ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «فەرھاد ۋە شىرىن» داستانى

ئې.ئې، بېرتېلس

تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمىز

«1»

ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ھىندىقۇشتىن ئاق دېڭىزغىچە بولغان كەڭ زىمىننى ئىشغال قىلغان ھارماس فاتىھ تىمۇر 1405-يىلى ھايات بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ۋارىسلىرى(ئادەتتە «تىمۇرىيلار» دەپ ئاتىلىدۇ) ئارىسىدا ئۇنىڭ مىراسلىرىنى بۆلۈشىۋېلىشتەك مۇھىم بىر ۋەقە ئوتتۇرىغا چىقتى. تىمۇرنىڭ تۆت ئوغلى ۋە ئون سەككىز نەۋرىسى بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئىككى ئوغلى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن تەخت داۋاگەرلىرىنىڭ سانى ئازايدى. قالغانلىرىمۇ ئەڭ ياخشى مىراسقا ئىرىشىشكە تىرىشتى.

تىمۇر ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن خانىدانلىقنى تەخسىملەپ، نەۋرىسى پىر مۇھەممەد(ئەڭ چوڭ ئوغلى رەھمەتلىك جىھانگىرنىڭ ئوغلى)نى ئۆزىگە ۋارىس قىلىپ تەيىنلىدى. لېكىن، تىمۇرنىڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تامامەن بويسۇنغان ئەسكەرلەر يېڭى ھۆكۈمدارىدا ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇدەك قۇۋۋەتنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ، پىر مۇھەممەدنىڭ ئورنىغا تىمۇرنىڭ باشقا بىر نەۋرىسى بولغان خەلىل سۇلتانغا ئىتائەت قىلدى. ۋارىسلار ئارىسىدا تۈگىمەس ئۇرۇش باشلاندى. نەتىجىدە دادىسىنىڭ ئەمرى بىلەن خوراسان ئىلىگە ھۆكۈمران بولغان تىمۇرنىڭ كىچىك ئوغلى شاھرۇھ 1409- يىلى سەمەرقەندنى قولغا كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. شاھرۇھنىڭ بۇ غەلىبىسى ئىچكى ئۇرۇشنى خېلىلا پەسەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن تامامەن توختىتالمىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، شاھرۇھنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى(1440-يىلىغا قەدەر) تىمۇرنىڭ ئۇرۇشقا تولغان دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن تىنچ بىر دەۋر دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. شاھرۇھ دادىسىغا ئوخشاش جەڭگىۋار بىر كىشى بولمىغاچقا، ھەربىي يۈرۈش ئۇنى جەلپ قىلالمايتتى. بايلىق توپلاش ئۈچۈن ئىشغالىيەت ئۇرۇشى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، دادىسىنىڭ قىلغان ئۇرۇشلىرىدىكى بۇلاڭچىلىق نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا ھېساپسىز بايلىق قالغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆز قىممىتىدىن پايدىلىنىشنى، ۋاقتىنى تىنچلىق ئىچىدە ئەلنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى «ھەربىي خوشاللىق»تىن مۇھىم دەپ قارىدى. تەۋەلىكىدىكى شەھەرلەرنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تۇتۇش قىلىپ، كۆركەم بىنالارنى سالدۇردى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ چوڭلۇقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەشھەتتىكى ئىمام رىزا گۈمبىزى ئاشۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرىدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، شاھرۇھ ئەدەبىياتقىمۇ بەكلا مەپتۇن ئىدى. سارىيىدا مەملىكەتنىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن شائىرلار توپلاندى. لېكىن، شاھرۇھنى دەۋرىنىڭ ئەدەبىياتىلا ئەمەس، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئەدەبىياتىمۇ ئۆزىگە تارتتى. ئەڭ داڭلىق خەتتاتلارنى ۋە مىنياتۇرچىلارنى توپلاپ، ئۇلار تەرىپىدىن يارىتىلغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئالاھىدە مۇھىم بىر كۇتۇپخانىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ كۇتۇپخانىدىن بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان بەزى كىتاپلار كۇتۇپخانىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ.

شاھرۇھنىڭ ئورنىغا چىققان ئۇلۇغبەگ(1409-1449) ئىلىمنى ھېمايە قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بارلىق بوش ۋاقىتلىرىنى ئاسترونومىيە ئۈگىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ سەمەرقەندتە ياساتقان رەسەتخانىسىنىڭ خارابىلىرى ۋە زامانىمىزغا قەدەر يىتىپ كەلگەن ئاسترونومىيە ھەققىدىكى ئەسەرلىرى ھۆكۈمدار ھەۋەسكارنىڭ چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىنتىلىش روھىنىلا ئەمەس، يەنە ئۆز دەۋرىدە ئاسترونومىيەنىڭ نەقەدەر تەرەققىي قىلغان ئىلغار بىر ئىلىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. لېكىن، ھۆكۈمدار ئىلىم بىلەن بۇ قەدەر مەشغۇل بولماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇلۇغبەگنىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئاخىرى مەملىكەتنىڭ ئەھۋالىنى خېلىلا ئەندىشىلىك بىر ئەھۋالغا دۇچار قىلدى. تىمۇرىيلار(تىمۇرنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى-ت) بۇ ھۆكۈمدارنىڭ غاپىللىقىدىن پايدىلىنىپ مەملىكەتنى ئاستا-ئاستا قولغا كىرگۈزۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە بۆلۈۋېلىنغان ھەر بىر پارچە زىمىندا تىمۇرنىڭ نەسلىدىن بولغان بىر بەگنىڭ ئەتراپىغا ئەسكەر توپلاپ تۇنجى قەدەمدىلا تۇغقانلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى كۆپ قېتىم ھۆكۈمدار ئالماشقان يېڭى بىر ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.

بۇ مالىمانچىلىقتا جەسۇر ۋە روھلۇق بىرىسى ئوتتۇرىغا چىقسىلا ئۆز ئالدىغا خېلىلا ياخشى بىر دۆلەت قۇرالايتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ تىمۇرنىڭ نۇرغۇن نەۋرىلىرى ئىچىدىن مۇشۇنداق بىرىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ سۇلتان ئەبۇلغازى ھۈسەيىن بايقارا ئىدى. ئۇ، تەخمىنەن 1458-1459- يىللاردا ھازار دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تاغلىق ساھىلدىكى گۇرجان ۋە مازاندىران ئىلىدە خېلىلا مۇستەھكەم ھالدا يەرلىشىپ، مەملىكىتىنى ئاستا- ئاستا كېڭەيتىشكە باشلىدى. ئۇ، كېيىنچە خوراسان، سېيىستان، بەلخ، ھېرات ۋە خارەزمنى مەملىكىتىگە قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خوراساننى ۋاقتىنچە رەقىپلىرىدىن بىرىگە ئۆتۈنۈپ بىرىشكىمۇ مەجبۇر بولدى. لېكىن،1469-يىلى ئۇ قايتىدىن تەختكە چىقىپ، ھېراتنى ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلىپ بىكىتتى.

ئۇزۇن داۋاملاشقان ھۆكۈمدارلىقى دەۋرىدە (1506- يىلى باھاردا ئۆلدى) ئۇنىڭغا تەۋە يەرلەر قايتىدىن تىنچ بىر ھاياتقا ئىرىشتى ۋە شۇ ۋاقىتقا قەدەر نىسبەتەن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان سەمەرقەند بىلەن غەلىبىلىك ھالدا رىقابەتلەشكەن ھېرات كۈلتۈر ھاياتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى. تىمۇرىيلارنىڭ قۇدرەتلىك دۆلىتىدە مەۋجۇت بارلىق بۈيۈك شەخسلەر، يەنى ئەڭ ياخشى ئالىملار، شائىرلار، يازغۇچىلار، كۇپىيەچىلەر(ئەسەر كۈچۈرگۈچىلەر)، رەسساملار، مۇزىكانتلار، مىمارلار ۋە تۈرلۈك سەنئەت ئۇستىلىرىنىڭ سۇلتان ھۈسەيىننىڭ مەركىزىدە توپلانغانلىقىنى كەسكىنلىك بىلەن ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۆزىمۇ خېلىلا ياخشى شېئىرلارنى يازغان سۇلتان بۇلاردىن بىۋاسىتە پايدىلىناتتى. لېكىن، ئۇنىڭ مەجلىسىدە چوڭ رول ئوينىغان ئەلىشىر نەۋائىينىڭ بۇ ئىشتا قولى بولمىغان بولسا، ئۇ ھېچقاچان بارلىق ئىلىم ۋە سەنئەت ئەربابلىرىنى ئۆزىنىڭ مەركىزىگە بۇنداق توپلىيالمايتتى.

«2»

نەۋائىي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ ئورىگىنال(ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بار-ت) شەخسلەردىن بىرى. خاراكتېرىدىكى ئۈستۈنلۈكلىرى بىلەن پەۋقۇلئاددە بىر ئىنسان. نەزەر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، دۆلەت تەشكىلاتىدا تۇتقان ئالى دەرىجىلىك ئورنىدىن دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى كۆرەلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھەر خىل قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى، يەنى بۈيۈك دۆلەت خادىمى، مۇنەۋۋەر شائىر، تارىخ ۋە ئەدەبىياتنى ئەتراپلىق بىلىدىغان ئالىم، ئۇستا مىمار، رەسسام، مۇزىكانت ۋە ئىنسان قىلالايدىغان ھەر نەرسىگە مۇھەببىتى بار بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ قىممىتى جەمەتىدىكى ئەمىر بەگلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشلىرى بىلەن ئۆلچىنەتتى.

نەۋائىينىڭ قىسقىچە ھاياتى

نەۋائىي 1441- يىلى 9- فېۋرال كۈنى ھېراتتا تۇغۇلغان.ئۇ تىمۇرىيلاردىن ئەبۇلقاسىم بابۇرنىڭ نامىدىن سەبزىۋار شەھرىنى ئىشغال قىلغان غىياسىددىن كىچىكىنەنىڭ ئوغلىدۇر. شاھرۇھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى. كىچىكىنە قېچىشقا مەجبۇر بولدى. نەۋائىيمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. نەۋائىينىڭ ياشلىقى يۇرتىدىن يىراق جايلاردا ئۆتتى. ئۇ بۇ يىللارنى ئوقۇش ۋە ئۈگىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى. مەشھەد بىلەن سەمەرقەندنىڭ ئەڭ ئالىي ئىلىم مۇھىتلىرىدا(مەدرىسلەردە) تىرىشىپ ئوقىدى.

مەملىكىتى قايتىدىن تىنچلىققا ئىرىشكەن چاغدا نەۋائىي دەرھال ھېراتقا قايتتى. 1469-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سۇلتان ھۈسەيىننىڭ تەختكە چىقىش مۇراسىمىدا نەۋائىي ئۇنىڭغا تەنتەنىلىك بىر قەسىدە تەقدىم قىلدى. سۇلتان شائىرنى سارايغا قوبۇل قىلىپ، مۆھۈردار قىلىپ تەيىنلىدى. قىسقىغىلا ۋاقىتتا نەۋائىي سۇلتانغا بىر مۇنچە خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىختىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى. سۇلتان 1472- يىلى ئۇنىڭغا ئەمىر ئۈنۋانىنى بىرىپ(شۇ سەۋەپلىك تارىخچىلار دائىم ئۇنى «مىر ئەلىشىر» دەپ ئاتايدۇ) ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك بىر قولغا تاپشۇرۇلغانلىقىغا چىم پۈتكەن سۇلتان دىققىتىنى دۆلەت ئىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى سەنئەتكە ئاتىدى. لېكىن، شۇ دەۋر شائىرلىرىنىڭ ئىپادىسىغا قارىغاندا، تىمۇرنىڭ بىر مۇنچە ئەۋلاتلىرىغا ئوخشاش ئۇمۇ ئۆزىنى ئىچىملىككە ئۇردى.

نەۋائىيمۇ بۇ مەزگىلدە بۈيۈك ئىشلارغا كىرىشتى. مەكتەپلەر، شىپاھخانىلار، ھامماملار ۋە باغچىلار كەينى-كەينىدىن قۇرۇلدى. نەۋائىي ھەر تەرەپتىن ئىلىم ئىگىلىرىنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ئۇلارغا تارىخىي يىلنامىلارنى ۋە ئەڭ قەدىمكى ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ شەرھىيسىنى يازدۇردى. مۇزىكىشۇناسلارغا ئىلھام بەردى، رەسساملىق، مىمارلىق ۋە خەتتاتلىققا كۆڭۈل بۆلدى. دەۋرداشلىرىدىن بىرىسىنىڭ دېگىنىدەك، شۇ ۋاقىتتا ھەر كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى شۇ كەسپنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشقا تىرىشتى.

نەۋائىي يالغۇز ئىلىم ۋە سەنئەت ساھەسىدىلا يىتەكلەش ۋە ئىلھام بىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھۈنەر ۋە تېخنىكىغىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ئۇستىلاردىن بىرى كاھىشچىلىقنى ئۈگىنىشكە باشلاپ، ئۇزۇن تەجىرىبىلەردىن كېيىن جۇڭگودا ياسالغان شۇ خىل نەرسىلەردىن خېلىلا پەرقلىنىدىغان قاچىلارنى ياسىدى. ئاشۇ ئۇستا ھەر سائەتتەبىر قېتىم مۇۋاپىق بىر بېسىم كۈچىنىڭ ئۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاۋاز ياڭرىتىدىغان توقماقلىق بىر سائەت ياسىدى.

مانا بۇ مەشغۇلىيەتلەر نەۋائىينىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولمىدى. ئۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ۋە چېكىنگەن خەلق ئىگىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ ھەرىكەتلەردە ئۇ ساراي خادىملىرى بىلەن كۈرەش قىلىشقىمۇ مەجبۇر بولدى. ئۇلار دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىسىلزادىلەردىن بولمىغان بىر كىشىنىڭ قولىدا بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايتتى.

ئىختىلاپ ئاخىرى 1488 – يىلى پارتلىدى. لېكىن، بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئۆزىگە قىلىنغان سۇيىقەستتىن خەۋەر تاپقان نەۋائىينىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، 1476- يىلى ۋەزىرلىكتىن قول ئۈزدى. ئەركىنلىككە چىققان ۋاقىتلىرىنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇ بۈيۈك شائىر ۋە شەيخ ئابدۇراھمان جامى بىلەن يېقىن ئۆتەتتى. گۇيا شەيخ بولغانلىقى ئۈچۈن مۆجىزىلىك كۈچلەرگە ئىگە كىشىدەك ئابدۇراھمان جامىدىن ھېيىقاتتى.

سۇفىزم پەلسەپىسىنى مەملىكەتنىڭ ناھايىتى نوپۇزلۇق كۈچلىرى چىرمىۋالغان مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەرۋىشلىك 10-11- ئەسىرلەردىكىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولغان بىر ماھىيەتنى ئىپادە قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىر مۇنچە شەيخلەرنىڭ(مەسىلەن، سەمەقەندتىكى مەشھۇر خوجا ئەھرار كاتتا دىنىي داھى بولدى) پائالىيەتلىرى دۆلەت بىلەن بىرىكىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى بايلىق توپلاش ئىدى.لېكىن، جامى بۇ مۇتەئەسسىپ گۇرۇھنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بۇرۇنقى سۇفىزم ئەنئەنىسىنى قوغدايتتى. ئۇ ئىبن سىنا پەلسەپىسىنىڭ ۋە مەشھۇر ئىبنى ئەرەبىنىڭ ئەڭ قىيىن سۇفىستتىك چۈشەنچىلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئىگەللىگەنلەردىن بىرى ئىدى. نەۋائىي ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئىسلام پەلسەپىسىدىكى بارلىق چۈشەنچىلەرنىڭ دائىرىسىنى كۆرۈپ يەتتى. نەۋائىي جامىنى ناھايىتى يۈكسەك ئۇرۇنغا قويدى. ئۇنى شەيخ دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ مۇرىتى دەپ قارىدى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى تەسۋىرلەيدىغان دىققەتكە سازاۋەر بىر ئەسەر يازدى.

نەۋائىي دۆلەت ئىشلىرىدىن قولىنى تارتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەركەزدە تۇرۇشى سارايدىكىلەرنى ھەر ۋاقىت راھەتسىزلەندۇردى. نەۋائىي شېئىرلىرىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىقبالدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئېسىلزادىلەر ئاشۇ قۇرلارنىڭ بىر مۇنچىسىدا غەم-ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىنى ئىچىملىككە ئۇرغان سۇلتاننىڭ ئەتراپىدا ئەۋجى ئالغان قانۇنسىزلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى. ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن دۆلەت خىزمىتىدىن چېكىنگەن نەۋائىيدىن قورقاتتى، چۈنكى ئەسەرلىرىنىڭ خەلق ئىچىدە تارقىلىشى نەتىجىسىدە ئېتىبارى ئەسلىدىلا تۈۋەن بولغان ئېسىلزادىلەرنىڭ تامامەن تۈگىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

نەتىجىدە نەۋائىي قايتىدىن دۆلەت مەمۇرى بولدى. ئۇنى ئەستەرابادنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ۋىلايەتنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتىشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرگۈندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. دۈشمەنلىرى سۈرگۈننىڭ باشقا شەكلىنى تاللىيالمىدى. چۈنكى، نەۋائىينى ھەممە كىشى ياقتۇراتتى، ھەر تەبىقىدىكى خەلقنىڭ ناھايىتى چوڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ئىدى.

نەۋائىي ئەستەرابادتا پائال ۋە جانلىق بىر ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. بىراق، ئۇنى ئۆزىگە تارتىۋاتقىنى يەنىلا ھېرات ئىدى. ئۇ بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرگىنىدەك، بۇ يەردە يەنە دوستلىرى، كۆڭلى يېقىن شائىرلار ۋە ئۇستازى جامى بار ئىدى. ئۇ قايتىش ئۈچۈن رۇخسەت ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىندى. بۇ مەزگىلدە دۈشمەنلىرى ئۇنىڭدىن تامامەن قۇتۇلماقچى بولۇپ، ئۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. بۇ سۇيىقەست مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەمما، غەزەپلەنگەن نەۋائىي دۆلەت خادىملىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى ئالدىدا ئىتائەت قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئويلاپ، ئۆزلىكىدىنلا ھېراتقا قايتتى. بۇ قېتىم دۆلەت خىزمىتىدىن قول ئۈزۈپ،«مۇكەررەبۇل -ھەزرەت» ئۈنۋانى بىلەن مەركەزدە قېلىشقا رۇخسەت ئالدى.

بۇ يىللارنى يۇرتىدا تولىمۇ بىئارامچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. يوشۇرۇن ئىزىغا چۈشىدىغان ئىشلار ھېچ توختىمىدى. 1492- يىلى جامى ئالەمدىن ئۆتۈپ، نەۋائىي ئەڭ يېقىن دوستىدىن ئايرىلدى. ئىشلار شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، نەۋائىينىڭ ئىنىسى دۆلەتكە ئاسىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئەمدى نەۋائىي يۇرتىدىن تامامەن يىراق تۇرۇشنى ۋە ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن ھېراتتىن مەككىگە كېتىشنى ئويلىدى. لېكىن، ھېچقانداق يەرگە كېتەلمىدى.

1500- يىلى سۇلتان بىلەن ئوغلىنىڭ ئارىسى بوزۇلدى. سۇلتان مەركەزنى تەرك ئىتىشكە ۋە ئەسكەر باشلاپ ئوغلىغا قارشى يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا ھېراتتا دۆلەت ئىشلىرى نەۋائىي بىلەن ساراي خادىملىرىدىن بىرىگە تاپشۇرۇلدى. شۇ يىلى دېكابىردا سۇلتان ھۈسەيىن ئىشلىرىنى رەتكە سېلىپ ھېراتقا قايتتى. ئادەت بويىچە ئەمىرلەرنىڭ ئۇنى قارشى ئېلىشى شەرت ئىدى. 28- دېكابىر كۈنى سەھەردە نەۋائىي ۋە باشقا ئەمىرلەر شەھەردىن چىقتى. ھۆكۈمدار مۇلازىملىرى بىلەن يېقىنلاشقاندا، نەۋائىي ئېتىدىن چۈشۈپ سالامغا ھازىرلاندى. لېكىن، تېنى بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەچكە، سالامدىن كېيىن قەددىنى رۇسلىيالمىدى. ئۇنى ھېراتقا ئېلىپ كېلىپ تىۋىپكە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتتى. 1501- يىلى 3- يانۋار كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ بارلىق كىسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدى. ئۇ ھېراتتىكى چوڭ جامەنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى، دەپنە مۇراسىمىغا پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى قاتناشتى.

سۇلتان ھۈسەيىن باش ۋەزىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن كۆپ ياشىمىدى. مەملىكىتىنىڭ ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆردى. 1506- يىلى باھاردا يېڭىدىن مەيدانغا چىققان كۈچلۈك دۈشمىنى شەيبانىخانغا قارشى يۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا ئالەمدىن ئۆتتى. 1507- يىلى ھېرات يېڭى بويسۇندۇرغۇچىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ھۈسەيىننىڭ ئەۋلاتلىرى يوقىتىلدى.

«3»

يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىلگىنىدەك، ھېراتنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ ئىدى. ئۇ دەۋردىن قالغان خاتىرىلەردىن ھەر مەجلىستە چوقۇم شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ بولغانلىقىنى، ئەدەبىي مۇنازىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە شائىرلارغا ناھايىتى زور ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلۇپ، ئۇرۇندىيالىغانلارنىڭ نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىنى بىلىپ يىتىمىز.

ھېرات مۇھىتىدا يىتىشكەن ئەدىپلەردىن ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىش يىتەرلىكتۇر. بۇلار يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان، ناھايىتى بىلىملىك ۋە ئىقىتىدارلىق جامى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن جىيەنى خاتىفى(1521-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، نەۋائىينى شېئىرلىرىدا مەدھىيلىگەن ئەھلى شىرازى(1536 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، خېلىلا ئىستىداتلىق بولسىمۇ، بەزى ئۇستاتلارنىڭ ئىتىرازلىرىغا ئۇچرىغان ئەستەرابادلىق خەلىلى(1532- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر ماھارەتكە ئىگە بولغان ۋە ناھايىتى قىزىقارلىق خاتىرىلەرنى قالدۇرغان تاجىك شائىرى ۋاسىفى قاتارلىقلاردۇر.

ھېرات ۋائىزى ھۈسەيىن كاشىفى(ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى 1504- 1505-يىللارغا توغرا كىلىدۇ) ھايۋانلارغا ئائىت مەنقىبە كىتابى «كەلىلە ۋە دىمنە»نى شەكىل ماھارىتى جەھەتتە ھېلىمۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە ناھايىتى دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئۇسۇلدا ئىشلەش ئارقىلىق گۈزەل بىر نەسرىي ئەسەر ئۆرنىكىنى ياراتتى.

پارس تىلىدا ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا خاتىمە بىرىشنى ئېسىلزادىلەردىن ھەۋەسكار يازغۇچى دۆلەتشاھ سەمەرقەندى سىناق قىلدى. ئۇنىڭ «تەزكىرەئى شۇئارا» ناملىق ئەسىرى كەمتۈك ۋە خاتالىق كۆپ بىر ئەسەر بولسىمۇ، ھېراتنىڭ ئەدەبىي مۇھىتىدا كۆپ قوللىنىلغان ئەسەرلەرنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ناھايىتى قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلەر تارىخچى مىرخاند بىلەن سۇلتان ھۈسەيىننىڭ ئەمرى بويىچە نەۋائىي بىئوگرافىيەسىنى يازغان خاندېمىر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. بۇ ئىككى تارىخچىنىڭ تارىخىي يىلنامىلىرىنىڭمۇ ناھايىتى پىشقان بىر ئەدەبىي تىل بىلەن ھەم ئاجايىپ نادىر سېلىشتۇرما، مەجازىي ۋاسىتىلەر ۋە كەڭ دائىرىلىك شېئىرىي پارچىلار ئارقىلىق بىزەلگەن بىر نەسرىي شەكىل بىلەن يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەك. بۇ يىلنامىلارنى ئوقۇپ چىقىش بىلىمگە ئىرىشىش جەھەتتىن دىققەتكە سازاۋەر بولغىنىدەك، يەنە كىشىگە بەك يۇقىرى بىر بەدىئىي لەززەتمۇ بېرىدۇ.

ئاشۇ چاغدا ھېراتتا دەۋرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇستاتلىرىنىڭ توپلانغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەسەرلىرىنىڭ يالغۇز شەكىل جەھەتتىكى مۇكەممەللىكىگە دىققەت قىلىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە جەملەشتۈرگەن ئورتاق بىر خۇسۇسىيەت ئىدى. شائىرنىڭ ئەسەرلىرىدە قوللانغان ئۇسلۇبى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ تەرجىمىلىرىنى چۈشەنگەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق بىر شەكىل قىيىنچىلىقىنىڭ ئۆزىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىدى. ھەر بىر شېئىر مەيلى چوڭ بىر قەسىدە ياكى كىچىك بىر غەزەل بولسۇن، شائىرلارنىڭ تەدبىقلىغان شەكلى مۈشكۈل بىر ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشىدە ھەيرانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئەھلى شىرازى ئىككى قاپىيەلىك، قوش مەنىلىك ۋە ئىككى خىل ۋەزىنلىك بېيىتلەردىن تەشكىل تاپقان نەزمىلەرنى يازدى. غەزەلدە قىيىن قاپىيە ۋە رەدىفلەرنى تاللاش بۇ شېئىرلارنىڭ ھەربىر بېيىتىدىكى جۈپ سۆزلەرنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەت ئومۇملاشقان بىر ئۇسلۇب ئىدى، ھەمدە بۇ سۆزلەرنىڭ بىر بىرىگە باغلىنىشى جەھەتتە قىيىن بولۇشىغا دىققەت قىلىناتتى.

شېئىرنىڭ شەكىل تەرىپىگە بۇ قەدەر ئەھمىيەت بىرىلىشىنىڭ بەزىدە تېمىغا پايدىسىز نەتىجىلەرنى بەرگەنلىكى تەبىئىيلا ھېس قىلىنىدۇ. بۇنچە كۆپ زېھىن خورىتىدىغان توسالغۇلاردىن ھالقىغاندا، خاس بىر شەكىلدىكى تىرەنلىك، پىسىخىلوگىيەلىك تەتقىقاتلار ۋە باشقا ئامىللاردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس بىر تېما بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىش ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.

شەكىلنىڭ پەۋقۇلئاددە قىيىنلىقى سەۋەبىدىن، بۇنى شېئىر سەنئىتىنىڭ پۈتۈن سىرلىرىنى ۋە زېھىن خورىتىدىغان ئويۇنىنىڭ بارلىق ئىنچىكە نوقتىلىرىنى بىلىدىغان تەجىرىبە ئىگىلىرىلا ئوقىيالايتتى. مەلۇمكى، بۇ ئەدەبىيات ناھايىتى تار بىر مۇھىت ئۈچۈن يارىتىلدى. ئۇنىڭدا كەڭ ئاۋامنىڭ پىكىرلىرىگە ئېتىبار بەرمەسلىك خائىشى بار ئىدى.

بۇرۇنقى ئەنئەنىدىن ئايرىلماي «يېڭى پارسچە» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئەدەبىي تىل شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى قوللىنىدىغان بىر تىل ئىدى. بۇ تىلنى بۇخارا ۋە سەمەرقەندتە 10- ئەسىردىكى ئىران شائىرلىرى ئالاھىدە بىر شەكىلدە پىششىقلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە ئاق دېڭىز ساھىللىرىدىن گەنجگە قەدەر بولغان كەڭ رايونلاردا ھۆكۈمرانلىقىنى داۋام قىلدۇردى. بەش يۈز يىل جەرىيانىدا سابىق ئەرەب خەلىپىلىكىگە مەنسۇپ بولغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا قالغان ھەر بىر زىيالىنىڭ بۇ تىلنى پىششىق بىلىشى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. چۈنكى، بۇ تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرلۈك خەلقلەر ئىشتىراك قىلىپ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ مىللىي قىممەتلىرىنى قوشقان ئىدى.

11-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ تىل بىلەن بىرلىكتە تۈركچىنىڭمۇ ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىشقا باشلىغانلىقى كۆرۈلدى. 1069-1070–يىللىرى قەشقەردە بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ ئۇيغۇر تىلىدا «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق بىر شېئىرىي ئەسەرنى يازدى.12- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەيخ ئەھمەد يەسەۋى ئارال ۋە ھازار دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاھالىگە تۈركچە بىلەن خىتاپ قىلىشقا تىرىشتى. قىپچاق تىلىدىكى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئالتۇن ئوردۇنىڭ مەركىزى سارايدا(14-ئەسىردە) ۋۇجۇتقا كەلدى. ئۇ يەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالاھىدە غەلىبىمۇ، بۇنىڭغا يېقىن بىر دەۋردە ئاناتولىيەدە يىتىشكەن شائىرلارنىڭ ئىرىشكەن پارلاق نەتىجىلىرىمۇ يېقىن شەرقتىكى مەملىكەتلەردىن ئۆتكەن موڭغۇل يۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئىزاھلانماقتا. موڭغۇل ئىشغالىيىتى ئىران ئارىستوكراتلىرىغا ئېغىر بىر زەربە بولدى. ئىراننىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن پارسچىنىڭ نوپۇزىمۇ تەۋرەپ كەتتى. لېكىن، تۈركچىدىكى ھەر قانداق بىر شىۋىنىڭ پارسچىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز ئېچىش يەنىلا قىيىن ئىدى. تۈرك ئەدىپلىرىنىڭ تۈركچىنىڭ پارسچىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى ۋە ئۇنى پارسچە بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە قىلىشى ئۈچۈن بارلىق قەدىمىى ئەدەبىي ئەنئەنىلەرنى چۈشىنىشى زۆرۈر بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ تۈركچىنىمۇ شۇنداق دەرىجىدە ئىگەللىشى، يەنى ئۇنىڭ بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر شەكىل جەھەتتىن ئىران ئەدەبىياتىدىن تۈۋەن تۇرمايدىغان ھالەتتە بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ دەۋردىكى ئىران ئەدەبىياتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق ۋە شائىرلارنىڭ بىر مۇنچىسىنىڭ ئەدەبىي قۇدرىتىنى تۈركچىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا(ئىران ئەدەبىياتىغا-ت) بېغىشلىغانلىقىنى ئەسلەيدىغان بولساق، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ئومۇمەن مۇمكىن ئەمەسلىكى ھېس قىلىنىدۇ.

ھالبۇكى، دەۋر بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كۈتەتتى. ھۆكۈمدارلارمۇ مۇشۇنى مەقسەت قىلاتتى. 11-،12- ئەسىرلەردىكى تۈرك ئارىستوكراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولغان غەزنەۋىيلەر ۋە سەلجۇقلار ئەدەبىي نەتىجىلىرىنى ئادەت بويىچە يا پارسچە، يا ئەرەبچە يازدى. ھالبۇكى، كۆپۈنچىسى ئەدەبىي قابىلىيەتكە ئىگە تىمۇرىيلار ھۆكۈمدارلىرى ئەمدىلىكتە نەزىرىنى تۈركچىگە بۇرىدى. ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان تىل تىمۇر خانىدانلىقىنىڭ دەستلەپكى ئەجدادى بولغان چاغاتاينىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ تىلنى قوللانغانلارمۇ ئۇنى«تۈركى» ياكى «تۈركچە» دەپ ئاتىدى. چۈنكى، بۇ ئاتالغۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئولتۇراقلاشقان ھەر قانداق بىر تۈركىي خەلقنى ئەمەس، بەلكى مۇمكىن قەدەر ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە كېرەك ئىدى. بۇ تىل چاغاتاي ئۆزبەك ئەدەبىي تىلىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئالىملار ئۇنىڭغا «قەدىمكى ئۆزبەك تىلى» دېگەن نامنى بىرىشنى ئارزۇ قىلماقتا. بۇ ئارزۇ ئاساسسىز ئەمەس. بۇ تىلنى قوللانغانلاردىن «نامەئى ئىشقى»نى يازغان تىمۇرنىڭ نەۋرىسى سەييىد ئەھمەدنى، ھىندىستاندىكى بۈيۈك موغۇل ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە لېرىك شېئىرلاردىن ياخشى بىر دىۋاننى، ناھايىتى قىزىقارلىق، تەرتىپلىك ۋە ئوچۇق بىر تىل بىلەن «بابۇرنامە» ناملىق خاتىرىنى يازغان ئىمپېراتور بابۇر(1482-1530)نى ۋە «ھۈسەينى» دېگەن تەخەللۇس ئاستىدىكى لېرىك شېئىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىۋاننىڭ ئاپتورى سۇلتان ھۈسەيىننى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن شائىرلارمۇ ئەمدى ھۈنىرىنى پارسچىدا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەدەبىياتىدا قوللىنىشقا تىرىشتى. بۇ ساھەدە ئەمىرى، ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى(1395-1492) ۋە باشقا سەنئەتكارلار غەلىبە قازاندى.

شائىرلارنىڭ بۇ غەلىبىلىرى بىلەن مەسىلە ھەل بولدى دېگىلى بولمايتتى. قابىلىيەتلىك، ئەمما بىلىمى يۈزەكى بولغان ھۆكۈمدار ھەۋەسكار ئۈچۈن بۇقەدەر زور مەسىلە ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئىش ئىدى. مانا ئۇلارنىڭ قىلالمىغانلىرىنى نەۋائىي ئالاھىدە بىر شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ دانا شائىر پەۋقۇلئاددە قابىلىيەتلىك بولۇشتىن سىرت، ھەقىقىي بىر ئالىمنىڭ قۇدرىتىگە ئىگە ئىدى، تۈركىي تىلنىڭ ئەتراپلىق ئۈگىنىلىشى ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقاتىدىن كېيىن تۈركچىنىڭ قوللىنىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندى. تىل ھەققىدىكى ئەستائىدىل تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق بۇ تىلنىڭ بايلىقى ۋە ئوچۇقلىقى بىلەن پارسچىدىن تۈۋەن تۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكىنىدەك، ياخشى قوللىنىلسا تېخىمۇ چوڭ ئىمكانىيەتنىڭ يارىتىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى. ئۇ ئەسلى مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن تەييارلىقىنى بارلىق قەدىمىى ئەدەبىي غەزىنىلەرنى ۋە ئىران ئەدەبىياتىنىڭ شەكىل ئادەتلىرىنى ياخشى ئۈگىنىشتىن باشلىدى. پارسچە ئۈگەنگەنلىكىنى ئۇنىڭ پارسچە يازغان دىۋان(لېرىك شېئىرلىرى توپلانغان)ىدىن بىلىمىز. ئۇنىڭدا «فانى» تەخەللۇسىنى قوللاندى. «نەۋائىي» دېگەن نامنى تۈركچە يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتتى.

كېيىنچە پارسچە شېئىرلارنىڭ شەكلىنى تۈركچىدە تەدبىقلاشقا باشلىدى. نەۋائىينىڭ تۇنجى دىۋانى 24 ياش ۋاقتىدا، يەنى 1465-1466- يىللاردا ئاخىرىقى شەكلىنى ئالدى. لېكىن، ئۇ لېرىك شېئىرلارنى يېزىشنى قېرىغىچە داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ تۆت لېرىك دىۋانى ھاياتىنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئەدەبىيات تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى «مەجالىسۇن- نەفائىس»تە ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ ئەسەردە تۈرلۈك شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن سۆز ئېچىلىدۇ. بۇ ئەسەرگە جامى ۋە باشقا ئىككى شائىرنىڭ ھاياتىنى تۇنۇشتۇرىدىغان ئۈچ پارچە كىچىك ئەدەبىي مونوگرافىيەمۇ قوشۇلغان.

تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىر نەزەرىيەلىرى ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ «مۇھاكىمەتۇل – لۇغاتەيىن»دىكى ۋەزىن، شېئىر ۋە تېپىشماق تۈزۈش ھەققىدىكى كىچىك تەتقىقاتلىرىدا ئۇچرايدۇ. بىر مۇنچە ئەسەرلىرى تارىخىي تەتقىقاتلارغا، ئىراننىڭ قەدىمكى ھۆكۈمدارلىرى، پەيغەمبەرلىرى ۋە مەشھۇر تەسەۋۋۇپ شەيخلىرىگە بېغىشلاندى.

1483-1485- يىللاردا يازغان ئالتە چوڭ شېئىرىي ئەسىرى ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇلار پەلسەپىۋىي بىر تېمىدىكى «ھەيراتۇل – ئەبرار»، مەجنۇننىڭ تىراگىدىيەلىك مۇھاببىتىنى ھېكايە قىلىدىغان «لەيلى ۋە مەجنۇن»، «فەرھاد ۋە شىرىن»، ساسانى ھۆكۈمدارى بەھرام گۇرنىڭ ۋەقەلىكىنى تەسۋىرلەيدىغان «ھەفت پەيكەر»، «سەددى ئىسكەندەر» ياكى ماكېدونىيەلىك ئىسكەندەرنىڭ ۋەقەلىكى ۋە «لىسانۇت- تەير» ناملىق ئاللىگورىك نەزمە قاتارلىقلاردۇر.

بۇ قىسقا ماقالىدا نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالمايمىز. ئەسەرلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ تېمىلار ئۈستىدە توختالغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. ھەقىقەتەن، دەۋرىنىڭ ئەدەبىياتىدىكى مەۋجۇت تۈرلەرنىڭ بۇ تىزىملىكتە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. بۇ ھال بىر تاسادىپىيلىقنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. بۇ نەۋائىينىڭ تامامەن ئاڭلىق ھالدا رەقىپلىرى بىلەن ھەر سەپتىن كۆرەش قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نەۋائىي نۆۋەت بىلەن بارلىق ئەدەبىي تۈرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق تۈركچىنىڭ مەجازىي ئىپادىلەرنىڭ ئەڭ نازۇك بەلگىلىرىنىمۇ ئىلمىي بىر تىل سۈپىتىدە قوللىنىشقا ماس كىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىگە كەلسەك، ئالدى بىلەن بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ئالتە پارچە ئەسەرنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ پارسچە يازغان شېئىرىي ئەسەرلىرىگە نەزىرە تەشكىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى بەش پارچە شېئىرىي ئەسەر بۈيۈك ئەزەرى شائىرى نىزامىنىڭ مەشھۇر «خەمسە»سىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ قايتا قولغا ئېلىنىشىدۇر. كېيىنكى بىر پارچە شېئىرىي ئەسىرىمۇ تەسەۋۋۇپچى شائىر فەرىدەددىن ئەتتار( 1119 – 1230)نىڭ «مەنتىقۇت –تەير» دېگەن ئەسەرىگە يازغان بىر نەزىرەدۇر.

بۇ خىل نەزىرەلەرنى يېزىش غەربىي ئاسىيادا كەڭ تارقالغان بىر ئادەت ئىدى. بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇنداق: شائىر ئالدىنقىلارنىڭ تېمىسىنى قولغا ئېلىپ، ئەسلى قەھرىمانلارنىڭ ئىسمىنى ۋە تېمىنىڭ تەرەققىيات جەرىيانىدىكى بەزى مۇقىم نوقتىلارنى ئەينەن ساقلاپ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تەرەققىياتى، قەھرىمانلارنىڭ ھەر قانداق بىر پائالىيىتىنىڭ بايانى ۋە ۋەقەلەرنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئۆز قارىشى بويىچە يازىدۇ. بۇ ئالدىنقىلار بىلەن بولغان بىر خىل بەسلىشىشتۇر. ئوقۇرمەن(نەزىرە يېزىلغان ئەسەرنى بىلگەن تەقدىردە) ئەسەرنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن بىلىدۇ، ئوقۇغاندا تېمىنىڭ قانداق ئاخىرىلىشىدىغانلىقىغا ھەۋەس قىلماي، بەلكى مۇئەللىپنىڭ ئۇنى قانداق شەكىلدە يېشىدىغانلىقىغا، قەھرىمانىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىغا قىزىقىدۇ. شېئىرىي ئەسەرنىڭ نامى ئەسلىدىكىسىنىڭ نامىدىن باشقىچىراق بىر شەكىلدە قويۇلىدۇ، ۋەزنىنى تەكرارلايدۇ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر خىل قاپىيەدە بولىدۇ.

نەزىرەنىڭ ياۋروپانىڭ قەدىمكى دەۋر ئەدەبىياتىدىمۇ، 19-20- ئەسىرلەردىمۇ ئېنىق كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. لېكىن، ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا ئەدەبىياتىدا نەزىرە تۈرى بار ئىدى. مۇئەللىپ ئورىگىنال بولۇشقا – خاسلىق يارىتىشقا تىرىشىپ ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن، ھەر قەدەمدە ئەسەر قەھرىمانلىرىنى ھەر خىل قىياپەت بىلەن ئوخشىمىغان بىر دەۋرگە قويۇپ جانلاندۇرۇش ئارقىلىق نەقىللەرنى يوشۇرۇپ، ئالدىنقىلاردىن ھەر قانداق بىرىنىڭ تېمىسىنى تەكرارلايتتى. ئوتتۇرا ئەسىر شەرق شائىرى ياۋروپالىق شائىرغا نىسبەتەن تېخىمۇ كەمتەر ئىدى. چۈنكى، ئەسىرىدە ھەر ۋاقىت ئوقۇرمەننى خەۋەردار قىلىدىغان خۇسۇسىيەت بار ئىدى. شۇنى بىلدۈرىشىمىز كېرەككى، بۇ نەزىرەنىڭ ئەسلىگە يېقىنلىقى كۆپ خىل ئىدى. ئادەتتىكى شائىرلارنىڭ قوپال ۋە شەكىلسىز نەزىرەلىرى كۆپۈنچە ئەسلىنىڭ ناچار بىر كوپىيەسى بولسىمۇ، نوقسانسىز شائىرلارنىڭ نەزىرەلىرى ئومۇمەن مۇستەقىل بىر مەنىگە ئىگە، تامامەن ئورىگىنال بىر ئەسەردۇر. بەزىدە ئوخشاش تەرەپلەر شۇ قەدەر ئاز ئىدىكى، قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى تەكرارلانغان بولسا، شېئىرنىڭ بۇرۇنقىلاردىن ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ شېئىرىگە يېزىلغان نەزىرە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

نەۋائىينىڭ شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلغاندا بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. غەرپ شەرقشۇناسلىرى نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ نىزامىنىڭ «خەمسە»سى بىلەن تېما جەھەتتىن ئوخشاشلىقىغا ئاساسلىنىپلا نەۋائىينىڭ ئورىگىنال تەرىپىنىڭ بولمىغانلىقىنى ۋە پارسچىدىن تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مەسىلە بۇ شەكىلدە قولغا ئېلىنسا، نەۋائىينىڭ دوستى جامىنىڭ ئەسەرلىرىگە نىمە دېيىش كېرەك؟ چۈنكى، ئۇمۇ نىزامىنىڭ ئەسەرلىرىگە نەزىرە يازغان ھەمدە بۇنى پارسچە يازغان. يەنى بۇ بىر ئەسەرنى پارسچىدىن پارسچىغا تەرجىمە قىلغاندەك بىر ئىش ئەمەسمۇ…

ئىككى ئەسەرنىڭ بىر بىرىگە يېقىنلىقىنى بىكىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى ناھايىتى تەپسىلى سېلىشتۇرۇش كېرەك. ھالبۇكى، غەربىي ياۋروپا ئىلىم ساھەسى بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇشنى خالىمايدۇ. شەرق ئەدەبىياتى ئومۇمەن چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، كۆپ توختىلىشقا تىگىشلىك بولغان نەۋائىيمۇ ئىلىم ساھەسىنىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قالدى. نەۋائىينىڭ ھەر خىل ئەسەرلىرىدىن ھېچ قايسىسىنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر ئىلمىي – تەنقىدىي شەكىلدە نەشىر قىلىنماسلىقى بۇنى تەستىقلايدۇ. ھېلىمۇ ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئاشۇ ئەسەرلەرنىڭ تاش باسمىسىدىن پايدىلانماقتا. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ توغرىلىقى گۇمانلىقتۇر. لېكىن، ھازىر نەۋائىينىڭ ھايات ۋاقتىدا كۆچۈرۈلگەن ۋە ئالاھىدە مىنياتۇرلار بىلەن بىزەلگەن مۇكەممەل قول يازمىلىرىنىڭ بىر مۇنچىسىغا ئىگە كۇتۇپخانىلارنىڭ ماتىرىياللىرىغا تايىنىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى نەشىرگە تەييارلانماقتا.

كېيىنكى يىللاردىكى تەتقىقاتلار نەۋائىي ئەسەرلىرىگە تەرجىمە سۈپىتىدە قاراشنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى. شېئىرلىرىنىڭ نىزامى ۋە قىسمەن ھالدا نىزامىنىڭ دەستلەپكى تەقلىدچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە پارسچە يازغان مەشھۇر ھىندى شائىرلىرىدىن ئەمىر خۇسرەۋ دېھلىۋى(1253-1325)نىڭ ئەسەرلىرىگە يېزىلغان نەزىرە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. لېكىن، بۇ ئەھۋالمۇ بىر تاسادىپىيلىق ھېساپلانمايدۇ. نەۋائىي ئەھمىيەتلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلىغاندا، ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى شۆبھىسىزكى شەرقنىڭ ئەڭ بۈيۈك شائىرىنى ئۆزىگە رەقىپ قىلىپ تاللىدى. نىزامىنىڭ ئىزىدىن ماڭغاندا، ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنىشتىن قورقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پارسچە ئارقىلىق ئىرىشكەنلىرىگە ئۆزىنىڭ تۈركچە ئارقىلىق ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە غەيرەت قىلدى.

نەۋائىي بىلەن نىزامىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتلار نىزامى ئەسەرلىرىنىڭ نەۋائىي ئۈچۈن ئىلھامدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. تېمىلىرىدىكى دوقۇرۇشلار ھەممىلا يەردە كۆرۈلمەيدۇ. نەۋائىي دائىم نىزامىنىڭ موتىفلىرىنى بىر ئەسەردىن يەنە بىرىگە پۈتۈن كومپوزىسيوننى ۋە قەھرىمانلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتكەن ھالەتتە ئۆتكۈزگەن. ئېھتىمال بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ مىسال بولىدىغىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «فەرھاد ۋە شىرىن»دۇر. بۇ ئەسەرنىڭ نىزامىنىڭ «خۇسرەۋ ۋە شىرىن» ناملىق ئەسىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىق. نەۋائىي ئۆزىمۇ ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇشۇ ھەقتە سۆز ئېچىش ئارقىلىق بۇنى تەستىقلىغان. لېكىن، تۈزۈلۈش يۈزىسىدىن ئەسەر شۇ قەدەر پەرقلىقكى، باش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسمى ئوخشىمىغان بولسا ئىككى ئەسەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ پەرق ئىتىشىگە ئىمكانىيەت يوق.

«4»

نىزامىنىڭ «خۇسرەۋ ۋە شىرىن» دېگەن ئەسىرى 1181- يىلى يېزىلغان بولۇپ، 1191-يىلى قايتا تۈزۈتىلگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن. ئاساسىي ۋەقەلىكى ئىران ھۆكۈمدارى پەرۋىز خۇسرەۋⅡ(590-628) بىلەن گۈزەل مەلىكە شىرىننىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىدۇر. بۇ ئىراندا ئەرەبلەرنىڭ ئىستىلاسىدىن بۇرۇنمۇ يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، 15- ئەسىردە ئىران ساراي يىلنامىلىرى(ساسانىيلارغا ئائىت) ئارىسىدا بۇ ھەقتىكى شەكلى نامەلۇم خاتىرە بار ئىدى. مانا شۇنداق قانۇنلاشقان ھېكايىلاردىن باشقا خەلق ئارىسىدا ئەسەرنىڭ قەھرىمانلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر مۇنچە ھېكايىلارمۇ بار ئىدى. بۇ ھېكايىلار شىرىننىڭ مەملىكىتى بولغان ئەرراندا ئوتتۇرىغا چىققان. چۈنكى، نىزامى «بەردەئە» ھېكايىسىنىڭ ساسانىي يىلنامىلىرىغا تايانغان فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سىدىكى شەكلىدىن پەرقلىق بولغان بىر ۋارىئانتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نىزامى ئەسىرىگە تۇتۇش قىلىشتىن سەل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن تۇنجى ئايالى ئافاق ئىسىملىك گۈزەل قىپچاق دىدىكىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشكە تىرىشتى.

شائىرنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، شىرىن ئافاققا ئوخشىتىلىپ،ئەسەرنىڭ مەركىزىي نوقتىسى قىلىندى. نىزامى ئىككى چوڭ پىسىخىلوگىيەلىك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يەنى ئىككى قەھرىمان شىرىننى سۆيىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى خۇسرەۋدۇر. ئۇ ناھايىتى كىلىشكەن،جەسۇر،ساراينىڭ پۈتۈن ئويۇنلىرىغا ماھىر، لېكىن يەڭگىلتەك، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان،قارارسىز، كەسكىن بىر ئىش كۆرۈشتىن ھاياتنى ئۆز مەيلىچە ئۆتكۈزۈشنى ئەۋزەل بىلىدىغان بىرىدۇر. خۇسرەۋ بەكمۇ شەخسىيەتچى، ئويۇنخۇمار بولۇپ، مەقسىتىگە يىتەر-يىتمەيلا بارلىق ئوتلۇق قەسەملىرىنى ئۇنتۇپ، يېڭى بىر مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىگە ئۆزىنى ئاتىدۇ.

يەنە بىر ئاشىق قەھرىمان فەرھادتۇر. ئۇ پەقەت بىر ھۈنەرۋەن، لېكىن ئۆز ھۈنىرىنىڭ ئۇستىسى بولۇپ، بۇ ساھەدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بىر توسالغۇ يوق. قولىدىكى كۇچ-قۇۋۋەت ۋە تەڭداشسىز ھۈنىرى ئۇنى قاتتىق گرانىت تاشنى پارچىلاپ، تەبىئىي قىيادىن مۇكەممەل بىر مىمارلىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق تەسىراتلىرىنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. فەرھاد شىرىننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. شىرىن ئۇنى ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سارايغا چاقىرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقماي، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ كۆرىشىدۇ. فەرھادنىڭ مۇھەببىتى خۇسرەۋنىڭكىگە تامامەن ئوخشىمايدۇ. بىرىسىگە ئاشىق بولسا پۈتكۈل ئىرادىسى ۋە ئۆزىنى سۆيگۈنىگە تاپشۇرىدۇ. ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئىرىشمىسىمۇ، ئۆزى ئۈچۈن ھېچ نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ كۆيدۈرۈشى ۋە ئازابى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل مۇكاپاتتۇر. فەرھاد ئىش– ئەمگەكنىڭ شەخسلەندۈرۈلۈشى بولۇپ، مىللەتنىڭ يېڭىلمەس كۈچىنى تەسۋىرلەيدىغان ھەيۋەتلىك بىر ھەيكەلگە ئوخشايدۇ.

شىرىن فەرھادنىڭ سۆيگۈسىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدۇ. ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ قەلبىنى پەقەت خۇسرەۋگىلا تاپشۇرغاچقا، فەرھادنى سۆيۈشكە ئامالسىز ئىدى. شىرىن خۇسرەۋنىڭ بۇنىڭغا لايىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. خۇسرەۋ ئىنسانىيلىق جەھەتتە فەرھاد بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان، ھەتتا نۇمۇسسىزلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر كىشىدۇر. شىرىن بەزىدە بۇ ھەرىكىتىدىن نۇمۇس قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ، ئۆزىنى يىڭەلمەيدۇ. مۇھەببەت ئەقىل ۋە مەنتىقىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئەڭ مۇكەممەل ئايالمۇ ئۆزىگە لايىق كەلمەيدىغان بىر ئەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويىدۇ. شىرىن مۇمكىن بولغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن قانائەتلىنىدۇ ۋە قولغا كەلگەن بارلىق ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ خۇسرەۋنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ. لېكىن، بۇ تولىمۇ مۈشكۈل بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ. خۇسرەۋ يەنىلا ئويلانماي ئىش قىلىۋىرىدۇ. ئەمما، شىرىننىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتى ھەممىدىن غالىپ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا خۇسرەۋ ئۆزىنى پىدا قىلالايدىغان بىر قەھرىمان سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.

مۇھەببەت فەرھادقا كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلدۇرىدۇ. ئۇ بىستون تېغىدىن يول ئاچىدۇ. تەبىئىيكى، ئۇنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى يەنىلا شىرىننى خۇسرەۋدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ. ئەمگەكلىرىنىڭ پايدىسىز بولۇشىمۇ ئۇنىڭغا ئايدىڭ ئىدى. لېكىن، خۇسرەۋ بۇنى بىلمەي، ئۇنىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇن سۇيىقەست بىلەن كۆزدىن يوقىتىدۇ.

نىزامىنىڭ ئەسەردىكى ئاساسىي مەقسىتى ئىككى قەھرىماننىڭ روھىي كۈرىشىنى كۆرسىتىشتۇر. ئەڭ مۇھىم مەركىزى نوقتا مۇشۇ يەردە. شۇ ۋەجىدىن نىزامى ئەسىرىدە دىئالوگقا كۆپ ئورۇن ئاجرىتىپ، قەھرىمانلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ نازۇك ھېسلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان. ئەسەردە كۆپ ئۇچرايدىغان تاشقى كۆرۈنىشلەر تازا رەڭدار بولمىسىمۇ، لېكىن ئاساسىي بەلگىلىرى كۆرسىتىلگەن. فىردەۋسىنىڭ ئەسىرىدە خېلى تەپسىلى بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنى نىزامى كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق نەرسىلەردىن سۆز ئېچىشنىڭ لازىمى يوق دەپ قاراپ ئەسەرگە زادى كىرگۈزمىگەن.

نەۋائىينىڭ ئەسىرىگە نەزەر تاشلىساق، ئۇنىڭدا تامامەن باشقىچە بىر كومپوزىسيون بىلەن ئۇچرىشىمىز. ئالىملىرىمىز خۇسرەۋنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆرۈنىشىنى بىر قانچە قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتتى. نەۋائىينىڭ قەلىمىدىكى خۇسرەۋ قانخور، زومىگەر ۋە ياخشى تەرەپلىرى بولمىغان بىر زالىم ھۆكۈمداردۇر. نەۋائىي ھېچقانداق يەردە ئۇنىڭ يېشىنى تىلغا ئالمايدۇ. لېكىن، ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ئۇنىڭ نىزامىنىڭ ئەسىرىدىكىگە ئوخشاش ئەپسانىلەردىكىدەك قاملاشقان بىر يىگىت بولماستىن، بەلكى قېرى، ئويۇنغا ئامراق، ۋاقىتلىق ھەۋىسىنى قاندۇرۇشنىلا ئويلايدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇ ھەۋىسى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ، قان تۆكۈشتىن يانمايدۇ ۋە ھېچ ئىككىلەنمەيلا خائىنلىق قىلىدۇ.

نەۋائىينىڭ قەلىمىدىكى فەرھادمۇ نىزامىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ تېمىدا ئۇ ئالدى بىلەن ئەمىر خۇسرەۋ دېھلىۋىنىڭ ئەسىرىنى ئۆرنەك قىلدى. نەۋائىي فەرھادنى نىزامىغا ئوخشاش ئادەتتىكى بىر ھۈنەرۋەن ئەمەس، بەلكى چىن خاقانىنىڭ ئوغلى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. نەۋائىينىڭ «چىن» دېگەن نام ئارقىلىق ھەممىدىن ئاۋۋال چىن تۈركىستانى(شىنجاڭ-ت)نى نەزەردە تۇتقانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. شۇ سەۋەپلىك، نەۋائىي ھۆكۈمدارنى «تۈرك خاقان» دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنى بىر چىنلىق(خەنزۇ-ت) سۈپىتىدە تۇنۇغان بولسا ئىدى، ئۇنى «فەغفۇر» دەپ ئاتاشقا توغرا كىلەتتى. يەنى، فەرھاد مەلۇم نوقتىدىن مۇئەللىپ بىلەن بىر مىللەتتىن ئىدى. فەرھاد تاشقى كۆرۈنىش جەھەتتە بىر تىپىك ئەپسانىۋىي شاھزادىدۇر. مەرتىۋىسىنىڭ ئۇنىڭغا ياراتقان پايدىلىق تەرەپلىرى قاتارىدا بىزنى 15- ئەسىردىكى ھېرات دەۋرىگە باشلايدىغان خۇسۇسىيەتمۇ ئۇنىڭدا كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىگە مۇھەببەت باغلىغان، بارلىق سەنئەت ۋە ھۈنەر-كەسپلەرنىڭ سىرىنى ئىگەللەش ھەۋىسى كۈچلۈك بىر شەخستۇر. ئىككىنجى ئورىگىنال خۇسۇسىيىتى، ھېرات شاھزادىلىرىدە ئاز ئۇچرايدىغان مىللەت سۆيگۈسى ۋە مىللەتنى ئازاپ ۋە زۇلۇمدىن قوغداشقا تىرىشقانلىقىدۇر. فەرھاد خۇسرەۋنىڭ قولىدىكى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى بىلسىمۇ، بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ. بىگۇناھ گۇندىپاينىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشىنى خالىمىغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. ھەتتا دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئارمېننىڭ پالاكەتكە ئۇچرىشىدىكى سەۋەپنىڭ ئۇلار ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئەربابلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

نەۋائىينىڭ فەرھاد ئارقىلىق ئۆز خۇسۇسىيەتلىرىنى، كەڭ ھۇمانىزم چۈشەنچىسىنى، جەبىر ۋە زۇلۇمغا قارشى نەپرىتىنى، سەنئەت ۋە ھۈنەر-كەسپكە بولغان سۆيگۈسىنى ۋە چەكسىز ئۈگىنىش ئىشتىياقىنى ئىپادە قىلغانلىقىغا شۆبھىلەنمەسلىك كېرەك. شۇڭا، نەۋائىي فەرھادنىڭ ئوبرازىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كومپوزىسيوننى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۆزىمۇ كىرىش سۆزدە تىلغا ئالغىنىدەك، باش قەھرىماننىڭ ھاياتىنى تۇغۇلىشىدىن تارتىپ يورىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ خۇسۇستا نىزامى ئۇنى ھېچقانداق بىر ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن ئەمەس. نىزامى فەرھادنىڭ شىرىننىڭ سارىيىدا پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلمىغان. چۈنكى، فەرھاد ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا پەقەت ۋەقەدە ئۇچرايدىغان بىر شەخستىن ئىبارەت ئىدى.

فەرھادنىڭ تارىخىنى يارىتىش ئۈچۈن نەۋائىي بىر مۇنچە فولكلور موتىفلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، چوڭ بىر ۋەقەلىكنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. سىرلىق ساندۇق، قەدىمكى ھېكىمنى ئىزدەش سەپىرىدىكى تەۋەككۈلچىلىكلەر، ئەجدەرھا بىلەن ئېلىشىش، تەلەيسىز ئەھرىمان بىلەن تۇتۇشۇش قاتارلىق ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بۆلەكتە سۆزلىنىدۇ. شائىر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئازراقمۇ دىققىتىنىڭ چېچىلىشىغا ئىمكان قالدۇرمايدۇ.

مۇھەببەت تېمىسىمۇ تامامەن پەرقلىنىدۇ. بۇ ئاددىيلا بىر ئىنسانىي ئىستەك بولماستىن، بەلكى فەرھادنى شەرقتىمۇ كۆپ تەرىپلەنگەن قەھرىمان مەجنۇن بىلەن تۇغقانچىلىققا ئىگە قىلغان ئالاھىدە بىر قۇدرەت ئىدى. نەۋائىينىڭ فەرھادى نىزامىنىڭ مەجنۇنىدۇر. لېكىن، ئۇ ئاكتىپ، مەقسىتى ئۈچۈن تىرىشىدىغان، سۆيگۈنى بىلەن ئۇچراشقاندا قۇدرىتىنى يۇقىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تازىم قىلىپ تۇرىدىغان بىر كىشىدۇر.

نەۋائىينىڭ ئەسىرىدە فەرھادنىڭ ئۆزىنى بەزىدە ئەپسانىلاردىكى ئەرەب ئاشىققا ئوخشىتىشى تاسادىپىي ئەمەس. نىزامىنىڭ قەلىمىدىكى فەرھادنىڭ مەجنۇن بىلەن ئوخشايدىغان بەزى تەرەپلىرى بار. لېكىن، ئۇنىڭغا ئائىت ۋەقە قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىشقا ئىمكانىيەت يوق.

نەۋائىينىڭ قەلىمىدىكى شىرىننى نىزامىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ نىزامىنىڭ ئەسىرىدىكى بۈيۈكلىكىنى يوقاتقانلىقىنى بىلىمىز. شىرىن سۆيگۈسى ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئايال. ئۇ سۆيگۈنىگە سادىق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشقا تەييار. ئەمما، بۇ ئايال نىزامىنىڭكىگە ئوخشاش چوڭ رول ئوينىمايدۇ. ۋەقەلىكنىڭ كومپوزىسيونىمۇ بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت فەرھادنىلا سۆيىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، ھەر قانداق بىر ئىختىلاپنى تۈگىتىشىگە ۋە سۆيگۈنىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئىككىنجى ئورۇندىكى شەخسلەرمۇ ئۆزگەرتىلگەن. نىزامىنىڭ ئەسىرىدىكى رەسسام شاپۇر فەرھادنىڭ ساۋاقدىشى بولسىمۇ، دەستلەپتە ئۇ خۇسرەۋنىڭ ئادىمىدەك بىر ھالەتتە تەسۋىرلىنىدۇ. خۇسرەۋ شىرىننىڭ بارلىقىنى شاپۇردىن ئۇقۇپ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاشىق بولىدۇ. كېيىن شاپۇر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىق رول ئوينايدۇ. ھەتتا نىيىتى تازا دۇرۇست بولمىغان خۇسرەۋنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىنى خالىمىغان ھالدا ئۇرۇندايدۇ. ئۇ يەنىلا ئىشلارنى نەتىجىلىك تاماملاپ شىرىننى خۇسرەۋ بىلەن توي قىلىشقا كۆندۈرىدۇ.

نەۋائىينىڭ ئەسىرىدە شاپۇر پەقەت فەرھادقا سادىق بولىدۇ. ئۇ فەرھاد يامان كۈنلەردە قالغاندا ياردەم قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلىشتىن يانمايدىغان بىر دوست. ئۇنىڭ بۇ شەكىلدە تەسۋىرلىنىشى ۋە رەسساملىق تەرىپىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. نىزامىنىڭ ئەسىرىدە ۋەقەلىك شاپۇرنىڭ شىرىننىڭ پورترېتىنى سىزغانلىقىدىن باشلىنىدۇ. ھالبۇكى، نەۋائىينىڭ ئەسىرىدە بۇنداق بىر باياننى بىرىشنىڭ لازىمى يوق ئىدى. ئەسەردە بۇ تەرەپتىن ئانچە –مۇنچە سۆز ئېچىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى يوق.

تەبىئەت تەسۋىرلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئۆزگەرتىلگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ خاراكتېرىستىك پەرقلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. نىزامى كۆپۈنچە 12- ئەسىرگە خاس بولغان باغ، گۈل-چىچەك(لېكىن ئېھتىياج يۈزىسىدىن ئەلخەرەك بوغىزىنىڭ جانلىق تەسۋىرىگە ئوخشاش ئالاھىدە گۈزەل تەسۋىرلەرنىمۇ ياراتقان) قاتارلىق ھەر كىشى ياقتۇرىدىغان تېمىلارنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، نەۋائىينىڭ ئەسىرىدە ئاز تەسۋىرلەنگەن يېقىن شەرق ئەدەبىياتىنىڭ تېمىلىرىدىكى تەسۋىرلەرنى ئالغان. بۇ بارۇك ئەدەبىياتىدىكىگە ئوخشاش كەسكىن زىتلىق بىلەن تولغان خىيالىي بىر تەبىئەتتۇر. ئەھرىماننىڭ چاھار بېغىنىڭ ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلىنىشى، چىن خاقانىنىڭ پىلوتىنىڭ دېڭىزغا يۈرۈش قىلىشى ۋە بۇراننىڭ تەسۋىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

يۇقىرىدا نەۋائىي بىلەن نىزامى ئەسەرلىرىنىڭ بىر بىرىدىن كومپوزىسيون ۋە قەھرىمانلىرىنىڭ خاراكتېرى جەھەتتە كۆپ پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. ئومۇمەن، ئاندا-ساندا كۆزگە چېلىقىدىغان ئوخشاشلىقلاردىن سۆز ئېچىشنىڭ چوڭ پەرقلەرنى كۆرسىتىشتىن خېلىلا ئاسان ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز. ئوخشاشلىقنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى بولسا ئەسەرنىڭ ئەسلى قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسمى، ئىككى قەھرىماننىڭ بىرلا ۋاقىتتا شىرىنگە ئاشىق بولۇشى ۋە فەرھاد بىلەن خۇسرەۋنىڭ ئۆلۈم كۆرۈنىشلىرىدۇر.

مانا بۇ ئومۇمەن ھېكايىنىڭ ئانا خەتلىرىدۇر. تەبىئىيكى ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. كۆرسىتىپ ئۆتكەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى نەۋائىينىڭ «فەرھاد ۋە شىرىن» داستانىنىڭ نىزامىنىڭ ئەسىرىدىن قىلىنغان بىر تەرجىمە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن شەرقشۇناسلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ نەقەدر ئىشەنچىسىز بىر ئاساسقا تايانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر. بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق پەقەت ئەينى قەھرىمانغا ئائىت بىر تارىخىي ۋەقەلىكنى قولغا ئالغان ئىككى ئاپتورنىڭ(19-ئەسىردىمۇ) ياراتقان ئوخشاشلىقىدىن ئىبارەتتۇر. مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەر ئۆزگەرتىلمىگەن، باشقا ۋەقەلەر بىر بىرىدىن تامامەن پەرقلەندۈرۈلگەن.

«خۇسرەۋ ۋە شىرىن» قەھرىمانلىققا ئىلھام بىرىدىغان ئاياللار مۇھەببىتىنىڭ مەدھىيەسىدۇر. ھالبۇكى، «فەرھاد ۋە شىرىن» دە ئەڭ مۇھىم بۆلەك ئۆزگەرتىلىپ، بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، لېكىن ئۆزى ئۈچۈن ھېچنىمىنى كۈتمەيدىغان پىداركارلىق سۆيگۈسى فەرھادنىڭ ئوبرازىدا جانلاندۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەسەردە نىزامىنىڭكىدە ئۇچرىمايدىغان سادىق دوستلۇق ئۇقۇمى بار.

نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا، ئۇلار ئىچىدە ھەر قانداق بىر ئەسىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش قىيىن. «خەمسە»دىكى بەش ئەسىرىمۇ ياخشى، لېكىن مەن بۇ يەردە تەرجىمىسى بىرىلگەن «فەرھاد ۋە شىرىن»نى ئوقۇرمەنلىرىمىز ھەممىسىدىن بەكرەك ياقتۇرىدۇ دەپ قارايمەن. ۋەقەلەرنىڭ موللىقى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆپ خىل تەسۋىرلەر، كومپوزىسيونىنىڭ راۋانلىقى، فەرھادنىڭ جەلىپكارلىقى… مانا بۇلار ئەسەرنىڭ شۇنچە ئۇزۇن بولغىنىغا قارىماي، ئۇنى ئوتتۇرىدا ئۈزۈپ قويماي ئوقىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان. شۇ سەۋەپلىك، مۇشۇ ۋاقىتقا قەدەر ئوقۇرمەنلىرىمىز زادى بىلمەيدىغان بۇ ئالاھىدە شائىرنى بۇ ئەسىرى ئارقىلىق چۈشىنىشى ناھايىتى ئورۇنلۇق بىر ئەھۋالدۇر.

ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ نەزەر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. مىليۇنلىغان ئىنسان كۈلتۈر غەزىنىلىرىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىگە ئىرىشمەكتە. كۈلتۈر ۋە تەرققىيات ئۈچۈن ئىشتىياق بىلەن كۆرەش قىلغان بۈيۈك نەۋائىينى غەرپ ۋە شەرق كلاسسىكلىرىغا ئوخشاش ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر سۆيۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

«تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى يىللىقى-بەللەتەن» نىڭ 1957- يىلىدىكى سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.