يۇرتىمىز قەشقەر

قەشقەر شەھرى قەشقەر دەرياسى دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى، قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرىپى قەشقەر كونىشەھەر نەھىيسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇپ تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرىقتىن غەرىپكىچە بولغان كەڭلىكى 13 كىلومېتېر جەنۇپىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىقى 19 كىلومېتىر، شەھەر رايونى كۆلىمى 15.5 كىۋادىرات كىلومېتىر. قارمىىقىدا 3يېزا 4 مەھەللە باشقارمىسى 57 ئاھالىلەر كومتىتى 37 كەنت ئاھالە كومتىتى بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1473 كىلومېتىر 1995-يىلنىڭ ئاخىردىكى ئومۇمىي نوپۇسى 243 مىڭ600 بۇلۇپ ئۇيغۇرلار %74.94 نى، خەنزۇلار %23.93 نى، باشقا مىللەتلەر %1.09 نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزلىشى: شىمال تەرىپى ئېگىز ، جەنۇپ تەرىپى پەس، تارىختىن بۇيان ئېقىنىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى تىنىشى بىلەن يەر تۈزلىشى مۇرەككەپ بۇلۇپ كەتكەن. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى، تۈمەن دەرياسى، بار. ئۇنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2مىليارد 185 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 67 مىليون كۇب مېتىر. قەشقەر شەھرى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق ئېقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 11.7 سېلتسىيە گىرادۇس.

قەشقەر شەھرى ئىقتىسادى جەھەتتە سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى توقۇمچىلىق سانائىتى، بوياقچىلىق، ئېلىكتىر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، خۇرۇمچىلىق، يىمەكلىك ، كىيىم-كېچەك، قۇرلۇش ماتىرياللىرى، ماشىنسازلىق ۋە رىمونتچىلىق، مەتبۇئات ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ. شەھەر ئەتراپى رايونى شەھەر ئاھالىسىنى يېزا ئىگىلىكىدە «كۆك تاق » بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كوممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە- چىۋە، كۆكتات قاتارلىقار بار.

قەشقەر شەھرىنىڭ ئۇل- مۇئەسسەلىرى بىر قەدەر ياخشى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 314-لېنيىسى شەھەر ئىچىدىن ئۆتىدۇ، شەھەر -يېزا يوللىرى گىرەلىشىپ بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن. ئۈرۈمچىگە ھەركۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ. پۈتۈن ۋىلايەتنى قاپلىغان، پۈتۈن مەملىكەت ۋە خەلقئاراغا تۇتاشقان زامانىۋى خەۋەرلىشىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

بۇ بىر قەدىمى شەھەر 11- ئەسىردىن بۇيان ناخشا-مۇزىكا ماكانى دىگەن نامى بار، كىلاسىك مۇزىكا «12 مۇقام» ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق، يەنە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە سازاۋەر بولغان «قەشقەر سەنىمى»، «دولان ئۇسۇلى»، «ساما» «مەشرەپ» قاتارلىقلار ھازرغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە. مەدىنيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھېيتكار جامەسى، ئاپئاق خوجا مازىرى، (ئىپارخان مازىرى)، بەنچاۋ قەلئەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى قاتارلىقلار بار. 1986-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر شەھرى دۆلەت دەرىجىلىك مەشھۇر تارىخى مەدىنيەت شەھرى قىلىپ بېكىتىلدى.

ئەسەر ئاپتۇرى: ئېنىق ئەمەس

ئەسەر يوللىغۇچى: كۆكتۇغ