باغداشنىڭ تەغدىرى …

باغداش، تەڭرى تاغلىرى

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىغا، بۈيۈك سەلتەنىتىگە سىموۋۇل قىلىنىدىغان تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭ قومۇل تەرىپىدە باغداش دەپ تىللاردا داستان بولىۋاتقان پەلەكنى سۆيگەن بىر تاغ بار، ئۇ خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر سۆيۈملۈك يەرنامى باغراش بىلەن ئاھاڭ -تەلەپپۇز جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە بولغاچقا بەزى كىشىلىرىمىز كۆپ ھاللاردا پەرىقلەندۈرەلمەي قالىدۇ…باغداش تېغى ھەققىدە قومۇلدا يەنە مۇنداق بىر قوشاق ئەل ئارىسىدا تاكى بۈگۈنگىچە ئېيىتلىپ كەلمەكتە.

تاغمۇ -تاغلاردىن ئىگىز،
باغداش دېگەننىڭ تاغلىرى. 
ئۈستىدە قارلار يېغىپتۇ،
ئاستىدا گۈل- باغلىرى.

بەرھەق باغداش مۇنۇ قوشاقتا تەسۋىرلەنگەندەك گويا مەشھۇر رەسسام سىزغان سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپلا قالماي، ئۇيەردە ئۇيغۇر شار دېگەن تەۋەرۈك نامدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئون نەچچە شەھەر خارابىسى ۋە باغداش ھەققىدىكى ساناقسىز رىۋايەتلەر ئۇنىڭ سېھرىنى ۋە سىرلىقلىقىنى بىز گە ئۈن-تىنسىز جاكارلاپ كەلگەنتى. مانا مەن شۇ باغداشنىڭ پەلەكنى سۆيگەن قارلىق تاغلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن تاغ سۇلىرىنى ئىچىپ چوڭ بولغانمەن …شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن باغداشقا بولغان مۇھەببىتىم چەكسىز.

باغداش 300يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ھەم ئۇنتۇلماس سەلتەنەتلىك تارىخ ياراتقان قومۇل ئۇيغۇر پادىشاھلىقىنىڭ يازلىق ئوردىسىدۇر… ئۇيەردە ھازىر مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بار…ئەپسۇس، كۆپ قىسمى بىڭتۈەن13-دېۋىزىيە ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ كېلىپ باغداش ئىلگىرىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەسلى قىياپىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ…ياشلار شەھەرگە ،تۈلەڭلىككە يۈزلىنىپ ئەلمىساقتىن ئاتا-بوۋىمىز سۆيۈپ كەلگەن مۇقەددەس تاغلارنى ئۇنتۇشقا قاراپ يۈزلەندى. بۈيۈك تاغلار، تەۋەرۈك باغلار خۇددى ئىگە -چاقىسىز قالغان مويسىپىتتەك بىر خىل تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز غېرىپلىق ئىسكەنجىسىگە مەھكۇم بولدى.

باغداش تېغى قومۇل شەھىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان, قومۇلنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق جان تومۇرى بولغان ھەم قومۇلنىڭ تەبىئى ھاۋا تەڭشىگۈچلىك رولىنى ئۆتەپ كەلگەن قارلىق تاغ. ئۇنىڭ ئەڭ ئىگىز قارلىق چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى4888مېتىر ئىگىز. دېڭىز يۈزىدىن 1900مېتىر ئىگىز قىسمىدا بوستان، دۆش ئۆيلەر،باغداش…دېگەندەك كۆجۈم مەھەللىلىرى بار…باغداشقا بېرىپ باققانلار بىلىدۇ، تاشتىن -تاشقا ئۇرۇلۇپ ئېقىۋاتقان غول سۈيى گويا شىددەتلىك دولقۇنلىنىۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ھەم گويا كېچە-كۈندۈز ھۆركىرەۋاتقان شىرنى، يولۋاسنى ئەسلىتىدۇ…ئۇ شۇنداق مەڭگۈلۈك ياڭراق ناخشىسى بىلەن بىزنى ئەللەيلەپ كەلگەن ئىدى.
ئۇنىڭ قومۇللا ئەمەس، شىنجاڭ ھەتتا پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئېكلوگىيىلىك مۇھىتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ زور. ئۇ جايغا ياپونيە، كورىيە، ئامرىكا، ئەنگىلىيە،روسىيە….دەك نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئالىم-مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قەدىمى يەتكەن…ئۇ يەنە نەسلى قۇرۇش گىردابىغا يۈزلەنگە دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە << قارلىق تاغ گۆھىرى>> دەپ تەرىپلەنگەن قارلىق تاغ ئاق يىلپىزىنىڭ ئانا ماكانى.
نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىغا بارغانتىم…شۇيەردىكى كىشلەرنىڭ ئاغزىدىن تۆۋەندىكى ئەپسۇسلۇق بايانلارنى ئاڭلاپ مۇنۇ ئېغىر تىنىقلىق بايانلارنى يېزىپ تورداشلىرىم بىلەن باققۇم كەلدى…شۇ يەردىكى كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە ۋە ئۆزەمنىڭ بۇ بىر قانچە يىللاردىن ھېس قىلىشىمچە قارلىق، كەينىگە چېكىنىپ، كۆلىمىمۇ كىچىكلەپ كەتتى، يۇرتۇمنىڭ ھاۋاسىمۇ ئىلگىركىدىن ئىسسىپ كەتتى…بۇلارنىڭ سەۋەبى پۈتكۈل دۇنيا ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان پارنىك ئېفىكتى ھادىسىسىدىن بولۇشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ شىمالى،جەنۇبى مۇز ئوكيانلار ئېرىپ كېتىۋاتقاندا بىزنىڭ كىچىككىنەباغداش تېغى ئېرىمەي قالاتتىمۇ؟! ياق،ياق…ئۇ ئېرىپ كەتسە قومۇل خەلقى نىمە كۈننى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ بېقىشىمىز كېرەك!…قارلىق تاغ يوقالسا قومۇل يوقىلىدۇ!…قومۇل يوقالسىچۇ؟!
ئىنسانىيەت تەبىئەتنى ئۆزگەرتىمىز دەپ مەيدىسىگە مۇشىتلاپ يۈرگىلى نۇرغۇن ئەسىلەر بولدى…ئەملىيەتتە ئۆزگەرتىلگىنى ئىنسانلار بولدى…ئىنسانىيەتنىڭ ئېرىشكىنى بولسا تۈگىمەس تەبىئەت ھادىسىلىرى، قۇرغاقچىلىق، ئاچارچىلىق، يەر تەرۋرەش…كەلكۈن، يۇقۇملۇق كېسەللەر بولدى…سان-ساناقسىز ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ يەر -يۈزىدىن يوقالدى…ئەگەر مۇشۇ سۈرئەتتە تەرەققىي قىلسا…بۇ دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولامدۇ؟…مۇشۇنداق بولىۋەرسە دۇنيادائاخىرى ئىنسانمۇ قالماسلىقى ئېنىق….بولدىلا بۇنداق چوڭ تېمىلارنى يەنىلا تەتقىقاتچىلارغا قالدۇرۇپ ئۆز گېپىمىزگە كەلسەم، مۇشۇ كۈنلەردە باغداشلىق كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە باغداش ۋە مەن بايان قىلىپ ئۆتكەن قارلىق تاغنىڭ مەۋجۇتلۇقى تولىمۇ چوڭ خىرىسقا دۇچ كېلىپتۇ…چۈنكى ئۇ جايدا گىرانت تاش، مىس، تۆمۈر،ئالتۇن كانلىرى تۈركۈملەپ ئېچىلىشقا باشلىنىپتىمىش. قومۇلنىڭ جان تومۇرى سانالغان قارلىق چوققىسىنىڭ ئالدىغا تۇتىشىدىغان قارلىق بىلەن ئارلىقى100-200 مېتىرلا كېلىدىغان رايوندىمۇ غايەت زور زاپاسقا ئىگە كانلار بايقىلىپ ئېچىش تەييارلىقى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ…يەرلىكلەر بۇ كانلارنى زادى نەنىڭ ، كىمنىڭ ۋە قانداق ئىدارە-ئورۇننىڭ ئاچىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن…بىلىدىغىنى ئەزەلدىن سۈكۈت ئىچىدە ئەللەيلىنىپ كەلگەن ھەيۋەت تاغلار، گۈزەل باغلارنىڭ ئەسىرلىك ئارامى بۇزۇلۇپ يوللارنى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان تۆمۈر مەخلوقلارنىڭ گۈكىرىگەن سەت ئاۋازى بىر ئېلىپتۇ…ۋە تەشۋىش ئىلكىدە ئۆزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان تاغنىڭ تەغدىرىدىن ئەنسىرەپ قېلىپتۇ…چۈنكى ئۇشبۇ كانلار يەرلىك كىشلەرنىڭ رۇخسىتىسىز تۈركۈملەپ ئېچىلسا كەپ-كېتىدىغان نوپۇس كۆپىيىدۇ، تەبىئىي -ئېكلوگىيىلىك مۇھىت بۇزىلىدۇ، قارلىق تاغنىڭ ئېرىشى تېزلەيدۇ، كەلكۈن كېلىپ ئۆي-ماكانلىرىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، پايانسىزيايلاقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ مال-چارۋىلىرى ئاچ قالىدۇ، ئىچىۋاتقان باش ئېقىن،بۇلاقلىرى بۇلغۇلنىپ كېتىدۇ… ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئاشۇ تاغ بىلەن سىردىشىپ ئۆتكەچكە ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ! ئاقىۋەت يۇرت كۆچىدۇ، يۇرت كۆچسە شۇ زىمىنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان ئۆرپ-ئادەت، مىللىي خاسلىق، مەدەنيەت-سەنئەت، يەر-جاي ناملىرى يەر-يۈزىدىن يوقىلىدۇ…مىسال ئون ئىككى تاغنىڭ بىرى دەپ سانىلىۋاتقان باغداش تېغىغا ئاداش بولغان قومۇل پادىشاھلىرىنىڭ يەنە بىر يازلىق ئوردىسى بولغان ئارىتامدەك تەغدىرگە دۇچار بولىدۇ…ئارىتامنىڭ ئەسلى يەرلىك خەلق يۇرتنى ئامالىسىز تاشلاپ چىقىپ كەتتى..ئون ئىككى تاغدىن بىرى يوق بولدى…ئۇنىڭغا تەۋە بولغان قىسسەلەر،قىسمەتلەر،تارىخ، رىۋايەتلەرنى ئەمدى بىز ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىغان ئىدۇق…ئەمدى نۆۋەت باغداش تېغىغا كەلگەن ئوخشايدۇ…

پۈتكۈل جەمئىيەتكە مۇراجىئەت: قارلىق تاغنى مۇشۇ قىسمەتتىن قۇتقۇزۇپ قالايلى! بۇ بىزنىڭ پۈتكۈل دۇنيا جۈملىدىن شىنجاڭ ئانا يۇرتۇم قومۇلنىڭ ئېكىلوگىيلىك مۇھىتىنى قوغداش يولىدا چىقارغان ئازغىنە تۆھپىمىز بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كان ئېچىش ياخشى ئىش ئۇ خەلقىنى بېيىتىدۇ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدۇ. لېكىن تەبىئي ئېكىلوگىيە بۇزۇلسا ،بۇلغانغان مۇھىتنى ئۆز ھالىتىگە مەڭگۈ قايتۇرغىلى بولمايدۇ…

باغداش خەلقىگە ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرەتكۈچى: كەمىنە ئەركىم 2008-يىلى9-ئاينىڭ14-كۈنى.