«خەنزۇ بازىرى» ھەققىدە پاراڭ

«خەنزۇ بازىرى» ھەققىدە پاراڭ

غۇلجا شەھىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە «خەنزۇ بازىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەنئەنىۋى بازارنىڭ بارلىقى ئىلى جامائىتىگە ئۇزاق زامانلاردىن بەش قولدەك مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن يەر نامىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى تارىخىي مەنبە ۋە سەۋەب ئېلېمېنتلىرى ھەققىدە ئېھتىمال كۆپىنچە كىشىلەر ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە سىز «خەنزۇ بازىرى»غا بېرىپ زەڭ قويۇپ كۈزەتسىڭىز، گەرچە، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى بازارلىق قىياپىتى ۋە خۇسۇسىيىتى يەنىلا روشەن جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن، مەيلى كۈندۈلۈك بازار ئىشتىراكچىلىرى بولغان سودا–سېتىقچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ مىللەت تەركىبىدىن بولسۇن ۋە مەيلى بازاردا كۈندۈلۈك ئوبورۇت قىلىنىۋاتقان تاۋارلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن بولسۇن، مەزكۈر يەر نامىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مىللەت ئېنىقلىمىسى روشەن نامايەن بولمايدۇ.«خەنزۇ بازىرى» ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك–تۈمەن تارىخىي سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىر تالاي ئېتنوگرافىك ۋە گۇمانىتارلىق خىسلەتلەرگە باي سېھىرلىك ماكان.

مەن كىچىكىمدىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن بۇ يەر نامىنىڭ ئۆزىگە يوشۇرۇنغان سېھرىگە قىزىقىپ كەلدىم. بۇ خىل قىزىقىش مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئىلى تارىخى ھەققىدە ئانچە–مۇنچە ماقالىلەرنى يېزىپ يۈرگەندىن باشلاپ تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى مېنى بۇ ھەقتە خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن، ھەرقانچە ئۇرۇنساممۇ، ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردىن مۇكەممەل ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدىم. دەل مۇشۇنداق ئىزدىنىش باسقۇچىدا باش قاتۇرۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمىدە، خەنزۇچە «ئىلى گېزىتى»نىڭ 2003–يىللىق 12–سېنتەبر سانىغا لى جەننىڭ («خەنزۇ بازىرى»—ئىلىنىڭ كۆزى) ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 13–سېنتەبر سانىغا چى پىڭنىڭ («خەنزۇ بازىرى»— قىممەتلىك تارىخىي مىراس) ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 21–سېنتەبر سانىغا جياڭ چيۇشىڭنىڭ («خەنزۇ بازىرى ۋە مەن») ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 2005–يىلى 15–دېكابىر سانىغا يەن لىڭنىڭ («ياڭ ليۇچىڭ ۋە خەنزۇ بازىرى»)ماۋزۇلۇق ماقالىسى، 29–دېكابىر سانىغا يەن لىڭنىڭ («قوشۇنغا ئەگىشىپ تىجارەت قىلىش بىر ئۇزۇن تارىخىي سىمفونىيە»)ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئارقا–ئارقىدىن بېسىلدى. بۇ ماقالىلار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە مېنى خېلى تولۇق ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا قىزىقىۋاتقان كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە، شۇنداقلا يەر ناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يولداشلارغا ئاز–تولا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۇشبۇ ماقالىنى رەتلەپ نەشرگە بېرىشكە تۇتۇندىم. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ماقالە ئاپتورلىرى گەرچە خېلىلا جاپالاردا بۇ ماقالىلارنى ھۇجۇدقا چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەزكۇر تارىخنىڭ بىۋاسىتە شاھىدى بولمىغاچقا، ئىزدەپ سوراپ يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن نۇقسانلارغا يول قويغان ئىكەن. مەن ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، زىيارەت ئوبيېكتلىرىنى قايتا ئېنىقلاپ ئادەم ئىسمى، يەر ناملىرى ۋە ۋاقىت جەھەتتىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن تەڭشەپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇش مەزمۇنلارنى كېڭەيتىپ يېزىپ، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا يوچۇن جايلىرىنى قىسقارتىپ قايتىدىن تۈزۈپ چىقتىم.

1. «خەنزۇ بازىرى» ۋە تىيەنجىنلىكلەر

ھازىرقى كۈندە ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، يېشى ئەللىكتىن ئاشقان، ئادەتتە ئۆزىنى «يەرلىك» دەپ ئاتايدىغان خەنزۇلاردىن سۈرۈشتۈرسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېرىمىدىن كۆپرەكى يا «خەنزۇ بازىرى»دا تۇغۇلغان ياكى «خەنزۇ بازىرى»دا چوڭ بولغان بولۇپ چىقىدۇ. دەل مۇشۇ «يەرلىك» خەنزۇلارنىڭ ئاتا–بوۋىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرىدىن كەلگەنلەر (杨柳青— يەر نامى، ئۇيغۇرچە سۆگەتلىك، تاللىك، كۆكتال دېگەن مەنىلەردە). تىيەنجىن شەھىرى غەربىي شەھەر رايونى ياڭ ليۇچىڭ بازىرىنىڭ قەدىمكى سودا–سېتىق مەركىزى ۋە «چاغانلىق ئاسما رەسىملەر يۇرتى» دېگەن نامى بىلەن پۈتۈن جۇڭگوغا مەشھۇرلۇقى ھەممىلا كىشىگە ئايان بولسىمۇ، لېكىن، ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان ھەربىي قوشۇنغا ئەگىشىپ، خۇلاڭزىچىلىق قىلىدىغان ئادىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس (كونا غۇلجا تىلىدا خۇلاڭزىچى — سەييارە تىجارەتچى دېگەن مەنىدە). ئەمەلىيەتتە، تارىخىي تۇرقىدىن قارىغاندا، قوشۇنغا ئەگەشكەن سودىگەرچىلىك ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ياڭ ليۇچىڭدىكى چاغانلىق ئاسما رەسىملەرنىڭمۇ داڭقىنى بېسىپ چۈشىدۇ.

* قوشۇنغا ئەگىشىپ تىجارەت قىلىش

چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي پادىشاھلىنىڭ تۇنجى يىلىدىن (1875–يىلدىن) 1949–يىلى ئۆلكە ئازادلىقىغا قەدەر 74يىل مابەينىدە تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرىدىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 3000تۈتۈندىن، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 15مىڭدىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭغا چىقىپ ئولتۇراقلاشتى. بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش جەريانىدا سودىغا ماھىر ياڭ ليۇچىڭلىقلار بوخەي دېڭىز ساھىلىدىن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تۇتاشقان بىر يېڭى سودا لىنىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاللىقاچان توپا بېىسپ قالغان قەدىمكى «يىپەك يولى»نىڭ شەرقىي بۆلىكىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.

تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ قوشۇنغا ئەگىشىپ سودا قىلىش پائالىيىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنتايىن كەڭ، سەرگۈزەشتىلىرى ناھايىتى مول، ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئەگرى–توقاي، جاپالىق بولغاچقا، بۇ پائالىيەت باشلىنىش، راۋاجلىنىش، يۇقىرى پەللىگە يېتىش ۋە پەسىيىشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ باسقۇچ ئىلىنىڭ سودا–سانائىتىگە مۇئەييەن ئۇل سېلىش باسقۇچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى جاينىڭ ئۆرپ–ئادەت مەدەنىيىتى، قول–ھۈنەر مەدەنىيىتى، سودا–سېتىق مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تەسىر قىلىش، تولۇقلاش، سىڭىشىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايلاردىن ئۆزگىچە بولغان ئىلىنىڭ يەرلىك ئارىلاشما ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.

چىڭ سۇلالىسى تۇڭجى پادىشاھلىقىنىڭ 3–يىلى (1864–يىلى) غەربىي شىمالدا ئارقا–ئارقىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. شەنشى–گەنسۇ رايونىدىكى خۇيزۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلىدىمۇ ئۇيغۇر، خۇيزۇ دېھقانلارنىڭ قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. لېكىن، قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى شۇ چاغدىكى فېئودال، دىنىي ئىمتىيازلىق يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەچكە، ئىلىدا مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ئىنكار قىلىدىغان ھاكىمىيەت «ئىلى سۇلتانلىقى» مەيدانغا كەلدى. تۇڭجىنىڭ 4–يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا قوقان خانلىقىنىڭ (ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە) لەشكەر باشلىقى ياقۇپبەگ (بەدۆلەت) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاتالمىش «يەتتەشەھەر دۆلىتى»نى قۇردى. تۇڭجىنىڭ 10–يىلى (1871–يىلى) چارروسىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالدى. چېگرا رايوننىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى.

چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، شەنشى–گەنسۇ باش مۇشاۋۋۇرى زوزۇڭتاڭنىڭ غەربكە ئەسكەر چىقىرىپ، توپىلاڭنى تىنجىتىشىنى بۇيرىدى. تۇڭجىنىڭ 12–يىلى (1873–يىلى) شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان ئالدىنقى سەپ قىسمى گەنسۇ جۇۋچۈەننى ئىشغال قىلىپ، 60مىڭ ئەسكەرنى مۇشۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوشۇننى دەم ئالدۇرۇشقا باشلىدى. جۇۋچۈەن شەھىرى ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ھالىدىن كەتكەن بولۇپ، مۇشۇنچىلا زور قوشۇننىڭ تەمىناتىنى قامداش ئۇياقتا تۇرسۇن، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ كۈندۈلۈك جان بېقىشىمۇ زور مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈزمىڭ كىشىلىك زور قوشۇن قاتناش ۋە ئۇچۇر–ئالاقىنىڭ قالاقلىقىدىن تەييارلىقسىزلا سەپەرگە ئاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي تەمىنات ئۆكسۈپ قالدى. نەتىجىدە شىنجاڭغا چىقىپ جەڭ قىلىش ئەمەس، بەلكى، ئامان–ئېسەن شىنجاڭغا يېتىۋېلشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالدى.

ئۇدا نەچچە يىللىق قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش–توپىلاڭنىڭ دەستىدىن جېنىدىن جاق تويغان تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار خېلى بۇرۇنلا يۇرتىدىن ئايرىلىپ سىرتلاردا تىرىكچىلىك قىلىشقا ئاتلانغان ئىدى. ئۇلار، ئادەتتە ئۇرۇق–تۇغقان، يارۇ–بۇرادەرلەردىن بەش–ئالتەيلەن بىر توپ بولۇپ، قوشۇنغا ئەگىشىپ ئەپكەش كۆتىرىپ، تىجارەت قىلىشنىڭ ئېپىنى ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ سېۋىتىدە كۆپىنچە تاماكا–سەرەڭگە، لۆڭگە–سوپۇن، دورا–دەرمەك، يىپ–يىڭنە قاتارلىق مىلىچ ماللار بولاتتى. ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئالدى–ساتتىدا ئادىل، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بولغاچقا، چىڭ قوشۇنىنىڭ رازىمەنلىكىگە ئېرىشىۋالغان ئىدى. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان زوزۇڭتاڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەر باشلىقى ليۇجىنتاڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭغا مەخسۇس ئەمەلدار ئەۋەتىپ، ياڭ ليۇچىڭلىقلاردىن ئارمىيە شىتاتىدا بولمىغان مەخسۇس «ئارقا سەپ تەمىنات پىدائىي قىسمى» تەشكىللەشكە بۇيرۇدى. ھەربىي ئەمەلدار ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئىچىدىن ياراملىق كىشىلەرنى تاللاپ ئۇلارغا «ئەجدىھار چېكىلگەن ئالاھىدە تىجارەت گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ، ئۇلارنى ئارقا سەپ تەمىنات تۈزۈمى بويىچە بىرلىكتە باشقۇرۇپ، ھەربىي قوشۇننىڭ كۈندۈلۈك لازىمەتلىكلىرىنى تەمىنلەشكە ئۇيۇشتۇردى.

شۇ چاغدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ياڭ ليۇچىڭلىق ئەپكەشچىلەر ئىچىدىن ئەن ۋېجۇڭ دېگەن كىشىنىڭ سودىدا خېلىلا داڭقى بولغاچقا ھەمدە بىرىنچى بولۇپ «ئەجدىھار چېكىلگەن تىجارەت گۇۋاھنامىسى»غا ئېرىشكەچكە، ئۇنىڭغا «1–خۇلاڭزىچى» نامى تارتۇق قىلىنغان ئىدى. قوشۇن ھەربىي يۈرۈش داۋامىدىكى ئارام ئېلىش نۇقتىلىرىغا يەتكەندە «خۇلاڭزىچى» تىجارەتچىلەر مەخسۇس كۆرسىتىلگەن جايغا يايمىلىرىنى يېيىپ سودىسىنى باشلىۋېتەتتى.

چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي پادىشاھلىقىنىڭ 2–يىلى (1876–يىلى) چىڭ قوشۇنلىرى قاشقوۋۇق (جيايۈگۈەن)تىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن قوشۇنغا ئەگىىشپ تىجارەت قىلىدىغان تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار بەش–ئالتە يۈز كىشىگە يەتكەن ئىدى. ئۇندىن باشقا يولدا قوشۇلغان ئاز ساندىكى شەنشى، گەنسۇ، سەنشىلىق تىجارەتچىلەرمۇ ئارىلىشپ سودا قىلاتتى.

توپىلاڭلار تىنچىتىلغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭ شىنجاڭنىڭ چېگرا ئامانلىقى ۋە ئىگىلىكنىڭ روناق تېپىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىيەنجىنلىك «خۇلاڭزىچى»لارنى سودا تىجارىتىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇچاغلاردا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سودا ئۆتكىلى دىخۇا شەھىرى (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى) كەينى–كەينىدىن تۇغۇلغان يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن تاشلاندۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالغاچقا، شەھەرگە كىرگۈچىلەر خالىغان يېرىدىن قورۇق سوقۇپ يەر ئىگەللىۋالالايتتى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خۇلاڭزىچىلار باشلىقى ئەن ۋىنجۇڭ تۇنجى بولۇپ «تىيەنجىنلىكلەر يايما كوچىسى»نى تۆت كوچا كۈن چىقىش دوقمۇشىغا سامانلىق لايلەمپە بىلەن ئاددىي دۇكان سېلىپ، نەچچە يىللىق قوشۇنغا ئەگىشىپ، خۇلاڭزىچىلىق قىلىدىغان تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، يېڭىدىن مۇقىم دۇكاندارلىق سودا ھاياتىغا قەدەم قويدى. ياڭ ليۇچىڭلىق يۇرتداشلار ئارقا–ئارقىدىن ئۇنىڭغا قوشنا دۇكانلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەڭ دەسلەپكى ئۈرۈمچى داشىزى (大十字) سودا كوچىسىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ خىل باشلانغۇچ باسقۇچتىكى مۇھىم سودا ئورۇنىدا ئۇرۇق–تۇغقان، يۇرتداشلارنىڭ دۇكانلىرى بىر–بىرىگە يانداش بولغاچقا، سودىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەكمۇ قويۇق ئىدى. ئۇلار ئەن ۋىنجۇڭنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تىجارەت ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم كۈچىنى تەڭشەپ، يېشى چوڭراق، تېنى ئاجىززاق يۇرتداشلىرىنى دۇكانغا قاراشقا قويۇپ، ياش–قاۋۇلراقلىرىنى ئەپكەش كۆتىرىپ، يېقىن–ئوتتۇرىدىكى مەھەللە–يېزىلارغا، ھەربىي گازارمىلارغا مال ئاپىرىپ ساتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ جۇغلاپ، پاي قوشۇپ، پايغا قاراپ تەڭ تەقسىم قىلىپ ئەڭ دەسلەپكى ھەسسىدارلىق سودا شىركەت شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سودا–سېتىقنى جانلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەپكەش كۆتىرىپ قوشۇنغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا چىققان 3000دىن ئارتۇق تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار بىر نەچچە يىلدىلا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇھىم شەھەر–بازارلىرىغا تارقىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى غوللۇق سودىگەرلەردىن بولۇپ قالغانىدى. سودا–سېتىقنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارا–بارا كۆلىمى زور، تىجارەت مەبلىغى بىر قەدەر مول بولغان «تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر گۇرۇھى» شەكىللەندى. نەتىجىدە، كېيىنچىرەك شىنجاڭغا كىرگەن بېيجىڭ، سەنشى، خۇبىي، خۇنەن، خېنەن، شەنشى، سچۈەن قاتارلىق سەككىز چوڭ سودا گۇرۇھى ئىچىدە تىجارەت دەسمايىسى ۋە بازار ئىجتىمائىي تەسىرى جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، خېلى زامانلارغىچە باشقا يۇرتلۇقلار تاقابىل تۇرالمىغۇدەك ھالەتنى داۋاملاشتۇردى.

كېيىنچە، ياڭ ليۇچىڭدا قېپقالغان يۇرتداشلار سودا كارۋانلىرىدىن شىنجاڭدا ئىش–ئوقەتنىڭ راۋان، جان باقماقنىڭ ئاسانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئەپكەشلىرىنى كۆتىرىپ، خوتۇن، بالا–چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۈزلۈكسىز شىنجاڭغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ خىل كۆچمەنلەر دولقۇنى 20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرى ئاخىرىغىچە يەنى «لۇگۇچىياۋ ۋەقەسى»دىن كېيىن ياپونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن، قاتناشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە مال مەنبەسىنىڭ ئۆكسۈپ قېلىشى تۈپەيلىدىن تېزدىن پەسىيىشكە قاراپ يۈز تۇتتى. بۇ پەسىيىش تاكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىگىچە داۋاملاشتى. گەرچە، 1945–يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغاندىن تارتىپ، 1949–يىلى پۈتۈن مەملىكەت ئازادلىقىغىچە، يەنە بىر قىسىم ياڭ ليۇچىڭلىقلار شىنجاڭغا تىرىكچىلىك قىلىشقا چىققان بولسىمۇ، لېكىن، بۇلار بۇ خىل 100 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئومومىي كۆچۈشنىڭ خاتىمىسى بولۇپ قالدى.

تارىخى 100 يىلغا، مۇساپىسى نەچچە ئون مىڭ چاقىرىمغا يېتىدىغان بۇ خىل قاينام–تاشقىنلىق سودا لىنىيىسىدە تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر كارۋانلىرى مۇشەققەتلىك غەربىي شىمال چۆللۈكىدە كولدۇرما ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خىلمۇخىل كۈندۈلۈك لازىمەتلىك تاۋارلىرىنى شىنجاڭغا يۆتكىگەن ئىدى. بازارنىڭ ئاۋات پەسىللىرىدە ھەربىر سودىگەر ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يۆتكىگەن مېلى 500 تۆگىدىن ئېشىپ كېتەتتى. بەزىلەرنىڭ ھەتتا مىڭ تۆگىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى( ھەبىر تۆگىگە 150–200 كىلوگرامغىچە مال ئارتىلاتتى). شۇ چاغلاردا شىنجاڭغا قىس بولغان پاختا رەخ، ئىلمە توقۇلما بۇيۇملار، بەش خىل مېتال بۇيۇملار، كىيىم–كېچەك، ئاياق كىيىم، باش كىيىم، چاي–شېكەر،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، فار–فۇر چىنە–قاچىلار، جۇڭگوچە دورا–دەرمەكلەر قاتارلىق 300 خىلدىن ئارتۇق تاۋار شىنجاڭغا توشۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودا تارىخىغا تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئۆز نۆۋىتىدە، تىيەنجىندە ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلغان سانائەت كارخانىلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆكسۈپ قالمايدىغان غايەت زور بازارنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

* كۈرە قەلئەسى ۋە تىيەنجىنلىكلەر بازىرى

1882–يىلى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مانجۇ گېنېرال جىن شۈننى ئىلىنى چارروسىيە قولىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش، كۈرە قەلئەسىنى ۋە ئىلى گېنېرال مەھكىمىسىنى قايتىدىن قۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەپ ئىلىغا ئەۋەتتى.

بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇزۇن قۇلاق تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق سودىگەرلەر دەرھال پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئاتا كەسپىنى تاشلىماي، ئىلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ماڭغان چىڭ قوشۇنىغا يېڭىباشتىن ئەگىشىپ ئارقا–ئارقىدىن كۈرە، سۈيدۈڭ، غۇلجا قاتارلىق ئىلى توققۇز قەلئەسىگە ئورۇنلىشىپ، يەر ئىگەللەپ سودا–سېتىققا كىرىشىپ كەتتى.

تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئىلىغا كىرگەنلىرى توققۇز قەلئە ئىچىدىكى مەركىزىي قەلئە — ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى جايلاشقان كۈرە قەلئەسىنى تاللىۋالدى. شۇ مەزگىللەردە، ئىلىدىكى كۈرە قەلئەسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەمۇرىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ گېنېرال مەھكىمىسى — «ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى» مۇشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان ئىدى. قەلئەگە 5000دىن ئارتۇق سەككىز تۇغلۇق قوشۇنلۇقلار جايلاشقان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى سۈيدۈڭ قاتارلىق يانداش سەككىز قەلئەدىمۇ نۇرغۇنلىغان چېرىكلەر بارئىدى. كونا كۈرەدە تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر نوپۇسىمۇ بىر قەدەر زىچ ھەم كۆپ بولغاچقا، سودا–سېتىق ئاۋات ئىدى.

تىيەنجىنلىق سودىگەرلەر كۈرەگە كېلىپلا كوچا بويلاپ دۇكان ئېچىپ، كېچە–كۈندۈزلەپ يېڭى مال توشۇپ تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئاز كۈندىلا بازارنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇۋەتتى ھەمدە يىراق–يېقىنغا مەشھۇر بولغان «تىيەنجىنلىكلەر بازىرى»نى شەكىللەندۈردى. چىڭ سۇلالىسى شۈەنتۇڭنىڭ 3–يىلى (1911–يىلى)دىكى تىيەنجىن سودىگەرلەر باش جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدىكى كۈرە «تىيەنجىن بازىرى»دا چوڭ–كىچىك جەمئىي 480دىن ئارتۇق دۇكان–ساراي بولۇپ، بۇنىڭ %90نى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىقلار ئاچقان ئىكەن.

يەن لىڭ ئۆز ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن تۇنجى زىيارىتىمنى غۇلجا شەھەرلىك سودا–سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، كونا يۇرتى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق ياڭ جۈنجىيا ئاقساقالدىن باشلىدىم.

ياڭ جۈنجيانىڭ دادىسى ياڭ ئېنكۈي چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ 8–يىلى (1882–يىلى) 5–ئاينىڭ 27–كۈنى، تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ بازىرى نيەنتۈزۈي مەھەللىسىدە بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياڭ ئېنكۈي ئاكا–ئۇكا ئالتە بالا بولۇپ، ياڭ ئېنكۈي كىچىكىدىنلا ئاتا–ئانىسىغا ھەمكارلىشىپ، بېلىق تۇتۇش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. كېيىنچە ئارقا–ئارقىدىن تۇغۇلغان قەھەتچىلىك ۋە يېغىلىقلار تۈپەيلىدىن جان بېقىش تەسلىشىپ كېتىپتۇ. 1903–يىلىغا كەلگەندە، ئەمدىلا يىگىرمىنىڭ قارىسىنى ئالغان ياڭ ئېنكۈي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنغا ئەگىشىپ، ئەپكەش كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا چىققان ئىكەن. بىر يىلغا جاپا–مۇشەققەتلىك سەرگۈزەشتىلەردىن كېيىن، ياڭ ئېنكۈي شۇ چاغدىكى نىڭيۈەن (بۈگۈنكى غۇلجا شەھىرى) قەلئەسىگە كېلىپ، مىڭبىر جاپادا بۇرۇن كەلگەن 2–ئاكىسى ياڭ ئېنخەينى ئىزدەپ تېپىپ بىرلىكتە تىرىكچىلىك قىلغان ئىكەن. ياڭ ئېنكۈي ئالدى بىلەن تامچىلىق قىپتۇ. كېيىنچە تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق بىر سودىگەر ئاچقان «گوڭچىڭخې»(公庆和)دەپ ئاتىلىدىغان سودا دۇكىنىغا شاگىرتلىققا كىرىپ ئىشلەپتۇ. بىر نەچچە يىللىق تەجرىبە–ساۋاقلارغا ۋە بەلگىلىك دەسمايىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاكىسى ياڭ ئېنخەي بىلەن بىرلىشىپ «خەنزۇ بازىرى»نىڭ چوڭ كۆۋرۈك بويىدا «گوڭشىڭخې»(公兴和) ئاكا–ئۇكىلار سودا دۇكىنىنى ئېچىپ تىجارەت باشلاپتۇ. 30–يىللارغا كەلگەندە سودىسى روناق تېپىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىپتۇ. ياڭ ئېنكۈي پۇل تاپقاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنۇتماي، تاپقان پايدىسىنىڭ كۆپرەكىنى خەير–ساخاۋەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزى پۇل چىقىرىپ«سەنمىن باشلانغۇچ مەكتىپى»( «سەنمىن»三民— بۇ يەردە سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچ مەسلەك» كۆزدە تۇتۇلىدۇ)نى قۇرۇپ، «خەنزۇ بازىرى» تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ خەنزۇچە ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىپتۇ. ئارقىدىنلا باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ سەنمىن كىنوخانىسى» (ئازاتلىقتىن كېيىن «ئاممىۋى كىنوخانا» دەپ نام بېرىلگەن. لېكىن شەھەر خەلقى يەنىلا «خەنزۇ بازىرى كىنوخانىسى» دەپ ئاتىغان— نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن)نى سېلىپ، پات–پات ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ئىلغار كىنولارنى قويۇپ، پۇقرالارغا ۋەتەن سۆيۈش ئىدىيىسىنى تەشىۋىق قىلغان ئىكەن. كېينچە غۇلجا شەھىرىدە ئەڭ دەسلەپكى پاراژنى ئەترىتى (水龙局) تەشكىل قىلىپ، شەھەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ياڭ ئېنكۈي ئۆز يۇرتداشلىرىغا يار–يۆلەك بولۇشتىن سىرت، «خەنزۇ بازىرى» ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغىمۇ خەير–ساخاۋەت قىلغان ئىكەن. مەسىلەن، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ روزا–رامزان، ھېيت–ئايەملىرىدە قوشنا مەسچىتلەرنى كىرسىن، كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن، كەمبەغەل، تۇل خوتۇن، يېتىم–يېسىرلارنى چاي–تۇز، قەن–گېزەكلەر بىلەن تەمىنلەپ، «خەنزۇ بازىرى» تەۋەسىدە «ساخاۋەتچى ياڭ مۆتىۋەر» دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان ئىكەن. 30–يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە غۇلجا شەھىرىدىكى بارلىق سودىگەرلەرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن سودىگەرلەر باش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىكەن.

1964–يىلى «خەنزۇ بازىرى»دا 60يىلدىن ئارتۇق سودا–سېتىق بىلەن ياشاپ ئۆتكەن بۇ مۆتىۋەر 82 يېشىدا غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

ياڭ جۈنجىيانىڭ دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 20–30–يىللىرىدا كۈرە بازىرى سودا–سېتىقنىڭ ئاۋاتلىقى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇر ئىكەن. ھەركۈنى تۆگە كارۋانلىرى، ئات–ئېشەك–خېچىرلىق ھارۋىلار بېيجىڭ، تىيەنجىننىڭ ھەرخىل تاۋارلىرىنى، خاڭجۇ، سۇجۇنىڭ يىپەك دۇردۇن–كىمخاپلىرىنى، خۇنەننىڭ چايلىرىنى، جياڭشىنىڭ جانان چىنە–قاچىلىرىنى توختىماي توشۇپ تۇرىدىكەن. «ۋېنفېڭتەي» (文丰泰) سودا سارىيىنىڭ تاۋارلىرى، «خۈيفاڭيۈەن»(会芳圆) ئاشپۇزۇلىنىڭ بېيجىڭ، تىيەنجىنچە تەملىك قورۇمىلىرى، «شىڭتەيخې» (兴泰和) سىركە–جاڭيۇ كارخانىسىنىڭ كىچىك ساپال ئىدىشلارغا قاچىلانغان، تۇز ياكى سىركىگە چىلانغان خامسەيلىرى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىگىمۇ داڭلىق ئىكەن.

ھازىرقى كۈرە بازىرىنىڭ شىمالىي كوچىسى 94–نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق يۈلەنجى ئاقساقالمۇ كونا كۈرەلىكلەرنىڭ بىرسى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بوۋىسى يۈباۋخى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قوشۇنغا ئەگىشپ شىنجاڭغا چىققان ئىكەن. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى بارلىق بىساتىنى بىر كونا ئات ھارۋىسىغا تېگىشىپ، خوتۇنى، 6ياشلىق ئوغلى ۋە پۇتى بوغۇلغان ياشانغان ئانىسىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئۆزى پىيادە ئەپكەش كۆتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن يول يۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن پارچە–پۇرات تىجارەت بىلەن يېرىم يىلدا ئاران كۈرەگە يەتكەن ئىكەن.

يۈباۋخى كۈرەگە كەلگەندىن كېيىن، ئاز ئۆتمەي باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ، كۈرە قوڭغۇراق راۋىقى يېنىدا «جاھانكەچتىلەر ئارامگاھى» (四路握) دېگەن كىچىك بىر ئاشپۇزۇلنى ئاچقان. ئۇزاققا قالماي بۇ ئاشخانا ئۆزىنىڭ ھەرخىل تەملىك «تىيەنجىن خوشىڭى» بىلەن يەرلىكلەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ھەمدە ئەل ئىچىدە «يۈ ئۇستامنىڭ خوشىڭى» (于锅贴) دېگەن مەخسۇس ئاتاق ئېغىزدىن–ئېغىزغا كۆچۈپ، داڭقى يىراق–يېقىنغا پۇر كەتكەن.

يۈلەنجىنىڭ دادىسى يۈجىنچۈەن كۈرە شۆتاڭدا باشلانغۇچ ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، سودا سارايغا شاگىرتلىققا كىرگەن. ئاندىن پۇل جۇغلاپ «باۋ تەيچېڭ» (宝泰成) دېگەن سودا دۇكىنىنى ئېچىپ، تىجارەت باشلىغان. يۈجىنچۈەن يىگىتلىك دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ياڭ ليۇڭچىڭلىق يۇرتدىشىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، يۈلەنجى ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىل تۆت پەرزەنتلىك بولغان.

يۈلەنجى ئاقساقالنىڭ ئېيتىشىچە، ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ قوشۇنغا ئەگىشىپ خۇلاڭزىچىلىق قىلىش ئادىتىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئەن ۋېنجۇڭ ئاقساقالنىڭ «ۋېنفېڭتەي» (文丰泰) سودا سارىيى شەرقىي قوۋۇق كوچىسىدا بولغان ئىكەن. شۇ چاغلاردا، ئەن ۋېنجۇڭ ئاقساقالنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تىيەنجىنلىك يۇرتداشلار شېرىكلىشىپ ئوقەت قىلىپ، سودىدا تۈر ۋە دائىرىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەمىن ۋە پاراۋان بولۇشىغا تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن ئىلى گېنىرالى چاڭ گېڭ تەرىپىدىن «قولىدىن ئىش كېلىدىغان زات» دەپ تونۇلۇپ، پۇل–مۇئامىلە ۋە چاي–تۇزدىن ئېلىنىدىغان مەخسۇس باجنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار قىلىنغان ئىكەن. دەرھەقىقەت، ئۇ چاغلاردا ئىقتىسادىي ساھەدىكى مۇنداق ئەڭ ئالىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ھەممىلا سودىگەرگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

جاپا–مۇشەققەت بىلەن ئىگىلىك تىكلەش

يېشى 80دىن ھالقىغان سۈيدۈڭلۈك ليۇ ئىلىڭ موماينىڭ بوۋىسى ليۇتيەنچىڭ تىيەنجىن «دېشىنتاڭ» (德心堂) دورىخانىسى تەرىپىدىن شىنجاڭغا شۆبە دۇكان ئېچىشقا ئەۋەتىلگەن سودىگەر ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىنگونىڭ باشلىرىدا، بۇ كىشى جاڭ شۈۋېينىڭ بوۋىسى جاڭ جىنچۈەن بىلەن بىللە شىنجاڭغا چىقىپ، ئۈرۈمچى، كۈرە، سۈيدۈڭلەرنى ئارىلاپ كۈزىتىپ ئەڭ ئاخىرى كۈرە قەلئەسىنى تاللاپ، گېنىرال مەھكىمىسىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نى ئاچقان. ئۇلار، سابىق ئىلى گېنېرال مەھكىمىسىنىڭ ھەربىي دوختۇرى شاۋبېيچىننى دورىخانىدا ئولتۇرۇپ كېسەل كۆرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نىڭ تەسىرى ۋە ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىجارەتنى جانلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆكەن مۈڭگۈزى، قار لەيلىسى، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس ئېسىل دورىلىق قىممىتىگە ئىگە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرىلەرگە يۆتكەپ، ئىچكىرىدىكى داڭلىق دورىخانىلارنىڭ ئېسىل دورىلىرىنى توپ ئەكلىپ سېتىپ، يىراق–يېقىنغا داڭ چىقارغان ئىكەن. ھەتتا ئۈرۈمچىلىكلەرمۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كۈرەگە دورىغا كەلگەن ئىكەن. ئىلىنىڭ سودا مەركىزى بارا–بارا غۇلجىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇلار «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نى ھەربىي ۋىراچ شاۋبېيچىن بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرى «خەنزۇ بازىرى»دىكى چوڭ كۆۋرۈك بويىغا كۆچۈرۈپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئىكەن.

گېنېرال مەھكىمىسى ھەربىي دوختۇرىنىڭ تېببىي تېخنىكىسى ۋە ئىناۋىتى بىلەن «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نىڭ سودىسى كۈندىن–كۈنگە روناق تېپىپ، تىجارەت دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. ئۇلار يەنە دورا ياساش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، دورا زاۋۇتى بىنا قىلىپ، ئىشچىلارنى كۆپەيتىپ، جۇڭيىچە قاينىتىپ ئىچىدىغان دورىلاردىن باشقا كومىلاچ، تالقان، مەلھەم ۋە چاپلىغۇچ دورىلارنى ياساپ ساتقان. «دېشىنتاڭ» دورا سۈپىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، مەيلى قەيەرنىڭ دورا ماتېرىياللىرى بولسۇن ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ساپلىقىنى تەكشۈرگەن. ھەربىر ئىشلەپچىقىرىلغان دورا مەھسۇلاتىغا سۈپەت تەكشۈرۈش پريۇم گۇۋاھلىقىنى چاپلىغان. دورا چۈشەندۈرۈشىگە دورا رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، پۇرىقى، تەمى، دورا ئىنكاسى، ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ئەسكەرتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىمارلارنىڭ دورىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىستېمال قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ناچار، ساختا دورىلارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. تېخنىكا يېڭىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاز مىقداردىكى كۈندۈلۈك ئىستېمال دورىلىرىنى ئىشلەشتىن تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تەييار دورىلارنى، قەغەز بولاقلارغا ئاددىي بولاپ، قاتۇرۇلغان شام ئارىسىغا ئالغان. كورۇپكىلىق كۇمىلاچ دورىلارنى ياساپ، كەسىپداشلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن.

1934–يىلى ئىلىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرىگە كۆچكەندىن كېيىن، «دېشىنتاڭ» خەنزۇ بازىرىنىڭ ئاۋات مەركىزىگە يۆتكىلىپ ئۈچ چوڭ دۇكان ئاچقان. شۈي دىمىڭ شاۋبېيچىن دوختۇرنىڭ شاگىرتى بولۇپ، ئالدى بىلەن «دېشىنتاڭ دورىخانىسى»دا كېسەل كۆرگەن. ئازادلىقتىن كېيىن دۆلەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى غۇلجا شەھەر بىرلەشمە دوختۇرخانىغا كىرگەن. ئەينى چاغدىكى بىرلەشمە دوختۇرخانا دەل بۈگۈنكى غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاساسى.

1956–يىلى 2–ئايدا، خۇسۇسىي سودا–سانائەتكە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش باسقۇچىدا «دېشىنتاڭ»نىڭ دېرىكتورى جاڭ پىرۇ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، «دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى دېشىنتاڭ دورىخانىسى»نى تەشكىللەپ، بۇنىڭ بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ بارلىق جۇڭيىچە دورا–دەرمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپداشلارنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان. كېيىنچە، ئوبلاستلىق دورا شىركىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مۇشۇ ئاساستا ئوبلاستلىق دورا زاۋۇتى قۇرۇلغان.

1959–يىلى دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى «دېشىنتاڭ دورىخانىسى» شۇ چاغدىكى غۇلجا شەھەرلىك بىرلەشمە دوختۇرخانىسىغا قوشۇۋېتىلىپ، بىرلەشمە دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى بۆلۈمى بولۇپ قۇرۇلغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، «دېشىنتاڭ» دېگەن بۇ ئىسىم «تۆت كونا» قاتارىدا يوقىتىلىپ، «ئازات يول دورا ماگىزىنى» ۋە «شىنخۇا يولى دورا ماگىزىنى» («خەنزۇ بازىرى دورا ماگىزىنى») دەپ ئىككىگە ئايرىلغان.

يەن لىڭ ئۆز ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن ياڭ جۈنجىيا، جاڭ شۈۋىي ۋە ليۇ ئېلىڭ ئۈچ پېشقەدەمنىڭ ياردىمىدە سۈيدۈڭ بازىرىدا تىيەنجىن ليۇچىڭلىق يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال بۇ يىل 90 ياشقا كىرىپتۇ. چوڭ ئوغلى 70نەچچە ياشتا، ئىككىنچى ئوغلى 60نەچچە ياشلاردا ئىكەن.

يەن خۇڭبىڭ ئاقساقالنىڭ ئوغلى يەن خەيفا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ، قورغاس ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەزكىرە ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن ئىكەن، ھازىر پېنسىيىگە چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ بوۋىسى يەن ۋەندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنفېڭ يىللىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، يىگىتلىك دەۋرى دەل زوزۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، قوشۇنغا ئەگىشىپ كۈن پېتىشقا يولغا چىقىپتۇ.

يەن ۋەندە گەنسۇنىڭ ئەنشى ۋىلايىتىگە كەلگەندە، كېزىك ئاغرىقى بىلەن بىر دەڭدە ۋاپات بولىدۇ. يۇرتقا قايتقان خۇلاڭزىچىلاردىن ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئوغلى يەن ئىنيۈ ئەنشىگە كېلىپ دادىسىنىڭ يەرلىكىنى تاپالمايدۇ، ئارقىغا قايتاي دېسە پۇلدىن قىسىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جان ئاچچىقىدا ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، غەربكە يۈرۈش قىلىۋاتقان قوشۇننى قوغلاپ يېتىپ، داۋاملىق شىنجاڭغا ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ چاغدا يەن ئىنيۈ 21 ياشقا تولغان مەزگىلى ئىدى.»

ئاقساقاللارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەڭ دەسلەپكى قوشۇنغا ئەگىشىپ ماڭغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېيىنكىلەر پەقەت جان بېقىش ئۈچۈنلا ئۇلار ئۈچۈن «بارسا كەلمەس كويىقاپ» بولۇپ سانالغان بۇ پايانسىز قۇم–باياۋانلىق چۆللۈككە تەۋەككۈل قىلىپ ئاياق باسقان بولۇپ، ئۇلار ئۆمرىدە كۆرۈپ باقىمىغان پىژغىرىم چۆللۈك تومۇزى ۋە غەربىي شىمالنىڭ قەھرىتان شىۋىرغانلىرىدا ئەپكەش كۆتۈرۈپ، مۆدۈرۈپ–چوقۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ شىنجاڭغا يەتكەن ئىكەن.

ئۇلار يول ئۈستىدە ھەتتا ئۇدا نەچچە كۈنلەپ ئادەم يۈزى كۆرمىگەن. ئاندا–ساندا ئۇچرىغان خىلۋەت مەھەللىلەرگە يەتكەندە يەرلىك پۇقرالارغا قولىنى جۈپتەكلەپ تازىم بىجا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خەيرخاھلىقىنى قوزغىغان. مېھماندۇست شىنجاڭلىق قېرىنداشلار جاپاكەش جاھانكەزدى يولۇچىنىڭ ئىلتىجاسىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئۆيلىرىدە ھەقسىز قوندۇرۇپ، مېھمان قىلىپ يولغا سالغان ئىكەن. ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ مۇشۇ كۈنكى ئەۋلادلىرى شۇ چاغدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ بۇ خىل ئادەمگەرچىلىك ۋە دوستلىق مېھرىبانلىقىنى تاھازىرغىچە ئۇنۇتماي ئەستە ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ.

يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «يەن ئىنيۈ 1883–يىلى كۈرەگە كەلگەن ئىكەن. يەن ئىنيۈ كۈرەگە كەلگەندىن كېيىن باشقىلارغا چاڭگۇڭ بولۇپ ھەممە ئىشلارنى قىلىپ بېقىپتۇ. جاپاغا چىداپ يېمەي–ئىچمەي بىر نەچچە يىل پۇل توپلىغاندىن كېيىن،كۈرەدە بىر دۇكان سېتىۋېلىپ، ئۆز تىجارىتىنى گۆرۈخانە ئېچىشتىن باشلاپتۇ. يەن ئىنيۈ گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ، رەسىم سىزىشقا ئۇستا بولغاچقا، گۆرۈگە قويۇلغان ھەرخىل ماللارنى خىلمۇخىل رەسىملەر بىلەن بەلگە قىلىپ ئىپادىلەپ قىلچە خاتالىق سادىر قىلماپتۇ ھەمدە بۇنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى باشقىلاردىن ئۆزگىچە بولغاچقا، تىجارىتى روناق تېپىپ، دۇكىنى چوڭ–كىچىك 20نەچچىگە كۆپىيىپ، ئىچكىرى–تاشقىرىلىق بىر كاتتا قورۇ–جايلىقمۇ بولۇپ قاپتۇ. كۈرە تازا داڭ چىقىرىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇ يەنە كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ بىساتىنى سېتىپ، غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، «خەنزۇ بازىرى» دا «يۈتەيخې» (玉泰和) دېگەن چوڭ سودا ساراينى ئېچىپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. يەن ئىنيۈ پۇل تېپىپ باي بولغاندىمۇ تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئۇنۇتمايدىكەن. دائىم يەيدىغىنى قوناق ئۇنىنىڭ ئۇمىچى ۋە زاغرا ئىكەن. لېكىن دائىم كىچىك چېغىدا يېگەن بوخەي دېڭىزىنىڭ بېلىقلىرى ئۈستىدە ھەۋەس بىلەن پاراڭ قىلىدىكەنۇ، لېكىن تاكى ۋاپات بولغۇچە پۇل خەجلەپ بېلىق يېيىشكە كۆڭلى ئۇنىمىغان. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»دىن كېيىن، يەن ئىنيۈ ئائىلىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. ۋاپات بولۇش ئالدىدا چوڭ ئوغلى يەن خۇڭبىڭغا چوقۇم كۈرەگە قايتىپ بېرىپ ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاپىلاپتۇ. ئازادلىقتىن كېيىن يەن خۇڭبىڭ ئائىلىسى، ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئالدى بىلەن كۈرەگە، ئاندىن سۈيدۈڭگە كۆچۈپ كېلىپ باشقىلارنىڭ دورىخانىسىدا ئىشلەپ جان بېقىپتۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يېڭى باشلانغاندا، يەن خۇڭبىڭنىڭ بارلىق بالا–چاقىلىرى يەن ئىنيۈ ئەينى يىللاردا 10سەر ئالتۇنغا سېتىۋالغان كۈرە شىمالىي كوچىسىدىكى 30نەچچە ئېغىز ئۆيى بار، بېيجىڭ پاسونىدا سېلىنغان، تۆت چاسا قورۇ–جاينى سېتىۋېتىشنى ئېيتقاندا يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال: «بۇ قورۇنى ئاتام قان–تەرى بەدىلىگە سېتىۋالغان. بۇنى سېتىۋەتسەك ئەجدادىمغا يۈز كېلەلمەيمەن» دەپ قەتئىي ئۇنىماي تۇرۇۋالغان ھەمدە ئۆزلىرى سۈيدۈڭدە تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا ھەقسىز بەرگەنىكەن. ھەريىل قىشتا يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال بالىلىرىنى قار تازىلاشقا كۈرەگە ئەۋەتىدىكەن. «تۆت كونا»نى يوقىتىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، يەن خۇڭبىڭ ئاقساقال مۇشۇ قورۇسى ئۈچۈن «گومىنداڭ داشقىلى» دېگەن قالپاقنى كىيىپ،قورۇ جايى مۇسادىرە قىلىنغان. كېيىنچە گۇڭشى تەرەپتىن 2700يۈەن پۇل بېرىپلا تارتىۋالغان ئىكەن. قورۇجايدا قالغان نۇرغۇن ئاسار–ئەتىقىلەر، مەسىلەن: چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىلى گېزىتى (بەيخۇا گېزىتى)، كونا كىتاب–ژۇرناللار، خەرىتىلەر، شېئىر–بېغىشلىمىلار ھەممىسى تالان–تاراج قىلىنغان، ھەتتا كونا كىتابلارنىڭ ئۆزىلا لىق بىر بىرىچكا ھارۋا كەلگەن ئىكەن.

«يۈتەيخې» سارىيىنىڭ داڭقىنىڭ كاساپىتىدە يەن خەيفا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا «كاپىتالستنىڭ نەۋرىسى، پارتىيىگە، سوتسىيالىزمغا قارشى قارا گېزەندە» دەپ قارىلىپ، 10نەچچە يىل زىيارەت چەككەن، چەتكە قېقىلغان ئىكەن. 1978–يىلىغا كەلگەندە ئاران خىزمىتى ئەسلىگە كەپتۇ. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 37 ياشقا كىرگەن ئىكەن. يەن خەيفا مۇنداق دېدى: گەرچە ئاتا–بوۋىمىزدىن بىزگە ھېچقانداق مال–مۈلۈك قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەجدادىمىزنىڭ ئاقكۆڭۈل، راستچىل، كۆيۈمچان، ۋاپادار، تىرىشچان–ئىقتىسادچان روھى بىزگە كۈچ قۇۋۋەت بېغىشلىغان ئىدى.

يەن خۇڭبىڭ ئاتا ئىزىنى بېسىپ، تىجارەتكە كىرىشىپ ئالدى بىلەن كۈرەدە، ئاندىن سۈيدۈڭدە دورا ساتقۇچى ۋە تېۋىپ بولغان. 1957–يىلى دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش باسقۇچىدا، سۈيدۈڭ ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى بولغان. 1960–يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن يېزىغا تارقاقلاشتۇرۇپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن. 3–ئومومىي يىغىندىن كېيىن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ پېنسىيىگە چىقىرىلغان.

«خەنزۇ بازىرى»دىكى ھېكايىلەر

ئىلى تەۋەسىدە «خەنزۇ بازىرى»نى بىلمەيدىغان ئادەم يوق، «خەنزۇ بازىرى»نىڭ داڭقى پۈتۈن شىنجاڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ تونۇش، ئۇ يەر غۇلجا شەھىرىگىلا ئەمەس، بەلكى، پۈتكۈل ئىلى ۋادىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكىنى خېلى بۇرۇنلا شەكىللەندۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى غۇلجىغا مېھمان بولۇپ كېلىۋاتقان ئىچكى–تاشقى ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى پەتىلىمەي قويمايدۇ.

«خەنزۇ بازىرى»دا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياڭ ليۇچىڭلىق لياڭ گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ بۇرۇنقى قىياپىتى ئەسلىدە لەڭزە بېشىدىن جەنۇبقا —تاشكۆۋرۈك، كۆنچى تەرەپلەرگە قاراپ ئاققان تەبىئىي ئۆستەڭنى بويلاپ، ئالاھىزەل ئىككى كىلومېتىرچە سوزۇلغان ئەگىر–بۈگىر تار كوچا ئىكەن.

«چىڭ ئوردىسى ئورانزىپنى 1766–يىلى 9–ئايدا، ئىلىنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلىدى»، «ئورانزىپ گۇڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى جىرغىلاڭ سۈيى قۇيۇلۇشىدىن ھازىرقى ناغرىچى مەھەللىسىگىچە بولغان كەڭ، مۇنبەت يەرلەرنى ئىلى دەرياسىنىڭ لېۋىگىچە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە لەڭزە بېشى سۈيىدىن ئىككى ئۆستەڭ ئېلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ بىرى لەڭزە بېشى سۈيىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئېگىز ئاق توپىلىق يار بويىنى ئايلاندۇرۇپ قارادۆڭ قاپتىلى ئارقىلىق گۈلشەنباغ تەرەپكە ئاققان ئۆستەڭ بولۇپ، بۇ ئۆستەڭ «ھېكىم ئۆستەڭ» دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى، لەڭزە بېشى سۈيىنىڭ غەرب تەرىپى بىلەن ئېقىپ، «خەنزۇ بازىرى»دىن ئۆتكۈچە بىر قوشۇلۇپ ئېقىپ، ئايدۆڭ، تاشكۆۋرۈك، ناغرىچى تەرەپلەرگە بارغاندا تارماق بولۇپ ئاقىدىغان ئۆستەڭ بولۇپ، «شاغلىق ئۆستەڭ» دەپ ئاتالغان». «بۇ ئۆستەڭلەرنىڭ چېپىلىشى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشتە سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنغانلىقتىن، غۇلجا شەھىرىدە ئاھالىلەر (ئاساسەن ئۇيغۇرلار) كۆپەيگەن. شەھەرنىڭ سىرتىدا لەڭزە بېشى ئەتراپىغا مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن خۇلاڭزىچىلىق قىلىپ چىققان تىيەنجىنلىك خەنزۇلار بىلەن تۇنگان مەسچىتى ئەتراپىدىكى خۇيزۇلار مەھەللىلىرى بارلىققا كەلگەن.» (تېيىپجان ھادى «ئىلى گۇڭ–بەگلىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى»، ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 1984–يىل 1–سان، 75–76–بەتلەر)

«قارا دۆڭگە قاراپ ماڭغان يول، ئۇچاغلاردا تەختىيۇن مەھەللە مەسچىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ، ھازىرقى نان بازىرى كوچىسى بىلەن چوڭ كوچىغا تۇتىشاتتى. كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندىن كېيىن، قارا دۆڭگە كەتكەن كوچىنىڭ ياقىلىرىدىكى دۇكانلاردا ئاساسەن تىيەنجىنلىك خەنزۇ سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلار تاۋار–دۇردۇن، يىپەك يىپ، يىپەك گەز ماللار ۋە ئاز بىرقىسىملىرى ئەپيۇن قاتارلىق سودىلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. خەلق تەرىپىدىن «خەنزۇ بازىرى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بۇ بازار ئۆز زامانىسىدا غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق بازارلارنىڭ بىرى ئىدى. ھازىرمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاۋات بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» (توختاخۇن ناسىرى، «تاشلەپكە ۋە ئۇچدەرۋازا ھەققىدە» ، ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2002–يىل 5–سان 91–بەت)

1937–يىلى «لۇگۇچياۋ ۋەقەسى»دىن كېيىن، كۈرە تۇرۇشلۇق ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلدارى چيۇزۇڭجۈن (شېڭ شىسەينىڭ قېيناتىسى) ئىلى ھەربىي گارنىزونى ۋە دوتەي يامۇلىنى غۇلجىغا يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، كۈرەنىڭ بۇرۇنقى ئاۋات قىياپىتى بارغانسېرى سۇسلاشقاچقا، بۇرۇندىن كۈرە ئوقەت قىلىۋاتقان ياڭ ليۇچىڭلىق سودىگەرلەر ئارقا–ئارقىدىن غۇلجا «خەنزۇ بازىرى» ئەتراپىغا كۆچۈپ كىرگەن.

قورغاس ناھىيىلىك يەرلىك تەزكىزە ئىشخانىسىدىن يولداش يەن خەيفانىڭ ئېيتىشىچە، ئىلىنىڭ سىياسىي مەركىزىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشىنى، كۈرە شەھىرىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەھەر ئىچىدە سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن كۈرە شەھىرى ئەزەلدىن تايىنىپ كەلگەن ساربۇلاق غولىنىڭ سۈيى سۈيدۈڭنى ئايلىنىپ كۈرەگە كەلگۈچە، كىچىككىنە ئېرىققا ئايلىنىپ قالغان. ئەينى چاغلاردا پۇقرالارنىڭ ئىچىملىك سۈيىمۇ خېلىلا تەسكە توختىغان. شۇنىڭ بىلەن ئالدىن كۆرەر كىشىلەر ئارقا–ئارقىدىن بۇلاق سۈيى ئەلۋەك بولغان نىڭيۈەن (غۇلجا شەھىرى) قەلئەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن كۈرە قەلئەسى بارغانسېرى خارابىيلاشقان. تارىختا دۇنياغا مەشھۇر كروران شەھىرىنىڭ سۇ قەھەتچىلىكى تۈپەيلىدىن يەر شارىدىن يوقىلىپ كېتىشى دەل مۇشۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

نىڭيۈەن قەلئەسى ھاكىمبەگلەر جەمەتى ئىلكىدىكى شەھەر بولۇپ، 1762–يىلى قەلئە بىنا بولغان كۈندىن تاھازىرغىچە زورىيىپ بۈگۈنكى غۇلجا شەھىرى قىياپىتىگە كەلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە خەنزۇ ئاھالىسى كۆپىيىپ، «خەنزۇ بازىرى» شەكىللىنىپ، سودا–سېتىق ئاۋاتلىشىپ بارا–بارا كۈرەدىن ئېشىپ كەتكەن ( بۇ دېگەنلىك چاغاتايدىن كېيىنكى جۇڭغارلار دەۋرىدە ھازىرقى قارادۆڭ تەۋەسىدە «ئالتۇن سۇممە» دەپ ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانا ۋە ئېردەنى باتۇر قۇنتەيجى پادىشاھنىڭ ھەيۋەتلىك ئوردىسى بولغانلىقىنى، ئوردا ئاستىدىكى ھازىرقى «خەنزۇ بازىرى» ئەتراپىدا ئاۋات بازار شەكىللەنگەنلىكىنى چەتكە قاقمايدۇ– مۇھەررىردىن ئىزاھات). تىيانشاننىڭ شىمالىي تارمىقى بولغان بۇلۇكنۇر تېغىدىن دادامتۇ ئارقىلىق پىلىچى غولىدىن كەلگەن تاغ سۈيى ۋە غۇلجا قەلئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي تاغ ئېتەكلىرىدىكى سانسىزلىغان بۇلاقلاردىن يىغىلغان قاراسۇ نىڭيۈەن قەلئەسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلغاچقا، شەھەرنى مول سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان. بوخەي دېڭىز ساھىلىدىن كەلگەن سۇغا ھېرىسمەن ياڭ ليۇچىڭلىقلار غۇلجىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىلى دوتەي يامۇلى قارمىقىدىكى سۈيدۈڭ، جىڭ، داخىيەنزە، بورتالالارغا مەركەزلەشكەن».

«خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى 1930–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇ مەزگىلدە بۇ يەردىكى تىيەنجىنلىكلەر 3000 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلار ئاچقان ھەرخىل دۇكان–سارايلار 400دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇرۇن بۇ يەردىكى خەنزۇ پۇقرالىرىنىڭ قورا–جايلىرى ھەممىسى بېيجىڭ پاسۇنىدا سېلىنغان تۆت چاسىلىق قورالار بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭيىشى

«خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى 1930–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇ مەزگىلدە بۇ يەردىكى تىيەنجىنلىكلەر 3000 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلار ئاچقان ھەرخىل دۇكان–سارايلار 400دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇرۇن بۇ يەردىكى خەنزۇ پۇقرالىرىنىڭ قورا–جايلىرى ھەممىسى بېيجىڭ پاسۇنىدا سېلىنغان تۆت چاسىلىق قورالار بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭيىشى، شەھەر ئىقتىسادىي مەركىزىنىڭ «ستالىن كوچىسى»، «ئازات يول» قاتارلىق غەربىي رايونلارغا يۆتكىلىشى تۈپەيلىدىن، «خەنزۇ بازىرى»دا ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئارقا–ئارقىدىن كۆچۈپ كەتكەچكە، بازار ئاھالىسىنىڭ مىللەت نىسبىتىدە زور بۇرۇلۇش ياساپ، «خەنزۇ بازىرى» دېگەن نام پەقەت كونا يەرنامىنىلا ئىپادىلىگەن». گەرچە، ئىسىم بىلەن ھازىرقى كۆرۈنۈش ئانچە ماسلاشمىسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى بىز ئېيتىۋاتقان «خەنزۇ بازىرى» شىنخۇا شەرقىي يولىنىڭ قايناق كوچا بازىرى ھالىتىنى يەنىلا ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز شىنخۇا شەرقىي يولىنى بويلاپ كۈن چىقىشقا قاراپ ماڭسىڭىز، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭىزدا قايناق كوچا بازىرى روشەن نامايەن بولىدۇ. قەدەملىرىڭىز سىزنى ئەنئەنىۋى بازار ئۇسلۇبى گەۋدىلەنگەن تىپىك ئۇيغۇرلار سودا–سېتىق سورۇنىغا باشلاپ كىرىدۇ. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تىزىلغان يايما–بوتكا، قول ھارۋا، تەنزىلەردىكى رەڭگارەڭ قوغۇن–تاۋۇز، قاق–ياڭاق، كىشمىش–ئۈزۈم، ئەنجۈر، گىلاس، ئالما، ئۈرۈك، ئانار، شاپتۇل ھىدى بۇرنىڭىزنى غىدىقلايدۇ. ئالدى تەرەپتىن كۈنچقىش مەيىن شامىلى بىلەن بىللە كېلىۋاتقان سامسا، كاۋاپ، پولۇ، گۆشنانلارنىڭ مېزىلىك پۇرىقى سىزنى ئالدىرىتىدۇ. ئالدىغا ماڭغانسېرى ئادەم قويۇقلىشىدۇ. قاتار رەسىتىلەردە زىبۇ–زىننەت،زىلچا گىلەم، پىچاق–بەكە، ئۆتۈك–پوپۇش دېگەندەك تىپىك ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىن «توخۇنىڭ سۈتى»دىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. تۈركىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان تاۋارلىدىن تارتىپ، قەشقەرنىڭ ماتالىرى، خوتەننىڭ ئەتلەسلىرى، كۇچارنىڭ يەرلىك سوپۇنلىرىغىچە ھەممە تەرسە تەلتۆكۈس، ئۇندىن باشقا خىلمۇخىل رەڭدار كىيىملەرنى كىيگەن، ھەرقايسى يۇرت–يۇرتلاردىن كەلگەن ئوقەتچىلەر خىلمۇخىل شىۋە، تەلەپپۇزدا توۋلاپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. پۈتۈن بازار ئاسمىنىدا ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان ھەرخىل ئۇن ناخشا–مۇزىكا سادالىرى ياڭرايدۇ…………….

يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «لياڭ گاڭ مېنى غۇلجا شەھەر چوڭكۆۋرۈك ئىش باشقارمىسى قىزىل بايراق ئاھالىلەر كومىتېتى تۇرۇشلۇق قورۇغا باشلاپ كىردى. بۇ قورۇ ئەينى چاغلاردا تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر جەمئىيىتى قورۇسى بولۇپ، شۇ چاغلاردا دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھەرئاينىڭ 1– ۋە 15–كۈنلىرى تىيەنجىنلىك يۇرتداشلار مۇشۇ يەرگە جەم بولۇپ، سودا ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىدىكەن. كېيىنچە غۇلجىغا قېپقالغان تىيەنجىنلىك يۇرتداشلارمۇ مۇشۇ ئورۇننى تېپىۋالسىلا بەئەينى ئۆز ئۆيىنى تاپقاندەك جاتىرجەم بولاتتىكەن. سودىگەرلەر جەمئىيىتى كەلگەنلىكى تىيەنجىنلىك مۇساپىرلارنى ئۆز پاناھىغا ئېلىپ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇچە ئۇلارنى ياتاق، تاماق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ تۇرىدىكەن، ھەتتا بۇرادەرلەردىن ئىئانە پۇل جۇغلاپ دۇكان ئېچىپ بېرىدىكەن.

لياڭ گاڭ ئىككىمىز خېلى ھەرەج تارتىپ چۈشكە يېقىن كونا قورۇ جايدىن بىرنى تاساددىپىي تېپىۋالدۇق. بۇ تەخمىنەن 120يىللىق تارىخقا ئىگە كونا قورۇجاي بولۇپ، بۇ قورۇدا تۆت ئەۋلاد كىشىلەر ياشاپ ئۆتكەن ئىكەن. قورۇجاي ئىنتايىن كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، بېيجىڭ ئۇسلۇبىدىكى بىر–بىرىگە روبىرو قارىشىپ تۇرغان تۆت تەرەپلىك ھۇجرىلاردىن، قاغجىراپ كەتكەن چوڭ قارا دەرۋازىنىڭ نەقىش ئىزنالىرىدىن، تۆكۈلۈپ تۇرغان تاملار ئارىسىدىكى گۈللۈك كاھىش پارچىلىرىدىن مەزكۇر قورۇجاينىڭ ئەينى چاغدىكى ھەيۋەتلىك سالاپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئىدى.

ھازىرقى قورۇجاي ئىگىسى 51ياشقا كىرگەن ۋاڭ جىگاڭ ئىسىملىك بىر ئەرجۈەنزە (پېرۇتكا) بولۇپ، رۇسچە ئىسمى بارس ئىكەن. ۋاڭ جىگاڭنىڭ بوۋىسى ۋاڭ گوئىن قوشۇنغا ئەگىشىپ، شىنجاڭغا چىققان ياڭ ليۇچىڭلىق بولۇپ، غۇلجىغا كەلگەن دەسلەپكى يىللىرى كۆنچىلىك (تېرە ئەيلەش)بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە خەنزۇلارنىڭ دەپنە ئىشلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ داڭ چىقارغان. تىجارىتى كۈندىن–كۈنگە روناق تېپىپ، بىرنەچچە يىلغا قالمايلا «خەنزۇبازىرى»دا «گۈەنسەي» (مېيت ساندۇقى) كوچىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇ چاغلاردا «خەنزۇ بازىرى»دىكى تىيەنجىنلىك يۇرتداشلار ئارىسىدا «ئۆلۈم–يېتىم بولسا گۈەن مازا گۆر كولىسۇن، ياۋ بايىنىڭ مەپىسى مېيىت يۆتكىسۇن، ئاخىرەتلىك ئىشلارغا ۋاڭ گوئىن باش بولسۇن» دېگەن مەخسۇس قائىدە–يوسۇن پەيدا بولغان ئىكەن.

ۋاڭ جىگاڭنىڭ دادىسى غۇلجىدا بىر رۇس قىزىغا ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان. ۋاڭ جىگاڭنىڭ رۇس ئانىسى 1976–يىلى ۋاڭ جىگاڭنىڭ ھەدىسىنى ئېلىپ ئاۋستىرالىيىگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ھەريىلى دېگۈدەك غۇلجىغا تۇغقان يوقلاشقا كېلىپ تۇرىدىكەن.

دەي گوجىنىڭ ھايات مۇساپىسىمۇ ۋاڭ جىگاڭنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ رۇسچە ئىسمى ماراسۇۋ ليۇتىن ئىكەن. دەي گوجىنىڭ بوۋىسى دەي يۈتۇڭ 20نەچچە ياش چاغلىرىدا ئەپكەش كۆتىرىپ كىچىك ئوغلىنى يېتىلەپ تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭدىن ئىلىغا كەلگەن ئىكەن. غۇلجىغاكەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن زەرگەرلىك دۇكىنى ئېچىپ تىجارەت باشلىغان. بىر نەچچە يىل مەبلەغ جۇغلىغاندىن كېيىن، موڭغۇلكۈرەگە چىقىپ چارۋا فېرما قۇرغان. كېيىنچە چارۋا–مال، سۈت پاراشۇكى زاۋۇتىغا ئىگە چارۋىدار كاپىتالىستقا ئايلانغان. دەي گوجىنىڭ ئىلىدا چوڭ بولغان دادىسى چىرايلىق رۇس قىزىغا ئۆيلەنگەن. دەي گوجىنىڭ دادىسى 1946–يىلى كېزىك ئاغرىقى بىلەن ۋاپات بولغان. دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دەي گوجىنىڭ ئائىلىسى ئالدى بىلەن «خەنزۇ بازىرى»غا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قىزىل كۆۋرۈك ئەتراپىغا (بۈگۈنكى غۇلجا شەھەرلىك 1–باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىغا) كۆچۈپ كەلگەن. بىر ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكى بېشىغا چۈشكەن رۇس ئانا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا قاراخىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ بالىلىرىنى باققان. كېيىنچە كونسۇلخانىنىڭ بىر رۇس خىزمەتچىسىگە توي قىلىپ، 1962–يىلى ئېرىگە ئەگىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ كۆپ ئۆتمەي ۋاپات بولغان.»

چوڭكۆۋرۈك — ئەينى چاغدىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ مەركىزى بولۇپ، كەڭلىكى 5–6مېتىر كېلىدىغان لەڭزە بېشى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ، مۇشۇ يەردىن شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. ھازىر بۇ ئۇلۇغ سۇ تارتىلىپ كىچىككىنە ئېرىققا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، چۆڭكۆۋرۈك دېگەن ئۇقۇمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان. لياڭ گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغلاردا «خەنزۇ بازىرى»نىڭ كۈندۈزىلا ئەمەس، كېچىسىمۇ بەك ئاۋاتلىشىپ كېتىدىكەن. «سەنمىن كىنوخانىسى»دا كۈنىگە ھەرخىل كىنو–فىلىملەر، چاڭچىلىخانىدا كلاسسىك دراممىلار قويۇلۇپ تۇرىدىكەن. بالىخانلىق «شىنخۇا ئاشپۇزۇلى»نى چۆرىدىگەن كەچلىك بازاردا 50–60 چە دۇكان، بوتكا ۋە يايمىكەشلەر كەچ مەنزىرىسىنى جانلاندۇرۇۋېتىدىكەن. ئەينى چاغلاردا «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قويۇق تىيەنجىن پۇرىقى بازار دائىرىسى ئىچىدە بەئەينى ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردەك بىر مۇئەييەن بىر جۇغراپىيلىك رايوننى شەكىللەندۈرگەچكە، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىجتىمائىي كىلمات مەزكۈر رايون تەۋەسىدىكى خولۇم–قوشنا ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن. مەسىلەن، «خەنزۇ بازىرى»لىق ئۇيغۇر بالىلار تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭ تەلەپپۇزىدا خەنزۇچە سۆزلىيەلەيدىغان، چوڭراق ياشتىكى ئۇيغۇرلار دائىم چاڭچىلىخانىلارغا كىرىپ، خەنزۇ كلاسسىك دراممىلىرىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ھەتتا بەزىلىرى بىر نەچچە پەدىگە غىڭشىپ ئېيتالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى (دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، ھاكىمبەگ غوجامنىڭ كىچىك ئوغلى ئەكرەمخان غوجا، ئاتاقلىق ئەلنەغمىچى، مەشھۇر مۇزىكانت زىكرى ئەلپەتتالارمۇ «خەنزۇ بازىرى»غا بېرىپ كلاسسىك چاڭچىلە كۆرۈشكە ئامراقلاردىن ئىكەن. كونا غۇلجىلىقلارنىڭ تىلىدا چاڭچىلە «ئەرخاڭ» دېيىلىدىكەن. كىچىكىمىزدا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن «پالانچى ئەرخاڭ توۋلاشقا بەك ئۇستا» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلايتتۇق. دېمەك، بۇنىڭدىن ئەينى زاماندىكى چاڭچىلە تىياتىرىنىڭ بەلگىلىك ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت تاماشىبىنلىرىغىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ— نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن).

«چۈش مەزگىلى بىر كىچىك ئاشخانىغا چۈشلۈك تاماققا كىرىۋېدۇق. بۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى دەل تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق بولۇپ چىقتى. خوجايىننىڭ ئىسمى گاۋشۇشىن بولۇپ، بۇ يىل 68 ياشقا كىرىپتۇ. مۇشۇ ئاشخانىنى ئېچىۋاتقىنىغا 10نەچچە يىل بوپتۇ. گاۋ شۇشۇەننىڭ بوۋىسى ئەپكەش كۆتىرىپ قوشۇنغا ئەگىشىپ كۈرەگە كەلگگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن گەزمال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تاۋار–دۇردۇنلىرىنى ئىلىغا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن ھەرخىل چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇپ تىجارىتىنى كېڭەيتكەن ئىكەن. كېيىنچە ئۇ تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئەينى چاغدىكى «گاۋ، يۈ، سۈي، جاڭ »دىن ئىبارەت تۆت چوڭ سودا جەمەتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن ئىكەن. 40–يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا گاۋشۈشىن ئائىلىسى كۈرەدىن غۇلجىغا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، گاۋشۈشىننىڭ دادىسى تىيەنجىنلىكلەر ئاچقان لەڭزە بېشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. ھازىرقى غۇلجا شەھەر قىزىليۇلتۇز كوچا 1–كوچىدىكى تاركوچا ئەينى چاغدىكى لەڭزە بېشى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەسلى ئورنى ئىكەن.

گاۋشۈشىننىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدىكى تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر گەرچە دېڭىز بويلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردىن ئىنتايىن يىراق بولغان خىلۋەت چىگرا رايونىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆز يۇرتىنىڭ ئەنئەنىۋى سودا ئەدەب–ئەخلاقىغا، قائىدە–يوسۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بولۇپمۇ چوڭ سودا–سارايلار ياكى داڭلىق دۇكانلاردا ئىشلەيدىغان دۇكاندارلار ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن. يۈرۈش–تۇرۇش، كېيىم–كېچەك، گەپ–سۆز، مۇئامىلە جەھەتلەردە ياقا–يۇرتتىكى خېرىدارلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى ئويلىشىدىكەن. تىجارەت سورۇنىدا، سودا–سېتىق ئۈستىدە ياكى خېرىدارلار ئالدىدا ھاراق ئىچكەن، بىئەدەپ سۆزلەرنى قىلغان، قالايمىقان ۋارقىراپ–جارقىرىغان ياكى ئورۇنسىز قاتتىق كۈلگەنلەر، كىيىنىشى رەتلىك، پاكىز بولمىغانلار، ئۆز مەيلىچە مەيدىسى، دۈمبىسىنى يالىڭاچ ئوچۇق قويغانلار سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىپ ئەدەب–يوسۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جازاغا تارتىلىپ بەلگىلىك بەدەل تۆلەيدىكەن. تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر تىجارەتتە ئىناقلىق، سەمىمىيلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاچقا، خۇشخۇي، سىلىق–مۇلايىملىق بىلەن خېرىدارلارنى كۈتۈپ، سېتىۋالغان ماللارنى ھەقسىز كۆركەم زىننەتلەپ ئوراپ–قاچىلاپ بېرىپ، دۇكانغا كىرگەنلىكى خېرىدارلارغا مەيلى مال ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن بىردەك چاي قۇيۇپ، تاماكا تۇتۇپ، ھاردۇق ئالىدىغان ئورۇندۇقلارنى ھازىرلاپ ھەممىدە خېرىدارلارغا قولايلىق بولۇشنى ئويلاپ تىجارىتىنى جانلاندۇرغان ئىكەن. سودا ئەدەب–ئەخلاقىغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىپ، ئالدى–ساتتىدا ئادىل بولۇپ، گەز–تارازىلارنى توغرا تۇتۇپ، پۇل ئېلىش، پۇل قايتۇرۇشتا ئۈنلۈك توۋلاپ تۇرۇپ مەلۇم قىلىپ، پۇل ئېلىش بىلەن مال بېرىشنى بىر قوللۇق ئىشلەپ، سودا–سېتىقتا ئوشۇق–كەم بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەن.

تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر دۇكان–سارايلارنىڭ تاشقى كۆرۈنشىگىمۇ بەك ئېتىبار بېرىدىكەن. ئۇلار ئالدى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئارزۇ–تىلەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەڭ پاساھەتلىك سۆزلەردىن دۇكان ساراي نامى تۈزۈپ، ئاندىن ئۇنى داڭلىق خۇشخەتچىلەر ياكى ئاتاقلىق مۆتىۋەرلەر ئۆز قولى بىلەن يازغان ھۆسىنخەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ۋىۋىسكا ياسىتىپ دۇكان سىرتىغا ئاسقاندىن سىرت، ئېلان–سەنئەت پۇرىقى قويۇق بولغان رەڭدار ئاسما رەسىملەر ۋە گۈل پانۇسلارنى ئېسىپ زىننەتلەيدىكەن. بەزى يىلىكى توم سودىگەرلەر دۇكان–سارايلىرىنىڭ مەخسۇس ئەجدىھار چېكىلگەن تۈۋرۈكلىرىگە سودا–سېتىقنىڭ ئاۋات، پۇقرالارنىڭ پاراۋان بولۇشىنى تىلەيدىغان مەسنىۋى بېيتلارنى نەقىشلەپ سودا مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلغان ئىكەن.

گۆدەك چاغلاردىن ئەسلىمە

«خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ ئاۋات بۆلىكى ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن تىيەنجىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىنتايىن بۈيۈك، بىباھا گۆھەر جاي ھېسابلىنىدۇ.

يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھازىر غۇلجا سودا سارىيى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، «خەنزۇ بازىرى»دا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۈي نىڭ بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بەرگىنىدە كۆزلىرى ھاياجاندىن نۇرلىنىپ كەتتى.

ئۇ گۆدەك چېغىدا «خەنزۇ بازىرى» ئۆكتەبر كوپراتىپىنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. شۈي نىڭنىڭ مومىسى ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاتا–ئانىسى، ئاكا–ھەدىلىرى بىلەن بىر چوڭ مەپىلىك برىچكا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ 6–ئايدا تىيەنجىندىن غۇلجىغا يەتكەن ئىكەن.

20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، پۈتۈن جەمئىيەت قاينام–تاشقىنلىق سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاتلانغان مەزگىل ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقى ئاھالىلەر كومىتېتى «مەھەللە ھۆكۈمەت» دەپ ئاتىلاتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت»نىڭ پۇقرالار ئارىسىدىكى ئابرويى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. مەھەللىداشلار ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك چوڭ ھۆكۈمەتلەرنى تونۇمايتتى ھەتتا بىلمەيتتى. «مەھەللە ھۆكۈمەت» كاتتىبېشى بىر بۇيرۇق چۈشۈرسە ئەر–ئايال، قېرى–ياش دېمەي بىراقلا جەڭگە ئاتلىناتتى. ئىشسىز ئائىلە ئاياللىرى ھەتتا پۇتىنى بوغۇۋالغان قېرى مومايلارمۇ ھېچقانداق ھەق ئالماي خۇشال–خورام ھالدا خالىسانە ئىجتىمائىي ئەمگەكلەرگە قاتنىشاتتى. مومايلار ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى. ئۇلار، بۇ خىزمەتنى تولۇپ–تاشقان غەيرەت–شىجائىتىگە تولىمۇ كوچىلاپ گەپ سوراشقا ئامراق ئەزمىلىكىنى قوشۇپ، بەجانىدىللىق بىلەن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايتتى. مەھەللە كوچىلىرىنى قېدىرىپ ئارىلاپ يۈرگەن بىكارتەلەپ يوچۇن كىشىلەرگە مۇشۇ مومايلار تېتىيتتى. ئۇ چاغلاردىكى «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئېرىق–ئۆستەڭلىرىدە ئاستى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك سۈزۈك سۇ ئاقاتتى. كوچا–كويلارغا قويۇق تال–سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۇيغۇر مەھەللىداشلارنىڭ بىر–بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك چىرايلىق گۈل–چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان قورۇلىرىدا قۇشلار سايراپ، كېپىنەكلەر پەرۋاز قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە سۈبھى بىلەن تەڭ كوچىلارغا سۇ سېپىلىپ سۈپۈرۈپ تازىلىناتتى. قالايمىقان ئەخلەت، يۇندا تۆكۈش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىناتتى. بۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇزۇن يىل بىرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەچكە تىل توسالغۇسى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇچىنى چۈشىنەتتى، خەنزۇلار ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتتى. قوشنىلار مەيلى قايسى مىللەت، قايسى ئۇرۇق جەمەتىدىن بولسۇن بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل–ئىناق ئۆتەتتى.

يازنىڭ سالقىن سەھەرلىرىدە ئاستىغا سەھرانىڭ يۇمران ياۋا گۈل–گىياھلىرى سېلىنغان سېۋەتلىك ئەپكەشلەرنى كۆتۈرگەن تارانچى باققال يىگىتلىرى پۈتۈن كوچىنى ئوتقاشتەك قىزىرىپ پىشقان ئىستىلۋوي، ئالتۇن مەڭزىلىك يازلىق لىموننىڭ ھىدىگە تولدۇرۇپ، خانلەيلۇننى غىڭشىغان پېتى چوڭ كۆۋرۈككە ئۆتۈپ كېتەتتى…..

«ئاممىۋى كىنوخانا» (بۇرۇنقى سەنمىن كىنوخانىسى)نىڭ كۈنپېتىش بۈرجىگىدە پۈتۈن ئەتراپقا دورا–دەرمەك پۇرىقىنى تارقىتىپ «دېشىنتاڭ» دورىخانىسى تىجارەت قىلاتتى. مەزكۈر دورىخانىنىڭ بېقىنىدا تاڭشىرچىلىك (قىيامچىلىق) قىلىدىغان بوۋاينىڭ دۇكىنى خەنزۇ بازىرىلىق ئۇششاق بالىلارنىڭ كۆڭلىنى بەئەينى ماگىنتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان بىر جاي ئىدى. دۇكاندا تام سائىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ بىر دۈگىلەك پىرقىراتما تەخسە بولۇپ، 12لىك رەقەملەر ئورنىغا 12مۆچەلدىكى ھايۋانلارنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىدى. ئاتا–ئانىسىدىن ئانچە–مۇنچە پارچە پۇلغا ئېرىشكەن ئۆسمۈر بالىلار ئەڭ ئالدى بىلەن مۇشۇ دۇكانغا چاپاتتى. بالىلار ئالدى بىلەن سترىلىكىنى تالىشىپ پىرقىرىتاتتى. سىترىلكا ئەڭ ئاخىرى توختاپ قايسى ھايۋانغا توغرىلانسا، تاڭشىرچى بوۋاي بىر پەستىلا ھېلىقى ھايۋاننىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن تاڭشىر قەندىلىنى ياساپ بېرەتتى. قەندەلگە ئېرىشكەن بالىلار تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كەچكىچە ئاۋايلاپ شۈمەپ يۈرەتتى. بۇ قەندەللەر مەيلى تەم ۋە شەكىل جەھەتتىن بەكمۇ ئۆزگىچە بولغاچقا، تا ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ. ئۇششاق بالىلار ئامراق يەنە بىر بوۋاي — چىغقا ئۆتكۈزۈپ پارقىراق تاڭشىر يالىتىلغان تاڭسۇق تەملىك تاشئالما ساتىدىغان چى فامىلىلىك ئورۇق دارازا بوۋاي بولۇپ، بىز ھەممىمىز ئۇنى «چى بوۋام» دەپ ئاتايتتۇق. چى بوۋامنىڭ «تاڭخۇلۇ»سىنى بىر يېگەن ئادەم خۇمار بولۇپ قالاتتى. چى بوۋاي بۇھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ،تاشئالمىدىن باشقا ئۈزۈم، قارائۆرۈك، ئەينۇلا، گىلاس قاتارلىق مېۋىلەردىنمۇ ھەرخىل شەكىللىك «تاڭخۇلۇ»(قەندالات)لارنى ياساپ ساتاتتى. ئۇزۇن چەڭزە بېشىغا ئېسىلغان كاۋا، لوبۇلارغا سانجىلغان ھەرخىل مېۋە «تاڭخۇلۇ»لار قۇياش نۇرىدا ۋالىلداپ چاقناپ، كۆزنىڭ يېغىنى يەپ تۇراتتى. بولۇپمۇ ھەرقېتىم ئۇنىڭ ساپ قويۇق تىيەنجىن شىۋىسىدە سوزۇپ: «تاڭخۇلۇ ئەرزان!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى «خەنزۇ بازىرى» ئاسمىنىدا ياڭرىغاندا بىر توپ ئۇششاق بالىلار چۇرقىرىشپ بوۋايغا تەڭ ئەگىشىپ بىللە بازار چۆگىلەيتتى. ئۇششاق بالىلار بىللە ئوينايدىغان ئاغىنىلىرىنى مۇشۇ ئاۋازغا قاراپ ئىزدەپ تېپىۋالاتتى.

كەچكى شەپەق نۇرى بازارغا سېپىلگەندە بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكتىن چارچىغان چوڭلار ۋە دەرستىن قولى بوشىغان بالىلار ئۈچۈن شۇ كۈنكى ئەڭ خۇشاللىق ئىككى ئىش باشلىناتتى. ئۇنىڭ بىرى چاڭچىلىخانىغا بېرىپ ئويۇن كۆرۈش، يەنە بىرى «خەنزۇ بازىرى» يازلىق كىنوخانىسىدا كىنو كۆرۈش. ئۇ چاغلاردا چاڭچىلىخانىنىڭ ئالدى رەتنىڭ بېلىتى 60تىيىن، ئارقا رەت 50تىيىن ئىدى. شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى چاڭچىلە كۆرۈشكە بارسا بىر نەچچە كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ بېشىغا سۇ قۇيىدىغان بولغاچقا، ئادەتتىكى پۇقرالار كۆپىنچە بەش تىيىن، ئون تىيىنلىق يازلىق كىنوخانىنى تاللىۋالاتتى. يازلىق كىنوخانىدا كىنو كۆرۈشتىن كۆرە، بىزدەك ئۇششاق بالىلار ئۈچۈن تاماقتىن كېيىن ئالدىنئالا بېرىپ «ئورۇن ئىگەللەش» بەكمۇ قىزىقارلىق ئىدى. ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن. بەزى كەپسىز شوخ بالىلار «كىم قانچە ئۇزۇن بەندىڭدىن سەكرەپ ئۆتەلەيدۇ؟» دېيىشىپ بىر–بىرى بىلەن بەسلىشەتتى. بۇ خىل ئالامان تاكى كىنو رەسمىي باشلانغۇچە داۋاملىشاتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن «خەنزۇ بازىرى»نىڭ كېچىلىك پائالىيىتى باشلىناتتى. چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئىككى قاسنىقى نەچچە يۈزلىگەن پانار، دىڭخۇلۇ ۋە جىن چىراقلار بىلەن يورۇيتتى. بۇ يەردىن ھەممە نەرسە تېپىلاتتى. كۈز كۈنلىرى چاپچالنىڭ كۆك تاۋۇز، قوزىۋاي تاۋۇزلىرى، توغراق، ھېزۋەكتام، ئارائۆستەڭلەرنىڭ شېكەرسۈيى، ئابىناۋات، بېسىۋالدى قوغۇنلىرى، نوغايتۇنىڭ كۆكچىلىرى تىلنى ياراتتى. قولىدىكى يەلپۈگۈچىنى پىرقىرىتىپ ۋارقىراۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ كاۋاپدانىدىن كۆتۈرۈلگەن مېزىلىك زىرە پۇرىقى دىماقنى غىدىقلايتتى. بىز خەنزۇ بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل نەرسىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ياسىغان ماروژنىسى ئىدى. قول ھارۋىسىغا ئورنىتىلغان ھەمدە ھەممە تەرىپىگە ھەرخىل مېۋە–چىۋە، گۈل–گىياھ، تاغ–ئورمانلارنىڭ سۈرىتى سىزىلغان سوزۇنچاق ياغاچ ساندۇققا ئاغزى يېپىقلىق ئىككى مىس تۇڭ ئورنىتىلغان بولاتتى. يان تەرىپىگە قول بىلەن ئايلاندۇرىدىغان چوڭ ئورنىتىلغان بولۇپ، قولنىڭ ئايلاندۇرۇشى بىلەن چىشلىق چاقلار ھەرىكەتكە كېلىپ مىس تۇڭنى چۆرگىلىتەتتى. بىرئازدىن كېيىن ئۇيغۇر ئۇستام مىس تۇڭنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، ئۇزۇن ساپلىق ياغاچ قوشۇق بىلەن تۇڭ ئىچىنى ئاز–تولا ئارىلاشتۇرغاندەك قىلاتتىدە، ئاندىن بەزىدە ساپسېرىق، بەزىدە ھالرەڭ كەلگەن ماروژنىنى ئىككى دۆگىلەك نېپىز پىرەنىكنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قولىمىزغا تۇتقۇزاتتى. پۈتۈن ئەتراپنى سۈت قايماقنىڭ شېرىن ھىدى قاپلايتتى. ئۇزاقتىن تەلمۇرۇپ تاپقان بۇ ماروژنىمىزنى بىراقلا يەۋېتىشىكە كۆزىمىز قىيماي خېلى ئۇزۇنغىچە بەكمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن شۈمەپ كوچا چۆگىلەپ ئوينايتتۇق.

خۇيزۇ ئۇستاملارنىڭ توخۇ گۆشى، مېزىلىك شېكەر نېنى، سۇڭپىياز گۆش قاتلىمىسى ۋە ماخۇرى دىماقنى غىدىقلايتتى. ئۇندىن باشقا كوچا بويلاپ كاللا–پاقالچەك، ئۆپكە–ھېسىپ، شىمىشكا، پۇرچاق، كەمپۇت–مەمپەزە، تاۋۇز–قوغۇن، ئۈزۈم–شاپتۇل دېگەنلەر تولۇپ كېتەتتى. ھازىر بەزىدە ئويلاپ ئېغىزلىرىمنى تامىشىتىپ كېتىمەن»………

مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كىچىككىنە بىر ۋەقەنى قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ:

2006–يىلى ماي بايرىمى مەزگىلىدە ئايالىمنىڭ پۇتى ئاغرىپ ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانا بالىنىستىدا يېتىپ قالدى. ئارىدىن ئىككى ئۆتۈپ ئايالىم ياتقان ياتاققا شامال تەككەنمۇ ئەيتاۋۇر ئاغزى قىيسىق كەتكەن ياشانغان بىر خەنزۇ موماي ئېلىپ كىرىلدى. ئۇنى قىزى بىلەن كۈيئوغلى ئېلىپ كىرگەن ئىدى. موماينىڭ 50ياشلار ئۆپچۈرىسىدىكى كۈيئوغلى بەكمۇ چىقىشقاق، پاراڭچى نېمىكەن، بىردەمدىلا ياتاقتىكى بىمارلار بىلەن بەئەينى كونا تونۇشلاردەك مۇڭدىشىپلا كەتتى. ئۇنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىدىن «بېندىرىن» (يەرلىك) ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. پاراڭ بىمارلارنى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن گۈللىرىگە بۇرۇلىۋېدى، «مۇنۇ گۈللەرنىڭ سۆلىتى بولغان بىلەن كىچىككىنىمۇ گۈل پۇرىقى يوق» دەپ قالدى ھېلىقى كۈيئوغۇل ماڭا قاراپ ساپ تارانچى تەلەپپۇزىدا: «كىچىك چاغلىرىمىزدا لەڭزە بېشى تەرەپلەردە ياۋا گۈللەر غۇچچىدە ئېچىلىپ كېتىدىغان، ھەربىر گۈلنىڭ رەڭگى، پۇرىقى باشقىچە ئىدى. مەھەللىلىك بالىلار سۇغا چۆمۈلگىلى بېرىپ، قايتىشىمىزدا گۈل تېرىپ كېلەتتۇق. ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ بوتۇلكىغا چىلاپ قويساق بىرەر ئايغىچە پۇرىقى كەتمەيتتى…..»

— مۇنۇمۇ «خەنزۇبازىرى»لىق چىقىپ قالمىغىيتى، — دەپ ئويلىدىم–دە، گەپ تەشتىم:

— لەڭزە بېشىنىڭ گېپىنى قىلغىنىڭغا قارىغاندا، «خەنزۇ بازىرى»لىق ئوخشىمامسەن؟

نەق كىندىكىدىن دەڭا ئاكا، چوڭ كۆۋرۈكتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بالىلار بىز، «خەنزۇ بازىرى» تەۋەسىدە ليۇبۇ دېسە تونومايدىغىنى يوق، ئۆزۈم ئوبلاستلىق قاتناشتا ئىشلەيمەن…..

ئۇزاقتىن كاللامغا كىرىۋالغان ھېلىقى «خەنزۇبازىرى»نى يېزىش ۋەسۋەسى مېنى ئۇنىڭ يېنىغىراق سىلجىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پاراڭ تېخىمۇ قىزىپ كەتتى. ليۇبۇ دېگەن بۇ بۇرادەر سورۇننىڭ ئاغرىقلار ياتىقى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ياكى بىزنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتىمۇ بىلمىدىم، ئەيتاۋۇر ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ھەۋەس بىلەن سۆزلەپ كەتتى:

—كىچىكىمدىن مەھەللىدە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولدۇم. ئاساسلىق ئاغىنىلىرىم ئۇيغۇر بالىلار ئىدى. قىش كۈنى مۇز تېيىلىپ، ئوشۇق ۋە نۇر ئويناپ، يازنىڭ كۈنى كالا بېقىپ، سۇغا چۆمۈلۈپ دېگەندەك ھېرىشنى بىلمەيدىغان بالىلار ئىدۇق….ۋاي، يامان قىزىق بولىدىغان، ھەممىمىزنىڭ باغ–ۋارىنى بار تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ بېغىدىن ئالما، ئۈرۈك، سەيۋەنزىسىدىن تەرخەمەك، پەمىدۇر ئوغرىلاپ يېيىشكە ئامراق ئىدۇق. باغ تېمىغا يامىشىپ چىقىپ قولىمىز يەتمىگەنلىرىگە ئۇزۇن قومۇشتىن شىلدىرما ياساپ ئاۋايلاپ ئۈزۈۋالاتتۇق. بۇ بىزنىڭ ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن قىلغان ئويۇنىمىزمۇ يا خەقنىڭ مېۋىسى بەكرەك تېتىپ كېتەمدۇ ياكى شۇ چاغلاردىكى سوۋېت كىنولىرىدىكى زېرەك، قورقماس بالىلارنى دورىغىنىمىزمۇ،نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ تىنىم تاپمايتتۇق….

چوڭلارمۇ كىچىگىدە بىزدەك ئۆتكەن بولسا كېرەك، شۇڭا بۇنى ئانچىۋالا چوڭ «جىنايەت» ھېسابلاپ كەتمەيتتى. ئانچە–مۇنچە ۋارقىراپ بولدى قىلاتتى، خالاس. ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن، توۋا، بىرەر تال ئالما، ئۈرۈك ئۈچۈن قول–پۇتنىڭ سۇنۇپ كېتىش خەۋپى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ تەۋەككۈل قىلاتتۇق. يازنىڭ تومۇز ئايلىرىدا كالا باققاچ «چاقام–چاقام، يىلان–پاقام» دەپ ئۆزىمىزنى كۆك بۇلاقنىڭ مۇزدەك سۈيىگە ئېتىپ چۆمۈلۈپ ئوينايتتۇق، سۇدىن چىقىپ تىنىم تاپماي قېلىن قومۇشلۇق، يىكەنلىك ئارىسىدىن قىزىل قولتۇق پاقا تۇتاتتۇق. بىر كۈن كەچكىچە تۇتقان پاقىلارنى چىغىرتماققا ئۆتكۈزۈپ، ئۇزۇن ياغاچقا ئېسىپ، «خەنزۇبازىرى»دىكى سەكسەن خالتىچى بوۋايغا سېتىپ پۇلىغا ماروژنى، بەيخۇ ئېلىپ ئۇسسۇزلۇقىمىزنى باساتتۇق. ۋاھ….ئۇ ماروژنىلارنىڭ پەيزىلىكىنى دېمەيسىز..ئۇ چاغلاردا مەھەللە كۆزقارىشى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى. بىزنىڭ مەھەللىلىك بالىلاردىن بىرەرسى باشقا مەھەللىلىك بالىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ قالدىمۇ، بولدى، پۈتۈن مەھەللە بويىچە سوقۇشقا ئاتلىناتتۇق. بىراق، مۇشتلىشىش يەكمۇ–يەك بولاتتى. ئۇ چاغلاردا مەھەللە بالىلىرىنىڭ كارامەت ئوغۇلبالىچىلىقى بارئىدى، ھازىرقىدەك بىرنەچچەيلەن بىرلىشىپ بىر ئادەمنى بوزەك قىلىش، ھەدېسىلا قولىغا كالتەك، پىچاق ئېلىپ سوقۇشۇش ئوغۇل بالىغا نومۇس، نامەرتلىك ھېسابلىناتتى. ئادەتتىمۇ ئويۇن ئارىسىدىمۇ يىقىلىپ ياكى بىرەر نەرسە تېگىپ بۇرنى قاناپ كەتسە يىغلىغان ئوغۇل بالىنى «ئۇششۇق»، «قىزبالا» دەپ زاڭلىق قىلىپ ئارىمىزغا قوشماي چىقىرىۋېتەتتۇق….ھازىرقى ئۇششاق بالىلار قورقۇنچاق، توخۇيۈرەك، ئەركەنايناق، تەييارغا ھەييار. ئۇچاغلاردا ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ياسايتتۇق، رەگەتكە دەمسىز، ۋاللەي دەمسىز، ئوشۇقنىڭ ساقىسىغا قوغۇشۇن قۇيۇش، تۇخۇمنىڭ ئۇچىغا زەمچە قۇيۇش، لەگلەك–دەككە ياساش دەمسىز، ھېچقايسىسىغا چوڭلار ئارىلاشمايتتى. ۋاي، سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا ئاكا، كارامەت چاغلار ئىدى، قولۇم–خوشنىلار، تۆي–تۆكۈن، ئۆلۈم–يېتىم، نەزىر–چىراغ دېگەنلەردە ئۇرۇق–تۇققاندەك ئۆتەتتى. ئۇيغۇرلار كەچتە توي كۆچۈرگەندە، ئاغىنىلىرىم بىلەن بىللە كوچىغا ئارغامچا تارتىپ توساپ، گۈلخان يېقىپ ۋارقىراپ–جارقىراپ، ئسىقىرتىپ توينى بېشىمىزغا كىيەتتۇق…..

ئاسما ئوكۇل سېلىنىۋاتقان ئايالىم ئاغرىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، مەن تولا كۈلۈپ، تېلىقىپ قالاي دېدىم. مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى بۇ گەپدان كۈيئوغۇل خەنزۇ ئەمەس، بەئەينى تىپىك جاغىستاي، قاينۇقنىڭ قىزىقچىسىدەك سۆزلەيتتى….

— كۈلۈپ كەتتىڭىزغۇ، ئاكا، تېخى قىزىقى ئەمدى چىقىدۇ. ھەريىلى روزا ئايلىرى كەلگەندە، كۈندە كەچتە ئۇيغۇر بالىلارغا ئەگىشىپ رامزان ئېيتىدىغانلىقىمنى دېمەيسىز، — كۈيئوغۇل يەنە پاراڭغا چۈشتى: ئۆيمۇ–ئۆي توختىماي چۆرگىلەپ رامزان ئېيتىپ بىر تالاي نەرسىلەرنى تاپاتتۇق، بەزىلەر نان–توقاچ، بەزىلەر قەن–گېزەك بېرەتتى، تېخى بەزىلەر سۇ چېچىۋېتەتتى، گاھىدا قېرىشقاندەك ئاللىقانداقتۇر ئىتلار قوغلاپ كېتەتتى…قاچە–قاچ…..

— ھەممىدىن قىزىقى ئاكا، بايىقى روزىنىڭ ئالدىدىمۇ، كەينىدىمۇ ئەيتاۋۇر بىر ئايدىڭ كېچىگە توغرا كېلىدىغان ھېلىقى بارات ئايەم دېگىنىڭلار ئىدى، ئۇيغۇر ئاغىنىلىرىم بىلەن ئالدى بىلەن ئوتۇن–قوراي ئوغرىلاپ گۈلخان يېقىپ، ئاندىن كۆيدۈرىدىغانلىكى نەرسىنىڭ بەرىنى كۆيدۈرۈپ كوچا دوقمۇشىدىن باشلاپ «بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ، بىزگە قۇيماق قۇيدۇڭلارمۇ» دەپ ئالا–تاغىل ۋارقىرىشىپ كوچا چۆگىلەيتتۇق. مەن بىر قېتىم كۆيدۈرىدىغان رېزىنكە تاپالماي مومامنىڭ ھويلىغا يېشىپ قويغان كالىچىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ دادامدىن چىشقىچە تاياق يىگەنلىكىم ھازىرمۇ ئېسىمدە، دېمىسىمۇ ئۇچاغلاردا كالاچ قىس بولىدىغان….ھازىرغۇ، مەھەللىلەردە روزا تۇتىدىغانلار بار، بىراق ھېلىقى بارات ئايىمىڭلار يوقاپ كەتتىغۇ، دەيمەن–ھە، ئاكا!….

مانا بۇ، «خەنزۇبازىرى»نىڭ 50–60–يىللاردىكى ھايات كارتىنىسى. مانا بۇ، ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ 4–، 5–ئەۋلادلىرىنىڭ «خەنزۇ بازىرى»دىكى پۈتۈنلەي باشقىچە تۈس ئالغان تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى. مانا بۇ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئۆرپ–ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىش تۈرتكىسىدە مەيدانغا چىققان ئىناقلىق مىلودىيىسى.

«خەنزۇ بازىرى» ۋە سودا–سانائەت

1896–يىلىغا كەلگەندە، ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ سودا باشلامچىسى ئەن ۋېنجوڭ تەرىپىدىن كۈرەدە ئېچىلغان «ۋېنفېڭتەي» سودا سارىيى ئۆزىنىڭ سودىدىكى ئىناۋىتى، سودا دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئوبورۇت مەبلىغىنىڭ موللىقى بىلەن تىيەنجىن سودىگەرلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ روسىيە سودىگەرلىرىنى چۆچۈتكۈدەك ھەيۋىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. يەن خۇڭبىڭ ئاقساقالنىڭ ئوغلى يەن خەيفانىڭ ئېيتىشىچە، ئىلىدىكى سودىگەرلەر بېيجىڭ، تىيەنجىندىن مال كىرگۈزمەكچى بولسا، مال پۇلىنى كۈرەدىكى «ۋېنفېڭتەي» سودا سارىيىغا تاپشۇرسىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ پۇل تاپشۇرۇۋېلىش داكومېنتىنى كۆتۈرۈپ، چۆچەك چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، سىبىرىيە تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىيەنجىن «ۋېنفېڭتەي» باش سودا سارىيىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك توۋارلارنى بىمالال ئېلىپ كېلەلەيدىكەن ھەمدە سەپەر ئۈسىتىدە نەقپۇل، ئالتۇن–كۈمۈش كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئەنسىزچىلىكىدىن قۇتۇلىدىكەن. كۈرەدىكى «ۋېنفېڭتەي» سارىيى تىيەنجىندىكى باش ساراي بىلەن بىر يىلدا بىر ھېساب – كىتاب قىلىشىۋالىدىكەن.

يەن لىڭ ئۆز ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «2005–يىلى 12–ئاينىڭ 21–كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن ئەينى چاغدىكى كۈرە «ۋېنفېڭتەي» سودا سارىيىنىڭ 30–يىللاردا غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنكى ساراي ئورنىنى (غۇلجا شەھەر غالىبىيەت يولى 68–قورۇ يەنى «ئىلى جۈيۈەن»نىڭ كۈنچىقىش بېقىنىدىكى بۇرۇنقى شەھەرلىك باج ئىدارىسى قورۇسى) ئىزدەپ تاپتىم. ئومومىي كۆلىمى 600كۋادرات مېتىردىن ئاشمايدىغان، رۇس پاسونىدا كۆتۈرۈپ سېلىنغان بۇ ئىككى قەۋەتلىك بىنا ھازىرقى «پەرىشتە بالىلار باغچىسى» بولۇپ، قورۇ ئىچىدە ئوماق ئۇيغۇر بالىلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتقان ئىكەن. يېرىم مېتىردىن ئاشىدىغان قېلىن تام، قېلىن قارىغايدىن ياسالغان ئىشىك–دېرىزىلەر، تەپسە تەۋرىمەس پوللار بۇ ساراينىڭ تارىخىدىن گۇۋاھ بېرىپ تۇراتتى.

«يۈتەيخوۋ» سودا سارىيى شۇ چاغدىكى داڭلىق سودا سارايلىرىنىڭ بىرى. ئەينى چاغلاردا تۇنجى بولۇپ ئىلىدا «يۈتەيخوۋ» سودا سارىيىنى ئاچقان ليۇشىجەينىڭ 62 ياشقا كىرگەن نەۋرىسى ليۇشۇجۇڭ مۇنداق دېدى:

«مىنگونىڭ باشلىرىدا ليۇشىجەي ئەپكەش كۆتۈرۈپ ياڭ ليۇچىڭدىن چىقىپ يول بويى ئۇششاق–چۈششەك تىجارەت قىلغاچ ئىلىغا كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئالدى بىلەن «يۈتەيخوۋ» سودا سارىيىنى ئېچىپ تۈرلۈك ماللار، قوشۇمچە دورا–دەرمەك سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. كېيىنچە چېگرا سودىسىدا كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ يېتىپ، شۇ چاغدىكى ئىلىدىكى يەرلىك كاتتا سودىگەر ھۈسەنباي بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭنىڭ پاختا، قوي يۇڭى، تېرە، ئات قۇيرۇقى قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ تىيەنجىنگە ئاپىرىپ سېتىپ، تىيەنجىندىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى روسىيىگە ئۆتكۈزۈپ تېز روناق تاپقان ئىكەن. ئۇ چاغلاردا شىنجاڭنىڭ يەرلىك پۇلى ئىچكىرىدە ئۆتمىگەچكە، ليۇشىجەي ئالدى بىلەن مەبلىغىنى ئالتۇن بىلەن يامبۇغا ئايرىۋاشلاپ، ئاندىن ئۇنى قوي يۇڭى ۋە پاختا تايلىرىنىڭ ئارىسىغا بىللە پرىسلاپ تېڭىپ تىيەنجىنگە يۆتكەپ ئاشۇ جاينىڭ بانكىسىغا ئۆتكۈزۈپ پۇلغا ئايلاندۇرۇۋالىدىكەن. 1932–يىلى ليۇشىجەي يول ئۈستىدە ماجۇڭيىڭ قوشۇنىغا يولۇقۇپ قېلىپ، نەچچە مىڭ سەر ئالتۇن تىقىلغان قوي يۇڭىدىن بىراقلا ئايرىلىپ ئەقلى ھوشىنى يوقاتقان پېتى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ليۇ ئائىلىسى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپتۇ.

شېڭ شىسەي ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ئۆزىنى «ئىلىغارلىق» تۈسى بىلەن نىقابلاپ، «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىناق ئۆتۈش، مىللەتلەر ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، پاك–دىيانەتلىك بولۇش، تىنچلىقنى ساقلاش، ئىگلىكنى گۈللەندۈرۈش»دىن ئىبارەت ئالتە بۈيۈك سىياسەت (شۇ چاغلاردا بۇ ئالتە شوئار دەپ ئاتالغان)نى يولغان قويغاندىن كېيىن، ئىلىدىكى ھەرمىللەت سودىگەرلىرى، ئوقۇمۇشلۇق زاتلار يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ مەبلەغ سېلىپ سودا–سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپنى گۈللەندۈرۈش يولىغا ماڭغان. 1935–يىلى 2–ئايدا، ئىلى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ياڭ جىنشەي باشچىلىقىدا سۇن جوڭپىڭ، يەن ئىنپۇ، ياڭ ئىنكۇي قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياڭ ليۇچىڭلىق سودىگەرلەر يەرلىك مىللىي سودىگەرلەر بىلەن بىرلىشىپ«ئىلى چەكلىك ھەسسىدارلىق كەسپىي شىركىتى»نى قۇرغان (بۇ شىركەتنىڭ نامى شۇچاغلاردا غۇلجا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا روسىچە ئاتىلىشى بويىچە «ئاكسىنېر ئۇپچىستىۋا» دەپ ئۆزلەشكەن. بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا ئېلېكتر ئىستانسىسىنى «ئاكسنېر» دەپ ئاتايتتۇق–نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن). مەن يەن ئىنپۇ ئاقساقالنىڭ ئوغى يەن خوڭلىن تەمىنلىگەن، ئاقساقالدىن قېپقالغان كونىراپ سارغىيىپ كەتكەن بىر كىچىك دەپتەرچە ئارىسىدىن كونىچە خەنزۇچە خېتى بىلەن يېزىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن ۋاقىپ بولدۇم: «ئىلى چەكلىك ھەسسىدارلىق كەسپىي شىركىتى» 1935–يىلى (مىنگونىڭ 24–يىلى) غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلدى. شىركەت لېدىرلىقىنى تۇداخۇنباي ئالىمبەك (قىرغىز، سودىگەر)، شىركەت دېرىكتورلىقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانا خادىمى گېربانكا، شىركەت مۇئاۋىن دېرىكتورلىقىنى يەن ئىنپۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى. پاي فوندى ئىلىدىكى 13مىللەت مۆتىۋەرلىرىدىن جۇغلىنىدىغان بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سودا توختامىغا ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپكە كرىدېت پۇل قەرز بېرىدىغانلىقى، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قەرزنى چارۋامال ۋە يۇڭ–تېرە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قايتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ھەربىر پاي بىرلىك قىممىتى 25دوللار (مېكسىكا كۈمۈش دوللىرىنىڭ قىممىتى بىرلىك قىلىنىپ ھېسابلىنىدۇ) بولىدۇ. قوي ئۆتكۈزۈدىغانلارغا ئىككى ياشتىن ئاشقان ھەر يەتتە يېرىم ئەركەك قوي بىر پاي بىرلىكى بويىچە ھېسابلىنىدۇ».

«ئاكسىنېر شىركىتى» ئالتۇن–كۈمۈش ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملاردىن باشقا 250مىڭ ئەركەك قوي پاي توپلاپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ، ساي بويىدىكى بەش قەۋەتلىك ئۇن زاۋۇتى ۋە ئېلېكتر ئىستانسىسىنى، ئاشقان قىسمىغا يەنە قوشۇمچە ياردەم توپلاپ تۇنجى قېتىم كۆركەم «ئىلى گىمنازىيىسى» (ھازىرقى 8–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىدا)نى ياسىتىپ چىقتى (تېيىپجان ھادى «ئىلى گۇڭ بەگلىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى»—ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى، ئۇيغۇرچە، 1984–يىلى 1–سان، 115–بەت).

1937–يىلىنىڭ باشلىرى «ئىلى چەكلىك ھەسسىدارلىق كەسپىي شىركىتى» ئارقا–ئارقىدىن ئىلىدا تۇنجى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇن زاۋۇتى، لامپۇچكا زاۋۇتى، سەرەڭگە زاۋۇتى، كۆمۈر–كان قاتارلىق كارخانىلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. يەن ئىنپۇ ئەپەندى ئۆز زامانداشلىرىغا قارىغاندا تەپەككۈرى بىر قەدەر كەڭرەك كىشى بولغاچقا، ھەربىر ئىشنى ھۇجۇدقا چىقارغاندا فوتو رەسىمگە ئېلىپ ئارخىپ قىلىشنى ئۇنۇتمىغان ئىكەن. لېكىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» داۋامىدا يەن ئاقساقالنىڭ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدا خېلى كۆپلىگەن رەسىملەرمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بەختكە يارىشا، قېپقالغانلىرى پەقەت مەكتەپ، ئۇن زاۋۇت ۋە لامپۇچكا زاۋۇتى قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۇرۈلۈش مۇراسىمى مەيدانىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر سۈرەتلەنگەن بىرقانچىلا رەسىملەر ئىكەن (ئىزاھات — 1983–، 1982–يىللىرى غۇلجا شەھەرلىك كونا يەر ناملىرىنى تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئېلىش بېكىتىش خىزمىتى گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ ئىشلەۋاتقان چىغىمدا يەن ئىنپۇ ئاقساقال، ئابدۇۋەلى جارۇللايوۋ، نەسىردىن داموللا، رېشىت ئىمام، ئەكرەمخان خوجا، موللام ئىبراھىموف قاتارلىق غۇلجا شەھىرىنىڭ يۇرت مۆتىۋەرلىرى قاتارىدا يەرناملىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن پايدىلىق تەكلىپلەرنى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرىقى رەسىملەرنى ئېلىپ كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغا ئىدى. كەمىنە مۇشۇنداق يۇرت كاتتىلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك سۆھبەتلىرىگە قۇلاق سېلىشقا مۇشەررەپ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ— نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن).

«ياڭ ليۇچىڭلىق پېڭ ئىنچىڭ سودا–سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە قۇيمىچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن چۆيۈن زاۋۇتى قۇرغان. بۇ زاۋۇت قازان، تابا، ساپان چىشى قاتارلىق كۈندۈلۈك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان. ياڭ جۈنجيانىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى سابىق غۇلجا شەھەرلىك قول سانائەت ئىدارىسىغا قاراشلىق قازان زاۋۇتى دەل مۇشۇ زاۋۇتنىڭ راۋاجى ئىكەن.

بۇندىن باشقا ئەينى ۋاقىتتا ياڭ ليۇچىڭلىق ليۇموبىن، لى جىچىڭلار ئىشلەپچىقارغان «خوراز» ماركىلىق قەغەز قاپلىق موخۇركا غۇلجىدا بازىرى ئىتتىك ماللار قاتارىغا كىرىدىكەن. تاماكا ساتقۇچى دۇكاندارلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككەيلەننىڭ موخۇركىسىنى توپ سېتىۋالغاچقا، بەزىدە مال يەتكۈزۈلمەي ئۆكسۈپ قالىدىكەن. تاماكا تىجارىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى سېزىپ يەتكەن ياڭ ليۇچىڭلىق سودىگەر شاڭ شياڭچىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ماشىنا–ئۈسكۈنە كىرگۈزۈپ ئىلىدا تۇنجى گېلىزا تاماكا ياساپ ساتقان ئىكەن.

يەن خۇڭبىڭ ئاقساقالنىڭ ئوغلى يەن خەيفانىڭ ئېيتىشىچە: ياڭ ليۇچىڭلىقلار سودا–سېتىق ئىشلىرىدا ئىجادچانلىق بىلەن ئىزدىنىپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بەس–بەستە ئىگىلىكنى روناق تاپقۇزغان ئىكەن. ئۇلار سەي–كۆكتات، گۈل–گىياھ ئۇرۇقلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، قىش كۈنلىرى ساپال ئىدىشلاردا مايسا يېتىشتۇرۇپ، ئەتىيازنىڭ باشلىرىدا ئۇنى قومۇش پاخاللىق كۈنگەي گەمىلەرگە كۆچۈرۈپ، كېچىسى ئوت يېقىپ كۈندۈزى كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەپ، ئەڭ دەسلەپكى پارنكلارنى كەشىپ قىلغان ئىكەن. يازلىق ۋە كۈزلۈك ھەرخىل كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى «تاڭزۇڭزا چاغىنى»دىن بۇرۇن بازارغا چىقىرىپ بازارنى ئاۋاتلاشتۇرغان ھەمدە ئىلى گېنېرال مەھكىمىسىنىڭ ئالقىشىغىمۇ سازاۋەر بولغان ئىكەن.

كۈرەدە كۆكتات ئەلۋەك بولغان بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىكەن. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ياڭ ليۇچىڭلىق كۆكتات تېرىش ئۇستىسى لى مىڭگىڭ ئاكا–ئۇكا ئىككەيلەن غۇلجىغا كېلىپ كۆكتات تېرىشنى باشلىۋەتكەن. ئاز ئۆتمەي يۇرتداشلىرىدىن يىن فۇشىڭ ئاكا–ئۇكىلار ۋە خېنەن، شەندۇڭلاردىن چىققان خەنزۇ كۆكتاتچىلارمۇ كېلىپ بۇ خىل تېرىقچىلىققا قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن «خەنزۇ بازىرى»نىڭ كۈنچىقىش يۇقىرىسىدىكى يەرلەر يەنى بۈگۈنكى قارادۆڭ يېزىسى تەۋەسى غۇلجا شەھىرىنىڭ سەيۋەنزىسىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇلارنىڭ تېرىغان سەي–كۆكتاتلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭلا ئېھتىياجىنى قامداپلا قالماستىن يەنە قوشنا ناھىيىلەرنىمۇ تەمىنلىگەن.

ياڭ ليۇچىڭلىق لى زۇينىڭ خۇرۇم ئاياقلىرىنىڭ تىكىلىشى سىپتا، پاسۇنلۇق، چىداملىق بولغاچقا، ھەرمىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئازاتلىقتىن كېيىن لى زۇينىڭ ئاياق–كىيىم كارخانىسى غالىبىيەت ئاياق كىيىم كارخانىسى بىلەن بىرلىشىپ دۆلەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى «ئىتتىپاق» ئاياق–كىيىم كارخانىسى بولۇپ قۇرۇلغان ھەمدە ئۇلار ئىجاد قىلىپ تىككەن «ئۇچ ئۇلانمىلىق شىبلىت» ناھايىتى بازار تېپىپ، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىنغان. ياڭ ليۇچىڭلىق دەي جىرۇ ئاچقان زەرگەرخانىنىڭ ئالتۇن–كۈمۈش زىبۇ–زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ پاسۇنى ئۆزگىچە، سوقۇلۇشى بەكمۇ سىلىق بولغاچقا، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ياڭ ليۇچىڭلىق ۋاڭ زوبىڭ تەرىپىدىن ئېچىلغان «تۇڭيىيۇڭ سىركە–جاڭيۇ زاۋۇتى» غۇلجىدىكى ئەڭ دەسلەپكى كارخانىلارنىڭ بىرى. ۋاڭ زوبىڭ ئىلىنىڭ سودا ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن دەرھال تىيەنجىندىن ئۇستا تەكلىپ قىلىپ، سۈپەتلىك سىركە–جياڭيۇ ئىشلەپ، تېزلا داڭ چىقارغان. «تۇڭيىيۇڭ كارخانىسى» سىركە–جاڭيۇ ئىشلەپچىقىرىپلا قالماستىن يەنە پېچىنە–پرەنىك، تورت، باقالى دېگەندەك ھەرخىل تاتلىق–تۈرۈملەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ، تىجارىتىنى كېڭەيىتكەن. ئەينى چاغدىكى غۇلجىلىقلاردا ھېيت–ئايەم، چاغان–بايراملاردا دوست–بۇرادەرلىرىنى يوقلىغاندا، ئۆزئارا سوۋغا–سالام قىلىشقاندا «تۇڭيىيۇڭ» سودا سارىيىنىڭ كۆركەم كورۇپكىلىق «چوڭ سەككىز يۈرۈش» ۋە «كىچىك سەككىز يۈرۈش» تاتلىق تۇرۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش مودىغا ئايلانغان.

«فۇشېندى» سودا سارىيى ئەينى چاغدىكى غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق سارايلارنىڭ بىرى، دېرىكتورى ۋاڭ جىگۇاڭ دەل بىز يۇقىرىدا قەيت قىلغان «تۇڭيىيۇڭ» سىركە–جاڭيۇ كارخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ زوبىڭنىڭ ئوغلى، ئاتا–بالا ئىككەيلەننىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بىردىن داڭلىق سودا كارخانىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى شۇ چاغدىكى ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىلىق ئىدى. 2005–يىلى 12–ئاينىڭ 22–كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن مەن ۋاڭ جىگۇاڭنىڭ قىزى ۋاڭ ۋېيشۈەننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتىم. ۋاڭ ۋېيشۈەن موماي بۇ يىل 76 ياشقا كىرىپتۇ. موماي ئەينى چاغدىكى ئۆز جەمەتىنىڭ سودا–تىجارەتتىكى روناق تاپقان سەلتەنەتلىك تارىخىنى بايان قىلىپ كېلىپ سۆزىنى ئىككى جۈملىگە يىغىنچاقلىدى: ئۇ چاغلاردا شەخسىيلەردە ئاپ

«فۇشېندى» سودا سارىيى ئەينى چاغدىكى غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق سارايلارنىڭ بىرى، دېرىكتورى ۋاڭ جىگۇاڭ دەل بىز يۇقىرىدا قەيت قىلغان «تۇڭيىيۇڭ» سىركە–جاڭيۇ كارخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ زوبىڭنىڭ ئوغلى، ئاتا–بالا ئىككەيلەننىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بىردىن داڭلىق سودا كارخانىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى شۇ چاغدىكى ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدىغان يېڭىلىق ئىدى. 2005–يىلى 12–ئاينىڭ 22–كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن مەن ۋاڭ جىگۇاڭنىڭ قىزى ۋاڭ ۋېيشۈەننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتىم. ۋاڭ ۋېيشۈەن موماي بۇ يىل 76 ياشقا كىرىپتۇ. موماي ئەينى چاغدىكى ئۆز جەمەتىنىڭ سودا–تىجارەتتىكى روناق تاپقان سەلتەنەتلىك تارىخىنى بايان قىلىپ كېلىپ سۆزىنى ئىككى جۈملىگە يىغىنچاقلىدى: ئۇ چاغلاردا شەخسىيلەردە ئاپتوموبىل بولۇش ھەممىلا ئادەم ھەۋەسلەنگۈدەك ئىش ئىدى. لېكىن، مېنىڭ دادامنىڭ بەش ماشىنىسى بارئىدى. ئۇ چاغلاردا خېلىلا كۆپ ئادەم تېلېفوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، لېكىن بىزنىڭ ئۆيدە تېلېفون بارئىدى.

ۋاڭ جىگۇاڭ ئۇيغۇرچە، روسىچىگە پىششىق بولۇپ، سودىگەرلەر ئارىسىدا ئىناۋىتى يۇقىرى بولغاچقا، 1938–يىلى غۇلجا شەھەرلىك سودىگەرلەر جەمئىيىتىگە رەئىس بولۇپ سايلانغان ئىدى. ئۇ جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇسودىگەرلەرنى تەشكىللەپ مەبلەغ جۇغلاپ مەكتەپ قۇرۇش، يول ياساش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئىدى.

1942–يىلى شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قۇچىقىغا ئاشكارا ئاتقاندىن كېيىن، سۈيقەست ئىشلىتىپ كوممونىستلارنى ۋە ئىلغار مۆتىۋەرلەرنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈش باسقۇچىدا ۋاڭ جىگۇاڭ قارا تىزىملىككە كىرىپ قېلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچى تۈرمىسىدا ئۈچ يىل ياتقان. ۋاڭ زونىڭ ئوغلىنىڭ بىگۇناھ تۇتقۇن بولغانلىق ئىچ پىراقىدا يىغلاپ ئۆلۈپ كەتكەن. شۇندىن باشلاپ ۋاڭ جەمەتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. ۋاڭ جىگۇاڭ كېيىنچە تۇرمىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۇششاق–چۈششەك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلغان. ئازاتلىقتىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ 1962–يىلى غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

ۋاڭ ۋېيشۈەن ئۆز زامانىسىدا مۆتىۋەر ئائىلىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى بولغاچقا، ياخشى تەربىيە كۆرگەن. 19 ياشقا كىرگەن يىلى تىيەنجىن ياڭ ليۇچىڭلىق دۇيۈيلىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئىكەن. كۈيئوغۇل دۈيۈيلىڭنىڭ بوۋىسى دۇۋەنپىڭمۇ قوشۇنغا ئەگىشپ غۇلجىغا چىققان ياڭ ليۇچىڭلىق بولۇپ دۇكاندارلارغا شاگىرتلىققا كىرىپ ئىشلىگەن ئىكەن. دۈۋەنپىڭنىڭ ئوغلى دۈلەنشىياڭ 18 ياشقا كىرگەن يىلى غۇلجىغا چىقىپ دادىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ئالدى بىلەن «تۇڭيىيۇڭ» سىركەخانىسىدا سۇ توشۇغۇچى بولۇپ ئىشلەپ جېنىنى بېقىپتۇ، پۇل جۇغلىغاندىن كېيىن كىچىكىرەك بىر دۇكان ئېچىپ تىجارەت باشلاپتۇ. دۇلەنشىياڭ سودا–سېتىققا ناھايىتى ماھىر بولغاچقا، غۇلجا شەھىرىدە باش كىيىم ئىستېمالىنىڭ خېلىلا زورلىقىنى ھېس قىلىپ، مەخسۇس قالپاق، شىلەپە، تۇماق تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىپتۇ. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يېڭى پاسۇندىكى باش كىيىملەرنى توپ ئەكىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزى يېڭى پاسۇنلارنى ئىجاد قىلىپ تىكىپ سېتىپ داڭ چىقارغان. ئۇنىڭ تىككەن گىمنازىستلار ئىسپانكىسى، ئەسكەر شەپكىسى ۋە ھەرخىل يۇڭ قۇلاقچىلار خېرىدارلارنىڭ تالىشپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن. تىجارەتنىڭ روناق تېپىشىغا ئەگىشىپ دۈلەنشىياڭ «خەنزۇ بازىرى» چوڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىن چوڭ بىر قورۇ جاي سېتىۋاپتۇ. ئوغلى دۈيۈيلىڭ بانكا ۋە دوختۇرخانىلاردا ئىشلەپ، 1986–يىلى غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن پېنسىيىگە چىقىپتۇ.دۈيۈيلىڭ بىلەن ۋاڭ ۋېيشۈەن توي قىلغاندىن كېيىن ئالتە بالىلىق بوپتۇ، بالىلارنىڭ ھەممىسى غۇلجا شەھىرىدە خىزمەت قىلىدىكەن.

«بۇنىڭدىن باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئايلىنىپ ئىلىغا كىرگەن جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، ھۈنەر–تېخنىكا ئۇستلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار كۆن–خۇرۇم، ئاياق–باش كىيىم، تىككۈچىلىك، پايپاق توقۇش، پىۋا ئىشلەش، پىيماكاتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئىشخانا، كارخانىلارنى قۇرغان. يەنە جۇڭگوچە–ياۋروپاچە ئاشپۇزۇل، رېستۇران ئېچىپ تىجارەت قىلغان ئىكەن. يېمەكلىكلەر دۇكانلىرىغا رۇسلارنىڭ پېچىنە–پرەنىك، قەنت–كەمپۇت، چاي–تاماكا، ھاراق قاتارلىق ماللىرىنى سېلىپ ساتاتتى. مۇلازىمەت كەسىپلىرىدىن پارمۇنچا، كىيىم تازىلاش ۋە رەسىم تارتىش دۇكانلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئەينى چاغدىكى غۇلجىنىڭ سودا–سانائەت تەرەققىياتىغا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھۈنەر–تېخنىكا يېڭىلاش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولغان ئىدى» (شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى، 44–سان ، 188–بەت).

يەن خۇڭلىن ئائىلىسى غۇلجا شەھەر ئازات يول 5–يان كوچىدىكى كۆلىمى بىرمو كەلگۈدەك چوڭ قورۇدا ئولتۇرىدۇ. بۇرۇنقى ئۆيلەر كونىراپ كەتكەچكە، يەن خۇڭلىن 1988–يىلى قايتىدىن يېڭىلاپ سالغان ئۆيلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۈشىدىن كونا خەنزۇ ئۇسلۇبىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەن خۇڭلىننىڭ ئېيتىشىچە، دەرۋازا ئالدىدىكى ئىككى تۈپ سېدە، قورا ئىچىدىكى قارىغاي، چىلان دەرەخلىرىنى دادىسى يەن ئېنپۇ ئاقساقال 1964–يىلى ئۆزقولى بىلەن تىككەن ئىكەن. ئارىدىن 40نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ باراقسان سېدە ئەتراپقا سايە تاشلاپ، قارىغاي، چىلان دەرەخلىرى ھويلىنى گۈزەللەشتۈرۈپ تۇرۇپتۇ.

گۇاڭشۈينىڭ 7–يىلى (1881–يىلى) يەن ئائىلىسىنىڭ چوڭ بوۋىسى يەن ۋەنگۈينىڭ قوشۇنغا ئەگىشىپ ئەپكەش كۆتىرىپ ئىلىغا كەلگىنىدىن ھېسابلىغاندا ئالتە ئەۋلاد ئۆتۈپتۇ. بىۋاسىتە قوۋمى–قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىلا 60نەچچە جانغا يېتىدىكەن. ئۇلار غۇلجا، ئۈرۈمچى، ئالتاي شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. يەن ئىنپو ئايالى دەي يۈفاڭدىن يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تېپىپتۇ. چوڭ ئوغلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان توققۇز بالا ھەممىسى ھايات ئىكەن. يەن لىڭ ماقالسىىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:

2005–يىلى 12–ئاينىڭ 19–كۈنى يەن ئېنپۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى پەرزەنتلىرىدىن يەن خوڭۋىن، يەن خوڭشۇ، يەن خۇڭمىڭ، يەن خۇڭلىن، يەن خوڭجىنلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، دادىسىنىڭ ھەم جاپا–مۇشەققەتلىك ھەم سەلتەنەتلىك تارىخىنى ئەسكە ئېلىشتى. گۇاڭشۈينىڭ 8–يىلى (1881–يىلى) يەن ئېنپۇنىڭ دادىسى قوشۇنغا ئەگىشىپ ئەپكەش كۆتىرىپ كۈرەگە كەلگەندىن كېيىن، ئانچە–مۇنچە ئىش–ئوقەتنىڭ ئېپىنى قىلىپ، پۇل يىغىپ بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىسىنى غۇلجىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، تاقىچىلىق مەھەللىسىدە دۇكان ئېچىپ تىرىكچىلىك قىپتۇ. يەن ئېنپۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن، «ۋەنيىخې» سودا سارىيىنى ئېچىپ، تېرە–يۇڭ سودىسى قىپتۇ. ئۇ ئىلىدىن سېتىۋالغان يۇڭ–تېرىلەرنى تىيەنجىنگە يۆتكەپ، ئاندىن تىيەنجىندىن تاۋار–دۇردۇن، چاي ۋە تۈرلۈك ماللارنى ئىلىغا يۆتكەپ سېتىپ تىجارىتىنى جانلاندۇرۇپتۇ. سودا–سېتىق ئاۋاتلىشىپ پايدىسى قار دومىلىغاندەك كۆپىيىپتۇ. كېيىنچە ئۇ تاتار مەھەللىسى (ھازىرقى قىزىلبايراق كوچا)دىن يەر سېتىۋېلىپ، قورۇ–جاي سېلىپ باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ «ئىلى چەكلىك ھەسسىدارلىق كەسپىي شىركىتى»نى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەسۋاب–ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، پايپاق زاۋۇتى، ئۈچەي زاۋۇتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى سوۋېتكە ئىكسپورت قىپتۇ. موڭغۈلكۈرە ناھىيىسىدە سۈت پاراشوگى زاۋۇتىنىمۇ قۇرۇپتۇ، ئۇ چاغلاردا يەن ئىنپۇنىڭ دادىسىنىڭ سودىسىنىڭ تازا راۋاج تاپقان مەزگىلى ئىكەن.

يەن ئىنپۇ كىچىكىدى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغاچقا، قولۇم–قوشنىلار بىلەن قېرىنداشلاردەك ئۆتكەن ئىكەن ھەمدە مەھەللە جامائىتى ئىچىدە يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىكەن. يەن ئىنپۇنىڭ ئېتى چىقسا مەھەللە تەۋەسىدە بىلمەيدىغان كىشى يوقكەن. ئۇ ھەتتا بەزىدە ئەينى چاغدىكى مەھەللە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىنىڭ مەشرەپلىرىگىمۇ ئىشتراك قىلغان ئىكەن. ھەريىلقى روزا ھېيت، قۇربان ھېيت مەزگىللىرىدە يەن ئىنپۇ ئالدى بىلەن قوشنىلارنىڭ ۋە يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە پەتىلەيدىكەن. ھەريىلقى چاغان مەزگىلىدە مەھەللىداشلارنىڭ ھەممىسى يەن ئىنپۇنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ كېلىدىكەن.

«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا بەزى كىشىلەر يامان غەرەز بىلەن سىنىپىي زىددىيەتلەرنى مىللىي زىددىيەت قىلىپ كۆرسىتىپ بىگۇناھ خەنزۇ پۇقرالىرىغا تەھدىت سالغاندا، نۇرغۇنلىغان ئازسانلىق مىللەت قېرىنداشلار ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي باتۇرانە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، نۇرغۇنلىغان خەنزۇ پۇقرالارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىكەن. يەن ئىنپۇ ئائىلىسى دەل يېقىن قوشنىسى رەخىمجان سابىرھاجىيوف تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان ئىكەن. يەن ئاقساقالنىڭ كونىراپ سارغىيىپ كەتكەن كىچىك دەپتەرچىسىدە مۇنداق سۆزلەر خاتىرىلەنگەن: 1945–يىلى ئەتىيازدا قاتتىق كېزىك بولۇپ ئىككى ئايچە يېتىپ قالدىم. كۆرسەتمىگەن دوختۇرۇم، ئىچمىگەن دورام قالمىدى. پەقەت شىپاھى بولمىدى. ئەڭ ئاخىرى ئۇدۇل قوشنىمىز مەھەممەتجاننىڭ ئايالى ئۆز قولى بىلەن ياسىغان قېتىقتىن بىرنەچچە كۈن ئۇدا ئىچىرۈۋىدى، سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىم.

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنىڭ قاتناش ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تاۋارلىرى كىرەلمەي، خەنزۇ سودىگەرلەرنىڭ سودىسى بوشاپ قالغان. بىر قىسىم ئۇششاق سودىگەرلەر «خەنزۇبازىرى»دا كۈندۈلۈك سودىسىنى داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا، زور تۈركۈمدىكى تەسىرى چوڭراق خەنزۇ سودىگەرلەر بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، 1946–يىلى ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن كېيىنكى ۋەزىيەنىڭ يۇمشاق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئارقا–ئارقىدىن ئۆي–بىساتىنى سېتىپ غۇلجىدىن ئايرىلغان.

يەن ئىنپۇ ئائىلىسى قوي يۇڭىغا تېگىشكەن بىر سوۋېت ئاپتوموبىلىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يېتىۋالغان. ئاندىن ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «تاتېر» ماشىنغا ئولتۇرۇپ لەنجۇغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزلىرى ئېلىپ يۈرگەن ئانچە–مۇنچە نەرسە–كېرەكلىرىنى سېتىپ جان كۆچۈرگەن. 1950–يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ «ماشىنا ترانسپورت شىركىتى»نى قۇرۇپ، ئون نەچچە ئات ھارۋىسى ۋە تۆت، بەش ئاپتوموبىل بىلەن غۇلجا قورغاس چېگرىسى ئارىلىقىدا مال توشۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەن ئاقساقال ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلىتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. يەن ئاقساقالنىڭ ھويلىسى ھەرخىل گۈل–گىياھقا تولغان بولۇپ، مەھەللىدىكى بالىلار «گۈلچى بوۋاي» دەپ ئاتايدىكەن. ئاقساقال گۈلگە ھېرىسمەن بولغاندىن سىرت يەن بېلىق، قۇشلارنىمۇ باقىدىكەن. ھەتتا بىرنەچچە تۇرنا باققان ئىكەن. مەن يەن ئاقساقالنىڭ ئۆيىدە چوڭايتىلغان بىر رەسىمنى كۆردۈم. بۇ يەن ئاقساقالنىڭ ئۈلپەتداشلىرى ئوبلاستلىق ئاشلىق ئىدارە پىنسىيونېرى ياسىنجان، شەھەرلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى سامساق بۇجاڭ ۋە قوشنىسى غوپۇرجانلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆز قورۇسىنىڭ گۈللىكىدە، 1982–يىلى چۈشكەن خاتىرە رەسىم ئىكەن. 1983–يىلى 11–ئايدا يەن ئىنپۇ 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا بالىلىرىغا: ئەگەر ئالەمدىن ئۆتسەم مۇسۇلمان خولۇم–قوشنا، يارۇ–بۇرادەرلىرىمنى چاقىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە پولۇ ئەتكۈزۈپ نەزىر قىلىپ، جامائەتنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ قويۇڭلار، دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن.

«خەنزۇ بازىرى» ۋە مەدەنىيەت

ياڭ ليۇچىڭلىقلارنىڭ قوشۇنغا ئەگىشىپ يىراققا يۈرۈش قىلىش پائالىيىتى سودا–سېتىقنى راۋاجلاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەت ئۆرپ–ئادەتلىرى ۋە خەلق ھۈنەر–سەنئەتلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كىرىپ ئىلىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتقان.

«نىڭيۈەن قەلئەسى» (بۈگۈنكى غۇلجا شەھىرى) چيەنلۇڭ زامانىسىدا بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئايلانمىسى سەككىز چاقىرىم، سېپىل ئېگىزلىكى بەش مېتىرچە كېلەتتىكەن. قەلئەنىڭ تۆت تەرىپىدە كۆك خىشلىق ئاركىلىق دەرۋازا بولۇپ، دەرۋازا ئۈستىدە ئىككى قەۋەتلىك قاراۋۇل راۋىقى، سېپىلنىڭ تۆت دوقمۇشى ئۈستىدە ھەيۋەتلىك شىر ھەيكىلى بارئىكەن. سېپىل ئايلانمىسى مەلۇم مۇھاپىزەت ئارىلىقى قالدۇرۇلغان ياغاچ قاشالار بىلەن قورشالغان، قەلئە دەرۋازىسىنىڭ ماڭلىيىغا خىشتىن نەقىشلەپ ئويۇلغان دەرۋازا نامى ئورنىتىلغان ئىكەن. كۈنچىقىش دەرۋازا «جىن شۈي» (يەنى بۇرۇنقى ئاتىلىشى دەڭ دەرۋازا، ئەينى چاغلاردا شەرقىي ناھىيىلەردىن كېلىدىغان دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ قونۇپ ئۆتىدىغان دەڭ–سارايلىرى ئاساسەن مۇشۇ دەرۋازىنىڭ سىرتىدا بولغاچقا، ئۇيغۇر پۇقرالار بۇ دەرۋازىغا «دەڭ دەرۋازا» دەپ نام قويۇپ ئۆزلەشتۈرگەن. ھازىرقى ئوبلاستلىق دورا شىركىتىنىڭ ئالدىدا). ئەينى چاغلاردا ھاكىمبەگ ئوردىسىغا توشۇلىدىغان ئىچىملىك سۇ ئاساسەن ھازىرقى سۇ دەرۋازا ئەتراپىدىكى «يېيىقسۇ» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆستەڭدىن ئېلىنغاچقا، ئۇيغۇر پۇقرالار تەرىپىدىن «سۇ دەرۋازا» دەپ ئاتالغان (ھازىرقى شىنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ). كۈنپېتىش دەرۋازا «خۈەي يىڭ»، يەنى بۇرۇنقى كۈرە دەرۋازا. ئەينى چاغلاردا كۈرەدىكى گېنېرال مەھكىمىسىگە بارىدىغان يول مۇشۇ دەرۋازىدىن ئۇدۇل زايومكىغا چۈشۈپ ئىلى دەرياسىنىڭ ئېقىشىنى بويلاپ ھازىرقى بايانداي، يېڭىيەر يېزىلىرىنىڭ دەريا ياقىسىدىكى مەھەللىلىرىنى بويلاپ ئاندىن كۈرەگە بارىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر پۇقرالار «كۈرە دەرۋازا» دەپ ئاتاپ ئۆزلەشتۈرگەن (ھازىرقى ياشلار كوچىسى بازىرى ئالدىغا توغرا كېلىدۇ. مەن مۇشۇ كۈرە دەرۋازا مەھەللىسىدە، كېيىنچە بېدە بازىرى دەپ ئاتالغان يەردە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم. كىچىك چېغىمىزدا كۈنپېتىش تەرەپ سېپىلىنىڭ ئاستى قالدۇق قىسمى ئۈستىگە يامىشىپ چىقپ ئوينايتتۇق. — نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن). شىمالىي دەرۋازا «گۈي جى» يەنى بۇرۇنقى ئاتىلىشى دولان دەرۋازا. ئەينى يىللاردا بۇ دەرۋازىنىڭ سىرتىدا توغرا كۆۋرۈكنى بويلاپ بۈك–باراقسان دولانە دەرەخلىرى ئۆسكەن ئىكەن. ئۇيغۇر پۇقرالار مۇشۇ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ «دولان دەرۋازا» دەپ ئاتاپ ئۆزلەشتۈرگەن (دولان دەرۋازىسىنى غۇلجا شەھىرى بىنا قىلىنغاندا سېپىل سوقۇشقا قاتناشقان دولانيۈزىلىكلەر ياسىغاچقا «دولان دەرۋازا» دەپ ئاتالغان، دېگەن تارىخىي ئۇچۇرلارمۇ بار. —مۇھەررىردىن) (ھازىرقى ئوبلاستلىق تېلېگراف شىركىتىنىڭ شىمالىي ئالدىغا توغرا كېلىدۇ).

1934–يىلى ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەھكىمىسى كۈرەدىن غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، شەھەر ئىچىدە ھەربىي–مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن ئاھالە كۆپىيىپ، پۇقرالارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇزاق يىللار مابەينىدە كونىراپ ھالىدىن كەتكەن ۋە ئۆز زامانىسىدىكى قالاق مۇداپىئە قىممىتىنى يوقاتقان قەلئە سېپىللىرى ئارقا–ئارقىدىن بۇزۇپ تاشلىنىپ شەھەر دائىرىسى كېڭەيتىلىشكە باشلىغان. شەھەر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىلمۇخىل تارىخىي ۋە جۇغراپىيىۋى ئامىللار تۈپەيلىدىن ئاھالىلەرنىڭ مىللەت تەركىبىمۇ كۆپ خىللىشىشىقا قاراپ يۈزلەنگەن. شەھەر ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ خىلمۇخىل مۇئەككىللىرىگە ئاتاپ سالغان بۇتخانىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەيتۇللا مەدرىسى، خۇيزۇلارنىڭ شەنشى جامەسى، رۇسلارنىڭ پراۋۇسلاۋ چېركاۋى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ كىچىككىنە غۇلجا شەھىرىنىڭ كۆپ قىرلىق دىنىي ئېتىقاد مەدەنىيىتى بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

يەن لىڭ ئۆز ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: ياڭ جۈنجيانىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر مۇئەككىلى بۇتخانىسى ھازىرقى تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئارقا كوچىسىدا، ئەجدىھار مۇئەككىلى بۇتخانىسى توپىدەڭدە، بۇتسادۋا ئانا بۇتخانىسى «خەنزۇبازىرى»نىڭ جەنۇبىي تاركوچىسىدا ئىكەن. يەن ئىنپۇ ئاقساقالنىڭ بۇ يىل 82ياشقا كىرگەن چوڭ قىزى يەن خۇڭشۈينىڭ ئېيتىشىچە، ھەريىلى قەمەرىيە يىلنامىسى بويىچە 4–ئاينىڭ 8–كۈنى بۇتسادۋا ئانىغا ئاتاپ بۇتخانا سەيلىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇ چاغلاردا يەن خۇڭشۈ مومىسى ۋە ئاپىسىغا ئەگىشىپ مەپىلىك ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ سۈيدۈڭ (بۈگۈنكى قورغاس ناھىيىسى) داشىگۈردىكى «فۇشۇۋشيەن بۇتخانىسى» (بايلىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ئەۋلىيا ئەزەم بۇتخانىسى) غا بېرىپ كۈجە كۆيدۈرۈپ، دۇئا–تىلاۋەت قىلىپ، تەڭرىدىن ئائىلىگە ئامانلىق ۋە بايلىق–ئاسايىشلىق تىلەيتتىكەن. داشىگۈر غولىنىڭ يازلىق مەنزىرىسى بەكمۇ گۈزەل بولغاچقا، باي ئائىلىنىڭ خوتۇن–قىزلىرى تاغ قاپتاللىرىغا چېدىر تىكىپ يېتىپ قوپۇپ، بىرتەرەپتىن بۇتمۇ–بۇت كۈجە كۆيدۈرگەچ، بىر تەرەپتىن تاغنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلاتتىكەن. بۇ خىل بۇتخانا سەيلىسى بېرىپ كېلىشنى قوشقاندا يېرىم ئايغا سوزۇلاتتىكەن.

جاڭ جىۋېننىڭ ئېيتىشىچە، شېڭ شىسەي يېڭىلىققا كۆچكەن مەزگىللەردە شەھەرنى كېڭەيتىش ئېھتىياجى سەۋەب قىلىنىپ، بۇتخانىلارنى چېقىشقا باشلىغان. ئەڭ ئالدى بىلەن شەھەر مۇئەككىلى بۇتخانىسى چېقىلىپ ئۆيلىرى ۋىلايەتلىك 1–باشلانغۇچ (كېينكى 3–ئوتتۇرا مەكتەپ) ئۈچۈن سىنىپ قىلىنىپ بېرىلگەن. جاڭ جىۋېن بۇ ئۆيلەردە ئىككى يىل باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇغان ئىكەن.

ياڭ جۈنجىيانىڭ ئېيتىشىچە، 1936–يىلى، تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشقا ئۆلكە–يۇرتلىق خەنزۇ سودىگەرلەر جەمئىيەتلىرى بىرلىشىپ چوڭ تىپتىكى كوچا ياڭگىر ئۇسسۇلى تەشكىللەپ، پۈتۈن غۇلجا شەھىرىنى بايرام تۈسىگە كىرگۈزگەن ئىكەن. بۇ كۈنى بارلىق خەنزۇ ئاھالىلەر شەرقىي شىمالنىڭ ياڭگىر ئۇسسۇلى شەكلىدە ئالدىدا سەپ تۈزۈپ، خەنزۇ، مانجۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، سولۇن، قازاق، رۇس، قىرغىز، تاجىك، شىۋە، ئۆزبېك، تاتار، داغۇر قاتارلىق 14مىللەت فورمىسىدا ياسىنىپ كوچا بويلاپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ كوچا چۆگىلىگەن. ئارقىدىن قەغەز پانۇس، قەغەز قېيىق ئوينىتىدىغانلار، خەنزۇ كلاسسىك تىياتىرلىرىدىكى داڭلىق پرسۇناژلارغا تەقلىد قلىنغان ئېگىز ياغاچ پۇتلۇق ئارتىستلار خىلمۇخىل قىزىق ئويۇنلارنى قويۇپ ماڭغان ئىكەن. غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرمىللەت پۇقرالىرى كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تىقما–تىقما بولۇشۇپ چاۋاك چېلىپ، بۇ خىل بايرام شاتلىقىدىن بىرلىكتە ھوزۇر ئالغان ئىكەن.

يەن ئېنپۇ ئاقساقال نەۋقىران چاغلىرىدا يېڭىلىققا بەكمۇ ئىنتىلگۈچى كىشى ئىكەن. ئۇ غۇلجا شەھىرى بويىچە تۇنجى رەت كاستيۇم–بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقاپ، تۇنجى بولۇپ ۋېلىسپىت مېنىپ كوچا چۆگىلەپ، جامائەتنى ھەيران قالدۇرغان ئىكەن. مەن يەن ئاقساقالنىڭ ئۆيىدە 1925–يىلى يازدا غۇلجا شەھىرىدە تارتىلغان بىرنەچچە رەسىمدىن يەن ئىنپۇ بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ پاسۇندىكى ئۇزۇن يەكتەك كىيگەن، پەقەت يەن ئىنپۇنىڭلا زامانىۋى كالتە يەڭ كۆينەك كىيگەنلىكىنى كۆردۈم.

يەن خۇڭشۈنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ 6ياشقا كىرگەن مەزگىللەردە مومىسى ئۇنىڭ پۇتىنىڭ يوغىناپ كېتىپ چوڭ بولغاندا ئەرگە تېگەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كونا خەنزۇ قائىدە–يوسۇنى بويىچە پۇتىنى مەجبۇرىي چىڭ بوغۇپ قوياتتىكەن. لېكىن، ھەرقېتىم كەچلىكى مومىسى بوغۇپ قويسا ئەتتىگەنلىكى دادىسى يەن ئىنپۇ يېشىۋېتىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن يەن ئىنپۇ ئانىسىدىن نۇرغۇن قېتىم تىل ئىشتكەن ئىكەن. يەن خۇڭشۇ مۇشۇلارنى سۆزلىگەندە ئۆز دادىسىنىڭ شۇچاغدىكى جۈرئىتىدىن بەكمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغان ئالدى.

يەن ئىنپۇ مائارىپقا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتىكەن. 1932–يىلى تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ «سەنمىن باشلانغۇچ مەكتىپى»نى قۇرۇپ، مەكتەپنى پۈتۈنلەي يېڭى زامان تەلىپى بىلەن باشقۇرغان ئىكەن. مەكتەپتە پۈتۈنلەي يېڭىچە ئوقۇتۇش دەرس سېتكىسى تۈزۈلۈپ، تىل–ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، رەسىم، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرىسلەردىن باشقا يەنە ھەركۈنلۈكى بىرسائەت ئۇيغۇر تىلى دەرىسى ئۆتۈلگەن ئىكەن. يەن خۇڭشۇ كىچىكىدە دەل مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىكەن. گەرچە بۇ مەكتەپ ئوقۇش بەدەل پۇلى ئالمايدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركۈنى چۈشتە ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر يەنىلا بالىلىرىنى ئوقۇشقا بېرىشنى خالىمىغاچقا، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ساناقلىقلا ئىكەن. بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغان يەن ئىنپۇ ئۆزى ئات ھارۋىسىنى قېتىپ ئۆيمۇ–ئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلەپ بالىلارنى ئۆزى مەكتەپ توشۇغان ئىكەن.

1934–يىلى غۇلجا شەھىرىگە قول بىلەن ئايلاندۇرۇلىدىغان دۋژۇك ماتورىنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ كىنو پەيدا بولغان. لېكىن بۇ كىنولار ئاۋازسىز ئىدى. 1935–يىلىغا كەلگەندە «خەنزۇ بازىرى» چاڭچىلىخانىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپقا قىلغان سەپىرى تەسۋىرلەنگەن «خەتەرلىك ئۇچۇش» دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى بولۇپ قويۇلۇشى بىلەن ئاۋازسىز كىنو تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. كىنو بازىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى بايقىغان تىيەنجىنلىك سودىگەرلەر يېڭىدىن قۇرۇلغان «سەنمىن ئورتا مەكتىپى»نىڭ خىراجەت مەسىلسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسلىھەتلىشىپ يەن ئىنپۇ، چىڭ ئىنچۇ، ياڭ ئېنكۈي قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئاممىدىن ئىئانە توپلاپ ھەم كىنو قويغىلى بولىدىغان ھەم كونسېرت قويغىلى بولىدىغان «سەنمىن كىنوخانىسى»نى ياساپ چىقتى. ياڭ جۈنجىيا بىلەن دۈيۈيلىڭلارنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ چاغلاردا فىلىم كوپىيەلىرى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دەسلەپتە سېھىرگەر بالا»، «چاپايېۋ»، «بېلىقچى بىلەن ئالتۇن بېلىق» ۋە ھەرخىل ھۆججەتلىك سوۋېت فىلىملىرى قويۇلۇپ تۇرغان ئىكەن. ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ چوڭ ئارقا سەپكە ئايلانغاچقا، زور تۈركۈمدىكى ئىلغار زاتلار شىنجاڭغا كىرىش بىلەن شىنجاڭنىڭ بولۇپمۇ غۇلجىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ھاۋاسى ئىنتايىن قويۇق بولغان. شۇ چاغلاردا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھېكايە فىلىملەردىن «قەدىمىي شەھەردىكى باتۇر ئايال»، «لىڭيۈەندە پىداكارلىق كۆرسىتىش»، «كىشىلەر ئارىسىغا باھار كەلگەندە»، «بېلىقچىلار ناخشىسى» قاتارلىقلار. «ۋۇسۇڭكوۋنى قوغداش ئۇرۇشى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرمۇ قويۇلغان ئىكەن.

«ئەينى چاغدا غۇلجا شەھىرىدە كونسۇلباغ كۇلۇبى (ھازىرقى ئىلى ئالىي مېھمانخانسى ئىچىدە)، ئىتتىپاق كۈلۇبى (ھازىرقى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە سارىيى ئورنىدا)، ئۆزبېك كۇلۇبى (ھازىر 5–ئوتتۇرا يېنىدا)، تاتار كۇلۇبى (ھازىرقى 6–باشلانغۇچ مەكتەپ)، رۇس كۇلۇبى (ھازىرقى سودا–سانائەت بانكىسى يېنىدا)، خەنزۇ كۇلۇبى (خەنزۇ بازىرى كۇلۇبى) قاتارلىق كىنوخانىلار بارئىدى. ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلىدىغان كىنو ئۇچۇرى گېزىتتە ئالدىن ئېلان قىلىناتتى:

مەسىلەن:

كونسۇلباغ كۇلۇبىدا : «مىچۇرىن»

ئىتتىپاق كۇلۇبىدا: «ئاكادىمىك پاۋلوف»

ئۆزبېك كۇلۇبىدا: «تاھىر–زۆھرە»

تاتار كۇلۇبىدا: «موسكۋاغا شان–شەرەپلەر بولسۇن»

رۇس كۇلۇبىدا : «ئاخىرقى كېچە»

خەنزۇ كۇلۇبىدا: «ئىلبا دەرياسى بويىدا ئۇچرىشىش»

(«ئالغا گېزىتى»، 1949–يىل 4–ئاينىڭ 14–كۈنى، 86–سان)

(شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى، 47–سان، 344–بەت)

مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، تىياتىر سەنئىتىدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بولغان. يەن لىڭ ماقالىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ۋېي ياچيۇ، ۋېي پېيجيۇ، ۋاڭ مىڭشەن، لى گۇەنچيۇ، دەي يۈتاڭ، ليۇشاۋچىڭ قاتارلىق سەنئەتكارلار پىڭجۈي تىياتىر ۋە ئەلنەغمە ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، «سەنمىن كىنوخانىسى»دا خىلمۇخىل تىياتىر ئويۇنلىرىنى قويۇپ داڭ چىقارغان ئىدى. كېيىنچە ۋىلادۋستوكتىن كەلگەن جۇڭگو مۇھاجىرى بەي رۇڭپۇ بېيجىڭ تىياتىر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، چىن باۋقىڭ، مىڭ يۈشىيەن، شەن يۈلەن، گۇيۇفىن قاتارلىق جىڭجۈي ئارتىستلىرىنى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان يېڭىچە درامىلارنى ئىجاد قىلپ قويۇشقا ئۇيۇشتۇرۇپ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ھەرقېتىم يېڭى دراما قويۇلغاندا «سەنمىن كىنوخانىسى» يورۇپ، تاماشىبىن بىلەن تولاتتى، پۇت قويغۇدەك يەر قالمايتتى، تىياتىرخانا ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ سېۋەتتە شىمىشكا–پۇرچاق، تاتلىق–تۇرۇم، يەل–يېمىش ساتىدىغان يۇلاۋخەن، جاڭ لاۋخەن دېگەنلەرنىڭ تازا بازىرى چىقاتتى. تەرلەپ كەتكەن كەتكەنلەرگە بېرىلىدىغان ئىسسىق لۆڭگىلەر تاماشىبىنلارنىڭ بېشىدىن لەرزان ئۇچۇپ ئۆتۈپ لازىملىق خېرىدارلارنىڭ دەل قولىغا چۈشەتتى. تىياتىرخانا مۇلازىملىرىنىڭ بۇ مەرگەنلەرچە قول ھۈنىرى پات–پاتلا پاراق–پاراق كۈلكە قوزغايتتى. شۇ مەنزىرىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۈگۈنكى پېشقەدەملەر ناھايىتى ھەۋەستە ئۆزىنىڭ گۆدەك چاغلىرىنى ئەسلىشىدۇ.

بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى»ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

بۇرۇنقى «خەنزۇ بازىرى»ئۆزىنىڭ ئىلى بازار مەدەنىيىتىدىكى «پېشقەدەم ئاقساقال»لىق مەرتىۋىسى ۋە ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بازار ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتىكى تۈرتكىلىك رولى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى» تىپىك مەھەللىۋى ئاساستا تەبىئىي شەكىللەنگەن، قويۇق مىللىي بازار مەدەنيىتى تۈسىگە ئىگە توۋار ئوبورت مەيدانى سۈپىتىدە توۋار تۈرىنىڭ كۆپلىكى، بازار كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، بازار سودىسىنىڭ ئاممىبابلىقى ۋە بازار كەيپىياتىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكى بىلەن بازار ئارىلىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەگەر بىز بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى»نى چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، مەزكۈر بازارنىڭ نەچچە مىڭلىغان تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن كەلگۈچى قول–ھۈنەرۋەن، سودا–سېتىقچى، يايمىچىلەر بىلەن زور كۆپلىگەن تۆۋەن ئىستېمال سەۋىيىسىدىكى خېرىدارلاردىن تەشكىللەنگەن غايەت زور «ئاجىزلار كوللىكتىپى»نىڭ كۈندۈلۈك تىرىكچىلىك مەيدانى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.

بۈگۈنكى «خەنزۇ بازىرى» ھازىرقى زامان مودىسىدا سۈنئىي بېزەلگەن جۇلالىق سىرتقى قىياپىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي پۇقرالاشقان بازار سالاھىيىتى بىلەن يەنى ئالغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلارنىڭ باراۋەرلىكى ۋە تاۋار باھاسى بىلەن تاۋار قىممىتىنىڭ تەڭداشلىقى، ئەرزان باھا، ئەقىلگە مۇۋاپىق تاپاۋەت مۇناسىۋىتى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىرقاتار ئەنئەنىۋى سودا–سېتىق، ئۆرپ–ئادەت ۋە قائىدە–يوسۇنى بىلەن خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. مەزكۈر بازارنىڭ سېھرىي كۈچى دەل ئۇنىڭ ئاممىۋىيلىقىدا.

لى جەن ئۆزىنىڭ «خەنزۇ بازىرى —ئىلىنىڭ كۆزى» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي خىزمەتنى مەركەز قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىز يول ياساش، قۇرۇلۇش سېلىش باھانىسى بىلەن بۇ بازارنىڭ كۆلىمىنى ھەدەپ كىچىكلىتىپ يوقىلىش گىردابىغا قىستىماستىن، بەلكى زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت مەلۇم مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەزكۈر بازارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا بازار قاتتىق دېتاللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە زۆرۈر بولغان زىننەتلەشنى يولغا قويۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاممىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى پرىنسىپى ئاستىدا سودا–سېتىقچىلارنى يارقىن مىللىي تۈسكە ئىگە كىيىم–كېچەكلەر بىلەن ياسىنىپ، سودا–سېتىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم. ھەتتا سودا–سېتىقچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ قول ھارۋا، بوتكا–دۇكانلىرىنى رەڭگا–رەڭ مىللىي پاسۇندا زىننەتلەپ، پۈتكۈل بازارنى قويۇق ئىلى يەرلىك قىياپىتىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىش لازىم.

مۇئەللىپ شۇنىڭغا جەزمەن ئىشىنىدۇكى، ئەگەر بىز «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەزەلدىن بار بولغان تەبىئىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئۇزاققا قالماي «ئىلىغا كەلمىگۈچە شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلگىلى بولماس» دېگەن شوئارنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى— «خەنزۇ بازىرىنى كۆرمىگەنلىك ئىلىغا كەلمىگەنلىك » دېگەن جاراڭلىق ئىبارە مەيدانغا كېلىشى بەرھەق!».

چى پىڭ ئۆزىنىڭ «خەنزۇ بازىرى —قىممەتلىك تارىخىي مىراس» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە «خەنزۇبازىرى»نى ياخشى قوغداش— تارىخىي، مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا قاتارلىق جەھەتلەردە ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش جەھەتلەردىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «خەنزۇ بازىرى» ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنى ئەركىن سودا–سېتىق قىلىش، ئۇچرىشىش، بېرىش–كېلىش قىلىش، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىنتايىن كاتتا سورۇن. شۇنداقلا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئىلىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تىنچ، ئىجىل–ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە، مەركەزلىك، قايىل قىلارلىق ھالدا نامايەن قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سەھنە ھەم غۇلجا شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ھەقىقىي يارقىن نۇقتا.

غۇلجا شەھىرى ئۇزاق تارىخ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە قەدىمىي شەھەر، ھەرمىللەت خەلقى بۇيەردە ئۇزاقتىن بۇيان ئارىلىشىپ ياشاش، مەھەللە–يۇرت بەرپا قىلى جەريانىدا مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جۇغلىغان. بۈگۈنكى بىز شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا مۇنداق بايلىقلارنى تېخىمۇ قوغداپ ۋە تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسى ۋە داڭقىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئەينى يىللاردىكى «تۆت كونىنى بۇزۇش»تەك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تارىخىي مىراس ۋە مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسىنى نابۇت قىلماسلىقىمىز لازىم. بىر–بىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان سەرەڭگە قېپىدەك بىرقانچە ئىمارەت سېلىپ قويۇش، ماگىزىنلارنىڭ سىرتىنى پال–پۇل رەڭلىك ئەينەكلەر بىلەن بېزەپ قويۇش تۆت تەڭگە پۇل بىلەنلا پۈتىدىغان ئاسان ئوقەت، لېكىن، قەدىمىي، تارىخىي، مەدەنىي مىراسلارنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس. «خەنزۇ بازىرى» دەل مۇشۇنىڭ جانلىق مىسالى. «خەنزۇ بازىرى»دا كۆرۈلۈۋاتقان “مەينەت، قالايمىقان، ناچار” بولۇشتەك ھادىسىلەر پەقەت شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلالمىغانلىقىنىلا چۈشەندۈرىدۇ، خالاس. بۇ ھەرگىزمۇ قىممەتلىك تارىخىي، مەدەنىي مىراسلارنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس.

جاڭ چيۇشىڭ «خەنزۇ بازىرى ۋە مەن» دېگەن ماقالسىدا مۇنداق دەيدۇ: مەن 1993–يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن غۇلجىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ سودا باشلىغان ئىدىم. «خەنزۇ بازىرى»نىڭ داڭقىنى ئاللىبۇرۇن ئاڭلىغانمەن. شۇڭا بىز «ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى»نىڭ ئورنىنى تاللىغان چېغىمىزدا قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي «خەنزۇبازىرى»دىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىننى تاللىغان. مانا 10نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى تاللىشىمىز ئىنتايىن توغرا بولغان، مەن شۇ چاغدىكى تاللىشىمدىن پەخىرلىنىمەن. مانا «خەنزۇبازىرى»غا ماكانلاشقىنىمغا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئون نەچچە يىل بوپتۇ، مەن بۇ 10يىل جەريانىدا «خەنزۇبازىرى»نى تەدرىجىي يوسۇندا ماھىيەتلىك چۈشىنىپ يەتمەكتىمەن ھەم «خەنزۇبازىرى»غا بولغان مۇھەببىتىممۇ كۈندىن–كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا. مەن «خەنزۇبازىرى»غا تۇنجى قەدەم باسقىنىمىدا مەندە باشقىچە تەسىر قالدۇرغان ئىدى. لېكىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن بۇ تەسىرنىڭ بىر خىل مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىكەنلىكىنى ئاستا–ئاستا چۈشىنىپ يەتتىم. ئادەمنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، مۇشۇ كۆرۈنۈشكە قالايمىقان، «خەنزۇبازىرى»نىڭ ھەممىلا يېرىدە بىرخىل گۈزەل پەزىلەت نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە جان بېقىۋاتقان سېتىقچى–يايمىكەشلەرنىڭ ساپدىل، ئاقكۆڭۈللىكى، قىزغىن، دۇرۇس، يۇمۇرلۇق سودا ئادىتى كىشىگە ھۆرمەت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. مەسىلەن، سىزگە يەرلىك تۇخۇم دەپ ساتقان بولسا ئۇ جەزمەن يەرلىك تۇخۇم، بىر كىلو مېۋە تارتىپ بەرگەن بولسا ئۇ دەل بىر مىسقالمۇ كەم ئەمەس، بىركىلو مېۋە. تارازىدىن كانتىلايدىغان، ياخشىغا ياماننى ئارىلاشتۇرۇپ قويمچىلىق قىلىدىغان، «قۇيرۇق كۆرستىپ ئۆپكە ساتىدىغان» قىلمىشلار بۇ يەردە ھەرگىز مەۋجۈت ئەمەس. ھەريىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن «ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى»غا نەچچە يۈز ماشىنا مال كىرگۈزۈلىدۇ، «خەنزۇبازىرى» شۇنچە قىستاڭ تۇرۇپمۇ بىرقېتىممۇ ماشىنا توسۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ.

«خەنزۇبازىرى»دا مالنىڭ ئەرزانلىقى پۈتكۈل جامائەتچىلىككە ئايان، ئەگەر سىز «خەنزۇبازىرى»دىن قوي گۆشى سېتىۋالسىڭىز باھاسى ئەرزان، يېڭى، يەنە تېخى چىۋەر قاسساپلار تەڭپۇڭ كەلگەن تارازا ئۈستىگە قۇلاقتەك گۆشنى قوشۇپ تاشلاپ سىزنى ئۆزىگە دائىملىق چۆپقەت قىلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. بۇلار گەرچە ئادەتتىكى ئىشلار بولسىمۇ لېكىن، بۇ يەردىكى سودىگەرلەرنىڭ زېرەكلىكىنى نامايەن قىلىدۇ. سودىدىكى خۇش مۇئامىلە ۋە زېرەكلىك ماركېتىڭ ئىلمىدا ئاللىبۇرۇنلا مەخسۇس پەن بولۇپ شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ تىجارەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. مەن يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي، مەسىلەن: ئەگەر «ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى»دا مال قاچىلاش–چۈشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە باشقا جايلاردىن ئىشلەمچى ئەكەلسىڭىز بىر ھازاغىچە سىز بىلەن باھا تالىشىدۇ، «خەنزۇبازىرى»لىق ئىشلەمچىلەر بولسا ئالدى بىلەن ئىشنى پۈتتۈرىدۇ، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن سىز قانچە بەرسىڭىز مۇۋاپىق باھاغا رازى بولۇپ كېتىپ قالىدۇ.

شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بەزى ئوبيېكتىپ ئامىللار تۈپەيلىدىن «خەنزۇبازىرى» ھەقىقەتەنمۇ مەينەت، قالايمىقان ۋە ناچار. مېنىڭچە بۇ جاۋابكارلىقنىڭ ھەممىسى تىجارەتچىلەردە ئەمەس، بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈزۈش، راۋانلاشتۇرۇش، يېتەكلەش جەھەتلەردە كۆپ باش قاتۇرۇپ، باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆستۈرۈش، ۋە ياخشىلاش لازىم. بۇ يەردە شۇنىمۇ قەيت قىلىش كېرەككى، مېنىڭچە، بۇ يەردىكى كوچا ئارىلاپ مال ساتىدىغان سەييارە تەنزىكەشلەر، يولنى خالىغانچە ئىگىلىۋالغانلار گەرچە شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، بۇلار بەزى لاغايلاپ يۈرىدىغان بىكارتەلەپ ھورۇنلاردىن، بەش ئەزايى ساق تۇرۇپ ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا يۆلىنىۋېلىپ جان باقىدىغانلاردىن مىڭ ياخشى، بىز بۇلاردىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھالال مېھنىتىگە تايىنىپ جان بېقىۋاتىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىۋاتىدۇ. مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى «خەنزۇبازىرى» نوقۇل ھالدىكى سودا–سېتىق سورۇنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىلىدىكى نارات، تاڭبالى، كۆلدىلەڭ قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار بىلەن تەڭ قاتاردا تۇرالايدىغان ساياھەت بايلىقى ۋە ئېسىل سەيلىگاھ. دەرھەقىقەت، «خەنزۇبازىرى» تاھازىرغىچە كونا قېلىپتا تۇرغاچقا، سىرتقى كۆرۈنۈشى بىرئاز قالايمىقانراق، لېكىن، سەنئەت ئىستېتىكىسى نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، بەزى رەتسىز كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ئارقسىغا چىنلىق، تەبىئىيلىك ۋە گۈزەللىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. مۇئەللىپ شۇنداق بىرنۇقتىنى تەھقىقلەشكى ھەقلىقكى، ئەگەر بىز يۇقىرىقى بايانىمىزدىكى يۈزەكى ھادىسىلەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالقىپ ئۆتۈپ چوڭقۇر ۋە ماھىيەتلىك تەھلىل يۈرگۈزۈپ، مەزكۈر بازارنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر تالاي ئېتنوگرافىك، گۇمانىتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە يەرلىك، مىللىي، تارىخىي ھادىسىلەرنى كىچىككىنە باش قاتۇرۇپ، قېزىپ، رەتلەپ ۋە زۆرۈر بولغان بېزەش–پەردازلاشتىن ئۆتكۈزۈپ ساياھەت بازىرىغا سالىدىغان بولساق، بۇ سېھىرلىك ماكان چوقۇم ئانچە ئۇزاققا قالماي پۈتكۈل ئىلى ۋادىسىنىڭ مىڭلىغان–ئونمىڭلىغان سەيلى–ساياھەتچىلىرىنى بەئەينى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان ئالتۇن ئېلان تاختىسىغا ئايلىنىدۇ.

مەنبە: «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى (14)»، 107–بەت، ماقالە ئاپتورى: ئابلىمىت مۇھەممەت (ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى).