ئۇيغۇرلاردىكى خەلق ناخشىلىرى بىلەن ئاممىباب ناخشىلارنىڭ پەرقى

گۆھەر تاجىمەتتۇردى

ئۇيغۇرلار ناخشا – مۇزىكىغا ھېرىسمەن خەلق بولۇپ، ‹‹ناخشا – ئۇسسۇل›› ماكانى شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مەنىۋى مەدەنىيىتىنى جۇلالاندۇرۇشتا شوخ، قىزغىن، شانلىق ناخشا – ئۇسسۇل مەدەنىيىتى بىلەن ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى مەزمۇن، ئاھاڭ، كۈي، مېلودىيە جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل مەدەنىيىتىگە ئۇل ھازىرلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيچە ئاۋاز تۈسى، ئورۇنداش سەنئىتى بويىچە ئېيتىش ماھارىتىگە ئاساس سالغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يوسۇندا ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى ئاساسىدا، مەيلى خەلق ناخشىلىرى ۋە ياكى ئىجادىي ناخشىلار بولسۇن، خەلق ئورتاق ھۇزۇر ئالالايدىغان ناخشا ئېيتىش ئومۇملاشتى.

تۆۋەندە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى بىلەن ئاممىباب ناخشىلارنىڭ پەرقلىرى ئۈستىدە قاراشلىرىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشاي:

1. خەلق ناخشىلىرى خەلق تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلقنىڭ ئورتاق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەينى دەۋردىكى خەلقنىڭ بەخت – سائادەتكە، ساپ مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى يېقىملىق تىل، لىرىك ئاھاڭ بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن. ئاممىباب ناخشىلار بولسا شۇ دەۋردە پەيدا بولغان ۋە ياكى شۇ دەۋرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇ دەۋرنىڭ مودىسىغا ئايلانغان، مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئەڭ تېز، كەڭ دائىرىدە تارقىلىدىغان دەۋر خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ناخشىلارغا بېرىلگەن نام.

2. شېئىرىي تىل ناخشىلارنىڭ جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي ئامىل. خەلق ناخشىلىرى شېئىرىي تىل جەھەتتە خەلق ئېغىز تىلى بولۇش بىلەن ئورۇنداش ئۇسلۇبى، مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى جەھەتتە ئاممىباب ناخشىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئاممىباب ناخشىلار بولسا تېكىست جەھەتتە تارىخنىڭ تاللاش – شاللىشىغا ئۇچرايدۇ.

3. خەلق ناخشىلىرى 12 مۇقام ياكى يەرلىك مۇقام ۋە مەشرەپلەر ئاساسىدا پەيدا بولغان، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، مېلودىيەسى گۈزەل، مىللىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن، خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان، ئۆزلىشىشچانلىقى يۇقىرى، قۇرۇلمىسى ئىخچام، ناخشا – مۇزىكىنىڭ تېمپا، رىتىمى ئېنىق ۋە ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئەكس ئېتىشىنى ئاساس قىلغان ھالدىكى يەرلىك ئۇسلۇب ۋە شېۋە بويىچە لىرىكىلىق، يېقىملىق، جاراڭلىق ۋە شوخ – جۇشقۇن ئېيتىلىدىغان رىتىملارغا ئىگە ئاھاڭلاردىن تەركىب تاپقان. ئاممىباب ناخشا بولسا كەسپىي كومپوزىتورلار ئىشلىگەن بەدىئىيلىكى يۇقىرى، مېلودىيەسى گۈزەل ئەسەردىن باشقىلىرىنى ئازراق ئوڭشاپلا ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى قىلىپ ئىشلەتكەن ئەسەرلەر.

4. خەلق ناخشىلىرى دەۋردىن – دەۋرگە تاۋلىنىپ كەلگەندىن كېيىن، شۇ دەۋرگە مەنسۇپ بولىدۇ ھەم شۇ دەۋر روھىنى ئىپادىلىگەن بولىدۇ. ئاممىباب ناخشىلار بولسا، پەقەت شۇ دەۋر روھىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

5. خەلق ناخشىلىرى ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا مىللىي پۇراق، مىللىي ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىدىغان ھالەتتە ئورۇندىلىدۇ. ئاممىباب ناخشىلار بولسا چەت ئەلنىڭ ناخشا ئورۇنلاش ئۇسلۇبىنى دوراپ، ئاۋازى قانچە پۈتۈك بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدىغان، سۆزى ئېنىق بولمىغان غەيرىي ئاۋاز چىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە ئېيتىدىغان ناخشىلار. خەلق ناخشىلىرىغا ئادەتتە مىللىي مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىدۇ ۋە ياكى مىللىي مۇزىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوركېستىر بىلەن ئورۇندىلىدۇ. بەزىلىرى ھازىرقى زامان ئېلېكترونلۇق چالغۇلار بىلەن قوشۇلۇپ ئىشلەنگەن بولىدۇ.

ئاممىباب ناخشىلار بولسا ئاساسەن ئېلېكترونلۇق چالغۇلار ۋە ياكى ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بويىچە كومپيۇتېردا MD بىلەن مۇزىكا ئىشلەش شەكىللىرى ئارقىلىق ئورۇندىلىۋاتىدۇ.

مەنبە: 0112:28شىنجاڭ گېزىتى (2010-08-01)

(ئاپتور: نىيە ناھىيەلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن)