مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (5)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

ئەپسۇسكى بىز ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇن ئادەملىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆز قولىمىز بىلەن قەتلى قىلدۇق. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى، ل.مۇتەللىپنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئوغلانلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن تۇتۇپ بەردۇق. ساناپ كەلسەك بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەجرۇھلۇق بولامدۇ؟ ئەسلىدە شۇنداق ئۇلۇق ئادەملىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلارنى بەرسەك ئەرزىيتتى. بىراق بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق.

ئىككىنچى تەرەپتىن، بىز خەلقنىڭ دۈشمەنلىرىگە يول بەردۇق ۋە كەڭ بازار ئېچىپ بەردۇق. مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم زىيانداش مەخلۇقلارغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇلار ياخشى، ياراملىق ئادەملىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىپ، بىزگە ئېغىر مۇسىبەتلەر يۈكىنى ئارتتى. بىراق ئۇلار ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ قول چۇماقچىلىرى بولۇپ، خەلنىڭ بېشىدا داۋاملىق قامچا ئوينايتتى. ئۇنىڭ بىلەن ساتقىن، ئاسىيلار بارغانسېرى كۆپىيىۋەردى.

بۇنداق ئېغىر زىيانكەشلىكنىڭ تېگىنى ۋە ماھىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئىنتايىن ئاددى مەنپەئەت تەمەسى ياكى كىچىككىنە شەخسى ئاداۋەت سەۋەبلىك شۇنچە چوڭ پاجىئەلەرنى تۇغدۇرغان. بەزىلەر ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكتىن ئۆز بۇرادىرىنى ساتقان ۋە ياكى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قول سالغان. مەسىلەن: ئابدۇقادىر داموللام مانا شۇنداق ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىكنىڭ قۇربانى بولغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ساتقىنلىقنىڭ قۇربانى بولغان… بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. كۆپلىگەن قۇربانلار چوڭ سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش داۋامىدا قۇربان بولمىغان، بۇ ئەلۋەتتە ئۆكۈنۈشكە تېگىشلىك تارىخىي ساۋاق.

دېمەك، خەلقىمىز ئىچىدە مەۋجۇت بولغان مەردلەر بىلەن نامەردلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتە ئاساسلىق رول ئوينىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى كەڭ قورساقلىق، ياخشىلىق ۋە مەردلىك بىلەن، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك ۋە زىيانكەشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەسەتخورلۇق ۋە پىتنە پاسات ھەققىدىمۇ ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز.

ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، پىتنە – پاسات مەنىۋىيىتى ئىنتايىن زەئىپ يارىماس ئادەملەردە بولىدىغان يامان سۈپەتلىك كېسەل بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ تەڭ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يارايدۇ. ئىنسانغا ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يېيىش جايىز ئەمەس. لېكىن ھەسەت، شۇ ھەسەتكە مۇپتىلا بولغان ئادەمگە ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىگە يىگۈزىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى خاراب قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزگىلەرنىمۇ خاراب قىلمىغۇچە توختىمايدۇ. شۇڭا ھەسەتنى «ھەممە سۈپەتلەرنىڭ ناچارراقى، بارچە خىسلەتلەرنىڭ خارراقىدۇر» دەيدۇ. ھەسەت ھىممەتنىڭ سۇسلۇقىدىن، خاراكتېرىنىڭ ناچارلىقىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ شەرمەندە نومۇسسىزلىقنىڭ نەتىجىسى. بىلمەك كېرەككى ھەسەتخور باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ھەسەت ئوتىدا كۆيىدۇ، ھەر سائەتتە مىڭ غەم – غۇسسىنىڭ زەھەرلىك شەربىتىنى ئىچىدۇ. باشقىلار ئىشرەت داستخىنىنى يەرگە يايسا، ھەسەتخور كىشى ھەسەت قولىنى بېشىغا ئۇرىدۇ. ھەسەت توغرىسىدا دانالىرىمىز ئاجايىپ قىممەتلىك، ئىبرەتلىك مەلۇماتلارنى قالدۇرغانىدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەسەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

ھەسەت بىر كېسەلدۇر، داۋاسى ئۇزاق،

ئۆزىنى ئۆزى يەپ، سېزەر ئۇ ئاداق.

تۈپۈڭ – يىلتىزىڭنى پاساتلىق قىرار،

بۇ ياخشى ئىزىڭنى پاساتلىق بۇزار.

ئەلىشىر نەۋائى مۇنداق دەيدۇ:

«بېخىلنىڭ مېلىنى ئاسراشتىن مېھنىتى قاتتىق، ھەسەتخورنىڭ خۇي – پەيلىدىن تۇرمۇشى ئاچچىق. دېمەككى، بىرىنچىسى ئۆز بايلىقىدىن خار، ئىككىنچىسى ئۆز قىلىقىدىن مۇسىبەتدار»

مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى مۇنداق دەيدۇ:

پىتنىخورلۇق قىلىش ناھەق قان تۆكۈشتىنمۇ يامان.

بىلىمسىز كىشى ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى پىتنە – پاسات تېرىشتىنلا ئىبارەت.

ئالەم پىتنە – پاساتتىن خاراب بولىدۇ.

مانا بۇ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ھاياتتىن چىقارغان خۇلاسىسى. دېمەككى، قايسى ئەلدە ھەسەت، پىتنە – پاسات كۆپ بولىدىكەن، ئۇ ئەلدە بەخت – سائادەت، خاتىرجەملىك ئاز بولىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«پىتنە – پاسات قەيەردە باش كۆتۈرسە، شۇ يەردە خارلىق بولىدۇ» دېگەن. بۇ خۇسۇستا تارىختىكى مۇنداق بىر مەشھۇر ھېكايىنى مىسال ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈر:

ئىسكەندەر زامانىسىدا بىر جانۋار پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەن ھەرقانداق نەرسە ھالاك بولاتتى. ئىسكەندەر بۇ ئىشقا تەئەججۈپلىنىپ ھەيران بولدى. ھېچبىر تەدبىر بىلەن ئۇنىڭ ئىلاجىنى قىلالمىدى. ئاخىر ئەرىستۇ ئۇنىڭغا چارە تەدبىر قىلدى.

ئۇ بۇيرۇتۇپ چوڭ بىر ئەينەك ياساتتى. ئارقىسىغا بىر كىشىنى مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەينەكنى ھارۋىغا سالدى. ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا بىر كىشى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، ئۇ جانۋار تۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ جانۋار ئادەمنىڭ ھىدىنى ئېلىپ، ئەينەككە قاراپ ماڭغانىدى، ئەينەكتىكى ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپ يىقىلدى. جان تەسلىم قىلىپ شۇ زامان ئۆلدى.

ئىسكەندەر بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ ئەرىستودىن سورىغاندا، ئەرىستو: بۇ جانۋار نەچچە يىل يەر ئاستىدا ياتقان ئوخشايدۇ. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇ بەدبۇي نىجاسەتتىن تۆرەلگەندۇر. ھالا يەر يۈزىگە چىققاندا، ئۇنىڭ كۆزىدە ھەسەت زەھىرى بار ئىكەن. مانا بۇ ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆلۈشىدىكى سەۋەبتۇر. ئۇنىڭ ئالدىغا ئەينەكنى توغرىلىغاندا ئۇنىڭ كۆزى ئۆز ئەكسىگە چۈشتى – دە، شۇ ۋاسىتە بىلەن (كۆزىدىكى ھەسەت زەھىرى ئۆزىگە تەسىر قىلىپ) ھالاك بولدى، دەپ جاۋاب بەردى.

مىللەتنىڭ ھۈجەيرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك – مىللەتنى خاراب قىلىۋاتقان، خەلقنىڭ ئىچىگە نىزا – ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چېچىپ، دۈشمەنلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەب بولۇپ روناق تاپتۇرمايۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟

چېقىمچى، ھەسەتخور، پىتنە – پاساتچى نامەردلەرگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ھايات ۋە مەئىشەت داستىخىنىنى بۇلغاشقا يول قويۇش جەمئىيەتنىڭ بىر ئىللىتى بولماقتا. ئۇلار بۇنداق يوچۇقتىن ئۈنۈملۈك ۋە ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، خەلققە كەلتۈرىدىغان زىيانكەشلىكلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈۋاتىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە يەنىلا ئەرلىك خاراكتېر ئۈستۈنلۈكىنى ئالغان، ئاجايىپ ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق، مەرد ئەزىمەتلەر ناھايىتى كۆپ. بىراق يامانلارغا بولغان قارشىلىق روھى ئومۇمىيلىققا ئايلانمىغان. شۇڭا بۇ خىل ئىجتىمائىي يوچۇق يامانلار ئۈچۈن شوتا بولۇپ بەرگەن.

ھېكايە قىلىنىشىچە: بىر پادىشاھ بىر ئەسىرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. بىچارە ئۈمىدسىز ھالەتتە پادىشاھنى يامان تىل بىلەن تىللاشقا باشلىغان. چۈنكى كىشىلەر ئېيتقاندەك، كىمىكى جېنىدىن ئۈمىد ئۈزسە كۆڭلىدىكى ھەممە گېپىنى ئېيتىۋالىدۇ.

پادىشاھ سوراپتۇ:«نېمە دەيدۇ ئۇ؟». ئالىيجاناب ۋەزىرلەردىن بىرى جاۋاب بېرىپ:«ئەي پادىشاھىم، ئۇ ئېيتىدۇركى، جەننەت غەزىپىنى يۈتكۈچىلەر ۋە خەلقنىڭ كەمچىللىكلىرىنى كەچۈرگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر» ① قۇرئان كەرىم، 3 – سۈرە، 134 – ئايەت.

دەيدۇ.

پادىشاھنىڭ ئۇ ئەسىرگە رەھمى كېلىپ خۇنىدىن ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا بايىقى ئالىيجاناب ۋەزىرگە زىت بولغان ۋە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىدىغان يەنە بىر ۋەزىر:«بىزنىڭ خىلىمىزدىكى كىشىلەرگە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا راست سۆزدىن باشقىنى دېيىش لايىق ئەمەس. بۇ ئەسىر پادىشاھقا دەشنام بېرىپ، نالايىق سۆزلەرنى قىلدى» دېدى. پادىشاھ بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى – دە، دېدى:«ماڭا سېنىڭ راست سۆزۈڭدىن كۆرە، ئۇنىڭ يالغان سۆزى ماقۇل كەلگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يالغان سۆزى يارىشىش جەھەتتىن ئېيتىلغانىدى، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ يامانلىق قىلىشقا قارىتىلغان. ھالبۇكى، ئاقىللار: پىتنە تۇغدۇرىدىغان راست سۆزدىن ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل دېگەن.»

دېمەك، دۇنيادىكى يامانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى يول قويۇشتىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. ئەگەر يول بېرىلمىسە، ئۇلار ئۈچۈن سورۇن بولمىسا، بۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش مۇمكىن.

ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا يەنە بىر خىل بولۇش، تىلى باشقا، دىلى باشقا بولۇش نامەرد ساتقىنلىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى.

بۇ خۇسۇسىيەتتىكى ئادەملەرمۇ ئەرلىك سۈپەتكە مۇناسىپ كەلمەيدۇلا ئەمەس، ئەقەللىسى ئادەم بولۇش سالاھىيىتىمۇ ھازىرلىمىغان بولىدۇ. ھەقىقىي ئەركەك دېگەن، لىللا، گاڭگۇڭ، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، ئىشەنچكە يارىغۇدەك بولىدۇ. ئامانەتكە ھەرگىزمۇ خىيانەت قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە قەدىمكى ھېكايەتلەردە كىشىلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك مۇنداق بايانلار خاتىرىلەنگەن:

بەھرام ئىلگىرى نۇئمان ئىبنى مەنزەرگە خىزمەتكار ئىدى. ئۇ بىر كۈنى شىكارغا چىقىپ، بىر كىيىكنى ئۇچراتتى. ئۇنى جەھد بىلەن قوغلىدى. كۈن چۈش بولدى. ھاۋا ئىسسىق ئىدى.

قەبزى ئاتلىق بىر ئەرەبى بار ئىدى، كىيىك ئاخىرى قېچىپ، بىتاقەت بولۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. قەبزى ئۇنى تۇتۇپ باغلاپ قويدى. شۇ ھالدا بەھرام يېتىپ كەلدى. تىركەشتىن ئوق چىقىرىپ قەبزىگە ھەملە قىلدى:

– ئەي ئەرەبى، مېنىڭ ئولجامنى چىقىرىپ بەرگىن!

قەبزى بەھرامغا مۇنداق دېدى:

– ئەي ئاتلىق، بۇ خۇدانىڭ مەخلۇقىدۇر، مېنىڭ قېشىمغا پاناھلىق ئىزدەپ كەپتۇ. مېنى ئۆلتۈرسەڭمۇ، ئۇنى ساڭا تۇتۇپ بەرمەيمەن. چۈنكى ئۇ مەردلىك ئەمەس، – دېدى. بەھرام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قوپاللىق ئىزھار قىلدى. قەبزى:

– ئەي يىگىت، بىھۇدە سۆزلەرنى ئېيتمىغىن. ئوق قولۇڭدا، تا مېنى ئۆلتۈرمەي، ئول جانۋارنى ئالالمايسەن. ئەگەر مېنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرسەڭ ئۇرۇق – ئەۋلادىم، قەبىلەم خەلقى سېنى ھەم تىرىك قويمايدۇ. ئۆزۈڭنىڭ جېنىغا كۆيگىن. ئەگەر خالىساڭ بىر دۇلدۇل، چاپقۇر ئېتىم بار. ساڭا بېرەي، كەلگەن يولۇڭغا يانغىن، – دېدى. بەھرامغا قەبزىنىڭ مەردلىكى ۋە ھىممىتى خۇش كەلدى. قەبزىنىڭ مەردلىكىگە ھەيران قېلىپ ئارقىسىغا ياندى.

مانا بۇ شىجائەت، مانا بۇ مەردلىك. ئۇ بىر ھايۋان ئۈچۈن شۇنچىلىك مەردلىك ۋە ھىممەت كۆرسىتىۋاتقان يەردە ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك مەردلىك كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ ئارىمىزدا شۇنچىلىك نامەردلەر باركى، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىرەر ئادەم پاناھلىق تىلەپ كەلسە، ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىرەر ئېغىز سۆزنىمۇ ئامانەت قويغىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىدە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشنى، گەپ بولسا يۈز تۇرانە دېيىشنى، ياخشى كۆرىدۇ. ئالدىدا ساختىلارچە «ھە، ھە» قىلىپ ھىجىيىپ، ئارقىدىن غاجايدىغان، تىلى شېكەر، ئىچى زەھەر ئادەملەرنى ئىنتايىن يامان كۆرىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«ھەقىقىي مەرد ئەركەك ئەل ئارىسىدا يۈرىكىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ ئۇياتماي يۈرەلەيدۇ» دېگەنىدى. ئەسلىدىن ئالغاندا مانا بۇ بىزنىڭ ئەسلى مىللىي خاراكتېرىمىز. چۈنكى قورسىقىدا كىر يوق ئادەم، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار ئادەم، غۇرۇر ۋە ۋىجدانلىق ئادەم ئاشۇنداق ئوچۇق ئاشكارا، ئۇياتماي ياشىيالايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قۇرسىقىدا غۇم يوق. ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئەرلەر سىرلىق بىر پەردە ئىچىگە ئۆزىنى يوشۇرىۋالدى. گەپ – سۆزلىرىگە قارىسا ئاجايىپ مەردانىلارچە سۆزلەيدۇ، گەپ بىلەن شەھەر ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئىنتايىن قورقۇنچاق ۋە رەزىل؛ بىرەر مۇھىم ئىشنى بېجىرىۋالغۇچە ۋاي تاغام، دادام، چوڭ دادام دەۋالغان، ئىشى پۈتكەندىن كېيىن ئەزەلدىن كۆرمىگەن كىشىدەك تۇزكورلۇق قىلىدىغان؛ ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيىدىغان، ئارقىدىن پىچاق ئۇرىدىغان نامەردلەر كۆپىيىپ كەتتى. شۇڭا ئۆتكەندە بىر مۆتىۋەر: ھازىرقى ئادەملەر ئالدىڭدا مەن دېگەن ئۇنداق ياخشى ئادەم، ئۇنداق ئاق كۆڭۈل، مۇنداق قورسۇقۇم كەڭ، مەن دېگەن ئوغرى قاچانىڭ تېغىنى ئۆرۈپ بېرەلەيمەن، ماڭا قاتتىق ئىشىنىڭ، دەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىسە، كۆڭلۈمدە «يالغان، يالغان، ئىشەنمەيمەن، ئىشەنمەيمەن» دەپ ئۆزۈمگە ئاگاھ بولىدىغان بولۇپ قالدىم، دەيدۇ. دېمەك، ئەرلىك سۇسلاشسا ئىشەنچمۇ سۇسلىشىدىغان ئىش ئىكەن. ئۆزئارا ئىشەنچ بولمىسا بىرلىك، ھەمدەملىك، بىر نىيەتلىك، بىر مەقسەتلىك بولمايدۇ، ئۇنداقتا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.

تەمەخورلۇق ۋە قۇلچىلىق بىلەن جان بېقىش – يارىماسلىق ۋە ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشنىڭ يەنە بىر قورالى.

بىزدە بىر مۇقەددەس ئەقىدە بار، يەنى «تەمە ھارام» دەيدىغان. يەنە بىرى ئادەمنىڭ ئادەمگە قۇلچىلىق قىلىشى گۇناھ دەپ قارىلىدۇ. ئادەمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەبىرلەرنىڭ بىرىدە ئادەم ئىككى پۇتلۇق، ئۆرە ماڭالايدىغان مەخلۇق، دەپ تەبىر بېرىلگەن. بىراق ھازىر جەمئىيىتىمىزدە باشقىلارغا يادەك ئېگىلىپ، ھايۋاندەك تۆت پۇتلۇق بولۇپ ياشايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تاپىنىدا ئەرلىك سۈپىتى، ھەتتا ئادەملىك غۇرۇرىنى ئۇنتۇپ كۈچۈكتەك ئۆمىلەپ يۈرگەن مەخلۇقلارنى تولا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ كەتتۇق. ھەتتا بەزىلەر پەسلىشىپ شۇنچىلىك ھالەتكە يەتكەنكى، ئۇ تەكەببۇر مەنمەنچىلەرنىڭ ماختاپ قويۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ قالىدىغان بولسا، بۇ دۇنيادا ھېچ كىمنى مەنسىتمەسلىك تەرەپكە ئۆتىدۇ. ھەتتا ئۇلار ئۇ خوجىلىرىدىن بىرەر تەستەك يەپ قالسا، ياكى بىرەر قېتىم تىللاپ قويغان بولسا شۇنىڭدىن كېرىلىپ ماختىنىپ كېتىدىكەن. بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولمىش بىر تونۇشۇم بار ئىدى، ھەر قېتىم ئۇچراشسام، پوكونى باينىڭ ئۇنداق ئىشىنى قىلىپ بەردىم، پالانى باينىڭ مۇنداق ئىشىنى قىلىپ بەردىم، دەپ ماختىناتتى. بىر كۈنى يەنە بىر ئۇچراشقىنىمىزدا ئالدىمنى توسۇپ، يەنە ماختىنىپ گەپ باشلىدى. «كۆرمەمسەن، كېچىچە پۇل ساناپ تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالماپتىمەن» دەيدۇ. مەن:«بىر يەردىن بىر خەزىنىگە ئۇچراپ قالغان ئوخشىمامسەن» دېسەم، «ياق پوكۇنى باينىڭ مانچە مىليون پۇلىنى سانىشىپ بەردىم» دېمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن نومۇس قىلىپ كەتتىم. ھەي بۇرادەر، سەن دېگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئادەم، نېمىدىن پەخىرلىنىشنى، نېمىدىن نومۇس قىلىشنى بىلىپ سۆزلىگىن. باشقىلارنىڭ پۇلىنى سانىشىپ بەردىم، دەپمۇ پەخىرلىنىدىغان ئىشمۇ. سەن بولسا، مۇنداق ماقالە يازدىم، مۇنداق كىتاب چىقاردىم، مۇنداق دەرس ئۆتتۈم دەپ ماختانساڭ بولىدۇ، دېدىم.

لۇشۈننىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر خىتابى بار «كالا بولۇپ باش ئىگىمەن سەبىي بالىلارغا، غەزەپ بىلەن ھومىيىمەن قەبىھ زالىملارغا» مانا بۇ مەردلىك بولىدۇ. بىراق تەمەگەرلەرنىڭ يەنە بىر ئىللىتى شۇكى، ئۆزىنىڭ تەمە ئوبيېكتىلىرىغا شۇنداق قۇلچىلىق بىلەن خۇشامەت قىلغان بىلەن، ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە بولسا شۇنچىلىك تەكەببۇرانە مۇئامىلە قىلىدۇكى، باشقىلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمىگەن خەس – خەشەك بىلەن ئوخشاش. ئۇلارنى ئۆزىگە ئاشۇنداق خۇشامەت قىلسىكەن، دېگەننى تەمە قىلىدۇ.

تەمەخورلارنىڭ پەس تەبىئىتىنى ئۇلۇق شائىر ئەلىشىر نەۋائى بىر ھېكايەتتە ناھايىتى تىپىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى.

«خەلق ئارىسىدا بىر غەيرەتسىز كىشى بار ئىدى، – دەيدۇ ئەلىشىر نەۋائى، – خالايىق ئۇنىڭ ئۆلۈمتۈك ۋە غەيرەتسىزلىكىنى كۆرۈپ، ھەربىرى بىردىن مۇشت ياكى جاپا تەستەكلىرىنى ئۇراتتى. شۇ ئارقىلىق ئۇ كىشىلەردىن بىر لوقمىدىن نان ئېلىپ يەيتتى. كىشىلەر قوغلىسىمۇ كەتمەيتتى. بەلكى ئۇ باغرى تاش زالىملارنىڭ ئۆيىدىن چىقمايتتى. كىشىلەر ئۇنى بۇ جاپالارغا ئۆگىتىۋالغانىدى. ئۇنى خارلىغان بىر كىشى كېلىپ تەپسە بىر چۆرگىلەپ توختايتتى، ئۇ غەيرەتسىز پەس كىشى بۇنىڭ بەدىلىگە تەپكۈچى كىشىدىن بىر نەرسە ئالاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ نەرخى شۇنىڭغا توختىغانىدى. ھەر كىشى ئۇنىڭغا بىر پارچە نان بەرسە، نەپسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۇنى ئېلىپ ئاغزىغا سالاتتى. نان بەرگۈچى شۇ ھامان بىر مۇشت سالاتتى – دە، ئۇ كىشى يەرگە يىقىلاتتى. گەرچە ناننى يەپ قورسىقى تويسىمۇ، لېكىن مۇشتىنى يەپ ھېچ نەرسە يېمىگەندەك يۈرىۋېرەتتى…»

جەمئىيەتتە مانا مۇشۇنداق ھاقارەت تەستەكلىرىنى، خورلۇق تېپىكلىرىنى يەپ تۇرۇپمۇ كىچىككىنە ئاشقان – تاشقان لوقمىنىڭ تەگكىنىگە مەمنۇن بولۇپ، موللا مۈشۈكتەك ياشاۋاتقان ئادەملەر ئازمۇ. قېنى ئۇلاردىكى ئەرلىك تەبىئەت، قېنى ئۇلاردىكى ئىنسانىي خىسلەت. ئەسلى، بۇ دۇنيادا ئادەم بىلەن ئادەم باپباراۋەر. ھېچكىمنى ھېچكىم بېقىپ قويمايدۇ. باشقىلارنىڭ پېشىدە ناماز ئوقۇپ، باشقىلارنىڭ مىننەتلىك بىر لوقما گۆشىنى يېگەندىن، ئۆزىنىڭ ھالال ئەجرىگە تايىنىپ ئېرىشكەن بىر بۇردا نان نېمىدېگەن قىممەتلىك ھە!

ئادەم تەمەگە قانچىلىك بېرىلگەنسېرى قەدىر – قىممىتىنى شۇنچىلىك يەرگە ئۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلۇغلىرىمىز «تەمەخور ھەرقانچە بەگ بولسىمۇ، ئۇ قۇلدۇر، تەمەخور كىشىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدۇر» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ) دېگەن. «ئادەم تەمەخور بولسا، نەپسىگە قۇل بولىدۇ» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ). «كىمنى تەمەخورلۇق قۇل قىلىۋالغان بولسا، بۇ قۇللۇقتىن ئۆلۈپ قۇتۇلمىغىچە قۇتۇلمايدۇ» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ). «كىمىكى بىر تاۋاق ئاش ئۈچۈن قۇل بولىدىكەن، ئۇنىڭ يۈزىگە قازاننىڭ قارىسىنى سۈرۈش كېرەك» (ئەلىشىر نەۋائى). «ئەگەر سەن تەمەدىن خالى بولالىساڭ شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بولىدۇكى، پۈتۈن ئالەمدىكى كىشىلەر بىر تەرەپ بولسىمۇ، يالغۇز ئۆزۈڭ ئۇلارغا تەڭ كېلەلەيسەن» (ئەلىشىر نەۋائى). يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەمەخورلارنىڭ پەس تەبىئىتىنى يەنە مۇنداق نۇقتىدىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ:«ئەگەر تەمەخور تەمە قىلغىنىغا ئېرىشسە، ئۇ سېنى ئاكام ياكى ئۇكام دەپ ئاتايدۇ، ئەگەر ئېرىشەلمىسە يۈزىنى ئۆرۈيدۇ، ھەتتا تۇغۇلۇپ سېنى زادى كۆرۈپ باقمىغاندەك ئۆزىنى يىراقلاشتۇرىدۇ.»

شەيخ سەئدىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى تەمەخور قۇللارغا ئۇرۇلغان ئەڭ جايىدىكى تەستەكتۇر بەلكىم:

«بىر كىشى بىر تەلەپ بىلەن ئەتىگەندە خارەزىمشاھنىڭ ئوردىسىغا باردى. ئۇ شاھ ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىنغاندا، ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال روكۇغا بارغاندەك ئېگىلدى، ئاندىن قەددىنى رۇسلاپ، سەجدە قىلغاندەك دۈم بولۇپ يۈزىنى يەرگە سۈردى.

يېنىدىكى ئوغلى بۇ ھالنى كۆرۈپ ئاتىسىدىن سورىدى:

– ئاتا، بىر سوئالىم بار جاۋاب بېرەمسىز؟

ئاتىسى سورا، دېگەندە، ئوغلى:

– سىز ھەر دائىم قىبلە ھىجاز تەرەپتە دېمىگەنمىدىڭىز؟ ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۈگۈن نامازنى پادىشاھقا قاراپ ئوقۇدىڭىز، – دېدى.

شۆھرەتپەرەس نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرمە، ئۇنىڭ ھەر سائەتتە باشقا قىبلىسى بار. ئاچ كۆزلۈك، تەمە سېنىڭ ئېتىبارىڭنى چۈشۈرىدۇ. بىر تال ئارپا ئۈچۈن بىر ئىتەك ئۈنچە تۆكىسەن. تەمە قىلىشتەك يامان خۇي سېنى ھەممە سورۇندىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ خۇينى تاشلىغىنكى، سېنى ھېچكىم قوغلىۋەتمىسۇن. ئەي نەپس! ئۆزۈڭدە بارىغا قانائەت قىل، شۇنداق قىلساڭ، شاھ بىلەن گاداينى ئوخشاش كۆرىسەن. نېمە دەپ ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا بىر نەرسە تىلەپ بارىسەن؟ تەمەنى تاشلاپ ئۆزۈڭ سۇلتان بول. ئەگەر نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرسەڭ قارنىڭنى تاۋاق قىلىپ، ئۇنىڭ بۇنىڭ ئۆيىنى ئۆزۈڭگە قىبلە قىلىسەن. ئەگەر ھەر نەپەستە نەپسىڭ ساڭا بەر – بەر دەپ ھۆكۈم قىلسا، سېنى خورلاش ۋە ھاقارەتلەش بىلەن يېزىمۇ يېزا سازايى قىلىدۇ. ئەي ئەقىللىق ئىنسان! قانائەت ئىنساننىڭ بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، تەمەخور ئادەمنىڭ بېشى بولسا مۈرىسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ. بىر كىشى تەمە دەپتىرىنى پۈكلەپ تاشلىۋەتسە، ھېچكىمگە <قۇلىڭىز>، <چاكىرىڭىز> دەپ مەكتۇب يازمايدۇ»

يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندا قەدىمكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز تەمەگەرلىكنى ئىنتايىن يامان كۆرگەن. ئۇلار تەمەگەرلىكنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ئىككى نۇقتىدىن ئىزدىگەن. بىرى، يارىماسلىق، مۇستەقىل ياشاش روھى بولماسلىق؛ يەنە بىرى، نەپسى يامان بولۇش، نەپسى ئۈچۈن ھەرقانداق خورلۇق تارتسىمۇ ھەرگىز ھار ئالماسلىق.

ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ناھايىتى نۇرغۇن رەزىل قىلمىشلار ۋە ۋىجدان، غۇرۇرىنى سېتىشلارنىڭ تۈپ نېگىزىنى تەكشۈرگەندە تار شەخسى مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە تەمەگەرلىكتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. تەمەگەرلىك ۋە تار مەنپەئەتپەرەسلىك نامەرد ئادەملەرنى، زەئىپ خاراكتېرلىك مەخلۇقلارنى مەنبە قىلىدۇ. ھەقىقىي ئەركەك بىر نان يېسە تويىدىغان شۇ قورسىقى ئۈچۈن ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئايىغىدا تۆت پۇتلۇق بولۇپ ئۆمىلىمەيدۇ.

سەئدىنىڭ ھېكايە قىلىشىچە: بىر مەرد كىشىگە خوتەن ئەمىرى بىر يىپەك تون كىيگۈزدى. ئۇ كىشى بۇ ئىلتىپاتقا نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق خۇرسەن بولغان ۋە خانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:

– خوتەن ئەمرىنىڭ بۇ تونى نېمىدېگەن ئېسىل، لېكىن ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تونى تېخىمۇ ئېسىلدۇر.

دېمەك بۇ يەردە گەپ ناھايىتى چوڭقۇر مەنادا يۈرگۈزۈلگەن. چۈنكى مىننەتلىك ئاش قورساقنى ئاغرىتىدۇ. شۇڭا سەئدى بۇ ھېكايىسىنى خۇلاسىلاپ مۇنداق ھېكمەتلىك تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:«ئەگەر ھېچكىمنىڭ مىننىتى ئاستىدا ياشاشنى خالىمىساڭ داق يەردە يات، بىر پارچە پالاس ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرنى سۆيمە.» ئەقىللىق مەرد كىشى چىرايىغا كىبىر سىركىسى سۈرىۋالغان ئادەمنىڭ ھەسىلىنى يېمەيدۇ.

بەزىلەر كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى بۇنداق بۇزۇلۇشنى زاماننىڭ تارلىقى، تىرىكچىلىك بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ چۈشەندۈرىدىكەن. بۇ نېمىدېگەن ئازغۇن ۋە زەئىپ پىكىر – ھە. ئۇيغۇرلاردا «ئۆتمە نامەرد كۆۋرۈكىدىن سەل سېنى ئاقتۇرسىمۇ، يېمە نامەرد ئېشىنى ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ» دېگەن مەردلىك خىتابى بار. نامەردلىك ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ قىستىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىش ئەمەس. قاراپ باقساق، تۇرمۇشتا نى – نى كەمبەغەل، نامرات ئادەملەر بار. بىراق ئۇلار ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشىغا قانائەت قىلىپ كىچىككىنە نەپسى ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن. چوڭقۇرراق كۈزەتسەك تەمەخورلۇق ۋە نامەردلىكنىڭ كۆپىنچىسى يوغان قورساق، پۇلدار مەخلۇقلاردىن كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ. بەزىلەر بىر بالداق يۇقىرى چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەمنىڭ جەسىتىگە دەسسەپ كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر خوتۇن – قىزلىرىنى دەسمايە سېلىش ھېسابىغا رەزىل مەقسىتىگە يېتىشتىن باش تارتمايۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار ئاچ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانمۇ؟ ياق! بۇ ئۇلارنىڭ قېنىدىكى ئىپلاسلىقنىڭ نەتىجىسى.

جەمئىيىتىمىزدىكى نامەردلىكلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى بىرمۇبىر كۆزىتىدىغان بولساق، بارلىق قاتلاملاردىن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىپادىلەرنى تاپالايمىز. بەزىلەر ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىلگىرىكى نامرات چاغلىرىدا ھەمدەم بولغان، جاپا – مۇشەققەتنى تەڭ تارتقان، ئېغىرىنى كۆتۈرگەن قەدىناس خوتۇنىدىن چېنىپ، «مەدەنىي» قىزلاردىن بىرنى تېپىۋېلىپ بالىلىرىنى يېتىم قىلغان. بەزىلەر تەييارتاپلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە يارىماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر ئۆمۈر ئاتا – ئانىسىنىڭ شىللىسىگە مىنىۋېلىپ ئۇلارنى دوك قىلىۋەتكەن. بەزىلەر ئۆكتەملىك، زومىگەرلىك، كۆكەمىلىك قىلىپ باشقىلارنى بوزەك قىلىش ھېسابىغا جان بېقىشقا ئادەتلەنگەن. بەزىلەر باشقىلارنىڭ رىزقىغا توپا چېچىش، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنى سەمرىتكەن؛ يەنە بەزىلەر نومۇس قىلماي تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارنىڭ رىزقىغا چاڭ سالغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.

ئەي نامەرد! نامەردلىك بىلەن ئېرىشكەن قىلدەك ئامىتىڭگە مەغرۇرلىنىپ ئۇنچە كۆرەڭلەپ كەتمە، ئەلگە ئۇنچە غادايما! گۆرەن تومۇرۇڭنى نېمانچە كۆپتۈرىسەن، تۈتۈننىڭ دەردىنى مورا بىلىدۇ،دەپ سەن شۇ ئىمتىيازغا ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارى، بىلىم قابىلىيىتىڭ ۋە ئەلگە قوشقان تۆھپەڭ بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇۋلۇق، شۇملۇقلىرىڭ بىلەن، ئەرلىك ۋە مەردلىكىڭنى، ۋىجدانىڭنى گۆرۈگە قويۇش، ئىنسانىي قەدىر – قىممەتكە ھاقارەت كەلتۈرۈش ئادىمىيلىك ئوبرازغا داغ تەگكۈزۈش ھېسابىغا ئېرىشتىڭ.

ئەگەر بۇلارنى ئىنكار قىلىدىغان بولساڭ قېنى ئىقتىدارىڭنىڭ مېۋىسىدىن ئەلنى بەھرىمەن قىلىپ باقمامسەن. قېنى بولمىسا مانا مەن ھاياتىمدا ئەل ئۈچۈن مۇنداق ئىش قىلىپ بەردىم، دەپباقمامسەن؟!

بەزىلەر ھازىرقى مىللىي ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى، مەدەنىيەت جەھەتتە كەينىدە قالغانلىقىمىز، نىزا – ئاداۋەت، تەپرىقىچىلىك، يۇرتۋازلىق، ھەسەت ۋە چېقىمچىلىق ۋە باشقا بەختسىزلىكلەرنى تۆۋەن تەبىقە خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە يۈكلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئۇچىغا چىققان نامەردلىك. «بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي» دېگەندەك ئىش. خەلقىمىزدە گۇناھ يوق، ئۇلاردا گۇناھ بار دېيىلسە، ئۇلار تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان، كۆپىنچىسى ساۋاتسىز، ئۇلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، نېمە يەپ، نېمە ئىچىۋاتىدۇ، نېمە كىيىۋاتىدۇ، قانداق ئۆيدە ئولتۇرىۋاتىدۇ، نېمە قالاۋاتىدۇ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىلەر؟ پرولېتارىياتنىڭ داھىيسى ئىنگلىس مۇنداق دېگەن:«دارۋىن ئورگانىك دۇنيانىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بايقىغانغا ئوخشاش، ماركس ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ قانۇنىيىتىنى بايقىدى. يەنى ئۇ، كىشىلەر سىياسەت، دىن ۋاھاكازالار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا قادىر بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن يېمەك – ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ جايغا ئىگە بولۇشلىرى ھەمدە كېيىنىشلىرى كېرەك. دېمەك، تىرىكچىلىك ئۈچۈن توغرىدىن توغرا زۆرۈر بولغان ماددىي ۋاسىتىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە دەۋرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ھەربىر مەلۇم باسقۇچى شۇنداق بىر نېگىز بولۇپ تۇرىدۇ. دۆلەت مۇئەسسەسەلىرى، ھوقۇق قاراشلىرى، سەنئىتى ۋە ھەتتا كىشىلەرنىڭ دىنىي تەسەۋۋۇرلىرىمۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئەنە شۇ نېگىزگە ئاساسلىنىپ چۈشەندۈرۈش كېرەك، دېگەن ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە كەينى – كەينىدىن ئېدىئولوگىيىلىك پەردىلەر ئاستىدا بېسىلىپ ياتقان ئاددىي پاكىتنى كەشپ قىلدى». ① ف.ئېنگلىس:«ماركس قەبرىستانلىقىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» 2 – توم 254 – بەت.

ئەگەر بىز بۇ قانۇنىيەتنى ھېس قىلغان بولساق خەلقىمىزگە ئۇنچە كۆپ لىڭگىرچاقلارنى ئارتماس ئىدۇق. بىراق خەلقىمىز يەنىلا قەھرىمان خەلق. ئۇلار ناھايىتى زور تىرىشچانلىق قىلىپ دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ئەمىر – پەرمانلارنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. ھېچبولمىغاندا ئۇلاردا يۇقىرى تەبىقىلەردىكىدەك ياتلىشىش يوق، بىزنىڭ ساپ مەدەنىيىتىمىز، ساپ تىلىمىز، مىللەتنىڭ كەڭ قورساقلىق، سېخىيلىق ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت مىللىي خاراكتېرىنى مانا شۇ ئاددىي خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن تاپقىلى بولىدۇ. بىراق ئۇلار شەھەرلىكلەر ۋە يۇقىرى تەبىقىلەر بەھرىمەن بولغان نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. شۇ خەلققە ئەيىب قويۇۋاتقانلار ئېيىغا ئەر – ئايال نەچچە مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ ياشايدۇ، دېھقانلىرىمىز شۇنداق نەچچە مىڭ كوينى بىر يىل خەجلەيدۇ.

ئەسلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ئارىسىدىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى، زىيالىيلار ئەلۋەتتە ھەر جەھەتتىن خەلققە ئىجابىي يېتەكچى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بىز ئەيىبلەۋاتقان، بىز تەنقىدلەۋاتقان ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئۆزىمىزدە ئىكەن. مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «مەدەنىي» قاتلامنىڭ بۇنچە ياتلىشىشى خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زور زىيانلارنى سېلىۋاتقان ئاساسىي ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بىز بۇ خۇسۇستا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم ۋە بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ تۆۋەندىكى ئىبرەتلىك تەۋسىيەلىرىنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىڭلارغا ھاۋالە قىلىمىز.

ئۆزئارا دۈشمەنلىشىشنىڭ ئاپىتى، ساداقەتنىڭ خاسىيىتى

دۈشمەنلىشىشنىڭ يامانلىقى

ئەي دوست، ھوشيار بولغىنكى،دۈشمەنلىشىش ئىنتايىن يامان ئادەتتۇر. بۇ ئادەت ھەسەتخورلۇق بىلەن ئۈلپەتتۇر، ئۇنىڭ ئۆزى غەم – ئەندىشە ھەم بالايىئاپەتتۇر. ئەمما، ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇلسا، سەمىمىي سادىقلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دۈشمەنلىشىشنى تاشلاش كىشىنى بەخت – سائادەت كوچىسىغا يەتكۈزىدۇ. دۈشمەنلىشىش ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ئەسل – ۋەسلىنى قۇرۇتۇپ، خانۇ مانىنى خاراب قىلىدۇ. ئەگەر پادىشاھلار ئارىسىدا يۈز بەرسە، پۈتكۈل جاھاننى خاراب قىلىدۇ.

جاھان ئەھلىدىن ۋاپا كەلمەيدۇ. ئۇلاردىن دوستانىلىك ناھايىتى يىراق. ئەگەر ياخشى ئويلايدىغان بولساڭ، جاھان ئەھلى ئارىسىدا تۈگىمەيدىغان بىر ھۈنەر بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆچلىشىش، ئاداۋەت بىلەن ئۆزىنى زايا قىلىشتىن ئىبارەت. بىرنەچچە خىل ئادەملەر باركى، ئۇلار ھەمىشە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بىلەن بىرى قاچانىكى ھەمكارلاشسا، ئۇنىڭغا شۇ ھامان ئازار بەرمەي قالمايدۇ. كىمىكى بىرەر ھۈنەرنى ئىگىلىسە، ئۇنىڭغا دەل ھۈنەردىشى دۈشمەن بولىدۇ. بىرى بىرەر ئىشتا ماھارەت كۆرسەتسىلا، يەنە بىرىمۇ شۇ ئىشقا چاڭ سالىدۇ – دە، ھەر تەرەپتىن لاپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زىتلىشىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىگە قارشى ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاداۋىتى كېچە – كۈندۈز كەم بولمايدۇ. ئەمما، ئۇنداق ئىشلار كۆپىنچە ھۈنەرۋەنلەر ئارىسىدا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، پادىشاھلار يۈزمىڭلىغان چېرىكلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزئارا شاھلىقىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشىپ، بىر – بىرىگە قارشى ئىشلارنى قىلىشىدۇ. ھاكىملار بولسا، ئۆزلىرىنى پادىشاھنىڭ ئورۇنباسارى دەپ بىلىشىپ، ھاكىمىيىتىنى تالىشىپ ئۆزئارا زىددىيەتلىشىدۇ. لەشكەر بېشى قوماندان، چېرىك بەگلىرى لەشكىرىي ئىشلاردىكى ھوقۇق – ئىمتىيازىنى تالىشىپ، بىر – بىرىگە ئورا كولايدۇ. ئۇلار پادىشاھقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، مەنسىپى قانچە ئۆسكەنسېرى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىشىش شۇنچە كۈچىيىدۇ. بىلىشى ئازراق بولغان ئاددىي خەلقنىڭ ئارىسىدا دۈشمەنلىشىش، ئۆچلىشىش ئوردىدىكىگە ۋە دىۋان – مەھكىمە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكىگە قارىغاندا ئاز كۆرۈلىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ۋەيرانچىلىق ۋە سورۇقچۇلۇقى يەنىلا دۈشمەنلىشىش – ئۆچلىشىشتىن كېلىپ چىققان. ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئۆچلىشىشى بىرنەچچە ئائىلىنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىللە شۇ قاتاردا ئۆزىنىمۇ خاراب قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما دۈشمەنلىشىشنى پادىشاھلار ئۆزىگە ئادەت قىلسا، ئۆز مەرتىۋىسىنى باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن بىلىپ، ئۇلارنى ئۆز پەرمانىغا كىرگۈزۈشنى قەستلىسە، بۇنداق خىيال پۈتكۈل ئالەم خەلقىنى خانىۋەيران قىلىدۇ. بۇ گوياكى بىر توپان بالاسى، بۇ بەئەينى دەريالارنىڭ تاشقىنى، دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ شىددەتلىك چايقىلىشىدۇر. بۇنداق مەملىكەتتە ئامانلىق ۋە ئاۋاتلىقتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. بۇنداق بالا – قازا تاشقىنىدىن ھېچكىم ئامان قالمايدۇ. پۈتكۈل خەلق جەبىر – زۇلۇمغا دۇچار بولىدۇ. ئەگەر ئىككى پادىشاھ دۈشمەنلىشىشكە بەل باغلىسا، جاھان ئەھلى ئۇ ئىككىسىگە لەشكەر بولۇپ، ھەممىسى بىر – بىرىنى قىرغىن قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلار ھېچنېمىگە قارىماستىن قىلىچ يالىڭاچلاپ، بىر – بىرىگە ھالاكەت تىغلىرىنى تەڭلەيدۇ. ئاتا بىر پادىشاھقا، ئوغۇل يەنە بىر پادىشاھقا لەشكەر بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ بىر – بىرىگە يول قويمايدۇ. ئاداۋەت ۋە قەھرى – غەزەپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە ئاتىسى ئالدىرايدۇ. ئوغۇلمۇ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ. قېرىنداش قېرىنداشنىڭ بېشىنى كېسىشتىن تەپ تارتمايدۇ. دوستلار دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ. بىر ئۆيدىكى كىشىلەرمۇ بىر – بىرىدىن كېچىشىدۇ. ئۇرۇق تۇغقانلار شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئەھۋالدا يات كىشىلەر قانداق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق شىددەتلىك قارا بوران جاھاننى قاپلايدىدىغان بولسا، پىتنە – پاساتنىڭ چاڭ – توزانلىرى خالايىقنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز خۇدىنى بىلمەيدىغان، ئاق – قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان، ھەق – ناھەقنى ئايرىمايدىغان بولىدۇ. جاھان ئەھلى بىر – بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان، بۇلاپ – تالايدىغان ۋە بىر – بىرىنى ۋەتەنلىرىدىن قوغلاندى قىلىدىغان ھادىسىلەر ئومۇملىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالەم بىر ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. گەرچە جەڭ ئىككى پادىشاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاداۋەتمۇ پەقەت ئىككى پادىشاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ زىيان – زەخمەتلىرى، بالايىئاپەتلىرى پۈتكۈل خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. ئاشۇ ئىككى شاھنىڭ دۈشمەنلىكى سەۋەبىدىن سان – ساناقسىز ئاجىز بىچارىلەر ئاياغ ئاستىدا پايخان بولۇپ يانجىلىدۇ، ھالاك بولىدۇ. ئىككى پادىشاھ بىچارە پۇقرالارنىڭ جېنىغا رەھىم قىلماستىن جەڭ مەيدانلىرىنى تۈزۈشۈپ، ئۆزئارا كۈچ سىنىشىدۇ. نەتىجىدە غەلىبە قىلغان بولىدۇ. بىراق شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنداق كۈن ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى ئۈچۈن ئاپەت كۈنى، ياق بەلكى قىيامەت كۈنىدۇر. بۇنداق پادىشاھلاردىن كۆرە، بىر – بىرىگە مۇھەببەتلىك بولغان ئىككى نامرات بىچارىنىڭ ھال – كۈنى ياخشىراقتۇر. چۈنكى ئۇلار بىر – بىرىگە يول قويۇپ، بىر – بىرىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ، بىرى قوللىغاننى يەنە بىرىمۇ قوللاپ، بىرى قارشى تۇرغانغا يەنە بىرىمۇ قارشى چىقىپ، دوستانە ئۆتىدۇ. شۇڭا، بىر – بىرىگە مۇخالىپ ئىككى پادىشاھتىن بىر – بىرىگە مۇۋاپىق ئىككى قەلەندەر ياخشىراق.