋە ”ئۆ “ تاۋۇشى پەرقلەندۈرۈلمىگەن . بىز ”كورلە “ نامىدىكى ”لە“ تاۋۇشىنى دىققەت مەركىزىگە قويىدىغان بولساق ، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى بويىچە بۇ ئاتالغۇنى ئەسلىدە ” كۆرلە“ ئىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئەگەر بىز 18 – ئەسىردە بۇ ئاتالغۇنى ” كۆرلە“ ئىدى دەپ قارايدىغان بولساق ، ئۇندىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بۇ نامنىڭ ”كۆرلە “ ياكى ” كۆرلۆ ( kørlø ، بۇ يەردە پەقەت لوپلۇقلارنىڭ ئاتىشى كۆزدە تۇتۇلدى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆ بىلەن ئۆ ئاھاڭداش بولۇپ كەلمەيدۇ) “ ئىدى دېيىشكە بولىدۇ ، لوپلۇقلار ئارىسىدا بۇ جاي نامىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ”كۆرلۆ “ (kørlø) ساقلىنىپ قالغان .

بىز چىڭ سۇلالىسى دەۋرى يادىكارلىقلاردىكى خاتىرىلەر [1.4] ، [1.5] ، [1.6] ، [1.7] لەردە يېزىلغان 勒(龙) 库陇، كېيىنكى ۋاقىتتا مۇقىملاشتۇرۇلغان جاي نامى 库尔勒 نىڭ 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرلىرىدىكى تەلەپپۇزىنى ئىزلەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەينى دەۋردىكى 库 خېتىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كۇ ، كۈ ، كو ، كۆ بوغۇملىرىنىڭ خاتىرىسى دىيىشكە بولىدۇ ، بۇ خەت مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە [k‘ u] دەپ ئوقۇلغان . 陇 خېتى بولسا [lĭwoŋ] دەپ ئوقۇلغان . دوكتۇر خامىلتون陇 خېتىنى تاڭ دەۋرىدە تۈركىي تىلدىكى rüŋ تاۋۇشىغا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىغان. 尔 خېتى [r] دەپ ،勒 خېتى [le] دەپ ئوقۇلغان ، شۇنداق بولغاندا بۇ ئىككى خىل يېزىلىشى مۇنداق ئوقۇلىشى مۈمكىن :

勒(龙) 库陇[k‘ulwole ] ياكى [rüle k‘ u] دۇر ، ئۆز دەۋرىدە Körünglar دېگەن سۆز ئىدى دېيىلگەن.

库尔勒 [k‘ u r le]

بىز يۇقارقى بايانلىرىمىزنى ئومۇملاشتۇرساق كورلا نامىنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەندىكىدەك يېزىشقا بولىدۇ :

渠梨 [gаliei]坤闾← [lĭo k‘uæn ]~ kønlø~kønrø

krora’imna ←krora← 坤闾[lĭo k‘uæn ]~ (kønrø)← kønlø~ kørlø← ← korla

坤闾 [lĭo k‘uæn ] ← ←kørlø ~ körlä كۆرلە← كورلا

بىز ئېتمولوگىيە ھەققىدىكى بايانلار بۇ يەرگە كەلگەندە ، 2000 يىللار بۇرۇنقى جاي ناملىرى ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىپ قالغانمۇ يوق دىگەن مەسىلە ھەققىدە ئازراق توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ . بىز مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا قارۇشتى پۈتۈگىدە يېزىلغان nina نىڭ نىيا سۈپىتىدە ساقلانغانلىقى ، خوتەن (huatana ) نامىنىڭ ساقلىنىشى ، 鄯善 نامىنىڭ چەرچەن بولۇپ ساقلانغانلىقى ، تۈبۈتچە خاتىرىدە ئۇچرايدىغان kadag ~ كاتاك ( كىتىك) نىڭ ساقلىنىشى ، لوپ ( nob) ناملىرىنىڭ ساقلىنىشى ، قەبىلە نامى ئابدالنىڭ يەر نامى سۈپۈتىدە ساقلىنىشى، بىزگە كروران نامىنىڭ ئۆزگەرگەن ھالدا تىلىمىزدا ساقلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسلىتىدۇ . كورلا نامى تەلەپپۇز جەھەتتىن كروران (توغرىراقى krora ، 渠梨 ناملىرىغا يېقىن كېلىدۇ ، 坤闾 بولسا ئوتتۇرا ئەسىردىكى خاتىرىسى . ئۇنداقتا مۇندىن 2000 يىل بۇرۇنقى جاي نامى krora’imna ( سانسىكىرىتچىلاشمىغان شەكلى krora؟ ) ياكى 渠梨 [ gаliei] (konle~konre) نىڭ قايسىسى كورلا نامىنىڭ ئېتمولوگىيە مەنبەسى بولىشى مۈمكىن ؟ تارىخىي يازمىلار ‹‹ خەننامە ›› ۋە كروران دائىرىسىدىن تېپىلغان خەنزۇچە پۈتۈكلەردە يەرلىك ئاھالە خور ~ غۇر (胡) دەپ يېزىلغان . مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان تۈبۈت يېزىقىدىكى يازمىلاردا بۇ جايدا يەرلىك ئاھالە خور (hor (لارنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن . ئالىملار تۈبۈتچە يازمىلادىكى خور (hor ( لارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلانغان . يازما پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا كروران ۋە كورلىنىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرى غۇر ~ خور(胡)لاردۇر. ئومۇمەن ئالغاندا ”كورلا“ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەردۇر. ئۇنىڭ نامى 2000 يىلدىن بۇيان تۈرلۈك فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىپ ”كورلا“ دىگەن تەلەپپۇز ساقلىنىپ قالغان .

ئىزاھاتلار:

[1] بەن گۇ ‹‹ خەننامە ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 917 – بەت

[2] ‹‹ يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ۋە قارلۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن توپلام ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى خەنزۇچە نەشرى 175 – بەت

[3]شاھ مەھمۇد جوراس ‹‹ سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار ›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 68 – ، 71 – بەتلەر

[4] ‹‹ ‹غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى›نىڭ شەرھىيسى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 60 – ، 77- بەتلەرگە قاراڭ

[5] شۈ سوڭ ‹‹ غەربىي يۇرتنىڭ دەريا ئېقىنلىرى خاتىرىسى ›› جوڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 2005 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 102 – بەت

[6] شۈ سوڭ ‹‹ غەربىي يۇرتنىڭ دەريا ئېقىنلىرى خاتىرىسى ›› جوڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 2005 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 122 – بەت

[7]‹‹ چىڭگىزنامە ›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 147 – بەت

[8]دوكتۇر ئاندۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 443 – ، 444- بەتلەر

[9] دوكتۇر ئاندۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ‹‹ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 2004 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 589 – بەتتىكى فاكسىمىلنىڭ 1 – قۇرغاۋە 443 – بەتكە قاراڭ

[10] موللا مۇسا سايرامى : ‹‹ تارىخىي ھەمىدى ›› مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 – يىلى نەشرى 704 – بەتكە قاراڭ

⑿ مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 3 – توم 599 – بەت

⒀فېڭ چېڭجۈن ‹‹ غەربىي يۇرت يەر ناملىرى ›› خەنزۇچە نەشرى 54– بەت

⒁يۈ ۋېيچىڭ ‹‹ شىنجاڭ مەمۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 36 – بەت

⒂ ‹‹ بايىنغولىن تارىخ ماتىرىياللىرى ›› 3 – توپلام 1988 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 167- ، 168 – بەتلەر

⒃ ئىمىن تۇرسۇن ‹‹ بۇلاقتىن بىر ئوتلام ›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2000 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 100 – بەت

⒄نيۇ رۇچېن ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ›› مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى 1994 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 125 – بەت

⒅ جې يۈ جوڭ ‹‹ يەر ناملىرىدىن شىنجاڭغا نەزەر ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 135 – بەت

⒆ نىياز كېرىمى ‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 146 – بەت

⒇ ‹‹ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى ›› 1992 – يىلى ئۇيغۇرچە باشمىسى 94 – بەت

[21] Gunnar jarring<< CENTRAL ASIAN TURKIC PLASE NAMES LOPNOR AND TARIM AREA] STOCKHOLM 1997 P 237

[22] بەن گۇ ‹‹ خەننامە ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 66 – بەت

[23] سېن جوڭمىيەن ‹‹ خەننامە غەربىي دىيار تەزكىرىسىدىكى جۇغراپىيىلىك بايانلار ئۈستىدە سېلىشتۇرما شەرھىي ›› جوڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1981 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 410 – بەت

[24] ‹‹ جۇڭگونىڭ تارىختىكى ئەمەل مەنسەپلەر لۇغىتى ›› ئەنخۇي مائارىپ نەشرىياتى 1993 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 408 – بەت

[25] ‹‹ كورلا شەھىرى تەزكىرىسى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 11- بەت

[26] مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 3 – توم 495 – بەت

[27] ‹‹ غەربىي يۇرت تەتقىقاتى ›› 1992 – يىللىق 4 – سان خەنزۇچە 25 – بەت

[28] لىن مېيسۇن ‹‹ غەربىي دىيار مەدەنىيىتى ›› مەشرىق نەشرىياتى 1995 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 25 – بەت

[29] سىتەيىن ‹‹ كروراندىن ئۆتۈش ›› گۇاڭشى پىداگوگىكا ئۇنۋېستېتى نەشرىياتى 2000 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 122- بەت

[30] مېڭ فەنرېن ‹‹ كروراننىڭ يېڭى تارىخى ›› جۇڭگو نۇرلۇق گېزىتخانىسى نەشرىياتى بىلەن يېڭى زىللاندىيە ھوللاند نەشرىيات چەكلىك شېركىرى 1990 – يىلى خەنزۇچە نەشرى 19 – بەت

پايدىلانغان ماتىرىياللار :

1. 郭锡良著《汉字古音手册》 北京大学出版社1986年汉文版

2. 王力著《汉语语音史》 中国社会科学出版社1985年汉文版

3. 马伯乐著《唐代长安方言考》中华书局2005年汉文版

4. 林梅村著《沙海古卷》 文物出版社1988年汉文版

5. 哈密顿著《五代回鹘史料》 新疆人民出版社1986年汉文版