كروران قەدىمى شەھىرىنى تىرىلدۈرگەن كىشى-ئۆردەك

كروران قەدىمى شەھىرىنى تىرىلدۈرگەن كىشى-ئۆردەك

مىلادىيە 1900 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى پەۋقۇلئاددە بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن، قۇم، توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ، غايىب بولغىنىغا 1500 يىلدىن ئاشقان كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ بايقىلىشى شۋېتسىيىلىك جۇغراپىيون، ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن ( 1865 – 1952 )نى بىراقلا دۇنيا ئىلىم – پەن مۇنبىرىنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك تەختىگە چىقاردى. بىراق كروران شەھەر خارابىسىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان، بىر چەت ئەللىك ئالىمنىڭ دۇنياۋى شان – شۆھرەتكە ئېرىشىشىگە شەرت – شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن يەنە بىر ئاددىي ئىنسان بولسا، كروران قەدىمىي شەھىرى بايقىلىپ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن يۇرتداشلىرىنىڭ يادىغا كەلدى. بۇ ئاددىي ئىنسان دەل بىز مۇشۇ ماقالىدە تەپسىلىي تونۇشتۇرماقچى بولغان رىۋايەت تۈسىگە ئىگە شەخس، لوپ ئېلىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى ئۆردەك ئىدى.

ئۆردەك 1860 – يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ساھىلىدىكى چارا مەھەللىسىدە تۆمۈر كۆل دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. تۆمۈر كۆل ئائىلىسى كۆنچى دەريا ساھىلىدا چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان تىپىك لوپلۇقلاردىن ئىدى. شۇڭا تۆمۈر كۆل يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىغا دەريا – كۆللەردە ئەركىن ئۈزۈپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، خاسىيەتلىك باھاردىن ئەڭ بۇرۇن دېرەك بېرىدىغان تەبىئەتنىڭ ئەركە قۇشى ئۆردەكنىڭ ئىسمىنى قويدى.

ئۆردەكنىڭ بوۋىسى ئوماق ئۆتەڭ – قۇرۇقتاغ ئىچىدىكى كىچىك يايلاق ( يەنى شىندى – يېڭىيەر )تىن كونا چاراغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇستا ئوۋچى، ماھىر ئىزچى ۋە تونۇلغان قوشاقچى ئىدى. ئۆردەك ئۆسمۈرلۈك يېشىغا يەتكەن ھامان بوۋىسى ۋە ئاتىسىغا ئەگىشىپ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى. ئۇ تارىم ۋە كۆنچى دەريا ئېقىملىرىنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك ئاياق باستى. ئوۋچىلىق، ئىزچىلىق ۋە توغراق ياغىچىدىن كېمە – قېيىق، چارا ( تەڭلە )، ئېگەر چېپىشنى چۆچەك ( ياغاچ تاۋاق )، ھاۋانچا ئويۇشنى، قوشۇق، چۆمۈچ ياساشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇ لوپ ئېلىدىكى ئىپتىدائىي جاڭگاللىق ۋە بىپايان توغراق ئورمانلىقلىرىدا تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش داۋامىدا بىر قورقۇمسىز، مەردانە ۋە مېھرىبان يىگىت بولۇپ يېتىشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوۋچىلىق، ئويمىچىلىق كەسپى ۋە ياخشى خۇي – مىجەزى بىلەن ئاتا – ئانىسى، قولۇم – قوشنىلىرى ۋە يۇرتداشلارغا دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ كۆپنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ كەلگەچكە، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئۆردەك ئالتۇن»دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ قېلىشتى. يىگىتلىك دەۋرىدە ئۆردەك لوپ ئېلىدە بولمىسا بولمايدىغان ئارزۇلۇق يۇرت ئوغلىغا ئايلانغانىدى.

يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن تارتىپ ئاجايىپ تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، گۈللىنىپ تازا روناق تاپقان، ھەشەمەتلىك قەلە – قورغانلىرى، كاتتا قەسىر – سارايلىرى، كۆپ خىل ئاۋۇن ئىگىلىكى ۋە كۆز چاقنىتىدىغان مەدەنىيەت – سەنئەت دۇردانىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان تەكلىماكاندىكى كروران قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى يىراق – يېقىندىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىپ، شەرق ۋە غەربنىڭ دىپلوماتىيە ھەم سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم نۇقتىغا، كارۋان يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەلگە، شۇنداقلا يەنە كېڭەيمىچى زوراۋانلارنىڭ شۆلگىيىنى ئاققۇزۇپ، كۆزلىرىنى قىزارتىدىغان، تالىشىپ تارتىۋېلىشقا ئىنتىلىدىغان ئولجا نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئالدىنقى ئىرانىڭ ئاخىرىدىن 2 – ئىرانىڭ ئاخىرىغا قەدەر مىڭ يىللاپ خارابلىشىش، تاشلىۋېتىلىش، قېزىش، ئۇنتۇپ كېتىشتەك ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ تەكلىماكان شەھەر دۆلەتلىرى 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم « ساياھەتچىلىك» ۋە قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىزغىنلىقىنىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. شۋېتسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن 1899 – يىلى 8 – ئايدا لوپ كۆلىنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە تارىم، كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياق ئېقىنلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلاپ، لوپ ئېلىگە كەلگەندە، كىشىلەردىن ئۆردەك ئالتۇننىڭ ئوۋچىلىق، ئىزچىلىقتا مول تەجرىبىگە ئىگە، زېرەك، قورقۇمسىز، جاپاغا چىداشلىق مەرد يىگىت ئىكەنلىك تەرىپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە يول باشلىغۇچىلىققا تاللايدۇ. 1900 – يىلى تۇزسىز كۆل – قاراقوشۇن كۆلىنىڭ تارىختىكى لوپ كۆلى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەترەتنى باشلاپ يولغا چىقىدۇ. 3 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ( سەيشەنبە ) ئۇلار قاراقوشۇن كۆلىگە تەخمىنەن 3 – 4 كۈنلۈك يول قالغاندا، بىر يۇلغۇنلۇققا كېلىپ، قۇدۇق قېزىپ سۇ ئالماقچى بولىدۇ. بىراق شۇ چاغدا ئۆزلىرىدىكى بىردىنبىر قېزىش قورالى – تۆمۈر گۈرجەكنىڭ ئالدىنقى قونالغۇدا ( خارابىدە ) ئۇنتۇلۇپ قېلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. كېيىنكى سەپەرلىرىدە بۇ گۈرجەك بولمىسا زادىلا بولمايدىغانلىقتىن، سىۋېن ھېدىن » قۇملۇقتا تەرەپلەرنى خۇددى كومپاستەك پەرقلەندۈرەلەيدىغان «ئۆردەكنى بىر ئات بىلەن گۈرجەكنى تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئۆردەك يولغا چىقىپ ئىككى سائەتلەردىن كېيىن كۈن كەچكە قىيىلىدۇ ۋە غۇر – غۇر چۆل شامىلى چىقىپ، قۇم – شورلارنى ئۇچۇرۇپ، مېڭىشنى قىيىنلاشتۇرۇشقا باشلايدۇ. بارغانسېرى ئەدەۋاتقان قۇم، بوران ئىچىدە ئۆردەك ئۆز تۇيغۇسى ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ، بورانغا قارشى قىيپاش ئىلگىرىلەيدۇ. چۆل شامىلى كېيىن قارا بورانغا ئۆزگىرىپ ئالەمنى قۇم – توپا قاپلايدۇ. ئۆردەك چىشىنى چىشىغا بېسىپ ئىلگىرىلەپ بىر يارداڭلىققا بېرىپ قالىدۇ – دە، يارداڭلىقتا بوراندىن دالدىلىنىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ. تاڭغا يېقىن بوران توختاپ ئەتراپ يورۇيدۇ. ئۆردەك ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ، بىردىنلا ئىلگىرى بوۋىسى ئوماق ئۆتەڭ تەرىپىنى قىلىپ بەرگەن خارابىلىككە بەك ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئارىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ خارابىلىكتىن نەپىس ياسالغان ياغاچ بېزەكتىن ئىككىنى ئېلىپ، خارابىلىك ئەتراپىدىكى مۇھىم بەلگىلەرنى ئېسىگە پۈكۈۋېلىپ گۈرجەكنى ئىزدەشكە ماڭىدۇ. ئۇ گۈرجەكنى باشقا خارابىلىكتىن تاپقاندىن كېيىن، يېڭى چۈشكۈنگە يەتكۈچە ھەر بىر قۇم بارخانى، ھەر تۈپ يۇلغۇن، توغراق ۋە چوقچىيىپ تۇرغان ھەر بىر تال دوقال – تۆمبەللەرگە بەلگە سېلىپ ماڭىدۇ. ئۆردەكتىن بارلىق تەپسىلاتنى ئاڭلىغان سىۋېن ھېدىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، قوللىرىنى توختاۋسىز ئىشقىلاپ تۇرۇپ، چالا – بۇلا ئۇيغۇرچە تىلدا : «شۇ ! دەل شۇ ! » دەپ توۋلاپ كېتىدۇ ۋە ھايالسىز ئەترەتنى باشلاپ ئۆردەك بايقىغان ھېلىقى خارابىلىككە قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. خارابىلىككە ئاز قالغاندا، ئۇ باشقىلارنى نېرىدا توختىتىپ قويۇپ، خارابىلىككە ئاۋۋال ئۆزى بارىدۇ. خېلى ئۇزاققىچە ئايلىنىپ، ئۇ يەرنى كولاپ، بۇ يەرنى ئاقتۇرۇپ، ئۇنى – بۇنى يىغىدۇ. ئاندىن باشقىلارنى چاقىرىپ، ئۆزى ئۈستىدە كۆرسىتىپ تۇرۇپ قازدۇرىدۇ، يىغدۇرىدۇ. ئۆزى خېلى كۆپ نەرسىلەرنى يازىدۇ، سىزىدۇ. ئۇنىڭ قازدۇرغانلىرى ئاز ئەمەس ئىدى. بۇ نەرسىلەرنى ساندۇقلارغا ئاۋايلاپ پۇختا قاچىلىتىدۇ.

بۇ دەل 1900 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ( چارشەنبە ) ئىدى. سىۋېن ھېدىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىر تۇرنىڭ يېنىدىكى يارداڭلىقتا كېسەكتە قوپۇرۇلغان ئەگمىلىك بىر يەرنى بايقاپ كولايدۇ. بىر ئۆينىڭ ئىشىكى پەيدا بولىدۇ. ھېچكىم ئىشىكتىن كىرىپ بېقىشقا پېتىنالمايدۇ. ئاخىرىدا سىۋېن ھېدىن بىلەن ئۆردەك ئىشىكتىن كىرىدۇ. قارىسا، ئۆي ئىچى ئانچە چوڭ ئەمەس. ئۆيدە ئۆرە تىكلەپ قويغان، ئادەمنىڭ قۇچىقىغا بىر كەلگۈدەك بىر غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى ئىچىنى ئويۇپ ياسىغان ساندۇقسىمان جاھازىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، باشقىلارنى كەتكۈزىۋېتىپ سىۋېن ھېدىن ئۆزى ئېغزىنى ئېچىپ كۆرىدۇ. يەنە قايتا ئېتىۋېتىپ ئېلىپ ماڭىدۇ. . . سىۋېن ھېدىن سۇ، ئوزۇق، قاتناش ۋاسىتىلىرى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى كېزىشنى بولدى قىلىپ، كېلەر قېتىم قايتا كېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يولغا چىقىدۇ. كېيىنكى يىلى بۇ خارابە قايتا قىدىرىپ تەكشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ غايىب بولغىنىغا مىڭ نەچچە يۈز يىل بولغان مەشھۇر قەدىمكى شەھەر كروران ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ دۇنيانى تاڭ قالدۇرىدۇ. شۇ قېتىمدا بۇ خارابىنى بايقاپ ئۆزىنى باشلاپ بارغانلىقى ۋە كۆمۈلۈپ قالغان ئۆيگە قورقماي كىرىپ ساندۇقسىمان جاھازىنى تېپىشىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، سىۋېن ھېدىن ئۆردەككە باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ھەق بېرىدۇ. بۇ دەل ئۆردەكنىڭ 38 ياشقا كىرگەن، ئۆزىنى توختاتقان، تازا كۈچىگە كەلگەن بەردەم چاغلىرى ئىدى. دېمەك، ئۆردەك 38 يېشىدا پەۋقۇلئاددە بىر بايقاش بىلەن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن ئىلگىرىلا بەرپا بولۇپ، مىلادىيە 5 – ئەسىرلەردە دۇنيادىن 15 ئەسىر ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى، سىرلىق تەكلىماكان شەھىرى – كروراننى تېپىپ، دۇنيانىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان، سىۋېن ھېدىنگىمۇ دۇنيا ئىلىم – پەن ساھەسى بويىچە كاتتا شۆھرەت تاجى كىيدۈرگەن. سىۋېن ھېدىن كېيىن ئۆزىنىڭ 2 – قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيىسى توغرىسىدا باشقا ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ 8 توملۇق « 1889 – 1902 – يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيانى تەكشۈرۈشتىن ئىلمىي نەتىجىلەر» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتى توپلىمىنى تۈزۈپ، 1904 -، 1907 – يىللىرى نەشر قىلدۇرىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ لوپ ئېلىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇشەققەتلىك ئېكىسپىدىتسىيىدە سادىق يولباشلىغۇچى، ياخشى دوست، ئىشەنچلىك مەسلىھەتچى بولغان ئۆردەكنىڭ بالا – چاقىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يۇرتىغا ئۆز فوندىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل ئاجرىتىپ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ.
ئۆردەك 1901 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى قەشقەردە سىۋېن ھېدىن بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە كېيىن بىر قانچە قېتىم ئۆزى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىدۇ ھەمدە 1910 – يىللىرى ئەتراپىدا بىر قۇم بارخانلىرى ئۈستىدىكى قەبرىستانلىقنى بايقايدۇ. بۇ كېيىنكى يىللاردا «ئۆردەك قەبرىستانلىقى»، « 5 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىق »، « كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتالغان قەبرىستانلىق ئىدى. 1927 – 1935 – يىللىرىغىچە داۋاملاشقان جۇڭگو – شۋېتسىيە بىرلەشمە ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى تۇرپانغا كەلگەندە، تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ 1921 – يىلىدىن باشلاپ قۇم دەريا ( قۇرۇق دەريا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئەسلى ئېقىنى ) ئارقىلىق تارىختىكى لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىر گۇرۇپپا كېمە ئەترىتى سۇ يولى بىلەن لوپ كۆلىگە قاراپ ئاتلىنىدۇ. 1934 – يىلى 4 – ئايدا، سىۋېن ھېدىننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان چارادىكى ئۆردەك ئوغلى سادىق بىلەن ئاتلىق يولغا چىقىپ، دەريادا كېتىۋاتقان سىۋېن ھېدىنلار بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە ئايرىلىشقاندىن كېيىنكى 30 يىللىق كەچۈرمىشلىرىنى ۋە ھېلىقى قەبرىستانلىقتا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. سىۋېن ھېدىن ھەمراھى، شۋېتسىيىلىك ئارخېئولوگ فون برگمان باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۆردەكنىڭ يول باشلىشىدا نەچچە ئون كۈنلۈك مۇشەققەتلىك ئىزدەشلەر ئارقىلىق 1934 – يىلى 6 – ئايدا ئاخىرى ھېلىقى قەبرىستانلىقنى تاپىدۇ. بۇ قەبرىستانلىقمۇ كروران قەدىمىي شەھىرى بىلەن دەۋرداش ھەم بىر مەدەنىيەت سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، قەدىمكى لوپ رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە ئىدى. بۇ قەبرە قېدىرىلغان چاغدا ئۆردەك ئالتۇن 70 نەچچە ياشلاردىكى بوۋايغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

دۇنيا ئارخېئولوگىيە تارىخىدىكى 1500 يىللىق سىرنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولغان خىسلەتلىك ئادەم ئۆردەك ئالتۇن ئۆمرىدە بىر ئوغۇل، بىر قىز – ئىككى پەرزەنت كۆرگەن. قىزى گۆدەك ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن. يالغۇز ئوغلى سادىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دەشت – باياۋان، ئىپتىدائىي جاڭگاللارنى كېزىپ ھەقىقىي تەكلىماكان ئوغلىغا ئايلانغان. 1934 – يىلى ئاتىسى ئۆردەك بىلەن كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىگىچە بىللە بارغان. ئۇ ئاۋرىل ستەينگىمۇ يول باشلىغۇچى بولغان. بىراق ئۇ ئاتىسىدىن ئىلگىرى، يەنى 1940 – يىلى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. سادىقنىڭ قىزى نىيازخان ھازىرمۇ ھايات، ئۇ 70 نەچچە ياشلاردا بولۇپ، لوپنۇر ناھىيە شىڭپىك يېزا تۇڭچىكە كەنتىدە ئولتۇرىدۇ. نىيازخاننىڭ تەربىيە ئوغلى ئىسمائىل سادىق لوپنۇر تاشيول ئۇچاستىكىسىنىڭ پېشقەدەم ئىشچىسى بولۇپ، پېنسىيىدە. خوتۇن – بالىلىرى ئاخىرقى ئۆمرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكتە.

گەپنى يەنە ئۆردەك ئالتۇننىڭ ئۆزىگە قايتۇرساق، ئۇ ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى چارا، يېڭىسۇ، ئابدال، ئارغان ئارىلىقلىرىدا كېلىپ – كېتىپ، تەكلىماكاننىڭ بىپايان قۇملۇقلىرىدا، بۆك ئىپتىدائىي توغراقزارلاردا ۋە توقاي – جاڭگاللاردا يېڭى ئىزلىرىنى قالدۇرغان. ئۇ 1944 – يىلى 84 يېشىدا يېڭىسۇ، ئارغان ئارىلىقىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ھازىر لوپنۇر ناھىيىسىدە ئۆردەك ئالتۇن نامىدا بىر ساياھەت ئورنى قۇرۇلۇپ، ئۆردەك ۋە لوپ ئېلى مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسلى ھەم تەقلىدىي بۇيۇملار يىغىلغان. بۇ ساياھەت نۇقتىسى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىغا ۋە چۈشىنىشىگە ئېرىشمەكتە.

ئۆردەك – لوپ ئېلىدە تۇغۇلۇپ، تەكلىماكاندا ھايات كۆچۈرگەن، « قۇملۇقتىكى يوللارنى بەش بارماقتەك بىلىدىغان» ( فون بىرگمان )، دۇنيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىغا پۈتۈلگەن، ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكسپېدىتسىيە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر تارىخىي شەخستۇر !!