ئانا تىلىم جان تىلىم

كامىلجان ناسىر

ھۆرمىتىمدە پەخىرلىك ،
ئانا تىلىم جان تىلىم .
مەدەنىيەت تەختىدە ،
بۈيۈك سۇلتان خان تىلىم .

سىنىڭ بىلەن ئالەمدە ،
قەدىر تاپتۇق زوقلاندۇق.
تۆھپىلەردىن تارىختىن ،
مەغرۇرانە روھلاندۇق .

ئۇشبۇ سۆزۈم دەلىلى :
داڭلىق ئۇيغۇر مۇقامى .
ئانا تىلدىن پۈتۈلگەن ،
ھەر بىر بېيىت،ئاھاڭى .

ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنى ،
كەڭ جاھانغا تۇنۇتتى.
ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى،
شان-شەرەپتىن يۇرۇتتى.

ھېمىتىدىن نەسلىمىز ،
پەخىرلەندى ئالەمگە
ئانا تىلنى ئۈگەنمەك ،
پەرىز ھەر بىر ئادەمگە .

تىل كۆكىدە چاقنىغان،
بوۋام مەھمۇد قەشقىرى.
تارىخلارغا نەزەر سال ،
پارلاپ تۇرار تەسۋىرى.

كۆز يۇمالماس ھەقىقەت،
ئانا تىلىم ئۇلۇق تىل.
رىقابەتتىن قالمايسەن،
ئۈگەن ھەردەم تۇلۇق بىل،

شەرەپ قۇچتى كىم بىزدەك-
تىلى بىلەن جاھانغا ؟
تارىخلارغا نەزەر سال –
ھەر بىر دەۋىر-زامانغا .

يۇقالمايدۇ تىلىمىز ،
ئۇلۇقلىنار ئەبەتكە.
خار كۆرگەنلەر مەھكۇمدۇر،
ئەۋلاتلاردىن لەنەتكە .

خىسلەتلەرنىڭ دەستۇرى،
ئانا تىلىم جان تىلىم .
ئۇلۇقلۇنار سۆيگۈدىن ،
تۇمۇرۇمدا قان تىلىم .

ياشا ئەبەت جان تىلىم ،
سەن نەسلىمنىڭ غۇرۇرى.
تەلپۈنىدۇ سەن ئۈچۈن ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ۋۇجۇدى.