ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇر مۇقاملىرى تارىخنىڭ ئۇزۇن ، تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشى ھەم ئۆزىگە خاس بىر قاتار ئالاھىدلىكلىرى بىلەن ، ئىنسانىيەتنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى ‹‹ بىباھا گۆھەر ›› دەپ تەرىپلەنمەكتە . ئۇيغۇر مۇقاملىرى دائىرىسىگە ئادەتتە ‹‹ 12 مۇقام ›› ، ‹‹ دولان مۇقامى ›› ، ‹‹ تۇرپان مۇقامى ›› ، ‹‹ قۇمۇل مۇقامى ›› قاتارلىقلار كىرىدۇ . بۇ مۇقاملارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ، ئۆز ئارا ئورتاقلىق ھەم خاسلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز .

ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىدىكى ئورتاقلىقلار تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە كۆرۈلىدۇ :
بىرىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى يەرلىك مۇقاملار بولسۇن ، شەكىلنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەممىسى 12 يۈرۈش بولۇپ ، بىر سىستېما شەكىللەندۈرگەن .

ئىككىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، ھەممىسى ئوخشاشلا مۇزىكا ، ناخشا ۋە ئۇسسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم تەركىبي قىسىمدىن تۈزۈلگەن .

ئۈچىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، ئادەتتە مۇقەددىمە قىسمىدىن باشقا قىسىملىرىغا ئۇسسۇل ئويناشقا بولىدۇ . ‹‹ 12 مۇقام ›› نىڭ جۇلا ، سەنەم ، چوڭ سەلىقە ، كىچىك سەلىقىلىرى بىلەن مەشرەپ قىسمى مەخسۇس ئۇسسۇل پەدىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . خەلق مۇقاملىرىنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىن باشقا ھەممە قىسىملىرىمۇ ئۇسسۇل پەدىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

تۆتىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇ ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، كۆپ خىل چالغۇلار سەپلىنىدۇ .

بەشىنچى ، ھەر قايسى مۇقاملارنىڭ ئۆز تەركىبىدىكى نەغمىلەرنىڭ ئاھاڭ تۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئورتاق مىلودىيگە ئىگە مۇھىم ‹‹ مۇقەددىمە ›› سى بولىدۇ .

ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقىدىكى ھازىرقى ئورتاقلاشقان قاراشلارغا ئاساسەن ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى خەلق مەشرەپ مۇقاملىرى ۋە كىلاسسىك مۇقام ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . مۇقامشۇناس ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ، ئەزەربەيجان مۇقاملىرىمۇ كىلاسسىك مۇقاملار ۋە خەلق مۇقاملىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىكەن .

‹‹ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ›› ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ يۈكسەك چوققىسى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ مەنبەسىنى يەنىلا خەلق مۇقاملىرىغا ئۇلاشقا بولىدۇ . چۈنكى ‹‹ خەلق مۇقاملىرى خەلقنىڭ ھاياتى ، قەلبى ، فولكلور مەدەنىيتى بىلەن بىۋاستە باغلانغان ئۆلمەس ‹ ئانا گەۋدە › بولۇپ ، كلاسسىك مۇقاملار مۇشۇ ‹ ئانا گەۋدە › ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان ›› . مۇزىكىشۇناسلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، ‹‹ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ›› نىڭ چوڭ نەغمىسىنىڭ ‹‹ تەئەززە ›› ، ‹‹ مۇستافا ›› ، ‹‹ جۇلا ›› ، ‹‹ سەنەم ›› ، ‹‹ پىشرەۋ ›› ، ‹‹ كىچىك سەلىقە ›› لىرى بىلەن ‹‹ داستان ›› ، ‹‹ مەشرەپ ›› قىسىملىرىنىڭ رېتىم ئۇدار شەكىللىرىگە ‹‹ دولان مۇقامى ›› ۋە ‹‹ قۇمۇل مۇقامى ›› نىڭ نۇرغۇن نەغمىلىرى خام ماتېرىيال بولغان . قازاقىستانلىق مۇقامشۇناس باتۇر ئەرشىدىنوفمۇ ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ لاد ئاساسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئارۇز ۋەزىن ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولغان خەلق ناخشىلىرى تۈركۈمى ، بارماق ۋەزىن ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولغان خەلق ناخشىلىرى تۈركۈمى ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان . مۇقاملارنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ يۇقىرىقى ئۆلچەمگە ئاساسەن ، ئۇلارنىڭ ئاددىي ۋە مۇرەككەپلىكىگە قاراپ ، خەلق مۇقاملىرى ۋە كلاسسىك مۇقاملار ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان .

‹‹ قەشقەر گېزىتى ›› دىن ئېلىندى