«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» تارىخىدىن

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابى

تەييارلىغۇچى: نازىمى

1944-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە 5-كۈنى، ئۇلاستان پارتىزانلىرى ئەكبەر باتۇر، خەمىت باتۇر مۇسلىموف قاتارلىقلارنى 500 نەچچە كىشىلىك قوراللىق كۈچنى تەشكىللەپ، نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. يول بويى مىڭغا يېقىن ئامما ئۇلارغا ئەگەشتى. ئەتىسى سەھەردە، سېيىت باتۇر باشچىلىقىدىكى 1-چوڭ ئەترەت، غېنى باتۇر باشچىلىقىدىكى 2-چوڭ ئەترەت، ئىۋان شۇتوف باشچىلىقىدىكى 3-چوڭ ئەترەت شەرق، جەنۇب، غەرپ تەرەپتىن ناھىيە بازىرىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. پارتىزانلار بىر كېچەكۈندۈز كەسكىن جەڭ قىلىپ، 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نىلقىنى ئىشغال قىلدى. ناھىيە بازىرىنى ساقلاۋاتقان ھەربى-ساقچىدىن 30 نەچچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ھەربىلەردىن 140 نەچچە ئادەمنى ئەسىرگە ئالدى، 3 پىلىموت، 66 مىلتىق ئولجا ئالدى. تۈرمىگە قامالغان ئوبۇلخەيرى تۆرە، نۈسۈپقان كۈنباي قاتارلىق 100 نەچچە ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇلاستاي پارتىزانلىرى نىلقىدا ئىككىنچى قېتىم تەرتىپكە سېلىندى. ئاساسەن قازاقلاردىن تەركىپ تاپقان 1-چوڭ ئەترەتكە ئەكبەر باتۇر، سېيىت باتۇرلار باشلىق، ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان 2-چوڭ ئەترەتكە غېنى باتۇر باشلىق بولدى، كۆپىنچە ئەزاسى ئورۇسلاردىن بولغان 3-چوڭ ئەترەتكە ئىۋان شۇتوف باشلىق بولدى. ئومۇمىي ئەسكەرىي كۈچى 800 نەچچە كىشىگە يەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ قوشۇن نىلقا پارتىزانلىرى دەپ ئاتالدى، پارتىزانلارنىڭ تەسىرى تېز سۈرئەتتە غۇلجا، تېكەس، كۈنەس ۋە توققۇزتارا ناھىيىلىرىگىچە كېڭەيدى.
10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە 12-كۈنى جۇ شاۋلياڭ زاپاس 7-دىۋىزىيە 19-پولكىنىڭ كوماندىرى پېڭ جۇنييېغا 2-باتاليون بىلەن بىېر مىناميوت روتىسىنى باشلاپ،ئىلىغا ياردەم بېرىش ھەمدە ئىلىدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قىسىملىرىغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. پېڭ جۇنيې قوشۇن تارتىپ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى غۇلجىغا يېتىپ باردى.
10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە 18-كۈنى جۇ شاۋلياڭ پلانىنى ئۆزگەرتىپ، زاپاس 7-دىۋىزىيىنىڭ شتاب باشلىقى (سەنمۇجاڭى) ساۋ رىلىڭنى ۋاقتىنچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئەققەت تىنجىتىش قوماندانلىقىغا بەلگىلىدى. ئەتىسى ساۋرىلىڭ ئايروپلان بىلەن غۇلجىغا باردى، ئۇ نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن گومىنداڭ قوشۇنلىرى مازاردا تىركىشىپ تۇرىۋاتقان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئىلىدىكى شۇ چاغدىكى ئەسكەرىي كۈچ بىلەن مازاردىن شەرققە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۇچادا تۇرۇشلۇق قوشۇنلارغا مۇزات داۋىنى ئارقىلىق جەنۇبتىن شىمالغا ھۇجۇمغا ئۆتۈش؛ زاپاس 7-دىۋىزىيىنىڭ 21-پولكىغا جىڭدىكى ئاچال ئارقىلىق غۇلجا تەرەپنى توسۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە نىلقا پارتىزانلىرى ئەۋەتكەن شۆبە ئەترەت جىڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئىگىلەپ تۇرغان ئاچالنى ئىشغال قىلىپ، 23-كۈنى جىڭ ناھىيە بازىرىغا 15 ك م كېلىدىغان جايغىچە ئىلگىرلەپ كىردى.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋۇ جۇڭشىن جياڭ جيېشىغا تېلېگرامما يوللاپ، تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق پەۋقۇلاددە دىپلوماتىيە خادىمى، ئامېرىكىدا ئوقۇغان ۋۇ زىشياڭنىڭ ئورنىغا جۇڭگونىڭ سوۋېتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى، سوۋېتتا ئوقۇغان، رۇس تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ليۇ زېروڭنى شىنقاڭغا تېزرەك ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋۇ جۇڭشىن ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ ۋالىيلىرىغا تېلېگرامما يوللاپ: “سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭ بىلەن چېگراداش،بىز بىلەن يېقىن قوشنا دۆلەت، بۇ ھەقتە مەركەز ئېنىق يوليورۇق بەردى،بۇ جايلاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ بۇ روھنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جايلاردىكى كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە بارلىق سوۋېت مۇھاجىرلىرىغا ئالاھىدە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىپ، ئىشتا ھەمكارلىشىپ، دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن” دېدى.
10-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى گومىنداڭنىڭ كۈنەس مەمۇرىي رايون باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لو جىخۇي نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ نىلقىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھەربىي-مەمۇرىي خادسىملىرى بىلەن ناھىيە بازىرىنى تاشلاپ، قارا شەھەرگە قېچىپ كەتتى. مېڭبېشى جايىربېك بەشتۆپە (ھازىرقى كۈنەس) دە قوماندانلىق شتابى تەشكىللەپ، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋالدى.
«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» تارىخىدىن
( داۋامى )
___________
1944-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى “غۇلجا ئازاتلىق تەشكىلاتى” غۇلجىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوفنى ياردەم سوراش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتتى.
1944-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ بىر باتالىيون ئەسكەرىي كۈچ بىلەن قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا، نىلقا ناھىيە بازىرىنى تاشلاپ ئۇلكاستايغا ۋاقتىنچە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
11-ئاينىڭ 3-كۈنى نىلقا پارتىزانلىرى جالىنغولدا ئۇلاستايغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلگەن زاپاس 7-دىۋىزىيە 19-پولك 2-باتالىيونىنىڭ بىر روتا ئەسكىرى بىلەن 8 سائەت كەسكىن ئېلىشتى. گومىنداڭ ئارمىيىسى ئېغىر چىقىم تارتىپ، پارتىزانلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ رەھبىرى ئەكبەر باتۇر ئېغىر يارىلىنىپ، 10-كۈنى قۇربان بولدى.
11-ئاينىڭ 4-كۈنى “غۇلجا ئازاتلىق تەشكىلاتى” سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، غۇلجىدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئەسكەرىي كۈچىنىڭ نىلقىغا يۆتكەلگەنلىكى، غۇلجا شەھىرىنى ساقلاۋاتقان گومىنداڭ ھەربى-ساقچىلىرىنىڭ تارقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن شەھەر ئىچىدە ئاممىنى مەخپىي ھەركەتلەندۈرۈپ، تەشكىللەپ ۋە قوراللاندۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن نىلقا نىلقا ناھىيىسىدىكى ئۇلاستايغا ئادەم ئەۋەتىپ، نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ دەرھال غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ، غۇلجىنى بىر يولىلا ئالماقچى بولدى.
شۇ كۈنى ليۇ بىڭدې، گاۋ ۋېيلار جالىنغول ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۈرۈمچىگە جىددى تېلېگرامما يوللاپ ياردەم سورىدى. تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلگەن: “توپىلاڭچىلار” نىڭ كۈچى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە. ئۇلارنىڭ 1500 دىن ئارتۇق ئادىمى، 300 دىن ئارتۇق مىلتىقى بار، ھەممىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر. نىلقىغا بارغانلىكى ماشىنىلار قايتقاندا قاچىلاپ كېلىۋاتقىنى يارىدار ئەسكەرلەر. غۇلجا ناھىيىسىدىكى پەنجىم، جىلىيۈزدە، سۈيدۈڭ ناھىيىسىدىكى لوسىگوڭدا مەخپىي تەشكىلاتلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ… غۇلجا تەھتىت ئاستىدا قالدى، شۇڭا قوشۇن ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
11-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا كوچىلىرىدا “يوقالسۇن خەلقنى ئەزگەن ھۆكۈمەت”، “مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ، خىتايلارنى، شەرقى شىماللىقلار* شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقىرايلى”، “ياشىسۇن ئىنقىلاپ غەلىبىسى” دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇندىكى پلاكات، تەشۋىق ۋەرەقىلىرى پەيدا بولدى. ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەربىي-مەمۇرىي دائىرىلىرىگە: “غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان قورال-ياراغلار شەھەرگە كىرىپ بولدى” دەپ جىددىي تېلېگرامما يوللىدى.
__________
1944-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى مازارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتقان نىلقا پارتىزانلىرى «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇۋۇۋېلىپ، شۇ ھامان ئەسلىدىكى پلانىنى ئۆزگەرتتى، مازار تاغ ئېغىزىدا ئۇلاستايغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بولغان گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا توسۇپ زەربە بېرىش ئۈچۈن ئاز بىر قىسىم كۈچنى قالدۇرغاندىن سىرت، ئاساسلىق كۈچى بىلەن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، گومىنداڭنىڭ تايانچ پۇنكىتلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تاغ ئارىسىدىكى چىغىر يوللار ئارقىلىق ئۇددۇل غۇلقىغا قاراپ ئاتلاندى.
11-ئاينىڭ 6-كۈنى تاڭ سەھەردە نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ غېنى باتۇر باشچىلىقىدىكى 2-چوڭ ئەترىتى غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ باردى. ئەمما 1- ۋە 3-چوڭ ئەترەت بەلگىلەنگەن جايغا ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغانلىقى ئۈچۈن، 2-چوڭ ئەترەت غۇلجا 3-رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا يالغۇز ھۇجۇم قىلدى، بىراق ەومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 128-دىۋىزىيىسىدىكى بىر باتاليون ئەسكەر ئۈچ ئايروپىلاننىڭ ھىمايىسىدە قارشىلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىرلەن غېنى باتۇر ئەترىتى نائىلاخ تۇرپانيۈزگە چېكىنىپ 1-، 3- ئەترەت بىلەن ئۇچرىشىپ، شۇ كۈنى كەچتە ئۈچدەرۋازىغا يېتىپ كېلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى.
شۇ كۈنى فاتىي ئىۋانوۋىچ لېسكىن پارتىزانلارنى باشلاپ لوسىگۇڭ ساقچىخانىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. رايون باشلىقى، ساقچىىانا باشلىقى ۋە ساقچىلاردىن بولۇپ نەچچە ئون ئادەمنى ئېتىپ تاشلاپ، 53 تال مىلتىق غەنىيمەت ئېلىپ، لوسىگۇڭ رايونىنى ئىشغال قىلدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، پارتىزانلار سېپىگە قوشۇلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي، ناھايىتى تېزلا نەچچە يۈز كىشىگە يەتتى. بۇنىڭ ببىلەن موگۇتنوف*، لېسكىن قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى لوسىگوڭ پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەندى.
شۇ كۈنى ئابدۇكېرىم ئابباسوف سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفېتسېرى پيوتررومانوۋىچ ئالېكساندروف** بىلەن بىرلىكتە بىر قوراللىق قوشۇننى باشلاپ يوشۇرۇن ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورغاس ئارقىلىق غۇلجىغا كىرىپ، «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى» بىلەن بىرلىكتە ھەربىي قوماندانلىق شتابى قۇردى. ئالېكساندروف شتاب مەسئۇلى بولدى. قوماندانلىق شتاب ئەزالىرى: رەخىمجان سابىر ھاجى، ئابدۇكېرىم ئابباسوا، ۋ.ماژاروف***، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپتى. ھەربىي قوماندانلىق شتابى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى (سوۋېت ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا 27 يىل تولغان كۈنى) شەھەر بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى، نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ماسلىشىشنى قارار قىلدى.

ئززاھلار:
* موگۇتنوف: 1899-يىلى تۇغۇلغان، سوۋېت مۇھاجىرى، ئورۇس، ئىنقىلاب پارتلىغاندا لوسىگۇڭ پارتىزانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىلگىرى-كېيىن قورغاس، سۈيدۈڭ ناھىيىلىرىنى ئېلىش جەڭلىرىگە قوماندانلىق قىلغان، مىللىي ئارمىيىدە پولك كوماندىرى (تۈەنجاڭ)، برىگادا كوماندىرى (لۈيجاڭ) بولغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن.
** پيوتر رومانوۋىچ ئالېكساندروف: سوۋېت مۇھاجىرى، ئورۇس، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجىغا كېلىپ، غۇجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قوماندانلىق قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ ۋىلايەت پارتىزانلىرىنىڭ باش قوماندانى، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1945-يىلى 1-ئايدا دۆلىتىگە قايتقان.
*** ۋ.ماژاروف: 1887-يىلى تۇغۇلغان، سوۋېت مۇھاجىرى، ئورۇس. روسسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭغا كەلگەن، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتلىغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ شتاب باشلىقى (سەنمۇجاڭى) بولغان، 1951-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن.

مەنبە: «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ناملىق كىتاب
( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىل نەشرى )
ئىززاھ :
* شەرقىي شىماللىقلار: “18-سېنتەبر ۋەقەسى” دىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېكىنگەنشەرقىي شىمالدىكى پىدائىي ئەسكەرلەرنى ككرسىتىدۇ، ئۇلار 1933-، 1934-يىللىرى سوۋېت سىبىرىيىسى ئارقىلىق تۈركۈملەپ شىنجاڭغا كېلىپ ئىلى، تارباغاتاي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان.
مەنبە: «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»
( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىل نەشرى )
تورغا يوللىغۇچى: نازىمى