قاراخان رېۋايىتى

بۇندىن بىر نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن غايەت زور قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۆز يۇرتىلىرىنى تاشلاپ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە كۆچۈپ تارقىلىشقا باشلاپتۇ. كۆچۈشتىن قالغانلىرى دەريا بويلىرىغا ئورۇنلىشىپ، ئون توققۇز كىچىك خانلىق قۇرۇپتۇ. بۇ كىچىك خانلىقلار ئۆز مەنپەئەتلىرىنى سىرتقى دۈشمەنلەردىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن دەريانىڭ غەربىدىكىلىرى ئون قەبىلە بىرلىشىپ بىر چوڭ خانلىق قۇرۇپ، ئۆز ئىچىدىن بىر كىشىنى خان قىلىپ ئۇنىڭغا «ئەل ئىلىتەر» (ئەل باشلىغۇچى) دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپتۇ. ئۇلار بۇ بىرلەشمە خانلىقنى «ئون ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپتۇ. دەريانىڭ شەرقىدىكى توققۇز كىچىك خانلىقمۇ بىرلىشىپ، ئۆزلىرى سايلاپ چىققان خانغا «كۆل ئەركىن» (دېڭىزدەك ئەركىن) دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپ، دۆلىتىنىڭ ئىسمىنى «توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتاپتۇ. ئۇلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزى يۇرتلىرىنى ھەر قانداق كۈچلۈك دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن، ھېلىقى ئىككى بىرلەشمە خانلىق بىرلىشىپ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرۇپ، ئۆزلىرىنى بىرلەشتۇرگەن ئادەمگە «قاراخان» (قۇدرەتلىك، ئۇلۇغ، بۈيۈك خان) ئۇنۋانىنى بېرىپتۇ. بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ مەركىزى قەشقەر بولۇپ، ئۇنى «ئوردا كەنت» دەپ ئاتاپتۇ.
بۇ رىۋايەت رەمىزىنىڭ «ئالىپقۇلئەخبار» ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.