قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ توتىم ئېڭى

ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە

توتېمىزم ھادىسىسى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇرۇق ۋە قەبىلە بىلەن تەڭ شەكىللەنگەن بارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھادىسە بولۇپ، بۇنىڭدىكى «توتېم» (مەتوت) سۆزى ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ ئالگونكىئان قەبىلىسىگە قاراشلىق ئۇجىبىۋا ئۇرۇقىدىكىلەرنىڭ «نامەتوتو» دېگەن سۆزىدىن ئېلىنغان، ئەسلىي مەنىسى «ئۇرۇق»، «ئەجداد»، «يىلتىز»، «قان قېرىنداش» دېگەنلىكتۇر.

سىگمۇند فرېئۇد ئۆزىنىڭ دىنشۇناسلىققا بېغىشلانغان ۋەكىللىك ئەسىرى «توتېم ۋە پەرھىز»دە توتېمىزم ھادىسىلىرىنى ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىك ياكى ئورتاقلىققا ئىگە دەپ كۆرسەتكەن:

1) توتېم ھايۋاننى ئۆلتۈرۈش ياكى يېيىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. بۇ خىل ھايۋانلار ئالاھىدە بېقىلىدۇ ياكى قارىلىدۇ؛ 2) توتېم ھايۋان تاسادىپىي ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭغا باشقا ئۇرۇق ئەزالىرىغا ئوخشاش تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ ۋە دەپنە قىلىنىدۇ؛ 3) مەلۇم شارائىتتىلا توتېم ھايۋاننى توتېمنىڭ مەلۇم ئەزاسىنىڭ يېيىشىگە يول قويۇلىدۇ؛ 4) مەلۇم شارائىتتا ياكى مەلۇم ئېھتىياجنىڭ قىستىشى بىلەن توتېم ھايۋان ئۆلتۈرۈلگەندە، گۇناھىنى تىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 5) توتېم ھايۋان مۇراسىم ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنسا، ئۇنىڭغا ئاتاپ داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 6) داغدۇغىلىق سورۇنلاردا ياكى دىنىي مۇراسىملاردا كىشىلەر مەلۇم ھايۋاننىڭ تېرىسىنى يېپىنىۋالىدۇ، مۇشۇ خىل ئەھۋالدىمۇ توتېم ئېتىقادى رول ئويناۋېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار توتېم ھايۋان ھېسابلىنىدۇ؛ 7) قەبىلە ۋە قەبىلە ئەزالىرى توتېم ھايۋاننىڭ نامىنى قوللىنىدۇ؛ 8) نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ تۇغ – ئەلەملىرى، قوراللىرىغا توتېم ھايۋاننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ، كىشىلەرمۇ بۇ خىل رەسىملەرنى بەدەنلىرىگە چېكىۋالىدۇ؛ 9) ئەگەر توتېم ناھايىتى ۋەھشىي، قورقۇنچلۇق ھايۋان بولسا، قەبىلە ئەزالىرى شۇ توتېم نامى بىلەن ئاتالغان كىشىنىڭ ھەر خىل خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ؛ 10) توتېم قىلىنغان ھايۋان قەبىلىنى قوغدايدۇ ۋە بولغۇسى ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ دەپ قارىلىدۇ؛ 11) كىشىلەر توتېم ھايۋاننىڭ قەبىلىنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىدىن بېشارەت بېرەلەيدىغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يولباشچىسى ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدۇ؛ 12) توتېم ئەزالىرى توتېم ھايۋاننىڭ ئۆزلىرى بىلەن نەسىلداش ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدۇ①.

توتېمنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرى ئەجدادلىرىمىز توتېمىزم چۈشەنچىلىرىدىمۇ روشەن كۆرۈلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي دەۋردە ئۆزلىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە مەلۇم مەنپەئەت ھايۋانات، دەل – دەرەخلەرنى توتېم ئوبيكتى قىلىپ تاللىغان.

بىرىنچى، دەل – دەرەخ توتېمى

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى دەل – دەرەخلەردىن ئاپىرىدە بولغان دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان خاتىرىلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى» (بۆكۈ خاقان رىۋايىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىرقەدەر گەۋدىلىكتۇر. «بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى»نىڭ بىرقانچە خىل ۋارىيانتى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ئىلاھىي دەرەخنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن ئىلاھىي نۇر تەسىرىدىن ئېغىر ئاياغ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن بۆكۈ خاقاننىڭ ئاپىرىدە بولغانلىقى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن ئىلاھىي نۇرنىڭ تەسىرىدىن دەريا ساھىلىدىكى ئىككى تۈپ دەرەخ ئوتتۇرىسىدىكى تۆپىلىكنىڭ تەدرىجىي چوڭىيىپ، ئۇنىڭدىن بۆكۈ خاقان قاتارلىق بەش ئوغۇلنىڭ تۇغۇلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.

«بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى» ئاساسلىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداد چۈشەنچىسى، ئېنىقراقى توتېم چۈشەنچىسى توغرىسىدىكى يارالمىش ئەپسانىسى بولۇپ، «قوچۇ پادىشاھلىرىنىڭ شەجەرە تاش پۈتۈكى»، «قوچۇدىكى چى جەمەتىنىڭ شەجەرىسى»، «قۇتلانچىن ھەزرەتنىڭ ئابىدىسى»، پېرىسىيە تارىخچىسى جۇۋەينىينىڭ «تارىخى جاھانگۇشاي» ناملىق ئەسىرى قاتارلىق مەنبەلەردە بىرقەدەر تولۇق خاتىرىلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «قوچۇ پادىشاھلىرىنىڭ شەجەرە تاش پۈتۈكى» ئەينى ۋاقىتتىكى خان جەمەتى ئىمزا قويغان تاش پۈتۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۇيغۇرلار زېمىنىدا قاراقۇرۇم دېيىلىدىغان تاغ بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۇغلار ۋە سېلىنگا دەيدىغان ئىككى دەريا ئېقىپ چىقىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى دەرەخكە ئاسماندىن زەڭگەر نۇر چۈشۈپتۇ. بۇ ئەلدىكىلەر ئۇ دەرەخنى ئاسراپتۇ. دەرەخ غولى بارا – بارا يوغىناپ، ئۇنى تولغاق تۇتۇپتۇ. نۇرمۇ داۋاملىق چۈشۈۋېرىپتۇ. توققۇز ئاي، ئون كۈن ئۆتكەندە دەرەخنىڭ پوقىقى يېرىلىپ ئۇنىڭدىن بەش ئوغۇل ئاپىرىدە بوپتۇ. كىشىلەر ئۇلارنى بېقىۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ ئىسمى بۆكۈ خاقان بولۇپ، تۇرقى بەستلىك ئىكەن. ئۇ چوڭ بولۇپ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. كېيىن خەلققە پادىشاھ بوپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن 30 ئەۋلاد پادىشاھ ئۆتۈپ، يۇرۇن تېگىن دەۋرىگە كەلگەندە ئاپەت بېسىپتۇ، خەلق ئۆي – ماكانسىز قاپتۇ. ئۇلار يارغول ئايمىقىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ. ئۇ يەر بۈگۈنكى قوچۇ ئىكەن»②.

«بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى»نىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى جۇۋەينىينىڭ «تارىخى جاھانگۇشاي» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: «ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشاپ كەلگەن ۋە بۇ دەريانى ئاساس قىلىپ ئىككىگە بۆلۈنگەن، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار نوپۇسى كۆپەيگەندە، باشقىلارنى ئۆرنەك قىلىپ ئۆز ئىچىدىن بىرىنى باش قىلىپ سايلاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بەش يۈز يىل ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۆكۈ خاقان مەيدانغا كەپتۇ».

ئەينى ۋاقىتتا قاراقۇرۇم تاغلىرىدا ئىككى دەريا بار بولۇپ، بىرى توغلا، يەنە بىرى سېلىنگا دەرياسى ئىكەن. بۇ ئىككى دەريا «قۇملانچۇ» دېگەن جايدا قوشۇلىدىكەن. ئىككى دەريانىڭ ئارىلىقىدا ئىككى تۈپ دەرەخ ئۆسىدىكەن، بىرىنى ئۇلار قۇچۇر دەپ ئاتايدىكەن. بۇ دەرەخ قارىغايغا ئوخشايدىكەن، يوپۇرماقلىرى قىشتا ئارچىنىڭكىدەك بولۇپ، مېۋىسىنىڭ شەكلى ۋە تەمى پىستە (چىلىغوزا)نىڭكىگە ئوخشايدىكەن. يەنە بىر تۈپ دەرەخنى ئۇلار توز (توس ياكى قېيىن دەرىخى) دەيدىكەن. ئىككى دەرەخ ئارىسىدا بىر دۆڭ پەيدا بوپتۇ. بىر كۈنى بۇ دۆڭگە ئاسماندىن نۇر چۈشۈپتۇ. دۆڭ كۈندىن – كۈنگە يوغىناپتۇ. بۇ مۆجىزىنى كۆرگەن ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى ھەيران قاپتۇ. ئۇلار دۆڭگە ھۆرمەت – تەزىم بىلەن يېقىنلىشىپتۇ. ئۇلار (دۆڭ تەرەپتىن) ناخشىدەك يېقىملىق ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاشۇ دۆڭنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتتۇز قەدەم دائىرىگە نۇر چۈشۈپ تۇرىدىكەن. ئاخىر خۇددى ھامىلىدارنىڭ كۆزى يورۇغاندەك دۆڭدىن بىر ئىشىك ئېچىلىپ، ئىچىدىن بارگاھ – چېدىرغا ئوخشاش بۆلۈنگەن بەش ئېغىز ئۆي كۆرۈنۈپتۇ. ھەربىر ئۆيدە بىردىن ئوغۇل بالا ئولتۇرغۇدەك … ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى سۈرۈشتۈرگەنىكەن، كىشىلەر ئۇلارغا ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرەخنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. بالىلار دەرەخلەرگە ۋە ئۈنۈپ چىققان يەرگىمۇ ئۆز ئاتا – ئانىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەندەك ئىززەت – ئېھتىرام بىلەن تەزىم بەجا كەلتۈرۈپتۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرەخلەر زۇۋانغا كېلىپ: «ئېسىل پەزىلەتلىك بالىلىرىم، بۇ يەرگە كېلىپ بالىلىق بۇرچۇڭلارنى ئادا قىلدىڭلار، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭلار، نامىڭلار مەڭگۈ ئۆچمىگەي» دەپتۇ. شۇ جايدىكى كىشىلەر توپ – توپى بىلەن بالىلارنى كۆتۈرۈشكە كەپتۇ ۋە شاھزادىلەرنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەپتۇ. كۆپچىلىك ئۇلاردىن ئايرىلار چاغدا چوڭىغا شونقۇر تېگىن، ئىككىنچىسىگە قوتۇر تېگىن، ئۈچىنچىسىگە تۈكەل تېگىن، تۆتىنچىسىگە ئور تېگىن، بەشىنچىسىگە بۆكۈ (بۇقۇ) تېگىن دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ بۆكۈ تېگىننى قاغانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. ھەممىگە قادىر تەڭرى بۆكۈ تېكىنگە ھەرقانداق ئەلنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ئۈچ قاغا ئاتا قىپتۇ، نەدە ئىش يۈز بەرسە ئۇ قاغىلارنى شۇ يەرگە ئەۋەتىدىكەن، قاغانلار بېرىپ ئايغاقچىلىق قىلىپ، ئۇچۇرىنى ئېلىپ كېلىدىكەن③…

ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئېڭى، قەھرىمانلىق ئېڭى ۋە توتېم ئېڭى – چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ھالەتتىكى ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ئوغۇزنامە»دىمۇ بۇ خىل چۈشەنچىگە ئائىت مۇنداق بايانلار بار: «ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى. ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى. بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى. ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى ئالدى… تىلىكىگە يەتتى… ئۈچ ئوغۇللۇق بولدى. ئوغۇللىرىغا كۆك، تاغ، دېڭىز دەپ ئات قويدى»④.

بۇ يەردە كۆل ئىچىدىكى دەرەخنىڭ بىۋاسىتە ئوغۇز خاقانغا بىر قىزنى سوۋغا قىلىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مەيلى دەرەخنىڭ ئىنساننى ئاپىرىدە قىلىشى بولسۇن ياكى ئىنساننىڭ دەرەخ غولىدا پەيدا بولۇپ قېلىشى بولسۇن، بۇلار ئەجدادلىرىمىز دەل – دەرەخ توتېمى چۈشەنچىلىرىنىڭ باشقىچە شەكىلدىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، يەنىلا ئىپتىدائىي ئاڭ – تەپەككۇرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ:

1) ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئاڭ – چۈشەنچىلىرىدە ئۆز ئەجدادلىرىنى دەرەختىن ئاپىرىدە بولغان دەپ قارايدىغان دەرەخ توتېمى چۈشەنچىلىرى مەۋجۇت بولغان. يۇقىرىقى مەنبەلەر بۇ خىل چۈشەنچىلەرنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك ئىپادىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2) «بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى»دىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى «دەرەختىن تۆرەلمىگەن». گەرچە بۆكۈ خاقان ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۇيۇشقان كىشىلەر ئۆز پادىشاھىنىڭ دەرەختىن ئاپىرىدە بولغانلىقىنى بايان قىلسىمۇ، لېكىن ئۆز تارىخىنى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن دەپ قارايدۇ. دېمەك، «بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى» مەلۇم قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرۇقتىن تەشكىل تاپقان.

يەنە بىر مەسىلە شۇكى، «بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى»نىڭ «تارىخى جاھانگۇشاي»دىكى ۋارىيانتىدا بۆكۈ خاقان قاتارلىق بەش ئوغۇل دەرەختىن ئەمەس، بەلكى دۆڭدىن تۆرەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قەبىلە باشلىقلىرى ئۇلارغا سىلەرنىڭ ئاتا – ئاناڭلار مۇشۇ دەپ دەرەخنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئۇلار گەرچە دۆڭدىن تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن دەل – دەرەخنى ئاتا – ئانىمىز دەپ قارايدۇ. بۇ دۆڭ بىلەن دەل – دەرەخنى ئوخشاش ئۇلۇغلاش ئەمەلىيەتتە تەبىئەت قاراشلىرىنىڭ توتېمىزم قاراشلىرىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، يەنى ئۇلارنىڭ ئېڭىدا دۆڭ بىلەن دەرەخنىڭ ئوخشاش فۇنكسىيىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

3) «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار مىللەت ياكى سىياسىي ھاكىمىيەتتىن ئىبارەت ئومۇمىي گەۋدىگە ئۇيۇشقاندا «كۆك بۆرە»نى توتېم قىلغان. بۆرە توتېمىنى بىرقەدەر كېيىن بارلىققا كەلگەن ۋە بىرقەدەر ئومۇملاشقان توتېم ئىدى دەپ قارىساق، دەل – دەرەخ توتېمى شۇ ئومۇمىي گەۋدە ئىچىدىكى بىرقانچە ئۇرۇقنىڭ ۋە شۇلاردىن تۈزۈلگەن قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ توتېمى بولۇپ، ئاساسلىق توتېم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن. چۈنكى، «بىر ئۇرۇقنىڭ ئاساسەن بىر توتېمى بولاتتى. لېكىن، ئۇ بىرقانچە ئۇرۇقنىڭ تەدرىجىي بىرلىشىپ بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»⑤. شۇنداقتىمۇ بىر مىللەتتە يەنە بىر ئاساسلىق توتېم بولاتتى، بۇ توتېم ئەلۋەتتە شۇ خەلقنى بىرلىككە كەلتۈرگەن قەبىلە توتېمىنىڭ ئاساسلىق ئورۇنغا چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

4) بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسىدىن بىرى بولغان بۆكۈ قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغۇچى بۆكە قۇننى بۆكۈ خاقاننىڭ ئەسلىي پروتوتىپى دەپ قارايدۇ⑥. ئالدىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، بۇ قاراشنىڭ مەلۇم ئاساسى بار دېيىشكە بولسىمۇ، لېكىن مىلادىيە 9 – ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئەجدادلىرىنى دەرەختىن ئاپىرىدە بولغان دەيدىغان ئەپسانىۋى چۈشەنچىلەرنىڭ يېڭىۋاشتىن شەكىللىنىشى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر سەۋىيىسى ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا ماس كەلمەيدۇ. لېكىن، شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆكۈ قەبىلىسىدە ئۆز ئەجدادلىرىنى دەل – دەرەخكە باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان توتېم چۈشەنچىلىرى بولغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، پانتېگىن باشچىلىقىدا غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە ئىچىدە بۆكۈ قەبىلىسىمۇ بار بولۇپ، كېيىن ئۇلار بېشبالىقتا ھاكىمىيەت قۇرغان ۋە كېيىنچە ھاكىمىيەت مەركىزىنى قوچۇغا كۆچۈرگەن. دېمەك، «بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى» ئەڭ ئىپتىدائىي توتېمىزم چۈشەنچىلىرى، قەھرىمانلىق چۈشەنچىلىرى ۋە ھەر خىل تارىخىي قاراشلار بىرلىشىپ كەتكەن يىراق تارىخنىڭ چۆكمە مەھسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2. قۇش توتېمى

قۇش توتېمى دەل – دەرەخ توتېمىغا قارىغاندا بىرقەدەر ئومۇملۇققا ئىگە ئېتىقاد، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تەپەككۇر شەكلى ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋېي – جىن، جەنۇبىي – شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە قاڭقىللار (车高) دېيىلگەن. لېكىن، قاڭقىللار دېگىنى چىن – خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تۇرالار (零丁)لارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئىدى. تۇرالار شاڭ – جۇ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە «翟» (دى) ياكى «狄» (دى) دەپ ئاتالغان. «翟» ۋە «狄» شۈبھىسىزكى، ئوخشاش بىر نامنىڭ ئىككى خىل يېزىلىشى ئىدى. «翟» بىر خىل قۇشنىڭ نامى بولۇپ، «狄» خېتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «翟» بولسا خېتى بىلەن يېزىلغان. «狄» مەزكۇر قوۋمنىڭ ئۆز نامى بولۇپ، «تۈرك» دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خەنزۇچە خەت بىلەن يېزىلىشى ئىدى. «翟» ئۇلارنىڭ تۇتېمى ئىدى. ئۇ يايلاقلاردا پەرۋاز قىلىدىغان بىر خىل يىرتقۇچ قۇش بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى شۇڭقار دەپ قارايدۇ. دېمەك، قەدىمكى دى (狄)لار شۇڭقارنى توتېم قىلغان⑦. ئۇ يايلاق خەلقلىرى كۆندۈرۈۋالغان بىر خىل سېرىق بۈركۈت بولۇپ، تۇمشۇقى ئەگرى، تىرناقلىرى ئۆتكۈر، ئوۋغا ماھىر قۇش ئىدى. تېزلىك بىلەن شۇڭغۇيالايتتى، كىچىك ھايۋانلار، قۇش تۈرىدىكىلەر ۋە بېلىقلارنى تۇتۇپ يەيتتى. قەدىمكى دىلار بۇ خىل قۇشنى توتېم قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ نامى قىلىپ قوللانغان. دېمەك، «قۇشنى ئۇرۇق نامى قىلىپ قوللىنىش توتېمىزم ھادىسىسىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر. يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇرۇق – قەبىلىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نامى توتېم نامىدىن كەلگەن»⑧. ئۇلارنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان ئۇچار قۇشلارغا مەنپەئەتدارلىق نۇقتىسىدىن چوقۇنۇش، بارا – بارا ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆز ئۇرۇقى نامىغا ئايلاندۇرۇش، يەنى ئۇرۇق نامىنى شۇ خىل توتېم نامى بىلەن ئاتاش، ئاخىرىدا ئۇرۇق ۋە توتېمنى بىر گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت تەپەككۇر تەرەققىياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

«يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە مۇنداق خاتىرىلەر بار: 788 – يىلى ئۇيغۇر خانى تاڭ ئوردىسىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزىنىڭ خەنزۇچە نامى بولغان «纥回» دېگەن سۆزدىكى «纥» خېتىنى «شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلغۇچى» دېگەن مەنىدىكى «鹘» خېتىگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان⑨. مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ئۇيغۇر» دېگەن نامغا مۇنداق ئىزاھ يازغان: «ماڭا مۇھەممەد چاقىر ئۇتقاغان ئوغلى نىزامىددىن ئىسرافىل تۇغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن، زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە: دنەرۇھ زۇھ نانى، يەنى بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆز تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن، بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يەيدۇ، دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل دەپ ئاتىلىپتۇ…». بىز بۇنىڭدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا قۇشلارغا چوقۇنۇش ئېڭىنىڭ، يەنى قۇش توتېمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆز ناملىرىنىڭ توتېم قۇشلار ناملىرىغا يېقىن بولۇشىنى ئويلىغان، كىيىم – كېچەكلىرىنى شۇ قۇشلارنىڭ شەكلىدە لايىھىلىگەن.

مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز دىۋانىدا خەلق ئارىسىدا «كۆك توپۇلغان» ئاتلىق بىر ئىلاھىي قۇش چۈشەنچىسى بولغانلىقى توغرىسىدا: «بۇ قۇش قانىتىدا پولات بار ئىمىش، قانىتى بىلەن تاغنى بىر ئۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەر ئىمىش» دەپ يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆنچى دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان «كروران گۈزىلى» ئاتلىق ئايال جەسەتنىڭ ئاخىرەتلىك بۇيۇمى قاتارىدا قۇش پەيلىرى قادالغان بۆك چىققان. ئارخېئولوگلار ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىچۇ ئايمىقىدىن ھون دەۋرىگە ئائىت ئالتۇن قارچىغا تاپقان. بۇ خىل مەنبەلەرمۇ ئەنە شۇ يىراق دەۋرلەردىكى توتېمىزم ھادىسىسى بىلەن تۇتاشسا كېرەك.

پارس تارىخچىسى رەشىدىددىننىڭ «جامىئۇت – تەۋارىخ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق مۇھىم ئۇچۇرلار ئۇچرايدۇ: ئوغۇزخان ئالەمدىن ئۆتۈپ كۈن خان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ۋەزىر ئەرقىل خوجا بۇز ئوق ۋە ئۈچ ئوقلارنىڭ ناملىرىنى قايتىدىن بېكىتتى، ئۇلارغا ئوڭ قانات قوشۇن، سول قانات قوشۇن ناملىرىنى قايتىدىن بەردى. ئەرقىل خوجا يەنە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ نامىنى، تامغىسىنى، بەلگىسىنى بەلگىلەپ بەردى. يەنە بۇ 24 ئۇرۇقنىڭ ھەربىرىگە مەلۇم ھايۋاننى «ئۇنغۇن» (ياكى «ئونقۇن») قىلىپ بەلگىلەپ بەردى. بۇ سۆز «ئىناق» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، تۈركىي تىلىدا «قۇت»، «قۇتلۇق» دېگەن مەنىگە ئىگە. مەسىلەن، «ئىناق بولسۇن – قۇتلۇق بولسۇن دېگەنلىكتۇر». ئۇلاردا شۇنداق بىر ئادەت باركى، ئومۇمەن مەلۇم قەبىلىنىڭ ئونقۇنىغا چېقىلمايدۇ، قارشىلىق قىلمايدۇ، گۆشىنى يېمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار شۇنداق قىلسا خەيرلىك بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. ھازىرغا كەلگۈچە ئۇنىڭ بۇ خىل ئەھمىيىتى ساقلانغان بولۇپ، ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۆز ئونقۇنىنى بىلىدۇ. ھەرقايسى ئۇرۇقلارنىڭ «ئونقۇن» (توتېم) ناملىرى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىلگەن: «كۈن خاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئاق قۇش (鹰ئو)، ئاي خاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تازقارا (鹫)، يۇلتۇز خاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ لاچىن (鹰之兔猫)، كۆك خاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ شۇڭقار (隼)، تاغ خاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆركى ياكى ئۆچكە، دېڭىزخاننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بۈركۈت (چاقىر، 鹰青)لار ئىدى.

قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى ئوغۇز ئۇرۇقلىرى ئىچىدە 20 ئۇرۇقنىڭ توتېمى ھەر خىل قۇشلار بولغان بولسا، تۆتىنىڭ ھايۋان بولغان. دېمەك، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى ئوغۇزلار ئاق قۇش، تازقارا، لاچىن، شۇڭقار، بۈركۈت قاتارلىق چەبدەس، ھەرىكەتچان، ئوۋ خۇمار، ھوشيار، جەڭگىۋار قۇشلارنى ئۆزلىرىنىڭ توتېملىرى دەپ بىلگەن.

بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىدا مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ: ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەردىن تۈركىي قوۋملاردا، بولۇپمۇ موڭغۇللاردا كەڭ تۈردە قوللىنىلىدىغان «نۇگنو» سۆزى مەنە جەھەتتىن «مەتوت» سۆزى بىلەن تەڭداش ئاتالغۇدۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن موڭغۇللاردىكى «نۇگنو»، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردىكى «سوت/زوت» ۋە «كۈزى/كۇدى» سۆزلىرى دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
دېمەكچى بولغىنىمىز شۇكى، 1) موڭغۇل تىلىدىكى ئاتالغۇ دەپ قارالغان «نۇگنو» سۆزى «جامىئۇت – تەۋارىخ»تا «نۇقنۇئا» «ئونغۇن» (ياكى «ئونقۇن») شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، بۇ سۆز تۈركىي سۆزدۇر. چۈنكى، بۇ سۆز ئەسەردە ئېنىق قىلىپ «ئىناق» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئىزاھلىنىدۇ. تۈركىي تىلىدىكى مەنىسى «قۇت» ياكى «قۇتلۇق»تۇر دەيدۇ. مىسال ئېلىپ «ئىناق بولسۇن – بۇ قۇتلۇق بولسۇن دېگەنلىكتۇر، دەپ ئىزاھلايدۇ».
«قۇت» ئىبارىسىگە كەلسەك، ئۇ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىلىرىدە ئاساسەن بەخت – سائادەت، مۇقەددەس، روھ، ئۇلۇغلۇق، ھەيۋەت، مۇبارەك، بەخت – تەلەي، تەقدىر، بەرىكەت، ئەزىز دېگەندەك مەنىلەردە ئىستېمال قىلىنغان. دېمەك، «ئۇنغۇن» سۆزى «ئىناق» سۆزىدىن كېلىپ چىققانىكەن، شۇنداقلا «قۇت» مەنىسىگە ئىگە ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇ موڭغۇل تىلىدىكى بىرەر ئىبارە بولۇشتىن ئاۋۋال ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېڭىدىكى ئەنە شۇ قۇت، مۇقەددەس، ئۇلۇغ، بەخت – تەلەي مەنىلىرىنى بىلدۈرگەن قەدىمىي بىر ئىبارىدۇر.

2) مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوغۇز قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى بىرقەدەر مۇكەممەل ئىجتىمائىي تەشكىلىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، بىر قەبىلىلەر بىرلەشمىسى ياكى ئىتتىپاقى سۈپىتىدە، ئىككى ھەربىي تەشكىلىي گۇرۇھ (بۇز ئوقلار ئوڭ قانات قوشۇنى، ئۈچ ئوقلار سول قانات قوشۇنى)، ئالتە ئۇرۇقداش قەبىلە، 24 ئۇرۇقتىن تەشكىل تاپقان. ئالتە ئۇرۇقداش قەبىلىنىڭ قەبىلە توتېمى، 24 ئۇرۇقنىڭ ئۇرۇق توتېمى بولغان. يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىڭ توتېمى ئۇلارنىڭ تەبىئەت ۋە ئالەم قاراشلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولسا، ھەرقايسى ئۇرۇقلارنىڭ توتېمىمۇ ئەلۋەتتە ئۆزلىرى ياشاپ تۇرغان جۇغراپىيىۋى مۇھىت ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك شەكلىگە ماسلاشقان ئاساستا تاللانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇش توتېمى 20، ھايۋان توتېمى تۆت بولۇپ، قۇش توتېمى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. توتېم ئوبيېكتلىرى ھوشيار، پۇراش، كۆرۈش سەزگۈسى ناھايىتى ئۆتكۈر، ھەرىكەتچان، سۈرلۈك قۇشلاردىن تەشكىل تاپقان. دېمەك، توتېم ئوبيېكتلىرى ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئېستېتىك قارىشى ئاساسىدا تاللانغان.

3) يۇقىرىقى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىن قارىغاندا، موڭغۇللارغا قارىغاندا تۈركىي خەلقلەردە بۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئاۋۋال شەكىللەنگەن ۋە بىرقەدەر تۇراقلىق شەكىلگە كىرگەن ياكى بىرقەدەر سىستېمىلىق ھالەتكە ئۆتكەن. تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن بارا – بارا كۆچۈپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، بۇ خىل مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ ئەسلىي ھالىتى ياكى تىپى موڭغۇل تىللىق خەلقلەرگە تەۋەررۈك بولۇپ قالغان، (مەسىلەن، كۆك تەڭرى ۋە بۆرە توتېمى توغرىسىدىكى ئېتىقاد – چۈشەنچىلەر) مۇھىمى ئۇلار بۇ خىل قەدىمىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى شۇ زاماننىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرغان، بېيىتقان. دېمەك، يۇقىرىقىغا ئوخشاش ساھەلەردىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرىنىڭ شەكىللىنىشى مۇئەييەن ئېھتىياجغا ئايلانغاندا ياكى ئىجاد قىلىنىشى مۇمكىنچىلىككە ئېرىشكەندە، ھامان ئۆزلىرىنىڭ يېڭى «ئىختىرالىرى»نى شۇ تۇپراقتا ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تىپلىرىغا، ئۈلگىلىرىگە تەقلىد قىلغان. يۇقىرىقى مۇھاكىمىلەردىن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، «ئۇنغۇن» (ئونقۇن) ئىبارىلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت تىپلىرى ئەسلىي تۈركىي خەلقلەر ئىپتىدائىي ئاڭ – چۈشەنچىلىرىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، كېيىنچە موڭغۇل تىللىق خەلقلەر مەنىۋى چۈشەنچىلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
4) «سوت/زوت» ئىبارىلىرىگە كەلسەك، بۇلارغا دائىر چۈشەنچىلەر ئەجداد روھىغا تېۋىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى توتېم چۈشەنچىسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ. «كۈزى/كۇدى» ئىبارىلىرىگە كەلسە، گەرچە بۇ ئۇقۇملار تەبىئەت ۋە ئىنساندىن ھالقىغان كۈچ، مۇقەددەس بارلىق، ئىلاھ، تەڭرى مەنىسىدە كەلسىمۇ، يەنىلا توتېم مەنىسى بىلەن تەڭداش ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا يەر ئىلاھى، يەنى يەر – سۇ تەڭرىسى شەكلىدە كېلىدۇ.

3. ھايۋانات توتېمى

تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ھايۋانات توتېمى ئېتىقادىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەنبەلەر ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىرقەدەر كۆپ. بۆرە، شىر، بۇغا، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۇلۇغلاش، ئۇلارغا چوقۇنۇش، بەزىلىرىنى توتېم سۈپىتىدە چۈشىنىش ئەجدادلىرىمىزدا بىرقەدەر ئومۇملۇققا ئىگە. بولۇپمۇ بۆرە توتېمى تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن، تارقىلىش دائىرىسى نىسبەتەن كەڭ بولغان ئىپتىدائىي ئېتىقاد تىپىدۇر. ئەجدادلىرىمىز بۆرىدىن ئىبارەت بۇ ۋەھشىي ھايۋاننى ئۆزلىرىنىڭ نەسلى، ئەجدادى، قوغدىغۇچى ئىلاھى، ھەتتا جەڭ ئىلاھى دەپ قاراپ ئىلاھلاشتۇرغان.
قەدىمكى جۇڭگو مەنبەلىرىدىن ھون، كۆك تۈرك، ئۇيسۇن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىدە بۆرە توتېمى مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۆرە توتېمى توغرىسىدىكى ئەپسانە – رىۋايەتلەرمۇ بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، نوپۇزلۇقلىرى قەدىمكى خەنزۇچە مەنبەلەر ۋە قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى مەنبەلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

«ۋېي سۇلالىسى تارىخى. قاڭقىللار تەزكىرىسى»دە قاڭقىللار (ئېگىز ھارۋىلىقلار)نىڭ ئەجدادى ھېسابلانغان ھونلارنىڭ مەلىكىسى بىلەن كۆك بۆرىنىڭ جۈپلەشكەنلىكى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «ھون تەڭرىقۇتىنىڭ خانىشى ئىككى قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ قىزلار ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا، ھونلار ئېلىدىكى كىشىلەر ئۇنى ئىلاھ (پەرىزات) دېيىشىدىكەن. ھون تەڭرىقۇتى: <قىزلىرىم قانداق كىشىلەر بىلەن جورا بولسا بولاركىن؟> دەپ سوراپتۇ. باشقىلار: <ئۇلار تەڭرى بىلەن جورىلاشسا بولىدۇ> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھون تەڭرىقۇتى ھونلار ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئادەم قەدىمى يەتمىگەن بىر جايغا تاملىرى ئېگىز بىر قورغان سالدۇرۇپتۇ ھەم قىزلىرىنى قورغانغا جايلاشتۇرۇپ: <قىزلىرىمنى تەڭرىنىڭ ئۆزى كېلىپ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن> دەپتۇ. ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئانىسى قىزلىرىنى سېغىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى كۆرمەكچى بوپتۇ. تەڭرىقۇت: <بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن> دەپتۇ. يەنە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قورغان ئەتراپىغا بىر ئەركەك بۆرە پەيدا بولۇپ، قورغاننى ياقىلاپ ھۇۋلايدىغان بوپتۇ ۋە قورغان تېمىنىڭ تۈۋىنى كولاپ ئۇۋا ياساپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈۋېرىپتۇ، بۆرە كەتمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى ئاچىسىغا: <دادام بىزنى مۇشۇ قورغانغا جايلاشتۇرۇپ قويغاندا، تەڭرى بىلەن جورا بولۇشىمىزنى ئارزۇ قىلغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۆرە پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئىلاھىي مەخلۇق ياكى بۆرە قىياپىتىدىكى تەڭرىنىڭ ئۆزىدۇر> دەپتۇ ۋە قورغاندىن چىقىپ بۆرىگە جورا بولماقچى بوپتۇ. ئاچىسى بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ: <بۆرە ھايۋان تۇرسا، ئۇنىڭغا جورا بولىمەن دېيىش ئاتا – ئانىمىزغا ھاقارەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟> دەپتۇ. سىڭلىسى بۆرىنى شۇ قىياپەتتە كەلگەن تەڭرى دەپ تونۇپ قورغاندىن چىقىپ، بۆرىگە جورا بوپتۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپىيىپ بىر دۆلەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپتۇ. بۇ ئەلنىڭ ئادەملىرى ناخشا ئېيتىشقا ماھىر بولۇپ، بۆرىگە ئوخشاش ھەم ئۇزۇن، ھەم ياڭراق ئاۋاز چىقىرالايدىغان بوپتۇ».

ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە توتېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ قەدىمكى بۇ ئەپسانىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «قەدىمكى ھون ھۆكۈمدارلىرىنىڭ بىرىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىككى قىزى بار ئىكەن. بۇ قىزلار شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنكى، پەقەت تەڭرىلەر بىلەن جۈپ بولۇش ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك ئىكەن. ئۇ ھون ھۆكۈمدارى ئۇلارنى ئىنسانلاردىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن مەملىكىتىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە ناھايىتى ئېگىز بىر راۋاق ياسىتىپتۇ – دە، ئۇلارنى شۇ راۋاققا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئۇ قىزلار بىلەن ئۆيلىنىش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ چاقىرىلغان تەڭرى ئاخىردا كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ ئۇلارغا ئۆيلىنىپتۇ. بۇلاردىن توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر تۇغۇلۇپتۇ. توققۇز ئوغۇز بىلەن ئون ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپتۇ».

بۇ ئەپسانىدىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىنكى، «توققۇز ئوغۇز» بىلەن «ئون ئۇيغۇر» بىر تۇغقان ئانىدىن تۇغۇلغان قېرىنداشلار بولۇپ، بۇ تارىخشۇناسلار ئۇزاقتىن بۇيان تالاش – تارتىش قىلىپ كەلگەن «توققۇز ئوغۇز»، «ئون ئۇيغۇر» ياكى «توققۇز ئوغۇز»، «توققۇز ئۇيغۇر» ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلىۋېلىشىمىزغا مۇئەييەن پىكىر ئاساسى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

«جۇنامە. تۈركلەر تەزكىرىسى» 50 – جىلىدتا بىرقەدەر مۇكەممەل بۆرە ئەپسانىسى خاتىرىلەنگەن: «تۈركلەر ھونلارنىڭ باشقا بىر ئۇرۇقى بولۇپ، فامىلىسى ئاشنا ئىدى. ئۇلار ئايرىم قوۋم بولغاندىن كېيىن، قوشنا ئەل بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا پۈتۈنلەي قىرىلىپ كېتىپ، پەقەت 10 ياشلىق بىرلا ئوغۇل بالا ھايات قاپتۇ. يات ئەلنىڭ ئەسكەرلىرى بالىنىڭ كىچىكلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ئۆلتۈرمەپتۇ ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى كېسىۋېتىپ، سازلىققا تاشلىۋېتىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بالىنىڭ قېشىغا بىر چىشى بۆرە كەپتۇ ۋە بالىنى گۆش بىلەن بېقىپتۇ. بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن بۆرە بىلەن بىللە يېتىپتۇ. نەتىجىدە چىشى بۆرە قورساق كۆتۈرۈپ قاپتۇ. يات ئەلنىڭ خاقانى ھېلىقى بالىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىپ بالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ھامىلىدار بۆرە ئىدىقۇت ئېلىنىڭ شىمالىدىكى تاغقا قېچىپ كەپتۇ. بۇ تاغدا بىر ئۆڭكۈر بار بولۇپ، ئۆڭكۈر ئالدىدا ياپيېشىل جىلغا بار ئىكەن. بۆرە جىلغىنىڭ باش تەرىپىدىكى ئۆڭكۈرنى ماكان تۇتۇپ، ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئوغۇللار چوڭ بولغاندىن كېيىن، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىپ، توي قىلىشىپتۇ ۋە نۇرغۇن پەرزەنتلىك بوپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ ئىسمى ئاشنا ئىكەن. مانا مۇشۇ جەمەتتىكىلەر ھەممىدىن تېز كۆپىيىپ، جىلغىدىن چىقىپ ئالتاي تاغلىرىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئاۋارىلار ئۈچۈن تۆمۈرچىلىك قىپتۇ».

يۇقىرىقى ئىككى ئەپسانىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، مەيلى تۈركلەر بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجدادلىرىنى بۆرە بىلەن ئىنساننىڭ جۈپلىشىشى ئارقىلىق ئاۋۇغان دەپ قارىغان. لېكىن، پەرقلىق تەرەپلەر شۇكى، تۈركلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەپسانىلەردە ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇق نەسلى ئانا بۆرە بىلەن ئوغۇل بالىنىڭ جۈپلىشىشىدىن ئاۋۇيدۇ (ئۇيسۇنلارنىڭ بۆرە توتېمى ئەپسانىلىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال ئۇچرايدۇ). بۇلاردا بۆرە تەشەببۇسكار ھالەتتە، ئىنسان بالىسى بولسا پاسسىپ ھالەتتە كۆرۈلىدۇ، ھەتتا كېيىن يەنە ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە توتېمى ھەققىدىكى ئەپسانىلىرىدە ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇق نەسلى ئەركەك بۆرە بىلەن ئايال (ئىنسان)نىڭ جۈپلىشىشىدىن ئاۋۇيدۇ. كۆك تەڭرى ئالاھىدە تەكلىپ ئارقىلىق چاقىرتىلىپ، بۆرە سىياقىدا ھون تەڭرىقۇتىنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىغۇچى ئورۇندا كۆرۈلىدۇ؛ قىز تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر توقۇلمىلىرىدىن شۇنداق قاراش مۇمكىنكى، تۈركلەرنىڭ بۆرە توتېمى ھەققىدىكى ئەپسانىلىرى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئاياللىق ھوقۇقى تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىگە مەنسۇپ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەپسانىلىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئانىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىگە ئالمىشىش دەۋرى، يەنى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى، ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ بىخ ئۇرۇش دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، دەۋر جەھەتتىن تۈركلەرنىڭ بۆرە توتېمى ئەپسانىسى قەدىمىيرەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنرەك بولغان بولىدۇ. «ئوغۇزنامە»دە بۆرە پۈتۈنلەي ئەركەك بۆرە سىياقىدا مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى ئەلۋەتتە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى دەۋرنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆك تەڭرىنىڭ كۆك بۆرە سىياقىدا مەلىكىلەر بىلەن توي قىلغانلىقى بۆرە توتېمى چۈشەنچىسى بىلەن كۆك تەڭرى چۈشەنچىسىنىڭ بىر – بىرىگە ناھايىتى يېقىن تۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
«ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمىزم چۈشەنچىلىرى ئەڭ يۇقىرى قىممەت نىشانى ۋە ئېستېتىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلىدۇ: «تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشتى. ئۇ يورۇق نۇر ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق بىر ئەركەك بۆرە چىقتى. بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى: <ئەي ئوغۇز، سەن ئورۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ، مەن ئالدىڭدا يول باشلاپ ماڭىمەن>… شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلاندى. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق بۇ چوڭ ئەركەك بۆرە يولدىن توختىدى. ئوغۇزمۇ لەشكەرلىرى بىلەن بىللە يولدىن توختىدى. بۇ يەردە ئېتىل دېگەن بىر يەر بار ئىدى. ئېتىل دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قارا تاغ باغرىدا قاتتىق ئۇرۇش بولدى».

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇزخاننىڭ چېدىرىغا چۈشكەن يورۇقلۇق، يورۇقلۇق ئىچىدىن چىققان كۆك تۈكلۈك، كۆك ياللىق ئەركەك بۆرە ئۇلارنىڭ توتېم چۈشەنچىسىدىكى يۈكسەكلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ ئاددىيغىنە توتېم ئوبيېكتى ھايۋانلىقتىن ھالقىپ ئىنسانلارنى قەيەرگە بېرىشقا، قەيەردە تۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ قاچان ئۇرۇشقا ئاتلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇرۇشنى قاچان، قەيەردە قىلىشنىڭ كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۇلارغا ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە كۆك بۆرە توتېم سۈپىتىدە ئەمەس، دىنىي ئېتىقاد چۈشەنچىسىدىكى كۆك تەڭرى ئوغۇزخانغا ئەۋەتكەن ئەلچى، جەڭ ئىلاھى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.

«ئوغۇزنامە»دە يەنە قەھرىمانلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن توتېمىزم چۈشەنچىلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. مەسىلەن، «بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ كۆزلىرى كۆك، ئېغزى چوغدەك قىزىل، يۈزى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر – پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى… ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى. پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقانىدى».

ئوغۇزخان سىياقىنىڭ يۇقىرىقى ھايۋانلارغا ئوخشىتىلىشى تاسادىپىي تەسۋىر بولماستىن، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرىدىن باشقا يۇقىرىقى ھايۋانلارنىمۇ توتېم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي تەپەككۇرى بويىچە ئۇلار توتېم بىلەن ئۆزئارا ئورتاقلىققا، شۇنداقلا فىزىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن بىر – بىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى. ئۇنداقتا ئوغۇز خاقاننىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرىقى ھايۋاناتلارغا ئوخشىتىلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

«ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان: «مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان، ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان، تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان، كۆك بۆرە بولسۇن ھەم ئوران (شوئار)؛ تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان، ئوۋلىقتا يۈرۈشسۇن مال – ۋاران؛ ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن، قۇياش تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان… مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتكۈل جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك…» دەپ جاكارلايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇكى، «ئوغۇزنامە»نىڭ بىر پۈتۈن مەزمۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرىنىڭ مەھسۇلى، ئوغۇزخان بولسا ئۇيغۇر ئۇرۇقلىرى ۋە قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر سىياسىي، ئىجتىمائىي گەۋدىگە ئايلاندۇرغۇچى تارىخىي قەھرىماننىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئوغۇزخان ئۇيغۇر – ئوغۇزلار تارىخىدىكى تۇنجى مىللىي ئېتنىك گەۋدىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى قەھرىمان بولغان بولىدۇ.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوغۇزخان يۈرۈشىدە «كۆك بۆرە» ئوبرازى جەڭگىۋار شوئار سۈپىتىدە قوشۇننىڭ روھىي تۈۋرۈكىگە ئايلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوغۇز بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئاساسىدىكى مىللەت گەۋدىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش توتېمى يەنىلا «كۆك بۆرە» ئىدى. «تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بايرىقىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بۆرە بېشى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ <بۆرە باشلىق بايراق> دېيىلگەن. بۇ بايراق خان ئوردىسى ئالدىغا ئېسىلىدىغان بولۇپ، مۇھىم يىغىلىشلاردا ئۇنىڭغا تەزىم قىلىنغان، ھەتتا چەت ئەل ئەلچىلىرىمۇ ئالدى بىلەن بۇ بايراققا سالام بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن خان بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنغان». دېمەك، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى ھاكىمىيەت گەۋدىسى ھېسابلىنىدىغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا بۆرە يەنىلا باش توتېم قىلىنغان ھەم سۈرىتى دۆلەت بايرىقىغا چۈشۈرۈلگەن، شۇنداقلا دۆلەت گېربى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.

قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە كۈسەن ئۇيغۇرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خانلىقتا قوش خانلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ خانى «ئارسلانخان» (شىرخان دېگەن مەنىدە)، كۈسەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ خانى بولسا «شىرخان» دەپ ئاتالغان. ئالدىنقى مۇھاكىمىلەردە بىز قوچۇ ئۇيغۇرلىرى خان جەمەتىنىڭ بۆكۈ قەبىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدۇق، ئۇنىڭدىن ئۇلاردا دەرەخ توتېمىدىن سىرت يەنە ھايۋانات توتېمىمۇ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. قاراخانىيلار سۇلالىسىدىمۇ «ئارسلانخان»، «بۇغراخان» دېگەندەك ناملار بولغان. بەزى ئالىملار ئارسلان ۋە بۇغرالار قارلۇق قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئىككى مۇھىم قەبىلىنىڭ (ئۇرۇقنىڭ) توتېملىرىدۇر؛ ئارسلان چىگىللارنىڭ، بۇغرا بولسا ياغمىلارنىڭ توتېم ناملىرىدۇر، دەپ قارايدۇ.

«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە: «كۈسەن خانى شىر شەكىللىك ئالتۇن كۇرسىدا ئولتۇرىدۇ، شەھىرى بەش – ئالتە چاقىرىم كۆلەمدە كېلىدۇ»، «سۇلې خانىمۇ شىرسىمان ئالتۇن تاج تاقايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ باشلانغۇچ ئېڭىدا شىرغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، چوقۇنۇش، ھەتتا ئۇلارنى توتېم قىلىش چۈشەنچىلىرى بولغان.

قوشلار ياكى قوسلار دەپ ئاتالغان خەلقلەرمۇ ئۆكۈزنى توتېم قىلغان. تەتقىقاتچى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبلىرىدا ياشىغان قوش ئېلى ئۆكۈزنى خاسىيەتلىك ھېسابلايتتى. ئۇلار بىرەر ھەرىكەت قىلماقچى بولغاندا، ئاۋۋال قوش (بىر جۈپ ئۆكۈز)نى قويۇپ بېرىدىكەن، قوش بېرىپ چۆككەن يەردە ماكان تۇتىدىكەن، جەڭدە قوش ئالغا ئىلگىرىلىسە يۈرۈش قىلىۋېرىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار دەپ ئاتالغانىكەن… بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ، <قوش قويارلار>نىڭ قەدىمكى توتېمى ئۆكۈز بولسا كېرەك». بۇ ھەقتە يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى باسكاكوف مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ نامى <ئۆكۈز> مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆكۈز (بۇقا)نى توتېم قىلغان قەبىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ».

فرانسىيىلىك خامىلتون ئەپەندى بۇقاسقىر قەبىلىسىنىڭ نامى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇقا (ئاقۇب) بىلەن سىيىر (رىيىس) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن كەلگەن، دەپ قارايدۇ.

مۇشۇنداق بولغاندا، بۇقاسقىر قەبىلىسىنىڭ كالا (بۇقا بىلەن سىيىر)نى توتېم قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن. يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار مۇنداق قارايدۇ: «ئۇيغۇرلار توڭرا (ئارگنوت، 罗同) دەپ ئاتىلىدىغان ھايۋانغىمۇ چوقۇنغانىدى. بۇ ھايۋان قاپلاننىڭ بىر خىلى ئىدى. ئۇلار بۇ ھايۋان پىلنىمۇ ئۆلتۈرەلەيدۇ دەپ قارايتتى. رىۋايەتتىكى تۈركلەرنىڭ بىر خاقانى ئالىپ ئەر توڭا يەنى <قاپلانغا ئوخشاش كۈچتۈڭگۈر ئادەم> دەپ تەرىپلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىدىكى توڭرا قەبىلىسى ئۆز نامىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىغان بولۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قاپلاننى توتېم قىلغانلىقىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس». ئومۇمەن، ئوغۇز – ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۆكۈز، بۇقا، سىيىر، توڭرا دېگەندەك كۈچتۈڭگۈر ھايۋانلارنى توتېم قىلغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بەزى تەتقىقاتلاردىن كۆرە، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم قەبىلىسى ئېيىقنىمۇ توتېم قىلغان. «باتۇر ئېلى قۇربان» ناملىق چۆچەكتە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: «بىر كۈنى بىر موماي قىزى بىلەن تاغقا ئوتۇن كەسكىلى چىقىپتۇ. بەختكە قارشى قىزنى بىر ئېيىق ئېلىپ قېچىپ كېتىپ ئۆزىگە خوتۇن قىلىۋاپتۇ. قىز بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ، ئۇ ئېلى قۇربان ئىكەن. ئۇنىڭ تەقى – تۇرقى ئادەمگە ئوخشىسىمۇ، بەدەنلىرى تۈكلۈك، ئېيىقتەك كۈچلۈك ئىكەن. ئۇ داۋاملىق ئېيىق دادىسى بىلەن تاغقا ئوۋغا چىقىدىكەن. ئۇ كېيىن ئاپىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ كەچمىشىنى بىلگەندىن كېيىن، ئېيىق دادىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئانىسىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل بولۇپ، يۇرتىنى رەزىللىكتىن ئامان قىپتۇ. يالماۋۇز دىۋە – پېرىلەر بىلەن ئېلىشىپ، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئاپتۇ.» بۇ ئەپسانە شەرقىي شىمالدىكى ئېلىنچۈن قاتارلىق مىللەتلەر ۋە ياپونىيىنىڭ كۈيى ئارىلىدىكى ئاينۇلارنىڭ ئېيىق توتېمى ئەپسانىسىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان ھەرقايسى قەبىلىلەر ياكى شۇ قەبىلىلەرگە قاراشلىق ئۇرۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ياشاش شارائىتىغا بېقىپ ئەتراپىدىكى، ئورمانلاردىكى، يايلاقلاردىكى ھەر خىل ئۇچار قۇشلارنى، مەزمۇت دەرەخلەرنى، كۈچلۈك، ئۆم، چەبدەس، جەلپكار، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆزلىرىنىڭ نەسلى، يەنى توتېمى قىلىپ تاللىغان، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى بولسا ئۇرۇق – قەبىلە ناملىرى قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇقلىرى ھېسابلانغان ئوغۇزلارنىڭ 20 ئۇرۇقىنىڭ قوشلارنى توتېم قىلىشى ئۇلارنىڭ كەڭ كەتكەن يايلاق، ئورمانلىقلاردا ئوۋچىلىق بىلەن ياشىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرسە، بۆكۈ قەبىلىسى قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ دەل – دەرەخلەرنى توتېم قىلغانلىقى ئۇلارنىڭ ئورمانلىقلاردا ھايات كەچۈرۈشكە ماسلاشقانلىقىنىڭ، ئورمان، دەل – دەرەخلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىنكاسى ئىدى. كۈچلۈك، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى توتېم قىلىشى بولسا، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق، شۇنداقلا قىسمەن دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

بۆرە ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان دەۋرلەردە مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى توتېمغا ئايلانغان. بۆرىنىڭ توتېم قىلىپ تاللىنىشى ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى، ئەجدادلىرىمىز ياشاپ تۇرغان جۇغراپىيىۋى مۇھىت، ئۇلارنىڭ مىللىي پسىخىكىسى، قىممەت قارىشى، ھاياتلىق ئېڭى، ئىجتىمائىي – سىياسىي ئېھتىياجى، باشلانغۇچ دىنىي چۈشەنچىسى بولغان تەڭرى دىنىنىڭ ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەجدادلىرىمىز تارىخىدىكى توتېمىزمنىڭ مەنىسى ۋە ئىجتىمائىي فۇنكسىيىسىدىن شۇنداق تۆۋەندىكىدەك قاراشقا بولىدۇ:
1) ئەجدادلىرىمىز توتېم قىلغان ھايۋانات ياكى دەل – دەرەخلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى ياكى كېلىپ چىقىش مەنبەسى دەپ قارىغاننىڭ سىرتىدا، ئۆزلىرى بىلەن ئورتاق ماھىيەتكە ئىگە ھەمنەپەس قېرىنداش دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇرۇق، قەبىلە ۋە قوۋمنىڭ توتېملىرى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. لېكىن قوۋم، قەبىلە، ئۇرۇق بويىچە مۇئەييەن نەسەب ۋە توتېم دەرىجىسى شەكىللەنگەن. بىر مىللەت ياكى قوۋمدا بىر ئاساسىي توتېم بولغان، شۇنداقلا بىرقانچە قوشۇمچە توتېمنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلغان. قوشۇمچە توتېمنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەردىن تەشكىللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەشكىلىي شەكلى، سىياسىي مۇددىئالىرىنىڭ توتېم ئېڭى ۋە تۈزۈمىدە ئەكس ئېتىشى ئىدى، خالاس.

2) توتېم ئوبيېكتلىرى نوقۇل ئۇرۇق ياكى قەبىلىلەرنىڭ بىر – بىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ۋاسىتىسى، ناملىرى، ئەجدادلىرى، بەلگىسى دەپ چۈشىنىلىشتىن ھالقىپ، توتېم بىلەن مۇئەييەن ئۇرۇق ئۆزئارا مەنىداش، نەسىلداش دەپ قارالغان. شۇڭا، توتېم ئوبيېكتى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئورتاق مىللىي پسىخىكىسى، مىللىي روھى ۋە مىللىي خاراكتېرىنىڭ تۇراقلىشىشىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. يەنى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىممەت ۋە ئېستېتىك قاراشلىرى، مىجەزى، قىزىقىشى بويىچە ئۆز پائالىيەت دائىرىسىدىكى مەلۇم ئوبيېكتنى توتېم قىلىپ تاللىغان. نەتىجىدە ئۇلاردا تەدرىجىي ھالدا توتېم ئوبيېكتىدىن پەخىرلىنىش پسىخىكىسى شەكىللىنىپ، مەلۇم پائالىيەتلەردە تەقلىد قىلىش، دوراش ئارقىلىق توتېم ئوبيېكتلىرى ئىگە بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىدا يېتىلدۈرمەكچى بولغان. سۇبيېكتنىڭ ئوبيېكتلىشىشى ۋە يەنە ئوبيېكتنىڭ قايتا سۇبيېكتلىشىشى تەرىقىسىدىكى پسىخىك روھىي ئۆتۈشۈش ئۇلارنىڭ ئۇيۇشقاق، ھوشيار، سەزگۈر، «جەڭدە ئۆلۈشنى شەرەپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈشنى نومۇس دەپ بىلىدۇ»غان باتۇر، جەڭگىۋار مىللىي روھى ۋە پسىخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.

3) توتېمىزمنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى توتېم تۈزۈمى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئۇرۇق، قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلىي قۇرۇلما ئاساسىدا مۇئەييەن چەكلەش، يېتەكلەش خاراكتېرىنى ئالغان پەرھىزلەر، ئەخلاق تۆرۈلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. ئومۇمەن، بىر ئۇرۇق ئىچىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشى، توتېم ئوبيېكتلىرىغا چېقىلىش، ھۆرمەتسىزلىك قىلىش، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش قاتتىق چەكلەنگەن. مەسىلەن، «جامىئۇت – تەۋارىخ»تا ئوغۇز ئۇرۇقلىرىغا ئائىت يەنە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: «ۋەزىر ئەرقىل خوجا يەنە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ناھايىتى ئېنىق بېكىتتى: ھېيت – بايراملاردا غىزالانغاندا ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىكى، گۆشنىڭ قايسى قىسمىنى يېيىش كېرەكلىكى ھەمدە ئۇلار قايسى دۆلەت ۋە رايوندا، نەدە بولسۇن، ئالىدىغىنى، يەيدىغىنى، ئۈلۈشى ناھايىتى ئېنىق بولدى. ئۇنداق بولمىغاندا ئازراق ھۇزۇر – ھالاۋەتنى دەپ ئۆزئارا ئۇرۇش – تالاش ياكى كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقاتتى». يەنى، بۇ ئەسەردە 24 ئۇرۇقنىڭ يېيىشكە تېگىشلىك گۆشنىڭ مالنىڭ قايسى قىسمى بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان. بىز بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق – توتېمىزم تۈزۈمىنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادەتلىرىگىچە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى بىلىمىز.

4) توتېمىزم ئۇرۇق ياكى قەبىلىنىڭ ئىچكى بىرلىكىنى كۈچەيتكەن. ئۇلار توتېم بەلگىلىرىنى خانلىقنىڭ تۇغ – ئەلەملىرىگە، ئەسكەرلەرنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە، كەمەر توقىلىرىغا كەشتىلەش، چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ توتېم ئوبيېكتلىرىغا بولغان چوقۇنۇش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار يەنە مۇھىم يىغىلىشلاردا توتېم بەلگىلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قايسى توتېمغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىر قىسىم كىشىلەر نامىنى توتېم نامى بىلەن ئاتاش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، توتېمغا بولغان ھۆرمەت – ساداقىتىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، توتېم ئىگە بولغان كۈچ – قۇدرەت، جاسارەت ياكى ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئېرىشمەكچى بولغان. مەسىلەن، ئالىپ ئەر توڭا، بۆرە بەگ، ئارسلان تېگىن، بۇغراخان، شىرخان، توغرۇل بەگ دېگەندەك ئىسىملار دەل مۇشۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

5) توتېم ناملىرى پەقەت ئۇرۇق، قەبىلە ناملىرىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە ئىپتىدائىي فامىلە ۋە نەسەبنى ئىپادىلەش رولىنىمۇ ئوينىغان. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇقداشلىق ۋە توتېمىزم دەۋرىدە ئۇرۇق ياكى قەبىلە ئەزالىرىنىڭ يەككە ئىسمى بولماستىن، كوللېكتىپ ئىسمىلا بولغان. ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىسىملىرى بولسا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەنە شۇ توتېم ناملىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. خۇددى ھازىرقى زامان كىشىلىرى جەمەت، نەسەبلىرىنى فامىلە (كۆپىنچە خەنزۇلار ۋە ياۋروپالىقلاردا)، لەقەملەر (كۆپىنچە ئۇيغۇرلاردا) ئارقىلىق پەرقلەندۈرگەنگە ئوخشاش، قەدىمكىلەر ئۆز ئۇرۇقىنى، نەسەبىنى، يىلتىزلىرىنى ئەنە شۇ توتېم ناملىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن مىللەتلەردە فامىلە قاتارلىق مەدەنىيەت تەركىبلىرى توتېم ناملىرىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. توتېم ناملىرى يەنە ئۇرۇق – قەبىلىلەرنىڭ ناملىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنىمۇ ئۆتىگەن. مەسىلەن، يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا: «مەن يەتتە بۆرىنى ئۆلتۈردۈم… قاپلان بىلەن ئىككى ياشلىق بۇغىنى ئاتمىدىم» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. بۇ يەردىكى قاپلان ۋە بۇغا قىرغىزلارنىڭ توتېمى بولۇپ، «يەتتە بۆرىنى ئۆلتۈردۈم» دېگىنى – «بۆرىنى توتېم قىلغان يات قەبىلىلەرنى قىردىم» دېگىنى ئىدى؛ «قاپلان بىلەن بۇغىنى ئاتمىدىم» دېگىنى – «ئۆز ئۇرۇقتىكىلەرگە چېقىلمىدىم» دېگىنى ئىدى. يەنى، ئۇلار ئۆز قەبىلە – ئۇرۇق ناملىرىنى بىۋاسىتە توتېم ناملىرى بىلەن تۇراقلاشتۇرغان.

ئىزاھلار:
① سىگمۇند فرېئۇد: «توتېم ۋە پەرھىز»؛ سۈن يىپىڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «غەرب دىنشۇناسلىقى مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى»، خەنزۇچە، جياڭشى خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى، 189 – بەت.
② ئەسلىي تاش پۈتۈك ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشەن ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىن 30 چاقىرىم يىراقلىقتىكى تاش غارغا خەنزۇچە ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا يېزىلغان. بۇ ھەقتىكى باشقا ئۇچۇرلار ۋە تەتقىقاتنى تيەن ۋېيجاڭ يازغان «قوچۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخى تېزىسلىرى» ناملىق ئەسەردىن كۆرۈڭ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006 – يىلى نەشرى، خەنزۇچە، 116 – بەتتىن 130 – بەتكىچە.
③ جۇۋەينىي (ئىران): «تارىخى جاھانگۇشاي» ( «جاھاننى ئىستېلا قىلغۇچىلار تارىخى»)، خەنزۇچە، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1981 – يىلى نەشرى، 62 -، 64 – بەتلەر.
④ گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپلار نەشرگە تەييارلىغان: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980 – يىلى نەشرى، 45 – بەت.
⑤ شياۋ ۋەنيۈئەن قاتارلىقلار تۈزگەن: «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى»، خەنزۇچە، 10 – بەت، ئەنخۇي خەلق نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى.
⑥ تيەن ۋېيجاڭ: «قوچۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخى تېزىسلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006 – يىلى، خەنزۇچە، 121 – بەت.
⑦ غەيرەتجان ئوسمان: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقار ئېتىقادچىلىقى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1994 – يىللىق 4 – سان، 115 – بەت.
خې شىڭلياڭ: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى»، خەنزۇچە، سودا نەشرىياتى، 2003 – يىلى نەشرى، 209 – بەت.
⑨ «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى».
مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 – توم، 151 – بەت.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 – توم، 674 – بەت.
رەشىدىددىن فەزلۇللاھ: «جامىئۇت – تەۋارىخ»، خەنزۇچە، سودا نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى، 1 – جىلد، 1 – كىتاب، 141 – بەت.
يۇقىرىقى ئەسەر، 142 – 145 – بەتلەر.
ئەسئەت سۇلايمان: «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى، 247 -، 252 – بەتلەر.
رەشىدىددىن فەزلۇللاھ: «جامىئۇت – تەۋارىخ»، 141 – بەت.
ئىمىن تۇرسۇن: «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 – يىلى نەشرى، 70 – 74 – بەتلەر.
«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. قاڭقىللار تەزكىرىسى»
بۇ ئەپسانە «بۈيۈك تۈرك تارىخى» دېگەن ئەسەردە خاتىرىلەنگەن. ئابدۇكېرىم راخمان: «يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە – رىۋايەتلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985 – يىلى نەشرى، 1999 – يىلى باسمىسى، 58 – بەت.
«جۇنامە. تۈركلەر تەزكىرىسى».
«ئوغۇزنامە»، 48 -، 49 – بەتلەر.
«ئوغۇزنامە»، 40 – 41 – بەتلەر.
«ئوغۇزنامە»، 46 – بەت.
«يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى».
گېڭ شىمىن: «قاراخانىيلار تارىخىدىن قىسقىچە بايان»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى» ژۇرنىلى، 1982 – يىللىق 1 – سان.
ئىمىن تۇرسۇن: «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 – يىلى نەشرى، 64 – بەت.
باسكاكوف: «ئوغۇز ۋە ئوغۇزخان سۆزلىرىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا»، «مىللەتلەر تەرجىمىلىرى»، 1982 – يىللىق 1 – سان؛ ئەسئەت سۇلايمان: «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى، 263 – بەتكە ئېلىنغان نەقىل.
خامىلتون (فرانسىيە): «بەش دەۋر ئۇيغۇر تارىخى ماتېرىياللىرى»، 5 – بەت؛ ئەسئەت سۇلايمان: «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى، 141 – بەتكە ئېلىنغان نەقىل.
ئەسئەت سۇلايمان: «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى، 141 – بەت.
ياڭ شېڭمىن: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998 – يىلى نەشرى، 297 – بەت.
رەيھان: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيىق توتېمى ئېتىقادى ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ بايانىي ئەدەبىياتى ۋە شامان مەدەنىيىتى»، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1990 – يىلى نەشرى.
«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. 990 – جىلد، تۈركلەر، تېلىلار تەزكىرىسى».
رەشىدىددىن فەزلۇللاھ: «جامىئۇت – تەۋارىخ»، سودا نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى، 1 – جىلد، 1 – كىتاب، 141 -، 142 – بەتلەر.

(ئاپتور شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن – ئىقتىساد ئىنستىتۇتىدا، دوتسېنت)