قەشقەردىكى چۆكۈش ۋە ئۆرلەش

ئەختەم ئۆمەر

1. قەشقەرنىڭ چۆكۈشى

ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ بىلىدىغىنىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇنتۇيدىغانلىرىمۇ كۆپ بولدى. ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ كاللىسىغا سىغىدىغان نەرسىنىڭ چېكى بار. بۇ خۇددى ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش ئۇزۇنلۇقى توختىغان يەر قازانغا ئوخشاش كۆرۈنگەندەك ئىش. شۇڭا ئادەملەر ئۇنتۇپ كەتمەسلىكنىڭ ئامالىنى قىلىپ يېزىق ئىشلىتىپ قەغەزگە پۈتۈۋالغانىدى. مانا ئەمدى كاللامغا سىغمىغان نەرسە قەغەزگە قانداق پاتسۇن دېگەندەك، قەغەزگىمۇ سىغمىغاننى يەنە بىر سۈنئىي كاللا ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇنىڭغا كومپيۇتېر دەپ ئات قويۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئاشۇ كاللىسىغا تايىنىپ ھەل قىلىدىغان بولۇشتى. بۇرۇنقى ئادەملەرنىڭ بىر كاللىسى بولسا ھازىرقى ئادەملەردە ئىككى كاللا بولدى. بۇنىڭغا قاراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەپسانە – رىۋايەتلىرىدىكى «ھەرقانداق بىر كاللىسى بارلا ئادەم بولسا ئالدىمغا چىقسا تەڭ تۇرالايمەن… يەتتە باشلىق دىۋە… يەتتە باشلىق يالماۋۇز… بىر بېشىنى كەسسە قالغان ئالتە بېشى ئۆلمەپتۇ» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئەپسانە – رىۋايەت ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىۋاتامدۇ نېمە دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ. دۇنيانىڭ ساختىلىشىشى، تەبىئىيلىكلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ ھەممە نەرسىنىڭ سۈنئىيلىشىشى تەبىئەتتىن ياتلىشىشتەك زور پاجىئەنى باشلىدى. مەسىلەن: ئاياللارنىڭ تەبىئىي تۇغماي سۈنئىي ھالدا قورساقنى كەستۈرۈپ تۇغۇشى، بالىلارنىڭ تەييار ئىشىكتىن كىرىپ چىقماي دېرىزىدىن ئۆيگە كىرىشىدەك ساراڭلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئېمىتمەي كالا سۈتى بىلەن بېقىپ ئادەم قىلىشى، بالىلارنىڭ ئادەملىك تەبىئىتىدە بىر – بىرىگە ئىنسانىي مېھرىبانلىقتىن كۆرە، ھايۋانىي نەپسى ئۈستۈن بولۇپ چىقىش پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئادەم سۈتىدە ئادەملىك ئەخلاقىنىڭ ھۈجەيرىسى مەۋجۇت بولسا، كالىنىڭ سۈتىدە پەقەت ئۆز نەپسى ئۈچۈن ياشايدىغان ھايۋان تەبىئىتىنىڭ ھۈجەيرىسى تولغانىدى. ئادەملەر ئۆز نەپسى مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقا جامائەتنىڭ بارلىق تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالغانچە ئۆزلىرىنىڭمۇ تەبىئىي ھوقۇقى كەملەپ مېڭىۋاتىدۇ. «مەن قىلارمەن ئوتتۇز، خۇدايىم قىلار يوققۇز». يەرگە چاچقان ئۇرۇق، زىرائەتلەرنى ئاسراش ئۈچۈن قۇشلارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئادەملەرنىڭ نادان ھېسابى بويىچە ھوسۇل ئاشسا بولاتتى. ئەمما ئەكسىچە، پىت ئۆلتۈرگەنچە پىت بېسىپ، چاشقانغا تۇزاق قۇرسا مۈشۈك ئۆلۈپ چاشقان كۆپىيىپ، بۆرە ئۆلگەنچە قوي ئاينىماي، تۈلكە ئۆلسە توشقان بېسىپ زىيان سېلىش قاتارلىقلار تەبىئەتنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئادەملەرنىڭ تەبىئەتكە زىيانكەشلىك قىلىش ھېسابىغا پايدا ئالىمەن دەپ زىيان تارتىشى ئىدى.
خوش، ئەمدى قەشقەرنىڭ گەپ قىلىش ئادىتى بويىچە بىز گەپنى يىراقتىن ئەگىتىپ، ئاخىر دېمەكچى بولغان يەرگە يۆتكەيمىز.
ئادەملەر تەبىئىي، ھاياتلىق تەبىئىي چاغدا ئۇنتۇغاق ئىنسانلار ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن، ئۇيغۇر دېسە بىلمەي گاڭگىراپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما «قەشقەر» دېگەن ئىسىمنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. قەشقەر ھەرھالدا جاھان مەدەنىيىتى ئەستىلىكلىرى ئىچىدە يەر شارىدىكى ھەر ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرەر ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىگە ۋەكىل شەھەر بولۇپ ساقلىنىپ كەلگەنىدى. ئەمما ھايات رىتىمى، رىقابەت، ئۇچۇر ئالىمى، تەرەققىيات تورمۇزى بۇزۇلغان ماشىنا ئېگىز دۆڭدىن تەكتى ئەسراغا قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقاندەك، قەدىمىي مەدەنىيەت ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ شەھەرنى بارغانچە تېز ئۇنتۇپ، تېز ئەستىن چىقىرىپ قويۇشقا باشلىدى. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ بىردىنبىر تەبىئىي يادىكارلىقى بولغان بۇ قەدىمىي مەدەنىيەت شەھىرى گويا توپان بالاسىدا قۇمغا چۆكۈپ كەتكەن تەكلىماكاندىكى قۇياش شەھىرىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى تېز رىتىملىق مەدەنىيەت ئالىمىدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى نۇرلۇق مەدەنىيەت جۇلاسىنى يوقىتىپ چۆكۈپ كېتىشكە باشلىدى. ئۇ گويا دۇنيانى تىترەتكەن ھون مەدەنىيىتىگە ئوخشاش كۆزدىن غايىب بولماقچى ئىدى. ئەگەر ھوللىۋودتىكى كىنو ئىشلىگۈچى تەلۋە بايلار تېتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىشىدەك ئىنسانىيەت پاجىئەسىنى ئىشلىگەن پۇلغا قەشقەرنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى ئىشلىمەكچى بولسا، مەدەنىيەت كرىزىسى، ئەخلاق كرىزىسى، ۋىجدان كرىزىسى، ئار – نومۇس كرىزىسى، شەخسىيەتچىلىك، غەيۋەت – شىكايەت، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، نادانلىق كرىزىسى ئىچىدە چۆكۈپ كېتىۋاتقان قەشقەرنىڭ ھالىتى پۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان بولاتتى. ھەرقانداق بىر سەيياھنىڭ قىزغىن، جۇشقۇن، جەڭگىۋار ھالدا قەشقەرنى بىر كۆرۈپ كېلىش ئارزۇسىدا بېرىپ لاسسىدە بوشاپ، ھەتتا روھى چۈشۈپ كېتىدىغان بىر كەيپىياتقا كېلىپ قېلىشى چۈشىنىشلىك ئىدى. چۈنكى بارلىق ھاياتلىق ھەرىكەتلىرى ئۆلۈكنىڭ سىماسىدەك نۇرسىز، گەپلەر پۇچۇق. تولا گەپ قىلىدىغان قەشقەرلىق دېگەن ناممۇ ئۆتمۈشكە ئايلانغان، ھەممە ئادەم قەرزدار چىراي ئىدى. بۇ يەردە تار، قاراڭغۇ كوچىلاردىكى كىچىك مەسچىتلەردىن نامازغا چىللاپ ئېيتىلغان ئەزان ئەزان ئەمەس، ھازىدارنىڭ يىغىسىدەك ئاڭلىنىدۇ. ئەنگلىيە مۇخبىرى جون كىرىف 80 – يىللارنىڭ بېشىدا قەشقەرگە كېلىپ يازغان «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت شەھەر قەشقەر» دېگەن ماقالىسىدە تەسۋىرلىگەن شوخ، قەدىمىي جۇلاسى، ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمىغان ئوتتۇرا ئەسىر ئېڭى، مەدەنىيىتىنى تىرىك پېتى ساقلاپ كەلگەن شەھەر»ئەمدى غايىب بولغان.
ئادەملەردىكى بۇ چۈشكۈنلۈك، جىملىق قەشقەرگە كۈلۈپ – ئېچىلىپ بارغان ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى دەرھال ئۆچۈرۈۋەتكۈدەك سېھرىي تەسىرگە ئىگە. ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدىكى غەم – تەشۋىش، ئەنسىز، خامۇشلۇق، نەشە تاپالماي كەندىرنىڭ خام يېغىنى ئېچىۋالغان كونا بەڭگىنىڭ قەبرىستانلىقتا بىھوش چۆرگىلەپ يۈرگەن ھالىتىنى ئەسكە سالىدۇ.
دېمەك، روھى چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئېتىمۇ چاپالمىغاندەك، روھىيەتتىكى چۈشكۈنلۈك، بۇرۇقتۇرمىلىق، قەشقەردىن ئىبارەت ئەزىزانە شەھەرنىڭ بۈگۈنكى روھىيەت مەدەنىيەت ئالىمىدە چۆكۈپ كېتىشكە سەۋەب بولغان زور ئامىل. قەشقەرنىڭ كۈلسىمۇ ئادەمگە يىغلاۋاتقاندەك، پاكىز، رەتلىك بولسىمۇ مەينەت چىراي، ھاياتلىق داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۆلۈكتەك تۇيغۇ بېرىشى ئۇنىڭ بۈگۈنكى چۆكۈپ كېتىشىنى، بارغانچە ئۇنتۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ شۇنداق چۆكتىكى، تارىختا ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك سەھرا ھېسابلانغان بىرمۇنچە چۆل شەھەرلىرىدىنمۇ پەسلەپ كەتتى. ئىلگىرىكى يالغۇز دەرەخ، ئەسكى كەپە، دەڭ – سارايچىلىك يەرلەردە ھازىر جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش شەھەر ياكى شەھەرچاقلار يۇلتۇزلاردەك پەيدا بولدى. قەشقەر ئۆلمەس، ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچى بىلەن ئەبەدىي ياش تۇرىدىغان، ياشلىقىنى مەڭگۈ يوقاتماس شەھەر ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ مەمۇرىي ھاكىمىيەت نۇقتىسىدىن قايسى دەرىجىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىيەت ئالىمىدىكى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دىن، سودا – سانائەت، ھۈنەر – كەسىپ، تىل، ئۆرپ – ئادەت، مىللىي گەۋدە مەركىزى، ئىشقىلىپ مەڭگۈلۈك مەنىۋى مەركەز ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە بۇ شەھەر يېڭىدىن گۈللەنگەن جانلىق، جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش شەھەرچاقلار ئالدىدا چېنىشقا قاراپ يۈز تۇتتى. قەشقەرنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان، دۇنيادىكى ھەرقانداق شەھەرنى قەشقەرگە تەڭ قىلمايدىغان قەشقەرلىكلەر بۇ شەھەردىن بىرلەپ – ئىككىلەپ ھەر تەرەپكە كېتىشكە باشلىدى. كىشىلەرنىڭ قەشقەردىن چىقىپ كېتىشى، قەشقەرنى تاشلىۋېتىشى، ھەتتا بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ قەشقەردىن ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ مەغرۇر يۈرىدىغانلارنىڭ بارغانچە ئۆزلىرىنىڭ قەشقەردىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىشقا بېرىپ يەتكەنلىكى بۇ شەھەرنىڭ تېخىمۇ تاشلىنىپ، مەنىۋى جەھەتتىكى ئوبرازىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە چۆكۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. قەشقەرنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى مىللىي مەنىۋىيەت ئالىمىنىڭ تېخىمۇ يېتىم، تېخىمۇ غېرىب مۇساپىر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، تېخىمۇ چېچىلاڭغۇلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردىكى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن، ئۈزلۈكسىز تۈردە قەشقەرنى كەمسىتىش، قەشقەرنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئاخىر بېرىپ قەشقەرنى يامان كۆرۈش، ھەتتا قەشقەردىن نومۇس قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىشتەك ياتلىشىش ئېڭىنىڭ شاماللىرى قەشقەرنىڭ مانا مۇشۇنداق چۆكۈپ ئۆلۈك چىراي بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇرلار تولا ئازىدۇ. ئازغاندا دائىم پىتنىڭ ئاچچىقىدا ئىشتاننى ئوتقا تاشلاپ كۆتى ئېچىلىپ زىيان تارتىدۇ. قەشقەرنى چۆكتۈرگەن، قەشقەرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن، باشقىلارنى قەشقەرگە ھەم قەشقەرلىققە ئۆچ قىلىۋەتكەن دەل قەشقەرنىڭ ئۆز ئادەملىرى. ئەينى چاغدا قەشقەرنى مەرۋايىت قىلىپ جۇلالاتقان، جاھانغا تونۇتقانلارمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت مەركىزى قىلىپ چىققانمۇ، گۈللەندۈرگەنمۇ قەشقەرنىڭ ئۆز ئادەملىرى بولسا، قەشقەرنى بۈگۈنكى ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانمۇ دەل قەشقەرنىڭ ئادەملىرى بولدى.
شۇڭا قەشقەردىن، قەشقەرلىقتىن پۈتكۈل گەۋدىنى بىزار قىلغان، كەمسىتىشكە پاس چىقىرىپ بەرگەن قەشقەر خەلقى «نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ» دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويۇپ، ئۆزى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىشى، ئۆزىنىڭ خەقنى بىزار قىلىدىغان ئاجىزلىق، ئەيىب – نۇقسانلىرىنى تونۇپ ھەم ئۆزىنى تۈزىتىپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەن يەرلىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزىنى ئادەم قىلىش يولىدا ئىزدىنىشى كېرەك. ئەينى چاغدا قەشقەرنى خەلقئارادا داڭلىق ئىلىم – مەرىپەت بۆشۈكى قىلىپ جۇلالىتالىغان، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەنىۋىيەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقالىغان قەشقەر خەلقى مانا ئەمدىلىكتىمۇ ئۇلۇغ ئەجدادىنىڭ ئاشۇ جەڭگىۋار، ئىناق، ئۇلۇغۋار ئەخلاقى بىلەن ئۆزلىرىنى قايتا قۇرۇپ ھەم نۇرلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، سەلتەنەتلىك يۈكسەك ئىناۋىتى، ئوبرازى، نوپۇزىنى قايتا تىكلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە ئاشۇ نۇرلۇق، يالتىراپ تۇرغان سەلتەنەتلىك، شانۇ شەۋكەتلىك ئابرۇي – ئىناۋەتنى يالغۇز مىللەت ئىچىدە ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا تىكلىيەلىگەن قەشقەر خەلقى ئەلۋەتتە ھىممەت قىلسا، جاسارەت قىلسا ئۇنى چوقۇم قايتا تىكلەيدۇ.
قەشقەرنىڭ كوچىلىرى شۇنچە چىرايلىق، ئازادە تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆلۈك چىراي كۆرۈنىدۇ؟ بۇ يەردە ھاياتلىق شۇنداق تىنچ، خاتىرجەم، ھەممە ئىناق – ئىتتىپاق تۇرۇپ نېمىشقا سۈرلۈك جىملىق ھۆكۈم سۈرىدۇ؟ گۈزەل قەشقەر، ئەزىزانە قەشقەر، غەپلەت ئۇيقۇسى ئىچىدە يامان چۈشنى كۆرۈۋېرىپ، قارا باسقانچە ئۇخلاۋەرمەسلىكى كېرەك. قەشقەر پۇل تاپتى، باي بولدى، چىرايلىق ياسانسا ياساندىكى، تەرەققىي قىلسا قىلدىكى، قەشقەردە ئامانلىق بولدىكى، بىرەر يامان ئىش بولغىنى يوق. مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا جىمجىت چۈشكۈنلىشىپ، چۆكۈپ كېتىدۇ؟ تارىختا قەشقەردە ئاجايىپ دەھشەت يېغىلىق، قىرغىنچىلىقلار بولۇپ ئۆتكەن، قەشقەر كوچىلىرى جەسەتلەر بىلەن تولۇپ، تۈمەن دەرياسىدا قانلار ئاققان، ئەمما شۇ چاغدىمۇ قەشقەرنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى بۇ دەرىجىدە چۈشكۈن بولمىغان. ھازىرقى تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، خاتىرجەملىك بايرىقى ئاستىدا قەشقەر روھىنى چۈشۈرمەسلىكى، چۆكۈۋالماسلىقى، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى، سودىدىكى ماھىرلىقىنى قايتا نامايان قىلىپ، قەشقەرنىڭ بۈيۈك ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلىشى كېرەك.

2. تەقلىدچىلىك، دورامچىلىقتىن ئىجادىيلىققا قاراپ سىلجىش

ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىدا، بىر پۈتۈن مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مىللىي خاسلىق سۈپىتىدە شەكىللىنىپ راۋاجلىنىشى شۇنداقلا مۇكەممەللىشىشىدە، ئىجاد قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش، داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق مۇرەككەپ، ئەگرى – توقاي تارىخ داۋانلىرىدا قەشقەر باشتىن – ئاخىر مەركەزلىك رولىنى جەڭگىۋارلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا دەسلەپكى دۆلەتچىلىك كۆزقارىشى ھەم ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى قۇرۇلمىسىدا «قۇرۇلتاي» سايلام قانۇنىنى يولغا قويۇشتىن باشلاپ، يەر يۈزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بېسىۋېلىپ، پەقەت قەشقەرگە كەلگەندە قەشقەرنىڭ تۆت مىڭ كىشىلىك ئۇيغۇر قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىمپېراتور ئىسكەندەرنىڭ تۇنجى مەغلۇبىيىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى قۇرۇپ چىقالىغان قەشقەردە ئاجايىپ زور ئىجادچانلىق، تەڭداشسىز جەڭگىۋارلىق، قورقۇمسىز قۇربان بېرىش روھى تومۇزدا تىكلەشكەن قۇياش نۇرىدەك يالتىرىغانىدى.
مانا بۇ قەشقەرنىڭ بۈيۈك دەۋرى، جەڭگىۋار، جۇلالىق دەۋرى، ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە، ھۆرمەتكە، نوپۇزغا ئىگە بولغان دەۋرى ئىدى. ئىلىم – مەرىپەتچىلىك، سانائەت، سودا، مەدەنىيەت، بىناكارلىق، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ئىدى. ھازىر خۇددى ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنىڭ ئامېرىكىلىق بولغىنىدىن، ئامېرىكىسى بولغىنىدىن پەخىرلەنگەندەك، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قەشقەرى بولغىنىدىن پەخىرلەنگەنىدى.
ھەممە نەرسىدىن، ئىجادىي روھتىن ئايرىلغان قەشقەر ئۆزىدە ئىجاد قىلغۇدەك تەپەككۇر قۇۋۋىتى بولمىغانلىقتىن ئۇنى – بۇنى، ئۇ يەر – بۇ يەرنى دوراپ، تەقلىد قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىچارە ھالغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ دورامچۇقلۇق بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇزاقتىن ئۇزاق ھايات ئۇنىڭ ئار – نومۇسى چەيلەنگەن زۇلمەت دەۋرى بولدى. كۈلگە كۆمۈلۈپ كەتكەن قوقاستەك ئىجادىي روھىنىڭ قايتىدىن يېلىنجاپ ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىشى، ئۆز نۇرىنى قايتا جۇلالىتىشقا ئىنتىلىشى ئىجادىي روھنىڭ تەلتۆكۈس ئۆلمىگەنلىكى، ئۆلمەيدىغانلىقىنى، تېخى ئۈمىد بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قەشقەرلىق مۇھەممەت ئەلىنىڭ قەدىمكى قەبرىلەرگە ئىشلىتىلگەن سىرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق بوران، قار، يامغۇر، ئاپتاپتىمۇ ئۆز جۇلاسىنى يوقاتماي پارقىراپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى نەدىن كەلگەن؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەپ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئون يىللاپ، قەدىمىي سىر تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «كۆك بۆرە» ناملىق سىرنى كەشىپ قىلىشى، تۇرپاندىكى ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايروپىلان ياسىشى، مەكىتتىكى قاسىم ھاجىنىڭ «مەكىت قويى» سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى، ئادىل دارۋازنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر داۋرازچىلىقىنىڭ دۇنيادىلا ئەمەس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ئۇنتۇلۇپ تۈگەش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەندە ئۇنى بىراقلا جاھان مەدەنىيەت سەھنىسىدە قايتا تىرىلدۈرۈشى، قەشقەردىكى «گۆھەر زېمىن» شىركىتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەربەت مەدەنىيىتىنى قايتا جەمئىيەتلەشتۈرۈشى، ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى، ئامىنە نوقۇت تالقىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئوزۇقلۇق مەدەنىيىتىنى قېزىپ چىقىرىشى، ئەلشىر خۇرۇم ئاياغلىرىنىڭ ئەجدادلارنىڭ تېرە، كۆن – خۇرۇم مەدەنىيىتىگە يۈرۈش قىلىشى، ئابدۇشۈكۈر، ئەكرەم، ئابدۇراخمانلارنىڭ جاسارىتى، جۈرئەتنىڭ جۇڭگونى ئايلىنىپ، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈشى، ئۈرۈمچىدىكى يۈسۈپ ئىمىننىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى جۇڭگوغا، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقى، قەشقەر غەربىي ئاسىيا سودا – سانائەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى غېنى ھاجى ئىمىننىڭ تۆت يۈزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، يەتتە ياشلىق ئۆسمۈرلەردىن تاللاپ ئۆسمۈرلەر كەسپىي پۇتبول سىنىپى قۇرۇشى ئىجادىي روھنىڭ قەشقەردەك غول مىللىي گەۋدە تۇپرىقىدا قايتا تىرىلىشى، تىرىكلىك روھىنىڭ قايتا قۇرۇلۇش بەلگىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققانلىقى، چۆكۈپ كەتكەن، ئۆلۈك چىراي، سىرلىق، سۈرلۈك توپا – چاڭ باسقان قەدىمىي شەھەرنىڭ قايتا جۇلالىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.

3. مېنىڭ ئېتىم غېنى ھاجى

مەن بۇ خەۋەرنى دەسلەپ قەشقەرنىڭ پولات – تۆمۈر بازىرىنى ئاچقان بۇرادىرىم ياسىن ھاجىدىن ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولغانىدىم.
– قەشقەردىكى غېنى ھاجىم شىنجاڭ بويىچە يەتتە ياشلىق ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلاردىن تاللاپ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كەسپىي سىنىپى قۇردى،– دېدى ياسىن ھاجىم مەن بىلەن كۆرۈشەر – كۆرۈشمەي قەشقەرنىڭ يېڭى خۇش خەۋىرى سۈپىتىدە ماڭا. مەن،– نۇرغۇن ئادەم، ھەتتا مەنمۇ تولا ئويلاپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بىر بۈيۈك مەقسەتنى غېنى ھاجىم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كارامەت ئېسىل ئىش قىپتۇ، تەبرىكلىگۈدەك قوللايدىغان ئىش بوپتۇ. يائاللا، قەشقەردە مۇشۇنچىلىك ئىش قىلغىلى بولدىمۇ زادى؟– دەپ سورىغانىدىم ياسىن ھاجىم جاۋابەن دېدى:
– بولدى. غېنى ھاجىم بەش يۈز مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل چىقىرىپ قۇردى. بالىلارنىمۇ پۈتۈن شىنجاڭغا ئېلان چىقىرىپ ئىختىيار قىلغۇچىلار ئارىسىدىن مۇتەخەسسىسلەر قاتتىق ئۆلچەم، قاتمۇقات تاللاشلاردىن ئۆتكۈزۈپ رەسمىي ئۆلچەملىكلەر ئارىسىدىن سەرخىللىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلدى. باشلىق، ئەل – ئاغىنە، ئۇرۇق – تۇغقان، مۇناسىۋەت تورى دېگەنلەر ئارقىلىق بالىلىرىنى يېتىلەپ كەلگەن نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرى تاللاشتىن ئۆتەلمىگەنلىكتىن رەنجىش، قېيىداشلار بىلەن كېتىپ قېلىشتى. ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىسى تەلەپكە لايىق بولمىغانلىقتىن تاللىنالمىدى.
– ھەببەللى، ئاشۇنداق قاتتىق تەلەپ بويىچە قوبۇل قىلمىسا، ئادەتتىكى پاراۋانلىق مەكتىپىگە ئايلىنىپ قالىدۇ – دە.
– قەشقەردە غېنى ھاجىم دەيدىغان بايلار تولىكەن. بۇ ئىشنى قىلغان قايسى غېنى ھاجىم ئەمدى؟
– بۇ ئىشنى قىلغان غېنى ھاجىمنى خەقلەر غېنى ھاجىم تۆگە دېمىسە بىلمەيدۇ. بۇ ئىشنى قىلغىنى ئاشۇ غېنى ھاجىم.
– بۇ ئىشنى ھۆكۈمەت قوللىدىمۇ؟
– ھەئە، ھۆكۈمەت ناھايىتى ئوبدان قوللىدى. ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ بەرمىگەن بولسا بۇ ئىش ھەرگىز بولمايتتى. ئۈرۈمچىدىن تەنتەربىيە كەسپىدىن چىققان ئوسمان شۇجى دەيدىغان بىر ئادەم نەق قەشقەر شەھىرىگە مائارىپ، تەنتەربىيە، مەدەنىيەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجى بولۇپ بېرىپتىكەن. ئۇ ئادەم ئۆزى تەنتەربىيىچى بولغاچقا، شەھەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، مائارىپ، تەنتەربىيە ئورۇنلىرىنى ئاكتىپ سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ ئىشنى قاتتىق قوللىدى. ھۆكۈمەت 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن پۇتبول مەيدانى، پۇتبول سىنىپى ئۈچۈن مەخسۇس يەر ئاجراتتى. غېنى ھاجىم پۇل چىقىرىپ سىنىپ، ياتاق، مۇنچا، ئاشخانا قۇرۇلۇشى قىلدى. 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانىنى ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى قىلىپ قايتىلاپ كېڭەيتىپ ياسىدى.
– ۋاھ، قالتىس ئىش بوپتۇ دېدىم مەن،– شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي پۇتبولچىلىرىنى مانا مۇشۇنداق بالا ۋاقتىدىن تەربىيىلىگەندە ئاندىن يېتىشىپ چىقىدۇ. شىنجاڭنىڭ پۇتبولى مانا مۇشۇ بالىلار ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭگوغا، دۇنياغا يۈزلىنىدۇ. ئۈمىد مانا مۇشۇ تەربىيىدە، مانا مۇشۇ مائارىپتا. بىز بۇ ئىشنى قوللايلى، كۈچىمىز قانچىلىك يەتسە شۇنچىلىك قوللايلى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن بىر جۈپ ئوغلۇمنىڭ نامىدىن تېلېۋىزىيىدە دۇنيا پۇتبول ناخشىسى ئارقىلىق قەشقەردىكى غېنى ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئۆسمۈرلەر پۇتبول سىنىپىنى تەبرىكلىگەن ھەم ئىسمى تونۇش، ئۆزى ناتونۇش بۇ ھىممەت ئىگىسىگە قىزغىن ھۆرمەت ئىچىدىكى دۇئايى سالامىمنى ئەۋەتكەنىدىم. ئارىدىن قانچە ۋاقىت ئۆتتى ئېسىمدە يوق، بىر چاغلاردا، ئۈرۈمچىنىڭ مەن دائىم ماڭىدىغان كونسۇل كوچىسىدا كېتىۋاتسام، ئېسىل بىر ماشىنا مەندىن يانداپ ئۆتۈپ توختاپ، بىر دارازا ئادەم ماڭا سالام قىلدى.
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىلى مېنى تونۇيالمىدىلا – ھە؟
ھەرھالدا تىلىمنى چايناپ ئۆزۈمنىڭ تونۇيالماسلىقىمنىڭ خىجىلچىلىقىنى ئوڭشاپ بولغۇچە بۇ كىشى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۈلگۈردى.
– مېنىڭ ئېتىم غېنى ھاجى. قەشقەردە ئۆسمۈرلەر پۇتبول سىنىپى قۇرغان غېنى ھاجى مەن بولىمەن.
مەن شۇندىلا باشقىدىن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتىم.
– ھە، بالىلارنىڭ، پۇتبول سىنىپلىرىنىڭ ئەھۋالى ئوبدان كىېتىۋاتقاندۇ؟
– ناھايىتى ياخشى. بالىلارنى كۆرسىلە ئۆزلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالماي ھاياجانلىنىپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتمىسە ھېساب ئەمەس. قەشقەردە قېنى قانچىلىك ئىشكىن دەپ ئاتايىن كۆرۈپ كېتىدىغانلار جىق. ئۇلار بالىلارنىڭ ئوينىشىنى، مەشىقلىرىنى، توپ تېپىشلىرىنى، رەتلىكلىكىنى، سىنىپ، ياتاق، مۇنچا، ھاجەتخانا، ئاشخانىلىرىنى كۆرۈپ، ھەممىسىنىڭ بالىلىرىنى بەرگۈسى كېلىپ كېتىدۇ. بالىلارنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن يىغلاپ كېتىدىغانلار جىق.
– پۇل بەرگەنلەر، تۇغقانلار، ئەل – ئاغىنىلەر، نوپۇزلۇقلار دەپ ئۆلچەمگە قارىماي ئېلىۋېرىپ، سىنىپنى بىر توپ لايغەزەل بالىلارنىڭ پاراۋانلىق ساناتورىيىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىغانلا. بىزدە ھەر ئېسىل ئىشلار، كەسىپلەرگە ئاشۇنداق يۈزى چوڭلارنىڭ كېرەكسىز خام گۆش بالىلىرىنى تىقىپ قويۇپ ئىشنى بۇزىدىغان، قاقاسلىققا كۆچەت قويۇپ ئورمان بىنا قىلدۇق دەپ كېلەر يىلى قارىسا پادىچىغا ھاسا تاياق بولغۇدەك گىيا كۆرۈنمەيدىغان ئىشلار ساماندەك تولا.
– يوقسۇ، ئۇنداق ئىش بولامدىغان. مەن پۇلنى يازدا ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈپ، قىشتا مۇزنىڭ تېگىدە توڭۇپ ئاران تاپقان. مېنىڭ پۇلۇمنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە بولسا بىر ئۇچى يۈرەكتە. مەن پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئېلان چىقىرىپ، ئىختىيار قىلغانلاردىن قاتتىق ئۆلچەم بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ شەرتكە چۈشكەنلەرنى ئالدىم. ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – ئاغىنە، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ بالىسى، چەت ئەللەردە ھەر خەتەرلەرنىڭ ئىچىدە بېشىنى دو تىكىپ سودا قىلىپ، ئىگىلىكىمىز ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان ئاكام ئابلىكىم ھاجى، ئىنىم يۈسۈپ ھاجى، ئىسلام ھاجىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەچكە بۇ سىنىپقا كىرەلمىدى.
بىر خەنزۇ كىشى پۇتبولنى جېنىدىنمۇ ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول مەستانىسىكەن. ئۈرۈمچىدىن ئىشىنى تاشلاپ، بىر تال ئوغلىنى ئېلىپ كېلىپ ئىمتىھانغا سالدى. بالا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولالمىدى. ئەمما ئۇ ئادەم بالىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قاتتىق مەشىقلەندۈرۈپ يەنە قايتا ئىمتىھانغا قاتناشتۇردى. ئەمما بالا يەنە ئۆلچەمگە توشمىدى. ئەمما بۇ كىشىنىڭ پۇتبولغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى، بالىسىنى پۇتبولچى قىلىپ چىقىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ھەممە ئادەمنى تەسىرلەندۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ سىنىپقا ئىمتىھان بەرگەن بىردىنبىر خەنزۇ بالا مۇشۇ بولغانلىقتىن بالىنى قوبۇل قىلدۇق، ھەم ئۇنى باشقا ساۋاقداشلىرى بىلەن تەڭ يېتىشتۈرۈپ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆگىنىش مەشقىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ تەربىيىلەۋاتىمىز. ئەمما بىر بالا مېنىمۇ، باش تېرىنېرىمىز زۇنۇن مۇئەللىمنىمۇ، ياردەمچى مەشقاۋۇل مۇئەللىملەرنى قاتتىق ئارماندا قويۇپ كېتىپ قالدى. ئۇ بالا ئاقسۇدىن تاللانغانىدى. ئۇ پۇتبولنىڭ ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان تەبىئىي ماتېرىيالى بولغان بولسىمۇ، بۇ يەرگە كۆنگىلى ئۇنىماي يىغلاپ ئۆيگە كېتىمەن دەپ خاپا قىلىپ تۇرۇۋالدى. دادىسى شۇپۇرلۇقنى، ئانىسى خىزمىتىنى تاشلاپ ئاقسۇچە يەردىن قەشقەرگە كېلىپ مېھمانخانىدا ئالتە ئاي ياتتى. بالىنى كۆندۈرگۈچە تۇرايلى دەپ بالا بىلەن تۇردى. ئەمما بالا زادىلا كۆنگىلى ئۇنىماي ئاخىردا كېتىپ قالدى. دادىسىمۇ پۇتبولنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئالتە ئاي خىزمىتىنى تاشلاپ بىرمۇنچە چىقىمدار بولۇپمۇ بالىسىنىڭ جاھىللىقىدىن ئامالسىز ئارماندا ئېلىپ كەتتى.
– يائاللا، بىزدە بالا تەربىيىلەشكە شۇنداق زور بەدەل تۆلەشكە، قۇربان بېرىشكە تەييار ئاتا – ئانىلار بار – ھە؟!– دەۋەتتىم ئۇ كىشىگە ئاپىرىن ئوقۇپ.
– بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىچۇ؟
– بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى خەلقئارا پۇتبول ئوزۇقلۇقشۇناسلىرى بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە. ئامېرىكا پۇتبول ئوزۇقلۇق قائىدىسىنى ئۆلچەم قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇر ئوزۇقلۇق تېبابىتىنى بىرلەشتۈردۇق. بالىلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى كالا گۆشى.
– كالا گۆشىگە كۆندىمۇ؟
– ۋاي، تازا كۆندى.
– بىزدە كالا گۆشى سوغۇق يەل دەيدىغان ئەنئەنىۋى قاراشلار بار. بالىلارغا زىيان قىلمىدىما؟
– يەنە شۇ ئۇيغۇر تېبابەت قائىدىسىدىكى سوغۇق يەلگە قارشى دورا – دەرمەك بىلەن تەڭشەپ بەرسەك بالىلارغا شۇنداق ئوبدان سىڭدى. بالىلار ھازىر كالا گۆشىگە كارامەت كۆنۈپ كەتتى. ئەتىگەندە سۈت، قايماق، ياڭاق، ھەسەل بىلەن ئەتكەنچاي، چۈشتە كالا گۆشى قوردىقى، پولۇ، مانتا، كاۋاپ، كالا گۆشى شورپىسى، كەچتە مەخسۇس كالا يىلىكى شورپىسى بىلەن پىشۇرغان ھەر خىل تاماقلار بار. بالىلارنىڭ پۈتۈن تامىقىغا كالىنىڭ يىلىك سۆڭىكىنى قايناتقان شورپا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
– بالىلار تويغۇچە يەمدۇ؟
– تويۇپ ئاشقۇچە يەيدۇ.
– بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى قانداقراق.
– باشتا كەلگەندە زورلاپ تۇرمىسا تۈزۈك تاماق يېمەيتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كەتتى. مەشىق قاتتىق بولغاندىكىن، ھازىر يېگەن نەرسىسى ھازىر چۈشۈپ قالغاندەك، ئەتىگەندە مەشىق قىلىپ، مەشىقتىن چۈشۈپ قورساقلىرى ئېچىپ كەتكەنگە چىدىماي يەيدىغان نەرسە نەدە دەپ يۇيۇنماي تۇرۇپ تاماق يېيىشكە ئاران تۇرىدۇ. ئەمما تۈزۈم قاتتىق بولغاچقا، يۇيۇنۇپ چىقىپ ئاندىن يەيدۇ. ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدىن يەتتىگىچە ئەتتىگەنلىك ناشتىنى تازا تويۇنۇپ قىلىپ، توققۇز يېرىم بولار – بولماي ۋاي قورسىقىمىز ئاچتى دەپ ئاشخانىغا ئاران ئۈلگۈرىدۇ. بالىلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئاشپەز دەل مۇشۇ چاغقا ئۈلگۈرتۈپ شورپا بىلەن نان تەييار قىلىپ تۇرىدۇ. بالىلار قاچان قورساق ئاچتى دەپ كىرسە، ئاشخانىدا تاماق تەييار. بالىلارنىڭ ھەرىكەت، ئوزۇقلۇقى ياخشى بولغاچقا، ناھايىتى ساغلام، تېز يوغىناۋاتىدۇ.
– سىلى ئوقۇغانمۇ؟
– باشلانغۇچنىڭ بەشىنچى سىنىپىغىچە ئوقۇپ، كەمبەغەلچىلىكتىن ئانام بەرگەن ئاش – نانغا تويماي، ئەس – يادىم قورسىقىمنى قانداق قىلسام تويغۇزارمەن دەپ كەمپۈت سېتىپ، پۇلىغا نان ئېلىپ يەپ، نان سېتىپ پايدىغا قالغان ناننى يەپ ئوقەت قىلىپ قورساق تويىدىغان ئىشنى قىلاي دەپ ئوقۇمىغان.
– ئانىلىرىغا ئاش – ناننى جىق بەر دېسىلە بولمامدۇ؟… ھا – ھا – ھا…
– بىز ئالتە بالا، ئانام ئىشلىمەيدىغان. دادام ئەسلى ترانسپورتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى. مائاشى 60 يۈەن. بۇ مائاش بىلەن بىز ئالتە بالىنى باقاتتى. شۇڭا قورساق تۇيغۇزۇش تەس ئىدى.
– سىلى پۇتبولغا بۇرۇندىن قىزىقامتىلە؟
– مەن بۇرۇن ئانچە – مۇنچە قىزىقىپ تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ قوياتتىم. ئەمما ئاكام ئابلىكىم ھاجىم پۇتبولنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. پۇتبولنىڭ گېپى چىقسىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ھېسسىياتلىنىپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئۇ دائىم چەت ئەللەردە سودا قىلىپ، تاماق يېگىلى چولىسى تەگمەي ئاچ قالسا قالىدۇكى، پۇتبول كۆرمەي قويمايدۇ. مېنىڭ پۇتبولغا قىزىقىشىمدا ئاكامنىڭ تەسىرى زور. ئۇ قازاقىستاننىڭ چىمكەنت ئوبلاستىدىكى يارى پۇتبول كوماندىسىنىڭ دىرېكتورى يارى ئەپەندىنى دائىم ماختاپ، ئۇنىڭ كوماندىسى ھەققىدە توختىماي سۆزلەپ، مەندە مۇشۇ پۇتبول سىنىپىنى قۇرۇشنىڭ ئوي – خىيالىنى پەيدا قىلدى. مەن تەستە تاپقان پۇلنى بۇ ئىشقا سەرپ قىلسام قانداق بولار دەپ ئويلاپ ئارىسالدى بولۇپ يۈرسەم، ئۈرۈمچى پۇتبول كوماندىسىنىڭ سەركىسى يۈسۈپ ئىمىن ئۈرۈمچى پۇتبول كوماندىسىنى ئېلىپ قەشقەرگە مۇسابىقىگە كەلدى. پۇتبولغا بولغان ھۆرمەت – مۇھەببەت بىلەن يۈسۈپ ئىمىن كوماندىسىنىڭ تاماق، ياتاق خىراجەتلىرىگە ھەمدەم بولۇپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ سۆزلىشىپ، مەندە پۇتبولغا بولغان چۈشىنىش، مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ ئىشنى قىلىشىم، بۇ ئىشقا پۇل خەجلىشىمدە، ئاكام ئابلىكىم ھاجى بىلەن يۈسۈپ ئىمىننىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور بولدى. پۇلنى بىز بەش ئوغۇل تەستە تاپقان بىلەن، خەجلەش ئىشى بىزنى ئۆزى ئاچ قېلىپ بېقىپ قاتارغا قوشقان مېھرىبان ئانام نۇرخان ھاجى رازىلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ خىيالنى ئاۋۋال ئاكام ئابلىكىم ھاجىمغا دېۋىدىم، ئۇ خۇشاللىقتىن مېنى قۇچاقلاپ: «ئاخىر بىر قارارغا كەلدىلە» دەپ سۆيۈنۈپ ماختاپ كەتتى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى ئۇيۇل، بولۇپمۇ بەش ئوغۇل ئوڭ قولنىڭ بەش بارمىقىغا ئوخشايمىز. بۇ بەش بارماق ئاچام ئامانگۈلدەك ئالىقان، ئانامدەك بېغىشنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شۇنداق ئىناق ياشايمىز. بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىز، ئىگىلىكىمىز، بايلىقىمىزنىڭ، ھەتتا مۇشۇ پۇتبول سىنىپىمىزنىڭ يۆلەنچۈكىمۇ ئانام نۇرخان ھاجى بولدى. ئاكام ئابلىكىم ھاجىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ ئىشنى قىلىش قارارىغا كەلدۇق. بىز، ئانام توپ ئوينايدىغان ئىشقىمۇ پۇل خەجلىگەن بارمۇ دەپ ئۇنىمىسا قانداق قىلارمىز، دەپ ناھايىتى كۆپ ئەندىشە قىلدۇق. بۇ ئىشنى ئاكام ئابلىكىم ھاجىم بىلەن مەن ئانامغا دەيدىغان، ئاچام بۇ ئىشنىڭ ياخشىلىقىنى سۆزلەيدىغان، قالغان ئۇكىلىرىممۇ بىزگە ھە – ھۇ دېيىشىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ ئانام جاينامازدا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە ئانامنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق. ئۇنىڭ كۆڭلى بىر ئىشنى پەملىدى. ئۇ ياشىنىپ قالغان بىلەن ناھايىتى سەزگۈر ئىدى. بىز دائىم بىرەر چوڭ ئىشنى ئانامنىڭ ماقۇللۇقىغا سالغاندا، مانا مۇشۇنداق ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشاتتۇق، ئۇ بۇنى بىلەتتى.
– ھە… يەنە نېمە بەلەن گەپ، ئوبدان ئىش تاپتىڭلار؟
– بىر كاتتا ساۋاب تاپىدىغان ياخشى ئىشنى قىلماقچى بولدۇق ئانا؟ – دېدى ئابلىكىم ھاجى ئاكام.
– مەھەللىگە مەسچىت سالدىڭلار، يول ياسىدىڭلار، ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا ساۋاب تاپىدىغان قانداق ئىش ئۇ؟
– بىر پۇتبول سىنىپى قۇرىدىغان بولدۇق؟
– پۇتبول سىنىپى دېگەن نېمە ئۇ؟ قانداق قىلىدىغان ئىش.
– توپ ئوينايدىغان؟ – دېدى ئاچام.
– نېمە توپ ئوينايدىغان؟– مەن ھېچقاچان بۇنداق ساۋابنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. ساۋابنى ئۇنداق ئاسان، ئەرزان قىلىۋەتسەڭلارمۇ گۇناھ بولىدۇ، بالام. نەدە ئويۇن ئويناپ ساۋاب تاپىدىغان ئىش بار؟ بىر مەسچىتكە ئۈچ يۈزمىڭ كوي، يولغا ئىككى يۈز مىڭ كوي خەجلىدىڭلار.
– بۇنىڭغا كەم بولغاندا بەش يۈز مىڭ كوي بىلەن ئىش باشلايمىز، – دېدى ئاكام ئابلىكىم ھاجى.
– نېمە، بەش يۈز مىڭ كوي بىلەن ئاندىن باشلىنامدا؟ بۇ نېمانچە قىممەتلىك ئىش؟
– شۇنداق، بۇ بەكمۇ قىممەتلىك ئىش، – دېدى ئاكام ئابلىكىم ھاجى.
– بالام، مېنىڭ بېشىم ئايلىنىپ قالدىمۇ ياكى سىلەر خاتا يولغا كىرىپ قالدىڭلارمۇ، بىلمىدىم. ماڭا بىر چۈشەندۈر.
شۇنداق قىلىپ ھەممىمىز تەرەپ – تەرەپتىن بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتىنى ئانامغا چۈشەندۈردۇق. نەتىجىدە، ئاخىر ئانام قايىل بولۇپ دۇئا بەردى.

4. تۇمانلىق شەھەردىكى ئۈمىد يۇلتۇزلىرى

ئۈرۈمچىنىڭ ئادەملىرى يېقىن كىشىلىرى بىلەن خوشلاشقاندا «بېرىڭلار – ھە» دەپ بىر – بىرىگە تەكەللۇپ قىلىپ ئادەتلەنگەن بولسا، قەشقەردە «ئۆي سىيان بارماملا، خىزمەتتە بولاي» دەپ تەكەللۇپ قىلىدۇ. بۇ رەسمىي تەكلىپ قىلىش ئەمەس، تەكەللۇپ قىلىش بولۇپ، بۇنى ھەممە ئادەم كۆڭلىدە بىلىدىغان بىر غەيرىي رەسمىي ئادەت ئىدى. بەزىلەر بۇنى سەمەرقەنت تەكلىپى دەپمۇ ئاتىشىدىكەن. ئەمما بۇ رەسمىي مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدىغان گەپ، خالاس. غېنى ھاجىم تازا ھېسسىياتلىنىپ ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ: «خۇدا بۇيرۇسا بالىلارنى بىر كۆرۈپ كەلسىلە. بىر كۆرسىتىمەن زادى» دېدى. كېيىنكى چاغلاردا بىز ھەر قېتىم بىر يەرلەردە ئۇچرىشىپ قالساقلا، «بىر كۆرمىسىلە بولمايدۇ، بالىلار بەك ياخشى» دەپ سۆزلەپ تۇردى. بۇ تەكلىپ بىلەن تەكەللۇپ ئارىسىدىكى گەپ بارغانچە رەسمىي تەكلىپكە ئۆزگىرىپ، «سىلىگە بىر كۆرسىتىمەن، سىلىنى ئاپىرىپ كۆرسىتىمەن» دېگەن گەپلەر بارغانچە كۆپەيدى. ئاخىر 2000 – يىلى 1 – ئاينىڭ 23 – كۈنى رەسمىي تەكلىپ بىلەن ئاتايىن غېنى ھاجىمنىڭ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كەسپىي سىنىپىنى زىيارەت قىلىشقا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە باردىم. ئىسسىمايدىغان ياتاقتا تەستە تاڭ ئاتقۇزۇپ، ئەتىسى سەھەردە قەشقەر 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە باردىم. شۈكلىشىپ، جىمىغۇرلىشىپ كەتكەن بۇ قەدىمكى شەھەر قويۇق تۇمان ئىچىدە تېخىمۇ تۇتۇق كۆرۈندى. تۇمانلىق كوچىدا ئادەملەر ئالدىراش ئۇياق – بۇياققا ئۆتۈشەتتى. ياشلىق چاغلىرىمدىكى قەشقەرنىڭ قايناق، قىزغىن، جۇشقۇن، روھلۇق سىماسى ئۆچكەندەك ئىدى. قەشقەردە 4 – ، 5 – ئايلاردا، يەنى تېرەك تەڭگە بولۇپ چوكانلار بەڭگە بولغاندا، كاككۇك ئەكېلىدىغان بوراندىن كېيىن بىر توپا ياغىدىغان، توپا يېغىمى بولغاندا كۈندۈزدىمۇ كېچە بولغاندەك قاتتىق تۇمان چۈشۈپ كېتىدىغان ئادەت بار ئىدى. ئەمما دەل قىشتا بۇنداق قىرو – تۇمان چۈشكەننى كۆرمىگەنىدىم.
قەشقەر قەشقەر ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئاجايىپ ئېسىل تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان بۈشۈكلەرنىڭ بىرى. ئالىي مەكتەپلەر بىلەن باراۋەر نوپۇزغا ئىگە قەشقەر 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىغا بارغان چېغىمدا، قويۇق تۇمان ئىچىدە بىر توپ ئۆسمۈر يېلىڭ كىيىملىرى بىلەن باش – بويۇنلىرىدىن، ئېغىز – بۇرنىدىن قويۇق ئاق ھور چىقىرىپ مەشىق قىلىۋاتاتتى. بالىلارنىڭ يالاڭ كىيىنىۋالغانلىقىغا قاراپ، ئۆزۈم قېلىن كىيىنىۋالغان تۇرۇقلۇق شۈركىنىپ كەتتىم. بالىلارنىڭ تۇمشۇقى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ئۆزىدىن يوغان كېلىۋاتقان توپنى «گۈپ – گۈپ» تېپىشلىرى ھەيۋەتلىك ئىدى. ئۆزۈمنى چاغلاپ باقسام، ھەرقانچە كۈچىسەممۇ توپنى ماۋۇ بالىلاردەك تور يېگۈدەك تېپەلەيدىغان ئەمەسمەن. قازاقىستان يارى كوماندىسىنىڭ باش بۇغى يارى ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ئەپەندىگە ھاياجان بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولدىكى ئىستىقبالىنى مەن قەشقەردە بىر توپ بالىلاردىن كۆردۈم. بىزنىڭ ھەقىقىي پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىز ئاشۇلاردىن چىقىدىكەن، چوقۇم چىقىدۇ» دېگەن مەدھىيىسىنىڭ مۇبالىغە بولۇپ كەتمىگەنلىكىگە مانا ئەمدى ئىشەندىم. بالىلاردىكى چەبدەسلىك سەزگۈرلۈك، ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى، ھۇجۇمدىكى چاققانلىق، مۇداپىئەدىكى ئەپچىللىكىگە قاراپ «ھەي، ھەممە ئادەملىرىمىز مۇشۇنداق چاققان، سەزگۈر بوپكەتسىچۇ»دېگەن گەپلەرنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمەن.
– بىزنىڭ ھەممە ئادەملىرىمىز مۇشۇ بالىلاردەك ھەرىكەت قىلسا، بەدىنىنى چېنىقتۇرسا، مۇشۇنداق ئەقىللىق، چېچەن، ساغلام بولىدۇ. ئوبدان يەپ، خام گۆش بولۇپ يېتىۋەرسە خامۇش، گاراڭ، لەقۋا، كېسەل كۆرپىسى بولىدۇ. مۇشۇ بالىلار مانا مۇشۇ بىر مەزگىللىك قاتتىق چېنىقىشتا بىر ئۆمۈر ئاغرىماي، سالامەت قېرىمىسا قۇلىقىمنى ساپالدا كېسىمەن. مانا مەن ھازىرغىچە ئاتمىشتىن ئاشتىم، «ۋاي» دەپ ئاغزىمغا بىر تال دورا سالغىنىمنى، دوختۇرخانىغا بارغىنىمنى بىلمەيمەن.
بالىلارنىڭ باش مەشقاۋۇلى زۇنۇن ئەپەندىنىڭ قانداق قىلىپ ئالدىمغا كېپقالغىنىنى تۇيماي قاپتىمەن.
– بالىلار مۇشۇ بىر مەزگىللىك قاتتىق چېنىقىشتا ئاجايىپ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بويى ئۆسىدۇ، كاللىسى ئېچىلىدۇ، ئىنكاسى، پىكرى ئۆتكۈرلىشىدۇ. مۇشۇ بالىلارنىڭ ئەڭ ناچىرى دېگەنلىرىمۇ ئاجايىپ ساغلام ياشايدۇ، – دېدى زۇنۇن ئەپەندى. يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان بۇ ئادەمنىڭ بوي – تۇرقى، رەڭگىنىڭ قارىلىقى، پۇتبولغا بولغان چەكسىز ئەقىدە، مۇھەببىتى قەشقەر خەلقى ئارىسىدىكى نوپۇزى پۇتبول پادىشاھى برازىلىيىلىك بىلى ئەپەندىگە تولۇق ئوخشايتتى. «زۇنۇن قارىۋاي» دېسە قەشقەردە بىلمەيدىغان ئادەم يوق. ئۇ كىچىك چېغىدا ئاۋۋال تۇمىقىنى پۇتبول قىلىپ تەپكەندىن تارتىپ، مانا ھازىرغىچە بىر ئۆمۈر پۇتبول ئوينىدى. ھەممىدىن قىزىقارلىقى، ئۇنىڭ ئوغلى، ھەتتا كۇيئوغلى، نەۋرىلىرىمۇ پۇتبولچى.
– بالىلارنى بەك قاتتىق تۇتۇپلا.
– بىز ھازىر بالىلارنى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى پۇتبول دەرسلىك قوللانمىسى بويىچە تەربىيىلەۋاتىمىز. ئەسلىدە بالىلارنى تەربىيىلەشنى تۆت يېشىدىن باشلايدىغان ئىشكەن. بىز ئۈچ يىل كېچىكىپ يەتتە ياشتىن باشلاپتۇق. بۇ قېتىم ئالغان بالىلارنى تۆت يېشىدىن ئالساق دېگەن ئارمىنىم بار.
– بىزنىڭ مۇشۇ 30 بالىدىن ئۆلچەملىك بالىدىن قانچىسى چىقار؟!
– چۈجىنى كۈزدە ساناش ئەڭ ئاقىل تاللاش بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆڭلۈمدە مانا مۇشۇ تۇمانلىق سەھەردىكىدەك بىر سۈرەت دائىم ئايان بولۇپ تۇرىدۇ. تۇمان ئىچىدىن بەش گىگانت پۇتبولچى ئەزىمەت خەلقئارا سەھنىدە ئالتۇن لوڭقا ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش دائىم كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولىدۇ. ئەگەر مەن تەربىيىلىگەن مۇشۇ ئوتتۇز بالىدىن بەش بالا خەلقئارالىق ئۆلچەمدە يېتىشىپ چىقالىسا، بىر بالىنىڭ خەلقئارالىق بىر قېتىملىق مۇسابىقىگە تەكلىپ قىلىش ئىجارىسىلا جۇڭگو پۇلىغا ئالتە يۈز مىڭ كوي بولىدۇ. پۇتبولچى بولۇپ باي بولدى، مىليونېر بولدى دېگەن شۇ. بىر قېتىملىق مۇسابىقە ھەققى شۇنداق بولغاندىن باشقا، ئايلىق مائاش، تەمىنات دېگەنلەر ئۇنىڭ سىرتىدا.
– غېنى ھاجىم سالغان مەبلەغمۇ زايا كەتمىگۈدەك.
– ۋاي مېنىڭ بۇ بالىلاردىن سېرىق سىنىت تەمەيىم يوق. پەقەت مۇشۇ بالىلار ئاشۇنداق كاتتا پۇتبولچى بولۇپ ئۆزلىرى باي بولۇپ، ۋەتەنگە، مىللەتكە شان – شەرەپ كەلتۈرسە مېنىڭ ھاردۇقۇم چىقىدۇ. ئۆزلىرى ياخشى ئويناپ، ياخشى ياشىسا مەن شۇنىڭغا خۇش.
بىزنىڭ ئاشۇ سۆھبىتىمىزگە ئۇلىشىپ يېتىپ كەلگەن غېنى ھاجىم بىلەن بالىلارنىڭ ياتاق، مۇنچا، ئاشخانىلىرىنى بىرگە كۆردۇق. ياتاق دېرىزىسىدىن سەھەرنىڭ قويۇق تۇمانلىرى ئىچىدە بالىلار بىلەن تەڭ سەكرەپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن زۇنۇن ئەپەندىگە مەستلىكىم كەلدى.
– زۇنۇن ئەپەندىگە قارىغاندا مېنىڭ يېشىم كىچىك بولسىمۇ، لېكىن مەن قېرى بوۋاي، ئۇ شوخ يىگىتتەك يۈرىدۇ.
– ۋاي بۇ ئادەمنىڭ قاتتىق قوللۇقىدىن ئىككى ياردەمچى مەشقاۋۇل بۇ ئادەمنى «فاشىست مەشقاۋۇل» دەپ توختىماي قاقشايدۇ. سەۋەبىنى سورىسام، «مەن ئاتايىن ئامېرىكا يېڭى پۇتبول مائارىپ دەسلىكىنى ئەكەلدۈرۈپ شۇ ئۇسۇل بويىچە تەربىيىلەۋاتىمەن، پۇلنى سىلى چىقاردىلا، بىلىمنى مەن چىقاردىم، ئەتە – ئۆگۈن بالىلار قوڭالتاق چىقىپ قالسا سىلىگىمۇ، ماڭىمۇ ياخشى ئەمەس. شۇڭا مېنىڭ بىر قوللۇق تەربىيىلىشىمگە ئارىلاشمىسىلا» دېدى، شۇڭا مەنمۇ ئاشۇ ئادەمگە قويۇپ بەردىم.
غېنى ھاجىم بىلەن مەيدانغا، بالىلارنىڭ يېنىغا يەنە كەلدۇق. زۇنۇن ئەپەندى بىزگە يەنە سۆزلىدى:
– ھازىر خەلقئارادا توپنى بېشىدىن چۈشۈرمەي ئۈچ مىڭ توپ ئۇرۇش ئەڭ يۇقىرى رېكورت. بەش بالام ئىككى مىڭ سەككىز يۈز توپ ئۇرغۇدەك بولدى. پۇتتا توپنى ئوينىتىش ھەرىكىتى 158 خىل، ھازىر بالىلار 148 خىل ھەرىكەتنى ئىگىلەپ بولدى. توپ بالىلارنىڭ پۇتىغا ماگنىت ئورناتقاندەك يەملىشىپ ماڭىدۇ.

5. سۈتچىنىڭ سۈتىلا ئاق ئەمەس

دەسلەپكى ھەم ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق ئىمتىھان، ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدىن بىر بالا باشتىن – ئاخىر ھەرقايسى تۈرلەردىكى كومىسسىيىلەرنىڭ ئالاھىدە رازىلىقى ھەم يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتتى. بالىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى، سۆڭىكى، چېچەنلىكى، سېزىمى، ئەقلىي قۇۋۋىتى كەم تېپىلىدىغان پۇتبول ماتېرىيالى ئىدى. بالا قوبۇل قىلىنىپ ئەتىسىلا بالىنىڭ دادىسى شۆھرەت يوغان بىر تۇڭ سۈتنى ۋېلىسىپىتكە ئارتىپ 20 كىلومېتىر يەردىن قارا تەرگە چۆمۈپ كەلدى.
– سىلى شۇنچە پۇل دەسمايە سېلىپ بالىلىرىمىزنى تەربىيىلىرىگە ئالدىلا، قولۇمدىن باشقا ئارتۇق ئىش كەلمەيدۇ، مېنىڭ بىر كىچىك فېرمام بار. ئوتتۇز بالىنىڭ سۈت تەمىناتىنى مەن ھەقسىز ئۈستۈمگە ئېلىپ ئۆز كۆڭلۈمنى بىلدۈرەي دەيمەن.
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ شۆھرەت ھەر ئەتتىگىنى تاڭ ئاتماستا 10 كىلوگرام سۈتنى ۋېلىسىپىتىگە ئارتىپ 20 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ بالىلارغا سۈت ئەكېلىپ بېرىپ كېتىدىغان بولدى. بۇ ئاق كۆڭۈل دادا، ئەسلىدە ئۈستۈن ئاتۇشتىكى داڭلىق گىگانت ئادەم 19- ئەسىر ۋە 20- ئەسىرلەردە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا چېلىشىشتا داڭق قازانغان ئابلىز توخسۇن پالۋاننىڭ ئوغلى ئىكەن. ئۇنىڭ ئاتا – بوۋىسىنىڭ ۋەتەن، مىللەتنىڭ شان – شەرىپى ئۈچۈن چېلىشقان پالۋانلىق روھى، خالىسلىق جاسارىتى تومۇرىدا ئاققان قېنىدا بار ئىكەن.

6. قەشقەر يەنىلا چەۋەندازلار ماكانى

بۈگۈن قەشقەر مەيلى قايسى دەرىجىدە ئۆزىنىڭ تارىخىي روھىنى يوقاتسۇن ياكى ئۆزگىرىپ يېڭىدىن تۇغۇلغان شەھەرچاقلارنىڭ چاڭ – توزانلىرى ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالسۇن، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئامەتلىك يىللىرىدا تىكلىگەن غايەت زور شان – شۆھرىتى، ئىناۋىتى، ئوبرازى، نوپۇزى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىدىن ئالدىراپ چىقىپ كەتمەيدۇ، ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنى يازغان، ئوقۇغان، ۋاراقلىغاندا ھېچكىم قەشقەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلىگەن ئەمەس. چۈنكى ئۇ دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن شەھەر. چۈنكى بۇ شەھەردە دۇنيانى تىترەتكەن جاھانگىر ئىمپېراتور ئافراسياپ تۇغۇلغان، ئۆسۈپ يېتىلگەن. دۇنيا تارىخىنى بىلىدىغان، دۇنيانى بىلىدىغان ھەربىر مەدەنىيەتلىك بەندە بۇ شەھەرنى ئافراسىياپنىڭ ئوبرازى دەپ بىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر ھەر قەدىمى چالمىسىدا ئافراسياپنىڭ ئەرۋاھى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. قەشقەرنىڭ كېيىنكى چۆكۈپ كېتىشىگە ھازىرقى زاماننىڭ دانىشمەنلىرى ھەرخىل تەبىرلەرنى بېرىشىدۇ. بەزى دانىشمەنلەر: مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى مۇسا جارۇللا ھەزرەتلىرى قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، قەشقەرنىڭ كاتتا ئالىملىرىدىن بىرسى سەللىنى يوغان ئوراش كېرەكمۇ، كىچىكمۇ دەپ سورىسا، يەنە بىرسى ساقالنى قانچىلىك قويۇش لازىملىقىنى تالىشىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇسا جارۇللا: «يا پەرۋەردىگار، خەلق ئاچلىق – يالىڭاچلىقتىن ئۆلۈۋاتسا ئۇنىڭغا باش قاتۇرىدىغان ئادەم يوق. سەللە بىلەن ساقالنى تالىشىدىغان ئادەمنىڭ جىقلىقىنى كۆرمەمدىغان. مېنى قەشقەرنىڭ نادان موللىسىدىن قىلىپ ياراتمىغانلىقىڭغا يۈز مىڭ شۈكۈر» دېگەنىكەن. قەشقەرنى نادانلار چۆكتۈرۈۋەتكەن دەپ تاپا – تەنە قىلىشىدۇ. يەنە بەزىلەر: «قەشقەر» دېگەن ئىسىممۇ كاھىش غەر دېگەن غايەت زور بىر بۇتنىڭ ئىسمى. قەشقەر خەلقى بۇتتىن بىزار بولغان بىلەن بۇتتىن قۇتۇلالمايدىغان، ئاسانلا بىركىملەرنى بۇت قىلىۋېلىپ شۇنىڭغا باش ئۇرىدىغان، كۈندۈزى ئاللاغا ئىبادەت قىلىپ، كېچىسى ئادەمگە باش ئۇرىدىغان بۇتپەرەس، قەشقەرنىڭ نەزەردىن قېلىشىغا شۇ سەۋەب، دەپمۇ سۆز – چۆچەك قىلىشىدۇ. ئىشقىلىپ مەيلى قانداقلا بولسۇن، قەشقەر ئۇنتۇلماس چۈشكۈن شەھەر بولۇپ قالدى.
ئەمما قەشقەر يەنىلا چەۋەندازلار ماكانى. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۈيۈك بېرىتانىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرىنىڭ بىرىدە ۋاسكېتبول ئەسلى قەشقەردە ئىجاد بولغان دەپ خاتىرىلەنگەنمىش. ۋاسكېتبولنى ئىجاد قىلغۇچى ئەنگلىيىلىك ساياھەتچى قەشقەرگە كېلىپ شەھەرنىڭ بىر نامراتلار كوچىسىدا كېتىۋاتسا، پاكار ئەنجان تاملىق بىر ھويلىدا سەككىز ياشلىق بىر ئوغۇل بالا دادىسىغا ئەگىشىپ يىغلاۋاتقۇدەك، دادا ئوغلىنى ھېچقانداق قىلىپ كۆندۈرەلمەي، كالا ئېغىلى ئالدىدا تۇرغان تېگى يوق سېۋەتكە كۆزى چۈشۈپ، كۆڭلىگە بىر ئەقىل كەپتۇ – دە، سېۋەتنى پېشايۋان تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىز يېرىگە باغلاپ، ئوغلىنىڭ دوپپىسى ئىچىگە سامان تىقىپ ئۇنىمۇ يۇمىلاق قىلىپ باغلاپ يىراقتىن سېۋەتكە ئېتىپتۇ. پومزەك دوپپا بەزىدە سېۋەتكە كىرىدىكەنۇ، ئەمما تېگى تۆشۈك بولغاچقا يەنە چۈشۈپ كېتىدىكەن. بۇ ئويۇننى كۆرگەن بىر مۇنچە بالا ئويۇنغا قىزىقىپ ھويلىغا توپلىشىپتۇ. دوپپىنى تالىشىپ سېۋەتكە ئېتىپ ئويناپتۇ. بۇ قىزىقارلىق ئويۇنغا بالىلار شۇنداق قاتتىق بېرىلىپ ئويناپ كېتىپتۇ. ئەنگلىيىلىك سەيياھ ئۆزىمۇ بۇ ئويۇنغا بەند بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بۇ قىزىق ئويۇننى خاتىرىلەپ ئەنگلىيىگە قايتىپ ئۇزۇنغا قالماي ۋاسكېتبولنى ئىجاد قىلغانىكەن. بۇ ئىشلار قانچىلىك راست ياكى يالغان بولسۇن، بۇنىڭغا دەلىل قىلىدىغان نۇرغۇن پاكىتلار بىزنىڭ بۇ ئانا تۇپراقنىڭ چەۋەندازلار تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. قەبرىلەرنى كولىساقمۇ ئەرلەرنىڭ ھەممىسىدە چەۋەندازلىق جابدۇقلىرى ھازىر ئىشلەتكۈدەك تۇرۇپتۇ. مىڭئۆيلەردىكى تام رەسىملىرىگە قارىساق، ئۇلاردىمۇ پۈتكۈل تەنھەرىكەت تۈرلىرى جانلىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى كېيىنكى تىرىكلەرگە كەلسەك، 30- يىللاردىكى ئىكىساق دېھقانلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەنگلىيە – شۋېتسىيە بىرلەشمە كونسۇل كوماندىسى بىلەن پۇتبول ئويناشلىرى، 50- يىللاردا شىنجاڭ ۋاسكېتبول، ۋالىبول، ئات بەيگە، چېلىشىش، پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ پۈتۈن جۇڭگو بويىچە چېمپىيونلۇقنى بەرمەسلىكى، ئارىپ پالۋان، پازىل پالۋان، ھاجى پالۋان، ئابدۇكېرىم داڭ، ئادىل، ئابدۇشۈكۈر، ئەكرەملەرنىڭ چەۋەندازلىق ھەرىكەتلىرى بۇ ئانا تۇپراقنىڭ ئەسلى چەۋەندازلار ماكانى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە پۇتبول سىنىپىنىڭ قۇرۇلۇشى مانا بۇ تۇپراقنىڭ ئەجدادتىن – ئەۋلادقا ئۇلىشىپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلىق قېنىنىڭ داۋاملىق ئېقىۋاتقانلىقىنىڭ تىرىك نىشانى. بۇنداق ئىش – بۇنداق ھەرىكەتنىڭ قاچاندا بولسۇن بولىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ياخشى ئىشنىڭ كېيىن بولغىنىدىن بالدۇر بولغىنى ياخشى. قەشقەردىكى ئەسلى روھ، قەشقەرنىڭ تىرىكلىك روھى مانا مۇشۇ پۇتبول مايسىلىرىنىڭ يۇمران تېنىدىن ئۇچقۇن بولۇپ چاچراپ، يەر شارى بويىچە تەسىر كۆرسەتكۈدەك پۇتبول كوماندىسى بولۇپ قېلىشىنى ھەممىمىز تىلەيمىز. يوغان دەريامۇ كىچىك كۆزدىن باشلىنىدۇ. غايەت زور دەرەخمۇ كۆچەتتىن يوغىنايدۇ. بۇ تۇپراق يەنە چوقۇم زور ئىشلارغا ھامىلىدار بولدى. ئۇنىڭ ۋاقتى – سائىتىنى بىز تەقەززا – تەشنالىق بىلەن كۈتىمىز.
2001- يىل 3 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، ئۈرۈمچى.
تەڭرېتاغ ژورنىلى: 2001-يېللىق،4-سان،

http://ellturk.blogspot.com/2008/07/blog-post_5625.html