يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرلىكلىرى

يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان بىر قىسىم ئۆلچەم بىرلىكلىرى ھازىر ئىستېمالدىن قالغان بولسىمۇ، ئۇلار مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى دۇردانىلەر سۈپىتىدە مەلۇم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا ياشلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشىغا ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە توپلىغانلىرىمنى جامائەتچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم:
چىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا مۇساپىلەرنى ئۆلچەشتە‹‹ يىغاچ››، ‹‹تاش››، ‹‹پەرسەخ››، ‹‹چاقىرىم››، ‹‹يول›› قاتارلىق بىرلىكلەر قوللىنىلغان.

1. يىغاچ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر يىغاچ سەككىز كىلومېتىر(16يول) غا تەڭ. (‹‹بابۇرنامە›› 3 – بەت)
2. تاش. بۇمۇ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹پەن ۋە تۇرمۇش›› ژۇرنىلىنىڭ 1985 – يىلى 1 – سانىدا بىر تاش 8.5 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. قەدىمكى كىتابلاردا بىر تاش سەككىز چاقىرىم، يەنى 12 مىڭ قەدەم ياكى سەككىز رۇس مىلى كېلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
3. پەرسەخ. قەشقەرلىك ھامۇت ھاجى ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى مۇھىددىن مەخدۇم مىرزا 18 – ئەسىرنىڭ يېرىمىنىڭ بېشىدا قەشقەردىن تۇرپانغىچە بولغان مۇساپىنى پەرسەخ بويىچە ئۆلچەپ، ھەر پەرسەخكە بىردىن تاش بەلگە قويغان. شۇڭا ئۇ كىشى ‹‹مىرزا پەرسەخ›› دەپ ئاتالغان.(‹‹تارىخى ئەمىنىيە›› 370 – بەت) شۇ چاغلاردا ھەر پەرسەخكە بىردىن كونۇس شەكىللىك تاش ئورنىتىلىپ، تاشقا مۇساپە سانى يېزىلاتتى. ‹‹قەشقەرىيە›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئا. ن. كروپاتكىن كىتابىدا قەشقەر بىلەن كورلىنىڭ ئارىلىقىدا بۇنداق تاش بەلگىلەرنى كۆپ ئۇچراتقانلىقىنى قەيت قىلغان. (‹‹شىنجاڭنىڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى›› 54 – بەت)
4. پوتەي. يۇقىرىقىلاردىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇساپە ئۆلچەشتە ‹‹پوتەي››(تۇر) ئۆلچىمىمۇ قوللىنىلغان. ئەينى چاغدا ھەربىي ئېھتىياج تۈپەيلى مۇھىم يوللارنى بويلاپ نۇرغۇن تۇر(پوتەي)لەر ياسالغان بولۇپ، مۇساپە مۇشۇ تۇرلار بويىچىمۇ ھېسابلىناتتى. قەشقەردىن ئاقسۇغىچە 453 كىلومېتىر(967 يول – چاقىرىم) بولۇپ، جەمئىي 166 تۇر (پوتەي) بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىلىقى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئىككى تۇر ( پوتەي)نىڭ ئارىلىقى 2.73 چاقىرىم بولغان. ‹‹تارىخىي ئەمىنىيە››دە ئىككى تۇرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. (‹‹تارىخىي ئەمىنىيە›› 117 – بەت)
5. شەرئى. بۇمۇ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر شەرئى ئۈچ كىلومېتىردىن ئۇزۇنراق.
6. چاقىرىم. ئىبراھىم مۇتىئىي ئەپەندىنىڭ ئىلمىي كۆرسىتىشىچە، ‹‹چاقىرىم›› (‹‹ۋىرىستا››俄里 رۇس مىلى) بىلەن بىردەك بولۇپ، ‹‹ئۆزبېك ئېنسىكلوپېدىيىسى››دە بىر چاقىرىم 1.06 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن، رۇسچە كىتابلاردا بىر ۋىرىستا 1.068 كىلومېتىر، يەنى 1500 قەدەمگە تەڭ دەپ كۆرسىتىلگەن؛ قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ‹‹قازاق ئېنسىكلوپېدىيىسى››دە بىر چاقىرىم 1.07 كىلومېتىرغا تەڭ دېيىلگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق كومىتېتى تۈزگەن ‹‹ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››نىڭ 2 – تومىدا ‹‹چاقىرىم مېتىر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنغانغا قەدەر قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر چاقىرىم ئادەتتە 1.06 كىلومېتىرغا تەڭ›› دېيىلگەن (‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› 2 – توم 651 – بەت).
7. تاناب. بۇ يەر – كۆلەم ئۆلچەيدىغان بىرلىك بولۇپ، ئىلگىرى دېھقانچىلىق بېجى ئېلىشتا بىر تاناب يەر بىرلىك قىلىناتتى. بىر تاناب 40 قەدەمگە توغرا كېلىدۇ، مېتىر ھېسابىدا بىر قەدەم 71.5 سانتىمېتىر بولىدۇ.
8. جارىپ. بۇمۇ كۆلەم ئۆلچىمى بولۇپ، بىر جارىپ 966 كۋادرات مېتىرغا تەڭ.
9. يول. بۇ ئېلىمىزدە قەدىمدىن قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ ‹‹里›› بىلەن ئوخشاش. يەنى بىر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، قەدەم ھېسابىدا 700 قەدەمگە تەڭ.
10. نەيزە بويى. بۇ ئېگىزلىك ئۆلچىمى بولۇپ، بىر نەيزە بويى ئىككى مېتىرغا تەڭ.
11. قېرى. بۇ گەزلىمە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر قېرى 64.04 71.12 سانتىمېتىرغا تەڭ. (‹‹تارىخىي رەشىدى›› 191 – ، 192 – بەتلەر)
12. گوڭ. ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى. بىر گوڭ 1.66 مېتىرغا تەڭ(‹‹تاشيول قاتنىشى تارىخى›› 207 – بەت).
13. پاتمان. بىر پاتمان 57.3 كىلوگرامغا تەڭ.
14. فوت. بىر فوت 0.3048 ياكى 30.48 سانتىمېتىرغا باراۋەر.
15. سارژىن. بىر سارژىننىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتتە فوت، يەنى 2.336 مېتىرغا تەڭ.
16. قاداق. بۇ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر قاداق 0.4564 كىلوگرام بولىدۇ.
17. پۇت. بۇمۇ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پۇت 16.3 كىلوگرامغا تەڭ.
18. چارەك. بىر چارەك ئادەتتە 24 قاداق بولىدۇ.

مەنبە: http://www.intil.biz/home/thread-708-1-1.html