تاتارلاردىكى توي ئادەتلىرى

خەپىز ساتتار سالىھ

تاتارلار بالىلىرى ئوقۇپ، مەلۇم سەۋىيەگە يېتىپ، تۇرمۇشنى چۈشىنىدىغان، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولغاندىلا ئاندىن ئۇلارنى ئۆي – ئوچاقلىق قىلىدۇ. بۇ ئادەت تاتار ئائىلىلىرىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىغا ئاساس سالغان. تاتارلارنىڭ قىز – يىگىت تويىدىن ئاۋۋالقى لايىق تاللاش، ئەلچى ئەۋەتىش، توي كۈنىنى بېكىتىش قاتارلىقلار قېرىنداش تۈركىي قەۋملەرنىڭكىگە ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئادەتلىرىدە پەرقلەر بار . بۇلار مۇنداق:

ئادەتتە، قىز – يىگىتلەرنىڭ توي ۋاقتى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە توي ساندۇقى ئەۋەتىدۇ. ساندۇققا قىزنىڭ تويلۇق كىيىم – كېچەكلىرى، ئەن رەخت، ئىشىك – دېرىزە پەردىلىرى، كارىۋات ياپقۇچ ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان رەخت، تۈرلۈك يىپ، قىزنىڭ ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا قىلىنىدىغان سوۋغا – سالام، كىيىم – كېچەك قاتارلىقلار ۋە قىزنىڭ ئانىسىغا ئاتالغان مەخسۇس ‹‹سۈت ھەققى›› پۇلى سېلىنىدۇ – دە، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە كىچىك بالىلار ئولتۇرغۇزۇلۇپ، قىز تەرەپكە داغدۇغىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. قىز تەرەپ ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، داستىخان سېلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ. ساندۇق ئېچىلىپ يىگىت تەرەپنىڭ سوۋغىلىرى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇلىدۇ. قىزنىڭ ئايال تۇغقانلىرى ساندۇققا سېلىنغان رەختلەر بويىچە ۋەزىپە بۆلۈشۈپ تويلۇقلارنى تەييارلاشقا كىرىشىدۇ. بۇ ‹‹ساندۇق تويى›› دەپ ئاتىلىدۇ.

بېكىتىلگەن توي كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە توينىڭ ئاش سۈيىنى يەتكۈزىدۇ. قىز تەرەپ توي كۈنى يىگىتنىڭ ئاتىسىغا سارىماي، ھەسەل يېگۈزۈپ، يىگىت – قىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ شېرىن، ھىمىرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. داستىخان يىغىلغاندا، ئوغۇلنىڭ ئاتىسى باشلىق قۇدىلار ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، تويى بولغان ئىككى ياشقا ئاتاپ پەتنۇسقا پۇل تاشلاپ، كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىدۇ.

يىگىت ئۆز ئۆيىدە ياكى قولدىشىنىڭ ئۆيىدە ئەل – ئاغىنىلىرى بىلەن بەزمە قىلىشىدۇ. قىزمۇ ئۆز ئۆيىدە ياكى قولدىشىنىڭ ئۆيىدە دوستلىرى بىلەن بەزمە قىلىشىدۇ. توي مۇراسىمىدا قىز باشتىن – ئاخىر ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ. يىگىت بىلەن قىزنىڭ نىكاھى ئوقۇلغاندا، ئىككى مۆتىۋەر نىكاھ ۋەكىلى بولىدۇ. بۇ ۋەكىللەرنىڭ گۇۋاھلىقىدا قىزنىڭ مېھىر ھەققى بېكىتىلىدۇ. نىكاھ سۈيىگە ھەسەل ياكى شېكەر سېلىنىدۇ. يىگىت نىكاھ ئوقۇلغان كۈنى قىزغا ‹‹نىكاھ خاتىرىسى›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن ئۈزۈك سوۋغا قىلىدۇ.

ئىككىنچى كۈنى قىز تەرەپتە يەنە ئاياللار تويى ئۆتكۈزۈلۈپ، يىگىتنىڭ ئانىسى باشلىق قۇدىلار ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنىلىرى بىلەن قىز تەرەپكە كېلىدۇ. قۇدىلار كاتتا كۈتۈۋېلىنىدۇ. قۇدىلارغا سارىماي، ھەسەل تۇتۇلىدۇ. قۇدىلار بىر – بىرىنىڭ يۈزىگە ئۇن سۈركەپ بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەسەلدەك تاتلىق، مەمۇرچىلىقتا ئۆتۈشىنى تىلەيدۇ. توي تارقالغاندا ئاياللار رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ تويى بولغان بىر جۈپ ياشقا ئاتاپ پەتنۇسقا پۇل سالىدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە، يىگىت ئەل – ئاغىنىلىرى بىلەن گارمون تارتىپ، جىر – جىرلاپ قىزنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. يىگىت قىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، قىز تەرەپنىڭ قىز – چوكانلىرى پايانداز سېلىپ، چاچقۇ چېچىپ يىگىتنى قارشى ئالىدۇ. مۇشۇنداق مۇراسىملاردىن كېيىن ياشلار تارقايدۇ. يىگىت بىلەن قىز قىز تەرەپتە تەييارلانغان مەخسۇس ھۇجرىدا قالىدۇ. ئەتىسى سەھەردە يىگىت قولدىشى كېلىپ يىگىتنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ئەل – ئاغىنىلىرى جەم بولۇپ بەزمە قىلىدۇ. قىزنىڭ دوستلىرى بىر جۈپ ياشنى مۇبارەكلىشىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە يىگىتنىڭ قولداشلىرى يىگىتنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىگە سالامغا ئېلىپ بارىدۇ.

شۇ كۈنى چۈشتە قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپ قۇدىلارنى ‹‹قۇدىلار چېيى››غا تەكلىپ قىلىدۇ. يىگىتنىڭ ئانىسى يىگىت تەرەپتىن كەلگەن ئاياللار بىلەن قىزنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ يېڭى كېلىننى كۆرىدۇ ۋە كۆرۈملۈكلىرىنى بېرىدۇ. ئەتىسى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنى تەكلىپ قىلىدۇ.

تويدىن كېيىن يىگىت قىزنىڭ ئائىلىسىدە بىرەر يىلغىچە ئۆي تۇتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلەر ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇۋاپىق كۈننى تاللاپ، قىز تەرەپ ‹‹قىز ئۇزۇتۇش››، يىگىت تەرەپ ‹‹كېلىن ئەكېلىش›› نامى بىلەن ئۆز ئۆيلىرىدە داستىخان سېلىپ، كىچىك كۆلەمدە توي ئۆتكۈزۈپ، قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزىدۇ. تاتار تويلىرى جۇشقۇن جىر، شوخ ئۇسسۇل، مۇزىكىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىز كۆچۈرگەندە مومايلار پاكىز، چېچەن، ئىشچان بولۇش، قېيىنئاتا، قېيىنئانىنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، رازىلىقىنى ئېلىش، ئەرگە سادىق بولۇش، ئائىلىگە كۆيۈنۈش، پەرزەنتلەرگە ۋاپادار بولۇش، ئەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرىنى ھۆرمەت قىلىش، قولۇم – قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ھۇرۇنلۇقتىن ساقلىنىش، ئىقتىسادچان، تېجەشلىك بولۇشتەك مەزمۇنلار دا جىر ئېيتىپ، قىزغا نەسىھەت قىلىدۇ.

دەۋر تەرەققىياتى بىلەن تاتارلارنىڭ توي ئادەتلىرىمۇ ئۆزگەرمەكتە. ھازىر بىر قىسىم تاتار ياشلىرى ئۆز ئارا نىكاھلانسا، يەنە بىر قىسملىرى ئولتۇراقلاشقان جايلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ياشلىرى بىلەن نىكاھلانماقتا. ئۆز ئارا قۇدىلاشقان تاتارلار بەزى توي ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئومۇمەن ئۆزى ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ توي ئادىتى بويىچە توي ئۆتكۈزمەكتە.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى