« قۇتادغۇ بىلىك » تىكى غايىۋى جەمئىيەت

ئاپتور: ۋاڭ جيايىڭ

« قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ ئاساسىي تېمىسى ناھايىتى ئېنىق ، ئۇ بولسىمۇ : ئەقىل – ئىدراك ئارقىلىق بىر غايىۋى جەمئىيەت _ ئادالەتلىك دۆلەت قۇرۇپ ، بارچە ئاۋام – خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش . بۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتتە ياخشى ئېتىكا – ئەخلاق ئاساسى ۋە ئېسىل ئىجتىمائىي كەيپىيات بولۇشى كېرەك، ئېتىكا – ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتقا بولسا مەلۇم ئىدىيىۋى ئاڭ ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەينى چاغدىكى ئىسلام دۇنياسىدا دىنىي مەزھەپلەر كۆپ ، ئىدىيىسى مۇرەككەپ ئىدى . دىنىي قاراش بىلەن كىشىلىك ھايات قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مۇقەررەر ھالدا ئېتىكا – ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى تەلىپىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ مۇئەللىپى كىتابتا بايان قىلغان غايىۋى جەمئىيەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت مىزانى كلاسسىك ئەسەر « قۇرئان » نىڭ دىنىي قائىدىلىرىنىڭ ئىلھامى ئاساسىغا قۇرۇلغان . بۇ ئاساس _ ئېتىقاد ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت . بۇ نۇقتىنى جەزملەشتۈرۈش « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن زۆرۈردۇر .

« قۇتادغۇ بىلىك » تە قارىماققا زىددىيەتلىك بىلىنىدىغان ئىككى ئاساسىي لىنىيە بار . بىر تەرەپ : كۈنتۇغدى ، ئايتولدى، ئۆگدۈلمىش ۋەكىللىكىدىكى ئەقىل – ئىدراك بىلەن ئاسايىشلىق دۆلەت قۇرىدىغان، ئاكتىپ تۆھپە يارىتىدىغان تۇرمۇش يولىغا قەدەم قويۇش ئىدىيىسىدىكى ئاساسىي لىنىيە . يەنە بىر تەرەپ : ئودغۇرمىش ۋەكىللىكىدىكى پەرھىز تۇتۇپ دەرۋىشانە ياشاشنى، جىمجىت ئولتۇرۇپ چوڭقۇر ئويلاشنى تەرغىب قىلىدىغان ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىگىسىگە تەلپۈنىدىغان ياشاش ئىدىيىسىدىكى ئاساسىي لىنىيە. بۇ ئىككىسىنى قانداق قىلىپ ماس ھالدا بىرىكتۈرۈپ ، بىر غايىۋى جەمئىيەتنىڭ كۆرۈنۈشىنى ياسىغىلى بولىدۇ ؟ مۇئەللىپ بىر تەرەپتىن ئەقىل – ئىدراك ئارقىلىق غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇپ ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ، ئېتىكا – ئەخلاق قارىشىنى كۈچەيتىپ ، ئاۋام – خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ؛ يەنە بىر تەرەپتىن شەخسىي ئارزۇ – ئىستەكلەرنى كونترول قىلىپ، قەلبنى پاكلاشتۇرۇپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاغا تەلپۈنۈپ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىش مەقسىتىگە يېتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . ئىككىسى ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، غايىۋى جەمئىيەتنى، مۇكەممەل كىشىلىك ھاياتنى تەشكىل قىلىدۇ . ئەگەر ياشاشنىلا تەكىتلىگەندە نام – ئابروي ، پايدا – مەنپەئەت تالىشىش يۈز بېرىپ ، ئىپلاس ، بەتنىيەت بولۇپ ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ھەدەپ زاھىدلىقنى تەشۋىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدىغان ، خەلق بەختكە ئېرىشەلمەيدىغان، جەمئىيەت بىر ئىزدا توختاپ ، ئىلگىرىلىمەيدىغان قالاق ھالەت پەيدا بولىدۇ . مۇئەللىپ « قۇتادغۇ بىلىك » تە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغان .

بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئودغۇرمىش كىتابتا خېلى كۆپ سەھىپىنى ئىگىلىگەن . ئودغۇرمىش زادى قانداق ئادەم ؟ ئودغۇرمىش _ قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن جەندە كىيگەن ، قولىدا ھېجىر ، ھاسا كۆتۈرۈۋالغان ، پەرھىز تۇتۇپ خىلۋەت ياشايدىغان ، سوپىلاردەك بىر ئادەم ، ئەمما ئۇنى سوپى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ . سەۋەبى : « قۇتادغۇ بىلىك » تە سوپى دېگەن سۆز ئۇچرىمايدۇ ؛ يەنە بىرى ، سوپىزم مىستىتىزمنىڭ بىر مەزھىپى بولۇپ ، سەزگۈ ، تەسىراتقا ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ئەمما ھېسسىياتقا ، تەجرىبىگە ئانچە ئېتىبار قىلمايدۇ . لېكىن ، ئودغۇرمىشنىڭ گەپ – سۆز ، يۈرۈش – تۇرۇشلىرىدىن مىستىتىزم كەيپىياتى نامايان بولمايدۇ . يەنە بىرى ، ئودغۇرمىش گەرچە شەخسىي نەپسىنى يىغىپ زاھىدلىق قىلىپ ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىن ۋاز كەچسىمۇ ، ئەمما ، پادىشاھ كۈنتۇغدى ۋە ئۆگدۈلمىشلەر بىلەن بولغان سۆھبىتىدە يەنىلا نۇرغۇن تىنچ – ئاسايىشلىق دۆلەت قۇرۇش پىلانلىرى ۋە ياشاش يوللىرى ئۈستىدە سۆزلەيدۇ ، سۆزلىرى قويۇق ئەقلىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، ئودغۇرمىشنىڭ دانا ۋە ئەقىللىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بىرى، سوپىزمنىڭ ئالاھىلىكلىرىنىڭ بىرى مىستىتىزمدىكى ئاللاغا بولغان مۇھەببەتنى تەكىتلەيدۇ. ئودغۇرمىش بولسا، پەقەتلا ئاللاغا ئىنتىلىشنى تەكىتلەپ ، سۆيگۈسى توغرىسىدا سۆزلىمەيدۇ ، يەنە بىرى ، تېخىمۇ مۇھىمى ، سوپىزم مۇرىتلىرىنىڭ ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرگەن ئاخىرقى مەقسىتى « ئۆز – ئۆزىنى يوقىتىش » ،« ئاللا بىلەن بىرىكىش » غايىسى پاسىلىغا يېتىش . ئودغۇرمىشنىڭ مەقسىتى : بۇ دۇنيالىق ۋە ئۇ دۇنيالىقتىن ۋاز كېچىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاغا ئىنتىلىش ، بۇنىڭدىن « بىرىكىش » دېگەن مەنە چىقمايدۇ . يەنە بىرى ، سۆز مەنبەشۇناسلىقىدىن تەكشۈرگەندە ، ئەرەب تىلىدىن كىرگەن « زاھىد » دېگەن سۆز پەرھىز تۇتماق، نەپسىنى يىغماق، جاپا چەككۈچى دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، بۇنىڭدا ئاتالغۇ بىلەن ئوبراز ماس كېلىدۇ ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق .

تېخىمۇ قىممەتلىكى شۇكى، مەيلى ياشىغۇچىلار بولسۇن ياكى زاھىدلىق يولىغا ماڭغۇچىلار بولسۇن، شەخسىي مەنپەئەتى، شەخسىي بەختىنىلا كۆزلىگەن ئەمەس ، بەلكى بىر ئۆمۈر باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان .

تېخىمۇ قىممەتلىكى شۇكى ، « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى روللار، مەيلى كۈنتۇغدى پادىشاھ ، ئۆگدۈلمىشلەر بولسۇن ، مەيلى زاھىد ئودغۇرمىش بولسۇن ، ئۇلاردا ئادەمنىڭ قارىشى ، ئورنى ، رولى ، قىممىتىگە قارىتا مول گۇمانىزملىق روھ بار . مۇنداق گۇمانىزم ياۋروپانىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت قايتا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ گۇمانىزم روھىدىن بالدۇر دۇنياغا كەلگەن ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار ، بۇنىڭدىن ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى بىلەن خىرىستىئان دىنى مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئىككىسىنىڭ پەرقى ئاساسەن تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ :

ياۋروپا ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانىزمدا خىرىستىئان دىنىدىكى تېئولوگىيىگە قارشى تۇرۇش ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، « ئادەم ئالەمنىڭ جەۋھىرى ، بارچە مەۋجۇداتلار ئۆلىدۇ » دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ .« قۇتادغۇ بىلىك» تە ئىلاھ بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىنى ئادەم پەقەت ئاللانى تونۇغان، ئاللاغا ئىتائەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ئادەمنىڭ قىممىتى ، ئەمەلىي رولى بولىدۇ ، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ .

ياۋروپا ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە تەركىيدۇنياچىلىق ۋە باقىي دۇنياچىلىق قارىشىغا قارشى تۇرۇپ ، ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشنى ھەقىقىي بەخت ، دەپ قارىغان ، مەنىۋى ، ماددىي جەھەتلەردىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش نورمال ئەخلاق پرىنسىپى ، دەپ تونۇلغان . « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى گۇمانىزم بولسا ، باقىي دۇنياچىلىققىمۇ قارشى تۇرمايدۇ ، پەقەت بۇ دۇنيالىق بولسا بولدى ، دەپمۇ تۇرۇۋالمايدۇ ، بەلكى ئىككىلىسىگە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ ھەمدە بۇ دۇنيادىكى ساۋابلىق ئىشلار ئارقىلىق ئۇ دۇنيادىكى بەخت ئۈچۈن ئۇل سېلىشنى ئىستەيدۇ .

ياۋروپانىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانىزم ئادەمنىڭ خاراكتېر، تەبىئىتىنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئادەمنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ ، ئادەمنىڭ ئىستەك ، ھەرىكەتلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىشنى ، نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىشنى، كىشىلىك شەخسىي پايدىسىنى كۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى گۇمانىزم ئادەم ئاللادىن ئەيمىنىشى، قانائەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئادەم بىر ئۆمۈر باشقىلارغا پايدىلىق، جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئۆلۈكتىن، بىر پارچە گۆشتىن پەرقى قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ياۋروپانىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانىزمدا ھېسسىيلىك – ئەقلىيلىك ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ ؛ « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى گۇمانىزمدا بولسا ئەقلىيلىك بىلەن ئېتىقادنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە تەڭ ئېتىبار بىلەن قارايدۇ ، ئەقىل – ئىدراك ئارقىلىق دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ، ئېتىقاد ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيىلەشنى تەكىتلەيدۇ. ئېتىقاد بىلەن ئەقىل – ئىدراك ئىسلام غايىۋى جەمئىيىتىنىڭ ئىككى ئۇل تېشى، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ . ئىسلام غايىۋى جەمئىيىتىنىڭ نىشانى _ مەقسىتى : خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ، باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەش يولى كىشىگە پايدىلىق بولۇشى ، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيىلەش يولى ، بۇ دۇنيادىكى خەيرلىك – ساۋابلىق ئىشلار ئارقىلىق ، ئۇ دۇنيالىق بەختنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك . مانا بۇ ، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادغۇ بىلىك » تە تەسۋىرلىگەن ئىسلام غايىۋى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى ۋە نەزەرىيە قېلىپى قۇرۇلمىسى، مۇئەللىپنىڭ بۇ قىممەتلىك ئىجادىيىتى ئىسلام مەدەنىيىتى جەۋھىرىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى .

مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك » تە ئەكس ئەتتۈرگەن ئېتىقاد بىلەن ئەقىل – ئىدراكقا تەڭ ئېتىبار بىلەن قاراش ئىدىيىسى كېيىن مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى . مۇئەللىپتىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن مۇسۇلمان پەيلاسوپ ئىبنى رۇشىد ( 1126 – 1198 ) لاتىنچە« ئاۋى رويى » دېگەن ئىسمى بىلەن ياۋروپادا شۆھرەت قازانغان . ئۇنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرسلىك قىلىنغان . ئۇنىڭ مەشھۇر نەزەرىيىسى « ئەقلىيلىك بىلەن ئېتىقاد قوش ھەقىقەت نەزەرىيىسى» « قۇتادغۇ بىلىك » مۇئەللىپىنىڭ ئەقىل- ئىدراك ۋە ئېتىقادقا تەڭ ئېتىبار بىلەن قاراش ئىدىيىسى بىلەن تومۇرداش دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەرەبلەرنىڭ كۆرەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغۇچىلار ئېقىمىنىڭ پەيلاسوپلىرى، مەسىلەن ، ئىبنى رۇشىد قاتارىدىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ، نەزەرىيىلىرى ياۋروپاغا تارقالغان، قەدىمكى گرېتسىيە، رىملارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەرەبلەر ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنىپ ياۋروپاغا كىرگەن ، ئاندىن ياۋروپادا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ، « قۇتادغۇ بىلىك » نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋروپا ئەدەبىيات – سەنئەت قايتا گۈللىنىشىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر .

« قۇتادغۇ بىلىك » ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئۇنىڭ قىممەتلىك ئىدىيىسى بىر قانچە يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ شانلىقلىقىنى يوقاتمىدى ، بەلكى چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر ، ئۇنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش زۆرۈر .

« ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە ـــ ‹قۇتادغۇبىلىك› » تىن ئېلىنغان، بارىجان زەپەر تەرجىمىسى .

مەنبە: ئۇيغۇر ئېلى پەلسەپە ۋە ئىجدىمائى پەنلەر توربېتى