خوتەن شەھىرى

خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 27 كىلومېتىر، شەرقىتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 11.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 189 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار ئۈچ يېزا، تۆت مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، 28 ئاھالە كومىتېتى، 58 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1500 كىلومېتىر. 1995 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 148 مىڭ 400 بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 85.29% نى، خەنزۇلار 14.30% نى، باشقا مىللەتلەر 0.41% نى تەشكىل قىلىدۇ. 1984 – يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئايرىلىپ چىقىلىپ خوتەن شەھىرى تەسىس قىلىنغان ھەم خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان. ھازىر خوتەن شەھىرى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبەرلىك ئورگىنى تۇرۇشلۇق جايدۇر. يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىك 1350 مېتىر. يۇرۇڭقاش دەرياسى خوتەن ناھىيىسى بىلەن لوپ ناھىيىسىگە ئورتاق دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى ئىككى مىليارد 240 مىليون كۇب مېتىر. خوتەن شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 12.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى – 21.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2610.6 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃. قىروسىز مەزگىلى 224 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 33.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2602.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش – بوران چىقىش ۋاقتى 32.9 كۈن. بۇ شەھەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 4500 گېكتار ( 68 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، يەنە 9300 گېكتار ( 139 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان يەر. 4600 گېكتار ( 69 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەر بار. دېھقانلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كۆممىقوناق، بۇغداي، كېۋەز، مېۋە – چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتاتچىلىق بىلەن باغۋەنچىلىك يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئەڭ ئىگە. چارۋىچىلىقتا شەھەر ئەتراپى چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، توخۇ قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن يېپەكچىلىك، پاختا توقۇمچىلىقى، گىلەمچىلىك، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، يېمەكلىك ۋە سۇلياۋ بۇيۇم ئىشلەش قاتارلىقلار بار. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 – لىنىيىسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر ئەتراپىدىكى تاشيوللار گىرەلىشىپ تور شەكىللەندۈرگەن. شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ تىپتىكى ئاۋىئاتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر ھەپتىدە ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان قەرەللىك ئايروپىلان بار. 4300 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلۈپ بولدى. ئۇزۇن يوللۇق ئالاقە شىفىرلاشتۇرۇلدى. سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.شەھەردە قۇملۇقتىكى بوستانلىق، ئۈزۈم كارىدورى، يىپەك يولى قەدىمىي ئىزى قاتارلىق ئېتنوگرافىيىلىك مەنزىرىلەر بار.

مەنبەسى: «خوتەن تەزكىرىسى»