ﯞﯦﻨﮕﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ

ﯞﯦﻨﮕﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ

جۇڭ جىنۋېن

سېرىق ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىلەن ۋېنگر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش

ۋېنگر مىللىتى ياۋرۇپانىڭ دوناي دەرياسى بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. بىراق ۋېنگر خەلق چۆچەكلىرى تىپىك ياۋرۇپا – ئاسىيا تۈسىگە ئىگە. نۇرغۇن ۋېنگر خەلق قوشاقلىرىنىڭ سيۇژىت ۋەقەلىكى ئوتتۇرىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق ئوخشاشلىقلار بار. بولۇپمۇ ، سېرىق ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلار تېخىمۇ روشەن نامايەن بولدى. ( بۇ ئىككى تەرەپنىڭ خەلق چۆچەكلىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتىم باشقا ماقالەمدە قويۇلىدۇ ). بۇ ماقالىدە ئاساسەن ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلق چۆچەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىدا بۇ ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن مەدەنىيەت ئاساسى ھەققىدە بەزى مۇھاكىملەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

مانگىس تىپىدىكى ھېكايە ۋەقەلىكى

1. سېرىق ئۇيغۇرلرنىڭ «خاتۇننىڭ سوۋغىسى» ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : خان جەڭگە مېڭىش ئالدىدا ئۈچ خوتۇنىدىن «جەڭدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلسەم قانداق سوۋغا بىلەن قارشى ئالىسىلەر» دەپ سوراپتۇ. چوڭ خوتۇنلىرى زەر ، كۈمۈش يىپلار بىلەن كەشتىلەنگەن ئەجدىىھا تون بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقنى بىلدۇرۇپتۇ. كىچىك خوتۇنى … چىرايلىق بىر ئوغۇل تۇغۇپ ، سىزنى شۇنىڭ بىلەن قارشى ئالىمەن. . دەپتۇ. خاننىڭ دىلى زەھەر چوڭ خوتۇنلىرى كىچىك خوتۇن يەڭگىگەن چاغدا خۇپىيانە ھالدا بالىنى ئۆلتۈرۋېتىپ ، كىچىككىنە بىر پىستە كۈچۈكنى كىچىك خوتۇننىڭ قوينىغا سېلىپ قويۇپتۇ. خان جۆەڭدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەپتۇ. ئۇ جىق تەشۈرۈش – سۈرۈشتۈرۈشلەر ئارقىلىق ئىشنىڭ تېگى – تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپتۇ ھەمدە چوڭ خوتۇنىنىڭ مانگىس ( يالماۋۇز ) لاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.

ۋېنگرلارنىڭ «ئاتۇن چاچلىق قوشگېزەك ئاكا – سىڭىل» ناملىق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق ؛ ئۈچ قىز شاھزادىگە قەلبىنى ئىزھار قىلىشىپتۇ. A ؛ ئەگەر شاھزادە مەن بىلەن توي قىلسا ، بىر تال كەندىرنىڭ يايىسىدىن ئۇنىڭ جىمى لەشكەرلىرىگە ۋە پۇقرالىرىغا بىر قۇردىن كىيىم قىلىپ بېرىمەن ؛ B ؛ ئەگەر شاھزادە مەن بىلەن توي قىلسا ، مەن بىر دانە بۇغداي ئۇرىقىدىن ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگە ۋە پۇقرالىرىغا بولكا پىشۇرۇپ بېرىمەن : C ؛ ئەگەردە ، شاھزادە مەن بىلەن توي قىلسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر جۇپ قوشگېزەك ئاكا – سىڭىل تۇغۇپ بېرىمەن. دەپتۇ. شاھزدە ئۈچۈنچى قىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ، جەڭگە كېتىپتۇ. خانىش يەڭگىگەندىن چاغدا ، ئالدىنقى ئىككىز قىز تۇغۇت ئانا سىياقىغا كىرىۋېلىپ ، ئالتۇن چاچلىق بىر جۇپ قوشگېزەكنى ئېلىپ كېتىپ ، ئورنىغا ئىللى لۈچۈكنى ئەكىرىپ قويۇپتۇ. ھېلىقى قوشگېزەك بالىلارنى كالا – ئات قوتانلىرىغا تاشلىۋېتكەن ئىكەن. مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ئىككىلىسى ھايات قاپتۇ. قوشگېزەكلەر چوڭ بپلۇپ ئانىسىنى زىنداندىن قۇتۇپدۇرۇپ ، شاھزادە بىلەن جەم بوپتۇ. ئالدىنقى ئىككى قىز ئەسلىدە مانگىسلاردىن ئىكەن.

2. «شۇدا شېئىر ماسەنگې» نىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : سەپرا مىجەز ماسەنگې سۆيۈملىكى كەپتەر قىزنىڭ پەيلىرىنى كۆيدۇرۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا – قازا يېغىپ ، قانجۇق ( ئىت ) مىنگەن مانگىس ھەركۈنى كېلىپ تىرنا بىلەن قىزنىڭ بەدىنىنى تېشىپ قېنىنى شوراپتۇ. ماسەنگې ئوقيا ئېتىپ مانگىسنىڭ پىشانىسىنى چېچىۋېتىپتۇ – دە ، قىزنى ئېلىپ قاچىدۇ. يىگىت كۈرمىڭ خېيم – خەتەر ، مۇشكىلاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئاخىرى مانگىسنى يېڭىپ ، قىزنى ىۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. «ئۈچ باشلىق يالماۋۇز بىلەن باتۇر يىگىت» نىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : ئاكا – سىڭىل توي قىلىدۇ. ئاندىن ، ئاكىسى ئوۋغا چىقىپ كېتىدۇ. سىڭلىسى ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ ، سىرتقا ئوت ئىزدەپ چىقىدۇ. ئوت ( چوغ ) بەرگەن موماي ئالا ئىتقا مىنگىنىچە ، چېچىلغان كۈلنىڭ ئىزىدىن بويلاپ قىزغا ئەگىشىپ كېلىدۇ – دە ، ئۈچ باشلىق يالماۋۇزغا ئۆزگىرىپ ، تىرنا بىلەن قىزنىڭ بەدىنىنى تېشىپ قېنىنى شورايدۇ. ئاكىسى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، يالماۋۇز بىلەن جان تىكەپ ئېلىشىدۇ. ئاخىرى يالماۋۇزنىڭ ئۈچ بېشىنى كېسىپ تاشلايدۇ.

ۋېنگېرلارنىڭ «بوغما يىلان شاھزادە» سىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : مەلىكە ئېرىنىڭ يىلان تېرىسى بىلەن ياسىنىۋالغان يىگىت ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ بەكمۇ ئازاپلىنىدۇ. ئۇ خۇپىيانە ھالدا مانگىسنى تاۋاپ قىلىدۇ. مانگىس مەلىكىگە يىلان تېرىسىنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۋېتىشنى دەۋەت قىلىدۇ. نەتىجىدە ، سۆيۈملۈك بوغما يىلان شاھزادە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. مەلىكە ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنىڭ شاھزادىنى ئىزدەش يولىدا يەنە نۇرغۇن قېتىم مانگىسقا ۋە ئادەم گۆشى يەيدىغان مانگىسنىڭ ئوغلىغا يولىقىدۇ. مانگىس سېھرىگەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ قىىزىنى ( ساختا ) مەلىكىگە ئايلاندۇرۇپ ، شاھزادىگە ياتلىق قىلىدۇ. ئاخىر مەلىكە كۈرمىڭ مۈشكىلات ، خېيىم – خەتەرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ شاھزادىنى تاپىدۇ. شاھزادە يىرگىنىشللىك مانگىسنى ئۆتۈرىدۇ.

3. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ «ئالتۇن – كۈمۈش ئاچا – سىڭىل ۋە ياغاچ قىز» ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : ياغاچ قىز ۈرلۈك – تۈمەن ۋاستىلەنرى قوللىنىپ ، ئاتۇن – كۈمۈش ئاچا – شىڭىللارنى بىرلا ۋاقىتتا خاننىڭ خوتۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئاندىن ياغاچ قىز ئاتۇن ئاچىنى دېڭىزغا ئىتتىۋېتىدۇ. كۈمۈش سىڭىز ھەرقېتىم دېڭىز بويىغا كېلىپ ، پەس ئاۋازدا ئالتۇن ئاچىسىنى چاقىرسا ، شۇئان ئالتۇن ئاچا دېڭىزدىن چىقىپ ، كۈمۈش سىڭلىسىغا جىق گۆش ، يېمەكلىكلەرنى بېرىدىكەن. بىر كۈنى يېمەكلىكلەرنى ياغاچ قىز كۆرۈپ قاپتۇ. كۈمۈش قىز ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياغاچ قىز غەزەپلىنىپ ئالتۇن ئاچىنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. خان ئالتۇن ئاچىنىڭ پاجىئەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،ياغاچ قىز سىياقىغا كىرىۋالغان مانگىسنى ئۆلتۈۈپ ، ئالتۇن ئاچىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ.

ۋېنگرلارنىڭ «سېرىق خانىش» چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : پادىشاھ يىراققا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. پادىشاھنىڭ ئاشپىزى سىياقىغا كىرىۋالغان مانگىس خانىشنى دەرياغا ئىتتىۋېتىپ ، ئۆزىنىڭ قىزنى خانىشنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھنىڭ مارال سىياقىغا ياسىنىۋالغان ئۇكىسى كۆرۈپ تۈرىدۇ. مارال خانىشنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ ، ھەر قېتىم دېڭىز بويىغا بېرىپ ئۈچ قېتىم چاقىرسا ، بىر ئالتۇن ئۆردەك قىرغاققا ئۈزۈپ كېلىپ ، گۈزەل خانىشقا ئايلىنىپ بالىسىنى ئېمىتىدىكەن. پادىشاھ قايتىپ كېلىپ ، مارالنىڭ ياردىمى بىلەن ھەقىقى خانىشنى تونۇپ ، يالغان خانىش – مانگىسنى ئۆلتۈرىدۇ.

ئىلاھى بۈركۈت ۋەقەلىكى

1. سېرىق ئۇيغۇرلانىڭ «بۈركۈت بالا» زەھەر قېرى ئەر – خوتۇن بالىلارنى بېقىشتىن باش تارتىپ ، چوڭ ئوغلىنى تىك قىيادىن پەسكە ئىتتىرۋەتكەن ئىكەن ، تاغ بۈركۈتى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ. تاغ بۈركۈتى ئۆزىنىڭ باچكىسىغا ئئۆلۈك قوينىڭ گۆشىنى بېرىپتۇ. بالىغا بولسا تىرىك قوينى ئەكىلىپ ئوزۇقلۇق قىلىپ بېرىپتۇ. بالىغا بۈركۈت تىلىنى ئۆگۈتۈپتۇ. ئۇنىڭغا سەرمال ( بۈركۈت بالا ) دەپ ئات قويۇپتۇ. تاغ بۈركۈتىنىڭ ياردىمىدە بالا چوڭ بولۇپ تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئۆگۈنۈپ ، ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن ئادەمنى تىرىلدۈرەلەييدىغان ، كالا ، قويلارنىڭ ئوزۇقلىنىدىغان ئوت – سۈيىنى مول قىلالايدىغان بوپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ، كىشىلەر بۈركۈتنى ئۆز ئاتا- ئانىسىدەك ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن.

ۋېنگرلارنىڭ «ئەبەدىيلىكنى ئىزدىگۈچى شاھزادە» ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : ئەبىدىيلىكنى ئىزدىگۈچى شاھزادە ئۆز پادىشاھلىقتىن ئايرىلىپ يىراقلارغا سەپەر قىلىۋېتىپ ، كۆككە تاقاشقان ، بەھەيۋەت بىر دەرەخنى كۆرۈپتۇ. غايەت چوڭ بىر بۈركۈت دەرەخنىڭ ئۇستىدە ئايلىنىپ يۈرگەن ئىكەن. شاھزادە يېققىنلاپ بېرىشىغا ، بۈركۈت دەرەىنىڭ ئۇستىدىن ئۇچۇپ چۈشۈپ ، شاھزادىنىڭ يېنىغا قونۇپتۇ – دە ، بىر پادىشاھقا ئايلىنىپتۇ ، بۈركۈت شاھزادىگە «تەڭرى ماڭا ۋە مېنىڭ پۇقرالىرىمغا ئۆلمەسلىكنى ئاتا قىلدى» دەپتۇ. شاھزادە تۈرلۈك خېيىم – خەتەرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، بۈركۈت پادىشاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئەبەدىيلىك مەملىكىتىنى ئاخىرى تېپىپتۇ.

2. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈئېرجىيەن بىلەن ياكسا» ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : سىڭلىسى گۈڭئېرجيەنىڭ ئاكىسى ياكسانى ئىزدەش يولىدىكى سەمىمى – ساداقەتلىك خىسلىتى ئاق چاچلىق موماينى تەدىرلەندۈۈرۈپتۇ. ئاق چاچلىق موماي گۇڭئېرجيەنگە ياكسانىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بۈركۈت ، قاغا ، سېغىزخان ، ئېيىق ، بۆرە ۋە سېىق قۇم ئېلىپ كەتكەنلىكىنى. ئەگەر ياكسانى قۇتۇلدۇرۇپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرمەكچى بولسا ، ئاۋۋال چوقۇم ھېلىقى ھايۋانلارنى بويسۇندۇرىشى لازىملىقىنى ئېيىتىپتۇ. گۇڭئېرجيەن ئۇلارنى يېڭەلمەيدۇ ، ئاق چاچلىق موماي گۇڭئېرجيەننى ئەرشكە ئېلىپ چىقىدۇ. ئىككىسى سامادا پەرۋاز قىلىدۇ. گۇڭئېرجيەن باھايىتى تېزلا چامباشچىلىق ماھارەتلىرىنى ئۆگۈنىۋالىدۇ. ھەربىر ھايۋاننىڭ ئازىدىن ياكسانىڭ بەدىنىنىڭ بۆلەكلىرىنى تارتىپ ئېلىپ ، ئاخىرى ئاكىسىنى تىرىدۈرىدۇ.

ۋېنگىرلارنىڭ «شاھزادە بىلەن بۈركۈت قىزى» ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : بۈركۈت شاھزادىنى بۇلاپ كېتىپ ، ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلدۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما ، مانگىس تۈرلۈك – تۈمەن ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئىلاجىسىز شاھزادە بىلەن قىز قېچىپ كېتىدۇ. مانگىس چوڭ بۈركۈتنى قارا بۇلۇتقا ئايلاندۈرۈپ قوغلاتقۇزىدۇ. لېكىن ، قارا بۇلۇت قوغلاپ يېتەلمەيدۇ. مانگىس ئۆزى چوڭ ئاق بۈركۈت سىياقىغا كىرىپ قوغلايدۇ : يەنىلا قوغلاپ يېتەلمەيدۇ. ئاخىر شاھزادە بىلەن بۈركۈت قىزى ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

3. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ «شۇدا شېئىر ماسەنگې» ناملىق خەلق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : ماسەنگې ماساگىسلارنى يەڭگەندىن كېيىن ، ئۆڭۈردىن قېچىپ چىقىپ كېتەلمەياۇ ، چوڭ بىر بۈركۈت ئۆكڭۈرگە كىرىپ ، ماسەنگېنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ.

ۋېنگىرلارنىڭ «دېھقان بالىسى بىلەن شاھ مەلىكىسى» ناملىق چۆچىكىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق : قىزىل چاچ ئات دېھقان بالىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. بالا بۈركۈتكە ئۆزگۈرۈپ ، قىزىل چاچ ئات باقارنى يېڭىدۇ ھەمدە ئاتۇن بۈركۈتنىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىش ماھارىتىگە ۋە ئاشۇ چىرايلىق پەيلىرىگە تايىنىپ شاھ مەلىكىسىنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولىدۇ.

ئورتاق ئانا تېمىغا ئىگە بولۇشنىڭ تارىخىىي مەدەنىيەت مەنبەسى

يۇقۇرىدا مىسال كەلتۈرگەن ئىككى گۇرۇپپا خەلق چۆچەكلىرىدىكى سېلىشتۈرمىدىن بايقاش تەس ئەمەسكى ، ئىككى تەرەپ خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئانا تېمىسى ئورتاق. مۇنداق ئورتاقلىقنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى نېمە ؟ ئالدى بىلەن تارىخىي مەنبەلەرگە ئىچكىرلەپ كىرىپ مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى :

سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى مىلادى 7 – ئەسىردە موغۇل ئېگىزلىكىدىكى سېلىنگا دەرياسى بوي؛ىرى بىلەن ئورخۇندەرياسى ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردۇر. بۇنىڭدىن ئىچكىرلەپ تەھقىقلىساەك ، ۋېي ، جىن ، جەنۇبىي – شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى تېلىلار بىلەن چىن ، خەن دەۋرلىرىدە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان تۇرالار بىلەن قاڭقىلاردىن ئىبارەت. 840 – يىلى قۇملۇقنىڭ شىمالىدى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرلىپ ، ئۇيغۇرلار توپ – توپ بولۇپ كۆچكەن. بىر بۆلۈكى جەنۇپقا – خېشى كارىدورىغا كېلىپ «گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى» ياكى خېشى ئۇيغۇرلىرى … دەپ ئاتالغان. بۇ بۆلەك ئۇيغۇرلار دەل بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قىسمىدۈر. سېرىق ئۇيغۇرلار «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» دا «黄头回韩» ( سېرىق باش ئۇيغۇرلار ) ، «يۈەن سۇلالىسى تارىخىى» دا «撒里维吾尔» ( سېرىق ئۇيغۇرلار ) دەپ ئاتالغان. بۇ ئاتالمىلار پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى «سېرىق ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغانلىقىدىن كېيىنكى مەنە ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسىن ئىبارەت. ئەمما ، بۇنىڭ تەركىبىدىكى ( سېىق ) سۆزىگە نىسبەتەن تا ھازىرغىچە چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلار ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ. ئەمىليەتتە ، بۇ سېرىق ئۇيغۇرلار تارىخى ھەل بولمىغان. ئېسىلىپ تۈرىۋاتقان مەسىلە.

ۋېنگر مىللىتىنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىمۇ تالاش – تارتىش ئۈستىدە كېتىۋاتقان بىر مەسىلە. 1982 – يىلى ۋېنگريىلىك ئالىم ئارمىن ۋامېرېي«. مارجان ( ۋېنگرلار )نىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ۋېنگرلارنىڭ مەنبەسى تۈركىي خەلقلەر دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋېنگرلارنىڭ ئالىملار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. يەنى … تۈركىي خەلقلەر بىلەن ugor ( ئۇيغۇر )لار ئۇرۇشى يۈز بەردى. گەرچە ، ۋېنگرلارنىڭ مەنبەسى ئۇيغۇرلار ، دېگەن قاراش توغرا دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ۋېنگر مىللىتىنىڭ تەركىبىدە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ قېنى ئارىلاش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.

ۋېىگر ئۆزلىرىنىڭ ماجار ( Magyar ) دەپ ئاتايدۇ. ئىنگىلىز تىلىدا Hunggaxian ، فرانسۇز تىلىدا hongrois ، نېمىس تىلىدا Ungri دىن كەلگەن. لاتىن تىلىدىكى بۇ ئاتالغۇ 5 – ئەسىردىكى بىر قەبىلىنىڭ نامى Dnogur دىن گەلگەن. بۇ نام ئەڭ ئاۋال قەدىمكى شەرقىي رىم تارىخچىسى پرىسكۇس ( priscus ) نىڭ خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ. ئۇ خاتىرىدە : تەخمىنەن مىلادى 461 – يىلدىن 465 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ساراگۇر ( Saragur ) ۋە ئون ئۇيغۇر ( On oghur )لار تۈنجى قېتىم ۋىزانتىيىگە ئەلچىلەر ئەۋەتكەن. بۇ مىللەرلەر سەل ئىلگىرى شەرق تەرەپتىن كۆچۈپ كەلگەن. دەيدۇ. Saragur لار 466 – يىلى پارسلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان ھەمدە ئامىنىيەلۇننى خارابىلىققا ئايلاندۇرۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن Saragur لارنىڭ 5 – ئەسىردىن كېيىنكى ئەھۋالى شەرقىي رىم تارىىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. ئەمما ، 10 – ئەسىردىكى پارسلارنىڭ ئەسىرى. . دۇنيا جۇغراپىيە تەزكىرىسى …. ( Aiamaihudud ) ۋە 11 – ئەسىردىكى پارس تارىخچىسى گاردىزى ( Gardizi ) نىڭ ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان ، شۇنداقلا r , d , r , v ياكى r, e , n , n, n دىن ئىبارەت. ۋېنگرىيە تارىخنامىلىرىدا خاتىرلىنىشىچە ، قەدىمكى ۋېنگريىلىكلەر 5 – ئەسىردىلا ئاللىقاچان جەنۇبىي رۇسىيە تۈزلەڭلىكلىرىدە ماكانلاشقان. ئۇلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئارىلىىشپ ئولتۇراقلاشقان ، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. شۇنداقلا ، نۇرغۇن تۈركىي خەلقلەر ۋېنگرىيىلىك ئارىسىغا قوشۇلۇپ ، سىڭىشىپ كەتكەن. ۋېنگريىىنىڭ Ungarn , hungrans , Hungarian , , Venger , , دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملىرى بار ، بۇ ناملار پۈتۈنلەي تۈرك قەبىلىسى Onagur نىڭ نامىدىن كەلگەن. ئەينى چاغلاردا قەدىمكى ۋېنگرلارمۇ ئۆزلىرىنى «ماجار ( Magyar )» دەپ ئاتايتتى. بۇ نامنىڭ مەنبەسىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ Ungrain دېگەن قەبىلىسىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. ئوخشاشلا ، Saragur لارنىڭ تارىخىي شارائىتى ، كۆچكەن ۋاقىتمۇ ۋېنگريىلىكلەرنىڭ بىلەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مۇناسىۋەتكە ئىگە. Saragur دېگەن بۇ سۆز بىلەن سېرىق ئۇيغۇر ( يۇگۇر ) لارنىڭ ئۆزلىرىنى Sarayour دەپ ئاتىشىنىڭ ئىنتايىن يېقىنچىلىقى بار. مېنىڭچە ، تا ھازىرغىچە ، ھەل بولماي مۇنازىرە ئۇستىدە تۈرۈۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئاتالمىسى مەسىلىسى بىلەن غەرپكە كۆچكەن Saragur قەبىلىسىنىڭ نامى تارىىىي مەنبە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

ئىككىنچى مەسىلە ، مىللەرنىڭ قوشۇلىشى ، نەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىر كۆرسىتىشلىرىمۇ تىل جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. ھازىرقى ۋېنگر تىلىدىكى تەخمىنەن توققۇز پىرسەنت تۈركىي تىللار فوندىغا تەۋە. بۇنىڭ ئىچىدىكى سېرىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان سۆزلەرگە تۆۋەندىكىلەرنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ :

سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا ۋېنگر تىلىدا
Tenger ( دېڭىز ) denas
( بۇقا ) baqa ( كالا ) bika
( قوي ) qoi ( قوي ) kos
( ئوغلاق ) kisga ( ئوغلاق ) kecske
( مېۋە ) alma ( ئالما ) alma
( قەھرىمان ) bater ( باتۇر ) bator

ئۈچىنچى مەسىلە ، مەدەنىيەت – سەنئەتنىڭ ئۆزلىگىدىن ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىپ كېتىشىمۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاساسىغا دەلىل بولالايدۇ. ۋېنگرىيە مۇزىكانتلىرى باتوك بىلەن كېداي خېلى بۇرۇنلا ۋېنگرىيە خەلق مۇزىكىلىرى بىلەن شەرق ( ئاسىيا ) مۇزىكا مەدەنىيىتى ئوتتۇرسىدا قان بىلەن گۆشتەك زېچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. كېداي ئۆزىنىڭ … ۋېنگرىيە خەلىق مۇزىكىلىرى ھەققىدە ، دېگەن كىتابىدا :«گەرچە ۋاقىت ۋېنگريىلىكلەرنىڭ چىراي – شەكلىدىكى شەرقلەرگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقۇتىۋېتىشكە قادىر بولسىمۇ ، ئەمما مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ بۇلىقى – قەلب چوڭقۇرلىغىدا قەدىمىي شەرقنىڭ بىر قىسىم ئالامەتلىرى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغان. بۇ ۋېىگر مىللىتى بىلەن شەرق مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك مۇناسىۋەت بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

ۋېنگرىيىنىڭ داڭلىق شائىرى پىتوفى ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن پارچىلىرىدا ۋېنگر مىللىتىنىڭ شەرقتە پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ، ۋېنگرىيە ئالىملىرى خەلق چۆچەكلىرىنى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا ۋېنگرىيە خەلق چۆچەكلىرىنىڭ قويۇق شەرقچە ئالاھىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. بەزى ئالىملار ۋېنگرىيە خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئەڭ قەدىمىي تەركىبلەرنى شەرقنىڭ شامان دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى رىۋايەتلەردىن ئىزدەپ تاپقان.

تارىخىي مەنبە مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاق خۇسۇسىيەت پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسى. سېرىق ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى مانگىس تىپىدىكى چۆچەكلەر بىلەن ئىلاھىي بۈركۈت رىۋايەتلىرى پۈتۈنلەي شامان دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەدەبىيەتتىكى ئانا تېمىدۇر. ماجارلار غەرپ دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. خاتىرلىنىشىچە ، ماجارلار ئون ئىككى خىل ئىلاھقا چوقۇنغان. بۇلار ؛ قىش تەڭرىسى ، ياز تەڭرىسى ، يامغۇر تەڭرىسى ، شامال تەڭرىسى ، ئۆز تەڭرىسى ، ، كىشى تەڭرىسى ، ئات تەڭرىسى ، تۈن تەڭرىسى ، سۇ تەڭرىسى ، قۇياش تەڭرىسى ، ئۆلۈم تەڭرىسى يەر تەڭرىسى قاتارلىقلار. بۇ تەڭرىلەر شامان مەدەنىيىتى كاتېگويىسىگە تەۋە.

مانگىس تىپىدىكى چۆچەكلەر شامان دىنى ئېتىقادىكى ئوخشىمىغان باسقۇچلارنى ئۆزىگە سىڭدۇرگەن. ئەدىبىي ئەسەرلەردە گەرچە مانگىس ئوبرازى ئادەملەردەك يارىتىلغان بولسىمۇ ، ئەمما مەزمۇنى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ، ئۇ شامان دىنىدىكى زېرەك تەڭرىلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئومۇملاشتۈرىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەسىلەن ، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ. «ئۈچ باشلىق يالماۋۇز بىلەن باتۇر يىگىت» ناملىق خەلق چۆچىكىدىكى ئۈچ باشلىق يالماۋۇز ماھايەتتە ئوت تەڭرىسىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئادەم بىلەن مانگىسنىڭ ئېلىشىشىدا ئىپتىدائىي خەلقلەنىڭ ئوتقا چوقۇنۇش ئىزنالىرى كۆرىنىدۇ. شۇنداقلا ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت ئۇستىدىن غالىپ كېلىپ كېلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئېتىدۇ. يىلان ، كەپتە تېرىلىرى ( سىياقى ) كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن ، بالا – قازانىڭ يۈز بېرىشىمۇ شامان دىنىدىكى بىر خىل سېھرىگەرلىك ۋاستىسىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. مانگىسنىڭ مۇشۇ خىلدىكى چۆچەكلەردە پەيدا بولۇشى ئەمىليەتتە ، شامان دىنى سېھىرگەرلىكىگە بولغان مەلۇم ئىزاھات ۋە چۈشەندۈشتۈر. مانگىس شامان دىنى ئېتىقادى دۇنياسىدا خۇددى بىر تال شەكىلسىز كۈمۈش يىپتەك ، كۆپلىگەن خىسلەتلىك ئىلاھلارنى غەيرىي تۈردە بىر – بىرىگە باغلاپ تۈرىدۇ. بۇ ھال بولۇپمۇ ۋېنگرىيە خەلق چۆچەكلىرىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ئوخشاش بىر چۆچەكتە مانگىس شامال ، ئاي ، قۇياش دېگەندەك تۈرلۈك ئىلاھلار شەكلىدە نامايان قىلىدۇ. بۇ خىل ئىلاھلار قۇدرەتكە ئىگە كۈچ ، ھەقىقەتەن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان رولغا ئىگە. شۇڭا ، ئەدىبىي ئەسەرلىرىدىمۇ ئەبەدىيلىك زوق پەيدا قىلالىغان. بۇمۇ مانگىس تىپىدىكى چۆچەكلەرنىڭ خېلى بۇرۇنلا شەرق – غەرپ ئىككى جايغا بۆلۈنۈپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر ئارىسىدا ئىزچىل تۈردە ئورتاق ئانا تېما بولۇپ ساقلىنىپ كېلىشىدىكى تەبىئىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

خان ئوغلى ۋە خانىشىنى تالىشىدىغان چۆچەك ۋەقەلىرىدە مانگىس يەنە بىر يېڭى رولنى ئېلىپ چىقىدۇ ، بۇ خىل رولنىڭ پەيدا بولۇشى شامان دىنىنىڭ تېخىمۇ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش يۆلۈنىشىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. ئىنسانلاردا ھوقۇق ، مىراس بۆلۈنۈش ۋە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق يېڭى ئورتاق تېمىلار پەيدا بولدى. ئىلىم – پەن تەرەققى قىلمىغان ، جەمئىيەت تېخى مۇكەممەللشمىگەن دەۋرىدە پەيدا بولغان بۇ خىل زور مەسەلىلەر باشقا بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى تىزگىنلەپ تۈردى. شۇڭا شامان دىنى سېھرىگەرلىكمۇ سىياسىي جەمئىيەتنىڭ نەزىر – چىراق مۇنبىرىگە چىققان. . سېھرىگەرلىك تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر كۈچنىڭ ئادەم ، ئىش ، شەيئىلەرگە قارىتا تەسىر كۆرسىتىشى ياكى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنىدىغان بىر ئۇسۇلى ۋە ۋاستىسى بولدى. سېرىق ئۇيغۇ چۆچەكلىرى ۋە ۋېنگرىيە ىەلق چۆچەكلىرىدىكى مانگىس ئوبرازىنىڭ ئوخشاش ئىپادىلىنىشى ئەمىليەتتە ، سېھرىگەرلىك ئاساسىي قاراشلىرىنىڭ بىدەكلىكىدىن باشقا ، تۈپ نېگىزدىن ئېيتقاندا ، ئىككى مىللەتنىڭ بىۋاستە كۆزىتىش جەھەتتە ئىلگىرى ئوخشاش بىر زىمىندا بولغانلىقىدىندۇر.

ئورتاق ئىلاھىي بۈركۈت ۋەقەلىكىدىكى بىلەن شامان دىنىنىڭ بۈركۈت روھى ئانا تېمىسى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە ، شامان – ئادەم بىلەن تەڭرى ئوتتۇرسىدىكى «ئەلچى›› ھېساپلىنىدۇ. قەدىمكى خەلقلەردە : شامان تەڭرى تەرىپىدىن كىشىلەر ئارىسغا ئىلاھىي قۇدرەت يەتكۈزگىلى ئەۋەتىلگەن ، دەپ ئىشىنەتتى. ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر لوگىكسىغا ئاساسلانغاندا ، شامان ئادەم بىلەن تەڭرى ئوتتۇرسىدىكى ئەلچى بولسا ، ئۇنداقتا ، شامان مۇقەررەر ھالدا پانىي دۇنيا بىلەن باقىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدا كېلىپ – كېتىپ تۇرغان بولىدۇ. يەنە كېلىپ ، پانىي دۇنيا بىلەن باقىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدا كېلىپ – كېتىپ يۈرگۈچى تەبىئىي ھالدا ئۇچالايدىغان قابىليەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭا ، شامان دىنىنىڭ دۇنيا قارىشىدا : شامان ئۇچالايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ. سېىق ئۇيغۇرلارنىڭ «گۇڭئېرجيەن بىلەن ياكا» ناملىق خەلق چۆچىكىدىكى ئۇچالايدىغان ئاق چاچلىق موماي ئەمىليەتتە شاماننىڭ نامايەندىسى. شامان دىنى ئېتىقادىدا ساما چەكسىز ، سامادىكى قۇياش ، ئاي ، يۇلتۇزلارمۇ مۇقەددەس ، دەپ قارىلىدۇ. ئومۇمەن ، ساماغا يېققىن بولغانلىقى نەرسە ، ئالايلۇق ، ئىگىز تاغ ، ئىگىز دەرەخ قاتارلىقلار ھەمىشە پەرىشتىلەر كىشىلەر ئارىسىغا چۈشىدىغان «ئاسمان شوتىسسى» ھېساپلىنىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ روھى چۈشكەن جاي ئالاھىدە قەدىرلىنىدۇ. ئوخشاشلا ، بۇرۇنقى كىشىلەر سامادا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قىران بۈركۈتنىڭ ئىگىز – ئىگىزلەرگە ئۆرلەپ بۇلۇتلار ئاسىغا شۇڭغىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئىگىز تاغ ، ئىگىز دەرەخلەرگە سېلىشتۈرغاندا ئەرشىئەلاغا ، پەرىشتىلەرگە تېخىمۇ يېققىن ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇڭا بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا بۈركۈتتىن ئىبارەت بۇ ئوبيكتىغا نىسبەتەن سەزگۈ بىلەن ھېسىيات ، ئبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپ زىچ بىلىشىپ ، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان. ئاستا – ئاستا ، بۈركۈتنىڭ سىرلىق كۈچى ، سىرلىق خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالامىتى بولۇپ قالغان.

بۈركۈتكە چوقۇنۈش قارىشى بىللەن شاماننىڭ سىرلىق كۈچىگە چوقۇنۈش قارىشىنى بىرلەشتۈرگەندە قويۇق شامان مەدەنىيىتى تۈسىگە ئىگە بۈركۈت ئەپسانىسى پەيدا بولغان. بۈركۈتكە چوقۇنۈش قارىشى بىلەن شامان دىنىنىڭ روھ يوقالمايدۇ ، دېگەن قارىشىنى بىرلەشتۈگەندە ، خەلق ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلىرىدىكى بۈركۈت روھى تېمىسى پەيدا بولغان.
يۇقۇرىدا بايان قىلغانلىرىم پەقەت ئىككى مىللەتنىڭ خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرىگە قارىتا مەدەنىيەت شارائىتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ بارغان بەزى مۇھاكىمىلىرىم. مېنىڭچە ، ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە سېستىمىلىق سېلىتۈرما ئېلىپ بېرىلسا ، ئىشىنىمەنكى ، تېخىمۇ يېڭى ، تېخىمۇ مول نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ.

مەنبەسى: «مىراس» ژورنىلىنىڭ 1996 – يىل 3 – سانى